كۆرۈش: 2430|ئىنكاس: 41

رونالدو توغرىسىدىكى بۇ 33 ئىشنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12603
تېما سانى : 591
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 3377 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4228 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-2-9 16:53  

132129x1br0rl08srss1ri.jpg


پۇتبول مۇنبىرى خەۋىرى:
رونالدو پۇتبول دۇنياسىدىكى گىگانىت چولپاننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەندىن باشقا ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان رېكورتلارنى ياراتتى، شۇنىڭ ئىچىدە بىز بىلمەيدىغان ئىش-ئىزلىرى بولۇشى مۇمكىن، تۆۋەندە بىز رونالدو توغىرىسىدىكى 33 ئىشنى تۇنۇشتۇرىمىز.

1. ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئىككىنچى مەرگەن
رونالدو ئىسىپانىيە بىرلەشمىسىدە 274 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 294 توپ كىرگۈزگەن، ئۇ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى توپچى.

2. ئىككى تۈرلۈك مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان
رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتى پورتۇگالىيە، ئېنگلاند، ئىسپانىيەدە داۋاملىشىپ كەلدى، ئۇ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە توپ كىرگۈزۈپ كەلدى، بىراق ئۇ ئېنگلاند رايون قالقىنى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان.

3. 99 قېتىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن
رونالدو كەسپىي ھاياتىدا 99 قېتىم تاق مەيداندا ئىككىدىن توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 73 قېتىم خانلىق مادرىدتا، 25 قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسىدە، بىر قېتىم لېسبون رىقابەتتە.

4. پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەن
ئۇ 147 مەيدان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىدە 79 توپ كىرگۈزگەن.

5. سېۋىللا بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەقىبى
رونالدو سېۋىللا بىلەن بولغان 18 قېتىملىق مۇسابىقىدە 27 توپ كىرگۈزگەن.

6. خانلىق مادرىد تارىخىدىكى مەرگەن
خانلىق مادرىد تارىخىدىكى مەرگەن دىسىتڧانو، رائول، پۇسكاش ياكى سانتىللانا ئەمەس، خانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن دەل كىرىستىيانو رونالدو، ئۇ 421 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 427 توپ كىرگۈزگەن.

7. گوركا ئرايزوزنىڭ «قارا چۈشى»
ئرايزوز بولسا رونالدونىڭ ئەڭ ئەشەددىي رەقىبى، ئورايزوز رونالدونىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان قاپقىچى بولۇپ، ئۇ 14 مەيدان مۇسابىقىدە 15 توپ ئىستېمال قىلغان.

8. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش
رونالدو 13 مەيدان كۇلۇب قاتلىمىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 18 توپ كىرگۈزگەن.

9. ئۈچ قېتىم Pichichi ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇش
رونالدو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۈچ قېتىم پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان، 2010/2011-پەسىل، 2013/2014-پەسىل، 2014/2015-پەسىل، بۇنىڭ ئىچىدە 2014/2015-مۇسابىقە پەسىلىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، جەمئىي 48 توپ كىرگۈزگەن.

10. بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش
رونالدو بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، مېسسى بىلەن تەڭلەشتى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىلدا ئۇدا ئالتۇن توپنى مونۇپول قىلدى.

11. ئالتە قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولۇش
رونالدو ئۆتۈپ كەتكەن بەش نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇپ باھالانغان، ئۇنىڭدىن باشقا 2007/2008-مۇسابىقە پەسىلىدىمۇ بىر قېتىم ئېرىشكەن.

12. تاق پەسىلدە 61 توپ رېكورتى
2014/2015-مۇسابىقە پەسىلىدە رونالدو 61 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تاق پەسىلدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتقان، ھەم 2011/2012-مۇسابىقە پەسىلىدە ياراتقان 60 توپلۇق رېكورتىنى يېڭىلىغان.

13. ئۇدا 12 پەسىل ئاز دېگەندە 20 توپ كىرگۈزۈش
2006/2007-مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ، رونالدو ھەر پەسىلدە 20 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزۈپ كەلگەن، ئۇنىڭ بىر پەسىلدە ئەڭ ئاز كىرگۈزگەن توپ سانى بولسا 23 توپ.

14. بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ نۇقتا توپ كىرگۈزگۈچى
رونالدو بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە جەمئىي 90 قېتىم نۇقتا توپ تىپىپ، 77 نى كىرگۈزگەن.

15. ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە كىرگۈزۈش 53 قېتىم
دۆلەت كوماندىسىدا رونالدو يەتتە قېتىم بىۋاستە ئىختىيارىي توپ كىرگۈزگەن، خانلىق مادرىدتا 33 قېتىم

16. 107 كاللا توپ كىرگۈزۈش
رونالدونىڭ يەنە بىر نامى بوشلۇقتا توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ، رونالدو كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 107 قېتىم كاللا توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن 65 كاللا توپ كىرگۈزگەن.

17. 2002-يىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە
رونالدو 2002-يىل 8-ئاينىڭ 14-كۈنى لىسبون رىقابەتتە تۇنجى مەيدان كەسپىي مۇسابىقىسىنى تاماملىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى رەقىبى خەلقئارا مىلان بولۇپ، ئۇزغۇنلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە 17 ياش ۋاقتىدا مەيدانغا چىققان.

18. تۇنجى بولۇپ ئۇزغۇنلۇقتا 100 توپ كىرگۈزگەن توپچى
رونالدو ياۋروپا ئۇزۇغۇنلۇق تارىخىدىكى تۇنجى بولۇپ كىرگۈزگەن توپى 100 گە يەتكەن توپچى، ھازىرغىچە رونالدو 115 توپ كىرگۈزۈپ، بۇ رېكورتنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە جەمئىي 99 توپ كىرگۈزۈپ بولدى.

19. ئۇدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتى
2014/2015-مۇسابىقە پەسىلىدە، رونالدو ئۇدا 10 مەيدان مۇسابىقىدە 19 توپ كىرگۈزگەن.

20. دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى
رونالدو 17 ياش ۋاقتىدا دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى رەقىبى قازاقىستان كوماندىسى.

21. تاق مەيداندا ئىككى قېتىم بەش توپ كىرگۈزۈش
بىر مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما رونالدو بۇنى ئىككى قېتىم قىلالىدى، ئۇلار ئايرىم ھالدا: گرانادا كوماندىسى ۋە ئىسپانىيلىكلەر كوماندىسى.

22. ئوڭ پۇتتا 331 توپ كىرگۈزگەن
رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپلىرى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، ئەمما ئوڭ پۇتتا كىرگۈزگەن توپى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، 331 توپ كىرگۈزگەن.

23. مېسسىغا قارشى 34 قېتىم مۇسابىقىلەشكەن
رونالدو بىلەن مېسسى ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلدا ئەڭ ياخشى ئىككى توپچى بولۇپ كەلدى، ئۆتۈپ كەتكەن 34 قېتىملىق مېسسىغا قارشى ئۇچرىشىشتا مېسسى 20 توپ كىرگۈزگەن، رونالدو 18 توپ كىرگۈزگەن.

24. ئالتە قېتىم قىزىل كارتا ئىستېمال قىلغان
رونالدو مۇسابىقە جەريانىدا ئالتە قېتىم قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەن، ئالدىنقى قېتىملىقى بولسا بۇ پەسىلنىڭ بېشىدىىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا.

25. ئوخشاش بولمىغان تۆت خىل نومۇرىدىكى كىيىم كېيگەن
رونالدو 7-نومۇرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇ كەسپىي ھاياتىدا يەنە ئۈچ خىل نومۇردىكى كىيىمنى كېيگەن بولۇپ، 17-نومۇر، 9-نومۇر ۋە 28-نومۇرلۇق توپ كىيىمى.

26. بېنزېما بىلەن 329 قېتىم ھەمكارلاشقان
رونالدو مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەردە بېنزېما ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ ھەمكارلاشقۇچىسى، بۇ ڧرانسىيەلىك بىلەن مەيدانغا چىققان مەيدان سانى 329 مەيدانغا يەتكەن.

27. كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى توپ
2002-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزگەن، شۇ ۋاقىتتىكى رەقىبى مورېيرېنس كوماندىسى بولۇپ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنە كەسپىي ھاياتىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

28. 10 نەپەر مەشقاۋۇلنىڭ قول ئاستىدا توپ تەپكەن
رونالدو 2002-يىلدىن باشلاپ، ھازىرغىچە ئۇ جەمئىي 40 نەپەر ئوخشاش بولمىغان مەشقاۋۇلنىڭ قول ئاستىدا توپ تەپكەن.

29. ئۇدا 11 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈش
رونالدونىڭ ئەڭ قالتىس ئۇدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتى 2013/2014-مۇسابىقە پەسىلىدە ئۇ 11 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزۈپ، كىرگۈزگەن توپى 15 كە يەتكەن.

30. ئوخشاش بولمىغان 12 چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش
رونالدو كەسپىي ھاياتىدا ئوخشاش بولمىغان 12 خىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن: ياۋروپا لوڭقىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى، پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئېنگلاند بىرلەشمىسى، ئېنگلاند رايون قالقىنى لوڭقىسى، ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى، ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى

31. ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە غەلىبە قىلىش
2015-يىل 12-ئاينىڭ 20-كۈنى خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 10-2 نەتىجىدە ۋالىكانو كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقە رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقىدە غەلىبە قىلىشى بولۇپ، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزگەن.

32. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تاق پەسىلدە توپ كىرگۈزۈش رېكورتى
2013/2014-مۇسابىقە پەسىلىدە رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تاق پەسىلدە 17 توپ كىرگۈزگەن، شۇ پەسىلدە خانلىق مادرىدمۇ ئۇزۇغۇنلۇق چېمىيونى بولغان.

33. ئوخشاش بولمىغان 128 رەقىبكە دۇچ كېلىش
دۆلەت كوماندىسى قاتلىمى بۇيىچە ھېسابلىغاندا، رونالدو كەسپىي ھاياتىدا ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئوخشاش بولمىغان 128 رەقىبگە دۇچ كەلگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12035
تېما سانى : 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11096 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1049 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-12-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-13
ۋاقتى: 2018-2-9 16:53:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا رونالدو داۋاملىق تىرىشقىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14769
تېما سانى : 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25221 ياۋرۇ
تىللاسى : 7 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1755 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 2018-2-9 17:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنى ئەڭ مۇكەممەل بىر پۇتبولچى دەيمىز …داۋاملىق تىرشقىن  كىرستىيانو رونالدو
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ھەر كىم ئۆز تەقدىرنىڭ تۆمۈرچىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-2-9 17:06:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

دەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9137
تېما سانى : 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 821 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 988 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-6-6
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 2018-2-9 17:07:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدانكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16725
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 901 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 682 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-3-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 2018-2-9 17:12:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تىرىشقىن پۇتپول شاھى، سەن تارىختىكى ئ‍ەڭ نوچىسى، سىنىڭ ئ‍الدىڭغا ئ‍ۆتىدىغىنى يوق ھەر جەھەتتىن...
3.ئەۋلاد پوتپۇل شاھى كىرىستيانو رونالدو
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12539
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17419 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2559 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 2018-2-9 17:21:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10كۆك يوللىغان ۋاقتى  2018-2-9 17:06
رونالدو-مىسسى بىر-بىرىگە قارشى34مەيدان مۇسابىقىدە،بىر ...

ناھايتىمۇ  توغرا  ئىيتتىڭلا   ،،ئەمدى  يەنە  قاچانلاردا   بۇ ئىككىسىدەك   توپچىلارنىڭ  بىر دەۋىردە  ئون يىل    بىر  بىرىگە  بوي  بەرمەي  تۇرالىشىنى  ئۇچرىتامىز   ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4660 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1705 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-19
ۋاقتى: 2018-2-9 17:30:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تىمىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى تۈنۈگۈن كۆرۈپ،  ھازىر يىزىپ باقاي دەپ كىرسەم يىزىلىپ بوپتۇ، ،   بۇ تىمىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى رونالدو ھەقىقەتەن ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-2-9 17:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
سەن كىم ئىدىڭ؟ئەمدى كىم بولدۇڭ؟يەنە كىم بولماقچى؟؟؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

گېرمانىيە مەستانىسىمادرىد لۈكچىكىبايرىن لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10559
تېما سانى : 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113 ياۋرۇ
تىللاسى : 37 سەر
توردىكى ۋاقتى : 640 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-4-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-18
ۋاقتى: 2018-2-9 17:54:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا رۇنالدۇ ،كىيىنىكى ئىشىلىرغا ئامەت تىلەيمەن....................
ئايىنىڭ ئۇن بەشى ئايىدىڭ ،ئۇن بەشى قاراڭغۇ.بىر قەدەمىنى خاتا باسساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17325
تېما سانى : 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463701 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2226 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-8-13
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-19
ۋاقتى: 2018-2-9 17:57:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى  بۇلۇش  بۇلاغا  نىسىپ  بۇلامۇ ؟  بەك تەس  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11517
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 977 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-9-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-2-19
ۋاقتى: 2018-2-9 18:13:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان پۇتپۇلچىلىقىنىڭ غوجاكىسىنىڭ بىرسى ھەتكىتىڭنىداۋاملاشتۇر…
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
kal~bem  =  قەلبىم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-2-19 03:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش