كۆرۈش: 2242|ئىنكاس: 49

ئۇزغۇنلۇق قامۇسى777

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشمۇنبەر قىززىقچىسىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9706
تېما سانى : 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 34891 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1092 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-11-23 03:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بارچۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-11-24 04:47  

                                                          ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇسىلەر !

مۇنبەردە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى خەۋەرلىرى كۆپ،    لىكىن بۇگۇن مىنىڭ يازماقچى بولغىنىم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەممە رىكۇرتلىرى ۋە سان سىپىرلىرى بىر يەرگە مۇجەسسەملەنگەن چىمپىيۇنلۇق قامۇسى ،   بەلكىم بەك مۇكەممەل چىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكۇن لىكىن تىرىشتىم .

                  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى 1956-يىلى تۇنجى نوۋەت ئۆتكۈزىلگەندىن تارىتىپ ھازىرغىچە 62 يىلىق شانلىق مۇساپىسىنى بىسىپ ئوتتى، بۇ جەرياندا 10 دۆلەتتىن كەلگەن 22 كۇماندا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن، توۋەندە شۇ كۇماندىلارنىڭ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشىش يولى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ،كۇلۇپلارنىڭ تەپسىلاتنى سۇنماقچىمەن:

1..jpg


                   ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى توغۇرسىدا قىسقىچە ساۋات:

  

   1956-يىلى تۇنجى نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى يەنى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى فىرانسىيە تۇپىرىقىدا  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقنى كۇتىۋالغان  ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن رىيمىس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئىككىلا كۇماندىنىڭ كۇچلۇك مۇداپىيە ۋە قايتۇرما ھۇجۇمى ئاستىدا خانلىق مادىرىت 4 : 3 رېيمىس كۇماندىسى بولۇپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ تۇنجى نوۋەتلىك چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  1957-يىلى 2-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  ئىسپانيە دۆلىتىدە ئىلىپ بىرىلغان ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسىنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى بىلەن ئىتاليەدىن كەلگەن فىلرونسىيە كۇماندىسنى 2:0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنجى  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسنى ئۆز تۇپىرىقىدا ئىگىز كۆتۇرگەن.

  1958-يىلى 3-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بىلىگىيەدە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى ئىتاليەدىن كەلگەن AC مىلەن كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن مۇسابىقە بەك كەسكىن ۋە ھاياجانلىق قىقاس چوقانلار بىلەن قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بىرلىپ خانلىق مادىرىت كۇماندىسى 3 : 2 نەتىجە بىلەن AC مىلەن كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان،  بىلگىيە خەلقى يەنە بىر قىتىم خانلىق مادىرىت كۇلۇبىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسدا قالپاق كىيىپ 3 قىتىم ئۇدا چىمپىيۇن بولغانلىقىغا شاھىد بولغان .

  1959-يىلى 4- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە تۇپىرىقىدا خانلىق مادىرىت كۇماندىسى ۋە كونا رەقىبى رېيمىس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا بەك كەسكىن ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە بەك كەسكىن ئىلىپ بىرىلغان ئاخىردا خانلىق مادىرىت 2 : 0 رېيمىس كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تۇماق كىيىپ ئۇدا 4 نۆۋەت چىمپىيۇن بولۇپ تارىخ ياراتقان.

  1960-يىلى 5-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شوتلاندىيەدە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى گىرمانيەدىن كەلگەن فىرانكىفۇرت كۇماندىسى بىلەن بىر مەيدان توپ كىرگۇزۇش مۇسابىقىسى ئوينىغان بۇ مەيدان مۇسابىقە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىزىغان ۋە ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالغان خانلىق مادىرىت 7 : 3 نەتىجە بىلەن فىرانكىفۇرت كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 5- ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ چىمپىيۇنلۇقتا  شىلەپە كىيگەن ۋە ئۇدا بەش نۆۋەت چىمپىيۇن بولغان بىردىن بىر كۇماندا بولۇپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

  1961-يىلى 6- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگاليە بېنىفكا كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ مەيدان مۇسابىقە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە يىڭى بىر مىھماننىڭ پەيدا بولۇپ چىمپىيۇن بولدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى ئاخىردا قىزغىن ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە بېنىفكا 3 : 2 بارېسلونا بولۇپ بېنىفكا كۇلۇپ تارىخىدىكى ۋە ياۋرۇپا تارىخىدىكى خانلىق مادىرىتتىن كىيىن چىمپىيۇن بولغان كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1962-يىلى 7-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگاليەدىن كەلگەن ئالدىنقى نوۋەتلىك چىمپىيۇن بېنىفكا بىلەن 5 قىتىملىق چىمپيۇن خانلىق مادىرىت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بەك كەسكىن، ھاياجانلىق مۇسابىقىدىن كىيىن ئىككىنجى ئەڭ قىزىغان بىر مەيدان ھەل قىلغۇچنى بارلىقا كەلتۇرۇپ بېىنفكا 5 : 3 خانلىق مادىرىت بولۇپ بېنىفكا كۇماندىسى كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  1963-يىلى 8- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئالدىنقى چىمپىيۇن پورتىگاليە  بېىنفكا كۇماندىسى بىلەن ئىتاليەدىن كەلگەن AC مىلەن ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە AC مىلەن 2 : 1 بېنىفكا بولۇپ ئىتاليە كۇلۇپلىرىنىڭ تۇنجى ئۈزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ۋە كۇلۇپنىڭ تۇنجى ئۈزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ئىتاليە شۇنداقلا AC مىلەن مەستانلىرىگە شەرەپ ئەكەلگەن، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى 3-چىمپىيۇن بولغان كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1964-يىلى 9- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى بىلەن خانلىق مادىرىت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئېنتىر مىلەن كۇماندىسنىڭ ئىپادىسنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى نەتىجىسىدە ئېنتىر مىلەن 3 : 1 خانلىق مادىرىت بولۇپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان.

  1965-يىلى 10-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى بىلەن پورتىگاليە بېنىفكا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى مۇسابىقە بەك قىزىدى ئاخىردا ئېنتىر مىلەن 1 : 0 بېنىفكا كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ خانلىق مادىرىت ۋە بېنىفكا كۇماندىسىدىن كىيىن تۇنجى ئىككى نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان كۇماندىغا ئايلانغان.

  1966-يىلى 11-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن سىربىيە بېلگىراد قىزىل يۈلتۇز كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ، خانلىق مادىرىت كۇماندىسى 2 : 1 بېلىگىراد قىزىل يۈلتۇزنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى 6-قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن.

  1967-يىلى 12-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شوتلاندىيە كېلېتلىقلار كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئاخىردا كېلېتلىقلار 2 : 1 ئېنتىر مىلەننى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان، شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 5-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1968-يىلى 13-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن پورتىگاليە بېنىفكا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان،  مانچېستىر بىرلەشمىسنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە بولىشى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى 4 : 1 بېنىفكا كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ  كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان، شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 6-كۇماندا بولۇپ قالغان.

   1969-يىلى 14-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە AC مىلەن كۇماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ AC مىلەن كۇماندىسنىڭ ئىپادىسنىڭ قالتىس بولىشى نەتىجىسىدە ACمىلەن 4 : 1 ئاجاكىس كۇماندسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى ئىككىنجى قىتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  1970-يىلى 15-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە فېينۇرىد كۇماندىسى بىلەن شوتلاندىيە كېلېتلىقلار كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە فېينۇرىد كۇماندىسنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن فېينۇرىد 2 : 1 كېلېتلىقلار كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ گوللاندىيە كۇماندىلىرىنىڭ چىمپىيۇن بولالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بىرىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 7-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1971-يىلى 16-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى بىلەن گىرىتسىيە پاناسىنايكۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان،  ئاجاكىس 2 : 0 پاناسىنايكۇس كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن،  شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 8-كۇماندا بولۇپ قالغان.

   1972-يىلى 17-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ، ئاجاكىس كۇماندىسى 2 : 0 ئېنتىر مىلەن كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان شۇنداقلا خانلىق مادىرىت، بېنىفكا، ئېنتىر مىلەندىن كىيىن ئۇدا ئىككى نوۋەت ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 4-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1973-يىلى 18-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئاجاكىس كۇماندىسى 1 : 0 يوۋىنتۇس كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرۇپ قالپاق كەيگەن ۋە خانلىق مادىرىتتىن كىيىن ئۇدا 3 نوۋەت چىمپىيۇن بولغان 2- كۇماندا بولۇپ قالغان ۋە ئۇدا 3 نوۋەت ھەل قىلغۇچتا توپ كەتكۇزمىگەن تۇنجى كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1974-يىلى 19-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە مادىرىت ئاتلىتكا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ مۇسابىقە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا يىڭى بىر مېھماننىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى نەتىجىدە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن بەيرىن مىيۇنخىن 4 : 0 مادىرىت ئاتلىتكا كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گىرمانيە كۇماندىلىرىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن ۋە كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 9-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1975-يىلى 20-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن بىلەن ئىنگىلاند لېدىس بىرلەشمىسى كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە بەيرىن مىيۇنخىن 2 : 0 لېدىس بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدكى ئىككىنجى چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن ۋە خانلىق مادىرىت، بېنىفكا، ئېنتىر مىلەن، ئاجاكىستىن كىيىنكى ئۇدا ئىككى نوۋەت چىمپىيۇن بولغان 5-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1976-يىلى 21-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخن كۇماندىسى بىلەن فىرانسىيە سائېنىت ئىنېت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بەيرىن مىيۇنخىن 1 : 0 سائېنىت ئىنېت كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ خانلىق مادىرىت ۋە ئاجاكىستىن كىيىن چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا قالپاق كەيگەن 3 كۇماندا بولۇپ قالغان .

  1977-يىلى 22-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە مىنشىدگىلادباغ كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە بەك قىزىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭى چىمپىيۇن بارلىقا كىلدىغان بولۇپ ئاخىردا لىۋېرپول 3 : 1 مىنشىدگىلادباغ كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئىنگىلاند كۇماندىلىرىنىڭ ياۋرۇپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بىرىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن ۋە ياۋرۇپادىكى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان 10-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1978-يىلى 23-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى بىلەن بىلىگىيە بىرۇگىس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان لىۋېرپول 1 : 0 بىرۇگىس كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى ئىككىنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرگەن شۇنداقلا  خانلىق مادىرىت، بېنىفكا، ئېنتىر مىلەن، ئاجاكىس، بەيرىن مىيۇنخىندىن كىيىن ئۇدا ئىككى نوۋەت چىمپىيۇن بولغان 6-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1979-يىلى  24-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند نودىنھام ئورمان كۇماندىسى بىلەن شىۋىتسىيە مارمو كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يىڭى چىمپىيۇن بارلىقا كىلدىغان بولۇپ ئاخىردا نودىنھام ئورمان 1 : 0 مارمو كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن شۇنداقلا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 11-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1980-يىلى 25-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند نودىنھام ئورمان كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە ھامبىرۇگ كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە نودىنھام ئورمان 1 : 0 ھامبىرۇگ كۇمانسدىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى ئىككىنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىلىپ خانلىق مادىرىت، بېنىفكا، ئېنتىر مىلەن، ئاجاكىس، بەيرىن مىيۇنخىن، لىۋېرپولدىن كىيىن ئۇدا ئىككى نوۋەت چىمپىيۇن بولغان 7-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1981-يىلى 26-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە لىۋېرپول 1 : 0 خانلىق مادىرىتنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 3-چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  1982-يىلى 27-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند ئاستۇنۋىللا كۇمانسى بىلەن گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە ئاستۇنۋىللا 1 : 0 بەيرىن مىيۇنخىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن شۇنداقلا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 12-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1983-يىلى 28-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە ھامبىرۇگ كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە ھامبىرۇگ 1 : 0 يوۋىنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن شۇنداقلا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 13-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1984-يىلى 29-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە رىم كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان 1 : 1 تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىق نوقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەش ئىلىپ بىرىلغان ۋە لىۋېرپول 4 : 2 رىم كۇمانىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى 4-قىتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ خانلىق مادىرىتتىن كىيىن 4 قىتىم چىمپىيۇن بولغان ئىككىنجى كۇماندىغا ئايلانغان.

  1985-يىلى 30-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان نەتىجىدە يوۋىنتۇس 1 : 0 لىۋېرپول كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن ۋە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 14- كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1986-يىلى 31- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رومىنيە بۇخارىست يۇلتۈز كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىپ بىرىلدى، قايسى كۇماندا ئۇتسا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا يىڭى بىر مىھمان پەيدا بولغان بولاتتى ئاخىردا مۇسابىقە 0:0 تەڭلىشىپ قىلىپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى ئىككىنجى قىتىملىق نوقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەپ نەتىجە چىقىرىلدى ۋە بۇخارىست يۇلتۈز 2 : 0 بارىسلونانى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇردى شۇنداقلا رومىنيە كۇماندىلىرىنىڭ چىمپىيۇن بولالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەردى، ھەم چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 15-كۇماندىغا ئايلانغان.

  1987-يىلى 32-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگاليە پورتو كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە پورتو 2 : 1 بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇردى  ھەم چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 16-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1988-يىلى 33-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە ئەيىنخۇۋىن كۇماندىسى بىلەن پورتىگاليە بېنىفكا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ 0:0 تەڭلىشىپ قىلىپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى 3-قىتىملىق نوقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلىگەن ۋە ئەيىنخۇۋىن 6 : 5 بېنىفكانى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن ۋە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 17-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1989-يىلى 34-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ACمىلەن بىلەن رومىنيە بۇخارىست يۇلتۈز كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە AC مىلەن كۇماندىسىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن AC مىلەن 4 : 0 بۇخارىست يۇلتۈز كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى 3-قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

   1990-يىلى 35-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ACمىلەن كۇماندسى بىلەن پورتىگاليە بېنىفىكا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە ACمىلەن 1 : 0 بېنىفىكا كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن سانىنى 4 كە يەتكۇزۇپ خانلىق مادىرىت، لىۋېرپولنىڭ كەينىگىلا تىزىلغان.

  1991-يىلى 36-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى يۇگۇسلاۋيە(ھازىرقى سىربىيە) بىلگىراد قىزىل يۇلتۈز كۇماندىسى بىلەن فىرانسىيە مارسىل كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان، بۇ مۇسابىقە يىڭى بىر چىمپىيۇنىڭ مەيدانغا كىلىدىغان مۇسابىقىسى بولغاچقا بەك قىزىغان ۋە 0 : 0 تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى 4- قىتىملىق نوقتا توپ بىلەن چىمپىيۇن بەلگىلەنگەن بىلگىراد قىزىل يۇلتۈز 5 : 3 مارسىل كۇماندىسنى يىڭىپ يۇگۇسلاۋيە كۇماندىلىرىنىڭ چىمپىيۇن بولالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن ۋە كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن 18-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1992-يىلى 37-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە سامپىدۇريە ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ مەيدان مۇسابىقە بەك قىزىغان سەۋەبى يىڭى بىر چىمپىيۇن مەيدانغا كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى ئاخىردا بارېسلونا 1 : 0 سامپىدۇريە كۇماندىسىنى يىڭىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن ۋە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئالغان 19-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1993-يىلى 38-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى فىرانسىيە مارسىل كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە ACمىلەن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مارسىل كۇماندىسىنىڭ ئىپادىسنىڭ ئالاھىدە بولىشى بىلەن مارسىل 1 : 0  AC مىلەن كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ فىرانسىيە كۇماندىلىرىنىڭ چىمپىيۇن بولالماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بەرگەن ۋە كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن ۋە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن 20-كۇماندا بولۇپ قالغان.

  1994-يىلى 39-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ACمىلەن كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ACمىلەن كۇماندىسنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان بۇلۇپ ACمىلەن 4 : 0 بارېسلونا كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى 5 چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ خانلىق مادىرىتنىڭ كەينىدىلا تۇرغان.

  1995-يىلى 40-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە ACمىلەن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە ئاجاكىس 1 : 0 ACمىلەن كۇماندىسىنى ئۇتۇپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 4 چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئاجاكىس كۇماندىسى 4 قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كەتكۇزمەي چىمپىيۇن بولغان بىردىن بىر كۇماندا بولغان.

  1996-يىلى 41-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئاجاكىس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان 0 : 0 تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 5-قىتىملىق نوقتا توپ بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلىگەن ۋە يوۋىنتۇس 4 : 2 ئاجاكىس كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى ئىككىنجى  چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن

  1997-يىلى 42-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە دورتىمۇنىت كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان دورتىمۇنىت كۇماندىسنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسنى نامايەن قىلىشى ئاستىدا دورتىمۇنىت 3 : 1 يوۋىنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن ۋە چىمپىيۇنلۇق ئالغان 21-كۇماندىغا ئايلانغان.

   1998-يىلى 43-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان خانلىق مادىرىت كۇماندا ئەزالىرى ئاجايىپ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 31 يىل يىراقلىشىپ كەتكەن چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قايتىدىن ئىگىز كۆتۇرگەن خانلىق مادىرىت 1 : 0 يوۋىنتۇس .... ھەم كۇلۇپ تارىخىدىكى 7-چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  1999-يىلى 44-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  ئىنگىلاند مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە مانچېستىر بىرلەشمىسى 2 : 1 بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسنى يىڭىپ  چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىككىگە يەتكۈزگەن.

  2000-يىلى 45- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە ۋالىنسىيە كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ مەيدان مۇسابىقە يىڭى ئەسىردىكى تۇنجى مۇسابىقە ھەم چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئىككى كۇماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىشى ئىدى ئاخىردا خانلىق مادىرىت كۇچلۇك ھۇجۇملىرى بىلەن 3 : 0 ۋالىنسىيەنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 8 چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  2001-يىلى 46-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە ۋالىنسىيە كۇماندسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە 1 : 1 تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىى تارىخىدىكى 6-قىتىملىق نوقتا توپ بىلەن چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلىگەن.... بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى 6 : 5 نەتىجە بىلەن ۋالىنسىيە كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق سانىنى 4 كە يەتكۈزگەن.

  2002-يىلى 47-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە لىۋرىكسۇن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە فىرانسىيە قەھىرمانى،خانلىق مادىرىتنىڭ مۇنەۋەر توپچىسى زىدانى چىمپيۇنلۇك لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىدكى ئەڭ چىرايلىق توپنى ئۇرۇپ كىرگۇزۇپ خانلىق مادىرىت 2: 1 لىۋرىكسۇن كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇماندا تارىخىدىكى 9 چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2003-يىلى 48-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ACمىلەن كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇمانسىى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلىپ ئىككىنجى قىتىملىق بىر دۆلەت كۇماندىلىرىنىڭ چىمپىيۇنلۇق تالىشىش كۆرىشىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن ۋە 0 : 0 تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى تارىخىدىكى 7-قىتىملىق نوقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلىگەن ...    ACمىلەن 3 : 2 يوۋىنتۇس كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 6-چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2004-يىلى 49-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پورتىگاليە پورتو كۇماندىسى بىلەن فىرانسىيە مۇناكۇ كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە پورتو كۇمانسىنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن پورتو 3 : 0 مۇناكۇ كۇماندىسىنى يىڭىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 2-قىتىملىق چىمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2005-يىلى 50-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە ACمىلەن كۇماندسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ ھەمىمىزگە تونۇش بولغان ئىستانبول مۇجىزىسى يۇز بەرگەن مۇسابىقە شۇ 3 توپ كەينىدە قالغان لىۋېرپول كۇماندىسى كەينى كەينىدىن 3 توپ ئۇرۇپ تەڭلىشىپ نوقتا توپ جىڭىدە لىۋېرپول 3 : 2 ACمىلەننى يەڭگەن ، چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى 8- قىتىملىق نوقتا توپ بىلەن چىمپىيۇنلۇق بارلىقا كەلگەن ،لىۋېرپولمۇ 5-قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  2006-يىلى 51-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاند ئارىسنال كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە بارېسلونا 2 : 1 ئارىسنالنى ئۇتۇپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 2- قىتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشكەن.

  2007-يىلى 52-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە AC مىلەن كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاند لىۋېرپول كۇماندىسى قايتا ئۇچۇراشقان چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قىتىملىق ئىككى كۇماندىنىڭ ھەل قىلغۇچتا قايتا ئۇچۇرىشىشىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن،  AC مىلەن كۇماندىسى ئىككى يىل ئاۋالقى قىساسىنى ئىلىپ AC مىلەن 2 : 1 لىۋېرپول بولغان ....  AC مىلەن كۇماندسىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى 7 گە يەتكۇزۈپ خانلىق مادىرىتنىڭ كەينىدىلا تۇرغان.

  2008-يىلى 53-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمە كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلان چىلىسى كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان بۇ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئىككى كۇماندىنىڭ 3 قىتىم ھەل قىلغۇچتا ئۇچۇرىشىشى ھىساپلىناتتى مۇسابىقە 1 : 1 تەڭلىشىپ قىلىپ 9- قىتىملىق نوقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلىگەن..... مانچىستىر بىرلەشمىسى 7 :6چىلىسنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 3-قىتىملىق چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2009-يىلى 54-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ھەم بارېسلونا 2 : 0 مانچېستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 3 چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2010-يىلى 55- نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىتاليە ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ئېنتىر مىلەن 2 : 0 بەيرىن مىيۇنخىنى يىڭىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 3-چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۇرگەن.

  2011-يىلى 56-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى بىلەن ئىنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلغان ۋە بارېسلونا 3 : 1 مانچېستىر بىرلەشمىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى 4 كە يەتكۈزگەن.

  2012-يىلى 57-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىنگىلاند چىلىسى كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى چىلىسى 1 : 1 بەيرىن بىلەن  تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى 10-قىتىملىق نوقتا توپ تىپىپ چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەش مۇسابىقسى بولدى چىلىسى 5 : 3  بەيرىن مىيۇنخىنى مەغلۇپ قىلىپ كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇردى ۋە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن 22-كۇماندا بوپ قالغان.

  2013-يىلى 58-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى گىرمانيە بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى بىلەن گىرمانيە دورتىمۇنىت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى بۇ چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى 4- قىتىملىق بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئىككى كۇماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىشى ھىساپلىناتتى ، بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى 2 : 1 دورتىمۇنىت كۇماندىسىنى ئۇتۇپ كۇلۇپ تارىخىدىكى 5-چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرگەن.

  2014-يىلى ن59-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە مادىرىت رىقابەت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقسى تارىخىدىكى تۇنجى بىر دۆلەت بىر شەھەردىن كەلگەن ئىككى كۇماندىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىشى ھىساپلىناتتى .... ئاخىردا خانلىق مادىرىت كۇماندىسى 4 : 1 مادىرىت رىقابەت كۇماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قوش خانلىق سانغا يەتكۇزگەن بىردىن بىر كۇماندىغا ئايلانغان.

  2015-يىلى 60-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە بارېسلونا كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى نەتىجىدە بارىسلونا كۇماندىسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بارېسلونا 3 : 1 يوۋىنتۇس كۇماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى 5 كە يەتكۇزىدۇ.

  2016-يىلى 61-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن ئىسپانيە مادىرىت رىقابەت كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقە چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقسى تارىخىدىكى ئىككىنجى قىتىم بىر دۆلەت بىر شەھەردىن كەلگەن كۇماندىلار رىقابىتى ئىدى،  1 : 1 تەڭلىشىپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى 11-قىتىملىق نوقتا توپ تىپىپ چىمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەش مۇسابىقسى بولدى خانلىق مادىرىت 5 : 3 مادىرىت رىقابەت كۇماندىسىنى يىڭىپ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى 11 غا يەتكۇزگەن.  

   2017-يىلى 62-نوۋەتلىك ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانيە خانلىق مادىرىت كۇماندىسى بىلەن ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى، نەتىجىدە خانلىق مادىرىت  كۇماندىسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن مادىرىت  4-1 يوۋىنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى كۇلۇب تارىخىدىكى 12- ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى . ھەمدە ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى بولۇپ ئۇدا ئىككى قىتىم چىمپىيۇن بولغان كوماندىغا ئايلاندى .


       ئەمدى تارىختىكى چىمپىيۇن كۇماندىلار رەت تەرتىۋى ئۇستىدە توختىلىمىز:

2..jpg


1-   خانلىق مادىرىت كۇماندىسى 12 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
2-   ACمىلەن كۇماندىسى 7 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
3-   لىۋېرپول كۇماندىسى 5 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
4-   بەيرىن مىيۇنخىن كۇماندىسى 5 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
5-   بارېسلونا كۇماندىسى 5 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
6-   ئاجاكىس كۇماندىسى 4 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
7-   مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇماندىسى  3 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
8-   ئېنتىر مىلەن كۇماندىسى 3 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
9-   بېنىفىكا كۇماندىسى 2 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
10-  نودىنھام ئورمان كۇماندىسى 2 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
11-  يوۋىنتۇس كۇماندىسى 2 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
12-  پورتۇ كۇماندىسى 2 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
13-  كېلېتلىقلار كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
14-  فىينۇرىد كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
15-  ئاستۇنۋىللا كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
16-  ھامبىرۇگ كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
17-  بۇخارىست يۇلتۈز كۇماندىسى كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
18-  ئەيىنخۇۋىن كۇماندىسى كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
19-  بىلگىراد قىزىل يۇلتۈز كۇماندىسى  1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
20-  مارسېىل كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
21-  دورتمۇنىت كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
22-  چىلىسى كۇماندىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.




      ھەر قايسى دۆلەت بىرلەشلىرىنىڭ چىمپىيۇنلۇق سانلىق مەلۇماتتى:


3..jpg
1

1-     ئىسپانيە بىرلەشمىسى  17 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( خانلىق مادىرىت 12 قىتىم،  بارېسلونا 5 قىتىم)
2-     ئىتاليە بىرلەشمىسى  12 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: (AC مىلەن 7 قىتىم، ئېنتىر مىلەن 3 قىتىم، يوۋىنتۇس 2 قىتىم).
3-     ئىنگىلاند بىرلەشمىسى  12 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( لىۋېرپول 5 قىتىم،  مانچىستىر بىرلەشمىسى 3 قىتىم، نودىنھام ئورمان 2 قىتىم، ئاستۇنۋىللا 1 قىتىم ، چىلسى 1 قىتىم).
4-     گىرمانيە بىرلەشمىسى 7 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( بەيرىن مىيۇنخىن 5 قىتىم ، ھامبىرۇگ 1 قىتىم، دورتىمۇنىت 1 قىتىم)
5-     گوللاندىيە بىرلەشمىسى  6 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( ئاجاكىس 4 قىتىم، ئەيىنخۇۋىن 1 قىتىم ، فىينۇرىد 1 قىتىم)
6-     پورتىگاليە بىرلەشمىسى 4 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( بېنىفىكا 2 قىتىم، پورتۇ 2 قىتىم )
7-     شوتلاندىيە بىرلەشمىسى  1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( كېلېىتلىقلار 1 قىتىم )
8-     رومىنيە بىرلەشمىسى  1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان : ( بۇخارىست يۇلتۈزى 1 قىتىم)
9-     سابىق يۇگۇسلاۋيە(ھازىرقى سىربىيە) بىرلەشمىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان  بىلىگىراد قىزىل يۇلتۈزى 1 قىتىم)
10-    فىرانسىيە بىرلەشمىسى 1 قىتىم چىمپىيۇن بولغان: ( مارسىل 1 قىتىم )

      
    ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدىكى مەرگەنلەر تەرتىۋى:

3.jpg
1

1-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 1-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى كىرىستىيانو رونالدۇ (114 توپ) ...(خانلىق مادىرىت).
2-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى لىئونىل مىسسى (97توپ ) ...(بارېسلونا).
3-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى  رائول (71 توپ) ... (خانلىق مادىرىت).
4-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 4-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى ۋانېستىرلۇي 56 توپ (مانچېستىر بىرلەشمىسى)
5-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 5-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى ھېنىرى 50 توپ (ئارېسنال)
6-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 6-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى بېنىزما 49 توپ (خانلىق مادىرىت).
7-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 7-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى دىستفانتۇ 49 توپ (خانلىق مادىرىت)
8-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 8-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى ئىبىرايىمۇۋىچ 48 توپ (ئا س مىلەن)،شېۋىچىنكۇ 48 توپ (ئا س مىلەن)،
9-     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 9-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى ئىنزاگى 46 توپ (ئا س مىلەن)،يۇسبئۇ 46 توپ (بېنفىكيا)
10     ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 10-ئورۇندا تۇرۋاتقىنى دىرۇگبا 42 توپ (چېلسى)


                        ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ مەيدانغا چىققۇچىلار

4..jpg


1- كاشىلياس 166 مەيدان (خانلىق مادىرىت )
2-شاۋى 151 مەيدان (بارسېلونا )
3-كىرىستىيانۇ رونالدۇ 145 مەيدان (خانلىق مادىرىت)
4-رائول 142 مەيدان (خانلىق مادىرىت)
5-گېگىس 141 مەيدان (مانچېستىر بىرلەشمىسى)


                  ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى ھەر قايسسى رىكۇرتلار

5..jpg


1- ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر كۇلۇپقا  ۋاكالىتەن ئەڭ كۇپ توپ ئۇرغان توپچى كىرىستىيانۇ رونالدۇ جەمئى 98 توپ ئۇرغان (خانلىق مادىرىت)    ، ئىككىنجىسى مىسسى 97 توپ ئۇرغان (بارسېلونا).
2- ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ ياردەمچى پاس بەرگەن توپچى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى گىگىس جەمئى 43قىتىم ياردەمچى پاس چىقارغان، ئىككىنجسى خان مادىرىت چولپىنى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 27  ياردەمچى پاس چىقارغان .
3-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ كاللا توپ ئۇرغۇچى  خان مادىرىت چولپىنى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 19 توپ ئۇرغان.
4-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ قوش گۈل قىسقان توپچى خان مادىرىت چولپىنى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 32 قىتىم، بارسېلونا توپچىسى مىسسى 27 قىتىم قوش گۈل قىسقان .
5-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا توپ ئۇرۇش رىكۇرتى 5 مەيدان، خانلىق مادىرىت چولپىنى كىرىستىيانۇ رونالدۇ، يوۋىنتۇس توپچىسى دىل پىيرۇ، كىيىف دىنامۇ توپچىسى بۇرۇف قاتارلىقلار ئۇدا بەش مەيدان توپ ئۇرغان.
6-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ غەلبە قىلغۇچى سابىق مادىرىت كاپىتانى كاشىلياس 95 مەيدان، كىرىستىيانۇ رونالدۇ بىلەن شاۋى ئىككىسى ئوخشاش 91 مەيدان غەلبە قىلىپ ئىككىنجى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ.
7-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە تاق يىلدا ئەڭ كۇپ توپ ئۇرغۇچى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 18 توپ ئۇرغان ، ئىككىنجىسىمۇ رونالدۇ 16 توپ ئۇرغان.
8-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ قالپاق كەيگەن توپچى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 7 قىتىم.
9-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ساھىپخان مەيداندا ئەڭ كۇپ توپ ئۇرغۇچى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 60 قىتىم.
10-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مىھمان مەيداندا ئەڭ كۇپ توپ ئۇرغۇچى كىرىستىيانۇ رونالدۇ 54 قىتىم.
11-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يەككە مەيداندا ئەڭ كۇپ توپ ئۇرغۇچى بارسېلۇنادىن مىسسى 5 توپ، دونىستىك كان ئىشچىلىردىن ئادىريانۇ 5 توپ
12-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ ئالتۇن كەش كەيگۇچى  كىرىستىيانۇ رونالدۇ 6 قىتىم ، ئىككىنجىسى مىسسى 4 قىتىم .
13-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ تىز توپ كىرگۇزگۇچى بەيرىن مىيۇنخىن توپچىسى ماكەي 2007-يىلى  مۇسابقە باشلىنىپ 10.2 سېكىنۇتتا ئۇرغان.
14-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مەغلۇپ بولماسلىق  رىكۇرتى 25 مەيدان ، مانچىستېر بىرلەشمىسى 2006-2007 پەسىلى ياراتقان.
15-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا غەلبە قىلىش 12 مەيدان ، بەيرىن مىيۇنخىن 2014-2015 پەسىلى ياراتقان.
16-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئۇدا قاتنىشىش رىكۇرتى 21 پەسىل ، خانلىق مادىرىت 1997-يىلدىن 2017- يىلغىچە قاتنىشۋاتىدۇ.
17-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئۈزۈن توپ كىرگۇزمەسلىك رىكۇرتى 10 مەيدان، 2005-يىلى ئارىسنال ياراتقان .
18-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كوپ چىمپىيۇن بولغان كۇماندا ئىسپانيە  خانلىق مادىرىت كۇماندىسى جەمئى 12 قىتىم چىمپىيۇن بولغان.
19-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كوپ ئىككىنجى بولغان كۇماندا ئىتاليە يوۋىنتۇس كۇماندىسى جەمئى 7 قىتىم 2-بولغان.
20-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كوپ چىمپىيۇن بولغۇچى خانلىق مادىرىت توپچىسى گېنتۇ جەمئى 6 قىتىم چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشكەن.
21-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچتا ئۇدا توپ ئۇرغۇچى خانلىق مادىرىت توپچىسى دىستىفانۇ ئۇدا بەش يىل ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرغان.
22-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچتا ئەڭ كوپ توپ ئۇرغۇچى خانلىق مادىرىت توپچىسى پوسكاش 1959--1960- يىللىق ھەل قىلغۇچتا ئۆزى يالغۇز 4 توپ ئۇرغان.
23-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچتا قالپاق ئوينى ئوينىغان توپچىلار خانلىق مادىرىت توپچىسى پوسكاش 4 توپ بىلەن دىستفانۇ 3 توپ، ئا س مىلەندىن پىراتتى 3 توپ
24-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر شەھەردىن ئىككى كۇماندىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئوينىشى تارىختا ئىككى قىتىم يۈز بەرگەن 2014- يىلى ۋە 2016-يىلى خانلىق مادىرىت بىلەن مادىرىت ئاتلىتكا ئىككىلىسى ئىسپانيەنىڭ مادىرىت شەھىرىدىن كەلگەن.
25-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يىشى ئەڭ چوڭ توپ ئۇرغۇچى رىم توپچىسى توتتى  38 ياش 3 كۇنلۇك بولغاندا ئۇرغان.
26-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يىشى ئەڭ چوڭ ماھىر لازىئۇ كۇماندىسى ۋارىتارى بالۇتتا 43 ياش 253 كۇنلۇك بولغان.
27-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچقا ئەڭ كۇپ كىرگەن ئىككى ماھىر خانلىق مادىرىت كاپىتانى گېنتۇ بىلەن ئا س مىلەن كاپىتانى مالدىنى 8 قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
28-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچتا ئەڭ تىز كىرگەن توپ 51 سېكىنۇتتا كىرگەن ئا س مىلەندىن مالدىنى ئۇرغان.
29-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر كۇلۇپتا چىمپىيۇنلۇقنى ئەڭ كۇپ ئالغان تىرىنىر لىۋىرپۇلدىن بوپ بايسىلى 78-،79-،81-يىللىرى 3 نۇۋەت ئالغان.
30-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئوخشىمىغان ئۇچ كۇلۇپتا چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشكۇچى شىدىرۇف 1995-يىلى ئاجاكىستا، 1998- يىلى خانلىق مادىرىتتا، 2003- ۋە 2007- يىللىرى ئا س مىلەندە ئىرىشكەن.
31-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچتا قىزىل كارتا يىگەن توپچىلار 2006-يىلى لەيمەن، 2008-يىلى دىرۇگبا ، 2016-يىلى كۇئىردادۇ.
32-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۇپ توپ كىرگەن مۇسابىقە 1959-يىلدىكى ھەل قىلغۇچتا مادىرىت 7 : 3 فىرانكىفۇرت جەمئى 10 توپ كىرگەن.
33-ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئەڭ كوپ توپ كىرگۇزگەن كۇماندا خانلىق مادىرىت 929 توپ ، ئىككىنجىسى بەيرىن مىيۇنخىن 680 توپ كىرگۇزگەن.




                                                         777
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +12160 تۆھپە +10 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
A.alim + 50 + 3 قالتىس!
suykasiqi + 10 قالتىس!
ئەلبارىس + 1000 قالتىس!
تېۋىلغا + 50 + 10 + 2 قالتىس!
دىكتور + 1000 قالتىس!
ئارزۇ + 10000 قالتىس!
nazar0903 + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

چېلسىي لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15504
تېما سانى : 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34611 ياۋرۇ
تىللاسى : 5 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4225 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-11-23 09:18:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى كۆپ ئەجىر قىپسىز، ھەقىقەتەن قامۇس بوپتۇ.
بۇ يەنە ئۇگەنگۇچىلەر، بىلىم ئىگىلىگۇچىلەر ئۈچۈن ياخشى دەرىسلىك، مۇنبەرداشلار ئۈچۈن ياخشى ئوقۇشلۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-11-23 10:01:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندا بوۋاي ئىناقلىق ئەلچىسىگە لايىق ئىش قىل دەپ  يىڭنىنىڭ يوغىنىنى سانجىغاننىڭ پايدىسىنى كورۈپسەندە ھىھڭ ھىھڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى

مادرىد لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 378
تېما سانى : 169
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 21934 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 6182 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-7-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-11-23 10:20:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناقلىق  ئەلچىسىنىڭ  نادىر  تېمىسى  بارلىققا  كەپتۇ  ،رەھمەت  كۆپ  ئەجىر  قىپسەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219590 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2017-11-23 10:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىناقلىق ئەلچىسنىڭ بۇ تىمىنى يەنە بىر ئەستايىدىل تەھرىرلىشنى ئۈمىد قىلمەن . نادىرلىققا ئازراق كام قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17145
تېما سانى : 188
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 18572 ياۋرۇ
تىللاسى : 55 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2147 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-11-23 10:36:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى  تېخى  ئوقۇپلا يۈرۈيدۇ  دىسەم  ماندا  ھۈنەرلىرىڭمۇ   بار دە،   ئەمما  ياخشى يېزىپسەن،  داۋاملىق يېزىپ  تۇر،  لەيۋەن دىگەننى لەيمەن دەپ يېزىۋالدىڭمۇ  ياكى  راسلا  لەيمەن  دەيدىغان ئادەم بارمىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17920
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22765 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 131 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-2-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-18
ۋاقتى: 2017-11-23 10:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  adidas777   قايتىپ كېلىپلا  ئۆزىنى  ئىسپاتلاۋاتىدۇ يەنە.    زادى مۇنبەرگە تېتىتقۇدەك  تېتىيدىغان تېما سۇنىدىغان ئالتۇن ئەزا      دە   
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
نەزەر
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مۇنبەر قوللىغۇچىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17787 ياۋرۇ
تىللاسى : 33 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1204 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-11-23 10:57:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقپتۇ ئۇرۇشقاق قاينۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18429
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 60 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 38 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-9-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-11-23 10:58:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادېر تىمىغا بىر بېلەت
پۇتبول شاھى :كىرىستىيانو رونالدو
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشمۇنبەر قىززىقچىسىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9706
تېما سانى : 36
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 34891 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1092 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-11-23 11:26:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت ،   نادىرلاشقا ھەقىقەتەن ئازىراق بىر يىرى كەمچىلدۇ ، سەۋىيە سەل كەمچىللىك قىلدى ، ئۇنۇڭ ئۇستىگە تىما يازمىغىلى قاي زامان ، لىكىن مۇنبەرداشلار ئۆزەڭلار بىلىدىغان ئۈزغۇنلۇق ساۋاتلىرى يەنى ھەر قايسسى رىكۇرتلارنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ بەرسەڭلار مەن تولۇقلاپ تىمىنى مۇككەمەل قىلساق ، كىيىنكىلەر مۇشۇ تىمىغا كىرىپلا ھەممە نەرسىنى تاپالىسا دەپ ئويلايمەن ،    ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلە بۇرادەرلە                777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

بارسىلونا لۈكچىكىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىتەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12219 ياۋرۇ
تىللاسى : 245 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4772 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-11-23 11:44:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇ يوللىغان ۋاقتى  2017-11-23 10:36
سېنى  تېخى  ئوقۇپلا يۈرۈيدۇ  دىسەم  ماندا  ھۈنەرلىرىڭمۇ  ...

2006 گرماننىڭ قاپقىسىنى قوغدىغان ۋارتار شۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219590 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2017-11-23 12:00:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازراق ئاتكاچىلىق قىپ پەدازلاپ قويدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش