كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 29

ئاق قوشۇنغا نىمە بولدى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21078 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2557 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azap375 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-9 22:11  

تۈنۈگۈن سەھەردا ئىلىپ بىرىلغان سېلتا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە خانلىق مادىرىد مىھمان مەيداندا سېلتا بىلەن 2-2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قىلىپ بۇ پەسىللىك جۇغلانما نۇمۇردا 1-ئورۇندىكى بارسىلونادىن بىر مەيدان كەم ئوينىغان ئەھۋالدا 13 نۇمۇر كەينىدە قىلىپ داۋاملىق 4-ئورۇندا كىتىپ بارغان بولۇپ پەسىلنىڭ يىرىمىدىلا بۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قىلىش ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ.ئالدى بىلەن تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىگە نەزەر سالايلى:
Namsiz-3.jpg
F1212D1F7C86A1F1096AF491FC9960ED.jpg
92354ADF232466DFBEF1FA30C36242F8.gif
9B7B93862A6717B5258A6B8BAB3D46C4.gif
65A7FA38FF7091E50C05C262A3746231.jpg
76B32E8AECECF0C8BE9A243F3F694521.jpg
805945A1B160F67F53A2DE051C895055.jpg
خانلىق مادىرىدنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن بۇرۇن بۇ پەسىللىك بىرلەشمە ھەم ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىللىرىگە نەزەر سالايلى،ئالدى بىلەن نەتىجىسى ناچار بولغان بىرلەشمە مۇسقىللىرىگە نەزەر سالايلى:
بىرلەشمە:
بۇ پەسىل خانلىق مادىرىد بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى 12-ئايدا ئىلىپ بىرىلغان دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى سەۋەبلىك بىر ئايلانما كەم ئوينىغان بولۇپ قەمئىي 17 ئايلانما مۇسابىقە ئوينىغان،9 مەيدان غەلبە،بەش مەيدان تەڭلىشىش،3 مەيدان ئۇتتۇرۇش،32 توپ كىرگۈزۈپ،16 توپ كەتكۈزۈش،32 جۇغلانما نۇمۇر ئىلىپ بىرلەشمىدە 4-ئورۇندا مىڭىشتەك پاسسىپ نەتىجە ياراتقان.بۇ پەسىل خانلىق مادىرىد 1-ئايلانمىدا لاكىرۇنىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىپ،3-0 نەتىجىدە غەلبە قىلغان بولسىمۇ،2-ئايلانمىدا ئۆز مەيدانىدا ۋالۇنسىيە بىلەن 2-2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قىلىپ پەسىلنىڭ بىشىدا ناچار باشلىنىش قىلدى،3-ئايلانمىدا دەرىجە ئاتلاپ چىققان كوماندا لەيۋانت بىلەن تەڭلىشىپ كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى.كىيىنكى ئايلانمىدا خانلىق جەمىيەتنىڭ ساھىبىخان مەيدانىدا 3-1 نەتىجىدە يىڭىپ ئازراق تەسەللى تاپقان بولسىمۇ بىراق بۇ ئۇزۇنغا بارمىدى.4-ئايلانمىدا خانلىق بىنتىس كوماندىسى بىلەن ئۆز مەيدانىدا ئۇچرىشىپ 0-1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ بۇ ئۇتتۇرۇش خانلىق مادىرىد كوماندىسنىڭ رەسمىي تۈردە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان بولۇپ چۈنكى خانلىق مادىرىد بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن جەمئىي ئۇدا 73 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا توپ كىرگۈزۈپ كىئىۋاتقان بولۇپ مۇشۇ مۇسابىقىدە خانلىق بىنتىس كوماندىسى ؟ئاخىرقى مىنۇتلاردا خانلىق مادىرىدنى بوغۇزلاپ تاشلاپ بۇ رىكوردنى توختاتقان ئىدى.كىشىلەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن نۇرغۇن پەرەزلەرنى قىلىشقان:رىكورد توختىغان بولسا يائىشى،ئەمدى مادىرىد كاللىسىنى سىلكىپ رىكورد قوغلاشماي،ھەم بىسىم قىلۋالماي ياخشى ئوينايدۇ دىگەندەك.بۇ گەپنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ ئۆتكەن يىلى خانلىق مادىرىد جەمىي 40 مەيدان ئۇدا يىڭىلمەسلىك رىكوردى يارىتىپ ئاخىرىدا سىۋىللا كوماندىسىنىڭ قولىدا بۇ رىكوردى توختىغاندىن كىيىن ۋاقتىدا سەگەكلىشىپ پەسىل ئاخىرىدا بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلۇقىغا ئىرىشپ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتقان.بىراق بۇ قىتىملىق رىكوردنىڭ توختىشى بۇرۇنقىدەك ئاخىرى ياخشى بولمىغان،كىيىنكى 4 ئايلانمىدا تولۇق غەلبە قىلغان بولسىمۇ 10-ئايلانمىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە تۇنجى قىتىم قەدەم باسقان كاتالونىيە رايونىدىكى كوماندا گىرۇنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ كىشىلەرنى ناھايىتى چوڭقۇر ئويغا كەلتۈرگەن.كىيىنكى ئايلانمىدا لاسپارماس كوماندىسىنى،مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن،كىيىنكى ئايلانمىدا ئكز مەيدانىدا مالاگا كوماندىسىنى تەستە مەغلۇپ قىلغان بولۇپ چۈنكى 3-توپنى رونالدو نۇقتا توپ ئارقىلىق كىرگۈزگەن،بۇمۇ ئەجەبلىنىشكە لايىق مۇسابىقە بولۇپ شۇ ۋاقىتلاردا مالاگا كوماندىسى دەرىجە چۈشۈش رايونىدا ئىدى.كىيىنكى ئايلانمىدا خانلىق مادىرىد بېلباۋ رىقابەت كوماندىسى بىلەنمۇ 0-0 نەتىجىدە تەڭلەشكەن،15-ئايلانمىدا كۈچلۈك بولغان سەرۋىليا كوماندىسى بىلەن ئكز مەيدانىدا ئۇچرىشىپ 5-0 نەتىجىدە قىرغىن قىلغانىدى.بىراق بۇ ئەھۋال ھەرگىزمۇ خانلىق مادىرىدنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيتى،كىيىنكى ئايلانمىدا خانلىق مادىرىد دۇنيا كۇللۇپلار لوڭقىسى سەۋەبلىك لىگانىس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى كەينىگە سۈرۈلگەن.ھەمدە ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسى دۇنيا كۇلۇپلار مۇسابىقىسىدىن كىيىنلا ئىلىپ بىرىلغان،بۇ 17-ئايلانما ئىدى.دۆلەت دېربىيسىغا خانلىق مادىرىد دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىغا ئىرىشىپ يىتىپ كەلگەن بولۇپ،كەيپىيات ۋە تەييارلىق جەھەتتە رەقىبىدىن ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى.دىگەندەك ئالدىنقى يىرىم مەيداندا ئىئانلىق مادىرىد كۆپ ئۈستۈنلەككە ئىگە بولغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولمىغان.كىيىنكى يىرىم مەيداندا بارسىلونا كوماندىسى بارا-بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ زور بىسىم ئىلىپ كەلگەن،ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىككى توپ كىرگۈزۈگەن،ئاخىرىقى مىنۇتلاردا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ 3-0نەتىجىدە خانلىق مادىرىدنى قىرغىن قىلغان.ئەسلى مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن خانلىق مادىرىد تىخىمۇ دىققەت قىلىپ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر مەيدان كەم ئوينىغان ھالدا نۇمۇر پەرقىنى 14 نۇمۇرلۇق يۇقىرى پەرقنى چۈشۈرۈشى كىرەك ئىدى بىراق ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىدە سېلتا كوماندىسى پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى چىقىرىپ خانلىق مادىرىد بىلەن تەڭلەشتى،مەغلۇپ قىلالمىغان بولسىمۇ ھەرقايسى جەھەتلەردە خانلىق مادىرىدنى مەغلۇپ قىلدى،مەسىلەن ھۇجۇمنى ئاز قىلغان بولسىمۇ ئۈنۈم ياراتتى،توپ كونتىرول قىلىشىمۇ خانلىق مادىرىدتىن يۇقىرى بولدى.مانا بۇ خانلىق مادىرىدنىڭ بۇ پەسىللىك بىرلەشمىدىكى ئومۇمى نەتىجىسى.
ئۇزغۇنلۇق:
جەمئىي 6 ئايلانما مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،4 مەيدان غەلبە،2 مەيدان تەڭلىشىش،17 توپ كىرگۈزۈش،7 توپ كەتكۈزۈشتەك نەتىجە يارىتىپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىققان.ئۇزغۇنلۇقتا خانلىق مادىرىدنىڭ نەتىجىسى ھەرھالدا يامان ئەمەس بولسىمۇ ياخشى دىگىلى بولمايدۇ،گىرىتسىيە رىقابەت كوماندىسىغا جەمئىي 9 توپ ئۇرۇپ 0 توپ كەتكۈزۈپ ساھىبخان،مىھمان مەيداندا تولۇق يەڭگەن بولسۇن،ياكى ئۇزغۇنلۇقتىكى يىقىنقى يىللاردىكى بىشىنى ئاغرىتىپ كىلىۋاتقان رەقىبى دورتموندنىڭ ساھىبىخان مەيدانىدا يىڭىپ قارغىشنى بۇزۇپ ۋە قوش يەڭگەن بولسىمۇ بۇ نەتىجىنىڭ ياخشىلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،چۈنكى گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىققان رەقىبى توتتىنھام رىس بىلەن ئۇچراشقاندىكى نەتىجىسى ئادەمنى ئويغان سالماي قويمايدۇ چۈنكى خانلىق مادىرىد بۇ كوماندا بىلەن ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىپ،مىھمان مەيداندا 3-1 نەتىجىدە يىڭىلىپ قالغان بولۇپ بۇ كىشىنى گۇمانغا سالاتتى،چۈنكى گىرىتسىيە رىقابەت كوماندىسى مادىرىدقا خىرىس قىلالىغۇدەك ھالدا ئەمەس،دورتموند كوماندىسى خانلىق مادىرىدقا باش ئاغرىقى بولۇپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆتكەن يىلقى ھالىتىدىن كۆپ ئاجىزلاشقان.پەقەت توتتىنھام رىس كوماندىسىلا ھەرھالدا مادىرىد بىلەن ئىلىشالىغۇدەك ھالەتتە ئىدى.
شاھلىق:
شاھلىق لوڭقىسىدا جەمئىي 3 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ،بىر مەيدان تەڭلىشىش،ئىككى مەيدان ئۇتۇش،8 توپ كىرگۈزۈپ،2 توپ كەتكۈزۈشتەك نەتىجە ياراتقان.ھەر ئىككى رەقىبى ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىن كەلگەن كۇلۇپلار بولۇپ بىرى فۇئېنلابرادا كوماندىسى،يەنە بىرى نۇمانسىيە كۇلۇبى.بۇ مۇسابىقىلەردىمۇ خانلىق مادىرىد ئاساسلىق زاپاس ئەزالىرىنى سالغان بولسىمۇ،كىرگەن توپلارنىڭ 4 نۇقتا توپ،رەقىبى ب بىرلەشمىدىن كەلگەن بولۇش سۈپىتى بىلەن خانلىق مادىرىد ئۆز مەيدانىدا فۇئېنلابرادا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ بۇمۇ بەك ياخشى نەتىجە ئەمەس.
دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقسى:
2 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،تولۇق يەڭگەن،ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ،بىر توپ كەتكۈزگەن.بۇ مۇسابىقىلەردىمۇ خانلىق مادىرىد تولۇق غەلبە قىلىپ لوڭقىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ،قارشى تەرەپتىكى رەقىبلىرىنىڭ ھالىتىدىن قارىغاندا ناھايىتى ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.چۈنكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا 2-1 نەتىجىدە تەستە يەڭگەن بولسىمۇ كىيىنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ مادىرىدنى خىلىلا ئاۋارە قىلغان بولۇپ،خانلىق مادىرىدنىڭ گىگانىت چولپىنى رونالدونىڭ شەخسىي قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئىختىيارى توپىغا تايىنىپ تەستە غەلبە قىلغان.
مانا بۇلار خانلىق مادىرىدنىڭ بۇ پەسللىك ئومۇمىي مۇسابىقىللىرى بولۇپ،ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىدىسىن بۇيان ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىللىرى بايان قىلىندى،ئەمدى گەپكە كەلسەك خانلىق مادىرىدقا زادى نىمە بولدى؟نىم ئۈچۈن كۈچلۈكلا ئەمەس،ئاجىز كوماندىلارنىمۇ ئۇتۇشى تەسكە توختايدۇ؟مەن تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ چولتا قارىشىمنى سۆلەپ ئۆتمەكچىمەن.
1-مەسىلە:زىدانى
B7091120199B7927509319FA728593ED.jpg
خانلىق مادىرىدنىڭ مۇسابىقىللىرىگە بىۋاستە قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن زىدانىنىڭ ھوقۇقى ھەرگىز كىچىك ئەمەس بولۇپ،بۇرۇندىن تارتىپ سودا قىلىشقا ئاكتىپ رەئىس فىلورىنتومۇ زىدانى ۋەزىپىگە .ئولتۇرغاندىن بۇيان زىدانىغا كۆپ قىسىم ھوقۇقلارنى بەرگەن بولۇپ مۇسابىقىدە قانداق تاكتىكا ئىشلىتىش،كىمنى ئىشلىتىپ،كىمنى زاپاس قىلىشىغا مۇتلەق ئارلاشمايدۇ.ھەم ئۆزى كۆپلىگەن سودىلارنى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان بولسىمۇ زىدانىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى،مىسال:دىھىيا سودىسى،بۇ سودىدا فىلورىنتو دىھىيانى بىرنابۇ مەيدانىدا كۆرۈشنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ باش مەشقاۋۇل زىدانىنىڭ قايتا-قايتا:بىز قاپقىچى قوشۇۋىلىشقا مۇھتاج ئەمەس،مەن بۇ ئورۇندىكى ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىدىن تولۇق رازى.دىگەندەك سۆزلىرى ئۇنى توختىتىپ قويدى.ھەم بىنىزمانى سىتىپ چىقىرىشتەك ئويى بولسىمۇ زىدانىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلدى،ئالدىنقى پەسىلدە زاپاس بولۇپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان موراتانىڭ ئىپادىسى ئاساسلىق بولۇپ چۈشكەن بىنىزمانىڭ ئىپادىسىدىن قالتىس بولسىمۇ زىدانى يەنىلا جاھىللىق بىلەن:مەن ئۈچۈن ھۇجۇمچىنىڭ ۋەزىپىسى توپ كىرگۈزۈشلا ئەمەس،مەنلا ھايات بولىدىكەنمەن بىنىزمانى ئاداققىچە قوغدايمەن.دىگەن ئىبارىلەر ھەرقىتىملىق بىنىزمانىڭ ئىپادىسى توغۇرلۇق زىدانىغا قويۇلغان سوئاللار ئالدىدا ياڭراپ تۇردى.خامىس رۇدرىگۇر،پى پى،مارىيانو،موراتالار ئۆزىگە بىرىلگەن پۇرسەتلەرنىڭ يىڭى پەسىلدىمۇ ئاز بولۇشىنى پەملەپ يىڭى ماكان تۇتۇشنى لايىق تاپتى ۋە ئاشۇ جايلاردىكىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشماقتا.ئەكسىچە ئۆزىگە رەقىب كوماندىدا رەقىب قالمىغان بىنىزما ئۆزىنىڭ ئاكىسى ۋە ئۇستازى ئورنىدىكى زىدانىنىڭ ئەجرىگە لايىق جاۋاب قايتۇرمايلا قالماي پۈتۈن كوماندىنىڭ يۈكىگە ئايلانماقتا.ئەشۇ مادىرىدتىن كەتكەن توپچىلار ھەرھالدا كوماندىنىڭ زاپاس ئەزالار كۈچىنى ئاشۇرغان،ئاساسلىق ئەزالارنى ھەرۋاقىت سەگىتىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى.زاپاس ئەزا كۈچى كۈچلۈك بولغاچقىلا زىدانى ئالدىنقى پەسىل كوماندىنىڭ 1-نۇمۇرلۇق چولپىنى رونالدونى خىلى كۆپ قىسىم مۇسابىقىلەردە ئارام ئالدۇرۇپ،ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بىسىمنى ئازايتىپ پەسىل ئاخىرىدىكى زىچ ۋە مۇھىم مۇسابىقىلەردە ئۇنىڭ ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان.
2-مەسىلە:تاكتىكا
تاكتىكىلا ياخشى،ھەم ئۈنۈملۈك بولسا ھەرقانداق كۈچلۈك كوماندىغىمۇ تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ،ھەرقانداق مۇداپىيە ۋە ئىسىل ئويناش ئۇسلۇبلىرىنى يىمىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.بۇ جەھەتلەردە،ئالدىنقى پەسىلدىكى خانلىق مادىرىدنىڭ 40 مەيدان يىڭىلمەسلىك رىكوردىنىڭ كۈچ پەرقى روشەن ھالدا پەرىقلىندىغان سەرۋىليانىڭ ئالدىدا توختىشىنى مىسال ئالساق شۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن زىدانى زاپاس ئەزالىرىنى سىلىش ئارقىلىق سەرۋىليانى بىر قىتىم ئۇتۇپ بىر قىتىم تەڭلىشىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا رىكوردنى 40 مەيدانغا ئاپارغان،بىراق شۇ مۇسابىقىدە پۈتۈنلەي ئاساسلىق ئەزالىرىنى سىلىپمۇ ئۇلارغا يىڭىلگەن،سەرۋىليا توپچىللىرى سامپاۋلى تاپشۇرغان ۋەزىپە ۋە تاكتىكىنى ياخشى ئورۇنداپ خانلىق مادىرىدنىڭ شۇنچە كۈچلۈك رەقىبلىرىمۇ توختىتىپ قالالمىغان قەدىمىنى توختاتقان.بۇ پەسىلدىكى 73 مەيدان توپ ئۇرۇش رىكوردىنى توختاتقان خانلىق بىنتىس كوماندىسىمۇ شۇ.ھەم بۇ پەسىللىك ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقى ۋە ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلۇقىدىكى قىززىق نۇقتىلىق كوماندا مانچىستىر شەھرىنىڭ ئۇدا غەلبە قىلىش رىكوردىنى ھەر يىللىق ئۇزغۇنلۇقتىكى ئىپادىسى ناچار بولىۋاتقان دونسىتك كان ئىشلىرى كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا توختىتىشى بولسۇن ۋە ياكى مانچىستىر شەھرىنىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 18 مەيدان ئۇدا غەلبە قىلىش رىكوردىنى دەرىجە چۈشۈش رايونىغا يىقىن خىرۇستال ئوردا كوماندىسىنىڭ توختىتىشى بولسۇن يەڭگۈچى كوماندىلار قىلىش تەس بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىغان ۋە شۇ مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق تىرىشچانلىق ۋە ياخشى بولغان تاكتىكا ۋە ئۇنى جان تىكىپ ئىجرا قىلىش بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىغان.مادىرىد باش مەشقاۋۇلى زىدانىمۇ بۇ جەھەتلەردە خىلى ئۇتۇق قازانغان بولۇپ شۇ ئارقىلىق ئىككى يىلدىن بىرى ياۋروپانىڭ غوجىسىغا ئايلىنىپ،ئۇدا ئۇزغۇن بولۇشتەك نۇرغۇن كوماندىلار ئەڭ كۈچلۈك مەزگىللىرىدىمۇ قىلالمىغان ۋەزىپىنى ئورۇندىغان.ئەڭ ئاددىيسى ئۆزى خانلىق مادىرىدقا مەشقاۋۇل بولغاندىن كىيىنكى تۇنجى دېربىيدا 10 ئەزاسى قالغان شارائىتتىمۇ يەنىلا غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ شۇ چاغدىكى ئۇدا 39 مەيدان يىڭىلمەسلىك رىكوردى ياراتقان بارسىلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ مادىرىدقا بىر چوڭ ئۈمىد بىغىشلىغان،ھەمدە بۇ پەسىلدىمۇ شۇ كۆرۈنۈشنى يەنە بىر قىتىم تەكرارلىغان.زىدانىنىڭ خانلىق مادىرىدتا ئىشلەتكەن تاكتىكىللىرى مۇنداق ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:
3-سەپ شەكلى
تۇنجى پەسىلدە ئىپادىسى ياخشى بولمايۋاتقان ئىسكو،خامىس رۇدىرگۇرىزلارنى سوغۇق ئۇرۇندۇققا بەند قىلىپ،يىڭى يۇلتۇز كاسمىروغا پۇرسەت بەرگەن ۋە كاسمىرو،مۇدرىچ،كىرۇسلاردىن تۈزۈلگەن تەڭداشسىز ئوتتۇرا مەيدان سىپى بىلەن مۇداپىيەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش تاكتىكسىنى قوللىنىپ دۆلەت دېربىيسى ۋە ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىدەك مۇھىم مۇسابىقىلەردە غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن،ئۇ چاغلاردا زىدانى توپچىللىرىغا ئاكتىپ توپ تالاشماسلىق بىراق قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىش ۋە شۇ ھامان قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەزىپىنى يۈكلىگەن،كاسمىرو ۋە پى پىلاردەك ئورۇن تولۇقلىشى ياخشى بولغان توپچىلار بولغىنى ئۈچۈن سەبداشلىرى خاتىرجەم ھالدا ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان.چۈنكى شۇ چاغلاردا زىدانى بارسىلونادىن 12 نۇمۇر ئارقىدا قىلىپ،شاھلىق لوڭقىسىدىن ئىلگىرىكى مەشقاۋۇل بىنتىز سەۋەبلىك بۇرۇنلا خوشلىشىپ،ھەم ئۆزى يىرىم يولدىلا مادىرىدنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغا ئالغاچقا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانىدى.بۇ پەسىلدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەردە ئىشلىتىلگەن سەپ شەكلى 4141 سەپ شەكلى بولۇپ رونالدو بىلەن بىل ئىككى تەرەپتىن سەبداشلىرى بىلەن ئەكىرگەن پاسلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا سەبداشلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان.ئوتتۇرا مەيداندا تۆمۈر ئۈچبۇرجەكنىڭ رولى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.رونالدو بىلەن بېل تىپىك يان كىرايغا ئايلىنىپ ئورنى كەينىگە سۈرۈلگەن،كىرۇس بىلەن مۇدرىچنىڭ مۇداپىيەگە ئاكتىپ قاتنىشىشتەك بۇ يۈكى كاسمىرونىڭ قاتتىق بولغان مۇداپىيەسى بولغاچقىلا ينىكلىتىلگەنشۇ پەسىلدىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە كۈچى يىتەرلىك بولمايۋاتقان ۋە مۇداپىيەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشتەك تاكتىكىنى قوللانغان خانلىق مادىرىدقا نىسبەتەن بۇ سەپ شەكلى نەقلا چۈشكەن،ۋە 11-ئۇزغۇنلۇقنى ئىلىپ ئۇدا ئىككى پەسىل قۇرۇق قول قىلىشتىن ساقلانغان.
ئىككىنجى پەسىل زاپاس ئەزالارغا پۇرسەت بىرىش،ۋە رەقىبلىرىگە ئاساسەن مۇئامىلە قىلىش قىسقىسى:سۇغا بىقىپ ئىشتان سىلىشتەك تاكتىكىنى قوللانغان بولۇپ بۇ پەسىلدىمۇ يەنىلا كاسمىرو،مۇدرىچ،كىرۇسلاردىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەيدانغا تايانغان،ۋە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا يىقىن كەلتۈرمەسلىكتەك تاكتىكىنى قوللانغان،خانلىق مادىرىد بۇ پەسىلدە كۆپ قىسىم رەقىبلىرىنى قىرغىن قىلغان ياكى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىلەردە رەقىبىدىن توپ كونتىرول قىلىشى تۆۋەن بولغىنى كۆزدە تۇتۇلغاندا بۇ پەسىلدە خانلىق مادىرىدنى يەنىلا ئۆز ئەنئەنىسى بولغان ئۇزۇن پاس ۋە قايتۇرما ھۇجۇمنى تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى پەللىگە ئىچىقىپ شۇ تاكتىكىنى قوللانغان دەپ كىسىپ ئىيتىشقا بولىدۇ.ئىشلەتكەن سەپ شەكلىگە پەسىل ئاخىرىدا كاسمىرو مۇدرىچ،كىرۇسلاردىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەيدانغا ئىسكونى قوشۇپ 41212 سەپ شەكلىنى قوللانغان،بۇ ئارقىلىق ئىسكونى ئالدى بەل قىلىپ ئىشلىتىپ،شەخسىي تىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ سەبداشلىرى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن پاسلار مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىنىزما ۋە رونالدوغا يەتكۈزۈلۈپ تۇرغان ۋە ھۇجۇمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ رونالدو بىلەن بىنىزمانىڭ قارشى تەرەپنىڭ قىسمىقىغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ساقلانغان.
تاكتىكىدىكى ئۆزگىرىش
Namsiz-1.jpg
بۇ پەسىلدە خانلىق مادىرىدتا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ،تاكتىكا ۋە ئەزالارنىڭ رولىدا قىسقىسى باش قوماندان زىدانىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ،دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىنىڭ ئىككىنجى ئۇچرىشىشدا ئىلىپ بىرىلغان دۆلەت دىربىيسىدا زىدانى توپ كونتىرول قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىكى مەشقاۋۇللارمۇ ئورۇندىيالمىغان بىر ۋەزىپىنى ئورۇندىدى ئۇ بولسىمۇ دەل قان رەقىبىدىن توپ كونتىرول قىلىشتا ئۈستۈنلۈككە ئىرىشىش،زىدانىنىڭ بۇ مەيداندىكى غەلبىسى تولىمۇ مۇكەممەل بولغان بولۇپ ئۈنۈم،شەكىل جەھەتتە رەقىبىنى تولۇق مەغلۇپ قىلغان.ھەتتا بارسىلونا توپچىسى پىكمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ:مەن بارسىلونانىڭ مادىرىدتىن ئاجىزلىقىنى 9 يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم ھىس قىلدىم دىگەن.بىراق دەل مۇشۇ غەلبە بىلەن زىدانىدا بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەرنى مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىلىپ بىرىشتەك بىر ئىستەكنى تۇرغۇزۇپ قويدى ۋە جاھىللىق بىلەن مۇشۇ ئۇسۇلدا چىڭ تۇردى.بىراق زىدانى شۇنى ئويلىمىدىكى خانلىق مادىرىد ئەزەلدىن بىر قىلىپقا چۈشۈۋىلىپ مۇسابىقە ئوينايدىغان كوماندا ئەمەسلىكى ۋە ئۇستازى ئەنچىلوتتىنىڭ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئاخىرقى پەسىل قوللىنىپ مادىرىدنى قۇرۇق قول قويغىنى.بۇ ھەرگىز ئاساسىز ئەمەس بولۇپ بۇ پەسىلدىكى خانلىق مادىرىدنىڭ غەلبە قىلغان،تەڭلەشكەن.ئۇتتۇرغان مۇسابىقىللىرىگە قارايدىغان بولساق توپ كونتىرول قىلىپ ئۇتقان كوماندىللىرىنڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى ھەتتا شۇلارنىڭمۇ بۇ پەسىلدىكى ئەھۋالىنىڭ تازا ياخشى ئەمەس كوماندىلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.ئۇتتۇرغان ۋە تەڭلەشكەن مۇسابىقىللىرىنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك خانلىق مادىرىدنىڭ توپ كونتىرول قىلىشىنىڭ خىلى يۇقىرى ئورۇندا ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ،ئۇتتۇرغان مۇسابىقىللىرىدە بارسىلونانىڭ توپ كونتىرول قىلىشى خانلىق مادىرىدتىن يۇقىرى بولغان بولسىمۇ تاكى خانلىق مادىرىد 2-توپنى يىگۈچە ئارلىقتا بارسىلونادىن توپ كونتىرول قىلىشى يۇقىرى تۇرغان.بارسىلونا كوماندىسىمۇ تاكى ئاشۇ ئىككىنجى توپنى مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگۈزگىچە بولغان ئارلىقتا رەقىبىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشىنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى بولۇشىغا سەۋىر قىلىپ،رەقىبىدەك توپ كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى تارتقۇزۇپ قويغان ھامان قارىغۇلارچە توپ تالىشىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلانغان.
سەپ شەكلىدىكى كەمتۈكتۈك
Namsiz-2.jpg
بۇ پەسىلدىكى سەپ شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ۋە توپچىلارنىڭ مەيداندا ئۆتىۋاتقان رولىغا كەلسەك،يەنىلا ئالدىنقى پەسىل ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىدىكى سەپ شەكلى ۋە ئەزالار كۆپرەك مەيدانغا چىققان بولۇپ بۇ قىتىم شەخسىي تىخنىكىسى يۇقىرى تۇرىدىغان ئىسكو بىلەن مارسىلو بىرلىكتە سول قانات ھاسىل قىلغان،كاسمىرو بۇرۇنقىدەك ئارقا بەل ئورۇنىدىلا تۇرۇپ مۇداپىيەگە مەسئۇل بولۇشتەك ھالەتتىن يىراقلاشقان بۇنى نوقۇللا زىدانىنىڭ تاكتىكىسىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ،چۈنكى توپچىلار پەقەت ئىجرا قىلغۇچىلار ئۇلار ھەربىر مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت تېرنىر تاپىلىغان ئىشلارغىلا مەسئۇل بولىدۇ،كاسمىرونىڭ ئورنىنىڭ ئالدىغا سىلجىشى ۋە ئەركىن بولۇشىغا ئەگىشىپ كىرۇسنىڭ ئىپادىسى تىك سىزىق بويىچە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ بۇنى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ كەينىگە سۈرۈلۈپ ئارقا بەل ئورنىدا تولىراق پەيدا بولىۋاتقانلىقى ھەم پاس يەتكۈزۈپ يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىدىنمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ،ھەم مادىرىدنىڭ كىشلەرنى چۆچۈتىدىغان يەنە بىر ئىشى دەل راموس بىلەن ۋارانىنىڭ ئانچە-مۇنچە قارشى تەرەپ ۋارتارى ئەتراپىغا چىقىۋىلىشىمۇ ئەلۋەتتە تېرنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ چۈنكى بۇ ئىككى مۇداپىيەچىنىڭ كاللا توپ ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ زىدانى بۇلارنىڭ قارشى تەرەپ مەيدانىدا پەيدا بولۇشىغا يول قويۇش ئارقىلىق بۇلاردىن پايدىلنىشتەك مەقسىتى بارلىقىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.يەنە بىر مەسىلە توپچىلارنىڭ شەخسىي ئىقتىدارنىڭ چەكلىنىپ قىلىشى بولۇپ،ئاسسىنسىئو بۇرۇنقىدىن كۆپ كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن،كىۋاچىچنىڭ مادىرىدقا نەقلا چۈشىدىغان قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىشى توسالغۇغا ئۇچرىغان،توپچىلارغا ھەم توپ كونتىرول قىلىش ھەم مۇداپىيەگە قاتنىشىشتەك ئىغىر ۋەزىپە يۈكلىنىپ توپ تارتقۇزۇپ قويغان ھامان ياۋايىلارچە توپ كونتىرول قىلىشنى تالىشىش،قارشى تەرەپ توپ تارتىۋىلىشقا ھەرىكەت قىلغان ھامان قارىغۇلارچە پاس بىرىپ پاس ئۈنۈمنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى.زىدانىنىڭ بەزى مۇسابىقىلەردە ئادەم ئالماشتۇرۇشنى ناھايىتى كىچىكىپ قىلىشى،ھەمدە پەقەت ئىككىلا ئادەم ئالماشتۇرىشى دىگەندەك ئىشلار تولا كۆرۈلىۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە مادىرىدنىڭ بۇ ھالەتلىرى مەۋجۇت بولغىنىدەك ئاكتىپ ئامىللارمۇ بولۇپ بۇنى تۆۋەندە بايان قىلىپ ئۆتىمەن:
1-كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى
D931A6D23BA95A5E6B863816B6B954BB.jpg
بۇ دەل مادىرىدقا يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىق ئامىل بولۇپ ھازىرغىچە كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى توغرىسىدا ئۆسەك خەۋەرلەر چىقمىغان ھەم مەيدان ۋە مەشق ۋىدىئولىرىدىمۇ توپچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە نۆۋەتتە مادىرىدتىكى مەسىلە پۈتۈن كوماندىنىڭ ۋەزىپىسى بولغىنى ئۈچۈن بۇ ھالەت يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ.
2-ئۇسلۇبتىكى غەلبە
تىمىدا ئىيتىلغاندەك مادىرىدنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم ۋە ئۇزۇن پاس بولغىنى ئۈچۈن غەلبە قىلغان كۆپ قىسىم مۇسابىقىلەر ۋە ئۇرۇلغان توپلار ئاساسەن مۇشۇ ئۇسلۇب ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان.يەنى مادىرىد توپ كونتىرول قىلىشىنى قوغلاشمىغان مۇسابىقىلەردە خانلىق مادىرىد تولۇق ئۇتقان.دىمەك بۇ ئىيتىلغان ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇسلۇبتا ساقلانغان،بىراق تېرنىرنىڭ داۋاملىق بۇ ئۇسۇلنى قوللانغۇسى كەلمىگەن.
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ چولتا پىكرىمگە ئاساسەن بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىشنىڭ چارىسىنى ئاددىي بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
بىنىزمانى زاپاس،مايورالنى ئاساسلىق قىلىپ بىنىزمانى سەگىتىش،تىئو،ناچو،سىباللوسقا كۆپرەك پۇرسەت بىرىش،ئۇسلۇبتا ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىش،پەسىل يىرىملاشقىنى يىرىم يولدا قايتا تاكتىكا سىنىقى ئىلىپ بارماي،ئۆزى تۇتقان تۇنجى پەسىلدىكىدەك مۇداپىيەنى ئاساس قىلىش،كاسمىرونى بۇرۇنقى ئورنىغا ئەكىلىش،بىرلا ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئىشلىتىش،بۇ ئورۇنغا رونالدو،بىنىزما،مايورالنى نۆۋەتلىشىپ چۈشۈرۈش.مارسىلو،كىرۇسنى ئارام ئالدۇرۇپ مۇھىم مۇسابىقىلەرگە كۈچ ئاياش.تۆۋەندە مەن مادىرىدنى مۇنداق سەپ شەكلىنى قوللىنىپ باقسىكەن دەيمەن.
Namsiz-4.jpg
1-سەپ شەكلى 41212 سەپ شەكلى بولۇپ،بۇ سەپ شەكلى ئاساسەن مۇداپىيەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا چۈشىدىغان بولۇپ،راموس،كاسمىرو،ۋارانىدىن تۈزۈلگەن ئۈچبۇرجەك مۇداپىيەنى قوغداپ سەبداشلىرىنىڭ خاتىرجەم ھالدا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش شارائىتى يارىتىپ بىرىدۇ،ئوڭ تەرەپتە مۇداپىيەگە ئاكتىپ لۇكاس بىلەن كارۋاخال ۋاقتىدا مۇداپىيەگە يانالايدۇ.سول تەرەپتە مارسىلونىڭ شەخسىي تىخنىكىسىغا قوشۇلۇپ بېلنىڭ تىزلىكى ھۇجۇم كۈچىنى يۇقىرى بالداققا ئىچىقىدۇ.رونالدونىڭ ئارقىدىكى ئىككى سەپدىشى بولسا سەبداشلىرى تەرىپىدىن يەتكۈزۈلگەن پاسلارنى سۈپەتلىك ھالدا رونالدوغا يەتكۈزىدۇ.كىرۇسنىڭ تۇيۇقسىز قارشى تەرەپ مەيدانى ئالدىدا پەيدا بولۇپ ۋارتارغا تىپىدىغان ئالادىھىلكى بىلەن مۇدرىچنىڭ ۋايىغا يەتكەن توپ كونتىرول قىلىشى ۋە قايتۇرما ھۇجۇمدىكى ئالاھىدىلكى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.ھەر بىر ئورۇندىكى توپچىلارنىڭ ئالاھىدىلكىگە ئاساسەن زاپاس ئەزالار بولىدۇ،ئەگەر كىرۇسنىڭ ئورنىغا ئىسكو چۈشۈرۈلسە مۇدرىچ ئىككىسىنىڭ شەخسىي تىخنىكىسى قارشى تەرەپ توپچىللىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ رونالدونى ئىسكەنجىگە ئىلىنىشتىن ساقلايدۇ.رونالدوغا بىنىزما،مايورال،بېلغا ئاسسىنسىئو،كىرۇسقا سىباللوس،ئىسكو،مۇدرىچقا كىۋاچىچ،لۇكاسقا تىزلىكى يۇقىرى ناچو.مارسىلوغا تىئو،ۋارانى بىلەن راموسقا ناچو،ۋالىخو.كاسمىروغا ماركوس لورىنتى زاپاس بولىدۇ.
2-خىل سەپ شەكلىدە،راموس،كاسمىرو،ۋارانىدىن تۈزۈلگەن ئۈچبۇرجەك مۇداپىيەگە،كىروس،مۇدرىچ،ئىسكودىن تۈزۈلگەن گۇرۇپپا پاس يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولسا،كىرۇس ئاساسلىق پاس بىلەن يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولسا بولىدۇ.بېل مارسىلوغا ياردەملىشىپ ياندىن توپ ئەكىرىشكە بولىدۇ،بۇ سەپ شەكلىدە ئاساسلىقى ئوڭ تەرەپتىن توپ يەتكۈزىلىدىغان بولۇپ ئەزەلدىن ئاجىز بولغان بۇ تەرەپ ئاساسلىق پاس يەتكۈزۈش لىنسىيسى بولغاندا كارۋاخالنىڭ بۇ رايوندا يالغۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.ھۇجۇمنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى رونالدو،ئاساسلىق تايانچ كىرۇس،ئەگەر كىرۇستىن پاس تارتىۋىلىنسا كاسمىرو ئارقىدا يىتىشەلەيدۇ.
يۇقىرىقىلار پەقەت مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم،ۋە چولتا كۆز-قاراشلىرىم،ئەلۋەتتە مۇكەممەللىكتىن كۆپ يىراق،ھەم تىمىدا ئىيتىلغان كەمچىللىكلەر پەقەت زىدانىنىڭ مۇشۇ پەسىلدە تۇتقان ئۇسلۇبىغىلا قارىتىلدى،بىراق كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ھازىرمۇ زىدانىنىڭ تىزگىنىدە،مادىرىدنى قانداق تۇتۇشمۇ زىدانىنىڭ قارارى بويىچە بولىدۇ،زىدانى ھەم مۇشۇنچىۋىلا پاسسىپ نەتىجىلەر بىلەنمۇ كوماندىنى ساق-سالامەت تىنىچ تۇتۇپ كىلىۋاتقانكەن زىدانى يەنىلا ھۆرمەتلىنىشكە تىگىشلىك.ئەلۋەتتە ئۆز مەستانە كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى كىشىنى ھەرجەھەتتىن پىكىر،ۋە ئويلاشقا سادىر قىلىدۇ،شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمي تەكلىپ-پىكىرىنى بۇ تىمىغا تۆكۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 يىغىش سەۋەبى
تۇرانى + 50 قالتىس!
kuqarim1 + 50 + 10 + 10 چەستەي

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17883
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3624 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 300 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-2-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-18
ۋاقتى: 2018-1-9 23:05:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىما بوپتۇ. مۇلاھىزىلەرمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ، زىدانى كاللىسىنى سىلكىۋەتسە بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18028
تېما سانى : 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 202 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-9 23:07:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانلىق مادرىد ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسىنى خىلى ياخشى جارى قىلدۇرغان ئىدى بىراق بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئازىراق ئاجىزلىشىپ كىتىپتۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6011 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2828 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-9 23:22:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىتتىكى   ئەڭ چوڭ خاتالىق     ياراملىق   ئادەملىرىنى سېتىپ   لايىقىدا   ئادەم   تۇلۇقلىماسلىق    مادىرىتنىڭ   گۈھىرى   يول باشچىسى   رونالدونىڭ   قېرىشى   
مادىرىتنىڭ رونالدوغا   ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشى   رونالدونىڭ ئىپادىسى چىكىنىشى بىلەن پۈتۈن بىر كوماندىنىڭ  ئىپادىسى چىكىنىشى بولدى
قايتۇرما  ھۇجۇم ئويناي دىسە    رونالدو  مۇدىرىچنىڭ   يېشى   چۇڭۇيۇپ   سۈرئىتى ئاستىلىدى    بىنىزمانىڭ   ھالى شۇ   ئېسكو    ئېسكو بولسا   توپنى   جىقىراق    ئوينىتىپ   ھۇجۇم سۈرئىتىنى   ئاستىلىتىپ قۇيىدۇ
مۇداپىئە سىپىمۇ ياخشى ئەمەس   كارۋاخال   راموس   تۇلۇق   مۇسابىقە ئوينىيالمىدى   پۇلات قالقان   پىپى   كىتىپ قالدى   مارىسلو   ھۇجۇمغا چىقىپ كەتسە   مۇۋاپىق ئۇرۇن تۇلۇقلايدىغان ئادەم يوق  نەچچە يىلدىن بۇيان پىپى تۇلۇقلاپ كەلگەن  ۋارانى   قاملاشتۇرۇپ بۇلالمىدى
ئىشەنچىلىك زاپاسلىدىن   دانىلو   خامىس    دىيازمۇ   ھېلىقى فىرانسىيەگە   كەتكەن  مۇراتا   يوق       يۈگۈرۈپ قۇپۇپ تاكتىكا   ئۆزگەرتەي   دىسە   شۇ تاكتىكىغا   چۈشكىدەك   مۇۋاپىق ئادەم بولسا بۇلىدۇ
بۇ يىل قۇشىۋالغان   توڭ   سويمىلىغا   ئىشەنگىلى   بۇلاتتىمۇ
ئىش قىلىپ  بۇ يىل يازلىق بازاردا   چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16190
تېما سانى : 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6604 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1297 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-9 23:29:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي   يەنە  دىسەم   يەنە  شۇ       مۇشۇنداق  قىلىۋەرسەڭ  زىدانى   كەسپى  ھاياتىڭ  چىكىت،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئايلىنىشى مۇمكىن ! …
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12092
تېما سانى : 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 460 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4456 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-1-12
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-9 23:38:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىنشىيوغا بوشلۇق ھازىرلىسا بولىتى ئەمدى ،سول تەرەپنى بەرسە ، ببس دىن بىرنى زاپاس قىلدىغان يەرگە كەلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12092
تېما سانى : 66
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 460 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4456 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-1-12
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-9 23:42:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىروستا چارچاش ئېغىر ، كىۋاكىچنى ئەكەپلا دىربىغا سېپ قويدى ، ئەسلى مېسسنى باقىدىغان ئادەم ۋارانتى ، ھەم بېل ساقايمىسا تېز سۈرەتلىك قايتاېما ھۇجۇمنى كۆرەلمەيدىغان ئوخشايمىز ئەمدى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21078 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2557 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-1-9 23:56:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
130112 يوللىغان ۋاقتى  2018-1-9 23:42
كىروستا چارچاش ئېغىر ، كىۋاكىچنى ئەكەپلا دىربىغا سېپ ق ...

ئاۋۇ بىر سۈرەتكە قاراڭلا،چاتما رەسىمگە،پۈتۈن يۈكنى كىرۇسنىڭ يەلكىسىگە يۈكلەپ قويغاندەكلا،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىشقا دىققەت قىپ قالدىم،كىرۇس چارچاپ،ئىپادىسى ياخشى بولمىسىمۇ زىدانى ئەزەلدىن بۇنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلمامدىغاندۇ دەپ قالىمەن،بۇ پەسىل كاسمىرو بۇرۇنقى تىپىك ئارقا بەلدىن ئوتتۇرا مەيداندىكى ئەڭ ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىپ زىيان بەك چوڭ بوپ كەتتى،كاسمىرونى تاپالمايلا قالىمەن مۇسابىقىلەردە.مادىرىدتىكى مەسىلە يەنىلا ئويناش ئۇسلۇبى ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سەرۋىليادەك بىرلەشمىگە نىسبەتەن خىلى كۈچلۈك كوماندىنى ئالدىنقى يىرىم مەيداندىلا 5-0 قىلالمايتى،دورتموندنىڭ ساھىبخان مەيدانىدىمۇ يىڭىلىپ ياكى تەڭلىشىپ كىلەتتى،ئەگەر سەپ شەكلىنى ئاجىز دەپ قارىساق نىمىشقا بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟مۇشۇ مۇسابىقىلەردە مادىرىدنىڭ توپ كونتىرول قىلىشى قارشى تەرەپتىن تۆۋەن چىققان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2018-1-9 23:56:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بارسىلونا كوماندىسىمۇ تاكى ئاشۇ ئىككىنجى توپنى مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگۈزگىچە بولغان ئارلىقتا رەقىبىنىڭ توپ كونتىرول قىلىشىنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى بولۇشىغا سەۋىر قىلىپ،رەقىبىدەك توپ كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى تارتقۇزۇپ قويغان ھامان قارىغۇلارچە توپ تالىشىشتەك خاتالىقنى سادىر قىلىشتىن ساقلانغان.»

ما تېمىغا ئىنكاس يازماسلىقىم كېرەك ئىدى، ئەمما ما جۈملە ئوشۇق كېتىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، بارسېلونا ئەزەلدىن ئۆزىدە توپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاكتىپلىق ئالدىغا بېسىپ توپ تالىشىدۇ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 7720
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3568 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2808 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2009-4-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2018-1-10 00:04:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپ  شەكلىنى  ئۆزگەرتىپ  كىروس كاسمىرو  مودرىچ تا  چىڭ  تۇرماي  ھېچ بوممىسا  سىباللوس كۇۋاكىچ  ئېسكولارنى ئالماشتۇرسا  نىم  بولا  دەيمەندە   ھازىر  بىرلەشمە دە ئۈمىد قالمىدى بىرلەشمىدە  بولسىمۇ  سەپ شەكلىنى سىناق قىلىپ  كىچىكلەرگە  پۇرسەت  بەرسە  نىم بولا  بۇ  گۇاڭتوۋچاڭ   ھەممەيلەننى ئۈمىد سىزلەندۈرۈپ  يۈرگىچە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2018-1-10 00:21:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17301
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22695 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1197 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-8-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-17
ۋاقتى: 2018-1-10 00:27:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭچە بىنزىما بەك كالامپاي ئۇنىڭدىن  ئىسكو ياخشى دەپ  ئويلايمەن  ،مادرد ئەسلىى ياخشىى توپچىدىن 2نى ئالسا بولتى ،باسا بىر نىمارنى سىتىپ دىمبلىبى  بىلەن كوتىنيونى ئالدى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش