كۆرۈش: 2416|ئىنكاس: 75

پارىژنىڭ ھۇجۇمىلا كۈچلۈك دىيىشىكە ئاساسىىڭىز بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9222
تېما سانى : 426
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 13993 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3437 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-6-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-15
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-2-13 21:09  

363F55325EC2665EEE495C7A46EF83E9.png


پۈتۈن جاھان مىقياسىدىكى مىليونلىغان پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئىتىبارىنى ئۆزىگە قارىتىۋاتقان، پۇتبول مەستانىلىرى تەرىپىدىن  نادىر، كىلاسسىك، مۇسابىقە بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقۇرى دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان، بىر مەيدان  كەسكىن مۇسابىقە بىزگە بارغانسىرى يېقىنلاپ كەلمەكتە! بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىدىغانغا پەقەت نەچچە ئون سائەتلا ۋاقىت قالدى!

يۇقۇرىدىكى قۇرلاردا تەرىپلىنىۋاتقان مۇسابىقە بولسا، دەل سامان يولى جەڭ كېمىسى «خان جەمەتى مادرىد» كوماندىسى بېلەن، ناسىر بايۋەتچىنىڭ « پارىژ سانت ژېرمان كوماندسى» ئوتتۇرىسىدىكى، بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزىلىدىغان، ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدۇر!

cde793cb246eea543329b7b229501381d3a5b6a5.jpg


ئەمدى رەسمى تېمغا كەلسەك يېقىندىن بۇيان، ھەرخىل تاراتقۇلاردىكى بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدا دىيىشىچە، پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ نېيمار، مۇباپپې، كاۋانىدىن تەشكىللەنگەن ، CNM ھۇجۇم گۇرۇپپىسىلا كۈچلۈك ئىكەن.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىن باشقا، ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپىيە سېپى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس ئىكەن، ھەتتا پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان سېپى بېلەن مۇداپىيە سېپىنى ئاجىز دەپ قارايدىغان توپ مەستانىلىرمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن...

59b8ce571e848.jpg


ئەمەلىيەتتە مېنىڭچە پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى كۈچلۈك بولۇپلا قالماستىن، ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپىيە سېپىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك! نېمىشقا دەمسىز؟
چۈنكى  پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىغان، شۇنداقلا قالتىس ياخشى ئوينىيالايدىغان ماھىرلىرىدىن: ئارگنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ماھىرى دىمارىيا، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كەم بولسا قەتئى بولمايدىغان مۇھىم ئاساسلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دىراكىسلىر، ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ۋىراتتى، يەنە تېخى ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بولغان ئارگىنتىنالىق  پاستورى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، بۇ دەۋىردىكى پۇتبول دۇنياسىدا بارماق بېلەن سانىغىلى بولىدىغان، داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرلىرى ھىساپلىنىدۇ...

ئەمدى مۇداپىيە سېپىغا كەلسەك، پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىدىكى دەننى ئارۋېىس بېلەن، تىياگو سىلۋا دۇنيادىكى ھەرقانداق زەردار كوماندىغا يۆتكىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارنىڭ شۇ كوماندىدىكى ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى، باشقا داڭلىق ماھىرلارنىڭ تەۋرىتەلىشىمۇ بىر قىيىن مەسىلە...
دەننى ئارۋىس بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى ئالەم كوماندىسى دەپ قارالغان، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يادرولۇق يان بېكى بولۇپلا قالماستىن، بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ئۇ ئىتالىيە زەردارى يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىمۇ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس يان بېكلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن پارىژغا يۆتكىلىپ كەلگەن.
تىياگو سىلۋاغا كەلسەك ئۇ ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان، بىر قىسىم پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى، بۈگۈنكى پۇتبول دۇنياسىدىكى 1-نۇمۇرلۇق ئوتتۇرا بېك ھىساپلىنىدۇ...

پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق يان بېك بولسا دەل فىرانسىيەلىك ياش تالانتلىق يان بېك كۇرزاۋا، گەرچە كۇرزاۋا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان توپچى بولمسىمۇ، ئۇ 1992-يىلى تۇغۇلغان ئىستىقباللىق ماھىر ھىساپلىنىدۇ...

o4YBAFmO82CAZuBkAAJEvSNKjwk191.jpg


پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ 1994-يىلى تۇغۇلغان، ياش ئاساسلىق ئوتتۇرا بېكى مارجىنىئوسنىڭ، ناسىر بايۋەتچىنىڭ كوماندىسىدا ئاساسلىق ماھىر بولالىغانلىقىدىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، ئۇمۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇشقا تىگىشلىك سەۋىيەنى ھازىرلىغان ياش تالانتلىق ماھىر!
پارىژنىڭ ئورۇندۇق كۈچىمۇ ئەلۋەتتە ئاجىز ئەمەس! ھەتتا بەزىدە دىمارىيا، رابىئوت، مۇنىر، قاتارلىق ماھىرلارمۇ زاپاس ئەزا ئورۇندىقىدا ئولتۇرۇپ قالىدۇ... پارىژنىڭ ھۇجۇمىلا كۈچلۈك دىيىشىكە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قانداق ئاساسىىڭىز بار؟


خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بېلەن، پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجسىسىنى پەرەز قىلماق ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بولسا ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان جاھانغا مەشھۇر، ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدىكى تەجىربىلىرى ناھايىتى مول!

پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسى بولسا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقى ئۈچۈن پۇلنى سۇدەك خەجلەپ، يېڭىدىن قەد كۆتۈرىۋاتقان يارقىن بىر كوماندا...ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ مەلۇم نىسبەتتە غەلبە قىلىش پۇرسىتى بار!

ئاخىرىدا بىر قىسىم پۇتبول مەستانىلىرنىڭ فىرانسىيە بىرلەشمىسىنى بەك ئاجىز دېگەن قارىشىغا قارىتا، مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى قىسقىچە بايان قىلماقچىمەن.
فىرانسىيە بىرلەشمىسى ھەقىقەتەنمۇ ئېنگىلانت ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىلىرىگە قارىغاندا، ئازراق ئاجىز ئىكەنلىكى ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان ھەقىقەت!

بىراق فىرانسىيە بىرلەشمىسى ھەرگىزمۇ سىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاجىز بىرلەشمە ئەمەس! مەسىلەن فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى لىئون ۋە مارسىل كوماندىسى ئەزەلدىن نامى ۋە ئەمەلى كۈچى بار كوماندىلار،،، بۇلارنى ياۋرۇپا چېمپىونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى مەيدانلىرىدا ئۇچرۇتۇش قىيىن ئەمەس،،،فىرانسىيە بىرلەشمىسىكى موناكۇ كوماندىسىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ قانداق كوماندا ئىكەنلىكىنى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مەيدانلىرىغىچە ئىسپاتلاپ بولدى... يەنە تېخى فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى بالوتېللى توپ تېپىۋاتقان نېس، مېڭپىلىئەي  قاتارلىق كوماندىلارنىڭمۇ پارىژ سانت ژېرمان كوماندىسى بېلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ئەمەلى كۈچى بار!

كۈچلۈك ھىساپلىنىدىغان ھەرقانداق بىرلەشمىدە، شۇ بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بېلەن، ھەقىقى رىقابەتلىشەلەيدىغان، ئەمەلى كۈچى كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان، كۈچلۈك كوماندىلاردىن پەقەت بىر قانچىسىلا بولىدۇ... ھەرقانداق داڭلىق بىرلەشمىدىمۇ كوماندىلارنىڭ كۈچ پەرقى ئوپمۇ ئوخشاش بولمايدۇ!
بىز كۈچلۈك ھىساپلايدىغان ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىمۇ، كۈچلۈك كوماندىلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئاجىز كوماندىلار يوق ئەمەس!!!
مەسىلەن:  بىز بەك كۈچلۈك ھىساپلايدىغان ئىسپانىيە ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىلىرىدىن «10 دىن كوماندىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېقىڭ؟» دەپ  سوئال سورالسا، فىرانسىيە بىرلەشمىسىنى ئاجىز دەپ قارىغان شۇ توپ مەستانىلىرى ئارىسىدىن، ئۆزلىرى كۈچلۈك ھىساپلايدىغان ئىسپانىيە،ئىتالىيە،گېرمانىيە، ۋە ئىنگىلاد بىرلەشمىلىرىنىڭ ھەر بىرسىدىن 10 دىن كوماندا ساناپ بېرەلەيدىغىنى قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ؟ بۇنىسى نامەلۇم...

فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاجىز ئەمەسلىكىنى بىر توپقا ئىككى نۇمۇر بېرىلىدىغان بولغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ ئىسپاتلىيالايدۇ.
بۇرۇن فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە بىر توپ ئۇرسا 1.5 نۇمۇر بېرىلەتتى... نېمىشقا ھازىر فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىمۇ بىر توپقا باشقا تۆت كۈچلۈك بىرلەشمىگە ئوخشاشلا ئىككى نۇمۇر بېرىلىدۇ، چۈنكى فىرانسىيە بىرلەشمىسىمۇ  باشقا تۆت كۈچلۈك بىرلەشمىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىمۇ بىر توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئىككى نۇمۇر بېرىلىدۇ...

ئاپتور: دىلمۇرات ئابدۇجېلىل( تەنتەربىيە )

كەسپىي پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17740
تېما سانى : 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 855 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېمىنى پاچاقلاش ئۇچۇن ھۇررا دېسەم نەچچەيلەن ماڭغا ھۇجۇم قىلا  ھې ھې
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13555
تېما سانى : 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17244 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 773 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-1-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا ، دىلاكىسىر دېگەنلەر يان كىراي ، ئوتتۇرا مەيدان دېيىشكە بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9222
تېما سانى : 426
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 13993 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3437 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-6-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-15
 ئىگىسى| ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elyar001 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 07:23
دىمارىيا ، دىلاكىسىر دېگەنلەر يان كىراي ، ئوتتۇرا مەيد ...


يان كىراي ئەمەس ھەتتا ئالدى بەل ئوينايدىغان ماھىرلارمۇ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ھىساپلىنىدۇ ...

ئەلۋەتتە دىمارىيا يان ھۇجۇممۇ ئوينايدۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 344
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 15914 ياۋرۇ
تىللاسى : 30 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6411 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elyar001 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 22:23
دىمارىيا ، دىلاكىسىر دېگەنلەر يان كىراي ، ئوتتۇرا مەيد ...

يان كىراينى ئوتتۇرا مەيدان دېيىشكە بولمسا نېمە دەيمىز؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65725 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1829 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-17
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن كۈچلىنىپ كەتكىنى بىر ھەقىقەت…بۇلار بىلەن بىزنىڭ ئەمەس ھەممە كۇماندىنىڭ ئۇچىرىشىپ قالغىسى يوق، قايسسى شاللىنىپ كەتسە،ئۇزغۇنلۇق يۇلىدىكى بىر قۇرام تاش پارچلىنىپ كىتدۇ، ئالغا مادىرىد ئەنسرىگەن بولساقمۇ،يەنىلا ئىچ-ئىچىمىزدىن بىر سادا چىقىپ،بۇ دىگەن رىئال مادىرد،ياۋرۇپا زۇمىگرى،12 يۇغان قۇلاقنىڭ ئىگسى دەپ جار سېلىۋاتىدۇ…
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 344
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 15914 ياۋرۇ
تىللاسى : 30 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6411 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق بولسىلا كۈچلۈك بوپ كېتشى ناتايىن، مۇھىمى مۇسابىقىدىكى ماسلىشش بىلەن تەجىربە ئۇزغۇنلۇقتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
پارىژنىڭ ئىككى يان بېكى ئاجىزلىقى شۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ماتۇيىدى كەتكەندىن كېيىن ئارقا بەل تەرەپ ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13555
تېما سانى : 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17244 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 773 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-1-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 22:28
يان كىراينى ئوتتۇرا مەيدان دېيىشكە بولمسا نېمە دەيمى ...

رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ۋە مادرىدقا يېڭى كەلگەندە يان كىراي ئوينىغان ، شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ رونالدونى ئوتتۇرا مەيدان دېيىشكە بولامدۇ ؟
قىزىل ئالۋاستى ھۇررا !!!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4490 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1705 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدنىڭ تۆمۈر ئۈچبۇلۇڭ ئوتتۇرا مەيدىنىغا ھازىرچە رەقىب يوق …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 344
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 15914 ياۋرۇ
تىللاسى : 30 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6411 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elyar001 يوللىغان ۋاقتى  2018-2-13 22:31
رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ۋە مادرىدقا يېڭى كەلگ ...

نېمىشقا بولمايدۇ، ئوتتۇرا مەيداندىن تەرەققىي قىلىپ ئورنى ئۈزلۈكسز ئالدىغا سۈرۈلگەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4490 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1705 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ئارقا سىپىمۇ ئالدىنقى قاتاردا،  ھۇجۇمدا كىرىستىيانونىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشىغا قارايمىز …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ۋاقتى: 5 كۈن بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-2-18 03:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش