كۆرۈش: 2263|ئىنكاس: 38

2017-يىللىق پۇتبول دۇنياسىدىكى 10 چوڭ ئەرباب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەموللا تاپقاقئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالتۇن پۇت

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1161
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 351842 ياۋرۇ
تىللاسى : 63 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3521 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 21:11:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2018-1-1 10:19  


ئۇلار بولسا پۇتبول دۇنياسىنىڭ خوجايىنى، ئۇلار بولسا 2017- يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ كۆزىنى چاقنىتىدىغان چولپان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يىشىل چىملىق مەيداندا جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولغان توپچىلار بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەشقاۋۇللۇق سەھنىسىدە بۇ جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولغان توپچىلارنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولغان مەشقاۋۇللار بار. يېڭى يىل ھارپىسىدا، بىز 10 كىلاسسىك ئۈزۈندە ئارقىلىق،2017- يىلىدىكى ئەنە ئاشۇ پۇتبول مۇنبىرىدىكى تېما خاراكتېرلىك  ئادەم، شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. 2018- يىلى كىلەي دەپ قالدى، يېڭى يىلغا نىسبەتەن سىزدە يەنە قانداق ئوخشاش بولمىغان كۈتۈشلەر بار ؟

10. لىپى

"گەرچە جۇڭگو كوماندىسى 2030- يىلى ئاندىن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالىسىمۇ، لېكىن مەن ھاسسىغا تايىنىپ بولسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ قايتىپ كېلىپ بۇ ئىشنى تەبرىكلەيمەن."

IMG_4730.JPG

كوماندا : جۇڭگو
ھالقىلىق پەيت : جۇڭگو 0:1 كورىيە
2017- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، قاتار دوھا ، باش رىپىرنىڭ ئاخىرىقى پۈشتىكىنىڭ چىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدىكى قەدىمى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. بۇ 15 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا يىقىنلاشقان بىر قېتىملىقى، ھەمدە 15 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۈمىدۋار بولغان بىر يىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇلتۇر 10- ئايدا لىپى رەسمىي ھالدا جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلاندى. بۇ ئىتالىيەلىك مەشقاۋۇلنىڭ ئۈستىگە جۇڭگودىكى نەچچە يۈز مىليونلىغان توپخۇمارلارنىڭ ئۈمىدى يۈكلەنگەن ئىدى. بۇ يىلنىڭ بىشىدىكى ئۆز مەيدانىدا 0:1 نەتىجىدە كونا رەقىبى كورىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى،كەينىدىنلا ئۆزبېكىستان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، كېيىن مىھمان مەيداندا قاتار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئاخىرىقى ئالتە ئايلانما مۇسابىقىدە تەلۋىلەرچە 11 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان ئۈمۈد ئوتىنى قايتىدىن ياندۇردى.لىپى بۇ ئوتنى تاكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىگىچە ساقلاپ قالدى. گەرچە ئاخىرىدا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شاللىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ 12 كۈچلۈك مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى يىرىمىدىكى ئىپادىسى جۇڭگو كوماندىسىنى 10- ئايدىكى رەت تەرتىپىدە ئىزچىل تۈردە كورىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيادىكى رەت تەرتىپىدە 57- ئورۇنغا تىزىلىپ، 12 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دۇنيا رەت تەرتىپىدە تۇردى.

IMG_4731.JPG

جەڭ نەتىجىسىنىڭ ئۆرلىشىدىن باشقا يەنە، جۇڭگو كوماندىسى مۇسابىقە جەريانىدا روھىي قىياپىتىنى ۋە ماھارەت تاكتىكا سەۋىيەسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. لىپىنىڭ جۇڭگو كوماندىسىغا ئېلىپ كەلگىنى نەق مەيداندىكى يىتەكچىلىك ۋە تاكتىكا ئىدىيەسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە روھ، ئەقىدە، كوللىكتىپ ۋە غەلبىگە بولغان قورقمايدىغان تەشنالىق. يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشى جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2017- يىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ بىر يىل ئىچىدە لىپى جۇڭگو كوماندىسىنى " ھەرقانداق بىر كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن " دىگەن ئۇقۇمدىن " ھەرقانداق بىر كوماندىنىڭ يىڭىشى تەس " دىگەن ئۇقۇمغا ئۆزگەرتتى. لىپى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇم بوران يامغۇرلۇقتا قالغان بىر كوماندىنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كوماندا ئەڭ كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى نامايەن قىلدى. مۇشۇ بىر نوقتىغا ئاساسەن، جۇڭگو مەستانىلىرىنىڭ بۇ 70تىن ئاشقان بوۋايغا رەھمەت ئېيتماسلىققا سەۋەبى يوق.

IMG_4732.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐


9.مورىنھو

IMG_4733.JPG

" بۇ بىر نەچچە ئاي بەك جاپالىق بولدى، يارىلىنىش بىزنىڭ ھازىرقى سەپ شەكلىمىزنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. بۇ مەن مەشقاۋۇل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن بىر مۇسابىقە پەسلى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قالتىس سەپەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."
كوماندا : مانچېستېر بىرلەشمىسى
ھالقىلىق پەيت : مانچېستېر بىرلەشمىسى 0:2 ئاجاكېس
ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ دەۋرىدە، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بۇ بىرلەشمىنىڭ شەك شۈبىھىسىزكى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۆكۈمرانلىق فېرگۇسون مەشقاۋۇلنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ يوقۇلۇشقا باشلىدى. مەيلى مويېس ياكى ۋانگال بولسۇن، ئۇلار يەنىلا مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى ئىلگىرىكى سەلتەنەتلىك ھالىغا قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇلتۇر يازدا بۇ مۈشكۈل ۋەزىپە " ئالاھىدە بىر " ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.
2016~2017 مۇسابىقە پەسلىدە مورىنھو مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ چوڭ كىچىك بولۇپ ئۈچ چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى. بۇ يىل 2- ئايدا، قىزىل ئالۋاستى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ۋېنبول پۇتبول مەيدانىدا جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. 5- ئايدا ستوكھولمدا 0:2 نەتىجىدە ئاجاكېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ يارىدار بولغان توپچىلىرىنىڭ ئايلىنىپ ئۆتۈپ تەنتەنىلىك بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى كۆرنۈشى ئادەمنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. چىمپىيۇنلۇق ئاسان قولغا كەلمىدى، بىر يارىدار بولغان ئەترەتنى باشلاپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قايتىدىن قەدەم قويۇشتا، مەشقاۋۇل مورىنىئونىڭ قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.

IMG_4734.JPG

مۇسابىقىدىكى نەتىجىسىنىڭ قايتىدىن ئىزغا چۈشۈشىدىن باشقا يەنە، مورىنھو توپچىلارنى رىغبەتلەندۈردى، كوماندىنى قوغدىدى، توپخۇمارلارغا تەسەللى بەردى، تاراتقۇلارغا تاقابىل تۇرۇشتىمۇ ناھايىتى قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ يىرىمىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇش ئاللىقاچان فېرگۇسون دەۋرىدىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە كۈچلۈك رەقىب ئالدىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپ كونترول قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ « ئاپتوبۇس توختىتىشى » دائىم كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچراپ كەلدى. " مورىنھو غەلبە قىلىشنى ئويلىمىغان مۇسابىقىدە ئەزەلدىن ئۇتتۇرمايدۇ" دىگەن گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى كۈندىكى مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ.
مورىنھو مەشقاۋۇلنىڭ قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشى ئاستىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ھەيۋىتى قايتىپ كېلىشكە باشلىدى. بەلكىم ئۇزاققا قالماي كەلگۈسىدە توپخۇمارلار يەنە بىر قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك كۆرنىشىنى كۆرۈپ قىلىشى مۇمكىن.
تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐


8.مباپپې

IMG_4735.JPG

"قالتىس پۇتبولچىلارنىڭ ھەممىسى دائىملا دۆلەت كوماندىسى بىلەن كۇلۇبىدا يېڭى تارىخ يارىتىدۇ. مەن يۇرتۇم پارىژنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن."
كوماندا : فىرانسىيە ، موناكو ۋە پارىژ سانت گېرمان
ھالقىلىق پەيت : موناكو 1:3 مانچېستېر شەھىرى
بىر يىل ئىلگىرى بەلكىم ھىچقانداق بىر توپخۇمار مباپپېنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ھەرقانچە فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ قان مەستانىسى بولسىمۇ، لېكىن موناكو كوماندىسىدا يۇشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور دەرىجىدە بولغان بۇ توپچىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن 2017- يىلىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بۇ يىل 18 ياشقا كىرگەن بۇ بالا دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ چاقنىغان تالانتلىق ئۆسمۈرگە ئايلاندى. بۇ 366 كۈن ئىچىدە زادى قانداق ئىشلار يۈز بەرگەندۇ؟
بۇ يىل 2- ئايدا مباپپې فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە مېس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئويناپ تاشقى دۇنيانىڭ كۆزىنى جەلپ قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا مباپپې تىخى ئەمدىلا ئۆزىنىڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. 10 كۈندىن كېيىن مباپپې مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، ئۆزىنىڭ تۇنجى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى توپىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭدىن ئىتبارەن مباپپې قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلاپ كەتتى.
كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشى مباپپېنى كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچى ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. 2016~2017 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ يىرىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان مباپپې ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 26 توپ كىرگۈزۈپ 14 قېتىم پاس بېرىشتەك نەتىجىنى ياراتتى. مباپپېنىڭ توپ ئوينىشىغا قاراپ سىزدە بىرخىل " بۇ راستىنلا 18 ياشقا كىرگەنمىدۇ" دىگەن سۇئال پەيدا بولىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك بەدەن تالانتى بار، تەسەۋۋۇرغا باي توپ ماھارىتى، ئەجەللىك بىر زەربە بېرىش، يەنە كېلىپ يېشىغا ماس كەلمىگەن تەمكىنلىك ۋە ساپا، توپ مەيدانىدىكى مباپپې ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇرغا تولغان.

IMG_4736.JPG

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە مباپپې ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى. مانچېستېر شەھىرى ۋە دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزدى. يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ شاللاش مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم بۇففونغا توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلاندى. بۇ ئىشنى ھەتتا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچ ھۇجۇمچىسى MSNمۇ قىلالمىغان ئىدى.
فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى + ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىش، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان موناكو كوماندىسىنى يىڭىدىن فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ شاھىغا ئايلاندۇردى. مباپپې بولسا بۇ كوماندا ئىچىدىكى كۆزىنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغان يۇلتۇزغا ئايلانغان. شۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە زەردار كۇلۇبلار مباپپېغا كۆز تىكتى. يازلىق يۆتكىلىشنىڭ ئاخىرىقى پەيتىدە، مباپپې ئۆز يۇرتىدىكى كوماندا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا ئىجارە شەكىلدە قوشۇلدى.180 مىليون ياۋرولۇق باھا ئۇنى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قىممەت يۆتكىلىش رىكورتى ياراتقان ئىككىنچى توپچىغا ئايلاندۇردى. مباپپې بۇ ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەتلا 8 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلدى.
شاھزادە پۇتبول مەيدانىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن،  مباپپې يەنىلا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، دۆلەت كوماندىسىدا تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. ياۋروپا ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئالتۇن توپ مۇكاپات باھالىشىدا يەتتىنچى ئورۇندا تۇردى، بىر يىلدا كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى 30 دىن ئاشتى... ئالدىنقى قېتىمقى قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان U20 توپچىسى يەنىلا 22 يىل ئىلگىرىكى تاشقى پىلانت ئادىمى چوڭ رونالدو.
" بۆسۈش خاراكتېرلىك بىر يىل " بۇ تاراتقۇلارنىڭ 2017- يىللىق مباپپېغا بولغان ئەڭ ياخشى تەبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

IMG_4737.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى:⭐⭐⭐⭐


7.گۇئاردىئولا

IMG_4738.JPG

" ئەگەر بىز ئاخىرىدا چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشەلمەي قالساق، ئۇنداقتا بۇ رېكورتنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ "
كوماندا : مانچېستېر شەھىرى
ھالقىلىق پەيت : مانچېستېر بىرلەشمىسى 2:1 مانچېستېر شەھىرى
ئوخشاشلا بۇلتۇر يازدا گۇئاردىئولا نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى داۋامىدا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىشنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى سەپىرىنى باشلىدى. بۇ ئىسپانىيەلىكنىڭ بۇ قېتىمقى ئاخىرىقى مەقسىتى، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنى يىتەكلەپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە توپ كونترول قىلىشنى ۋە پاس بېرىشنى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىگە ئېلىپ كېرىپ ئۇنى ئىسپاتلاش گۇئاردىئولاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا چوڭ خىرىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2016~2017 مۇسابىقە پەسلى كىرىشى بىلەن، گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىشى ناھايىتى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە بولۇپ، ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە ئۇدا 10 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپ بىر مەھەل ئاغزى قاتتىق ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى. لېكىن مۇسابىقە پەسلىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يارىلىنىش، رەقىبلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ناچار بولۇشى بىلەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ھەممە نەرسىدىن قورۇق قول قالدى. يەنى بىرلەشمىدە ئۈچىنچى، ياۋروپا مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈككىچە قەدەم قويالىدى. شۇنىڭ بىلەن مەشقاۋۇل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نەتىجىنى ياراتقان گۇئاردىئولانىڭ پۇتبول پەلسەپىسى تاشقى دۇنيانىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىدى. ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ئېنگىلاند پۇتبولچىلىغا ماسلىشىش تەلەپ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىراق ئەگەردە ئاسانلىقچە مۇرەسسە قىلىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇ گۇئاردىئولا بولماي قالىدۇ.

IMG_4739.JPG

بۇ يىل يازدا مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى تەلۋىلەرچە توپچى قوشۇۋېلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى. بۇ گۇئاردىئولانىڭ ۋارتار سىزىقىدىن باشلاپ توپ كونترول قىلىش ئىدىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، بۇنداق تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش گۇئاردىئولانىڭ كوماندىسىنى مىۋىسىز دەرەخكە ئوخشىتىپ قويۇپ، تەنقىدچىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم توپ كونتىرول قىلىش ئىدىيەسىنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدەك رەھىمسىز بىرلەشمىدە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن 2017~2018 مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان، چىرىكلەشكەن مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرىپ ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى پۈتۈن ياۋروپاغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىشقا باشلىدى.
19 قېتىم غەلبە قىلىپ 1 قېتىم تەڭلىشىش، ئۇدا 18 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلىش، 61 توپ كىرگۈزۈش، 49 ساپ توپ، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى. گۇئاردىئولا مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ستونىسنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تىخىمۇ ئاشتى، دېلپنىڭ ئورنى ئالمىشىپ تىخىمۇ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ستېرلىڭنىڭ بوغۇزلاش خاراكتېرلىك توپلىرى، ئوتتۇرا مەيداندىكى توپچىلارنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ۋە ھۇجۇم يولىدا ھىرىش چارچاشنى بىلمەيدىغان ئاگۈيرونىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ نۇرغۇنلىغان توپلارنى كىرگۈزۈشى. مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە نامايەن قىلغان يۇقىرى بولغان توپ كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىزنى ئەينى ۋاقىتتىكى بارسېلونا ئۈچىنچى چۈش كوماندىسىنى ئەسلىتىپ قويدى. 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گۇئاردىئولا ئاللىقاچان ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنى بويسۇندۇردى. كىلەر يىلى مۇسابىقىنىڭ ھالقىلىق پەيتىگە كەلگەن ۋاقىتتا، گۇئاردىئولا يىتەكچىلىكىدىكى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىر چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشەلەمدۇ يوق ؟ نىمىلا دىگەن بىلەن نۇرغۇن ۋاقىتتا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدىكى شۇ ئادەمنىلا ئىسىدە چىڭ تۇتىدۇ.
تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐


6.بۇففون

IMG_4740.JPG

" مەن ئۆزۈم ئۈچۈن بىئارام بولمىدىم، بەلكى ئىتالىيەنىڭ پۇتبولى ئۈچۈن قايغۇردۇم. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن خوشلىشىش ئادەمنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ "
كوماندا : ئىتالىيە / يۇۋېنتۇس
ھالقىلىق پەيت : يۇۋېنتۇس 0:3 بارسېلونا
1995- يىلىدىن باشلاپ 2017- يىلىغا كەلگىچە، 39 ياشقا كىرگەن بۇففون يەنىلا يىشىل چىملىق ئۈستىدە، بۇ رىۋايەتلىك توپچىنىڭ ھىكايىسى يەنە داۋاملاشماقتا.
بۇففونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2017- يىلىنى شانلىق بولدى دىيىشكە بولمايدۇ. ھەتتا ئاچچىق بولدى دىيىشكە بولىدۇ. يىل ئىچىدە بۇففون ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىغا 4:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى. يىل ئاخىرىدا دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە كوماندىسى شۋېتسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي شاللىنىپ كېتىپ، 60 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ئىككى ئىش بۇففوننىڭ يۈرىكىنى پارە پارە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇففوننىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى يوققا چىقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، بۇففون ئۇدا 689 مىنۇت مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزۈپ قويماي رېكورت ياراتتى. ( گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، پورتو كوماندىسى، بارسېلونا كوماندىسى ۋە موناكو كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇففۇن پەقەت بىرلا قېتىم توپنىڭ ۋارتارنىڭ سىزىقىدىن ئۆتۈپ كىتىشىنى توسۇپ قالالمىغان. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە تاغىل ئات قوشۇنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈچ شاھلىققا ئېرىشىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇففون يەنە بىر قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى .

IMG_4741.JPG IMG_4742.JPG

دۆلەت مۇسابىقىسىدە بۇففون بۇ يىل 3-ئايدا ئالبانىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى 1000-مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملاپ بولدى. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قەيسەرلىك، 20يىلنى بىر كۈندەك مۇقىم ئۆتكۈزۈش، كۆزگە كۆرۈنگەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كېيىن چىكىنىش ئارزۇسى ئاللىقاچان بەرپات بولدى. كىلەر يىلى بۇففون توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە بىر ئارزۇسى يەنى ئۆز قولى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرەلەمدۇ؟

IMG_4743.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى:⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐


5.كونتى

IMG_4744.JPG

" سەپ شەكلىنى ئۆزگەرتىش قارارى بىزنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىمىزنى ئۆزگەرتتى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر ھالقىلىق پەيت. مەن توپچىلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇلار بۇ يىپيېڭى سىستېمىغا ئىشەندى."
كوماندا : چىلسىي
ھالقىلىق پەيت : چىلسىي 1:3 ئارسېنال
2016~2017 مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، كۆپ ساننى ئىگىلىگەن كىشىلەر چىلسىي كوماندىسىنىڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى قالمىغان ئىدى. بۇ بىرنەچچە ئاي بۇرۇن دەرىجە چۈشۈپ كېتىش رايۇنىدىن قايتىپ كەلگەن كوماندا قانداق ئەسلىگە كېلىدۇ؟ ئازراقمۇ مەشقاۋۇل تەجرىبىسى بولمىغان كونتى چىلسىي كوماندىسىغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى؟ بۇنىڭ ھەممىسى بىزگە نامەلۇم. لېكىن پەقەت بىر يىلدىن كېيىن، بارلىق گۇمانى قاراشلار ئىز- دىرەكسىز يوقاپ كەتتى.
گەرچە 2017- يىلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چىلسىي كوماندىسى 2:0 نەتىجىدە نۆۋەتتە قەد كۆتۈرىۋاتقان توتېنھام رېس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن چىلسىي كوماندىسى ئاللىقاچان بۇنىڭدىن ئىلگىرى تارىخ يارىتىپ بىرلەشمىدە ئۇدا 13 مەيدان مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان. ھەمدە كونتى تارىختىكى تۇنجى قېتىم ئۇدا ئۈچ قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇلىغا ئايلانغان. پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مۇساپىسىدە، چىلسىي كوماندىسى بۇرۇنقىدەكلا مۇقىم ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈكنى ساقلاپ، بىرلەشمە جۇغلانما نومۇرىنى رەھىمسىز ھالدا بۇلاڭ تالاڭ قىلىشقا باشلاپ، ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ئونىنچى ئورۇندىن چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكۈچە، كونتى پەقەتلا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

IMG_4745.JPG

كونتىنىڭ چېلسى كوماندىسىغا ئېلىپ كەلگىنى ئالاھىدە بولغان كوماندىنىڭ نەتىجىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 3-4-3 بولسا كونتىنىڭ ئېنگىلاند پۇتبولچىلىقىغا ئېلىپ كەلگەن بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى، توتېنھام كوماندىسى ۋە لېچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بولغان كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئۈچ مۇداپىئە سىپى قۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن بىسىمنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشىشى بىلەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. كونتىنىڭ ئۆزگەرتىشى چىلسىي كوماندىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە تىخىمۇ بىر مەيدان ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئۈچ مۇداپىئە دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تاكتىكا جەھەتتىكى يىڭى ئىسلاھاتىدىن باشقا يەنە، بۇ مەشقاۋۇل ھەربىر توپچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىدى. تاق پەسىللىك مۇسابىقىدە 30 مەيدان ئېنگىلاند بىرلەشمىسى غەلبىسى، ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش، گەرچە ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان ۋە كوستانىڭ ئۇچۇر ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كونتىنىڭ 2017- يىلىنى ناھايىتى ياخشى بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐


4.زىدانى

IMG_4746.JPG

" مەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قالتىس مەشقاۋۇل ئەمەس، مەندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان قالتىس مەشقاۋۇللار بار. "
كوماندا : خانلىق مادرىد
ھالقىلىق پەيت : خانلىق مادرىد 1:4 يۇۋېنتۇس
2016- يىلىنىڭ بېشىدا، زىدانى بېنتىز قالدۇرۇپ قويغان خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئارغامچىسىنى قولىغا ئالدى. شۇ ۋاقىتتا سامان يولى جەڭ كېمىسىنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ۋە جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى بوشىشىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇنداق بىر كوماندىنىڭ ھىچقانداق مەشقاۋۇللۇق تارىخى بولمىغان زىدانىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش، شۇ ۋاقىتتا رەئىس فىلورېنتىنونىڭ جاسارىتى ھەقىقەتەن ئادەمنى چۆچىتىدۇ. لېكىن تىخى ئەمدىلا مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان بۇ فىرانسىيەلىكنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ يىڭى خاندانلىق قۇرۇپ چىقىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن دەيسىز .
خانلىق مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغان بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدە، زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ كوماندا تارىخىدىكى 11- قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. زىدانى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلىدە، كوماندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. 2016- يىلىدا ئۈچ چىمپىيۇنلۇق، 2017- يىلىدا بەش چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىش. ھەرقانداق كۈچ زىدانىنىڭ سىھرىگەرلىكى ئاستىدا ئاجىزلىشىدۇ.
2016~2017 مۇسابىقە پەسلىدە ئىلىم تەھسىل بىلەن قاپلانغان زىدانىنىڭ كوماندىسى كۆپ قېتىم مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتتا رەقىبلىرىنى بوغۇزلاپ تاشلىدى. بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىزچىل تۈردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ بارسېلونا كوماندىسىغا قىلچە پۇرسەت بەرمەي، ئارىدىن بەش يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، زىدانى يىتەكچىلىكىدىكى خانلىق مادرىد كوماندىسى تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ تارىخ ياراتتى. شاللاش مۇسابىقىسىدە ئالدى كەينى بولۇپ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى، ئاتلېتىكا كوماندىسى ۋە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئەمەلىي نەتىجىگە تۇشلۇق ئابرۇيغا ئېرىشكەن دىيىشكە بولىدۇ.

IMG_4747.JPG IMG_4748.JPG

زىدانىنىڭ قول ئاستىدا تونى كىروس، مودرىچ ۋە كاسېمىرودىن تۈزەلگەن دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان گۇرۇپپىسى بار. مارسېلو بولسا مۇقىم ھالدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى سول بىك ئورنىدا تۇردى. ئىسكونىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئاسېنسىئونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى... پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچىدا، زىدانى قاپيۈرەكلىك بىلەن ئالماشتۇرۇپ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ قوش لىنىيەلىك ئۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى. ھەتتا دۇنياۋى داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدومۇ زىدانىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ، بەزى بىر مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مۇھىم مۇسابىقە ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ھازىرلاشقا قوشۇلدى.
8-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خانلىق مادرىد كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئەشەددىي رەقىبى بارسېلونا كوماندىسىنى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە 1:5 نەتىجىدە قىرغىن قىلىپ، ئىزچىل تۈردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ھالدا ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ماھىرى پىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بارسېلونا كوماندىسىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئابۇزەبىدا گرېمىئو كوماندىسىنى 0:1 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ يىل ئىچىدىكى بەشىنچى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. زىدانىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىغا بولغان ئۆزگەرتىشى نەتىجە جەھەتتە گەۋدىلىنىپ قالماستىن بەلكى يەنە، كېيىنكى يېرىم يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ھالىتى ياخشى ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن كوماندا ئىچىدە ئەزەلدىن ئىناقسىزلىق كەيپىياتى مەۋجۇت بولۇپ باقمىدى. بۇ زىدانىنىڭ كېيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى باشقۇرۇش كۈچىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
2017-يىلى بولسا خانلىق مادرىد كوماندىسى يىلى، كىرىستىيانو رونالدو يىلى ۋە زىدانىغا مەنسۇپ بولغان بىر يىل دىيىشكە بولىدۇ.
تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐⭐


3.نېيمار

IMG_4749.JPG

" مەن ئۆزۈمنىڭ قەلبىگە ئەگەشتىم، مەن بۇ يەرگە كېلىپ يىپيېڭى بولغان خىرىسقا جەڭ ئېلان قىلىشنى ئويلايمەن. بۇ مىنىڭ ھاياتىمدىكى چىقارغان ئەڭ قىيىن قارار بولدى. لېكىن 25 ياشقا كىرگەن مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا پىشقان قارار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ."
كوماندا : بىرازىلىيە ، بارسېلونا / پارىژ سانت گېرمان
ھالقىلىق پەيت : بارسېلونا 1:6 پارىژ سانت گېرمان
2016~2017 ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جىسمانىي كۈچ قۇۋۋىتى چىكىگە يەتكەن نېيمارنىڭ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ياخشى ئىپادىسىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. 3 ئايغا يېقىن سوزۇلغان توپ كىرگۈزەلمەسلىك ھالىتى ۋە تۇراقسىز بولغان ھالىتى باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى. يىڭى يىلغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا، يەنە بىزگە تونۇش بولغان نېيمار قايتىپ كەلدى. ھەمدە تىخىمۇ كۈچلۈك ھالىتىدە نامايەن بولدى.
نېيمارنىڭ 2017- يىلىنى يەنىلا ھىلىقى بىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن نوكامپۇ كىچىسىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بارسېلونا كوماندىسى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرىشنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسىدە مىھمان مەيداندا 4:0 نەتىجە پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى 1:3 ئالدىغا ئۆتتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىقا يەنە 420 سىكونت ۋاقىت قالدى. بارسېلونا كوماندىسى يەنە ئۈچ توپ كىرگۈزگەن ۋاقىتتا ئاندىن پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى شاللىيالايدۇ. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە بولۇپ، نوكامپۇ مۆجىزە يۈز بېرىشكە مۇھتاج ئىدى.
پۈتۈن دۇنيا ۋاز كەچكەن ۋاقىتتا، نېيمار ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، مۇسابىقىنىڭ خاراكتېرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر قېتىم پاس بېرىپ، نوكامپۇ كىچىسىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى. بۇ كىچىدە نېيمار پولات جەڭچىگە ئايلاندى. "پەقەت %1لىك مۇمكىنچىلىك بولسلا، ئاندىن %100كە تولغان ئىشەنچ بولىدۇ. " بۇ ھىكمەتلىك سۆز شۇنىڭدىن ئىتبارەن تارىخ بىتىگە كىرگۈزۈلدى.

IMG_4750.JPG IMG_4751.JPG

لېكىن بىر مەيدان كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان 1:6 ۋە تىخىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان نېيمار بارسېلونا كوماندىسىدىكى تەقدىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن 2017-يىل ئىچىدىكى بىردىنبىر لوڭقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ بىرازىلىيەلىك كەسپىي ھاياتىدىكى تۆت كوچا ئىغىزىدا تۇردى. كوماندىدا قېلىش ياخشى ئايرىلىش؟ نېيمارنىڭ نەگە بىرىشى بۇ يىل يازدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان تېمىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
8-ئاينىڭ بىشىدا نېيمار بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقى بىلەن قىيماسلىقىنى ئېلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن ئايرىلدى. نەچچە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا قوشۇلدى. 222 مىليون ياۋرو، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققى، ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى مائاش، 10- نۇمۇرلۇق توپ كىيىم، نېيمار پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىدا ئۆزى ئويلىغان بارلىق نەرسىگە ئېرىشتى. بىر تىخىمۇ چاقناپ تۇرىدىغان شەھەر، بىر تىخىمۇ يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولغان كوماندا، شۇنىڭدەك يەڭگىل بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسى مۇھىتى. 25 ياشقا كىرگەن نېيمار زادى قانداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى؟ نېيمار كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىيالامدۇ؟ نېيمار، كاۋانى ۋە مباپپې ئۈچ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى يىتەكلەپ ياۋروپانىڭ چوققىسىغا چىقالامدۇ؟ نېيمار بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى روسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولالامدۇ يوق ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى 2018- يىلىدىكى كىشىلەرنىڭ نېيماردىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈمىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

IMG_4752.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐


2.مېسسى

IMG_4753.JPG

" ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا مۇناسىپ، ھەرقېتىملىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە مەن بارلىق كۈچۈمنى چىقىرىمەن. ئۆزۈم ئۈچۈن، ھەمدە بۇ كوماندا ئۈچۈن."
كوماندا : ئارگېنتىنا ، بارسېلونا
ھالقىلىق پەيت : ئېكۋاتور 3:1 ئارگېنتىنا
ئۇدا ئىككى يىل مېسسى كىرىستىيانو رونالدوغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، كىرىستىيانو رونالدو ئۇدا ئىككى يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ مېسسى بىلەن تەڭلەشتى. بارسېلونا كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ يىلى ئېرىشكەن چىمپىيۇنلۇقىنىڭ سانى 1:5 بولدى. گەرچە 2017- يىلى مېسسىغا تەۋە بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن مېسسىنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
4-ئايدىكى دۆلەت دېربىيسى مۇسابىقىسىدە مېسسى بېرنابۇ مەيدانىدا ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بارسېلونا كوماندىسى 2:3 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى. 5- ئايدىكى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر پاس بېرىپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى. بۇمۇ مېسسى بۇ يىل
ئېرىشكەن بىردىنبىر كوللېكتىپ نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
نېيمارنىڭ يۇقىرى باھادا ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن MSN گۇرۇپپىسى پارچىلىنىپ كەتتى. يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن كۆپلىگەن كىشىلەر بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن گۇمانىي نەزەردە تۇتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەشەددىي رەقىبى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا 5:1 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىقتا قالغان بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پۈتۈن يۈكى مېسسىغا چۈشتى.

IMG_4754.JPG IMG_4755.JPG

لېكىن يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى ھەممە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ياخشى بولدى. بىرلەشمە مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن 14 نۇمۇر ئېشىپ كەتتى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئوڭۇشلۇق ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە مېسسى ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 19 توپ كىرگۈزۈپ ئىپادىسى قالتىس بولدى. 23- چىسلا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت دېربىيسى مۇسابىقىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر پاس بېرىپ بارسېلونا كوماندىسى بېرنابۇ مەيدانىدا 0:3 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى. دۆلەت كوماندىسى جەھەتتە بولسا مېسسى ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
2017- يىلىدا مېسسى نۇرغۇنلىغان توپ كىرگۈزىدىغان ياخشى پۇرسەتلەرنى ياراتتى، ھەمدە كۆپ قېتىم ئادەمدىن بۆسۈپ ئۆتتى. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى، ياۋروپا ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتى، بىر يىلدا 54 توپ كىرگۈزۈش، ئالتۇن توپ مۇكاپاتىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇش قاتارلىق ... گەرچە مېسسى بۇ يىلدا پەقەت ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىلدا مېسسىنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى بولدى دىيىشكە بولىدۇ.

IMG_4759.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى: ⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى:⭐⭐⭐⭐⭐


1.كىرىستىيانو رونالدو

IMG_4756.JPG

" مەن باشقا توپچىلارنىڭ ئىپادىسىنى ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلار مەندىن كۈچلۈك دىگىنىم ئەمەس، ھىچقانداق بىر توپچى ماڭا ئوخشىمايدۇ، مەن دەل تارىختىكى ئەڭ قالتىس توپچى!" .
كوماندا : پورتۇگالىيە ، خانلىق مادرىد
ھالقىلىق پەيت: خانلىق مادرىد 1:4 يۇۋېنتۇس
دۇنياۋى داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ 2017-يىلىنى يەنە بايان قىلىش كېرەكمۇ؟
2017-يىلى 1- ئايدا پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئېرىشكەن تۆتىنچى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى كۆرسەتتى. « فىرانسىيە پۇتبولى» بىلەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ 7-نۇمۇرلۇق دۇنياۋى داڭلىق چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو تۇنجى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچىغا ئايلاندى. بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مۇساپىسىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان كىرىستىيانو رونالدو،18 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ كىرگۈزۈپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشكە زور دەرىجىدە كۈچ چىقاردى.
ئەلۋەتتە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى قالتىس بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە، سەككىز مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2 توپ كىرگۈزگەن كىرىستىيانو رونالدو، كېيىنكى 5 مەيدان مۇسابىقىدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ 10 توپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە رەقىبى مېسسىدىن ئېشىپلا قالماي يەنە، تۇنجى بولۇپ شاللاش مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى قوش خانىلىققا يەتكەن پۇتبولچىغا ئايلاندى. گېرمانىيە زومىگىرى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىغا ئىككى  مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈش، بىر شەھەردىكى رەقىبى ئاتلېتىكا كوماندىسىغا ئۈچ توپ كىرگۈزۈش ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە زەردارى يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ئىككى توپ كىرگۈزۈش. شۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 600- توپلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئۇدا ئۈچ مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈش، ھەمدە تۇنجى بولۇپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 100 توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىغا ئايلىنىشتەك ئۇلۇغۋار ئىشنى تاماملىدى. كىرىستىيانو رونالدو 2017- يىلى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ئۇدا ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ يىرىم يىل بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ 2017- يىلىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبول شاھى  ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

IMG_4757.JPG IMG_4758.JPG

2017~2018 مۇسابىقە پەسلىدە بىر پۇتىنى ئىشلىتىپلا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، ھەرىكىتى سەۋەبلىك مۇسابىقىدىن چەكلەندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ چەكلىنىش كىرىستىئانو رونالدونىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتتى. لېكىن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا ئاۋالقىدەكلا توختىماي توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلاپ كەلدى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جەمئىي 9 توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. ھەمدە ئۆزىنىڭ 2017-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانىنى 19غا يەتكۈزدى. داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدو خۇددى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ئاساسلىق بارلىق رىكوتنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى.
دۆلەت كوماندىسىدا بولسا 15 توپ كىرگۈزۈپ پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. دۆلەت كوماندىسىدا 79 توپ كىرگۈزۈپ ھازىر توپ ئويناۋاتقان پۇتبولچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىغا ئايلانغان ئىدى. ياۋروپا مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى، دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى، ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، كىرىستىيانو رونالدو 2017-يىلدا بۇ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۈچ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتى. 12-ئايدا كىرىستىيانو رونالدو بېرنابۇ مەيدانىدا كەسپىي ھاياتىدىكى بەشىنچى ئالتۇن توپنى توپخۇمارلارغا نامايەن قىلدى. 1:4 تىن 5:5كە يېتىش ئۈچۈن، داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدو پەقەتلا بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى.
داڭلىق چولپان كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان 2018-يىلى ئۇنىڭ بىلەن مېسسىنىڭ ئۇزارتىلغان جىڭى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە كىلەر يىلى يازدا روسىيەدە، بۇ ئىككى داڭلىق چولپان كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئورتاق ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىدۇ.

IMG_4760.GIF

تېما كۆرسەتكۈچىسى:⭐⭐⭐⭐⭐
مۇۋەپپەقىيەت كۆرسەتكۈچىسى:⭐⭐⭐⭐⭐

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +1100 تۆھپە +3 شۆھرەت +3 تەجرىبە +3 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
isimsiz + 50 + 3 + 3 + 3 + 2 قالتىس!
ئەزمەت7 + 1000 قالتىس!
CR7ئارمان + 50 + 3 写的不错!ئىسىل تىمىدىن بى.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15258
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9730 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3601 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-2-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 21:18:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  تېما نادىرغا توشۇپ قالغۇدەك  ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12219 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 21:26:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ  تىما پەچەت چىققاندەك  تۇردۇ  ، ھازەرچە چۇقىلاپ ۋە يۇرىتىپ قۇياپ تۇردۇم ھېلى  ئەھۋالغا قاراپ  تامغىنىمۇ  بېسىۋېتەمىز ، ئالدىرماي ئۇقۇي ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

تەشۋىقات ئەلچىسىئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17146
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10175 ياۋرۇ
تىللاسى : 12 سەر
توردىكى ۋاقتى : 447 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-15
ۋاقتى: 2017-12-30 21:39:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىغا بىر بىلەت كەتتى، ئىسىل تىمىلارنى يىزىۋاتسىلە، ھارماڭلا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
马得里
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12219 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 21:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونتى ۋە مۇباپىلار  ئۇشۇق كىرىپ قالغاندەك تۇرامدۇ

تىللا سېتۋالدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلار
ئۈندىدار -414873629
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15441
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3957 ياۋرۇ
تىللاسى : 22 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1287 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
ۋاقتى: 2017-12-30 22:10:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى بىلەن رونالدو بوممىغان پۇتبول خەۋىرى خەۋەر ئەمەسكەن ھازىر ، بىزدەك مەستانىلەرنىڭ بۇ ئىككىسىنىڭ رىقابىتىگە شاھىت بولغىنىمىز تەلىيىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئارسىنال لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزا

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13200
تېما سانى : 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 84161 ياۋرۇ
تىللاسى : 29 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4141 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 22:10:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنلۈك جاپالىق خىزمەتنى تۈگىتىپ،ئۆيگە كىلىپلا ،بالىلارنىڭ ئانىسى ئەتكەن ئۈگرىنى ئىچىپ،شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاسكىتبول مۇسابىقسىنىڭ ئاخىرقى 10 مىنۇتىنى كۆرۈپ بولۇپ،قۇتلۇغ بەگنىڭ ،ئۇشبۇ ئەجىر ۋە مىھنەت بىلەن يىزىلغان تولىمۇ چۈشنىشلىك ۋە رەتلىك ،قايىل قىلارلىق تىمىسنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ،ھاردۇقۇم بىراقلا چىقىپ قالدى.مۇباپى ۋە كونتى توغرىسىدىكى چۇڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. رەھمەت ھارمىغايسىلەر ئەزىز مۇنبەردىشىم…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

كاززاپ ئەزا

ۋاقتى: 2017-12-30 22:17:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن   تېتملىق   بىر    تىما    بوپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15750
تېما سانى : 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2585 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 818 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 22:29:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما تېمىكەن ماۋۇ تامغىنىڭ يوغىنىنى باسايلى بۇنىڭغا بولمىسا مۇنبەر يۈز كېلەلمىگىدەك مۇنۇ تېمىغا. قالتىس يېزىپسىز !جاپا چىكىپسىز!سىزنى قوللايمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16296
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15405 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2701 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-11-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 22:59:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتا   قۇرۇلۇشنىڭ  ئىككىنجى  يىلىغا   قەدەم   قويدۇق    ئەڭ ئۇمىد  قىلىدىغىنىم مورىنھونىڭ كۇلۇبنىڭ قامچىسىنى   ئۇزاق مۇددەت  تۇتىشى      مورىنھونىڭ   يەنە  شۇ توپچىلارغا   ئاساسەن تاكتىكا تۇزۇشىگە قاراپ تۇرغۇم يوق   يۇز  قارىماستىن   تاكتىكىشئسىغا  چۇشمىگەننى    گۇاردىئولاغا ئوخشاش  قوغلاپ   ئۆز تاكتىكىسىنى  مانچىستىرنىڭ سۆڭەكلىرىگىچە سىڭدۇر ۋىتىشىنى   ئۇمىد    قىلىمەن    قولوڭلار   ھارمىسۇن   قۇتلۇغ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17787 ياۋرۇ
تىللاسى : 33 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1204 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 23:27:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما نادىرغا بىر بىلەت كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

مادرىد لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14769
تېما سانى : 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24441 ياۋرۇ
تىللاسى : 7 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-30 23:47:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلتىمىز كوماندسنىڭ دۇنيا لوڭقىسغا قاتنىشىش پۇرسىتى يوق بولغان بولسىمۇ ،مەشقاۋۇل لېپى دۆلتىمىز كوماندىسنى بىر خىل جەڭگىۋار ھالەتكە ئەكەلدى ،يەنە كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى ،مەن مەشقاۋۇل لېپىنىڭ دۆلتىمىز كوماندىسنى دۇنيا پۇتبول سەھنىلىردە چاقنىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن …ئەمدى يەنە بىر گەپكە كەلسەم  بۇ يىل مادىرد  زىدانىي  رونالدو  ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى ،بىز رېئال مادىرد مەستانلىرى  كۇلۇپ خوجايىننى مەشقاۋۇل  ۋە كوماندىدكى بارلىق توپچىلارغا ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز ،يېقىندىن بۇيان مۇنبەردە ۋە ئاخبارات ۋاستىلىردا مادىردتننىڭ سەلبى خەۋىرى كۆپىيىپ مادىرد ئاجىزلاپ كەتتى دېگەندەك گەپ -سۆزلەر بۇلنىۋاتىدۇ ،لېكىن ئەمليەت ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن ،ياۋروپادىكى بارلىق كوماندىلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق شاللاش ئۇچىرشىشتا ئەڭ خالىمايدىغىنى مادىرد بۇنىسى ھەمىمىزگە ئايان ،مادىرد يېقىندا ئازراق ئېگىز پەس ھالەتكە كېلىپ قالغان بولسىمۇ  باساغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ مەن مادىردتتنى ئاجىزلاپ قالدى دېمەيمەن ،باساغا ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدىمۇ مادىرد توپ ئۇرالمىغان بولسىمۇ ئۆزنىڭ ھېلمۇ ئەڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرستىپ قويدى ،بۇنى پۇتبول كۆرۈشنى بىلدىغانلار بولسا سېزىپ يېتەلەيدۇ ،ئەمدى رونالدوغا كەلسەك كوماندا ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرغانىلىق توپچىلارنىڭ كەيپياتى تۇراقسىز بۇلۇش تەلەي  ۋە ئۆزنىڭ يېشنىڭ بىر ياش قېرىشى سەۋەبلىك ئازراق چېكىنىش كۆرۈلگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئۇ بەك قۇيۋەتمەي ئۇزغۇنلۇق ۋە  دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىلەردە ئۆزنىڭ تېخى قىران ھالەتتە ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا  كۆرستىپ قويدى ،بىز مەستانلەر 2017-يىلنى غەلبىلىك  خوشاللىنارلىق ئىچدە ئۆتكۈزدۇق ،مۇشۇ مۇناسۋەت بىلەن مەن پۇتبول مۇنبىرىگە ۋە تېما ئىنكاس يېزىشىپ پۇتبول بىلمنى تەڭ ئورتاقلىشىپ كېلۋاتقان بارچە مۇنبەرداشلارغا ،ئۇشبۇ ئەجىرلىك تېمىنى بىزگە سۇنغان بىز باللا قۇتلۇغققا (بۇ يەردە قۇتلۇغنى مادىرد مەستانىسى دېمەكچىدە)ڭھ ڭھ   كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش