كۆرۈش: 2411|ئىنكاس: 38

ئون مەيدان كلاسسىك «دۆلەت دېربىسى»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-12-22 11:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

201712211640241848.jpg


ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى ئالتۇن ۋاقىتتا، يەنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 6:00دە، 2017/2018-مۇسابىقە پەسىللىك تۇنجى ئايلانما ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى» بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. «سامان يولى جەڭ كېمىسى» خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيدانىدا «ئالەم كوماندىسى» بارسېلونانى كۈتۈۋالىدۇ. ئىسپانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى زەردار بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارسېلونا ۋە خانلىق مادرىدنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل ھالدا دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ «زىياپەت» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى كوماندىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاداۋىتى، ئەڭ داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىشى، توختىماي ئىككى كوماندا بېشىدا ئالمىشىپ تۇرىدىغان غەلىبە تاجى، دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى. ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى»دە مەيدانغا كەلگەن ئون چوڭ كىلاسسىك مۇسابىقىنى ئەسلەپ باقايلى.

3007289.jpg


1. بارسېلونا 5-0 خانلىق مادرىد  1993/1994-مۇسابىقە پەسلى: رومارىئونىڭ نادىر ئىپادىسى

شۇ ۋاقىت دەل بارسېلونانىڭ «چۈش بىرىنچى كوماندىسى» دەۋرىگە توغرا كېلەتتى، كىرۇيىفنىڭ يىتەكلىشىدىكى بارسېلونا كوماندىسى ئۇدا تۆت قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى، مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا بارسېلونا كوماندىسى بىر نەچچە قېتىم خەتەرلىك ئەھۋالغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما خانلىق مادرىدنى يەنىلا ئېغىر مەغلۇبىيەت ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويغان ئىدى.


005Sn3hxgy1fmogtslu08g309w04vkjn.gif


بۇ 1993/1994-مۇسابىقە پەسىللىك نوكەمپودا ئۆتكۈزۈلگەن «دۆلەت دېربىسى» ئىدى. رومارىئو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قالتىس ئىپادىسى بىلەن «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملىغان، ئۇنىڭدىن باشقا كومان بىلەن ئىسپانىيەلىك توپچى ئىگلېسىياسمۇ بىردىن توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 5-0 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى قىرغىن قىلغان.




1.JPG


2. خانلىق مادرىد 5-0 بارسېلونا  1994/1995-مۇسابىقە پەسلى: قاتىل زامورانىڭ قىساس ئېلىشى

ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىش شۇكى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ئازغىنە بىر يىلدىن كېيىنلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىساس ئېلىۋالدى، بۇ ۋاقىت بارسېلونا «چۈش بىرىنچى كوماندىسى»نىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان ۋاقتى ئىدى، خانلىق مادرىد كوماندىسى چىلىلىق «ئەسەبىي ئېۋان» زامورانىڭ يېتەكلىشىدە، بىر مەيدان 5-0 تەتىجىدىكى قىرغىنچىلىقنى تاماملىدى، شۇنداقلا بىر يىل ئاۋۋالقى ئاھانەتنى توپتۇلۇق قايتۇرۇپ بەردى. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە زامورا ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملاپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قالغان ئىككى توپمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بىر توپچىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتمەي بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ دانىيەلىك مەشھۇر توپچى برىيان لائۇدرۇپ. بۇ توپچى 1993/1994-مۇسابىقە پەسىلىدە بارسېلوناغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىپ، خانلىق مادرىدنى 0-5 نەتىجىدە قىرغىن قىلغان كىلاسسىك مۇسابىقىنى تاماملىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 1994/1995-مۇسابىقە پەسلىدە خانلىق مادرىدقا يۆتكەلگەن، شۇنداقلا بېرنابۇ مەيدانىدىكى مەستانىلەرگە ئوخشاشلا 5-0 نەتىجىنى تەقدىم قىلغان.


201712211641569489.jpg


تېخىمۇ قىزىق ئىش شۇكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ پەسىلدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئېنرىك، ئوخشاشلا شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ بىر توپچىسى ئىدى. ئۇ يەنە شۇ مۇسابىقىدىكى تۆتىنچى توپنى كىرگۈزگۈچى ئىدى.




2.JPG


3. خانلىق مادرىد 4-2 بارسېلونا  2004/2005-مۇسابىقە پەسلى: گىگانت چولپانلارنىڭ توپ كىرگۈزۈش جىڭى

بۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەسمى ھالدا «چۈش ئىككىنچى كوماندىسى» دەۋرىگە كىرگەن ۋاقتى بولۇپ، ئۇلار يۈز كۆرۈشمىگىنى ئۇزۇن بولغان بىرلەشمە لوڭقىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خانلىق بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، يەنىلا شۇ ۋاقىتتىكى «ئاق رەڭلىك چولپانلار قوشۇنى» دەپ ئاتالغان خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى يەڭگۈچى بولدى. بۇ بىر قېتىملىق دۇنيانى تەۋرەتكەن مۇسابىقىدە، رونالدو، ئېتوئۇ، رائۇل، ئوۋېن ۋە رونالدىنھونى ئۆز ئىچىگە ئالغان گىگانت چولپانلارنىڭ ھەممىسى توپ كىرگۈزگەن.


005Sn3hxgy1fmogttz4xtg309w04vu0y.gif


گەرچە «دۆلەت دېربىسى»دە ئەزەلدىن چولپان كەم بولۇپ باقمىغان دېيىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئوخشاش بىر مەيدان مۇسابىقىدە، كۆپ رىۋايەتلىك چولپانلارنىڭ بىللە توپ كىرگۈزۈشى ئاسان كۆرگىنى بولىدىغان مەنزىرە ئەمەس ئەلۋەتتە.






12424098_769879.jpg

4. خانلىق مادرىد 0-3 بارسېلونا  2005/2006-مۇسابىقە پەسلى: بېرنابۇنىڭ رونالدىنھو ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىشى

2005-يىلى 11-ئاي ئاخىرى، رونالدىنھو ئۇ كۈنى ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىسى» تارىخىدىكى بىر يۈكسەك چوققىغا چىقتى، ئۇ ئىككى توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق بارسېلوناغا ياردەملىشىپ خانلىق مادرىدنى 3-0 چوڭ نەتىجىدە مەغلۇپ قىلدى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، رونالدىنھو شۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆپ قېتىم خانلىق مارىد مۇداپىئە سېپىنى «ۋەيران» قىلىۋەتكەن بولۇپ، راموس قايتا-قايتا ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.


005Sn3hxgy1fmogtve8emg309w04ve83.gif


رونالدىنھونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك نادىر توپتىن بىرنى كىرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، بېرنابۇ مەيدانىكى مەستانىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئالقىش ياڭراتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقېتىم رونالدىنھو توپ ئالغاندا، بېرنابۇ پۇتبول مەيدانىنى گۈلدۈراس ئالقىش ئاۋازلىرى قاپلىغان ئىدى. ئۆزىنىڭ نەپس پۇتبول تېخنىكىسى ئارقىلىق قان رەقىبىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن رونالدىنھو يېڭى بىر تارىخىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى.




201712211642379784.jpg


5. بارسېلونا 3-3 خانلىق مادرىد  2006/2007-مۇسابىقە پەسلى: مېسسىنىڭ «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملىشى

گەرچە بەلگىلىك ھالدا بارسېلونا «چۈش ئىككىنچى كوماندىسى» پادىشاھلىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ مەيدان «دۆلەت دېربىسى»نىڭ نەتىجىسى ئەسلىدىنلا ئۇنچىۋالا بەك مۇھىم دەپ قارالمايدۇ. ئەمما ئەڭ ھالقىلىق يىرى شۇكى، مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە «دۇنياغا كەلدى». 20 ياشلىق مېسسى ئۆزىنىڭ «قالپاق ئويۇنى» ئوينىشى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە نوكەمپو شاھلىق تاجىنى كىيىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


07C85AD7F321E33D0C70DE4EEFECF316.jpg


گەرچە بارسېلونا كوماندىسى شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە، ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە ئارقىدا قالغانلىقى ئۈچۈن بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما مېسسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بارسېلوناغا كېيىنكى كۈنلەردە ياۋروپاغا خوجا بولۇشتەك ئۈمىدنى ئاتا قىلغان ئىدى.




71KP8I5M00DE0005.jpg


6. خانلىق مادرىد 2-6 بارسېلونا  2008/2009-مۇسابىقە پەسلى: «چۈش ئۈچىنچى كوماندىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى

بۇ ۋاقىت گۇاردىئولانىڭ بارسېلوناغا مەشقاۋۇل بولغان تۇنجى يىلى بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە بارسېلونا كوماندىسى ئۈچ سەپتىكى مۇسابىقىلەردە ئوخشاشلا سەركىلىك ئورنىدا كېتىپ باراتتى. ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە 18 ھەپتە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان خانلىق مادرىد كوماندىسى، ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا كاتالونىيەلىكلەرنىڭ غەلىبە پىلانىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.


005Sn3hxgy1fmogtwswdtg309w04vx6q.gif


ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇاردىئولا مېسسىنى 9-نومۇرلۇق ئورۇنغا قويغان بولۇپ، مېسسى خانلىق مادرىدنىڭ مۇداپىئە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۈتۈنلەي قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئىدى. 2-6! خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بىر مەيدان قىرغىنچىلىققا ئۇچرىدى، بارسېلونا كوماندىسى بۇنىڭغا يارىشا شۇ يىلى تارىختا ئەڭ يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان ئالتە شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.




201712211643072797.jpg


7. بارسېلونا 5-0 خانلىق مادرىد  2010/2011-مۇسابىقە پەسلى: گۇاردىئولا پۇتبول پەلسەپەسىنىڭ غەلىبىسى

مورىنھونىڭ ئىسپانىيەگە كېلىپ مەشقاۋۇللۇق قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان «دۆلەت دېربىسى» ئويلىمىغان يەردىن 5-0 دېگەن نەتىجە بىلەن «چىرايلىق» ئاخىرلاشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خانلىق مادرىدنىڭ شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيتى بولۇپ قالغان ئىدى، كوماندىنىڭ 7 مەيدان ئۇدا غەلىبە قىلىشىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. بارسېلونا كوماندىسى بولسا خانلىق مادرىدنىڭ ئۇدا غەلىبە قىلىش يولىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇغلانما نومۇردا 2 نومۇر ئېشىپ سەركىلىك ئورۇندا تۇردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ «دۆلەت دېربىسى»دە ئۇدا 5 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك رېكورتنى يارىتىشى ئىدى. بۇ رېكورت يەنە بىر تەرەپتە مورىنھونىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىغا بىر قېتىملىق ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتنى قالدۇرۇپ قويدى.





201712211643248889.jpg


8. بارسېلونا 1-2 خانلىق مادرىد  2011/2012-مۇسابىقە پەسلى: مورىنھونىڭ يۈز نومۇر بىلەن چېمپىيون بولۇشى

بۇ گۇاردىئولانىڭ بارسېلونا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرقى بىر يىلى ئىدى، ئۆز نۆۋىتىدە مورىنھونىڭ خانلىق مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغان ئىككىنچى يىلى ئىدى. شۇ كۈنلەردە خانلىق مادرىد كوماندىسى بىرلەشمىدە ئۇدا 11 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 4-ئايدا نوكەمپوغا كەلگەن ۋاقىتتا چېمپىيونلۇق ئاللىقاچان ئۇلارغا كەڭ قۇچىقىنى ئىچىپ بولغان ئىدى. مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا رونالدونىڭ ھالقىلىق توپنى كىرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، خانلىق مادرىد كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە كۈچلۈك بولغان بارسېلونا «چۈش ئۈچىنچى كوماندىسى»نى مەغلۇپ قىلدى. بىرلەشمىنىڭ يەنە 4 ئايلانمىسى قالغان ئەھۋال ئاستىدا 7 نومۇرلۇق ئەۋزەللىك بىلەن سەركىلىك ئورۇندا تۇردى. بۇ مەيدان مەغلۇبىيەت ئۆز نۆۋىتىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا 55 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىقتەك نەتىجىسىنى توختىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانلىق مادرىد كوماندىسى 2008-يىلىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم «دۆلەت دېربىسى»دە غەلىبە قىلدى.





medium-0a04ac81-2fb2-4edb-8da2-6b4fa04872861n.jpg


9. خانلىق مادرىد 0-4 بارسېلونا  2015/2016-مۇسابىقە پەسلى: نىيمارنىڭ بېرنابۇنى «بېشىغا كىيىشى»

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، خانلىق مادرىدنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مەشقاۋۇلى بېنىتېز تاراتقۇلارغا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلغان ئىدى: «بېز ساھىبخان مەيدانىمىزدا مۇسابىقىلىشىمىز، شۇڭا بارسېلوناغا قارىغاندا غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكىمىز خېلىلا چوڭ، خانلىق مادرىد ھۇجۇم قىلسىلا غەلىبە قىلىدۇ!»


005Sn3hxgy1fmogtygz3qg309w05k7wk.gif


نەتىجىدە، مېسسى يېقىندىلا يارىسىنى داۋالىتىپ ساقىيىپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن مەيدانغا ئاساسلىق بولۇپ چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا 4-0 چوڭ نەتىجە پەرقىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلدى. سۇئارېز ئىككى توپ، ئىنېستا بىر توپ كىرگۈزدى. نىيمار بولسا بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بېرىپ بېرنابۇنى بېشىغا كىيگەن ئىدى.




1118521677_11n.jpg


10. بارسېلونا 1-2 خانلىق مادرىد  2015/2016-مۇسابىقە پەسلى: زىدانىنىڭ «قەد كۆتۈرۈشى»

ئىككى كوماندا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، كىرۇيېفنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇردى. نوكەمپونىڭ كۆرۈش سۇپىسىدا «يوھانغا رەھمەت» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى پىلاكات نامايان بولدى. مۇسابىقىنىڭ 85-مىنۇتىدا، بىلنىڭ ئوڭ يولدىن تاشلىغان توپىنى، رونالدو چەكلەنگەن رايوندا توختاتقاندىن كېيىن ئالۋېسنى ئالداپ ئۆتۈپ، چىرايلىق ئۇسۇلدا بىراۋونىڭ قاپقىسىغا كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە بارسېلونادىن تەتۈر ئېشىپ غەلىبە قىلدى.


005Sn3hxgy1fmogtztrcig309w05kqv7.gif


بۇ مەيدان غەلىبە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خانلىق مادرىدنىڭ 1965-يىلىدىن كېيىنكى، تۇنجى قېتىم نوكەمپو مەيدانىدا تەتۈر ئېشىپ غەلىبە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا 34 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق قەدىمى بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن توختىغان ئىدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ مەيدان غەلىبە زىدانىنىڭ كوماندىسىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقان ئىدى، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى شۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. بارسېلونا كوماندىسىنىڭ MSN ھۇجۇم گۇرۇپپىسىدا بولسا شۇ مەيدان مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ھارغىنلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى، شۇنداق! بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەيدان تەتۈر ئېشىشتىن باشلانغان.




كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17145
تېما سانى : 188
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 18572 ياۋرۇ
تىللاسى : 55 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2147 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-22 11:34:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارزۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-22 14:25  

مېنىڭچە كىلاسسىك مۇسابىقىدىن ئۈچى چۈشۈپ قالغاندەك تۇرامدۇ.....   لىكىن ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيىسىنىڭ ھەممىسى  كىلاسسىك مۇسابىقە بولغان دەپ قارايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-12-22 11:41:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم يىل مۇقەددەم .... بىرلەشمىدىكى ئاخىرقى دېربى ....... مېسسى ئەڭ ئاخىردا مىنۇتتا خەنجەرنى سۈرۈپلىۋەتتى..... بۇ دېربىنىڭ مەززىسى تەرەپتىنلا كلاسسىك بولۇپ ئېشىپ كېتىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 340
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 14218 ياۋرۇ
تىللاسى : 98 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6199 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-22 11:43:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسى بىلەن سىلونىڭ ماھارەت سەھنىسى بولغان 2-2 مۇسابىقە راۋرۇس قىزغان مۇسابىقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-12-22 12:02:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى مەنبەدە نىم بولسا شۇنى يازىمەن دىمەي، ئاۋۇ 6-2بىلەن، بىنتىز دەۋرىدىكى 4-0نى چىقىرىۋېتىپ،2011-يىلدىقى شاھلىق ھەل قىلغۇچ رونالدونىڭ كاللا توپى بىلەن غەلبە قىلىپ لوڭقا ئالغان، ۋە، بىلنىڭ يان يولدىن بۈسەپ ئەكىرىپ ئۇرغان مۇسابىقىسىنى شۇلانىڭ ئورنىغا قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، شۇندىلا باش ئاغرىقىدىن خالاس بولىسىز،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11874 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1732 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-22 12:13:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىربىينىڭ ھەممىسى قىززىيدۇ، يەنە بىر مەيدان قۇشۇلۇش ئالدىدا…
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99771 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3120 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-22 12:17:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان يوللىغان ۋاقتى  2017-12-22 12:02
تىما ئىگىسى مەنبەدە نىم بولسا شۇنى يازىمەن دىمەي، ئاۋۇ ...

بۇرادەر تىخى ھىچكىم بىر نەرسە دىمەپتۇ،  ئوتقۇيرۇق ئىنكاسلارنى يازمايلى،  ئەمەلىي بۇلغان ئىشلار مەنبەدە بۇلغاندىن كىيىن يازسا بىز مادرىد مەستانلىرى ئۇنچىۋالا كۈكەمە ئەمەس، تارىخنى قوبۇل قىلالايمىز، ئىتىراپ قىلدىغان نەرسىنى ئىتىراپ قىلىمىز ھەم كەلگۈسىگە كۈلۈپ تورۇپ يۈزلىنەلەيمىز،، كۇنا ئەزا تورۇپ بۇنداق ئىنكاس يېزىشنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يۇق،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-12-22 12:23:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aslap يوللىغان ۋاقتى  2017-12-22 12:17
بۇرادەر تىخى ھىچكىم بىر نەرسە دىمەپتۇ،  ئوتقۇيرۇق ئىن ...

ھىچكىم بىرنىمە دىگىننى يۇقىتىپ بوپتۇ،، مۇسابىقىلەر كىلاسسىك بۇلامدۇ بولمامدۇ،مىنىڭ بۇ مۇسابىقىلەر بىلەن قىلچە ئالاقەم يوق،،،مىنىڭ قارىشىمدىكى ئەك داڭلىق دىربىلار  ئارگىنتىنادىكى بوكا ياشلىرى بىلەن دەريا قېنى كوماندىسنىڭ مۇسابىقىللىرى،،،ئۇلارنىڭ مۇسابىقىللىرى دەرىجىدىن تاشقىرى كىلاسسىكو دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.،تىمىغا كەلسەك تىما ئىگىسى مەنبەدىكىنى يازدىم دىسە بىرەيلەن ئىتىراپ قىلمىىغاندىك شۇڭا  ئۆزگەرتىپ قويۇڭ دىدىم،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

چىمپىيونلۇق لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15587
تېما سانى : 90
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 122275 ياۋرۇ
تىللاسى : 40 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1652 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-7
ۋاقتى: 2017-12-22 12:31:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاينۇق7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-22 12:42  

ياخشى مۇسابىقىلەردىكە ،بولۇپمۇ  مادرىدنىڭ 20102011مۇسابىقە پەسلىدىكى 5-0ۋە  2014-2015مۇسابىقە پەسلىدىكى 4-0ئۇتتۇرۇشى گەرچە ئېچىنىشلىق نەتىجىلەر  بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلار ئاساسەن يېڭى تېرنىرلارنىڭ تۇنجى مەيدان دېرىبىسى.خۇددى ۋالدىر ۋات  مۇ تۇنجى دېرىبىدا نوكەنپۇدا 3-1ئۇتتۇرغاندەكلا،بىراق بۇ ئەنئەنە زىدانىغا كەلگەندە داۋاملاشماي قالدى.ئەمەلىيەتتە  يېقىنقى 6-7يىلدا 3-0ۋە 4-0پاجىئەسى مادرىدقا  قارىغاندا بارسىلۇنادا كۆپ يۈز بەردى .بىر كۇماندا موشۇنداق ئېچىنىشلىق نەتىجىلەر بىلەن پىشىپ يېتىلدۇ ،خۇددى مادرىدتتەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99771 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3120 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-22 12:32:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان يوللىغان ۋاقتى  2017-12-22 12:23
ھىچكىم بىرنىمە دىگىننى يۇقىتىپ بوپتۇ،، مۇسابىقىلەر ك ...

بۇ مۈنبەردىكى ھىچكىمنىڭ بىۋاستە ئالاقىسى يۇق بىز يە ئو كولۇبنىڭ ئەزالىرى بۇلمىغاندىن كىيىن، بىزپەقەت مۇسابىقىلەردىن ھوزۇر ئالدىغانلار،  ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىزدا ئۇنى يازماي مانى يازسىڭىز بۈپتىكەن دەيسىز،  ئەمدى ئالاقىسى يۇق دەيسىز، گەپلىرىڭىز سەل زىتىمۇ يە،  مەن دۈت سىز بەك ئەقىللىقمۇ،،،،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11712
تېما سانى : 357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 310 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4145 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-12-22 12:35:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8-سى دەل رونالدونىڭ نوكەمپوني ئاغزىڭنى يۇم دىگەن ۋاقتى  شۇ ئالامەت پەيزى ئۇرغان توپنى  ، ئۆزىلنىڭ بەرگەن شۇ پېسى ھەرگىز ئىسىمدىن چىقمايدۇ ،  ئۇنىڭدىن باشقا تىمىدىكى خاتالىق شۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇن چىمپىيۇنلۇق مادرېدقا قۇچاق ئاچمىغان پەقەت شۇ مۇسابىقە بىلەن مۇقىملاشقان ، شۇ مۇسابىقىدە رونالدو نوكەمپونى تىنىچلاندۇرۇپ پەرىقني يەتتە نۇمۇرغا چىقارغان شۇنىڭ بىلەن مادرېد ئىككى ئايلابما بۇرۇن چىمپىيۇن بولغان ، ئەگەر ئۇتتۇرۋەتكەن بولسا پەرىق بىر نۇمۇرغا چۈشۈپ  چىمپىيۇنلۇق تەھدىدتكە ئۇچىرايتى ، ئاپتۇر مۇسابىقىدىن بۇرۇن چىمپىيۇنلۇق مادرېدقا قۇچاق ئاچقان دىيىش ئارقىلىق شۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى سەل غۇۋالاشتۇرماقچىدەك قىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا 2008تىن كىيىن مادرېدنىڭ تۇنجى قىتىم دېربىدا غەلبە قىلىشى دىيىشمۇ خاتالەقتەك تۇرامدۇ نىمە  ؟ ياكى بىرلەشمىدە دىمەكچىمۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11712
تېما سانى : 357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 310 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4145 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-12-22 12:38:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2008باسانىڭ چاۋاك چېلىپ مادرېدنى قارشى ئالغان مۇسابىقىسىمۇ ناھايىتى كىلاسسىك مۇسابىقىدەك ئىسەمدە بارتى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش