كۆرۈش: 1773|ئىنكاس: 16

باش ئەگمەس «كېسەل كۆرپىسى»نىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21

ChOqM1pIqZSALc8KAACpUbt9WIA214.jpg

12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى «دۆلەت دېربىسى»نىڭ غەلىبىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بېلگىيەلىك ئوتتۇرا بېكى ۋېرمالېن ئاللىقاچان ئۇدا تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولدى ھەمدە پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىلەرنى تولۇق تاماملىدى. بۇ تۆت مەيدان مۇسابىقىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقىم ئىپادىسى بىلەن كوماندىغا ياردەملىشىپ رەقىبىدىن توپ ئىستېمال قىلمىغان ئاساستا ئاياغلاشتۇردى. يېقىنقى بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن 6 قېتىم مەيدانغا چىقتى. كىشىلەر بولسا يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ ئارسېنال ۋە ئاجاكس كوماندىسى ۋاقتىدىكى سىيماسىنى كۆرگەندەك بولدى، كەسپى ھاياتى ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن يارىلىنىش ئازابىغا تولغا ۋېرمالېن، نۆۋەتتە ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆزىگە كەلگەن ھەربىر قېتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقتا.

يېقىندا «TheseFootballTimes»دىن كەلگەن ئاۋتانش بېخال (Avtansh Behal) ۋېرمالېن ۋە بېلگىيە پۇتبولىغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىسىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.


ChNy21pJpNKAdvweAAFsQOWOUXw016.jpg

(سېلتا بىلەن بولغان مۇسابىقە، ئۇمتىتىنىڭ يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىشى)

بارسېلونا 2-2 نەتىجىدە سېلتا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقىدە، ئۇمتىتى يارىلىنىش سەۋەبلىك ۋېرمالېن بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىپ بارغان پەيتتە، پۈتۈن نوكەمپۇ پۇتبول مەيدانى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇردى. شۇنىڭدىن بۇرۇنراق ئارگېنتىنالىق بېك ماسچېرانومۇ يارىدار ئەزالار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىپ بولغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن «كۆك-قىزىل قوشۇن» يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا بېك قەھەتچىلىكىگە دۇچ كەلدى، چۈنكى ئۇمتىتى بىلەن ماسچېرانونىڭ يارىلىنىشى سەۋەبلىك، بارسېلونا كوماندىسى ئەزالىرى ئىچىدە مەيدانغا چۈشەلەيدىغان ئوتتۇرا بېكتىن پەقەت پىك بىلەن ۋېرمالېنلا قالغان ئىدى.
ۋېرمالېنمۇ ئۇمتىتى بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىلا، ئاللىقاچان مەستانىلەرنىڭ ھەيرانلىق ۋە گۇمان ئىچرە قاراشلىرىنى ھېس قىلىپ يەتتى. چۈنكى ئۇ بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ شۇ ئىسمى يارىلىنىش، داۋالىنىش، ئەسلىگە كېلىش قاتارلىق سۆزلەر بىلەنلا تىلغا ئېلىناتتى، توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى، بەزى مەستانىلەر ھەتتا ئۇنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە بارسېلونادا پۇت دەسسەپ تۇرۇشىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

ChNy21pJpmSAZRSvAAEN4ik4nKs549.jpg

(2014-يىلى، ۋېرمالېن بارسېلوناغا قوشۇلدى)

ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھەقىقەتەن بارسېلونا 2014-يىلى زور ئىشەنچ بىلەن قوشۇۋالغان توپچى ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ ئارسېنال كوماندىسىدا ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇۋاتقان ئوتتۇرا بېك ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، كىشىلەر ئۇنىڭ خۇددى بۈگۈنكى ئۇمتىتىدەك كوماندا ئىچىدە مۇھىم رول ئوينىيالىشىنى، پىك ۋە ماسچېرانودىن كېيىنكى تايىنىشقا بولىدىغان بىر ئىشەنچلىك ئوتتۇرا بېك بولالىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.چۈنكى، ۋېرمالېننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەسپى ھاياتىدا شانلىق مىنۇتلار كەم ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن زور ئۈمىد كۈتۈشكە تامامەن ئەرزىيتتى.

يېقىنقى يىللاردا، ياۋروپا پۇتبولى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، شۇنداقلا كۈچلۈك كوماندىلار ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە كوماندىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ مەدھىيەسىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، بېلگىيە كوماندىسىمۇ ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئېنگلاد بىرلەشمىسىنىڭ ئاتامان كۇلۇبلىرى، خازارد ۋە لۇكاكۇنىڭ بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، يەنە دېبرۇينې، ۋېرتوڭخېن، ئالدېرۋېيرېلد ۋە كورتۇۋا قاتارلىقلار توپچىلارنىڭ تالانتىنى ھېس قىلىپ يەتتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنگلاد بىرلەشمىسىدە توپ تېپىۋاتقان بېلگىيەلىك توپچىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيەدە بولسا، ناپولى كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان مېرتېنسمۇ ئۆز كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى ئاساسلىق تۈۋرۈككە ئايلاندى. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، بېلگىيە كوماندىسى 8 كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. ھەر قېتىم چوڭ مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلگەندە، «ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى»نىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆز كوماندىسىنىڭ ياخشىراق نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى، سەپ شەكلىنىڭ مۇكەممەللىكىدە، ياۋروپادا بەلكىم پەقەت گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىقلار كوماندىلارلا ئۇلار بىلەن پۇت تېپىشەلەيتى.

لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- 90-يىللىرى، بېلگىيە پۇتبولى دۆلەت كوماندىسى ۋە كۇلۇب قاتلىمىدا خۇددى مۇز بىلەن ئوتنىڭ دۇنيانى قاپلىشىدەك ۋەزىيىتىنى نامايان قىلدى. شۇ ۋاقىتتىكى بېلگىيە كوماندىسى گەرچە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن ئۈزۈپ چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى ھېسابلىناتتى، ئەمما بېلگىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كوماندىلىرى ياۋروپا مۇسابىقىسى مەيدانلىرىدا رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. 1985-يىلى، ۋېرمالېن ئانتۋېرپېندا دۇنياغا كەلدى، شۇنداقلا دەل بۇ ئىككى خىل ۋەزىيەت ئېلىپ كەلگەن زەربىنى تولۇقى بىلەن ھېس قىلىۋالدى.

u=671676219,1846340311&fm=200&gp=0.jpg

ھەممىگە ئايانكى، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيە غەربىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىكى داڭلىق قوشنا دۆلەتلەر.بىر تەرەپتە بېلگىيە كۇلۇبلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ «تام قوشنىسى» بولغان گوللاندىيە باشقا بىر قىياپىتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، گوللاندىيە زەردارى بولغان ئاجاكس كوماندىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش تۈرى مول-ھوسۇللۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. 1995-يىلى، بۇ ئامستېردامدىن كەلگەن ياشلار قوشۇنى ئاس مىلان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ۋە پۈتۈن ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى ھەيران قالدۇردى. 1996-يىلى، ئۇلار يەنە بىر نۆۋەت ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى، گەرچە غەلىبە قىلىپ لوڭقا كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، گوللاندىيەدىن كەلگەن بۇ ياش قوشۇننىڭ ئىككىنچى بولۇشىمۇ يامان ئەمەس نەتىجە ھېسابلىناتتى. بۇنىڭدىن باشقا شۇ ۋاقىتتىكى ئاجاكس توپچىلىرى ئىچىدىكى كلۇيۋېرت بىلەن ئېدگار داۋىدس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 1998-يىللىق «ئاپېلسىن رەڭلىك قوشۇن»نىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپ شەكلىگە تاللانغان ئىدى، ھەمدە ئىككىلىسى شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ مۇھىم توپچىلىرى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھالقىلىق توپلارنى كىرگۈزگەن ئىدى، شۇنىڭغا يارىشا گوللاندىيە كوماندىسىمۇ تۆتىنچى بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، ئاجاكس كوماندىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيەلەش بازىسىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ChOqM1pJsVOAFeaNAAMB38cSJYo866.jpg

(ۋېرمالېن رېيېسنى مۇداپىئە قىلماقتا)

شۇڭا، ئاجاكس كوماندىسى 2000-يىلىدىن باشلاپ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ۋاقىتتا، ۋېرمالېنمۇ تەبىئىيلا بۇ «چولپان پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى»غا قوشۇلۇشنى تاللىدى. ياشلار كوماندىسىدا 3 يىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاجاكس مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجىدە ۋولېندام كوماندىسنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە، رونالد كومان 18 ياشقا كىرگەن ۋېرمالېنغا كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى بىرىدۇ. بۇ قارىماققا خۇشاللىنارلىق ئىشتەك قىلسىمۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئويلاشقاندا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ۋېرمالېننىڭ ياشلار كوماندىسىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن 2003/2004-مۇسابىقە پەسلىدىكى نەچچە قېتىملىق بىرىنچى سەپ كوماندا ئۈچۈن مەيدانغا چىقىش تارىخى، ئۆز نۆۋىتىدە كومانغا ئىنتايىن قېيىن بولغان سوئالدىن بىرنى تاشلاپ قويىدۇ.

شۇ ۋاقىتتىكى ئاجاكس كوماندىسىنىڭ بېكلارنىڭ پۇت ئاستى تېخنىكىسىغا قويىدىغان ئۆلچىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىدى، يەنە بىر تەرەپتە ئىزچىل ھالدا تىرىشىپ كوماندا سىستېمىسىغا ماسلىشىۋاتقان ۋېرمالېننىڭمۇ بىرىنچى سەپ كوماندا ئىچىدە ئۆزىگە تېگىشلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشىش ھوقۇقى بار ئىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئاجاكس كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدە ماكسېۋېل، ئېسكۇدې ۋە خېيتىنگا قاتارلىق قابىل بېكلار بار بولۇپ، ۋېرمالېننىڭ مۇقىم بولغان مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى ئىنتايىن تەس ئىدى. شۇڭا 2004/2005-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە، ئاجاكس كوماندىسى ئۇنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كوماندا بولغان ۋالۋىجك كوماندىسىغا ئىجارىگە بەردى، بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ رىتىمىغا ماسلىشىشىغا ياردىمى بولاتتى. ۋېرمالېنمۇ بۇ ئۆزىگە كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى، ۋالۋىجك كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 13 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 2 توپ كىرگۈزدى، كوماندىمۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلەشمىدە 9-ئورۇننى قولغا كەلتۈردى.

ChOqM1pJqDOAAPAyAB6SqGbtQCY082.gif

(ئېينخوۋېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ۋېرمالېن ئاجاكس كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى)

2005-يىلى، ئىجارە ۋاقتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋېرمالېن ئاجاكس كوماندىسىغا قايتىپ كەلدى، ھەمدە بارا-بارا كوماندا ئىچىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇردى، بۇ ۋاقىتتا كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى ئاللىقاچان دەنني بلىندقا ئۆزگىرىپ بولغان ئىدى. گەرچە ئاجاكس كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن 2005/2006-مۇسابىقە پەسىللىك بىرلەشمىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار 2-1 نەتىجىدە ئېينخوۋېن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىللىق گوللاندىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ۋېرمالېن بولسا كوماندىنىڭ شۇ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش يولىدا ھالقىلىق شەخسنىڭ رولىنى ئۆتىدى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئوخشاشلا كوماندىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان بولۇپ، 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 3 توپ كىرگۈزدى. شۇ ئارىلىقتا، ئۇ يەنە بېلگىيە دۆلەت كوماندىسى تەرەپتە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى مەشقاۋۇلنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ پەسىلدە ئۇنىڭغا يەنە 5 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بەردى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئاجاكس كوماندىسى 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە 2-3  ئومۇمىي نەتىجىدە مانچىنى يېتەكلەۋاتقان خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللىنىپ كەتتى.

2006/2007-مۇسابىقە پەسلىدە، ۋېرمالېن بىلەن خېيتىنگادىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا بېك گۇرۇپپىسى تېخىمۇ ئىچى قۇيۇن-تاش قۇيۇن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاجاكس كوماندىسى بىلەن ئېينخوۋېن كوماندىسى بىرلەشمە چېمپىيونلۇق كۆرىشىنى تاكى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى. ئەمما ئاخىرىدا، سابىق ئاجاكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى كوماننىڭ يېڭى ئائىلىسى ساپ توپ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئاجاكىس كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، شۇ پەسىللىك چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى. ئۇدا ئۈچ پەسىل ئۆز بىرلەشمىسىدە قۇرۇق قول قالغان ئاجاكس كوماندىسىنىڭ گوللاندىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى قالتىس بولغان بولۇپ، يەنە بىر قېتىم گوللاندىيە لوڭقىسىغا ئېرىشتى. 2007/2008-مۇسابىقە پەسلىدە، ئاجاكس كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، شۇ سەۋەبلىك مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى يادروسى خېيتىنگا كوماندىدىن ئايرىلىپ، ئىسپانىيە مادرىد ئاتلېتىكا كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەتتى.

ChNy21pJqlqATNywAAC4Wx2Br3w630.jpg

(ۋېرتوڭخېن يەنىلا ئاجاكس كوماندىسىدا)

ئوتتۇرا بېك ئورنىدىكى شېرىكىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ۋېرمالىننىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى، 2008-يىلى قىشقا كەلگەندە ئۇ كوماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر ئاجاكس ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيەلەش بازىسىدىن چىققان ئوتتۇرا بېك ۋېرتوڭخېنمۇ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرگەن بولۇپ، ۋېرمالېن بىلەن يېڭىدىن ئوتتۇرا بېك گۇرۇپپىسى شەكىللەندۈردى. شۇنداق بولسىمۇ، يەنىلا ئاركىمار كوماندىسى شۇ پەسىللىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە گوللاندىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 16 كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئاجاكس كوماندىسى، ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا مارسېل كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى، كوماندىنىڭ كاپىتانى بولغان ۋېرمالېنمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە چېمپىيونلۇق بىلەن ئاجاكس كەسپى ھاياتىنىڭ خاتىمىسىنى يېزىشقا ئامالسىز قالدى.

ChOqM1pJqwWAf2zwAADWgiu-pSI513.jpg

(ۋېرمالېن ئارسېنال كوماندىسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىشىپ يېتىلمەكتە)

شۇنداق بولسىمۇ، ۋېرمالېن قالتىس بولغان مۇداپىئە ئىقتىدارى ۋە 150 مەيدانغا يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش تارىخىغا تايىنىپ، ئېنگلاد زەردارى ئارسېنال كوماندىسىنىڭ قىزىقىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئارسېنال كوماندىسىمۇ شۇ ۋاقىتتا جىددىي ھالدا ئۆزىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى كۈچلەندۈرۈشكە موھتاج ئىدى. ئاخىرىدا، ۋېرمالېن 2009-يىلى يازدا كونا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ خەلىپە پۇتبول مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.

ChNy21pJq46AennHAB2v0-_zu24302.gif

(بلاكبۇرن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ۋېرمالېن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپ كىرگۈزدى)

ئاجاكس كوماندىسى ۋە ئارسېنال كوماندىسى ئوخشاشلا پىششىق بولغان پۇت ئاستى تېخنىكىسىغا ئەھمىيەت بېرەتتى، شۇڭا ۋېرمالېن ناھايىتى تېزلا ۋېنگېرنىڭ سىستېمىسىغا ماسلىشىپ كەتتى. يەنە، ئۇنىڭ كۆپ ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئالاھىدىلىكى ئارسېنال كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى ئوخشاش بولمىغان تەلەپلىرىنى قاندۇردى. كلىچي مەيدانغا چىقىشقا ئامالسىز قالغاندا، ئۇ ئورنىنى ئۆزگەرتىپ سول بېكقا ئايلىناتتى، ئۇ ئاجاكستىمۇ مۇشۇ ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ باققان بولۇپ، بۇ ئۆزگەرتىشمۇ ھۇجۇمغا قاتنىشىشقا ئامراق بولغان ۋېرمالېنغا تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۇ ئارسېنال كوماندىسىغا قوشۇلغان بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدە، ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 45 قېتىم مەيدانغا چىقىپ يەنە 8 توپ كىرگۈزدى. بۇ توپلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ۋىگان رىقابەت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە «قوش گۈل قىسقان» ئىككى توپى، ۋە يەنە بلاكبۇرن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك توپىمۇ بار ئىدى. گاللاس، كلىچي ۋە باشقا سەپداشلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، تېز سۈرئەتتە ئېنگلاد بىرلەشمىسىگە ماسلىشىپ كەتكەن ۋېرمالېن ئۆزىنىڭ قالتىس بولغان تۇنجى مۇسابىقە پەسلىنى تاماملىدى، ئارسېنال كوماندىسىمۇ بىرلەشمىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بولسا، ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە 8 كۈچلۈكلەر باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى، ئەمما تۆت كۈچلۈككە كېرىش مۇسابىقىسىدە گۇئاردىئولا يىتەكلاۋاتقان بارسېلونا كوماندىسغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

2010/2011-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە، گالاسنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ۋېرمالېننى يەنە بىر قېتىم كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى يادروسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ھەمدە ئۇنىڭ ئوتتۇرا بېك ئورنىدىكى شېرىكلىرى كوسچېلنىي ۋە سكۇللاچىغا ئالماشتى. ئەمما پەسىل ئارىلىقىدا ئۆكچە پېيىنىڭ يارىلىنىش بىلەن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يارىلىنىش سەۋەبلىك، پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە پەقەت 5 قېتىملا مۇسابىقىگە قاتنىشالىدى، بۇ ئىشلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، يارىلىنىش ئازابى ئۇنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. شۇ مۇسابىقە پەسلىدە، ئارسېنال كوماندىسى بىرلەشمىدە تۆتىنچىلىككە ئېرىشتى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا، يەنە بىر قېتىم گۇئاردىئولا تۇتقان بارسېلونا كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى مۇسابىقە پەسلى ئىچىدە، ئۆكچە پېيى ئوپېراتسىيەسىنى باشتىن تاماملىغان ۋېرمالېن يامان ئەمەس مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈنۈمىنى ساقلىدى، 2011/2012-مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يەنە 6 توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئارسېنال كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىشىگە كۈچ قوشتى. گەرچە ئۇ 2012/2013-مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىنىڭ يېڭى كاپىتانى بولۇپ تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مېرتېساكېرنىڭ كوماندىغا قوشۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ كوماندىدىكى ئاساسلىق ئورنىنى يوقۇتۇپ قويدى. بەدەن قارشىلىقى تېخىمۇ كەسكىن بولغان ئېنگلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە، ۋېرمالېنغا سېلىشتۇرغاندا، ۋېنگېر پۇتبول ئۇسلۇبى تېخىمۇ ياخشى بولغان بۇ گېرمانىيەلىك ئوتتۇرا بېكقا ئىشەنگەن ئىدى.

2013/2014-مۇسابىقە پەسلى ۋېرمالېننىڭ ئارسېنالدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەسلى بولۇپ قالغان بولۇپ، بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پەقەت 14 قېتىملا مەيدان چىقتى. ئەمما بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ خاتىمىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلاشتى، ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئېنگلاد ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئارسېنالدىكى كەسپى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى «چېكىتى»نى قويدى. دۆلەت كوماندىسى تەرەپتە بولسا، ئۇ بېلگىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئەمما شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن غالىب كېلەلمەي، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى. شۇ يىلى يازدا ۋېرمالېن بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلدى، شۇ چاغدا باش مەشقاۋۇل لۇيىس ئېنرىك ئۇنى ئوتتۇرا بېك ئورنىغا بولغان پايدىلىق تولۇقلاش بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى.

مارتىنونىڭ قولىدىن «كۆك-قىزىل قوشۇن»نىڭ مەشقاۋۇللۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئېنرىك كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپى مۇكەممەللىكىنى كۈچلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى، پىك ۋە ماسچېرانودىن باشقا، كوماندا تايانغىنى بولىدىغان يېڭى بېكقا موھتاج ئىدى. گەرچە بارتىرا كوماندا موھتاج بولغان پەيتتە مەيدانغا چىقالىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىك شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ناچار ئىپادىسى، كوماندىنىڭ ئوتتۇرا بېك ئورنىغا قايتىدىن تولۇقلاش ئىلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. ۋېرمالېننىڭ قوشۇلۇشىدىن بۇرۇن، بارسېلونا ئاللىقاچان ماتىھۇ بىلەن بىردەكلىككە كېلىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بېلگىيەلىك بېكنىڭ مول بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە تەجرىبىسى ۋە ياشلارنى يېتەكلەش ئىقتىدارى بارسېلونا كۇلۇبى تەرىپىدىن مۇھىم دەپ قارالغان ئىدى.

ChOqM1pJrDiAK29eAARP8s0hDpk542.jpg

(ۋېرمالېننىڭ بارسېلونا ھاياتى ئالدىن كۆزلەنگەندەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى)

ئۆز ۋاقتىدا، بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ۋېرمالېننىڭ يارىلىنىش تارىخىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ قوشۇۋېلىشىدا مۇنداق ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بار ئىدى. بىرىنچى، 2013/2014-مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئارسېنالغا قوشقا تۆھپىلىرىنى ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان، بۇ تەرىپى بارسېلونانى ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ساغلام تۇرۇپ بېرىشىگە ئىشەندۈرگەن ئىدى. ئىككىنچى، بارسېلونا كوماندىسى پىك ، ماسچېرانو ۋە سول مۇداپىئەچى ئاربا مەيدانغا چىقالمىغان ۋاقىتتىكى سەپ شەكلىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا موھتاج، ھەمدە بۇ ئۈچ بېكنىڭ يارىلىنىپ قىلىش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلدى، شۇڭا ۋېرمالېننىڭ ئۇزۇن مۇددەت زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇسابىقىلەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارالدى.

ChOqM1pJrP2AfNKPABx2ykpUdGs638.gif

(مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقە، ۋېرمالېن بارسېلوناغا قوشۇلغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىردىنبىر توپىنى كىرگۈزگەن)

ئەمما، نەتىجە بارسېلونانىڭ ئويلىمىغان تەرىپىدىن چىقتى، 2014/2015-مۇسابىقە پەسلى، چوڭ پۇت مۇسكۇلى يارىلانغان ۋېرمالېن، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى لاكورۇنا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىلا مەيدانغا چېقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 2015/2016-مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە، ئاندىن ئەھۋالدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، ئۇ ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەر بولۇپ جەمئىي 20 قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ھەمدە مالاگا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بارسېلوناغا قوشۇلغاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىردىنبىر توپىنى كىرگۈزدى، توپ كىرگۈزگەن ۋېرمالېن تاغدەك يۈكنى يەلكىسىدىن ئېلىۋەتكەندەك يەڭگىل بولۇپ قالدى. ئەپسۇس، يارىلىنىش ئۇنى يەنە 13 مەيدان مۇسابىقىدىن مەھرۇم قالدۇردى، ھەمدە فىرانسىيەلىك «قارا ئېيىق» بېك ئۇمتىتىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ۋېرمالېننىڭ بارسېلونادىكى كەلگۈسى غۇۋالىشىشقا باشلىدى. 2016/2017-مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ بارسېلونا تەرىپىدىن ئىتالىيە رىم كۇلۇبىغا ئىجارىگە بېرىلدى. رىم كوماندىسىدا بولسا ئۇ يەنىلا پەقەت 12 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالىدى. خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە بولسا، 2016-يىلى ئۇ بېلگىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئەمما 4 كۈچلۈككە كېرىش مۇسابىقە باسقۇچىدا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا ۋېلش كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

ChOqM1pJrVKAVC4OAAB2Jb1VYnI272.jpg

(ۋېرمالېن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشقا تەقەززا بولماقتا)

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋېرمالېن يەنە كەسپى ھاياتى يارىلىنىشنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان توپچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر تىلغا ئېلىنغاندا بەزىلەر، ئۇ بەك بالدۇرلا كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان، يەنى 18 يېشىدىلا تۇنجى كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالغان، شۇڭا يارىلىنىشنىڭ قارا بۇلۇتلىرى ئۇنى بالدۇرلا ئىزدەپ تاپتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە پۇتبول مۇسابىقىلىرى رىتىمىنىڭ بارا-بارا تېزلىشىپ كېتىشى، توپچىلارنىڭ يارىلىنىش خەۋپىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرلىتىۋەتتى دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە،يەنە شۇ توپچىنىڭ تەلەيسىزلىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن. ھەمدە دۆلەت كوماندىسىدا بولسا، ۋېرمالېننىڭ ئاساسلىق ئورنى ئالدېرۋېيرېلد ۋە ۋېرتوڭخېندىن ئىبارەت شېرىكلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى.

ChNy21pJrjCAMP2qAAIbzKu8fjk867.jpg

(يېقىنقى كۈندىكى «دۆلەت دېربىسى»دە، ۋېرمالېن پۈتۈن كۈچى بىلەن مودرىچنى مۇداپىئە قىلماقتا)

ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، كۆپ قېتىملىق يارىلىنىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ۋېرمالېننىڭ بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن قالتىس ئىپادىسى ۋە تارىخىنى ئۇنتۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى ۋېرمالېن ئاللىقاچان ساق-سالامەت ھالدا مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغان بولدى، كەسپى ھاياتىنىڭ ئەگرى-توقاي يوللىرىنى بېسىپ ئۆتكەن ۋېرمالېن كۆز ئالدىدىكى ھەر قېتىملىق پۇرسەتنى قەدىرلەيدىغان بولدى. ئۆتمۈشى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئاھ ئۇرغاندىن كۆرە، كەلگۈسى ئۈچۈن تېرىشماق تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر، ۋېرمالېنمۇ دەل شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، بارسېلونا مەستانىلىرىمۇ ئۇنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا خۇشاللىق ۋە بەخت تىلەش بىلەن بىرگە، بارسېلونا ھاياتىغا ئۈمىد بىلەن تىكىلمەكتە


.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +2000 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 1000 قوللاش!
ئارزۇ + 1000 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2018-1-3 20:54:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باسا مەستانىلىرىغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ قوي ۋىرمالىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11816
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15195 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 310 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-3 21:33:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ياراتماي كەتكەندىكىن،ئاشۇنداق يات گۇي قوپماي
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
سەن كىم ئىدىڭ؟ئەمدى كىم بولدۇڭ؟يەنە كىم بولماقچى؟؟؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

تەشۋىقات ئەلچىسىئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17146
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10215 ياۋرۇ
تىللاسى : 12 سەر
توردىكى ۋاقتى : 447 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-15
ۋاقتى: 2018-1-3 21:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يىتىمنى يازدا قۇشۇۋالغان چىغى دىسەم، ئەسلى بۇ بالىمۇ بارسىلوناغا كەلگىنى ئازغىنە كەم 4يىل بولغان غوجامكەن ئەمەسمۇ، كۆمۈلۈپ قالغان ئالتۇننىڭ ھەممىسى شۇ بارسىلونادا ئوخشايدۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
坚持就是胜利
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2018-1-3 21:34:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزھار يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 21:33
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ياراتماي كەتكەندىكىن،ئاشۇندا ...

ھازىر يىتىغلىق ئەمەس بۇ، دېربىدىمۇ ئۇمتىتىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي قالتىس ئوينىۋەتتى ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11816
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15195 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 310 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-3 21:37:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
A.alim يوللىغان ۋاقتى  2018-1-3 21:34
ھازىر يىتىغلىق ئەمەس بۇ، دېربىدىمۇ ئۇمتىتىنىڭ يوقلىق ...

دەيمىنا ئەمدى،كونا خۇيى تۇتۇپ ۋېلشىردەك ياتقۇسى كەلسە يىتىۋالامدىكىن دەيمەنغۇ،توپ ئويناش خوش ياقمىسا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
سەن كىم ئىدىڭ؟ئەمدى كىم بولدۇڭ؟يەنە كىم بولماقچى؟؟؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15441
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957 ياۋرۇ
تىللاسى : 22 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1287 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
ۋاقتى: 2018-1-3 22:09:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېتىپلا لوڭقا ئېلىش دىسە مۇشۇنى دىسە بولىدۇ مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11693
تېما سانى : 192
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 29872 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3718 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-9-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2018-1-3 23:04:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارلىنىش بەك تولا بوپكەتتى، ئەمدى بولسىمۇ بىر يارلانماي ياخشى ئوينىۋەتسە بارسېلونادا ئەجىر قىلىپ 6شاھ بوپ كەتسە روسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا ئاساسلىق بىك بولۇپ قىزىل ئالۋاستىلارغا بىر تۆھپە قوشسا بولاتتى.
كىشىنىڭ خۇشاللىقىنى يازىدىغان قەلەم بولالمىساڭمۇ، قايغۇسىنى ئۆچۈرىدىغان ئۆچۈرگۈچ بولۇشقا تىرىشقىن.[/
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئارسىنال لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزا

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13200
تېما سانى : 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 84201 ياۋرۇ
تىللاسى : 29 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4145 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-3 23:16:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈم قان ئارسىنالچى تۇرۇپ ۋىرمالىن توغۇرلۇق كۆپ بىلمەيدىكەنمەن. ،ۋىرمالىننىڭ تارىخىنى ئەمدى تولۇق چۈشنىشلىك بىلىۋالدىم.مۇنبەر تۆھپىكارلىرىنىڭ ئەجىرگە تەشەشككۈر…ھارمىغايسلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13789
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4298 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3669 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-3-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-3 23:31:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارلانمايلا تۇرسا قالتىس ئوينايدىغان توپچىتى بۇ…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18552
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207939 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 121 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-12-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-3 23:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساق ۋاقتىدىغۇ ياخشى ئوينايدىغان يىتىمكەنتۇق       بۇ يىل پەپىلاپ تۇرۇپ،ئۇزغۇنلۇقتىن باشقىغا سالمايدىغان ئىشمىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13671
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29676 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1714 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-2-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2018-1-4 10:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدەك   تەلىيى  با    توپچى   ئاز   جۇمۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-24 09:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش