كۆرۈش: 993|ئىنكاس: 20

پۇتبول تارىخىدىكى كىلاسسىك گۇرۇپپىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
1.jpg
ئۇزۇن يىللىق پۇتبول ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىلاسسىك گۇرۇپپا بولغان، ئۇلارنىڭ غەلبىسى، مەغلۇبىيىتى، ئالاھىدە پۇتبول سەنئىتى مەستانىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان. بىز پۇتبول دۇنياسىدىكى داڭلىق كىلاسسىك ھەمكارلىق گۇرۇپپىلىرىنى چۈشەندۈرىمىز.
2.jpg
ۋېنگىرىيەنىڭ چۈش رىۋايىتى-پۇسكاس، كوسىس، ھېدىكۇتى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ۋېنگىرىيە كوماندىسى يېڭىلمەس جەڭ كېمىسى دەپ ئاتالغان، ئۇلار بېرندا ئۆچمەس ئىز ۋە ئۆچمەس رىۋايەت قالدۇرغان، «ئۇچار مايور» پۇسكاس دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 84 مەيدان مۇسابىقىدە 83 توپ كىرگۈزگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سول پۇتىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن. «ئالتۇن باش» كوسىس پۇتبول تارىخىدىكى كاللا توپ ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ماھىر، ئۇ 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدا ئۆزى يالغۇز 11 توپ كىرگۈزگەن، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان 68 مەيدان مۇسابىقىدە 75 توپ كىرگۈزگەن. ھېدىكۇتى «چېمپىيونلار» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان پۇتبول تارىخىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن 19 ئادەمنڭ بىرى، ئەينى ۋاقىتتىكى پۇتبولس ساھەسىدىكى ئەڭ قالتىس ئالدى بەل توپچىسى. بۇ ئۈچ توپچى شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا 19 توپ كىرگۈزگەن. 1956-يىلى ۋېنگىرىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىش بولغاچقا، پۇسكاس بىلەن كوسىس قاتارلىق توپچىلار چەتئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، ھېدىكۇتى ئۆزى يالغۇچ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ۋېنگىرىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.
3.jpg
خانلىق مادرىدنىڭ يېڭىلمەس قوش شاھى-پۇسكاس، دې سىتفانو
پۇسكاس+دې سىتفانو پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ھۇجۇم گۇرۇپپىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى، خانلىق مادرىدنىڭ بۇ قوش شاھى گېنتو ۋە كوپا قاتارلىق توپچىلار بىلەن ئەڭ قالتىس ىانلىق مادرىدنىڭ بەرپا قىلغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا 1959-1960-پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، بۇ مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد 7-3 نەتىجىدە فىرانكفورتنى مەغلۇپ قىلغان، بۇ مۇسابىقىدە پۇسكاس تۆت توپ، «ئالتۇن ئوقيا» دې سىتفانو ئۈچ توپ كىرگۈزگەن. ئەگەر مەستانىلەر مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو بىر كوماندىدا توپ تەپسە قانداق نەتىجە چىقار دەپ ئويلىغان بولسا، پۇسكاس بىلەن دې سىتفانو ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئۇلارغا ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرىدۇ.
4.jpg
فىرانسىيەنىڭ ئۈچ ئارا ھۇجۇم گۇرۇپپىسى-فونتەين، كوپا، پىئەنتونى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى فونتەين، كوپا، پىئەنتونىدىن تۈزۈلگەن فىرانسىيەنىڭ ئۈچ ئارا ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ياۋروپانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن، بۇلارنىڭ ياردىمىدە فىرانسىيە كوماندىسى 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. دۇنيا لوڭقىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى ۋە مەرگىنى فونتەين شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 13 توپ كىرگۈزگەن، ھەمدە كېيىنكى ئەۋلاد پۇتبولچىلارمۇ بۇزالمىغۇدەك رېكورت ياراتقان (بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى بولسا بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش، ھەرگىزمۇ نەچچە نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى ئەمەس). 1958-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن كوپا ىالىق مادرىد بىلەن ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. پىئەنتونى ھۇجۇمچى بولۇپ، 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن.
5.jpg
شىۋېتسىيەنىڭ گرىنو ھۇجۇم گۇرۇپپىسى-گلېن، لېدخولىم، نوردال
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، AC مىلاندا گرىنو گۇرۇپپىسى شەكىللەنگەن، بۇ ئۈچ توپچى 1950-1951-مۇسابىقە پەسلى 56 توپ كىرگۈزۈپ، مىلاننىڭ ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن، كېيىنكى پەسىل 107 توپ كىرگۈزۈپ، مىلاننى ھازىرغىچە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بىر پەسىلدە يۈزدىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن بىردىنبىر كوماندا قىلغان.«قىرى پروففېسسور» گلېن، ئەڭ قالتىس چەتئەللىك كاپىتان لېدخولىم ۋە بەش نۆۋەتلىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مىلاننىڭ بىرىنچى مەرگىنى نوردال بىرلىكتە مىلاننىڭ شانلىق دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى بولسا، نوردالنىڭ شىۋېتسىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش چەكلەنگەچكە، لېدخولىم بىلەن گلېن باشچىلىقىدىكى شىۋېتسىيە كوماندىسى 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقسىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بەش شاھ ئىمپېرىيەسى بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
6.jpg
بىرازىلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بەش شاھى-پېلى، گارىنچا، زاگالو، پېرىرا (دىدى)، ۋاۋا
پۇتبول دۆلىتى بىرازىلىيە 1950-يىلى ئۆزىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، كەينىدىنلا 1962-يىللىق ۋە 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، پۇتبول شاھىلىق سەپىرىنى باشلىۋالغان. بىرازىلىيە كوماندىسى 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 424 سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا بىرازىلىيە كوماندىسىدا ياش پۇتبول شاھى پېلىدىن سىرت، يان يولدىكى «بۈركۈت چۆجىسى» گارىنچا، ھۇجۇم سېپىدىكى شەمشەر ۋاۋا، ئوتتۇرا مەيدان يادروسى دىدى ۋە جەڭ تاكتىكا پىرى زاگالو بار ئىدى، بۇ بەش توپچى 13 توپ كىرگۈزۈپ، بىرازىلىيە كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ياردار پېلىدىن باشقا تۆت توپچى ئاساسلىق ئەزا بولۇپ، بىرازىلىيە كوماندىسىنى يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن، ھەمدە پۇتبول ئىمپېرىيەسى بىرازىلىيەنىڭ بەش شاھى بولۇپ شەكىللەنگەن.
7.jpg
مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى مۇقەددەس ئۈچ بىرلىك-بوبى چارلىتون، جورج بەست، دېنىس لوۋ
1968-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئون يىل بۇرۇنقى مىيۇنخېن ئايروپلان ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ تۆھپىكار توپچىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مانچېستىر بىرلەشمىسى 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كونا تراففورد مەيدانى سىرتىغا «ئۈچ بىرلىك» ھەيكىلىنى ئورناتتى. 1964-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شوتلاندىيەلىك توپچى دېنىس لوۋ، 1966-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاكاتىغا ئېرىشكەن ئېنگلاندلىق توپچى بوبى چارلىتون ۋە 1968-يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىمالىي ئېرلاندىيەلىك توپچى جورج بەست، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ توپچى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنداقلا مانچېستىر بىرلەشمىسى تارىخىدا ئۆچمەس نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
8.jpg
لىۋېرپولدىكى ئۈچ كىشىلىك ئانسامبىل-ئالەن ھانسون، سۇنېس، داگلىش
بوب پاسلېي لىۋېرپول تارىخىدىكى داڭلىق مەشقاۋۇل، ئۇ كوماندىنى يېتەكلەپ 70-يىلىنىڭ ئاخىرى 80-يىلىنىڭ بېشىدىكى قىزىل قوشۇننىڭ شانلىق دەۋرىنى ياراتقان. بوب پاسلېينىڭ قولىدا شوتلاندىيەلىك ئۈچ داڭلىق توپچى بولۇپ، ئۇلار 77-78-مۇسابىقە پەسلى لىۋېرپولغا قوشۇلغان، لىۋېرپولغا قوشۇلغاندىن كېيىنكى يەتتە پەسىلدە، كوماندا بىلەن 14 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىمۇ بار. مۇداپىيە سېپىدىكى يادرولۇق ماھىر ئالەن ھانسون پۇلات قورغان دەپ ئاتالغان، «ئىسكىرىپكا چالالايدىغان ياۋايى مەخلۇق» سۇنېس ئوتتۇرا مەيدان يادروسىغا ئايلانغان، «لىۋېرپول شاھى» داگلىش ھۇجۇم سېپىدىكى شەمشەرگە ئايلانغان.
9.jpg
بىرازىلىيەلىك ئۈچ سەنئەتكار-زېكو، فالكاۋ، سوكرات
1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى تارىختىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك بىرازىلىيە كوماندىسى دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق نەتىجە ياراتقان بىرازىلىيە كوماندىسى بولۇپ قالغان. سامبا قوشۇنى 70-يىلىنىڭ ئاخىرى 80-يىلىنىڭ بېشىدا ئۈچ سەنئەتكارغا ئېرىشكەن، ئۇلار «ئاق تەنلىك پېلى] زېكو، «رىم شاھى» فالكاۋ ۋە «پۇتبول دوكتورى» سوكراتلاردىن ئىبارەت، بىراق بۇ ھەشەمەتلىك بىرازىلىيە كوماندىسى 1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈكنىڭ سىرتىدا قالغان. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدە، سوكرات ئاساسلىق ئەزا بولغان، فالكاۋ مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، زېكو زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن، سوكراتمۇ نۇقتا توپ جېڭىدە نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن، ئۈچ تالانتلىق ماھىرى بار بىرازىلىيە كوماندىسى فىرانسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
10.jpg
فىرانسىيەدىكى تۆمۈر ئۈچبۇلۇڭ-پلاتىنى، گىرېسسې، تىگانا
ئالدىنقى ئەسرىنىڭ 80-يىلىىرى فىرانسىيە كوماندىسىدا تالانتلىق ئۈچ نەوەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولغان، ئۇلار فىرانسىيە پۇتبولىنىڭ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە يۇقىرى باسقۇچقا چىقىشىغا روھىي تۈۋرۈك بولغان. ئۈچ نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پلاتىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپ پۇتبولچىلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالغان، ئۇ بەش مەيدان مۇسابىقىدە توققۇز توپ كىرگۈزۈپ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 1984-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە زور تۆھپە قوشقان، بويى پاكار ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گىرېسسې مۇتەھكەم ئوتتۇرا مەيداننى شەكىللەندۈرگەن، ئۇنىڭغا توپ ئۈزىۋېلىش مۇتەخەسسىسى تىگانا ياردەمدە بولغان. فىرانسىيە كوماندىسى 1984-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونۇلقىغا ئېرىشىشىتىن سىرت، 1982-يىلى ۋە 1986-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەن، بىراق ھەر ئىككى نۆۋەتلىك يېرىم ھەل قىلغۇچتا غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
11.jpg
خانلىق مادرىدتىكى بەش بۈركۈت-بۇتراگېنو، پاردېزا، ۋاسكېز، سانچىس، گونزالېز
خانلىق مادرىدتىكى بەش بۈركۈن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى بېرنابۇنىڭ پەخىرى بولۇپ قالغان، شۇنداقلا «مادرىدنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش يولىدىكى بەش مەرۋايىت» دەپ ئاتالغان. 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، گوللاندىيەلىك مەشقاۋۇل بېنخاكېر يېتەكچىلىكىدىكى بەش بۈركۈت ئۇدا بەش پەسىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ىانلىق مادرىد تارىخىدىكى ئۇدا بەش يىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئۇلارنىڭ ئۇدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش يولىنى، 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا گوللاندىيەلىك كرويىف يېتەكلىگەن بارسېلونا ئاخىرلاشتۇرغان.
12.jpg
ناپولىدىكى ماجىكا «سېھرىگەرلەر» گۇرۇپپىسى-مارادونا، جوردانو، كارېكا
پۇتبول شاھى مارادونا ناپولىدا پۇتبول شاھلىقىنى بەرپا قىلغان، ئۇ ناپولىدا شانلىق نەتىجە ياراتقان، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن كارېكا بىلەن جوردانومۇ بار. سېھرىگەرلىك ئىتالىيە تىلىدا ماجىكا (Magica) دېيىلىدۇ، توغرا كېلىپ قالغىنى بولسا، مارادونا، جوردانو ۋە كارېكانىڭ ئىسمىنىڭ بېشىدىكى ئىككى ھەرپتىن سېھرىگەرىك دېگەن سۆز چىقىدۇ، ئالدىنقى ئەسرىنىڭ 80-يىللىرى، ناپولى شىمالدىكى ئۈچ كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، ھەمدە ئىككى قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
13.jpg
گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز-گۇلىت، ۋان باستېن، رىجكارد
1985-يىلى 5-ئايدا رىجكارد AC مىلانغا قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن AC مىلاندا گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز جەم بولدى، ئۇلار شۇ يىلى يازدا گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. گوللاندىيەلىك بۇ ئۈچ شەمشەرۋاز AC مىلاندا شانلىق نەتىجە ياراتتى، 1988-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا، گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز مىلان بىلەن ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم خوندا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئىككى قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. گوللاندىيەلىك بۇ ئۈچ شەمشەرۋاز ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا مىلاندىكى ئۈچ ئاتلىق پەيتۇن بىلەن رىقابەتلەشتى. گوللاندىيەلىك بۇ ئۈچ شەمشەرۋاز كۇلۇبتا نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق 1990-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقسىىدا، گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز گېرمانىيەنىڭ ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.
14.jpg
گېرمانىيەنىڭ ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنى-برېخمې، ماسىيۇس، كىلىنسىمان
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، ئىتالىيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇل تراپاتونى خەلقئارا مىلاندا گېرمانىيەنىڭ ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنىنى قۇرۇپ چىقتى، ھەمدە قارا قىزىل قوشۇندىكى ئۈچ شەمشەرۋاز بىلەن رىقابەتلەشتى. «پولات تانكا» برېخمى، «مەڭگۈلۈك ماتور» ماسىيۇس ۋە «ئالتۇن رەڭلىك بومبارىمانچى ئايروپلان» كىلىنسىمان 1989-يىلى خەلقئارا مىلاندا جەم بولدى. ئۇلار ەېرمانىيە كوماندىسى بىلەن1990يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، 1991-يىلى خەلقئارا مىلان بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. گېرمانىيەنىڭ ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنى، گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋاز ۋە ناپولىدىكى ماجىكا «سېھرىگەرلەر» گۇرۇپپىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ شانلىق دەۋرىنى ياراتقان.
15.jpg
سامپىدورىيانىڭ قوش يۇلتۇزى-مەنچىنى، ۋىيالى
سامپىدورىيا تارىختا ئالتە قېتىم ئىتالىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلىرىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئۈچ قېتىم ياۋروپادىكى مۇھىم مۇسابىقىلەردە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى 1984-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن، بۇ سامپىدورىيانىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان ۋاقىتلىرى. ئۇلار 89-90-مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا، 90-91-يىلى كۇلۇب تارىخىدىكى بىردىنبىر ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، 91-92-مۇسابىقى پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، ھۇجۇم سېپىدىكى مەنچىنى بىلەن ۋىيالىدىن ئىبارەت قوش يۇلتۇز بۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تۆھپە قوشقان.
16.jpg
مىلاننىڭ رىۋايەتلىك تۆت توسمىسى-تاسوتتى، كوستاكۇتا، بارېسى، مالدىنى
1992-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مىلان ئۇدا ئۈچ يىل ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ھەمدە 1994-يىلى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە كاپىللو كوماندىنى يېتەكلەپ 58 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىنى ياراتقان. شۇ ۋاقىتتا ۋان باستېن ئېغىر يارلانغاچقا، گوللاندىيەلىك ئۈچ شەمشەرۋازنىڭ ھۇجۇم كۈچى تەسىرگە ئۇچرىغان، بىراق مىلاننىڭ مۇداپىيە سېپى مۇستەھكەم توسما بولغان، تاسوتتى، كوستاكۇتا، بارېسى، مالدىنىدىن تۈزۈلگەن مۇداپىيە سېپى پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس مۇداپىيە سېپى بولۇپ قالغان. بۇ توپچىلار مىلاندا رىۋايەت ياراتقان، مالدىنى مىلاندا 24 پەسىل، كوستاكۇتا 21 پەسىل، بارېسى 20 پەسىل، تاسوتتى 17 پەسىل توپ تەپكەن، بۇ رىۋايەتلىك تۆت توپچىنىڭ ھەممىسى مىلاندا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
17.jpg
مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ 92-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى-گىگىس، سكولېس، بېكخام، گەرىي نېۋىل، فىلىپ نېۋىل، بات
فېرگۇسون تەربىيەلەپ چىققان بۇ بالىلار بىرلىكتە مانچېستىر بىرلەشمىسىدە كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرالمىغان، بىراق ئۇلار قىزىل ئالۋاستى قوشۇنىدا شانلىق نەتىجە ياراتقان. 1992-يىلى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بۇ ۋاقىتا 92-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش ۋاقتى ئىدىن شۇ يىلى فېرگۇسون بۇ توپچىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالغان. فېرگۇسون 95-96-مۇسابىقە پەسلى 92-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئۇيۇشما لوڭقا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
18.jpg
يۇۋېنتۇستىكى ئۈچ ئارا-راۋانېلى، پېرو، ۋىئالى
95-96-مۇسابىقە پەسلى، لىپى يېتەكلىگەن يۇۋېنتۇسنىڭ ياۋروپاغا داڭقى چىقىپ كەتكەن، باگىئونىڭ ئورنىنى ئالغان «ئالتۇن ئۆسمۈر» پېرو، تاقىر باش ۋىئالى ۋە ئاق چاچلىق راۋانېلىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ ئارا گۇرۇپپىسىنىڭ نامى دۇنياغا تونۇلغان. ئۇلار 95-96-مۇسابىقە پەسلى يۇۋېنتۇس بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇ پەسىلدىن كېيىن راۋانېلى بىلەن سىئالى يۇۋېنتۇستىن ئايرىلغان، پېرو بولسا ئىنزاگى ۋە ۋېرى بىلەن ھەمكارلاشقان. يۇۋېنتۇس 1997-يىلى ۋە 1998-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچىغا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن.
19.jpg
شىتۇتگاردنىڭ ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنى-ئېلبېر، بالاكوف، بوبىچ
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان شىتۇتگارد چېمپىيونلۇقتىن يېراقلىشىپ كەتتى، بىراق ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئاتلىق پەيتۇنى ناھايىتى داڭلىق ئىدى. بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچى ئېلبېر، بۇلغارىيەلىك ھۇجۇمچى بالاكوف ۋە گېرمانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بوبىچتىن تۈزۈلگەن ئۈچ ئاتلىق پەيتۇن 1995-يىلى شەكىللەنگەن. 95-96-مۇسابىقە پەسلى، بۇ ئۈچ توپچى بىرلەشمىدە 40 توپ كىرگۈزگەن، بوبىچ ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 96-97-مۇسابىقە پەسلى بۇ ئۈچ توپچى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە 46 توپ كىرگۈزگەن، شىتۇتگاردمۇ گېرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. گەرچە بۇ ئۈچ توپچى ئاران ئىككى پەسىل ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۈچ ئاتلىق پەيتۇن گېرمانىيەدە رىۋايەتكە ئايلانغان.
20.jpg
ئارسېنالنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى بەش پىشقەدەم-لى دىكسون، مارتىن كېيون، تونى ئادامىس، نىگېل ۋىنتېربۇرن، ستېۋ بولد
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئارسېنال ناھايىتى كۈچلەنگەن، مەيلى گرېھام دەۋرى بولسۇن، ياكى ۋېنگىر دەۋرى بولسۇن، بۇ بەش توپچى مۇستەھكەم مۇداپىيە سېپىلى ھاسىل قىلغان. «قۇراق ياراق زاۋۇتى ئەپەندىسى» تونى ئادامىس ئارسېنالنىڭ رىۋايەتلىك كاپىتانى، بۇ توپچى ئارسېنالدا 19 پەسىل توپ تەپكەن، 36 ياش ۋاقتىدا ئارسېنالدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. مارتىن كېيون ئارسېنالدا 14 پەسىل توپ تېپىپ، 38 يېشىدا ئارسېنالدىن ئايرىلغان. سول بې ۋىنتېربۇرن 13 پەسىل توپ تېپىپ، 37 يېشىدا ئارسېنالدىن ئايرىلغان. لى دىكسون 14 پەسىل توپ تېپىپ، 38 يېشىدا ئارسېنالدىن ئايرىلغان. ئوتتۇرا بېك ستېۋ بولد 11 پەسىل توپ تېپىپ، 37 يېشىدا ئارسېنالدىن ئايرىلغان.
21.jpg
بىرازىلىيەنىڭ قوش كىشىلىك گورۇپپىسى-رومارىئو، رونالدو
بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تارىخى ناھايىتى شانلىق، شۇ شانلىق ۋاقىتنىڭ بىر قىسمى رونالدو بىلەن رومارىئوغا مەنسۇپ. بۇلارنىڭ بىرسى «تەنھا بۆرە» يەنە بىرسى «تاشقى پىلانت ئادىمى»، بۇ ئىككى توپچىنى يېشى ئون ياش پەرقلەنسىمۇ، بىراق بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىدكى ئەڭ داڭلىق گۇرۇپپا بولۇپ قالغان. 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا رومارىئو يالغۇز جەڭ قىلغان، چۈنكى رونالدو كىچىك ئىدى. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا رونالدو تەڭداشسىز چولپانغا ئايلانغان، بىراق رومارىئو يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. تەلەيلىك كىشىلەرلا 1997-يىلى رونالدو بىلەن رومارىئونىڭ ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ماھارىتىنى كۆرەلىگەن، شۇ يىللىق تۆت دۆلەت تەكلىپلىك بىرلەشمە لوڭقىسىدا بۇ ئىككى چولپان ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان.
22.jpg
خەلقئارا مىلاننىڭ ئۈچ گىگانت چولپىنى-باگىئو، رونالدو، ۋېرى
1999-يىلى يازدا ۋېرى خەلقئارا مىلانغا قوشۇلدى، موراتتى ئاخىرى باگىئو، رونالدو ۋە ۋېرى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى. تاشقى پىلانت ئادىمى+ئېغىر تىپلىك تانكا+تالانتلىق سەنئەتكار بىرلىشىپ، دۇنياغا داڭلىق ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى. بىراق رونالدو بىلەن ۋېرى كۆپ يارلانغاچقا، ناھايىتى ئاز مەيدانغا، باگىئو بىلەن لىپى ئوتتۇرسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەچكە، بۇ ھۇجۇم گورۇپپىسنىڭ قالتىس ماھارىتى كۆپ نامايەن قىلىنمىدى.
23.jpg
فىرانسىيەنىڭ قوش يۇلتۇزى-ھېنرى، ترېزېگۇت
1977-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان ھېنرى بىلەن 1977-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان ترېزېگۇت، فىرانسىيە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس نەتىجە ياراتقان قوش چولپان. ئۇلار فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىككى توپچى موناكودا نام قازانغان، 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن، ھېنرى ئارسېنالغا يۆتكۈلۈپ، ئارسېنال تارىخىدىكى بىرىنچى مەرگەنگە ئايلانغان. ترېزېگۇت يۇۋېنتۇسقا يۆتكۈلۈپ، يۇۋېنتۇس تارىخىدىكى بىرىنچى چەتئەللىك مەرگەنگە ئايلانغان. ھېنرى 2014-يىلى 12-ئايدا پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگەن، ترېزېگۇت 2015-يىلى 1-ئايدا پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگەن.
24.jpg
چىلىنىڭ قوش يۇلتۇزى-زامورانو، سالاس
1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، زانورانو ۋە سالاستىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم گۇرۇپپىسى چىلىنى 16 كۈچلۈككە ئېلىپ كىردى، 24 ياشلىق سالاس شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت توپ كىرگۈزدى، 31 ياشلىق زامورانو مۇسابىقىگە تولۇق قاتناشتى، چىلىنىڭ بۇ قوش كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى شۇ نۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ناھايىتى نام قازانغان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە، زامورانو 11 توپ، سالاس 10 توپ كىرگۈزگەن، بۇ ئىككى توپچى 21 توپ كىرگۈزۈپ پۈتۈن جەنۇبىي ئامېرىكىنى ھەيران قالدۇرغان. سالاس چىلى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە 37 توپ كىرگۈزگەن، زامورانو چىلى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە 34 توپ كىرگۈزگەن.
25.jpg
قارا قۇيۇن-دىۋىت يورك، ئەندى كول
98-99-مۇسابىقە پەسلى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۈچ شاھلىققا ئېرىشكەن، كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى دىۋىت يورك بىلەن ئەندى كول قارا قۇيۇن دەپ ئاتالغان. ھەمدە مەستانىلەر تەرىپىدىن «قارا قۇيۇن قاتىل» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىككى توپچى مانچېستىر بىرلەشمىسىدە ئۈچ يېرىم پەسىل ھەمكارلاشقان، شۇنداقلا 98-99-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
26.jpg
رىمدىكى ئۈچ چىشلىق ئارا-توتتى، باتىستۇتا، مونتېلا
«كۆك بۈركۈت» قوشۇنى لازىيو 1999-2000-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىر شەھەردىكى رەقىبى «قىزىل بۆرە» قوشۇنى رىم ئاجىزلىشىپ كەتمەكتە يوق، 2000-2001-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئەينى يىلى كاپىللو رىمنىڭ مۇداپىيەسىنى مۇستتەھكەن قىلغان، ھۇجۇم سېپىدىكى «جەڭ ئىلاھى» باتىستۇتا 20 توپ كىرگۈزگەن، «كىچىك ئايروپىلان» مونېلا 13 توپ كىرگۈزگەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى بولسا دەل «بۆرە شاھى» توتتى.
27.jpg
بىرازىلىيەدىكى 3R-رونالدو، رىۋالدو، رونالدىنىھو
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى ھەممە كوماندىنى تېرىپىرەن قىلىۋەتكەن، ئۇلار يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، بىرازىلىيەنى بەش يۇلتۇزلۇق قوشۇنغا ئايلاندۇرغان. رونالدو، رىۋالدو ۋە رونالدىنىھودىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم گۇرۇپپىسى شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 15 توپ كىرگۈزگەن (رونالدو سەككىز توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، رىۋالدو بەش توپ كىرگۈزگەن، رونالدىنىھو ئىككى توپ كىرگۈزگەن)، بۇ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالغان، گورۇپپا مۇسابىقىسىدە 4-0 نەتىجىدە جۇڭگو كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان.
28.jpg
مىلاندىكى تۆت داڭلىق 10-نومۇر-رۈي كوستا، رىۋالدو، پىرلو، سىدروف
2002-2003-مۇسابىقە پەسلى، مىلان مەشقاۋۇلى ئەنچىلوتتىنىڭ بېشى ئەڭ قاتقان بىر پەسىل، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا تۆت نەپەر داڭلىق «10-نومۇر»لۇق توپچى بار ئىدى، بۇ تۆت توپچىنىڭ ھەممىسى 10-نومۇرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇپ، ئۇلار كلاسسىك 10-نومۇر رۈي كوستا، ھەممىگە قادىر 10-نومۇر سىدروف، نەپىس سەنئەتلىك 10-نومۇر پىرلو ۋە قاتىل ھۇجۇمچى تىپىدىكى 10-نومۇر رىۋالدودىن ئىبارەت. ئەنچىلوتتى پىرلونى ئارقا بەلدە ئويناتقان، رۈي كوستا كىلاسسىك 10-نومۇر ئورنىدا ئوينىغان، رىۋالدو سايىسىمان ھۇجۇمچى بولغان، سىدروا ئوتتۇرا يولدا ئوينىغان، شۇ پەسىل مىلان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
29.jpg
خانلىق مادرىدتىكى يەتتە بۆرە-رائۇل، كارلوس، فىگو، زىدانى، رونالدو، بېكخام، ئوۋېن
21-ئەسىرنىڭ بېشىدا، مادرىد رەئىسى فىلورېنتىنو داڭلىق چولپانلارنى قوشۇۋېلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن، ھەمدە ھەشەمەتلىك قوشۇن قۇرۇپ چىققان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرى مادرىدتا توپ تەپكەن «ئۈزۈك شاھى» رائۇل، «ئېغىر زەمبىرەكچى» كارلوس، 2000-يىلى مادرىدقا قوشۇلغان فىگو، 2001-يىلى قوشۇلغان زىدانى، 2002-يىلى قوشۇلغان رونالدو، 2003-يىلى قوشۇلغان بېكخام ۋە 2004-يىلى قوشۇلغان ئوۋېن مادرىدتىكى يەتتە مەرۋايىت بولۇپ قالغان. بۇ يەتتە مەرۋايىت دەۋرىدىكى مادرىد ئەڭ كۈچلۈك مادرىد بولالمىغان، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىمۇ تازا ياخشى بولمىغان، شۇڭا بەش يىل ئىچىدە بۇ يەتتە توپچى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مادرىدتىن ئايرىلغان.
30.jpg
شىۋېتسىيەنىڭ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىسى-لارسون، يۇڭبېرگ، ئىبراھىموۋىچ
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، شىۋېتسىيەدە ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا شەكىللەنگەن، ئۇلار 34 ياشلىق بارسېلونا ھۇجۇمچىسى لارسون، 29 ياشلىق ئارسېنال ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يۇڭبېرگ ۋە 24 ياشلىق يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى ئىبراھىموۋىچتىن تۈزۈلگە، شۇ يىلى شىۋېتىسيە دۇنيا لوڭقىسىدا 16 كۈچلۈككە كىرگەن. شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن لارسون دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن يۇڭبېرگمۇ دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبراھىموۋىچلا شىۋېتسىيە پۇتبۇل تارىخىدا رېكورت يارىتىپ، ھازىرغىچە توپ تېپىۋاتىدۇ.
31.jpg
بىرازىلىيەنىڭ تۆت كىشىلىك ئانسامبىلى-رونالدو، ئادرىيانو، رونالدىنىھو، كاكا
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، پېرىرا يېتەكلىگەن بىرازىلىيە كوماندىسىدا تۆت داڭلىق چولپان بار ئىدى، ئۇلار «تاشقى پىلانت ئادىمى» رونالدو، «مېئازا شاھى» ئادرىيانو، «پۇتبول سەنئەتكارى» رونالدىنىھو ۋە «مىلان شاھزادىسى» كاكادىن ئىبارەت. شۇ يىلى تۆت چولپانغا ئىگە بىرازىلىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇقتىكى قىزىق نۇقتا ئىدى، بىراق ئۇلار 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان.
32.jpg
يۇۋېنتۇسنىڭ بەش كىشىلىك گۇرۇپپىسى-بۇففون، كامورانېسى، نېدۋېد، دېل پېرو، ترېزېگۇت
2006-يىلى يازدا، «تېلفۇن ۋەقەسى»دىن كېيىن يۇۋېنتۇس دەرىجە چۈشۈپ كەتتى، كاناۋارو، ئېمىرسون، ئىبراھىموۋىچ، ۋېئارى، زامبروتتا، تۇرام ۋە مۇتۇ قاتارلىق توپچىلار كوماندىدىن ئايرىلدى، يۇۋېنتۇسمۇ ئاساسلىق توپچىلىرىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قالدى. مۇسۇنداق خەتەرلىك ۋاقىتتا بۇففون، كامورانېسى، نېدۋېد، دېل پېرو، ترېزېگۇت قاتارلىق توپچىلار داۋاملىق كوماندىدا قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە يۇۋېنتۇس بىلەن ئىتالىيە ب بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇففون، كامورانېسى، نېدۋېد، دېل پېرو، ترېزېگۇت قاتارلىق توپچىلار يۇۋېنتۇستىكى سادىق چولپانلارنىڭ ۋەكىلى، ئۇلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن يۇۋېنتۇس بىر پەسىلدىن كېيىن ئا بىرلەشمىگە ئۆرلەپ چىقتى.
33.jpg
ئېنگىلاندتىكى قوش چولپان-جېرراد، لامپارد
لىۋېرپولنىڭ روھى تۈۋرىكى جېرراد بىلەن چېلسىدىكى سېھىرلىك چىراغ لامپاد ئۈچ شىر قوشۇنىدىكى داڭلىق توپچىلار. گەرچە بۇ ئىككى چولپان ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يېنىدا سكولېس، بېكخام، جوي كول، خارگېرېۋىس، باررىي، مىلنېر، پاركېر، باركلېي قاتارلىق توپچىلار بولسىمۇ، بۇ ئىككى چولپاننىڭ ئورنىنى ئالالمىغان، بۇ ئىككى چولپان 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئېنگىلاند كوماندىسىنى تۆت كۈچلۈككە ئېلىپ كىرەلمەي، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلغان.
34.jpg
رىمنىڭ قوش روھى تۈۋرىكى-توتتى، دېروسسى
رىم شەھىرىدە ئىككى كاپىتان ئۆتكەن، بىرسى توتتى، يەنە بىرسى دېروسسى، ئۇلار رىم شەھىرىنىڭ سىمۋولى. بۆرە شەھىرىمۇ ئىككى بۆرە بالىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، بىرسى توتتى، يەنە بىرسى دېروسسى، توتتى رىمغا ۋاكالىتەن 700 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان، دېروسسى 500 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان. 15 يىلىدىن بۇيان توتتى بىلەن دېروسسى رىمنىڭ قوش روھى ۋە سادىقلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن.
35.jpg
مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ ياش-كىرىستىيانو رونالدو، رۇنېي، تېۋېز
2007-2008-مۇسابىقە پەسلى، تېۋېز مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ قوش يۇلتۇز گورۇپپىسىغا قوشۇلۇپ، يەر جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئارا ھۇجۇم گورۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەمدە مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بولۇپ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 22 ياشلىق رۇنېي، 23 ياشلىق رونالدو ۋە 24 ياشلىق تېۋېزنىڭ ئىپادىسى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغان. بىر پەسىلدىن كېيىن، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغاۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، كېيىن رونالدو بىلەن تېۋېز قىزىل ئالۋاستى قوشۇنىدىن ئايرىلغان. ئىلگىرىكى ئۈچ ياش ھازىر پىشقان توپچى بولۇپ قالدى، بىراق ئۇلار مەستانىلەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرغان.
36.jpg
لىۋېرپولدىكى تۆمۈر ئۈچبۇلۇڭ-جېرراد، ئالونسو، ماسچېرانو
ئېنگلاند بىرلەشمىسى ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە چاقنىغان ۋاقىتتا قىزىل قوشۇن لىۋېرپولنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىدا مۇستەھكەم ئۈچبۇلۇڭ سېپى بار ئىدى، بۇلار توپ توسىۋېلىش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ماسچېرانو، ئۇزۇن پاسنى ئۆلچەملىك يەتكۈزۈش قوماندانى ئالونسو ۋە يېراقتىن توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى يۇقىرى كاپىتان جېررادتىن ئىبارەت. ئۇلار 2006-2007-مۇسابىقە پەسلى لىۋېرپول بىلەن ئۇزغۇنلۇقتا ئىككىنچىلىككە، 2007-2208-مۇسابىقە پەسلى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، بىراق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئالونسو خانلىق مادرىدقا، ماسچېرانو بارسېلوناغا قوشۇلغان، سابىق كاپىتان جېرراد لىۋېرپولدا قالغان.
37.jpg
بۆرە قەلئەسىدىكى ئۈچ كىشىلىك ئارا-مىسىموۋىچ، گرافىت، زېكو
2008-2009-مۇسابىقە پەسلى، ئەزەلدىن گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان بۆرە قەلئەسى ناھايىتى تېز ئىلگىرلىدى، قىشلىق ئارام ئېلىشتىن كېيىن ئۇدا ئون مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىرلەشمىدىكى 9-ئورۇندىن 1-ئورۇنغا چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 5-1 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېننى قىرغىن قىلغان كىلاسسىك مۇسابىقىمۇ بار. ئوتتورا مەيدان يادروسى مىسىموۋىچ 20 ياردەمچى پاس چىقىرىپ، شۇ پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ياردەمچى پاس شاھى بولۇپ قالدى، ھۇجۇم سېپىدىكى گرافىت 28 توپ، زېكو 25 توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن قوش كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى، بۆرە قەلئەسىدىكى بۇ ئۈچ توپچىمۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان شان شەرەپنى گېرمانىيە بىرلەشمىسى تارىخىغا يازدى.
38.jpg
ئالتە شاھلىققا ئېرىشكەن بارسېلونادىكى ئۈچ كىشىلىك ئارا-ھېنرى، مېسسى، ئېتوئو
2009-يىلى، گۇئاردىيولا بارسېلونانى يېتەكلەپ ئالتە لوڭقىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى، ھەمدە ھەممە مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ ئالتە شاھلىققا ئېرىشتى. بۇ پەسىل ھۇجۇم سېپىدىكى ئۈچ توپچى ھېنرى، مېسسى ۋە ئېتوئونىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى، مېسسى (38 توپ)، ئېتوئو (36 توپ)، ھېنرى (26 توپ) كىرگۈزۈپ، تاق پەسىلدە كىرگۈزگەن توپ سانىنى 100 توپقا يەتكۈزدى، ھەمدە بارسېلونا چۈش ئۈچىنچى كوماندىسىنى بەرپا قىلدى.
39.jpg
بايرېندىكى «كىلونى» گۇرۇپپىسى-كىلوز، تونى
2007-يىلى يازدا، بايرېن مەشقاۋۇلى ھېتزېلد تونى ۋە كلوزدىن ئىبارەت ئىككى ھۇجۇمچىنى كوماندىغا قوشۇۋالدى، بۇ ئىككى توپچىمۇ نامى پۇر كەتكەن «كىلونى» گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى. «ئالتۇن رەڭ بومباردىمانچى ئايروپىلان» كىلىنسىمان مەشقاۋۇل بولغاندىن كېيىن، «كىلونى» گۇرۇپپىسىنىڭ ئىپاىدى تىخمۇ قالتىس بولدى، تونى 2007-2008-پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2008-2009-مۇسابىقە پەسلى، «كىلونى» گۇرۇپپىسى تۇيۇقسىز پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، يېڭى مەشقاۋۇلمۇ بۇ ئىككى توپچىدىن ۋاز كېچىپ، ياش توپچى موللېر بىلەن ئولىچنى ئاساسلىق ئەزا قىلدى، «كىلونى» گۇرۇپپىسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارقاپ كەتتى.
40.jpg
بايرېندىكى قوش شەمشەر-رىبېرى، روبېن
2009-2010-مۇسابىقە پەسلى، روبېن بايرېنغا قوشۇلۇپ رىبېرى بىلەن بىرلەشتى، بىراق تۇنجى پەسىلدە «كىلونى» گۇرۇپپىسىدەك نام قازىنالمىدى، ۋانگال شېۋىنسىتېيگېرنى ئارقا بەل توپچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، «روبېرى» گورۇپپىسىغا قانات چىقتى، ئۇلار ئاخىرى بايرېن بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە گېرمانىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ھەمدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، كېيىن «روبېرى» گۇرۇپپىسى بايرېن بىلەن بىرلىكتە ئۈچ شاھلىققا ئېرىشتى.
41.jpg
فىرانسىيەدىكى تۆت كىچىك ئاققۇ-بېنزىما، ناسرى، بېن ئارفا، مېنېز
2004-يىلى، فىرانسىيە 17 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى تۆت توپچى بېنزىما،ناسرى، بېن ئارفا، مېنېزنىڭ ياردىمىدە، فىرانسىيە 17 ياشلىقلار كوماندىسى 17 ياشلىقلار ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بۇ تۆت توپچىنىڭ ھەممىسى 1987-يىلى تۇغۇلغاچقا «فىرانسىيەنىڭ تۆت كىچىك ئاققۇسى» دەپ ئاتالدى، كېيىن زىدانى دەۋرىدە، بۇ كىچىك تۆت ئاققۇ ئىز باسار بولالمىدى، فىرانسىيە كومادىسىنىڭ ئىپادىسىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇ تۆت كىچىك ئاققۇدىن بېنزىمالا ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتتى. فىرانسىيە پۇتبولچىلىقى يېڭى دەۋىرگە كىردى، تۆت كىچىك ئاققۇنىڭ نەتىجىلىرىمۇ تارىخقا ئايلاندى.
42.jpg
گوللاندىيەدىكى تۆت تالانت ئىگىسى-روبېن، ۋان پېرسى، سنېيدېر، ۋاندېرۋارت
گوللاندىيەدە ئەزەلدىن تالانتلىق پۇتبولچىلار ئۈزۈلۈپ باقمىغان، 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغاندىن كېيىن، گوللاندىيە تۆت تالانتلىق توپچىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇلار «چەۋەنداز روبېنسون» ۋان پېرسى، «كىچىك ئۇچار ئادەم» روبېن، ئوتتۇرا مەيدان يادروسى سنېيدېر ۋە «ياۋۇز چايان» ۋاندېرۋارت قاتارلىقلار، ئۇلار 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا مەيدانغا چىقىپ، 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئاپلىسىن رەڭ بوران چىقىرىپ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن، بۇ تۆت توپچى گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ھۇجۇم سېپىنى ئون يىل كونترول قىلىپ تۇرغان، بىراق ۋاندېرۋارتنىڭ ئىپادىسى بالدۇرلا چېكىنىپ كەتكەن.
43.jpg
بارسېلونادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيدا-خاۋى، بۇسكېس، ئىنېستا
بۇلار دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى توپ كونترول قىلىشى ئەڭ كۈچلۈك ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ شەرەپكە ئېرىشكەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى، بۇ توپچىلار دەل خاۋى، بۇسكىس ۋە ئىنېستا، ئۇلار ئىسپانىيە ۋە بارسېلونادا نۇرغۇن شەرەپكە ئېرىشكەن. 2009-يىللىق ياۋروپا ئۇزۇغنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 2011-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن خاۋى، بۇسكىس ۋە ئىنېستا پۇتبول دۇنياسىدا ئەڭ زور شەرەپكە ئېرىشكەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى.
44.jpg
ئۇرۇگۋايدىكى ئۈچ قەھرىمان-فورلان، سۇئارېز، كاۋانى
تارىختا ئەڭ قالتىس كوماندىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇراگۋاي كوماندىسى 40 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىدا تۆت كۈچلۈككە قايتىپ كەلگەن، فورلان، سۇئارېز ۋە كاۋانى ھەمكارلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، ئۇراگۋاي كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئۇراگۋاي پۇتبولچىلىقىدا ئەڭ شانلىق نەتىجە ياراتقان. فورلان بىلەن سۇئارېز گۇرۇپپىسى نۇرغۇن نەتىجىگە ئېرىشكەن، فورلان چېكىنگەندىن كېيىن، كاۋانىنىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، سۇئارېز ۋە كاۋانى گۇرۇپپىسى ئەڭ ياخشى نەتىجە يارىتالمىغان.
45.jpg
چېلسىدىكى تۆت تۆھپىكار-چېخ، تېررى، لامپارد، دروگبا
مورىنىھو، چېخ، تېررى، لامپارد، دروگبادىن ئىبارەت بۇ بەش ئىسىم چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن، خۇددى چېلسىنىڭ روھى تۈۋرىكىدەك. مورىنىھو چېلسىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن كۆك قوشۇن قايتىدىن جانلىنىپ كەتكەن، ھەمدە ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 2007-2008-مۇسابىقە پەسلى، تېررى نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەي، چېلسى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. 2011-2012-مۇسابىقە پەسلى، دىماتېيو چېلسىنى يېتەكلەپ، كۆك ئارمىيەنىڭ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ھازىر ئەينى ۋاقىتتىكى تۆت تۆھپىكاردىن پەقەت تېررىلا قالدى.
46.jpg
مانچېستىر شەھىرىدىكى بەش ئوق-خارت، كومپانى، يايا تورى، سىلۋا، ئاگۈيرو
2011-يىلى يازدا ئاگۈيرو مانچېستىر شەھىرىگە قوشۇلدى، كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىدا بەش داڭلىق توپچى جەم بولدى، ئۇلار ئۈچ شىر قوشۇنىنىڭ قاپقىچىسى خارت، كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ كاپىتانى كومپانى، كۆپ ئىقتقدارلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى يايا تورى، تەشكىللەش پىرى سىلۋا ۋە قاتىل ھۇجمچى ئاگۈيرودىن ئىبارەت. ئۇلار كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى بىلەن ئىككى قېتىم ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. بىراق يېڭى پەسىل كىرگەندىن كېيىن، خارت ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا كوماندىدىن ئايرىلدى، كومپانى يارا ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، يايا تورى ئېتىبارغا ئېرىشەلمىدى، پەقەت سىلۋا بىلەن ئاگۈيرولا كوماندا ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشماقتا.
47.jpg
لىۋېرپول ھۇجۇم گۇرپپىسىدىكى 3S-سۇئارېز، سىتۇرىج، سىتېرلىڭ
2013-2014-مۇسابىقە پەسلى، ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە كەسكىن كۆرەش بولدى، ئارسېنال، چېلسى، مانچېستىر شەھىرى ۋە لىۋېرپول باشقا كوماندىلارنى قاتتىق قىرغىن قىلدى، روجىرىس يېتەكچىلىكىدىكى قىزىل قوشۇن لىۋېرپولنىڭمۇ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئۇلار 3S گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلدى، شۇ پەسىل قىزىل قوشۇندىكى 3S گۇرۇپپىسى 61 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىدى. كېيىن سۇئارېز بارسېلوناغا، سىتېرلىڭ مانچېستىر شەھىرىگە يۆتكەلدى، پەقەت سىتۇرىجلا يالغۇز قىزىل قوشۇن ئۈچۈن جەڭ قىلدى، 3S گۇرۇپپىسىمۇ ناھايىتى تېز تارقىلىپ كەتتى.
48.jpg
ئارگېنتىنادىكى سىرلىق تۆت چەۋەنداز-مېسسى، ھىگۇايىن، ئاگۈيرو، دىمارىيا
2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپى ناھايىتى ھەشەمەتلىك ئىدى، مېسسى، ھىگۇايىن، ئاگۈيرو ۋە دىمارىيا سىرلىق تۆت چەۋەنداز گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مېسسى تۆت توپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنانى گۇرپپىدىن بىرىنچى بولۇپ ئېلىپ چىقتى، 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە دىمارىيا شىۋېتسارىيەنە بوغۇزلاپ تاشلىدى، 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھىگۇايىن بېلگىيەنى بوغۇزلاپ تاشلىدى، ئاگۈيرو يېرىم ھەل قىغلغۇچ مۇسابىقىنىڭ نۇقتا توپ جېڭىدىكى مۇھىم توپنى كىرگۈزدى. بىراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە دىمارىيا يارلىنىش سەۋەبىدىن قاتنىشالمىدى، ھىگۇايىن ياخشى پۇرسەتنى يوق قىلدى، ئاگۈيرو مەيداندا لەيلەپ يۈردى، مېسسىنىڭ ئىپادىسىمۇ بەكلا ئادەتتىكىدەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى گوتزېنىڭ بىر توپى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇق ئارزۇسىنى يوق قىلدى.
49.jpg
يۇۋېنتۇس مۇداپىيەسىدىكى BBC-بونۇچ، بارزاگلى، چېللىنى
ئىتالىيە پۇتبولى مۇداپىيەسىنىڭ مۇستەھكەملىكى بىلەن داڭلىق، يۇۋېنتۇسنىڭ مۇداپىيەسىدىكى BBC گۇرۇپپىسىمۇ ئىتالىيە كوماندىسى ۋە يۇۋېنتۇستنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى پولات قورغان بولۇپ قالغان. 2011-يىلى يۇۋېنتۇس 300 مىڭ ياۋرو باھادا 29 ياشلىق بارزاگلىنى قوشۇۋالدى، ئۇ بونۇچ ۋە چېللىنى بىلەن يۇۋېنتۇستا سۇ ئۆتمەس قورغان شەكىللەندۈردى، بۇلارغا داڭلىق قاپقىچى بۇففون قوشۇلۇپ، ئىتالىيە ۋە يۇۋېنتۇستىكى ئەڭ مۇستەھكەم مۇداپىيە توسمىسىنى بەرپا قىلدى.
50.jpg
خانلىق مادرىد BBC گۇرۇپپىسى-بېل، بېنزىما، رونالدو
2013-يىلى يازدا، گارىس بېل 91 مىليون ياۋرو باھادا خانلىق مادرىدقا قوشۇلدى. بېل، بېنزىما ۋە كىرىستىيانو رونالدو بىرلىكتە BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى، زەردار كۇلۇبنىڭ ئىككى قانىتىدىكى توپچىنىڭ ھەر بىرسىنىڭ باھاسى يۈز مىلىيون ياۋرودىن ئاشاتتى. بېل خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان تۇنجى پەسىل ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى، بىراق خانلىق مادرىد بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى ۋە شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، ئالدىنقى پەسىلمۇ خانلىق مادرىد BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنىڭ تۆھپىسىدە يەنە بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. BBC ھۇجۇم گۇرۇپپىسى شەكىللەنگەندىن ھازىرغىچە 300 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق نەتىجىسى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
51.jpg
بارسېلونا MSN گۇرۇپپىسى-مېسسى، سۇئارېز، نېيمار
2014-يىلى يازدا، ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى سۇئارېز 81 مىليون ياۋرو باھادا بارسېلوناغا قوشۇلدى، شۇنىڭ بىلەن مېسسى، سۇئارېز ۋە نېيماردىن شەكىللەنگەن MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بارلىققا كەلدى. سۇئارېزنىڭ تۇنجى پەسىلدىكى ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئۇ دۆلەت دېربىسى ۋە ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ توپچىنى كىرگۈزدى، ھەمدە 2015-يىلى بارسېلونا بىلەن بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 2016-يىلى، MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بارسېلونا بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بىراق ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە مادرىد ئاتلېتكا تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.
52.jpg
ئارگېنتىنادىكى قوش قۇيۇن-مارادونا، كانىگىيا
بۇ ئىككى توپچى پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ داڭلىق ھەمكارلاشقۇچىلار، بىرسى ئىككىنچى ئەۋلاد پۇتبول شاھى، يەنە بىرسى تەلۋە توپچى، 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1/8 ھەر قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مارادونا پاس چىقىرىپ كانىگىيا توپ كىرگۈزۈپ بىرازىلىيەنى شاللىۋەتكەن.
53.jpg
بارسېلونا چۈش بىرىنچى كوماندىسىدىكى ئۈچ تۆھپىكار-رومارىيو، لاۋدىرۇپ، سىتويكوۋىچ
1993-1994-مۇسابىقە پەسلى، بارسېلونا ئۈچ تۆھپىكار رومارىيو، لاۋدىرۇپ، سىتويكوۋىچنىڭ ياردىمىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا تۆت پەسىل چېمپىيون بولغان، ھەمدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن، بىراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 0-4 نەتىجىدە مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. شۇ يىلى رومارىيو دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، سىتويكوۋىچ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
54.jpg
مىلاننىڭ 90-يىللىرىدىكى ئۈچ كىشىلىك ئارا-ۋېئا، باگىئو، ساۋېسىۋېچ
1995-يىلى يازدا باگىئو بىلەن ۋېئا مىلانغا قوشۇلدى، ھەمدە سىتويكوۋىچ بىلەن ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم گورۇپپىسى شەكىللەندۈردى، ئەينى ۋاقىتتا مىللان 1994-يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ بولغان، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەڭ شانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىدى، باگىئو بىلەن ۋېئا 1995-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى مىلاننى تىخىمۇ كۈچلەندۈرگەن. بۈ ئۈچ توپچى مىلان بىلەن 1995-1996-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن باگىئو مىلاندىن ئايرىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۇجۇم گورۇپپىسىمۇ ئاخىرلاشقان.
55.jpg
فىرانسىيەنىڭ داڭلىق مۇداپىيە سېپى-تۇرام، بلانك، دېسەيلى، لىزارازۇ
بۇ توپچىلار فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى كۈتىۋالغان، ئۇلار فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن 1998-يىللىق دۇنيا لوڭڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، 2001-يىللىق بىرلەشمە لوڭقا چېمپىيونلۇقى ۋە 2003-يىللىق بىرلەشمە لوڭقا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، تۇرام، بلانك، دېسەيلى، لىزارازۇدىن شەكىللەنگەن مۇداپىيە سېپى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس مۇداپىيە سېپى بولۇپ قالغان.
56.jpg
بىرازىلىيە مۇداپىيەسىدىكى قوش توسما-كافۇ، كارلوس
دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى كافۇ بىلەن كارلوستىن تۈزۈلگەن ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىيە گورۇپپىسى بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتى، كارلوس دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس سول بېك، ئۇ ىانلىق مادرىد بىلەن ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. كافۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بېك، ئۇ مىلان بىلەن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
57.jpg
خانلىق مادرىدتىكى قوشماق-رائۇل، مورېنتېس
رائۇل بىلەن مورېنتېس پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلار، ئۇلار خانلىق مادرىد بىلەن 10 چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىمۇ بار. ئۇلار يەنە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ئۈچ قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئەگەر خانلىق مادرىد 2003-يىلى چولپانلارنى قوشۇۋېلىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەن بولسا، خانلىق مادرىدمۇ مورېنتېستىن ۋاز كەچمەيتى، خانلىق مادرىدتىكى قوشماقمۇ خىلى ئۇزۇن ھەمكارلىشىپ، ياۋروپادا تىخىمۇ نام قازىناتتى، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئىككى توپچى ئوخشاش ۋاقىتتا مادرىدتىن بىرلىكتە چېكىنەلمىگەن.
58.jpg
مىلاندىكى ئۈچ كىشىلىك گورۇپپا-كاكا، شىۋچېنكو، ئىنزاگى
گەرچە بۇ ئۈچ توپچى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم گورۇپپىسى بولسۇن ياكى بولمىسۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ قاملاشقان ھۇجۇم گورۇپپىسى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كىلىشكەن توپچى «مىلان شاھزادىسى» كاكا، شەرقىي ياۋروپالىق قاملاشقان يىگىت «يادرو ئوق بېشى» شىۋچېنكو، ئىتالىيەدىكى قاملاشقان يىگىت «دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچى» ئىنزاگى، ئۇلار مىلاندا تۆت پەسىل ھەمكارلاشقان، ھەمدە 2003-2004-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بىراق مىلان بەش يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم گورۇپپىسى ھەر ئىككى قېتىمدا تولۇق ھەمكارلىشىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ باقمىغان.
59.jpg
ئىسپانىيەلىك كىلاسسىك قوش قانات-خۇئاكون، ۋىسېنت
بۇ ئىككى توپچى ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىدىكى ئالتۇن قوش قانات. بۇ ئىككى توپچىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئاران بەش كۈن پەرقلىنىدۇ، ۋىسېنت شەپەرەڭ قوشۇنىنىڭ شانلىق دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھەمدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىن يارلىنىش سەۋەبىدىن ئىپادىسى چېكىنىپ كەتكەن. خۇئاكون خانلىق بېنتىستا نام قازانغان، 2006-2007-مۇسابىقە پەسلى ۋالېنسىيەگە قوشۇلۇپ ۋىسېنت بىلەن ھەمكارلاشقان.
60.jpg
ئارسېنالدىكى يېڭىلمەس تۆت كىشىلىك گورۇپپا-ھېنرى، بېركامپ، يوڭبېرگ، پىرېس
2003-2004-مۇسابىقە پەسلى، ئارسېنال 49 مەيدان مەغلۇپ بولماي ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، بۇ تۆت توپچى ئەينى ۋاقىتتا ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق گورۇپپىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ھەمدە تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارسېنالنى دۇنياغا تونۇتقان.
61.jpg
چېلسىدىكى قوش قانات-روبېن، داف
روبېن 2004-يىلى يازدا چېلسىغا قوشۇلغان، ھەمدە داڭلىق ھۇجۇمچى دروگبا بىلەن بىرلەشكەن، بىر يىلدىن كېيىن داف چېلسىغا قوشۇلغان، چېلسى ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، ئېنگلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇ ۋاقىتتا روبېن بىلەن داف قۇيۇن قوش قاناتنى ھاسىل قىلغان، بۇلارغا دروگبا قوشۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىق گورۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
62.jpg
ئىتالىيەدىكى داڭلىق تۆت بېتون-گروسسو، ماتېرازى، كاناۋارو، زامبروتتا
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىتالىيە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى نىستا ۋە كاناۋارو مۇداپىيە گورۇپپىسىغا، زامبروتتا بىلەن گروسسو قوشۇلدى. تۇنجى شاللاش مۇسابىقىنىڭ 18-مىنۇتىدا نىستا يارلاندى، شۇنىڭ بىلەن داڭلىق بولغان گروسسو، ماتېرازى، كاناۋارو، زامبروتتا شەكىللەندى. 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گروسسو نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى. 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە زامبروتتا بىرىنچى توپنى كىرگۈزدى. يېرىم ھەل قىلغۇچتا گروسسو رەقىبىنى بوغۇزلاپ تاشلىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، زىدانى ماتېرازىنىڭ سەۋەبىدىن قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، ئىتالىيە نۇقتا توپقا ئېرىشتى، ھەمدە نۇقتا توپنى كىرگۈزدى، شۇ يىلى كاناۋارو شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى كۆمۈش توپ مۇكاپاتى ۋە شۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
63.jpg
خەلقئارا مىلاندىكى قوش ھۇجۇمچى شاھ-ئىبراھىموۋىچ، ئادرىيانو
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدىن كېيىن ئىبراھىموۋىچ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلدى، قارا كۆك قوشۇننىڭ ھۇجۇم سېپىدە داڭلىق ئىككى ھۇجۇمچى ھەمكارلاشتى. ئەينى ۋاقتتا خەلقئارا مىلاندا ئادرىيانو يالغۇز شاھ ئىدى، ئىبراھىموۋىچ قوشۇلغاندىن كېيىن يولۋاسقا قانات چىقتى، بىراق بۇ ئىككى ماھىر خەلقئارا مىلاندا قىسقا ۋاقىت ھەمكارلاشقان.
64.jpg
گېرمانىيەدىكى قوشماق-شىۋېنسىتېيگېر، پودولىسكى
2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، تىخى 20 ياشقا توشمىغان پودولىسكى بىلەن شىۋېنسىتايگېر گېرمانىيە كوماندىسىغا تاللانغان، ھەمدە گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمىدى بولۇپ قالغان. 2006-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، بۇ ئىككى توپچى گېرمانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئالتە نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنداقلا ھەر قېتىمدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەن، ئاخىرى 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ يىل يازدا بۇ ئىككى توپچى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گېرمانىيە كوماندىسىدىن چېكىندى.
65.jpg
ئىسپانىيەدىكى قوش خەنجەر-تورېس، ۋىللا
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، تورېس بىلەن ۋىللا ھۇجۇم سېپىدە ھەمكارلاشقان، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئاران ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، كېيىن تورېس ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ۋىللا يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ۋىللا بەش توپ كىرگۈزگەن، تورېس يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىسپانىيە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ۋىللا يارا سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، تورېس ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، بۇ ئىككى توپچى ئاساسلىق ئەزا بولالمىغان، ئىسپانىيە كوماندىسىمۇ گورۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كەتكەن.
66.jpg
ئىتالىيە ھۇجۇم سېپىدىكى ئىككى تەلۋە-بالوتېللى، كاسسانو
2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، ئىتالىيە مەشقاۋۇل ئاجايىپ قوش ھۇجۇمچى ئىشلەتتى، بۇلار «ئەسكى بالا» كاسسانو بىلەن «تەلۋە بالا» بالوتېللى. بۇ ئىككى توپچى گورۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدانىدىكى ئېرلاندىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە بىردىن توپ كىرگۈزگەن، ئىتالىيەمۇ 2-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان. يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى گېرمانىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە، كاسسانو پاس چىقىرىپ بالوتېېلى توپ كىرگۈزگەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بۇ ئىككى توپچى ئاساسلىق ئەزا بولغان بولسىمۇ، بىراق ئىتالىيە چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن.
67.jpg
دورتمۇندنىڭ ئۈچ كىشىلىك گورۇپپىسى-رىيوس، گوتزې، لېۋاندوۋىسكى
2012-يىلى يازدا، ئۇدا ئىككى نۆۋەت گېرمانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن دورتمۇند «كىچىك راكېتا» رىيوسنى قوشۇۋالدى، ئۇ گوتزې ۋە لېۋاندوۋىسكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كوماندىدىن ئايرىلغان كاگاۋانىڭ ئورنىنى تولدۇردى. بۇ ئۈچ ياش توپچى ياخشى ھەمكارلىشىپ ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا بارغان بولسىمۇ، بىراق بىر بىرلەشمىدىكى بايرېنغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچى بولۇپ قالدى. كېيىن ئالدى بىلەن گوتزې، بىر پەسىلدىن كېيىن لېۋاندوۋىسكى بايرېنغا قوشۇلدى، «كىچىك راكېتا» رىيوس يارىدىن قۇتۇلالمىدى.
68.jpg
يۇۋېنتۇستىكى MVP گورۇپپىسى-مارجىسىيو، ۋىدال، پىرلو
2014-2015-مۇسابىقە پەسلى يۇۋېنتۇس ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسىنى مۇداپىيە سېپىدىكى BBC گورۇپپىسىنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن سىرت، ئوتتۇرا مەيدان MVP گورۇپپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ تۆت توپچى ھەمكارلىشىپ تاغىل ئات قوشۇنىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپلا قالماي، يۇۋېنتۇس بىلەن ئۇدا تۆت پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 2014-2015-مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، پىرلو بىلەن ۋىدال يۇۋېنتۇستىن ئايرىلدى، مارجىسىيو يارا ئازابىدىن قۇتۇلالمىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +11100 يىغىش سەۋەبى
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
ئارزۇ + 10000 قالتىس!
دىكتور + 1000 قالتىس!
ئوسكار + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ئىت ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى قاۋايدۇ، ئىت ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ

پۇتبول مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16044
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 323 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1770 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-8-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 15:27:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىغا بىر بىلەت
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99801 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3130 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
ۋاقتى: 2018-1-8 15:39:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە تامغىنى ئۇرۋەتتىم ھە،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18552
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207939 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 121 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-12-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 15:43:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونىنىڭ ئا سۈيۈشكەن رەسىمى راسمىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11816
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15195 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 310 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 15:52:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەنىڭ تۆت مۇداپىئەچىسىگە كۆيىمەندە.زامبىروتتا،گىروسسو،ماتىراززى،كاناۋارو.گىروسسونىڭ 2006 -يىلىدىكى تۆھپىسى چوڭ.16 كۈچلۈكتە ئاخىرىغىچە دەرۋازىسىنى ئاچالمىغان ئاۋىستىرالىيەدىن بىر نۇقتا توپ ئېلىشى،يېرىم ھەل قىلغۇچتا گىرماننىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشى،ھەل قىلغۇچتا ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى تېپىشى،ھەقىقى ئىتالىيە قەھرىمانى
سەن كىم ئىدىڭ؟ئەمدى كىم بولدۇڭ؟يەنە كىم بولماقچى؟؟؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219550 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1239 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
ۋاقتى: 2018-1-8 16:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا   ھەيييي تۈمەن  ئالدىراپ كەتمىسەكمۇ  بۇلاتتىغۇ  ئادەمنى كۈلدۈرۈپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12574 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 16:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىغا  ئۈلگۈرۈپتىمەن  ، تامغىنى سۇرۇققا تازا مىلەپ  چىڭ  قىلىپ بېسىۋەتتىم ، يۇرتۇپ قۇياي دىسەم ئۆزلىرى قىپ بوپلا ئارلاشمىدىم
تىللا سېتۋالدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلار
ئۈندىدار -414873629
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17145
تېما سانى : 188
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 18582 ياۋرۇ
تىللاسى : 55 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2149 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
ۋاقتى: 2018-1-8 16:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىرمانىيىنىڭ كىلوزنىڭ قېپ قالغىنى كۆڭلۈمنى يېرىم قىپ قويدىيا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

چېلسىي لۈكچىكى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14218
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10692 ياۋرۇ
تىللاسى : 21 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4310 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-6-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 17:13:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېررى ھازىر ئاستون ۋىللادا ئوينايدۇ تۈمەنتاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

مادرىد لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14769
تېما سانى : 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24481 ياۋرۇ
تىللاسى : 7 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1684 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 17:24:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەئىس نىڭ  ب ب  س ھۇجۇم گۇرپىسنىى پارچىلايدىغا ۋاقىتبولدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17807 ياۋرۇ
تىللاسى : 33 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1205 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-8 17:57:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس تىما ئوقۇشقا بىر يىرم سائەت كەتتى ، قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

چېلسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18572
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2060 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 76 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2018-1-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
ۋاقتى: 2018-1-8 18:19:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ  نۇرغۇن چولپانلارنى بلۋال دىم تىما ئگسىگە رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-24 09:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش