كۆرۈش: 1133|ئىنكاس: 15

چولپانلارنىڭ يەنە بىر يۈزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالىي ئەزا

بارسىلونا لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3194
تېما سانى : 218
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 440970 ياۋرۇ
تىللاسى : 119 سەر
توردىكى ۋاقتى : 10065 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-31
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
‏       ئەسسالام ئەلەيكۇم


پۇتبول چولپانلىرىنىڭ مەيدان ئىچىدىكى ئىشلىرى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالماي مەيدان سىرتىدىكى ئىشلىرىمۇ قىزىق نۇقتا بۇلىدۇ.

IMG_5410.JPG

رىينىي ھىگۇيتا كولۇمبىيەنىڭ سابىق قاپقاۋۇلى. ئۇ ئۆزىنىڭ قاپقىسىنى ياخشى ساقلاشتىن باشقا ئالاھىدە ماھارەتلىرى بىلەن مەستانىلەرگە تۇنۇش. ئەڭ داڭلىق ھەركەتلىرىدىن «چاياننىڭ قويرۇق چۆرىشى» بىلەن توسۇۋالغان توپى ۋە قاپقىنى تاشلاپ قويۇپ ئالدىغا ھۇجۇمغا چىقىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلىرى. بۇ يىشىل مەيداندىكى چولپان مەيدان سىرتىدىمۇ غەلىتە ئىشلىرى بىلەن مەشھۇر. زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە قارا قوللار بىلەنمۇ باردى كەلدىسى بار.
1993-يىلى كولۇمبىيە زەھەر ئەتكەسچىسى كاتتىبىشى لويىس كارلوس مولىنانىڭ قىزىنى بىر تۈركۈم كىشىلەر گۆرۆگە ئېلىۋالىدۇ ۋە تۆلەم تۆلىسە قويۇپ بېرىمىز دەيدۇ. مولىنا شۇ چاغدا ھىگۇيتادىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ھىگۇيتامۇ ئىككىلەنمەي ماقۇل كۆرۈپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. مولىنا بۇنىڭ بەدىلىگە 64 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى كولۇمبىيە قانۇنىدا گۆرۆگە ئېلىش ۋەقەلىرىدە ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىش چەكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىگۇيتاغا 7 ئايلىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلىدۇ. 7 ئايدىن كىيىن يەنە يىشىل مەيدانغا قايتىپ كىلىدۇ.

IMG_5411.JPG

2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ بىر ئەتىگىنى ماتى باتىيسون ئورنىدىن چاچراپ تۇرىدۇ ۋە ئالدىراشچىلىقتا ھىچنىمىگە قارىماي مەشققە چاپىدۇ. كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن ماشىنىسىنى سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالدى. ساقچى باتىيسوننى ماشىنىدىن چۈشۈرگەندە مەشقاۋۇلنىڭ غەزىبىدىن قورقۇپ ئۆيدىن ئالدىراپ چىققان باتىيسوننىڭ ئىشتان كەيمىگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ماشىنىنى چەكلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن پىراۋىسىنى 20 ئايلىق تۇتۇۋالىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇ كۈنى مەشق يوق بۇلۇپ مەشقاۋۇل كوماندىدىكىلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن لىكىن باتىيسون ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن.

IMG_5412.JPG

فىينى جونىس بۇ توپچىنى تۇنۇغان كىشى ئۇنىڭ مەيداندىكى قەبىھ ھەركەتلىرى بىلەن تۇنۇيدۇ. ئەمما بۇ توپچى كەسپى ھاياتىنى بالدۇرلا ئاخىرلاشتۇرۇپ ئارتىسلىققا ئالماشتى. كىنودا ئالغان روللىرىمۇ ئوخشاش يامان كىشىلەرنىڭ رولى بۇلۇپ ئەڭ قەبىھ كىشىلەرنىڭ رولىغا چىقاتتى. بىر قېتىملىق ئايرۇپىلان سەپىرىدە يېنىدا ئولتۇرغان يولۇچىنى بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ئۇنىڭغا تەھدىد سالغان، ئايروقىز ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا جونىس: سىزنى ئۆلتۈرۈپ قويماي يەنە، 3000 ياۋرو پۇل بېرىپ ئادەم ئەكىلىپ پۈتۈن ئايرۇپىلان خادىملىرىنى ئۆلتۈرگىزىمەن دەپ تەھدىد قىلغان. ئەلپازىدىن قورققان يولۇچى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ باشقا بۈلۈمگە كەتكەن.
قىسقا مۇددەتلىك قاماقتىن كىيىن 80 سائەت مەجبورى ئىجتىمائى ئەمگەككە بويرۇلغان.

IMG_5413.JPG

پۈتكۈل تۇرمۇشىدا ياۋۇزلۇقنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان بۇ كىشىنىڭ كىچىكلەرگە قىلغان چاقچاقلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.


IMG_5414.JPG
ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن جونسون يەنە بىر توپچى بىلەن ھاجەتخانا بۇيۇملىرى ئوغۇرلىغان. دۇكاننىڭ 74 ياشلىق قاراۋۇلى بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. يۇشۇرۇپ قويغان تۇربىنى ئالغىلى كەلگەندە ساقچى چاقىرىپ كەلگەن. ساقچىلار بۇلارنى تۇتقاندا بۇلار بىر بىرسىگە قاراپ كۈلۈشكەن. تەلىيىگە جەرىمانە ئېلىپ قويۇپ بەرگەن.

IMG_5415.JPG

مارادونا دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغان ھەر بىر توپ مەستانىسى ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدىكى ھەر بىر ئىشىنىڭ مەيدان ئىچىدىكى ماھارىتىدەكلا غۇلغۇلا قوزغىيالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. 1994-يىلى مۇخبىرنىڭ ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىشىدىن جاق تويغان مارادونا تېمىغا چاپلىشىپ ياتقان مۇخبىرلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. بىر نەچچە مۇخبىر يارلىنىدۇ. مارادونا قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىدۇ. 4 يىلغا سوزۇلغان بۇ سوت مارادوناغا ئىككى يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلىپ كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىشقا بويرىلىدۇ.


IMG_5416.JPG

1994-يىلى بىرازىلىيەنىڭ يۇۋىنتۇس كوماندىسى دەرىجە ئۆرلەپ 1-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ ۋە بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن خېلى كۆپ مىقداردا مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىدۇ. كوماندا ئەزاسى سىزار ئاباراسىيدو مۇكاپاتنىڭ قاچان، قەيەردە تارقىتىلدىغانلىقىنى پەملەپ دوستلىرى بىلەن بېرىپ پۈتۈن پۇلنى ئوغۇرلاپ كىتىدۇ. ئوغۇرلىغان پۇللىرىغا ماشىنا ئېلىپ باياشات ياشاۋاتقاندا پاش بۇلۇپ قېلىپ كوماندىدىن قوغلىنىش بىلەن بىرگە 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 1998-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ يىشىل مەيدانغا قايتىپ كىلىپ توپ تىپىدۇ. بۇ توپچى ئەينى ۋاقىتلاردا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ مۇسابىقە ئويناپ باققان.

پولشالىقنىڭ رەسىمى چىققىلى ئۇنىمىدى....

2016-يىلى پولشا ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. مۇسابىقىدىن كىيىن لىۋاندوۋىسكى شاموان ئىچىپ تەبرىكلىگەن. پولشا قانۇنىدا بەزى سورۇنلاردا شامپان ئىچىش چەكلەنگەن بۇلۇپ پۇتبول مەيدانىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. تاماشىبىنلاردىن بىرى لىۋاندوۋىسكىنى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ شىكايەت قىلغان. لىۋاندوۋىسكى ئۇنىڭ بىر چاقچاق ئىكەنلىكىنى دىگەن بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئۇچرىغان.


IMG_5418.JPG

دې خىيا دوناتقا بەك ئامراق. ئۇ بىر قېتىم بىر تاللا بازىرىدا كىتىپ بېرىپ ساتىدىغان دوناتتىن بىرنى ئېلىپ يەۋالغان. چىقىدىغان ۋاقىتتا پۇل تۆلىمەي چىققانلىقىنى ئامانلىق كامىراسى خاتىرلىۋالغان.  تەلىيىگە ئاددى سوراقلاردىن كىيىن باشقا جازا بەرمەي قويۇپ بېرىلگەن. بىللە كىرگەن يەنە بىر ئاغىنىسىمۇ بىرنى ئوغىرلىقچە يەۋالغان.




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

كەسپىي پۇتبولچى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزابارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16654
تېما سانى : 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1117 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2332 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-3-6
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-14 07:26:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ھاجەتخانا بۇيۇملىرىنى ئوغۇرلىغانلا مىنىڭچە قىلغىلى ئىش تاپالماي ئوغۇرلۇق قىلىپ ساقچىغا تۇتۇلغاندىكى ھىسسياتنى تىتىپ بىقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمىكى دەيمە،ئاجايىپلا ئىشلار ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1065
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 427 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1402 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-11-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-14 07:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانچىلىق                                                        
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99771 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3120 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 09:13:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشتان كىيىشنىمۇ ئونتۇپ قىلىپ مەشىق يۇق بۈلغىنى قارا يومۇر ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15441
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957 ياۋرۇ
تىللاسى : 22 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1287 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
ۋاقتى: 2018-1-14 09:23:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەكچى پۇتبولچىمۇ ئادەم ، خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13727
تېما سانى : 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82413 ياۋرۇ
تىللاسى : 12 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3814 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-2-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 10:06:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونانى ئىلىپ ماڭغانلار ئۆزىگە ئوخشاش ئېخچام كېشىلەركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18266
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4025 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 330 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-7-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2018-1-14 10:35:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيەنىڭ يۇۋىنتۇس كوماندىسى؟  بىرازىلىيەدىمۇ يۇۋىنتۇس دەپ كوماندا بارمۇ ياكى خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16898
تېما سانى : 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4924 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 835 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-20
ۋاقتى: 2018-1-14 10:37:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا ئوغرىنىڭ قىلغان ئىشى قەتئىي قاملاشماپتۇ ۋۇي زىۋازا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18572
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 74 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2018-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-14 10:48:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئشتان كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغاننى ئاز دەپ  ساقچىغا تۇتىلغىنى  ۋەھشى ئۇنۇتقاقمۇ يا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18572
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 74 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2018-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-14 10:51:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دھيانىڭ ئىلىپ يەيدىغان پۇلى يوقمىتكى چۇپەيلىشىپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-1-14 11:21:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بايرىن لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 612
تېما سانى : 452
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 394286 ياۋرۇ
تىللاسى : 19 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4264 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-8-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-14 11:48:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ فىينى جونىس دېگەن گۇينىڭ پۇتبولچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ مەنمۇ ھەيران قالغان. سىتەيلون بىلەن شىۋاشىنگىرنىڭ تۈرمىدىن قاچىدىغان كىنوسىدا تۈرمە باشلىقىنىڭ ياۋۇز بىر قولچۇماقچىسى بولۇپ چىقىدىغان نېمىغۇ ئۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش