كۆرۈش: 1440|ئىنكاس: 18

گۇاردىئولا ئۇتۇقىنىڭ بىز دىققەت قىلمىغان ئاساسى ..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21

1756105-37120273-1600-900.jpg

ئاز بولمىغان ئادەملەر گۇئاردىئولانى پەقەت داڭلىق كۇلۇب ۋە داڭلىق توپچىلارغا مەشقاۋۇللۇق قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ دەپ ئەيىبلىشىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە گۇئاردىئولانىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتى ئىسپانىيە 4-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىن باشلانغان. «ئاسمان تەنتەربىيەسى» گېزىتىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ئادام باتې بىز ئۈچۈن گۇئاردىئولانىڭ بارسېلونا B كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يېقىندا ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق پەلسەپەسىدىن گۇمانلىنىدىغان ياكى ئەمەسلىكى توغرىلىق سورالغاندا، گۇئاردىئولانىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. بەلكىم ئۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى كوماندىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن ئىۋېرتون بىلەن لىچېستېر كوماندىسىنىڭ تۆت قېتىم ئۆزىنىڭ قاپقىسىنى ئاچقانلىقى دېگەندەك. ۋە بەلكىم ئۇ بارسېلونا مەشقاۋۇللۇق قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتتىكى تۇنجى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئەسلەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، بۇلار ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئۇسۇلىغا گۇمان پەيدا قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.

ChOqM1pYOoOAH1qPAAGUdPg9lcg002.jpg

ئەمما گۇئاردىئولانىڭ ھەقىقىي ئەسكە ئالغىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدا ئېرىشكەن تۇنجى قېتىملىق خىزمىتى. دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئېسمى بانيولېس بولغان كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، بارسېلونا B كوماندىسى ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە 4-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى يېڭى پەسىللىك سەپىرىنى رەسمىي باشلاپ كەتتى. كوماندىنىڭ دەسلەپ قەدەمدىكى باشلىنىشى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىدى، 3 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار پەقەت بىر مەيدانلا غەلىبە قىلالىدى. شۇنداق قىلىپ سىرتتا گەپ-سۆز تارقىلىشقا باشلىدى، ھەتتا بىر كاتالونىيە تاراتقۇسى گۇئاردىئولا بۇ مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىگە تازا ماس كەلمەمدۇ نېمە؟ دېگەن مۇنازىرىنى باشلاپ بولغان ئىدى.
«دۈشەنبە كۈنىلا مەن ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان، چۈنكى بىز ئۇنداق ئۇسۇلدا مۇسابىقە ئوينىساق بولمايتتى،» گۇئاردىئولا شۇنداق دېدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدا دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن مانرېسا كوماندىسىغا 0-2 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى. «سەيشەنبە كۈنى كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇلارغا بىزنىڭ ئۆزگەرتىشكە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتىم، چۈنكى مۇسابىقە مەيدانى بەكلا كىچىك ئىدى. بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قالتىس بولدى، مۇسابىقە پەسلى ئاخىرىدا بىز چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردۇق.»

«مەن شۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزۈمگە، ئەگەر مانا مۇشۇنداق كېچىك مەيداندا گۈزەل بىر پۇتبولنى ئويناپ چىقالىسام ۋە يەنە غەلىبە قىلسام، ئۇنداقتا چوقۇم تېخىمۇ چوڭ مەيدانغا ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىدىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا غەلىبە قىلالايمەن دېگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن پەقەت ئىككى كۈنلا گۇمانلاندىم، شۇ ۋاقىت مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولدى، چۈنكى مەن شۇ ۋاقىتتا تېخى بىر يېڭى ئادەم ئىدىم، مېنىڭ ھېچقانداق مەشقاۋۇللۇق تەجرىبەم يوق ئىدى. مەن ئاران 37 ياشتا ئىدىم، تېخى داڭلىق توپچىلارغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باقمىغان ئىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن نۇرغۇن ئىشلاردا يەنىلا ئۆزۈمگە ئىشەنسەممۇ، ئەمما مەن دۇنياغا ئۆزۈمنى ئىسپاتلاش ئىقتىدارىغا موھتاج ئىدىم.»

سىز ئىنتايىن ئاسانلا شۇ مۇسابىقە پەسىللىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىسىز. نۇرغۇن كىشىلەرگە بارسېلونا B كوماندىسىنىڭ قورۇلۇپ چىقىش جەريانى تازا تونۇشلۇق ئەمەس، شۇڭا ئۇلار تەبىئىيلا بارسېلونا بىرىنچى سەپ كوماندىسىنى گۇئاردىئولانىڭ مەشقاۋۇللۇق سەپىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەسلەپكى ۋاقىتتىكى گۇئاردىئولانىڭ رولى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى جىررادنىڭ لىۋېرپول ياشلار ياشلار كوماندىسىدا ئويناۋاتقان رولى ئوخشىمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتىكى بارسېلونا B كوماندىسىنىڭ يۈزلىنىۋاتقان مۇسابىقىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى تېخىمۇ چوڭ ئىدى.

«مېنىڭ توپچىلىق ھاياتىم ئاللىقاچان ئاياغلىشىپ بولدى،» گۇئاردىئولا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شۇنداق دېدى. «مەشقاۋۇللۇق كەسپىدە مەن ھېچنېمە ئەمەس، مەن نۆلدىن باشلىشىم كېرەك، پەقەت غەلىبە قىلالىساملا شۇندىلا مېنىڭ مەشقاۋۇللۇق سالاھىيىتىمگە ئىناۋەت ۋە نام-ئابرۇي قوشۇلىدۇ. گەرچە بىزنىڭ ئەڭ تۇنجى ۋەزىپىمىز بىرىنچى سەپ كوماندا ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش بولسىمۇ، ئەمما مەن مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىسام، ئەگەر كوماندىنى يېتەكلەپ دەرىجە ئۆرلىيەلمىسەم، ئۇنداقتا مەن بۇيەردە چوقۇم ئۇزۇن تۇرۇپ كېتەلمەيمەن. رېئاللىق مانا مۇشۇنداق.»

ChOqM1pYO26AN4MwAADkTH6fqVs101.jpg

ئالدىنقى پەسىلدە، بارسېلونا B كوماندىسى دەرىجە چۈشۈپ كېتىشتەك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدىكى 10 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار بىر قېتىممۇ غەلىبە قىلالمىدى. مۇنداقچە قارىغاندا كوماندىدا ئۈمىدتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، يەنە ھېچقانچە ئادەم گۇئاردىئولانىڭ يېڭى مەشقاۋۇللۇق سەپىرىگە ئىشەنچ باغلىيالمىدى. ئەمما گۇئاردىئولانىڭ كوماندىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ كەتتى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئېنرىكمۇ بارسېلونا B كوماندىسىدىن ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەت يولىنى كۆرۈپ يېتەلىدى.

گۇئاردىئولا كېلىپ بارسېلونا س كوماندىسىنى تارقىتىۋەتتى، ھەمدە پۈتۈن كوماندىدىكى توپچىلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىدى. ئۇ ياشتا بىر قەدەر چوڭ ھېسابلىنىدىغان توپچىلارنى بارسېلونا B كوماندىسىغا ئېلىپ كىردى، ۋە يەنە بىرقىسىم كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ باققان توپچىلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇندىن باشقا ئۇ ھەربىر رەقىبىنىڭ ئەھۋالىنى چوڭقۇرلىغان ھالدا تەتقىق قىلاتتى، شۇنى بىلىش كېرەككى بۇنداق ئەھۋال بۇنداق دەرىجىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋال ئىدى. ناھايىتى تېزلا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە گۇئاردىئولا يېتەكلەۋاتقان بۇ كوماندا، رىچىگارد يېتەكلەۋاتقان بىرىنچى سەپ كوماندىدىنمۇ قالتىستەك بىلىنىدىغان ھالغا يەتتى.

10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، گۇئاردىئولانىڭ توپچىلىرى بارا-بارا رەقىبىنىڭ سانلىق -مەلۇماتلىرىنى  تەتقىق قىلىشنىڭ نېمىشقا شۇنداق مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتتى، كوماندىنىڭ ھۇجۇمچىسى سېرگيو ئۇربانو بىزگە مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بىلەن ئۇندىن بۇرۇنقى ھەرقانداق ئادەم ئوخشاشمايدۇ. ئۇ مۇسابىقە توغرىلىق سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارايدىغىنى قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئويىنى، پۇتبول ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە ئۇنى چۈشىنىش ئىدىيەسىنى توپچىلارغا بىلدۈرۈش.»

دىماس دېلگادو بولسا گۇئاردىئولا شۇ كوماندىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى يېشى بىرقەدەر چوڭ ھېسابلىنىدىغان توپچى ئىدى، شۇ پەسىلدە ئۇ ئاللىقاچان 25 ياشقا كىرىپ بولغان ئىدى. ئۇربانونىڭ سۆزىگە نىسبەتەن بۇ توپچىمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «گۇئاردىئولانىڭ تەپەككۇرى ئىنتايىن ئېنىق، ئۇمۇ توپچىلارغا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا بىلدۈرۈشنى بىلىدۇ،» دېلگادو شۇنداق دېدى. «ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزەلەيدۇ، كوماندىمىزدا ھەربىر توپچى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، يەنە قانداق قىلغاندا مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مېنىڭچە مانا بۇلار ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مەخپىيەتلىكلىرى.»

بىر نەپەر پۇتبولنى سۆيىدىغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇئاردىئولا ئۆزىنى ئايىغى چىقماس سانلىق-مەلۇماتلارنىڭ ئىچىگە تاشلىۋەتتى. ئەمما ياش توپچىلارغا نىسبەتەن ئۇ ئىشلارنى كۈچىنىئو يېتىشىچە ئاددىيلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلاتتى. كېيىن مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلغان ئىسرائىلىيەلىك يان ھۇجۇمچى كەتې ئازۇرىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئېسىمدە قىلىشىچە، شۇ ۋاقىتلاردا گۇئاردىئولانىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان سىن فىلىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەرگىز 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى.»

ChNy21pYPCWAXAgkAAEW4kB_tbo659.jpg

مانرېساغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، گۇئاردىئولا بارسېلونا رىۋايەتلىك توپچىسى ۋە مەشقاۋۇلى بولغان كرۇيفتىن مەسلىھەت سورىدى، ئارقىدىن شۇ مەزمۇندا كوماندىنى ئىسلاھ قىلماقچى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن كوماندا ئۇدا 8 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق نەتىجىسىنى ياراتتى. شۇ ۋاقىتتا گۇئاردىئولا ئىنتايىن قاپيۈرەكلىك بىلەن بىر قېتىملىق سىناق ئېلىپ بارغان ئىدى، ئۇ بۇسكىسنى تېخىمۇ ئالدى مەيدانغا يېقىن ئورۇنغا قويدى. ئەلۋەتتە شۇ ۋاقىتلاردا گۇئاردىئولا پات-پات ئۇستازى خۇئەنما لىللودىن تەلىم ئېلىپ تۇراتتى.

ئەمما كوماندا يەنە پاسسىپ ئەھۋاللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، مەسىلەن مەيدان شارائىتى ياخشى بولمىغان مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەر، بارسېلونانىڭ ئىپادىسى پەقەت ئويلىغاندەك بولمايۋاتاتتى. 12-ئايدىكى ماسنو بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بارسېلونا B كوماندىسى ئالدى بىلەن 2 توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار تۆت مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى مېھمان مەيدان غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئارقىدىن رەقىبى كەينى-كەينىدىن 2 توپ كىرگۈزدى، توپچىلارنىڭ پەقەت يۇۋاشلىقچە تەڭلىشىشنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئامالى قالمىدى، ئەمما بارسېلونا كېيىنكى 4 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلدى، ۋە شۇ ئارقىلىق قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق دەرىجە ئۆرلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

بۇ بىر ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان ئەسلىمىلەر. «شۈبھىسىزكى، شۇ ۋاقىتلار مېنىڭ كەسپى ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى،» 16 يېشىدىلا ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مەيدانغا چىقىپ باققان ئازۇرىن شۇنداق دېدى. «پەقەت توپ كىرگۈزگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن گۇئاردىئولاغا ئوخشاش بۈيۈك كىشىنىڭ قولىدا توپ تەپكەنلىكىمدىن ھۇزۇر ھېس قىلىمەن. ئۇ ھەربىر توپچى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ، مېنىڭچە بۇ تەرىپى ھەرقانداق ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.»

«ھەرقانداق كىشى ئوخشاشلا بۇ خىل مۇسابىقە ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ بىزگە تېخىمۇ كۆپ بولغان ئەركىنلىك بەردى. ئۇنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزگە ھەرگىز بېسىم قىلمايدۇ. ئۇ بىزنىڭ ئۆزىمىزدە بار ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز بەزى ۋاقىتتا كوماندىمىز مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمما مانا بۇ پۇتبول. ئۇنىڭ مۇسابىقىلىشىش ئۇسۇلى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن گۈزەل، چۈنكى مۇسابىقە جەريانىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا توپ بىزنىڭ پۇتىمىزدا بولىدۇ.»

يارىلىنىش سەۋەبلىك ئۇربانومۇ بىر مەزگىلنى قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈزدى، ئەمما ئۇ يەنىلا گۇئاردىئولانىڭ قوللىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇ داۋاملىق مېنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ئەھۋاللىرىمغا كۆڭۈل بۆلەتتى، مېنىڭ كوماندىدىكى ئەسلىمىلىرىم ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن گۈزەل. گەرچە توپ مەيدانى شۇنچە كىچىك بولسىمۇ، شارائىت شۇنداق ناچار بولسىمۇ، ئەمما بىز پۇتبولدىن يەنىلا خۇشاللىق تاپالايتتۇق. بىز مۇسابىقىدە باش پېرسوناژ بولاتتۇق، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ توپ كونترول قىلىش ھوقۇقىمىزنى قوغدايتتۇق.»

«بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن غەلىتە، چۈنكى توپ مەيدانى ئىنتايىن كىچىك، باشقىلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق مەيداندا پۇتبولنى چىرايلىق ئويناش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتى. ئەمما گۇئاردىئولا ۋە ئۇنىڭ پۇتبول پەلسەپەسى بىزنى مۇشۇنداق مەيداندىمۇ گۈزەل پۇتبولنى ئويناپ چىققىنى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى.» ئەڭ مۇھىمى شۇكى، مۇشۇنداق نەتىجىلەر گۇئاردىئولانى تىكى-تاكا پۇتبولىنىڭ مۇسابىقىدە ئاقىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئېنگلاد بىرلەشمىسدىكى ئىپادىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنى ئۆزىنىڭ پەلسەپەسىگە ئىشىنىدىغان قىلدى.

ChOqM1pYPS6AZ32sAABvwqWkiz0792.jpg

ئېنگلاد بىرلەشمىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقە پەسلىدە، گۇئاردىئولا «كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى»نى يېتەكلەپ 22 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن 62 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشتى، ئۇلار تېخى بىرلەشمىدە مەغلۇپ بولۇپ باققىنى يوق، ئىككىنچى ئورۇندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 15 نومۇر. بۇندىن بۇرۇنقى سىرتقى دۇنيانىڭ ئۇنىڭ تىكى-تاكا پۇتبولى ئېنگلاد بىرلەشمىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالامدۇ؟ دېگەن گۇمانىغا، گۇئاردىئولا مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى ئارقىلىق قايىل قىلارلىق ھالدا جاۋاب بەردى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشى بېسىقىپ قالغىنى يوق.

تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر گۇئاردىئولا زور مەبلەغ بولغاچقىلا مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىدى دەپ قارايدۇ. خۇددى مورىھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مالىيەسىنى مانچېستېر شەھىرىنىڭ مالىيەسىگە سېلىشتۇرغىنى بولمايدۇ دېگىنىگە ئوخشاش. ئەمما شۇ دۇنيا دەرىجىلىك توپچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇش باشقا بىر ئىش، خۇددى تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى بىر كۇلۇب تۆۋەن چىقىم بىلەنمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىنىڭ باشقا ئىش بولغىنىغا ئوخشاش.

بۇ توپچىلار گۇئاردىئولانىڭ مۇۋاپپەقىيتىگە يول ئىچىپ بەردى، خۇددى گۇئاردىئولا ئۆزى دېگىنىدەك، بارسېلونا B كوماندىسىدىكى مۇۋاپپەقىيتىنى «مەشقاۋۇل بولۇپ ئەڭ پايدا ئىلىپ كەلگەن مەزگىل» دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش. ئۇنىڭ توپچىلىرىمۇ گۇئاردىئولانىڭ بۇ كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇربانو مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە مەن ئاشۇ ۋاقىتلارنى ئەسلىسەملا ئىختىيارسىز خۇشال بولىمەن.»

«كوماندىمىزدا ئىنتايىن قالتىس توپچىلار بار ئىدى. گۇئاردىئولا ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ئۆز تاكتىكىسىدا تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ مانچېستېر شەھىرىدىكى مەشقاۋۇللۇق ئىپادىسى بۇلارنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مانچېستېر شەھىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسابىقە ئۇسلۇبىدا بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە گۇئاردىئولاغا رەھمەت ئېيتىش كېرەك. ئۇ توپچىلارنى تېخىمۇ ئەقىللىك قىلىۋەتتى، يەنى مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ گېپىمنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى دەل ستېرلىڭ.»

نۆۋەتتە ھىندىستاندا توپ تېپىۋاتقان دېلگادومۇ گۇئاردىئولانىڭ مانچېستېر شەھىرىگە مۇۋەپپەقىيەت ئىلىپ كېلىشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىگە ئېشىنىدۇ. دېلگادو چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىر يېڭى بولغان دۆلەتتە، ئۆزىنىڭ پۇتبول ئىدىيەسىنى يېڭى توپچىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋاقىت كېتىدۇ، تۇرمۇشىمىزدىمۇ ھەرقانداق ئىشتا مەلۇم ۋاقىتقا موھتاج بولىمىز. توپچىلارنىڭ گۇئاردىئولانىڭ پەلسەپەسىنى چۈشىنىشىگە ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە ئەلۋەتتە ۋاقىت كېرەك. ئەگەر توپچى ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنسىلا، ئۇنداقتا بارلىق ئىشلار ئۆز ئوقىغا چۈشكەندەك يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.»

ChOqM1pYPeOAfrhoAAEU97ls5U8066.jpg

نۆۋەتتە ئىسپانىيە ئۈچىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتاتقان ئازۇرىنمۇ ستېرلىڭنىڭ مىسالىنى تىلغا ئالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «سىز بۇندىن بۇرۇن ئىپادىسى ئادەتتىكىدەك توپچىنىڭ گۇئاردىئولانىڭ يېتەكلىشىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن غايەت زور ئىلگىرلىگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز، ستېرلىڭغا قارىسىڭىزلا بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايسىز. بۇندىن بۇرۇن ئۇ ھازىرقى سەۋىيەسىدە ئەمەس ئىدى، ئەمما ھازىر بولسا كەسپى ھاياتىدا چوڭ «پارتلاش»نى كۈتۈۋالدى. گۇئاردىئولانىڭ ئۇسلۇبى ئۇنى تېخىمۇ قالتىس قىلىپ ئۆزگەرتتى.»

مانچېستېر شەھىرى باشقا كوماندىلارغا قارىغاندا دائىم بىر قەدەم بۇرۇن ماڭىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قالتىس پەلسەپەسىنىڭ نەتىجىسى. مېنىڭچە بۇلارغا ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى يەتمەيدۇ. سىز گۇئاردىئولا يېتەكلەپ باققان بارلىق كوماندىلاردا مۇشۇنداق توپ ئويناش ئۇسلۇبىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. توغرا، مانچېستېر شەھىرىنىڭ سالغان مەبلىغى ئىنتايىن زور، ئەمما مەشقاۋۇل توپچىلارغا ئەڭ توغرا بولغان ئۇسۇلدا ئەڭ توغرا مۇسابىقە ئۇسلۇبىنى چۈشەندۈرەلمىسە، ياكى توپچىلار مەشقاۋۇل ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا يۇقىرى باھادا توپچى قوشۇۋالغاننىڭ تىلغا ئالغۇدەك نېمە پايدىسى بولسۇن؟»

شۇڭا كوماندىنىڭ مەبلىغىنىڭ زور بولۇشى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ قالتىس بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەس. سەۋەب شۇكى، گۇئاردىئولانىڭ مۇسابىقە تاكتىكىسى ۋە پەلسەپەسى ھەقىقىي ئۈنۈم ياراتتى، ئۇ مەشقاۋۇل بولغان ھەرقانداق كوماندىنىڭ ئوخشاشلا جەلپ قىلىش كۈچى بار، ھەمدە %80 ۋاقىتتا توپ يەنىلا ئۇلارنىڭ پۇتىدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش پۇرسىتىمۇ ئوخشاشلا چوڭ بولىدۇ. ئۇلار مانا بۇ پەلسەپە ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى، مەن ھەقىقەتەن مانا بۇنى ئەڭ ياخشى غەلىبە قىلىش ئۇسۇلى دەپ بىلىمەن.»






باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +7000 تۆھپە +5 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 1000 قوللاش!
دىكتور + 5000 قالتىس!
بېرنابۇ + 1000 + 5 + 3 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

چېلسىي لۈكچىكى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14218
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10672 ياۋرۇ
تىللاسى : 21 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4294 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-6-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 02:06:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا، گۇاردىئولانىڭ توپچىلىرى ئىنتايىن ئەقىللىق بوپ كېتىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-1-14 02:07:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FCBilal
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17938
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1612 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 735 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-3-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 02:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇپ تۈگەتكۈچە كۆزلىرىم ئىمىر-چىمىر بۇپ كەتتى،
تېما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! جاپا چىكىپسىز،
گۇئاردىئولانى باشقىدىن تۇنىغاندەك بولدۇم
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15441
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957 ياۋرۇ
تىللاسى : 22 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1287 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
ۋاقتى: 2018-1-14 07:25:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئالتە شاھلىق تاجىلا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر تېرىنىردىن قالتىسلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، باشقىسى ئارتۇقچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەموللا تاپقاقئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالتۇن پۇت

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1161
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 351842 ياۋرۇ
تىللاسى : 63 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3521 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 08:31:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق يوقاپ كەتتى دىسەم ئەسىلى مانداق تېما يېزىۋىتىپسىلدە، ياخشى تېما بوپتۇ جاپا چىكىپسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15913
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8580 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2241 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-17
ۋاقتى: 2018-1-14 10:52:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما  خھھ ھھھ ،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18572
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 74 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2018-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-14 10:54:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسل تىرنىر گەپ كەتمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-1-14 13:52:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل قالتىس تىرنىر بۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18403
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12421 ياۋرۇ
تىللاسى : 10 سەر
توردىكى ۋاقتى : 121 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-9-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 15:09:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرغا  بىربىلەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12219 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 15:16:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەشھەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-14 15:41  

پېپ   90نۇمۇرنى  لاياقەتنىڭ ئۆلچىمى قىلغان تېرنىر ، باشقىلار 60 ئالسا  ماختىلىپ  پېپ  89 ئالسىمۇ  تەنقىتقە ئۇچۇرشى  شۇ سەۋەپتىن ،  سېنى باشقىلار بەكلا چوڭ بىلىدۇ شۇڭا ساڭا  شۇنداق  چوڭ تەلەپ قۇيدۇ تىرىشقىن تازچاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12352
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1437 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1974 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-3-6
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 16:41:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىپنىڭ   شەھەردە ئوينىغان تاكتىكىسى    تىك -تاكىما   ؟؟يا مەن شەھەرنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ  جەۋھىرىنى كۆرگەن بولغاچقا بىلمەي قالدىممۇ    مەن قارسام ھۇجۇملا ئوينايدىغاندەك كۆردۇم  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش