كۆرۈش: 2779|ئىنكاس: 29

بىر پارچە رەسىم -- بىر مەيدان كىلاسسىك مۇسابىقە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-12-13 17:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-13 19:38  

1481167544437629.jpg


شۇنداق قىلىپ 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېقىن قوشنىمىز بولغان رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى . ئۇزاققا سوزۇلغان تاللاش مۇسابىقىلىرى ئاخىرلىشىپ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەمبىرىكىگە كىرىدىغان، يەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى زىممىسىگە ئارتىپ رۇسىيەگە بارىدىغان 32 دۆلەت كوماندىسىنىمۇ تاللاپ چىقىۋالدۇق، بۇ جەرياندا ئادەمنى ئىختىيارسىز خۇشال قىلىدىغان غەلىبە تەنتەنىلىرىمۇ كەم قالمىدى، شۇنداقلا ئويلىسا كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان ئەپسۇسلىنارلىق نەتىجىلەرمۇ بولۇپ ئۆتتى. مەسىلەن قەيسەر ئىسلاندىيە كوماندىسى دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بولسا، پېشقەدەم زەردار ئىتالىيە كوماندىسى بىزنى مەيۈسلۈك ئىچىگە تاشلىدى. شۇنداق! بۇ پۇتبول بىزگە قانداق خۇشاللىقلارنى ئىلىپ كەلمىگەن، قانداق ئازابلارنىمۇ ھەم...

32 كوماندا تاللاپ چېقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز مەستانىلەرنى تېخىمۇ تەقەززا قىلغان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش مۇراسىمى رۇسىيە پايتەختىدە ئىلىپ بېرىلدى، نۇرغۇن كوماندىلار يەنە ئۆز ‹‹قەدىناس دوست››لىرى بىلەن بىر قازانغا تاشلاندى، مەسىلەن ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە، ئارگېنتىنا بىلەن نىگېرىيە دېگەندەك. ئەمسە بىز تۆۋەندىكى كونا رەسىملەر ئارقىلىق، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپىسىدا دۇقۇرۇشقان رەقىبلەرنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى كىلاسسىك مۇسابىقىلىرىنى ئەسلەپ باقايلى!


1.jpg

1. 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: ئۇرۇگۋاي 1-0 سوۋېت ئىتتىپاقى

A گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇگۋاي بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كوماندا دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇگۋاي كوماندىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ۋە 70-يىللىرى ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇچرىشىپ كىشى قەلبىدە چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسى ئىۋانوفنىڭ بوغۇزلىشى بىلەن 2-1 نەتىجىدە ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. شۇنداقلا بۇ غەلىبە بىلەن ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىشىغا ئاساس سېلىش بىلەن بىرگە رەقىبى بولغان ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى ئۆيىگە يولغا سىلىپ قويغان ئىدى. 8 يىلدىن كېيىن، يەنى 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى كونا رەقىب يەنە تار يولدا ئۇچراشتى. ئېسپارراگونىڭ مۇسابىقىنىڭ 117-مىنۇتىدا كىرگۈزگەن بىردىن-بىر توپىغا تايىنىپ ئۇرۇگۋاي كوماندىسى رەقىبىنى شاللىۋەتكەن شۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ‹‹قىساس››سىنى ئىلىۋالدى.


2.jpg


2. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: ئىسپانىيە 1-0 پورتۇگالىيە

چەك تارتىش مۇراسىمىدا بىللە ب گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بۇ ئىبېرىئان قوش بۈركۈتى دۇنيا لوڭقىسى رەسمى مۇسابىقىسى تارىخىدا پەقەت بىر قېتىم ئۇچراشقان، بۇ مۇسابىقە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1\8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا ۋىللانىڭ بۇ مەيداندىكى بىردىن-بىر توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن، ئىسپانىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن كونا قوشنىسىنى شاللىۋەتتى. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ قېتىملىق كىچىك نومۇر پەرقىدە غەلىبە قىلىش، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ شۇ يىللىق چېمپىيونلۇق يولىنى ئىچىپ بەرگەن ئىدى.


3.jpg


3. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: پورتۇگالىيە 2-0 ئىران

بۇ مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىردىن-بىر ئۇچرىشىشى بولۇپ، كېيىنكى يېرىم مەيداندىكى دېكونىڭ يىراقتىن توپ كىرگۈزۈشى ۋە رونالدونىڭ نۇقتا توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، پورتۇگالىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ غەلىبە بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسى بىر ئايلانما بۇرۇن 16 كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئىراننى ئۆز دۆلىتىگە يولغا سىلىپ قويدى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىر نۇقتا توپ، رونالدونىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپى ۋە شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى بىردىن-بىر توپى.


4.jpg


4. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: پورتۇگالىيە 1-3 ماراكەش

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماراكەش كوماندىسى كائىل(卡伊里)نىڭ قوش گۈل قىسىشى ۋە كىلمان(克利芒)نىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، ماراكەش كوماندىسى 3-1 نەتىجىدە پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنداقلا ماراكەش كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مەيدان غەلىبىسىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ئافرىقا كوماندىسى بولۇپ قالدى. بۇ مەيدان مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، پورتۇگالىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدا ئەڭ كەينىدە تۇرۇپ شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن خوشلاشقان ئىدى.


5.jpg


5. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: فىرانسىيە 2-1 دانىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، دانىيە كوماندىسىدىن لائۇدرۇپ ۋە فىرانسىيە كوماندىسىدىن دېيوركائېف ئالدىنقى مەيداندا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزدى مۇسابىقىنىڭ 56-مىنۇتىدا پېتتىنىڭ بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ساھىبخان فىرانسىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە دانىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە گۇرۇپپىدا سەركىلىك ئورنىنى تارتىۋالدى. شۇنداق بولسىمۇ دانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ كەتتى.


6.jpg


6. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: فىرانسىيە 0-2 دانىيە

گۇرۇپپىدىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان سابىق چېمپىيون فىرانسىيە كوماندىسى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ 4 يىل بۇرۇنقى نەتىجىنى تەكرارلىغانچە رەقبىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەمما روممېدال ۋە توماسسوننىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەيداندا كىرگۈزگەن توپى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ شېرىن چۈشىنى بەربات قىلىۋەتتى، دانىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بولسا گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىشتىن باشقا تاللىشى قالمىغان ئىدى.


7.jpg


7. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئارگېنتىنا 1-0 كىرودىيە

شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسى كىرودىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن كىرودىيە كوماندىسى ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ سەركىلىك ئورنىغا ئىگە بولماق ئۈچۈن جەڭگە چۈشتى، ئاخىرىدا پىنېدانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىدىكى بىردىن-بىر توپنى كىرگۈزۈشى  بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسى 1-0 نەتىجىدە كىرودىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كەتتى. ئەمما ئىككىنچى بولۇپ چىققان بۇ دۇنيا لوڭقىسى يېڭى مىھمانى ‹‹قارا تۇلپار››لارچە تېخىمۇ يىراققا چاپقان بولۇپ، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنچىلىكىگە  ئېرىشكەن.


8.jpg


8. 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئارگېنتىنا 2-1 نىگېرىيە

تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا رەقىبىنى چوڭ نومۇر پەرقىدە قىرغىن قىلغان بۇ ئىككى كوماندا ئىككىنچى ئايلانمىدا تار يولدا ئۇچراشتى، گەرچە سىئا سىئا(希亚希亚) ئالدىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ ئافرىقىلىقلارغا غەلىبىنىڭ ئۈمىدىنى تىكلەپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹شامال ئوغلى››كانىگگىئانىڭ قوش گۈل قىسىشى بىلەن ئاخىرىدا كۈلگىنى يەنىلا ئارگېنتىنا كوماندىسى بولدى. ئادەم ئويلىمىغان ئىش شۇكى، شۇ مەيدان مۇسابىقىدە كانىگگىئانىڭ تەتۈر ئاشۇرغان توپىغا ياردەمچى پاس بەرگەن مارادونا مۇسابىقىدىن كېيىن، چەكلەنگەن دورا ئىستېمال قىلغان دەپ قارىلىپ مۇسابىقىدىن چەكلىنىشكە ئۇچرىغان. بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەم بىر دەۋرنىڭ پۇتبول شاھىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سەھنە بولۇپ قالغان. شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن پۇتبول شاھىدىن ئايرىلىپ قالغان ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ 16 كۈچلۈك مۇسابىقە باسقۇچىدا توختاپ قالغان. نىگېرىيە كوماندىسىمۇ ئوخشاشلا تۇنجى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدىلا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ئىدى.


9.jpg


9. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئارگېنتىنا 1-0 نىگېرىيە

شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ئارگېنتىنا كوماندىسى  شىۋېتسىيە  ۋە ئېنگلاد كوماندىسى بىلەن بىللە ‹‹ھالاكەت گۇرۇپپىسى››دەپ ئاتالغان F گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ‹‹جەڭ ئىلاھى›› باتىستۇتا كاللا توپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنانىڭ 1-0 نەتىجىدە نىگېرىيەنىڭ مەغلۇپ قىلىشىغا تۆھپە قوشقان. ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە ئوخشاشلا 1 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان مەغلۇپ بولغان ئارگېنتىنا ۋە نىگېرىيە كوماندىلىرى بىللە گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرگەن توپ ‹‹جەڭ ئىلاھى›› باتىستۇتانىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۇنيا لوڭقىسى توپى بولۇپ قالدى.


10.jpg


10. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئارگېنتىنا 1-0 نىگېرىيە

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ئىككى كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى سەپىرى 8 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش رەۋىشتە باشلاندى، يەنى بۇ ئىككى كوماندا 8 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى ۋە تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىنى بىللە ئوينىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خېينزې  بېلىقچىلاپ بىر كاللا توپ كىرگۈزۈپ، ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 1-0 نەتىجىدە نىگېرىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا، تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى غەلىبە بىلەن باشلاشقا كۈچ قوشتى. ئەمما ئارگېنتىنا كوماندىسى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالماي گۇرۇپپا مۇسابىقىدە تولۇق ئۈچ مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ داغدام قەدەملىرى بىلەن كېيىنكى باسقۇچقا كىرىپ كەتتى. قىزىق يىرى شۇكى، 16 يىل بۇرۇن مۇشۇ نىگېرىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىنى تاماملىغان مارادونا، يەنە مۇشۇ نىگېرىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قايتىپ كەلدى. ئەلۋەتتە توپچى سالاھىيىتىدە ئەمەس، بەلكى ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سۈپىتىدە.


11.jpg


11. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئارگېنتىنا 3-2 نىگېرىيە

بۇ مۇسابىقە دەل ئىككى كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 4 قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىچىدىكى ئەڭ نادىر بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش. ئالدى بىلەن مېسسى قوش گۈل قىسىپ ئارگېنتىنا كوماندىسى ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما نىگېرىيە كوماندىسىدىن مۇسا ئوخشاشلا ئىككى قېتىم نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا روخو توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى  مۇقۇملىدى. ئارگېنتىنا كوماندىسى كىچىك نومۇر پەرقىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى، نىگېرىيە كوماندىسىمۇ ئارگېنتىنانىڭ ئارقىسىدىن ئىككىنچى بولۇپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.


12.JPG


12. 1950-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 2-2 شىۋېيتسارىيە

بىرازىلىيە بىلەن شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى 67 يىل بۇرۇنقى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە رەقىبىنى قىرغىن قىلغان ساھىبخان بىرازىلىيە كوماندىسى ئەسلىدە، تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلالايتتى، ئەمما بۇ پۇتبول شۇنداق پۇتبول. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى ئىككى قېتىم ئۇدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ‹‹ سامبا قوشۇنى›› ئوخشاشلا ئىككى قېتىم شىۋېيتسارىيە كوماندىسى تەرىپىدىن نومۇر تەڭلەشتۈرىۋىلىشكە ئۇچرىدى. 2-2 نەتىجە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە قىلمىسىلا 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى، بەختكە يارىشا بىرازىلىيە كوماندىسى بۇنداق رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ ئۆز ئىشىكى ئالدىدىلا يۈز بېرىشىنى توسۇپ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتتى. ( بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 16 كوماندا تاللاپ چىقىلغان، 3 كوماندا چېكىنىپ چىقىپ 13 كوماندا رەسمى مۇسابىقىگە قاتناشقان، 4 گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ، 1 گۇرۇپپىدىن بىرلا كوماندا دەرىجە ئۆرلەپ 4 كۈچلۈك كوماندا تەشكىللەنگەن.)


13.jpg


13. 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 1-0 كوستارىكا

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە ئوخشاشلا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بىرازىلىيە بىلەن كوستارىكا كوماندىسى تار يولدا ئۇچراشتى، مۇللېرنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىن-بىر توپنى كىرگۈزۈشى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى 1-0 نەتىجىدە كوستارىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقىشقا پۇختا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەغلۇپ بولغان كوستارىكا كوماندىسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا غەلىبىلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ كەتتى.


14.jpg


14. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 5-2 كوستارىكا

ئالدىنقى ئىككى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 1 قېتىم غەلىبە قىلىپ، 1 قېتىم تەڭلەشكەن كوستارىكا كوماندىسى بىر ئايلانما بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان بىرازىلىيە كوماندىسىدىن ئاز دېگەندە 1 نومۇر ئىلىۋالالىغاندا، ئاندىن گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىش نىشانى ئەمەلگە ئاشاتتى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ تەلەپ ‹‹تىكو كوماندىسى›› ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا ئېغىر بولۇپ كەتكەن ئىدى. رونالدونىڭ قوش گۈل قىسىشى ۋە ئېدمۇلسوننىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ‹‹سامبا قوشۇنى›› باشتىلا ئۈچ توپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە ۋانچوپې ۋە گومېز ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رىۋالدو بىلەن جۇنىئور بىردىن توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 5-2 قىلىپ ماقۇللىدى. 12 يىل بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغان كوستارىكا كوماندىسى ساپ توپ جەھەتتە تۈركىيە كوماندىسى تەرىپىدىن تەتۈر ئېشىلىپ كېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن دۆلىتىگە قايتتى.


15.JPG


15. 1930-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 1-2 يۇگوسلاۋىيە
(سابىق يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى 1929-1945)

گەرچە بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن سېربىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ئۇچرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما سېربىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى ۋە كېيىنكى سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئالاقىسى چوڭقۇر ئىدى. ئىككى كوماندىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 1930-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تىرنانىچ بىلەن بەكېرنىڭ  ئالدىنقى مەيداندا ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، يىراق مۇساپىنى بېسىپ كەلگەن يۇگوسلاۋىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە بىرازىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدا بىردىن-بىر بولغان دەرىجە ئۆرلەش ئورنىغا ئىگە بولدى. شۇنداقلا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا ئىچىدىكى بىردىن-بىر ياۋروپا كوماندىسى بولۇپ قالدى.


16.JPG


16. 1950-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 2-0 يۇگوسلاۋىيە
(سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى 1945-1991)

ئالدىنقى ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە 1 قېتىم غەلىبە قىلىپ، بىر قېتىم تەڭلەشكەن ساھىبخان بىرازىلىيە كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان يۇگوسلاۋىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىلا بىردىن-بىر بولغان گۇرۇپپىدىن چىقىش بېلىتىگە ئىرىشەلەيتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئادېمىر بىلەن جىنھو(金霍) نىڭ ئالدىنقى ۋە كېيىنكى مەيداندا بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بىرازىلىيە كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە يۇگوسلاۋىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنداقلا رەقىبىنى ئۆيىگە يولغا سىلىپ 20 يىل بۇرۇنقى ئەنتىنى ئوبدانلا ئىلىۋالدى.


17.JPG


17. 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بىرىنچى باسقۇچ ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بىرازىلىيە 0-0 يۇگوسلاۋىيە
(سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى 1945-1991)

1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، بىرازىلىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا يەنە ئۇچراشقان ئىدى، ئاخىرىدا 1-1 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قىلىپ ئىككى كوماندا تەڭ قول تۇتۇشۇپ 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 20 يىلدىن كېيىنكى 74-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ‹‹سېنارىيە›› گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە سەھنىگە چىقتى. ئۆزئارا ئاق ۋاراق تاپشۇرۇشقان بىرازىلىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە كوماندىلىرى يەنە بىر قېتىم قول تۇتۇشۇپ گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتتى. ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەر پەرەز قىلالايدىغىنى شۇكى، بۇ مەيدان مۇسابىقە ‹‹مۇھەببەتلىك›› بىرازىلىيە ۋە يۇگوسلاۋىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىرقىتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ قالدى. 44-يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئوخشاش بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ كۆرىدىغىنى بۇرۇنقى ‹‹ئاشىق››ى يۇگوسلاۋىيە كوماندىسى ئەمەس بەلكى، 2006-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ‹‹يۇگوسلاۋىيە›› دېگەن ئېسىمدىن تەلتۆكۈس ئازاد بولغان يىپيېڭى سېربىيە كوماندىسى ئىدى.


18.JPG


18. 1950-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: يۇگوسلاۋىيە 3-0 شىۋېيتسارىيە

يۇگوسلاۋىيە(سابىق يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى) كوماندىسى بىلەن شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى بىردىن-بىر ئۇچرىشىشى 1950-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا كۆرۈلگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مىتىچ، توماسېۋىچ ۋە ئوگنىيانوفنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۈچ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، ئارىلىقتا 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىغا قايتىپ كەلگەن يۇگوسلاۋىيە كوماندىسى 3-0 نەتىجىدە شىۋېيتسارىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنداقلا نەچچە يىل بۇرۇنقى تاللاش مۇسابىقىسىدە شىۋېيتسارىيە تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن ئەنتىنى ئوبدانلا تولۇق ئىلىۋالدى.


19.JPG


19. 1978-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بىرىنچى باسقۇچ ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: فېدېراتىپ گېرمانىيە 6-0 مېكسىكا

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە رەقىبى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان سابىق چېمپىيون گېرمانىيە كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چوڭ قىرغىنچىلىق ئىلىپ باردى، دېتېر مۇللېر ۋە خەنس مۇللېرنىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى، رۇممېنىگگې ۋە فلوخېنىڭ قوش گۈل قىسىشى بىلەن، گېرمانىيە كوماندىسى چوڭ نومۇر پەرقىدە مېكسىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئاساسىنى مۇقىملىدى. ‹‹ئۈچ رەڭلىك قوشۇن›› مېكسىكا كوماندىسى بولسا ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيتىنى قولتۇقلىغىنىچە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتتى.


20.jpg


20. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: فېدېراتىپ گېرمانىيە 0-0 (نۇقتا توپ: 4-1) مېكسىكا

ئۆزىگە تولۇق ئىشەنگەن ساھىبخان مېكسىكا كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسىدىن بىر قەدەم بالدۇر پۇت ئىلىشنى ئويلىدى، ئارزۇ قىلغىنىغا يارىشا ئۇلار 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە كۈچلۈك بولغان سابىق چېمپىيون گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئەپسۇسكى، نۇقتا توپ جىڭى پۈتۈنلەي گېرمانىيەلىكلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ كەتتى.بۇرۇنقى كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن مېكسىكا كوماندىسى، ئۆزىنىڭ رىكۇرتىنى يېڭىلاش پۇرسىتىدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى.


21.jpg


21. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: گېرمانىيە 2-1 مېكسىكا

بۇ قېتىم كونا رەقىبلەر شاللاش باسقۇچىدا يەنە ئۇچراشتى، مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدىنى باشلىنىپلا ھېرنەندېز بىر توپ كىرگۈزۈپ مېكسىكا كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كلىنسمان ۋە بيېرخوفنىڭ ئاخىرقى 15 مىنۇتتا ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مېكسىكا كوماندىسىنىڭ شېرىن چۈشى بۇزۇلدى.
نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن ‹‹ئالتۇن چاچلىق بومباردىمانچى›› ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانىنى 40قا ئاپاردى، مەغلۇپ بولغان مېكسىكا كوماندىسى بولسا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ 16كۈچلۈكتە توختاپ قىلىش قارغىشىنى بۇزالمىدى.


22.JPG


22. 1934-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: گېرمانىيە 2-1 شىۋېتسىيە

ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇنجى قەدىمىنى بېسىۋالغان ئىككى يېڭى دۇنيا لوڭقىسى مىھمانى تار يولدا ئۇچراشتى، خورمەننىڭ 5 مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، گېرمانىيە كوماندىسى داغدام قەدەم بىلەن كېيىنكى باسقۇچقا كىرىپ كەتتى، ھەمدە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان دۇنيا لوڭقىسى رىۋايىتىنى مانا مۇشۇنداق باشلىدى.


23.jpg


23. 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: شىۋېتسىيە 3-1 فېدېراتىپ گېرمانىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ساھىبخان شىۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن سابىق چېمپىيون گېرمانىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم تار يولدا ئۇچراشتى. شۇففلېنىڭ ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزۈشى گېرمانىيەنى ئالدى بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ساھىبخان شىۋېتسىيە كوماندىسىدىن سكوگلۇند، گىلېن ۋە خامرىن بىردىن توپ كىرگۈزۈپ گېرمانىيە كوماندىسىدىن تەتۈر ئېشىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئۆز ئەنتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىۋېلىش بىلەن بىرگە، شىۋېتسىيە كوماندىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا بۆسۈپ كىردى. ئەپسۇسكى، پۇتبول شاھى پېلې شىۋېتسىيە كوماندىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە لوڭقا كۆتۈرۈش ئارزۇسىنى بەربات قىلىۋەتتى.


24.JPG


24. 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى باسقۇچ ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: فېدېراتىپ گېرمانىيە 4-2 شىۋېتسىيە

16 يىلدىن كېيىن بۇ كونا رەقىبلەر گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە يەنە دوقۇرۇشۇپ قالدى، شىۋېتسىيە كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن يېرىم مەيداندىن كېيىنكى ئارام ئىلىشقا كىرىپ كەتتى، ئەمما 16 يىل بۇرۇنقى ساھىبخان كوماندا چوڭ تەتۈر ئېشىشىنى تاماملاشتىن ئىبارەت سېنارىيە يەنە بىر قېتىم سەھنىگە چىقتى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئارقا-ئارقىدىن 4 توپ كىرگۈزگەن گېرمانىيە كوماندىسى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ 16يىل بۇرۇنقى نومۇسنى قايتۇرۇۋالدى، شۇنداقلا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويدى. مەغلۇپ بولغان شىۋېتسىيە كوماندىسى مۇددەتتىن بۇرۇن 4 كۈچلۈك كوماندا ئورنىنى تالىشىش رىقابىتىدىن قۇرۇق قالدى.


25.jpg


25. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: گېرمانىيە 2-0 شىۋېتسىيە

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ ساھىبخان كوماندا ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە غەلىبە قىلدى. پودولسكىنىڭ 12 مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۈزۈشى مۇسابىقە قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىۋەتتى. لارسسوننىڭ ئېگىز تېپىۋەتكەن نۇقتا توپى بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى، ئويلىغاندەك شىۋېتسىيە كوماندىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىگە قايتىپ كېلىشى 12 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى.


26.jpg


26. 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: گېرمانىيە 3-2 كورېيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كلىنسماننىڭ قوش گۈل قىسىشى ۋە ريېدلېنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا ئۈچ توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، گەرچە خۇاڭشەنخوڭ بىلەن خوڭمىڭفۇ كېيىنكى يېرىم مەيداننىڭ باشلىنىشىدىلا ئىككى توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا گېرمانىيە كوماندىسىغا 2-3 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت رېئاللىقتىن قۇتۇلالمىدى. گېرمانىيە كوماندىسى بۇ غەلىبە بىلەن گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كەتتى، كورېيە كوماندىسى بولسا بەختسىزلەرچە گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى.


27.jpg


27. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: كورېيە 0-1 گېرمانىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە باللاك بىر كاللا توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ساھىبخان كورېيە كوماندىسىنى، تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا دۆلىتى قاتناشقان دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەغلۇبىيەتكە تاشلاپ قويدى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ گېرمانىيە كاپىتانى سېرىق كارتىسى يىغىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن مەھرۇم قالدى.


28.JPG


28. 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: شىۋېتسىيە 3-0 مېكسىكا

يۈكسەك ئىرادە باغلىغان ساھىبخان شىۋېتسىيە كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاشنى ئويلايتتى، سىمونسوننىڭ قوش گۈل قىسىشى ۋە لىدھومنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارزۇسىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشتى،قىزىق يىرى شۇكى شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىمۇ ئىتالىيە كوماندىسى قاتنىشالمىغان ئىدى، 60 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى كونا رەقىب يەنە بىر قېتىملىق ئىتالىيە كوماندىسى قاتناشمىغان دۇنيا لوڭقىسىدا بىر گۇرۇپپىدا ئۇچرىشىپ قالدى.


29.jpg


29. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: مېكسىكا 3-1 كورېيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خېشىجوۋنىڭ كىرگۈزگەن توپى كورېيە كوماندىسىنى ئالدىنقى مەيداندا بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى مەيداندا پېرائىسنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى ۋە خېرنەندېزنىڭ قوش گۈل قىسىشى بىلەن مېكسىكا كوماندىسى ئەڭ ئاخىردا رەقىبىدىن تەتۈر ئېشىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، غەلىبە قىلغان ‹‹ئۈچ رەڭلىك قوشۇن›› ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، مەغلۇپ بولغان كورېيە كوماندىسى بولسا ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتتى.


30.jpg


30. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: بېلگىيە 1-1 تۇنىس

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ۋىلموتسنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى بالدۇرلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بوۋزائېنې ناھايىتى تېزلا نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ئاخىرىدا ئىككىلى كوماندا بىردىن نومۇرغا ئېرىشىپ ئاخىرقى ئايلانمىدىكى ھايات-ماماتلىق جەڭگە ئۈمىدىنى باغلىدى، ئاخىرىدا بېلگىيە كوماندىسى تەستە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، تۇنىس كوماندىسى بولسا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتتى.


31.JPG


31. 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئېنگلاند 4-4 بېلگىيە

بۇ بەلكىم 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى كىچىك گۇرۇپپىسىدا ئۇچراشقان رەقىبلەر ئىچىدىكى، ئەڭ كىلاسسىك ئەڭ نادىر بىر مەيدان مۇسابىقىسى بار بولغان ئىككى كوماندا بولۇشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا لوفتخوۋس مۇسابىقىنىڭ 91-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4-3 قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، 91-مىنۇتتا بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئېنگلاند كوماندىسى غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشقا باشلىغان ئىدى، ئەمما مۇسابىقىنىڭ 94-مىنۇتىدا، دىككىنسون  ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۆز قاپقىسىغا خائىن توپ ئۇرۇپ قويىدۇ، شۇنداقلا مۇسابىقە نەتىجىسى 4-4 بولۇپ مۇقىملىشىدۇ. گەرچە ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئېنگلاند كوماندىسى يەنىلا رەقىبلىرىدىن غالىب كېلىپ كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا قەدەم قويىدۇ.


32.JPG


32. 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى 1\8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى: ئېنگلاند 1-0 بېلگىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقە، قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىغا قەدەم قويۇشى بىلەن، ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ رەھېمسىز نۇقتا توپ جىڭى باسقۇچىغا بولغان ئارىلىقى بارا-بارا يېقىنلاپ كېلىدۇ. ئەمما مۇسابىقىنىڭ 119-مىنۇتىدا، پلاتنىڭ ئەجەللىك شۇ توپى مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ‹‹ئۈچ شىر قوشۇنى››رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى پلاتنىڭ ھاياجانلىق تەبرىكلەش ھەرىكىتى  شەك-شۈبھىسىزكى ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كىلاسسىك كۆرۈنۈشى بولۇپ قالىدۇ.


33.jpg


33. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: ئېنگلاند 2-0 تۇنىس

بۇ مەيدان مۇسابىقە ئالەن شېرېر ۋە سكولېسنىڭ تۇنجى مەيدان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، ئىككىلىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ ياخشى باشلىنىشنى كۈتۈۋالىدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىدىن قۇرۇق قالغان ئېنگلاند كوماندىسىمۇ تۇنجى قەدىمىنى غەلىبە بىلەن باشلايدۇ، 20 يىلدىن كېيىن قايتا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنىس كوماندىسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن ئۈزۈپ چىقىدۇ.


34.jpg


34. 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسى: كولومبىيە 4-1 ياپۇنىيە

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن، كولومبىيە كوماندىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گۇرۇپپىدىن بىر ئايلانما بۇرۇن چىقىپ بولغان بولۇپ، ئەگەر ياپونىيە كوماندىسى كولومبىيە كوماندىسىنىڭ قولىدىن 3 نومۇرنى تولۇق ئالالىغان چاغدا، ئاندىن گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈمىدى تۇغۇلاتتى. لېكىن ئالدىراقسانلىق روھىي ھالىتى ئۇلارنى كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ۋەيران بولۇشقا دۇچار قىلدى، كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان جېكسون مارتىنېزنىڭ قوش گۈل قىسىشى ۋە خامېسنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ياپونىيە كوماندىسى تولۇق مەغلۇپ بولدى. خامېسمۇ بۇ توپى بىلەن شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ‹‹ئالتۇن بوتىس›› مۇكاپاتىغا پۇختا ئاساس سالدى.


تامام......

مەنبە: نۇر تورى ،  ئا.ئالىم تەرجىمىسى.





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +31150 تۆھپە +6 شۆھرەت +6 تەجرىبە +6 تىللا +6 يىغىش سەۋەبى
مەشھەر + 10000 قوللاش!
ئۇچتىكىن + 1000 قالتىس!
تۈمەن + 50 + 1 قوللاش!
ئارزۇ + 10000 قالتىس!
مۇھەممەت0999 + 50 + 3 + 3 + 3 نادىر !
isimsiz + 50 + 3 + 3 + 3 + 4
CR7ئارمان + 1 字字珠玑ھارمايغايسىز،داۋ.
دىكتور + 10000 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219590 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2017-12-13 17:40:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىر  يەڭنى تۈرۈپ نادىر تىمىدىن بىرنى ئەكەپسەندە ئىنىم ھە . قېنى مېھنىتىڭدىن بىر ھۇزۇر ئالاي ..... باشلاپ كەتتىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

تەشۋىقات ئەلچىسىئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17146
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10175 ياۋرۇ
تىللاسى : 12 سەر
توردىكى ۋاقتى : 447 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-15
ۋاقتى: 2017-12-13 17:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىغا بىر بىلەن كەتتى، ئىسىل
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
马得里
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-13 17:46:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىكتور يوللىغان ۋاقتى  2017-12-13 17:40
ئاخىر  يەڭنى تۈرۈپ نادىر تىمىدىن بىرنى ئەكەپسەندە ئىنى ...

تەستىقلاپ ، يورۇتۇپ قىلىپ قويغىنىڭغا ساڭىمۇ رەھمەت! ، ئەمدى نادىر بولالامدۇ يوق ، ئۇنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ مۇنبەرداشلارغا ئازراق بولسىمۇ مەنىۋى ئوزۇق بىرەلىسە بولدى..

قارىسام بۇ ئۇششاق تېمىلار يازسا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس.. مۇسابىقىلەرمۇ بىرسى تۈگسە بىرسى ئوينىلىۋىرىدىغان ئىشكەن شۇڭا باشقىچە بىرە نىم يازاي دەپ يەڭ تۈرگەن بۈگۈن پۈتۈپ قاپتۇ ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11874 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1732 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-13 17:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ،ئىسل تىما بوپتۇ!
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18296
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1910 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 304 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-7-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-16
ۋاقتى: 2017-12-13 18:00:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2018-يىللىق روسىيە دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە تىخى چەك تارتمىغاندۇ ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18296
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1910 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 304 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-7-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-16
ۋاقتى: 2017-12-13 18:00:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما نادىرغا بىر بېلەت، ئاپىرىن ئىسىل ئىسىل ئىسىل
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9876
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 65578 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1085 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-12-6
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-13 18:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرغا بىر بېلەت ،قالتىس تېما بوپتۇ .. ئەمدى ئالدىرماي بىر ئوقۇي بۇ تېمىنى ...
ئۆزەڭنى خار قىلغۇچە ،كۈچۈڭنى خار قىل.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالىي ئەزا

بارسىلونا لۈكچىكىئىجاتچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا3 - لىك لوڭقىسىدەلىللەنگەن ئەزا

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12580
تېما سانى : 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145 ياۋرۇ
تىللاسى : 62 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6720 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-12-13 18:33:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوشۇق گەپ بىھاجەت، ئىسىل نادىر تىما.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219590 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2017-12-13 18:37:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىكتور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-18 19:05  


تىۋىلغا
سۇلتانى
دەۋران



قاتارلىقلار  ئېغىر ئالماي  مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىغا  بانكا نامىڭلارنى باھالاش  شەكلىدە قالدۇرۇپ قويغان بوساڭلا رەھمەت ، يوللىمىغانلارنىڭ ياۋرۇلىرى ئۇرۇلمىسا رەنجىمىگەيلا…مۇشۇ بەشىڭلا قالدىڭلار…
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-13 18:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەۋاتىمەن، كىچىچە ئولتۇرۇپ يازغاشقا باغلاشمىغان، سۆز ئىبارىلەر چۈشۈپ قالغان ئەھۋاللار باركەن... ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغايسىلەر ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 353
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 2173 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2135 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-13 18:40:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىكتور يوللىغان ۋاقتى  2017-12-13 18:37
ئۈچتىكىن : 15412
تىۋىلغا : 12041
ئا ئالىم : 16589

نىم مۇكاپاتكەن بۇ دىكتۇركا  ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش