كۆرۈش: 1712|ئىنكاس: 30

مادرىد رەئىسىگە نېمە بولدى ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالىي ئەزا

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزاپۇتبول ئەپەندىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3132
تېما سانى : 490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6722 ياۋرۇ
تىللاسى : 71 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6446 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-12 03:41  

ئىسپانىيە مادرىد كوماندىسى يېڭى يىل كىرىپلا غەلىتىلا بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ ، قارىغاندا ئۇلار يۆتكىلىش بازىرىغا سەل قارىغانلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتسا كېرەك

مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى مەستانلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ ، گەرچە ئۇلار شاھلىق ۋە ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا دەرىجە ئۆرلەپ كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتكەن بولىسىمۇ ، لېكىن مەستانىلەر ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا پارىژ سان جىرمان بولغان مۇسابىقىگە تازا ئىشەنچ بىلەن قارالمايۋاتىدۇ ، سەۋەبى بولسا مادرىد كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە تېرىنىر زىدانىنىڭ كوماندىغا يېڭىلىق قوشۇپ يېڭى قان تولۇقلاشقا قاتتىق سەل قاراۋاتىدۇ ، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇلار ئىككىنچى دەرىجىدىكى بىرلەشمىنىڭ بەشىنچى  ئورۇندا تۇرىۋاتقان نومايسىيە كوماندىسى بىلەن ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىپ قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشۈرۈۋالدى ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىرنابىيو مەيدانى بىلەن مېھمان مەيداننىڭ پەرقى قالمىغىلى تۇردى .

تۆۋەندە مادرىد كوماندىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى يۆتكىلىش بازىرىدىكى سان سېفىرلارغا قاراپ باقساق ، بەزى نەرسىلەرنى چۈشەنگىلى بولىدۇ .

يۆتكىلىش بازىرىدا پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلىش

ماركا گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشچە مادرىد كوماندىسى 2017-2018 يىلدىكى مۇسابىقە مەۋسۇمىدە 42.5 مىليون ياۋرۇ چىقىم قىلىپ توپچى سېتىۋالغان ، بۇ مەبلەغ بولسا ھازىرقى يۆتكىلىش بازىرىغا نىسبەتەن سان ھېسابلانمايدۇ ، ئەمدى مادرىتنىڭ قان رەقىبى بارسېلوناغا قاراپ باقساق ، 312.5 مىليون ياۋرو بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىمىز .

بارسېلونادىن كېينكى كۇلۇپ بولسا مانچېستېر شەھىرى بولۇپ ئۇلار 249 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ، ئاندىن قالسا پارىژ سان جىرمان كۇلۇبى 238 مىليون ياۋرو چىقىم قىلغان .

كۈچ بەرمىگەن توپچى

بۇ مەۋسۇم مادرىد كوماندىسى دانى سىبايوس ۋە تىيودىن ئىبارەت ئىككى يېڭى توپچىنى قوشۇۋالدى ، بۇ ئىككى ماھىر كوماندىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ناچارلىشىشقا ئەگىشىپ ، مەيدانغا چىقىش سانى تېخىمۇ ئازلاپ كەتتى ، ئۇنىڭغا قوشۇپ زىدانىنىڭ ھەر يېرىم مەيداندا توپچى ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ بىر سانىنى قىسىۋېلىش بۇلارنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى تېخىمۇ تارايتىۋەتتى ، چىققان تەغدىردىمۇ 80 مىنوتتىن كېيىنكى ئادەم ئالماشتۇرۇش بۇلارغا تازا ئېچىلىش پۇرسىتى بەرمىدى .

ئەمما مادرىد كوماندىسنىڭ قىلغان سودىلىرى ئىچىدە ئاساسلىق ئورۇنغا ئېگە بولغان توپچى بولسا تونى كىروس بولۇپ 2014-2015 يىللىق مۇسابىقە مەۋسۇمىدە يۆتكىلىپ كىلىپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئېگەللىگەن بۇنىڭ ئىچىدە ۋاراتار كىلور ناۋاسمۇ بار ، لېكىن ئالۋارو موراتتا ئاساسلىق ئورۇنغا ئېگە بولالماي كوماندىدىن ئايرىلىشنى تاللىغان .

فىلورىنتىنو پىرىز مادرىتنىڭ رەئىسلىك ئورۇنغا ئولتۇرغاندىن تارتىپ 2013-2014 يىلدىكى مۇسابىقە پەسلىغىچە ، يۆتكىلىش بازىرىغا باشچىلاپ كىرگەن .

2001-2000 مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد 60 مىليون چىقىرىپ لويىس فىگونى سېتىۋالغان ، فىگوغا قوشۇلۇپ يەنە ئىككى ماھىرنىڭ قىممىتى 120 مىليونغا يەتكەن ، بىر يىل ئاتلاپ يۆتكىلىش بازىرىنىڭ سان سىفىرلىرىنى يېڭىلاپ زىدانى بىلەن توختاملاشقان .

2010-2009 مۇسابىقە پەسلىدە رونالدونى 96 مىليونلۇق باھا بىلەن قوشۇۋالغان ، 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە گارىس بىلنى 91 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن كوماندىغا يۆتكەپ كەلگەن .

بىلنى يۆتكەپ كەلگەن شۇ يىلدىن كېيىن مادرىد كوماندىسى يۆتكىلىش بازىرىنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرگەن .

مادرىد كوماندىسى شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت مەۋسۇمدە 278 مىليونلوق سودا قىلغان ،لېكىن باشقا زەردارلار بولسا مانچېستېر شەھىرى 760 مىليون مانچېستېر بىرلەشمىسى 695 مىليون،  بارسېلونا 530 مىليون چىقىم قىلغان .

ئورۇندۇق كۈچىگە سەل قاراش

ئۆتكەن يىلىدا موراتتا ، خامىس ، پىپى ، دانىلو قاتارلىق توپچىلار كوماندىغا ھەقىقەتەن كۈچ بەرگەن ، ئاساسلىق توپچىلارنىڭ يارىلىنىشى ياكى چەكلىنىش بىلەن مەيدانغا چۈشەلمىگەنلىكنىڭ ئورۇننى تولۇقلاپ كەلگەن ، لېكىن مادرىد تېرىنىر زىدانى پىپىنىڭ ئورنىغا نى ، خامىسنىڭ ئورنىغا سىبايوسنى ، كونتىراۋنىڭ ئورنىغا تىيونى ، دانىلونىڭ ئورنىغا ئەشرەفنى دەسسەتكەن ، لېكىن بۇلارنىڭ ياش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى كوماندىغا كۈچ بېرەلمىگەن ، چۈنكى بۇلاردا تېخى مادرىتتەك زەردار كۇلۇپتا توپ تەپكۈدەك شارائىت ھازىرلىنىپ بولالمىغان .

تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىش

قاراپ باقساق يېقىنقى مۇسابىقىلەردە رونالدو ، بىنزىما ، بىل ، كاسمىرو ، كىروس ۋە مارسىلولار تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى ، بىل يارىلىنىشتىن ساقيىپ سەل ياخشىلىنىپ قالغان بىلەن لېكىن كوماندىنىڭ ھازىرىقى ھالىتىگە داۋا بولالمىدى ، زىدانى بولسا يەنىلا بۇ توپچىلارغا قەتئىي ئىشىنىپ يېڭى تاكتىكا قوللىنىپ بېقىشنى خالىمىدى ، مەستانىلەر بولسا تېخى يېقىندىلا بەش لوڭقىلىق بولغان ئىككى يىلدا سەككىز لوڭقىنىڭ ئىگىسى زىدانىغا سوئال بەلگىسى قويۇشقا باشلىدى ، مەستانىلەر زىدانىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىنى بايقىغان بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرىدە قەتئىي مۇستەھكەم تۇرىغان جاھىل مىجەز كىشى ئىكەنلىكىنى ، مۇشۇنداق بىر شارائىتتا چوقۇم بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىشنى ئۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىد قىلدى ، مەستانىلەرنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنى بولسا شۇنچە يىلدا قاراملىق بىلەن كەسكىن قارار چىقىرىۋاتقان مادرىد رەئىسى فىلورىنتىنو پىرىز سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا يوقاپ كەتتى ، ھەتتاكى ئۆزى بىر قوللۇق پۇتتۇرۇپ بولغان ۋارتار كىبا سودىسىنى زىدانىنىڭ تەۋسىيىسى بۇيىچە كەينىگە سۈرۈۋەتتى ، ھازىرقى مۇھىم سوئال بولسا مادرىتقا نېمە بولدى ؟ ئەمەس ، مادرىد رەئىسىگە نېمە بولدى  ئۇ نەگە كەتتى ؟ بولۇپ قالدى .
ئاچچىقلانمىغىن ، ھايات سەن ئويلىغاندىنمۇ قسىقا  

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15441
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957 ياۋرۇ
تىللاسى : 22 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1287 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
ۋاقتى: 2018-1-12 05:39:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بەزى مۇسابىقىلەردە شاشلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن كوماندا روھى تۈۋرىكى رونالدونىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىز بولىشىمۇ مادرىدنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدى ، بىرلەشمىنىڭ بېشىدا تۆت مەيدان چەكلىنىش كوماندىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى ، مارسىلو ،تونى كىروس ، بىنزىمالارنىڭغۇ گىپىنى قىمماي ، ئىشقىلىپ مادرىد كوماندا ئەزالىرىدا بىر خىل روھى خۇلىلىق پەيدا بوپقالغاندەك ،   دۈشمەنلەرنىڭ ۋاقتىدا ئەسلىنى تېپىۋېلىپ بىز مەستانىلەرگە روھىي بېسىم پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشمۇنبەر قىززىقچىسىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9706
تېما سانى : 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 34891 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1092 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-12 06:30:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21- ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بىر كۇلۇپنىڭ ئىپادىسىنى مۇقۇم 3 يىل ساقلىمىقى بەك تەسكە چۈشۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتلەردە مادىرىت ئەزالىرى ئۇدا ئىككى يىل ئۇزغۇنلۇقتا چىمپىيۇن بولۇشتەك رىۋايەت كەبى تارىخى ياراتتى ،   ئەلۋەتتە نەچچە يىللاردىن بىرى 16 كۇچلۇك سىرتىدا قىلۋاتقان 10 نەچچە يىل لوڭقىسىز قىلىپ ئىچىرقاپ كەتكەن ، لوڭقىغا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە تىرىشىش روھى مۇجەسسەملەنگەن مادىرىتنىڭ بۇندا شەرەپلىك نەتىجىنى بەرپا قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە  ،                لىكىن تەجىربىسى مول پىشقەدەملەرنى يەنە بىرە يىل تۇتۇپ تۇرۇپ (مەسىلەن پىپىنى ، جامىسنى ) يىڭى ئەزالارنى شۇلارنىڭ سايىسىدە ئۇسۇپ يىتىلىشىگە يىتەكلەش زورۇر ئىدى ،  لىكىن چوڭ خاتالىق زاپاس ئەزالارنىڭ كۇچ بىرەلمەسلىكى ۋە ئاساسلىق ئەزالارغا ھاردۇق يىتىپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقتەك پاجئەنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى ،          بارسېلۇناغا ئۆز مەيدانىدا ئۇتتۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى ئۇيقىدىن ئويغىتىش سىگنالى بوپ قالدى ، ئەمدى مىدىرمىسا قىرىلىق يەتكەن بۇ دۇنياۋى چولپانلىرىمىز بىلەن ئەلۋەتتە ئۇزۇنغا چاپالمايمىز ،      ئوتتۇرا بىك ، ئوتتۇرا ھوجۇمچى ، بىر ۋارىتارغا زادى بىر ئىھتىياجىمىز با بۇ نوقتىنى ئىنكار قىلالمايمىز ،  بولسا قىشىلىق يۇتكۇلۇش بازىرى يىپىلغىچە بىر سودا قىلىپ ئەزالارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۆز ئارا رىقابەتنىمۇ كەسكىنلەشتۇرۇش لازىم                ، مىباپى بىلەن نىيمارنىڭ بىرسى كىلدىغانلا سىزىم با مەندە      ،       قىنى رەئىس ۋە زىدانى بىز مەستانىلەرنىڭ كۆزى سىلەردە         777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1065
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 427 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1402 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-11-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-12 06:41:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇنداق  ئىھتىياجى  تۇرۇپ   زىدانى قىشلىق بازار كۆزنىكىدە  ئادام ئالماسلىقنى  قاتتىق  جار سىلىۋاتقان   مۇشۇ  پەيىتتە   رەئىس پىرىز  شاققىدە  پۇل چىقىرىپ  يامان توپچىدىن  3 ، 4  نى  گوپپىدە ئەپقالسا  رەئىس بىلەن  مەشقاۋۇل  ئوتتۇرسىدا  زىديەت كۆرنەمۇ     
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8259
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2107 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3020 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-10-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 10:16:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۆزىنىڭ توپچىللىرىغا ئىشەنچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا  ،ھازىرچە بىكار قالغان ئەنچىلودىنى يىرىم پەسىللىك چاقىرىپ كىلىشمۇ ئاقىلانە تاللاش بولىشى مومكىن . ھىدنىكچۇ راس ؟ بىكامۇ ئۇ ئىدەم ؟  مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇپ كۆرەپ بىقىشمۇ ياخشى تاللاش بولشى مومكىن . بۇ يىلقى ھاينىكىس ، نەچچە يىل ئاۋالقى دىماتولادەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ۋاقتى: 2018-1-12 10:17:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15750
تېما سانى : 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2585 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 818 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 10:24:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى بىر بولسا قايتا بىر رەتكە سېلىپ پۈتۈن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ باقىدىغاندەك تاكتىكىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىۋېتەمىكى دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بايرىن لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 612
تېما سانى : 452
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 394286 ياۋرۇ
تىللاسى : 19 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4264 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-8-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 10:56:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ، كوماندىنىڭ پۈتۈن ھالىتى ناچارلىشىپ كەتكەنكى، زاپاس ئەزالارغىمۇ ئاسانلىقچە پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ. قاتمال ھالەتىنى ئوڭشىشى سەل تەسكە توختايدىغان چىراي. بىر كوماندىنىڭ بىر دەۋىر سەلتەنەت سۈرىش(王朝دەپ ئاتىلىشى)ىئاسان گەپ ئەمەس جۇمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16757
تېما سانى : 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22872 ياۋرۇ
تىللاسى : 21 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3604 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 10:58:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FaRuH777 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-12 10:59  

توپچى ئېلىش،توپچى سېتىش ئىشلىرىدىكى بارچە ھوقۇقنى دېگۈدەك زىدانىغا بەرگەندىكىن فۇ قېرىغىمۇ ئامال يوق بولۇپ قالدى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

گېرمانىيە مەستانىسىمادرىد لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10559
تېما سانى : 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10814 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 587 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-4-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 10:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھال ئۇزىنى ئۇڭشاش كىرەك.................
ئايىنىڭ ئۇن بەشى ئايىدىڭ ،ئۇن بەشى قاراڭغۇ.بىر قەدەمىنى خاتا باسساڭ،بىر ئۇمۇر پۇشمان قىلسەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14648
تېما سانى : 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21056 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1725 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-12 11:30:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە مادرىتنىڭ ئورندۇق كۈچى ئۇنچە ئاجىز ئەمەس، لېكىن مۇشۇ زىدانى جاھىللىق قىلىۋاتىدۇ، تاكتىكىسىنى تۈزۈكرەك بىر نېمىگە ئۆزگەرتسە بولاتتى، خامس كەتتى دەيمىز لېكىن بار ۋاقتىدىمۇ چوڭ تىزىملىكتە بولغان بىلەن ئالماشتۇرىدىغان ئەزاغا كەلگەندە ئۇنىڭغا ئالدىراپ سان تەگمىگەن، ھەقىقى ئاجىزلىغان يەر مادرىدنىڭ مۇداپىئەسى پىپى بار ۋاقىتتا ئۇ مۇسابىقىگە چۈشسە خاتىرجەم مۇسابىقە كۆرەتتۇق، ھۇجۇمدا بىنزىمانى بىر ئەدەپلىسە بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى زىدانى تاكتىكىنى بىر يېڭىلىمىسا بولمايدۇ، مۇشۇ ئادەملىرى بىلەنمۇ يازدا بارسلونانى قوش بوغۇزلىغان، نەچچە ئايدىن كىيىن ئۆزى بوغۇزلىنىپ كەتتى، ئەڭ مۇھىم مەسىلە تاكتىكا ئۆزگەرتىش كىرەك، مەن ھازىر زىدانىنى سەگىتىپ قويۇش كىرەك دەپ ئويلايمەن، زىدانى مادرىتقا  لوڭقا ئەپ بەرگىنى راست، بۇ يىل لوڭقا ئالمىسىمۇ مەيلى لىكىن مادرىتنىڭ ئويناش  ئۇسلۇبىنى  بۇنچە  مەززىسىز  قىلىپ قويسا بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18572
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1990 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 74 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2018-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-12 11:35:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد  ئەسلگە گىلىشگە تازا ئىشەنىچى با شۇڭا  ئادەم ئالمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش