كۆرۈش: 2051|ئىنكاس: 27

پۇتبول دۇنياسى تارىخىدىكى 50 داڭلىق كوماندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-12-7 00:53  

                                                                                 1.jpg
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسى «442 تورى» پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس 50 كوماندىنى باھالاپ چىققان، بۇ كوماندىلار ھەر قايسى بىرلەشمىدىكى كوماندىلار ۋە دۆلەت كوماندىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ كوماندىلار پۇتبول دۇنياسىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان، ئۇنداقتا بىز بۇ كوماندىلارنى كۆرۈپ باقايلى.
                                               
          2.jpg

  50. لېيچېستېر شەھىرى (2015/2016-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونى)

لېيچېستېر شەھىرىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سابىق مەشقاۋۇل رانېرىمۇ ئادەتتىكى كوماندىنى يېتەكلەپ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىرلەشمىدە رېكورت ياراتتى، ھەتتا دەرىجە ساقلاش رايونىدا تۇرۇۋاتقان كوماندىنى 12 ئاي ئىچىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى، بۇنى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. لېيچېستېر شەھىرىنىڭ داڭلىق توپچىلىرىدىن ۋاردىي بىرلەشمىدە 36 توپ ئۇردى، يەنە بىر توپچى ماھرېز 26 توپ ئۇردى، كانت بولسا ئوتتۇرا مەيدان يادروسى بولدى. ئۇلار ئالدىنقى پەسىل 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ بەش مەيدانىدا 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، ھەمدە چېلسى، لىۋېرپول، توتتېنھام ۋە مانچېستېر شەھىرى قاتارلىق زەردارلارنى مەغلۇپ قىلدى. 2014/2015-مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرقى سەككىز ئايلانمىسىدا ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىپ دەرىجە ساقلاپ قالغان لېيچېستېر شەھىرى، ئالدىنقى پەسىل ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
                                                                           
   3.jpg

  49. سانت ئېتىئېن (1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە)

سانت ئېتىئېن دېيىلسە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىكى پىلاتىنى توپ تەپكەن كوماندا يادىڭىزغا كېلىشى مۇمكىن، بىراق سىز خاتالاشتىڭىز. يۇگۇسلاۋېيەلىك قاپقىچى ئىۋان كۇركوۋىچ، ئارگېنتىنالىق بېك ئوسۋاردو پىيازا ۋە مىچىل لاكو، رىۋېر، سانتونى، لىس ۋوس قاتارلىق توپچىلاردىن تەركىب تاپقان سانت ئېتىئېن كوماندىسى 1966-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇلار 10 يىل جەريانىدا يەتتە قېتىم فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، بەش قېتىم فىرانسىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، 1976-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار 0-1 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
                                                                           
4.jpg

  
   48. چېلسى (2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە)

2004-يىلى مورىنھو چېلسىنى قولىغا ئالغان، ھەمدە چېلسى تارىخىدا قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. «تەلۋە» مەشقاۋۇل ئىلگىرىكى مەشقاۋۇل رانېرىنىڭ يادرولۇق ماھىرلىرىغا خوجايىن ئابراموۋىچ زور مەبلەغ چىقىرىپ قوشۇلغان توپچىلارنى بىرىكتۈرگەن، ئۇنىڭ قولىدا تېررىي، لامپارد، داف، ماكىلېلې، دىروگبا، چېخ ۋە روببېندىن ئىبارەت داڭلىق توپچىلار توپ تەپكەن، شۇنداقلا يېڭى چېلسىنى دۇنياغا تونۇتقان. «كۆك قوشۇن» چېلسى ئىككى پەسىل ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنى سورىغان، بىرىنچى پەسىل 12 نومۇر پەرقىدە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەتتا ئاران 15 توپ كەتكۈزگەن.
                                                                     
    5.jpg

          47. ۋولۋېرخامپتون چارلىغۇچىلار (1953-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە)
بۇ كوماندا 1953-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۈچ قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1959/1960-پەسىللىك مۇسابىقىدە، بىر نومۇر پەرقىدە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئۇيۇشما لوڭقا چېمپىيونلۇقىنى قولدىن بېرىپ قويغان. كوماندىنىڭ مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولۇپلا قالماي، ھۇجۇم كۈچىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان، ئۇلار 9 يىلدا 878 توپ ئۇرغان، ھەتتا تۆت پەسىل ھەر پەسىلدە ئۇرغان توپ سانى 100 توپتىن ئېشىپ كەتكەن.
                                                                 
          6.jpg
  
         46. ھامبۇرگ (1977-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە)

گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى كونا زەردار ھامبۇرگ كوماندىسىنىڭمۇ شانلىق نەتىجىسى بولغان. ئۇلار 1979-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 0-1 نەتىجىدە نوتتىڭھام ئورمان كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىنكى تۆت پەسىلدە ئۈچ قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەتتا 1983-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                                        
    7.jpg

                 
                    45. مارسېل (1993-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە)

فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى كونا زەردار مارسېل كوماندىسى 1991-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، نۇقتا توپ جېڭىدە بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان، بىراق 1993-يىلللىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قىزىل قارا قوشۇن AC مىلاننى 1-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلىپ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. مارسېل كوماندىسى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپلا قالماستىن، فىرانسىيە بىرلەشمىسىگىمۇ بىر مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
                                                                    
          8.jpg
   44. ئارسېنال (2003/2004-مۇسابىقە پەسلى)

«قورال ياراغ زاۋۇتى» ئارسېنال ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى كونا زەردارلارنىڭ بىرى. 2002-يىلى، ۋېنگېر بىر قانچە داڭلىق توپچىنى قوشۇۋالغان، 2003/2004-مۇسابىقە پەسلى، ئارسېنال كوماندىسى بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئارسېنالدىكى ھېنرىي ۋە پىرېستىن تۈزۈلگەن ھۇجۇم گۇرۇپپىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالغان. گەرچە ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق بىرلەشمىدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
                                                                       
       9.jpg
  43. توتتېنھام (1960-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە)

1960/1961-پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى 11 مەيدانىدا توتتېنھام ئۇدا غەلىبە قىلغان، ھەتتا مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بۆرە كوماندىسىغا تۆت توپ ئۇرغان، ھەمدە شۇ پەسىل سەككىز نومۇر پەرق بىلەن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن(ئەينى ۋاقىتتا غەلىبە قىلسا ئىككى نومۇر بېرىلەتتى)، شۇ پەسىللىك ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، لېيچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. كېيىنكى پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، رېپىرنىڭ ناھەق ھۆكۈمى سەۋەبىدىن شاللىنىپ كەتكەن.
                                                                  
            10.jpg
  42. بۇخارېست يۇلتۇزى (1984-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە)

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بۇخارېست يۇلتۇزى كوماندىسنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نەتىجىسى تازا ياخشى بولمىغان، ھەتتا 1988-يىلى ئاران رۇمىنىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ كوماندا 1986-يىلىدىكى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا كىيېۋ دىنامو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 1986-يىللىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، نۇقتا توپ جېڭىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، بىراق 1988-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 0-4 نەتىجىدە AC مىلانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
                                                                        
    11.jpg
    41. لېدىس كوماندىسى (1968-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە)

لېدىس كوماندىسى 1968-يىلى كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى مۇھىم لوڭقا ھېسابلىنىدىغان ئېنگلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى ئىككى پەسىل ئۇدا ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا كۆرگەزمە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1972-يىلى بولسا ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                       
    12.jpg
  40. ئارسېنال (1930-يىلىدىن 1935-يىلىغىچە)

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ھېربېرت چاپمان يېتەكلىگەن ئارسېنال كوماندىسىنىڭ سۈرئىتى تېز، شىددەتلىك ھۇجۇمى كۈچلۈك ئىدى. چاپمەننىڭ توپچىلىرى سەككىز سېكۇنتتا توپ كىرگۈزۈش رېكورتى يارىتىپ، 1930- يىللىق ئۇيۇشما لوڭقا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1931-يىلى بولسا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. چاپمان راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جورج ئالېسون ئارسېنالنى يېتەكلىگەن، شۇنداقلا 1935-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                              
       13.jpg
  39. ئاجاكىس (1992-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە)

ۋانگال 1991-يىلى ئاجاكىسنى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا، كوماندا ياۋروپا مۇسابىقىلىرىدە بىر لوڭقىغا ئېرىشىپ بولغان، يەنى 1987-يىلى ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1992-يىلى، ۋانگال يېتەكلىگەن ئاجاكىس كوماندىسى ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى ئاجاكىستا ۋان دېسار، رىجېكارد، داۋىس، سىدروف ۋە كىلۇۋېرت قاتارلىق چولپانلار بار ئىدى، شۇ يىللىق ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئاجاكىس 5-2 نەتىجىدە بايرېن مىيۇنخېننى مەغلۇپ قىلغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 1-0 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، شۇ يىللىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋانگال بارسېلوناغا مەشقاۋۇل بولغان.
                                                                             
   14.jpg

  
   38. بىرازىلىيە (1982-يىلى)

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا بىرازىلىيە كوماندىسىدا «ئاق تەنلىك پېلى» زىكو، ئېدېر، فالكاۋ ۋە سوكرات قاتارلىق داڭلىق توپچىلار توپ تەپكەن. 1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، بىرازىلىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى، 4-1 نەتىجىدە شوتلاندىيەنى، 4-0 نەتىجىدە يېڭى زىللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گورۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان، بىراق سەككىز كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە 203 نەتىجىدە ئىتالىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان، ئىتالىيە كوماندىسى شۇ يىلى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                                       
            15.jpg
  37. مانچېستىر بىرلەشمىسى (1965-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە)

مىيۇنخېن ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىقىدا، يەنى 1968-يىلى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋېنولى مەيدانىدا بېنفىكانى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كىلاسسىك كۈچىنى قايتا نامايەن قىلغان. 1964-1965-مۇسابىقە پەسلى ۋە 1965-1966-مۇسابىقە پەسلى ئۇدا ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                              
                     16.jpg
36. فېيېنۇرد (1968-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە)

كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى قالتىس نەتىجە ياراتقان، ئەمىلىيەتتە، 1970-يىلى 4-ئايدىكى گوللاندىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، فېيېنۇرد كوماندىسى 20 مىنۇت ئىچىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن، بىراق ئاجاكىس كوماندىسى مۇسابىقە ۋاقتى توشقىچە نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالغان، بىراق مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا، فېيېنۇر كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئاجاكىسنى مەغلۇپ قىلغان. ئۇلار يەنە ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                              
                      17.jpg
  35. فىرانسىيە (1982-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە)

كرويىف 1971-يىلى، 1973-يىلى ۋە 1974-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق پلاتىنى قىلغان ئىشنى قىلالمىغان، پىلاتىنى 1983-يىلى ۋە 1985-يىلى ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرىت، 1984-يىلى فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە كوماندىسى 1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
                                                                                
    18.jpg
34. ئەيىنخوۋېن (1985-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە)

1988-يىلى، ئەيىنخوۋېن ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە بەش مەيدان تەڭلەشكەندىن كېيىن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 6-5 نەتىجىدە بېنفىكانى مەغلۇپ قىلىپ ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئاخىرىدا زور شەرەپكە ئېرىشكەن ئەيىنخوۋېنغا نۇرغۇن چولپانلار توپلاشقان، شۇڭا ئۇلار 1988-يىلى ئۈچ شاھلىققا ئېرىشكەن.
                                                                                   
19.jpg

  33. دەريا قىنى (1941-يىلىدىن 1947-يىلىغىچە)

ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدىكى دەريا قىنى كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قالتىس كوماندا. 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە دەريا قىنى كوماندىسىنىڭ كۈچى ناھايىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار 1941-يىلى 5-1 نەتىجىدە بىرلەشمىدىكى رەقىبى بوكا ياشلار كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان. بۇ كوماندا بەش يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                   
20.jpg

32. خانلىق مادرىد (1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە)

كۆپ ساندىكى داڭلىق كوماندىلارنىڭ ئايرىم نامى بار، «بۈركۈت كوماندىسى» دەپ نام ئالغان خانلىق مادرىد كوماندىسى 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بەش قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەمدە ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن (1987-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە)، شۇنداقلا 1985-يىلى ۋە 1986-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى مادرىدنىڭ داڭلىق چولپىنى سانچىس ئۇدا تۆت پەسىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغان، ھەمدە 1989-1990-مۇسابىقە پەسلى 38 توپ ئۇرۇپ، ياۋروپا ئالتۇن بوتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خانلىق مادرىد 1989-1990-مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا بىرلەشمىسدە 107 توپ ئۇرغان.
                                                                    
    21.jpg

  
31. ئاۋېسترىيە (1930-يىلىدىن 1936-يىلىغىچە)

ئەينى ۋاقىتتىكى ئاۋېستىرىيە كوماندىسىنىڭ سۈرئېتى ۋە توپ يەتكۈزىشى تېز ئىدى، ئۇلار 1931-يىلى شوتلاندىيەنى مەغلۇپ قىلغان تۇنجى كوماندا بولۇپ قالغان (5-0 نەتىجىدە مەغلۇپ قىلغان). 1932-يىلى، ئۇلار سىتامفورد كۆۋرىكى مەيدانىدا 0-2 نەتىجىدە كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا قايتۇرما زەربىگە ئۆتۈپ، 4-3 نەتىجىدە ئېنگىلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئاۋېستىرىيە كوماندىسى 1930-يىلىدىكى ئۇراگۋايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشمىغان، بىراق 1934-يىلى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان، ئەپسۇسلىنالىقى شۇكى، ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1936-يىلى ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
                                                                  
    22.jpg

30. فلامېنگو (1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە)

فلامېنگو كوماندىسى 1981-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا شۇ يىلىدىكى تويوتا لوڭقىسى (ھازىرقى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى) مۇسابىقسىدە 3-0 نەتىجىدە لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا «ئاق تەنلىك پېلى» دەپ نام ئالغان زىكو مۇشۇ كوماندىدا توپ تەپكەن. بۇ كوماندا 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىككى قېتىم بىرازىلىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                  
      23.jpg

29. نوتتېڭھام ئورمان (1977-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە)

نوتتېڭھام ئورمان كوماندىسى بىردىنبىر ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇق سانى بىرلەشمە چېمپىيونلۇق سانىدىن كۆپ كوماندا. بۇ كوماندا 1976/1977-مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، ئېنگىلاند ئا بىرلەشمىسىگە چىققان، شۇنداقلا 1977/1978-مۇسابىقە پەسلىدە ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ، دەرىجە ئۆرلىگەن تۇنجى يىلىلا بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇلار يەنە 1979-يىلى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن. بۇ كوماندىنىڭ ھەيران قالارلىق نەتىجىسى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان، ئۇلار 1979/1980-پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ھەتتا 1980-يىلىدىكى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقسى مۇسابىقىسىدە، 2-1 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلغان.
                                                                           
    24.jpg

28. بۇداپىشىت خوۋېست كوماندىسى (1950-يىلىدىن 1955-يىلىغىچە)

بۇ كوماندا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قالتىس نەتىجە قازانغان، ھەتتا يەتتە يىلدا بەش قېتىم ۋېنگىرىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇلار 1956-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقان، بىراق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2-3 نەتىجىدە بېلباۋ رىقابەت كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. شۇ ۋاقىتتا كوماندىدا ۋېنگىرىيەنىڭ داڭلىق توپچىسى پۇسكاس توپ تېپەتتى، ئۇ كېيىن خانلىق مادىرىدتىمۇ ئۇتۇق قازانغان داڭلىق توپچى.
                                                                                 25.jpg
27. فىرانسىيە (1996-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە)

1980-يىلىدىكى كۈچلۈك فىرانسىيە كوماندىسىدىن كېيىن، فىرانسىيە كوماندىسى 1988-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى، 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە 1994-يىللىق دۇنيا لوڭقسىىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، بولۇپمۇ 1992-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا بىر مەيدانمۇ غەلىبە قىلالماي شاللىنىپ كەتكەن. 1995-يىلى كانتونا بىر يىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن چەكلەنگەن، بىراق 22 ياشلىق زىدانى دىيوركايېف بىلەن فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ باھارىنى كۈتىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيە كوماندىسى 1996-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا بەش مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمەي، يېرىم ھەل قىلغۇچقا بارغان. 1998-يىلىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ قەدىمى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي، 2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغىمۇ ئېرىشكەن.
                                                                                 26.jpg
26. مېنشىنگلادباخ (1970-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە)

«تايچاق قوشۇنى» مېنشىنگلادباخ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1972-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىدا، مېنشىنگلادباخ كوماندىسىنىڭ بەش ئەزاسى توپ تەپكەن. 1970-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، بۇ كوماندا ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بايرېن مىيۇنخېننى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                           
27.jpg

25. يۇۋېنتۇس (1994-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە)

1996-يىلى لېپپى يېتەكلەۋاتقان يۇۋېنتۇس كوماندىسى رىمدا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى يۇۋېنتۇس شۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە، ئالدى-كېيىن بولۇپ دورتموند بىلەن خانلىق مادىرىدنى شاللىغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاجاكېسنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

                                                                                 28.jpg

24. پرېستون شىمالىي رايۇن كوماندىسى (1888-يىلىدىن 1889-يىلىغىچە)

بۇ كوماندا ھازىرقى زامان پۇتبولىغا ئاساس سالغان داڭلىق ئېنگىلاند كوماندىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تارىختا كەسپىي پۇتبولچىلارغا مۇئاش بەرگەن تۇنجى كوماندا. ئۇلار 1888/1889-مۇسابىقە پەسلى، بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىدىن ئىبارەت قوش شاھلىققا ئېرىشكەن. كېيىنكى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ پەسىلدە ئۇدا ئۈچ قېتىم بىرلەشمىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.
                                                                     
          29.jpg

23. بوكا ياشلار كوماندىسى (1998-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە)

1998-يىلى، بوكا ياشلار كوماندىسى 15 يىللىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەسلىككە خاتىمە بېرىپ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1998/1999-مۇسابىقە پەسلى، بىرلەشمىدە ئۇدا 40 مەيدان مەغلۇپ بولماي، رىقابەت كوماندىسى ياراتقان ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدە ئۇدا 39 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىق رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. 2000-يىلى، 2001-يىلى ۋە 2003-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. ئۇلار يەنە بەش يىل ئىچىدە تۆت قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى ۋە ئىككى قېتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                 
    30.jpg

22. لاپلاتا ئۇنىۋېرسىتېت كوماندىسى (1967-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە)

بۇ كوماندا 1968-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ لوڭقىغا ئېرىشىشتىن ئىلگىرى، ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى بەش كۈچلۈك كوماندىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1969-يىلىدىكى قىتئەلەر لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا 3-3 نەتىجىدە مىلان بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، ئىككىنچى ئايلانمىدا 2-1 نەتىجىدە مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يىللىق قىتئەلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                    
   31.jpg

21. بارسېلونا (1988-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە)

گوللاندىيەلىك مەشقاۋۇل كرويىف كاتالونىيە كوماندىسىنى چۈش كوماندىسىغا ئايلاندۇردى، ھازىرقى مانچېستىر شەھىرىنىڭ مەشقاۋۇلى گۇئاردىئولا چۈش 1-كوماندىسىنىڭ يادروسى ئىدى. 1988-يىلى كرويىف كەلگەندىن كېيىن، بارسېلونادا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغان، بارسېلونا 14 يىل ئېرىشەلمىگەن بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. كرويىف 1991-يىلى مەشقاۋۇللۇق قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئىككى قېتىم شاھلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بارسېلونا تارىخىدىكى تۇنجى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                       
32.jpg
20. كىيېۋ دىنامو (1985-يىلىدىن 1987-يىلىغىچە)

مۇنداقلا قارىساق كىيېۋ دىنامو كوماندىسىنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشكە سالاھىتى يوقتەك كۆرىنىدۇ، چۈنكى ئۇكرائىنا بىرلەشمىسىدىكى بۇ كوماندا ئەزەلدىن ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە تۆت كۈچلۈككە كىرىپ باقمىغان. ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولسا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى. بۇ كوماندا 1986-يىلى ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 3-0 نەتىجىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                                                    
    33.jpg
19. گوللاندىيە (1974-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە)

گوللاندىيە كوماندىسى 1978-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىشكە ئازلا قالغان، بىراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارگېنتىناغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1971-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ئاجاكىستىكى ئاساسلىق توپچىلاردىن تەشكىللەنگەن گوللاندىيە كوماندىسى 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ئۇلار شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 14 توپ ئۇرۇپ ئاران بىر توپ كەتكۈزگەن، ئۇلار ھەل قىلغۇچقا كىرگۈچە بولغان ئارلىقتا ئۇراگۋاي، بۇلغارىيە، ئارگېنتىنا، شەرقىي گېرمانىيە ۋە بىرازىلىيە كوماندىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان، بىراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چېمپىيونلۇقنى قولدىن بېرىپ قويغان. 1976-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىمۇ بالدۇرلا شاللانغان. ئۇلار بارلىق ئۈمىدىنى 1978-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاراتقان بولسىمۇ، بىراق ئارگېنتىنالىقلار ئۇلارنىڭ بۇ چۈشىنى بەربات قىلغان.
                                                                                         
34.jpg

18. يۇۋېنتۇس (1980-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە)

1979/1980-پەسىللىك ياۋروپا غالىبىيەتچىلار لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئارسېنال 2-1 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى پەسىلدە يۇۋېنتۇس سەپ شەكلىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇدا ئىككى پەسىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1981-يىلى پلاتىنى يۇۋېنتۇسقا كەلگەن، ئۇ كەلگەندىن كېيىن يۇۋېنتۇس ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى، بىر قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەتتا 1983-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                         
   35.jpg
17. مۇستەقىل رىقابەت كوماندىسى (1971-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە)

بۇ كوماندا ئارگېنتىنا بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن كوماندا. بۇ كوماندا 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئۇدا تۆت نۆۋەت جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ كوماندا 1972-يىلى ئاجاكىسقا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق 1973-يىلى يۇۋېنتۇسنى، 1974-يىلى مادىرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلىپ، قىتئەلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                          
   36.jpg

16. غەربىي گېرمانىيە (1970-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە)

1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىدا سەككىز يېڭى توپچى بار ئىدى، ئۇلار 1972-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا 12 يېڭى توپچىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ ھەل قىلغۇچقا كىرىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز نەپەر يېڭى توپچىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1976-يىلى 13 نەپەر يېڭى توپچى ئىشلىتىپ ياۋروپا لوڭقىسىدا ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق ھۇجۇمچى گېرد موللېر 235 مەيدان مۇسابىقىدە 207 توپ ئۇرۇپ نام قازانغان، بۇ توپچى 1970-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا، بەش مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ ئۇرغان، بىراق غەربىي گېرمانىيە ھەل قىلغۇچتا ئىتالىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. 1972-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، موللېر تۆت مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ ئۇرغان، گېرمانىيە كوماندىسىدىكى يېڭى ماھىرلارنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولغاچقا، ئۇلار شۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە ئېرىشكەن بايرېن مىيۇنخېن توپچىلىرىنى ئاساس قىلغان گېرمانىيە كوماندىسى، 1974-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گوللاندىيەنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيە كوماندىسىدىكى ئالتە توپچى 13 توپ ئۇرغان.
                                                                              
       37.jpg
15. مانچېستىر بىرلەشمىسى (1995-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە)

1995-يىلى فېرگۇسۇنغا نىسبەتەن ئېچىنىشلىق بىر يىل بولغان، ئەينى يىلى بلاكبېرىن كوماندىسى مانچېستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئېۋېرتونمۇ «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى»نى مەغلۇپ قىلىپ ئۇيۇشما لوڭقا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى يازدا، مانچېستىر بىرلەشمىسى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ كانتونا، شۇمچېل قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى قوشۇۋالغان، ھەمدە مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ شانلىق دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا مانچېستىر بىرلەشمىسى ئالتە يىلدا بەش قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقى، ئىككى قېتىم ئۇيۇشما لوڭقا چېمپىيونلۇقى ۋە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                
    38.jpg
14. كېلىتلىقلار (1965-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە)

كېلىتلىقلار كوماندىسىمۇ تارىختا قالتىس نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1965-يىلى، جوك سېتىن 12 يىل شوتلاندىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغان كېلىتلىقلار كوماندىسىنى قولىغا ئالغان، ئۇ كوماندىنى قولىغا ئېلىپ زور ئۆزگەرتىش قىلغان، ھەمدە ئۇدا توققۇز يىل بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى قولدىن بەرمىگەن. 1967-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتۇگالىيەنىڭ لېسبون تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالغان، ئەينى ۋاقىتتا كېلىتلىقلار كوماندىسى خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                                                       
   39.jpg
13. تورېن (1945-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە)

تورېن كوماندىسى 1942/1943-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئىككى يىل توختىتىلغان، بىراق 1946/1947-مۇسابىقە پەسلى ئەسلىگە كېلىشىگە، تورېن يەنە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇلار 1947/1948-مۇسابىقە پەسلى 16 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن (ئەينى ۋاقىتتا بىر مەيدان غەلىبە قىلسا ئىككى نومۇر بېرەتتى)، شۇ پەسىل ئۇلار ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 125 توپ ئۇرغان، ساھىبخان مەيداندىكى 20 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19 مەيدانىدا غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدانىدا تەڭلەشكەن، ھەتتا ئۆز مەيدانىدا ئۇرغان ساپ توپ سانىنى 92 توپقا يەتكۈزگەن.
                                                                                      
    40.jpg

12. بايرېن مىيۇنخېن (1967-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە)

1963-يىلى گېرمانىيە ئا بىرلەشمىسى مۇستەقىل بىرلەشمە بولغاندا بايرېن مىيۇنخېننىڭ بىرلەشمىگە قاتنىشىش سالاھىتى ھازىرلانمىغان، بىراق 1964-يىلى ئۇلار ئا بىرلەشمىگە قوشۇلغان. ئۇلار 1967-يىلى كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىنكى پەسىللەردە بايرېن مىيۇنخېننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، ئۇدا ئۈچ پەسىل ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ گېرمانىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسىمۇ قالتىس بولغان، ئۇلار توققۇز يىل ئىچىدە ئالتا قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
                                                                                          
41.jpg

11. بېنفىكا (1959-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە)

بېنفىكا كوماندىسى يەتتە يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن، شۇنداقلا 1961-يىلى ۋە 1962-يىلى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇلار 1960-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا يەتتە قېتىم پورتۇگالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا بېنفىكادىكى ئەڭ داڭلىق توپچى دەل «قارا قاپلان» يۇسىبىيو ئىدى.
                                                                                      
42.jpg

10. ۋېنگىرىيە (1950-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە)

ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنگىرىيە كوماندىسىنى «سېھىرلىك ماجارلار» دەپ ئاتايدۇ، دۆلەت ئىچىدە بولسا «ئالتۇن دەۋىر كوماندىسى» دەپ ئاتايدۇ. 1949-يىلى ۋېنگىرىيە سوتسىيالىستىك لاگېرغا قوشۇلدى، پۇتبول جەھەتتىمۇ خەلقئاراغا يۈزلەندى، شۇنداقلا ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت كوماندىسىنى شەكىللەندۈردى، ئەينى ۋاقىتتىكى ۋېنگىرىيە كوماندىسىدا پۇسكاس، كوچىس، بوزشىك قاتارلىق داڭلىق توپچىلار توپ تەپكەن. ۋېنگىرىيە كوماندىسى 1949-يىلى 5-ئايدىن 1956-يىلى 2-ئايغىچە، ئاران ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان، شۇنداقلا 1952-يىللىق ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ۋېنگىرىيە كوماندىسى ۋېمبلېي مەيدانىدا 6-3 نەتىجىدە ئېنگىلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ مەيدانىدا ئېنگىلاند كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان كوماندا بولۇپ قالغان. ۋېنگىرىيە كوماندىسى 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، 9-0 نەتىجىدە كورىيە كوماندىسىنى، 8-3 نەتىجىدە شەرقىي گېرمانىيە كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان، شۇنداقلا 4-2 نەتىجىدە بىرازىلىيەنى مەغلۇپ قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى ئۇرۇگۋاينى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، بىراق ھەل قىلغۇچتا 0-2 نەتىجىدە غەربىي گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چېمپىيونلۇق چۈشى بەرپات بولغان. 1955-يىلىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىلىرىدە، خامپتون باغچىسى مەيدانىدا شوتلاندىيە كوماندىسىنى، موسكۋادا ئون مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن ئالدىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.
                                                                                   
   43.jpg

9. سانتوس (1955-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە)

دۇنيادىكى بىر قانچە كوماندىلاردىلا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن توپچىدىن توققۇزى توپ تەپكەن، سانتوس دەل «دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار» توپلاشقان كوماندا. بۇ كوماندىدا «پۇتبول شاھى» پېلى توپ تەپكەن. سانتوس كوماندىسى 1962-يىلى بېنفىكانى، 1963-يىلى مىلاننى مەغلۇپ قىلىپ قىتئەلەر لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ كوماندىنىڭ ئېرىشكەن لوڭقا سانى كوماندىنىڭ نامىغا نىسبەتەن خېلىلا ئاز، چۈنكى سانتوس كوماندىسى 1962-يىلى ۋە 1963-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىنكى يىللاردا، بۇ مۇسابىقىگە قايتا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. ئۇلار پۈتۈن دۇنيادا سودا خاراكتېرلىك مۇسابىقە ئويناپ پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشىنى بەرگەن، ھەتتا خانلىق مادىرىدتىكى دېستىفانونى بىر قانچە قېتىم قوشۇۋالماقچى بولغان، بىراق ئىسپانىيە زەردارى ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئۇلار دۇنيانى ئايلىنىپ مۇسابىقىلىشىش جەريانىدا، 4-1 نەتىجىدە خەلقئارا مىلاننى، 5-2 نەتىجىدە فرانكفورت كوماندىسىنى، 4-2 نەتىجىدە شېفىلد چارشەنبە كوماندىسىنى ۋە 5-2 نەتىجىدە بېنفىكانى مەغلۇپ قىلغان.
                                                                           
       44.jpg

8. خەلقئارا مىلان (1962-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە)

ئەينى ۋاقىتتىكى «قارا كۆك قوشۇن» ئىتالىيە پۇتبولىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. 1960-يىلى بارسېلونادىن خەلقئارا مىلانغا كەلگەن ئارگېنتىنالىق مەشقاۋۇل ھېرىرا كوماندىدا چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، ئۇ خەلقئارا مىلاندا مۇداپىئەنى ئاساس قىلغان 2-3-5 سەپ شەكلىنى ئىشلەتكەن. ھېرىرا مەشقاۋۇللۇق قىلغان مەزگىلدە، خەلقئارا مىلان ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا 1964-يىلى ۋە 1965-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1967-يىلى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق شوتلاندىيە زەردارى كېلىتلىقلار كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
                                                                                 
45.jpg

7. ئىسپانىيە (2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە)

ئىسپانىيە كوماندىسى نۇرغۇن بوران چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلار 1978-يىلى ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن، نەچچە قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى قاتارلىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئالالمىغان، ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئارلىقتا ئېرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجىسى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىش بولغان. لېكىن ئۇلار 2008-يىلى قايتىدىن باش كۆتۈرگەن، 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، كاسىللاس، راموس، پۇيول، ئىنېستا، شاۋى، سىلۋا ۋە فابرىگاس قاتارلىق داڭلىق ماھىرلادىن تەشكىللەنگەن ئىسپانىيە كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. شۇ يىلى بوسىك ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان، بۇنىڭغا پىك، بۇسكېس ۋە خاۋى ئالونسو قوشۇلۇپ ئىسپانىيە كوماندىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن، ئۇلار 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونى ئىتالىيەنى مەغلۇپ قىلغان، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، 3-0 نەتىجىدە روسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە جەڭ تانكىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە شىۋېتسارىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، كېيىنكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە ئاران بىر توپ كەتكۈزگەن، ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە «كۆمۈش شاھ» گوللاندىيەنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 4-0 نەتىجىدە ئىتالىيەنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك چوڭ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالغان. ئەينى ۋاقىتتا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇ كوماندا، 2014-يىلىدىكى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى.
                                                                                             
46.jpg

6. لىۋېرپول (1975-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە)

ئەينى ۋاقىتتىكى «قىزىل قوشۇن» لىۋېرپول ئېنگىلاند پۇتبولچىلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدا قالتىس نەتىجە ياراتقان. ئۇلار سەككىز پەسىلدە يەتتە قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا، تۆت قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. لىۋېرپول 1983-يىلى ئۈچ شاھلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، نەتىجىسى كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.
                                                                                          
47.jpg
5. بارسېلونا (2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە)

2008-يىلى 8-ئايدا، گۇئاردىئولا بارسېلونانى قولىغا ئالغان ۋاقىتتا مەستانىلەرگە «سىلەر كەلگۈسىدە بۇ كوماندىنىڭ قالتىس نەتىجىلىرىنى كۆرەلەيسىلەر» دېگەن. Tiki-taka ئىجادچىسى گۇئاردىئولا ئۆزى دېگەندەك، بارسېلونادا زور شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ رىجىكاردنىڭ قولىدىن بارسېلونانى تاپشۇرۇپ ئالغان تۇنجى پەسىلدە بارسېلونانى يېتەكلەپ ئالتە شاھلىققا ئېرىشكەن، كېيىن مېسسىنىڭ ئورنىنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئورنىغا يۆتكەپ تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. گۇئاردىئولا 2011-يىلى بارسېلونانى يېتەكلەپ، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 3-1 نەتىجىدە مانچېستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
                                                                                 
         48.jpg

4. خانلىق مادرىد (1955-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە)

1960-يىللىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد 7-3 نەتىجىدە فرانكفورت كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇداپىشىتتىكى مېھمانخانىدا بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرىۋاتقان ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ توپچىلىرى «بىز ئاغزىمىزنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدۇق، ئەگەر بۇ پۇتبول مۇسابىقىسىدە مۇشۇنداق سۈرئەت بولسا، ئېنگىلاند كوماندىسى ئاللىبۇرۇن تارقىلىپ كېتەتتى، بۇنى ھەممىمىز كۆڭلىمىزدە بىلسەكمۇ، ئېغىزىمىزدىن چىقىرالمىغان» دېگەن.  ئەينى ۋاقىتتىكى خانلىق مادىرىدتا پۇسكاس، دېستفانو، كوپا ۋە گېنتو قاتارلىق داڭلىق توپچىلار توپ تەپكەن، ھەمدە ئېرىشىشكە تېگىشلىك بارلىق چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. خانلىق مادىرىد 1956-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇدا بەش قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق كوماندا بۇزالمىدى. خانلىق مادىرىدنىڭ بۇنداق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى دەل قاتمال كۆز قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، دۆلەت تاللىماي ئەڭ ياخشى توپچىلارنى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىدىن بولغان.
                                                                                         
49.jpg

3. AC مىلان (1987-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە)

AC مىلان كوماندىسى پۇتبول تارىخىدا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، 60-يىللاردا ئالتە قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1992-يىلى بىر مەيدانمۇ مەغلۇپ بولماي بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1994-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4-0 نەتىجىدە بارسېلونانى قىرغىن قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 1986-يىلى بېرلۇسكونى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان AC مىلاننى سېتىۋالغان، ئەينى ۋاقىتتا AC مىلاننىڭ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغىنىغا توققۇز يىل، ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باقمىغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان. شۇ يىلى بېرلۇسكونى گۇلىت، ۋان باستېن ۋە رىجىكارد قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى قوشۇۋالغان، بۇلارغا مالدىنى قاتارلىق سەككىز نەپەر ئىتالىيەلىك توپچى قوشۇلۇپ، پۇتبول دۇنياسىدا نام چىقارغان «مىلان خاندانلىقى» دۇنياغا كەلگەن. AC مىلان كوماندىسى 1988/1989-پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى ئايلانمىسىدا 5-0 نەتىجىدە خانلىق مادىرىدنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن، ھەل قىلغۇچتا 4-0 نەتىجىدە بۇلغارىست يۇلتۇزى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. ئۇلار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى يىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كۇلۇب، تاكى ھازىرغىچە باشقا كوماندىلار بۇ رېكورتقا تەڭلىشىپ باقمىدى. ئۇلار يەنە بىرلەشمىدە 58 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك رېكورت ياراتقان، بۇ رېكورتنىمۇ تاكى ھازىرغىچە باشقا كوماندىلار بۇزۇپ باقمىدى، پەقەت ئارسېنال كوماندىسىنىڭ 49 مەيدان ئۇتتۇرماسىلىق نەتىجىسى بۇ رېكورتقا ئەڭ يېقىنلاشقان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
                                                                                            
50.jpg

2. بىرازىلىيە (1970-يىلى)

گارىنچا ۋە پېلى بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ 1958-يىلى ۋە 1962-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. 1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پېلى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنمەكچى بولغان، بىراق كوماندىدا چوڭ ئۆزگۈرۈش بولغاچقا، داۋاملىق دۆلەت كوماندىىسدا توپ تېپىشنى قارار قىلغان. 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۇنجى قېتىم تىلېۋىزوردا بىۋاستە تارقىتىلغان، شۇ يىلى پېلى بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېتەكلەپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
                                                                                       
    51.jpg

1. ئاجاكىس (1965-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە)

ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ گوللاندىيەدە ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە نامى بار. بۇ كوماندا ئەينى ۋاقىتتا گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىلا بويسۇندۇرۇپ قالماستىن، ياۋروپانىمۇ بويسۇندۇرغان، ھەتتا ئۇدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن (1971-يىلى، 1972-يىلى ۋە 1973-يىلى). ئاجاكىس ئۇدا 40 يىل 3-3-4 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىپ كەلگەن، شۇنداقلا 1973-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 2-1 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +1050 تىللا +1 يىغىش سەۋەبى
ئۇچتىكىن + 1000 قالتىس!
ئوسكار + 50 ئېسىل خوئوئو
CR7ئارمان + 1 写的不错!تىمىلىرىڭىزگە ر.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالىي ئەزا

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزاپۇتبول ئەپەندىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3132
تېما سانى : 490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6752 ياۋرۇ
تىللاسى : 71 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6460 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2017-12-6 23:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامما نادىر تېمىلا يازدىغان بولىۋالدىڭىز جۇما
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ئاچچىقلانمىغىن ، ھايات سەن ئويلىغاندىنمۇ قسىقا  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-12-6 23:24:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تىزىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟،دۇنيا تارىخىدىكى 50كوماندا دەپ يېزىلىپتۇ، بەزى كوماندىلارنىڭ ئىسمى ئىككى يەردە چىقىپتۇ،؟ ئۈزىگە تەۋە شانلىق دەۋېر ياراتقىنى ئۈچۈن ئىككى يەردە ئاتالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ بارمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21128 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2561 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
ۋاقتى: 2017-12-6 23:25:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ئورۇندا ئۇدا بەش قىتىم چىمپىيون بولغان كوماندا تىزىلماي ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چىمپىيون بولغان كوماندا تىزىلىپتۇ مۇشۇ يىرى……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12574 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2017-12-6 23:26:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا  ئالەم كوماندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئىككىگە  بۈلۈپ  يازدىڭلارما  ھىڭھىڭھىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەموللا تاپقاقئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالتۇن پۇت

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1164
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 352222 ياۋرۇ
تىللاسى : 63 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3538 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2017-12-6 23:28:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان ئىدى، ھەنىم بولسا ئوقۇيدىغانغا تېما چىقتى ھىڭھىڭھىڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-6 23:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھەر يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:26
بارسېلونا  ئالەم كوماندىسى بولغانلىقى ئۈچۈن  ئىككىگە   ...

ماۋۇ تور بەك ئاستا، بولسا ئاۋۇ سۈرەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى كوماندا ۋە يىل ۋاقىتلىرىنى ئازىراق ئالدىغىراق تارتىپ تەھرىرلەپ قويسا، مەن تەھرىرلەي دېسەم ماۋۇ توپ پەقەتلا ياخشى ئەمەس
ئىت ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى قاۋايدۇ، ئىت ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-6 23:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:24
بۇنداق تىزىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟،دۇنيا تارىخىدىكى 50كومان ...

دەل ئاشۇنداق شانلىق دەۋرىگە ئاساسەن تىزىلغان
ئىت ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى قاۋايدۇ، ئىت ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-6 23:37:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:23
ئامما نادىر تېمىلا يازدىغان بولىۋالدىڭىز جۇما

ھازىر مۇنبەرنىڭ شەرتى يۇقىرى ئىكەن، نادىرغا توشقۇدەك 8 تىما يازسام ئاران بىرسى نادىرلىنىپتۇ
ئىت ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى قاۋايدۇ، ئىت ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12574 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2017-12-6 23:38:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:35
ماۋۇ تور بەك ئاستا، بولسا ئاۋۇ سۈرەتلەرنىڭ ئۈستىدىكى  ...

تىلفۇندىتىم  ماڭىمۇ بىئەپكەن  ، ئۈچتىكىن  توردا  بولسا ياكى ئارزۇ  بولسا تەھرىرلەپ قويسۇن  مەن دەپ قۇياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالىي ئەزا

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزاپۇتبول ئەپەندىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3132
تېما سانى : 490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6752 ياۋرۇ
تىللاسى : 71 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6460 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-24
ۋاقتى: 2017-12-6 23:43:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈمەن يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:37
ھازىر مۇنبەرنىڭ شەرتى يۇقىرى ئىكەن، نادىرغا توشقۇدەك ...

ئۇغۇ شۇ ، بولۇپمۇ مۇنبەر كونىرىلىرىغا تەلەپ يۇقىرى بولغىنى ياخشى ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەكتە .

مەنمۇ بەزىدە يالغۇز خەۋەر يېزىشتىن خىجىل بولۇپ ، خەۋەر ئىزدەپ كېتىمەن كۆپرەك يوللاي دەپ .
ئاچچىقلانمىغىن ، ھايات سەن ئويلىغاندىنمۇ قسىقا  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تۆھپىكار ئەزا4 - لىك لوڭقىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14422
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 978 ياۋرۇ
تىللاسى : 70 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-12-6 23:46:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2017-12-6 23:43
ئۇغۇ شۇ ، بولۇپمۇ مۇنبەر كونىرىلىرىغا تەلەپ يۇقىرى بو ...

ئۇزۇن بوپتىكەن مانداق كۆپ ھەجىملىك تىما يوللىمىغىنى، شۇڭا سەل ئىگىز پەس چىقىپ قاپتۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىزغۇ توغرا، بىزگە تەلەپنى قاتتىراق قويغىنى ياخشى، لېكىن ئاشۇ يوللىغان تىمىلار ئارىسىدا مەن ناھايىتى ياخشى چىقتى دەپ قارىغان ئىككى تىما نادىرلانماي قالغان يېرى بار
ئىت ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى قاۋايدۇ، ئىت ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئۆز قەۋمىنى تالايدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-24 09:44

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش