كۆرۈش: 1254|ئىنكاس: 48

Real Madrid Captain --- 777

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9706
تېما سانى : 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21129 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 921 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-10 12:12  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، كەمىنىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!!!
ئۇزۇندىن بۇيان پۇتبول مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىر كوماندىنىڭ مەيدانىدىكى باشلامچىسى، روھى تۈۋرۈكى ھېساپلىنىدىغان كوماندا باشلىقى توپچىلىرى توغۇرلۇق، بولۇپمۇ ئۆزەم ھەممىدىن ئامراق خانلىق مادىرىد كاپىتانلىرى توغۇرلۇق تېما يېزىشنى كۆڭلىمگە پۈكۈپ كەلگەن، بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بۇ تېمىنى روياپقا چىقىرىپ ھەممەيلەننىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش مەقسىتىدە كۇنۇپكا تاختىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. خوش قېنى، نەزىرىڭلار تۆۋەندە بولسۇن.

timg.jpg
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەش بىھاجەت، چۈنكى بۇ كوماندىنىڭ تارىخى ۋە يېقىنقى 4-5 يىل مابەينىدىكى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىنجىلىرىنى سۆزلىمىسەممۇ ھەممەيلەنگە ئايدىڭ. خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار جەمگاھى، قوشۇن تەركىبىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان چولپان يۇلتۇزلار ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىغان، شۇنداقلا ھازىرقى بۇ ھەيۋەتلىك سامانيولى جەڭ كېمىسىدە ئۆز دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈنمۇ يەنە يول باشلىغۇچى داھىيلىق دەرىجىسىگە يەتكەن توپچىلار ئاز ئەمەس. نۆۋەتتىكى كوماندا تەركىبىدە قېنى كىملەر ئۆز دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقاش سالاھىيتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە قاراپ باقايلى.


سېرگىيو راموس (ئىسپانىيە)
كوماندىنىڭ سابىق تۆھپىكار كاپىتانى ئىكېر كاسىللاس 2015-يىلى يازدا كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مۇئاۋىن كاپىتان سېرگىيو راموس كوماندىنىڭ ھەقىقىي يول باشچىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ مەيداندىكى جەسۇر، چەبدەسلىكى، مۇداپىيەدىكى قابىللىقى، كوماندىسى ئۈچۈن ھەر قاچان ئەڭ ئالدىدا كۆكرەك كىرىپ چىقدىغان جىگەرلىك خارەكتىرى بىلەن ئۇ ناھايتى تېزلا سەپداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەتكە ئېرىشتى، ئەڭ تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئۇنىڭ كوماندىنىڭ ھالقىلىق تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم مۇسابىقىلەردە بوغۇزلاش خارەكتىرلىك توپلارنى ئۇرۇپ كوماندىسىنى ئەجەل گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان يەنە بىر قەھىرمانىغا ئايلىنىپ، پۇتبول دۇنياسىدا «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» دېگەن ئۆز مەنىسىنى تاپقان نامغا ئېرىشتى. راموسنىڭ مەيلى كۇلۇپ كوماندىسىدىكى بولسۇن، مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن، ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
拉莫斯.jpg



كىرىستىيانو رونالدو (پورتۇگالىيە)
بۇ چولپاننى يەنە ئارتۇقچە سۈپەتلەپ تەرىپلەشمۇ بىھاجەتقۇ دەيمەن. كوماندىنىڭ 3-كاپىتانى پې پې بۇ يىل يازدا كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ 3-كاپىتانلىق ۋەزىپىسى رونالدوغا قالدى، دەرۋەقە بەزى مۇسابىقىلەردە تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش، يارلىنىش ياكى مۇسابىقىدىن چەكلىنىش سەۋەپلىك راموس ۋە مۇئاۋىن كاپىتان مارسېلو مەيداندا يوق شارائىتتا چوقۇم كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى چوقۇم بىر ئادەم زىممىسىگە ئېلىشى شەرت، بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن نۆۋەتتە دەل كىرىستىيانو رونالدو چىقىپ كەلمەكتە.
پورتۇگالىيەنىڭ «ئالتۇن 1-ئەۋلاد» رىۋايىتىنىڭ باشلامچىسى، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق روھىي تۈۋرۈكى كاپىتان لۇيىس فىگو 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 22 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ زىممىسىگە چۈشتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوخشاشلا دۆلەت كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا مۇسابىقلەردە ئىزچىل ئالدىنقى سەپتىكىلەر قاتارىدىن چۈشۈپ قالماي ماڭماقتا. ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا كىرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى 5 مەيدان تەڭلىشىپ قېلىپمۇ مۆجىزىلەرچە ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرىپ ساھىبىخان فىرانسىيەگە يولۇقتى، گۇرۇپپا ۋە شاللاش باسقۇچلىرىدىكى مۇسابىقىلەردە ئىزچىل ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كوماندىسىنى مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان كىرىستىيانو رونالدو ئاللىقاچان ئۆز دۆلىتىنىڭ قەھىرمانىغا، مەنىۋى داھىيسىغا ئايلىنىپ بولغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بالدۇرلا يارلىنىپ قېلىپ، ئەپسۇسلۇق كۆز ياشلىرى بىلەن مەيداندىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پورتۇگالىيە كوماندىسى يەنىلا غالبىيەتچىگە ئايلىنىپ پورتۇگالىيە تارىخدىكى چوڭ مۇسابىقىلەرنىڭ تۇنجى چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئاشۇ مەيدان ھەل قىلغۇچتا يارلنىپ تىزىغا قاتمۇ قات مۇز تېڭىلغان رونالدو مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ، ھەتتا باش تېرنىر سانتوستىنمۇ بەكراق سەپداشلىرىغا مەدەت بەرگەن ئاشۇ كۆرۈنۈشتىن ئۇنىڭ كوماندىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخىدا رونالدو ئاللىقاچان ئېسئوبىئو ۋە لۇيىس فىگولارنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي يول باشچىسىغا ئايلىنىپ بولدى.

c罗.jpg



لۇكا مۇدىرىچ (كىرۇدىيە)
«سېھىرلىك نەي» لەقەملىك بۇ ئالتۇن چاچلىق يىگىت نۆۋەتتە مادىرىد كوماندىسىنىڭ چوڭ مېڭىسى دېيىشكىمۇ تامامەن بولىدۇ، ئۇنىڭ مەيداندىكى رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماڭ، بىز تولا يارلىنىشقا دۇچار بولغان مۇدىرىچنىڭ مەيداندا يوقلىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتقان، ئۇ مەيدانغا چۈشكەن مۇسابىقىلەردە مادىرىد كوماندىسى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاس ئۇسلۇبى بىلەن رەقىبىگە توختىماستىن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرالايدۇ، مەستانىلەرگە ئەڭ گۈزەل پۇتبولنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.
كىرۇدىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى سىرنا ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ مۇھىم ۋەزىپە كوماندىنىڭ مەنىۋى داھىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن مۇدىرىچنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگىلىمۇ ساق بىر يىل بولدى. مەيلى مادىرىد كوماندىسىدا بولسۇن، مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن يادىرلوق توپچىلارغا بېرىلىدىغان 10-نومۇرلۇق جەڭ فورمىسىنى ئۇچىسىغا ئارتقان مۇدىرىچنىڭ ئۆز دۆلىتى قوشۇنىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىيالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىمىز.

莫德里奇.jpg


قوشۇمچە:
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يىل يازدا بايرېن مىيۇنخىنغا ئىجارە بېرىلگەن جامىس رودىرىگىزمۇ كولۇمبىيەنىڭ 1-كاپىتانى؛ 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا بېلنىڭ ۋېلىش كوماندىسى كاپىتانى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغىنى ئېسىمىزدە ھەقىچان، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ياش مۇداپىيەچىسى ۋارانىنىڭمۇ لوررىس يوق شارائىتتا ئاندا-ساندا دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ تۇرغانلىقىنىمۇ ئۇچىرتىپ تۇرىمىز. گېرمانىيە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تونى كىرۇسمۇ ئۆز نۆۋىتىدە نويېر، قېدىرا قاتارلىقلاردىن كېيىنكى دۆلەت كوماندىسى كاپىتانى نامزاتى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. يەنە ئويلاپ باقسام مەن باشقا ھەر قانداق كۇلۇپ كوماندىلىرى تەركىبىدە مادىرىد كوماندىسى توپچىلىرىدەك بىر قانچە دۆلەت كوماندىلىرى كاپىتانلىرىنىڭ ئوخشاشلا بىر كۇلۇپقا توپلىشۋالغان ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم...




يۇقارقى مەزمۇندىن باشقا يەنە تۆۋەندە ئۆزۈم مەستانە بۇ مەشھۇر كۇلۇپنىڭ تارىختىكى داڭلىق بىر قانچە كاپىتانلىرى توغۇرلۇق توختىلىمەن:



مىگېل مۇنىئۇس:
米格尔穆尼奥斯.jpg
خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدا گەرچە 1955-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە ئاران 3 يىل كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شانلىق تارىخى بۇنداق ئاددىي ئەمەس.
يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى زەردار كۇلۇپ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ھازىرغا قەدەر جەمئىي 12 قېتىم لوڭقا كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇ لوڭقىلارنىڭ ئالدىنقى بەش دانىسى بىلەن يۇقاردا تىلغا ئالغان شەخىسنىڭ ئىنتايىن قويۇق ئالاقىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسپانىيە پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك شەخىس مۇنىئۇس. توپچىلىق سالاھىيتىدە ئۇ مادىرىد كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ئالدىنقى 3 لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1958-يىلى ئۇ پۇتبولچىلىق كەسىپى ھاياتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن ناھايتى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا مادىرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق قامچىسىنى قولىغا ئالغان ۋە 1960-يىلىغا كەلگەندە ئۇ باشقا بىر سالاھىيەتتە كونا ئارزۇسىنى قايتا ئەمەلگە ئاشۇرغان، شۇنداقلا ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كىلاسسىك بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە رېژىسورلۇق قىلغان. ئۇ بولسىمۇ 1960-يىلىدىكى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە فىرانكىفورت كوماندىسىنى 7:3 نەتىنجىدە مەغلۇپ قىلىپ، كوماندا تارىخىدىكى 5-يوغان قۇلاق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دىسىتىفانو 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق كەيگەن بولسا، پۇسكاش 4 توپ ئۇرۇپ ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرۇش رېكورتى ياراتقان. 1962-يىلى ۋە 1964-يىلى ئۇ يەنە داۋاملىق مادىرىد كوماندىسىنى يېتەكلەپ، ئىككى قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچىغا قەدەم باسقان بولسىمۇ، ئەمما بېنفىكا ۋە ئېنتىر مىلانغا يېڭىلىپ قالغان. بىراق تىز پۈكمەس روھقا ئىگە مۇنىئۇس 1966-يىلىغا كەلگەندە كوماندىنى يېتەكلەپ يەنە بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنى بولغان. مۇنىئۇسنىڭ بۇ شانلىق نەتىنجىسىدىن تېخى ھازىرغىچە بىرەرسىنىڭ ئېشىپ باققىنى يوق. مۇنىئۇس يەنە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغىمۇ مەشقاۋۇللۇق قىلغان بولۇپ، 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا سەككىز كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرىپ، نۇقتا توپ جېڭىدە شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار «قىزىل ئالۋاستى» بېلگىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن. مۇنىئۇس 1960-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە جەمئىي 14 يىل مادىرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغان بولۇپ، كۇلۇپ تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت مەشقاۋۇل بولغان تۆھپىكار ھېساپلىنىدۇ.




فىرانسسىكو ھېنتو:
弗朗西斯科亨托.jpg
ئۇ 1958-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە مادىرىد كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان بولۇپ، بۇ شەخىسنىڭ تارىخىمۇ رىۋايەتكە لىق تولغان.
ھېنتو تارىختىكى ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان شەخىس، شۇنداقلا يەنە چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن قېتىم سانىدىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا تىزىلىدىغان ھېچقانداق بىر پۇتبولچى يوق (جەمئىي 6 دانە يوغان قۇلاق). ھېنتونىڭ مەيداننىڭ سول يولدىكى قالدۇرغان ئەسلىملىرىگە ھەر قانداق ئادەم ۋارىسلىق قىلالمايدۇ (بەزىلەر بەلكىم رونالدو ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشتى دېيىشى تۇرغانلا گەپ). ھېنتو دىسىتىفانونىدىن قالسا 50-يىللىرىدىكى ئۇدا 5 قېتىملىق چېمپىيۇن قوشۇن تەركىبىدىكى يەنە بىر ئالتۇن توپ ساھىبى بولغان پېشقەدەم توپچى. ئۇ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدا جەمئىي 8 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، جەمئىي 6 قېتىم چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرگەن. كوماندا تەركىبىدە دىسىتىفانو بىلەن پۇسكاش بولغانلىقى ئۈچۈنلا كىشىلەر ئۇنىڭ تارىخى ئىناۋىتىگە «چەكتىن ئاشقان ھالدا» سەل قاراپ كەلگەن.




خېسەي كاماچو:
卡马乔.jpg
1976-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە جەمئىي 8 يىل مادىرىد كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان.
1955-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مۇرسىيا رايونىدا دۇنياغا كەلگەن كاماچو پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى كاستىللا رايونىدىكى ئالباسىت كوماندىسىدىن باشلىغان، 1973-يىلى 18 ياشقا كىرگەن كاماچو يېڭى ماھىر سۈپىتىدە رەسمىي ھالدا مادىرىد كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىغان، ۋە ناھايتى تېزلا 1-سەپ كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا ئېرىشكەن. كاماچو شۇنىڭدىن باشلاپ تاكى 1989-يىلى كەسپىي ھاياتىدىن چېكىنگىچە قەدەر مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ قوشقان. ئۇ مادىرىد كوماندىسىنىڭ 70-، 80-يىللىرىدىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك پۇتبول چولپىنى، شۇنداقلا يەنە تۆھپىكار كاپىتانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ مادىرىد كوماندىسى ئۈچۈن رەسمىي مۇسابىقىلەردە جەمئىي 579 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، بۈ تۈردە كوماندا تارىخىدا ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاماچو يەنە كوماندا بىلەن بىرگە نۇرغۇنلىغان چېمپىيۇنلۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقى ۋە 2 قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىدىن ئىبارەت شانلىق نەتىنجىلىرىمۇ بار. بۇ مەزگىللەردە كاماچو بىلەن ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى رافائېل گېدىرودىن تەشكىل قىلغان ئۆتكۈر سول قانات گۇرۇپپىسى ئۆز دەۋرىدە ئىنتايىن داڭق قازانغان. 1978-يىلى 1-ئايدا كاماچو مەشىق جەريانىدا بىر قېتىملىق ئېغىر يارلىنىشتىن كېيىن، تاكى بىر يېرىم پەسىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مۇسابىقە مەيدانىدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇ سەۋەپتىن كاماچو 1978-1979 مۇسابىقە پەسلىدە مادىرىد كوماندىسى قولغا كەلتۈرگەن ئىسپانىيە بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقى شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان، بىر قىسىم ماتىرىياللاردا ئۇنى جەمئىي 9 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن دېيىلگەن، بۇ مېنىڭچە توغرا ئەمەس. 1988-1989 مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە ئۈچ شاھلىق (بىرلەشمە، شاھلىق، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار) نى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، كەسپىي ھاياتىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.





ئېمىلىئو بۇتىراگگىنو:
布特拉格诺1.jpg
ئۇ گەرچە 1984-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ئاران 5 يىل كوماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆھپىسىمۇ ئۇنداق ئەرزىمەس ئەمەس.
1963-يىلى مادىرىدتا تۇغۇلغان بۇتىراگگىنو بولسا ئىسپانىيە تارىخىدىكى زەربە كۈچى يۇقىرى بولغان داڭلىق بىر پاكىنەك ھۇجۇمچى ھېساپلىنىدۇ، لەقىمى  بولسا «تاز قارا»، مېكسىكىلىق داڭلىق چولپان خۇگۇ سانچىس بىلەن بىرگە مادىرىد كوماندىسىنىڭ 80-يىللاردىكى داڭلىق ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلغان، مادىرىد تارىخىدىكى مەشھۇر «بەش بۈركۈت» ئىچىدىكى قالتىس بىرى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە مادىرىد كوماندىسى كۈتۈۋالغان يەنە بىر شانلىق دەۋىر ئۇدا 5 يىل بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى مونۇپول قىلىشتىكى تۆھپىكار، شۇنداقلا يەنە 1985-يىلى ۋە 1986-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ قولغا كەلتۈرۈشتىكى باش پېرسوناژ. ئۇ يەنە 1990-1991 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگىنى.

布特拉格诺.jpg
1984-يىلى 10-ئايدا بۇتىراگگىنو ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چۈشكەن، ھەم شۇ مۇسابىقىدە رەقىبى ۋېلىش كوماندىسىنىڭ ۋاراتارسىغا توپ ئۇرغان. ئۇ كەسپىي ھاياتىدا ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئىي 69 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 26 توپ ئۇرغان. 1986-يىللىق ۋە 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بۇتىراگگىنو ئىسپانىيە كوماندىسىنى باشلاپ 4 كۈچلۈكنى تالىشىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرگەن، 8 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا بولسا شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى قارا تۇلپار دانىيە كوماندىسىغا ئۆزى يالغۇز 4 توپ ئۇرۇپ، 1:5 نەتىنجىدە مەغلۇپ قىلشقا يەردەم بەرگەن. ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن 1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى پورتۇگالىيەلىك قارا قاپلان ئېسئوبىئودىن كېيىنكى دۇنيا لوڭقىسى يەككە مەيداندا ئۆزى يالغۇز 4 توپ ئۇرغان يەنە بىر رىۋايەتلىك شەخىسكە ئايلانغان.  
ئۇ مادىرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل مېكسىكىنىڭ سېلايا رىقابەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن. بۇتىراگگىنو نۆۋەتتە خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن ئىجىرائىيە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.




مانۇئېل سانچىز:
曼努埃尔桑奇斯.jpg
1989-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە جەمئىي 9 يىل مادىرىد كوماندىسىنىڭ كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان يەنە بىر تۆھپىكار.
مادىرىد شەھىرىدە سانچىز جەمەتى بىر مەزگىللىك رىۋايەت ياراتقان، ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئەينى دەۋىرىدە مادىرىد كوماندىسىدا 7 يىلدىن ئارتۇق توپ ئوينىغان. دادا سانچىزنىڭ جەمئىي 3 ئوغلى بار بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مانۇئېل سانچىزلا ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلالىغان. 1979-يىلى 14 ياشلىق كىچىك مانۇئېل مادىرىد كۇلۇبىنىڭ ياشلار كوماندىسىغا كىرگەن. 1983-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مۇرسىيا كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىسىدە 1-سەپ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىققان، شۇنداقلا مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىغا كەلگەندە چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قارشى تەرەپكە بىر توپ ئۇرغان. كاماچونىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، سانچىز مادىرىد كوماندىسىنىڭ مۇداپىيە سېپىدىكى ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئادىمىگە ئايلانغان. 1998-يىلى مادىرىد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچىغا قەدەم قويۇپ، مىياتوۋىچنىڭ توپ ئۇرۇشى نەتىنجىسىدە سانچىز كوماندا كاپىتانى سۈپىتىدە 32 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ جەمەتى تارىخىدىكى ئېرىشكەن 2-يوغان قۇلاق لوڭقىنى دەس كۆتۈرگەن. كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سانچىز 1999-يىلىدىن باشلاپ كوماندىنىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلىدىن قېپقالغان. 2000-2001 مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، سانچىز ئاخىرى 18 يىل كەيگەن ئاق رەڭلىك جەڭ ساۋۇتىنى ئۇچىسىدىن سالغان. ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىمۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 524 مەيدان مۇسابىقە ئويناش ۋە 9 قېتىملىق چېمپىيۇنلۇق رېكورتى بار.



فېرناندو ھېررو:
耶罗.jpg
1998-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە سامانيولى 1-جەڭ كېمىسىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
فېرناندو ھېررونىڭ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتى ئەڭ دەسلەپتە ھۇجۇمچى ئورنىدىن باشلانغان، 1989-يىلى ئەمدىلا مادىرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان ھېررو كوماندىنىڭ ئارقا بەل ئورنىنى ئويناپ، كوماندىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دەرۋەقە ئۇ بۇ ئورۇندا ئويناپمۇ 1991-1992 مۇسابىقە پەسلىدە يەنىلا 21 توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ 2-مەرگىنىگە ئايلانغان. ۋالدانونىڭ مەشقاۋۇللىقىغا ئۆتكەندىن كېيىنكى مادىرىد كوماندىسىدا رائۇل، گۇتتى قاتارلىقلار ياشلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ھېررو ئاندىن رەسمىي ھالدا ئارقا مۇداپىيە سېپىگە ئۆتكەن، ئوتتۇرا مۇداپىيەچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ھېررو يەنە ئوخشاشلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ھۇجۇم قىلىش ئەڭ مۈشكۈل بولغان بىر پولات قورغاننى ھاسىل قىلغان. مانا بۇنىڭدەك ھەر قايسى تەرەپتىن يېتىلگەن قابىل پۇتبولچى پۇتبول تارىخى قامۇسىدىمۇ كەمدىن كەم ئۇچىرايدۇ.
فېرناندو ھېررو جەمئىي 89 مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى سالاھىيتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، جەمئىي 29 توپ ئۇرغان، رائۇل ۋە داۋىد ۋىللادىن قالسىلا دۆلەت كوماندىسى مەرگەنلىرى ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.



رائۇل گونزالىز:
劳尔.jpg
«ئۈزۈك شاھى»، «بېرنابۇ شاھزادىسى» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بېرىلگەن بۇ تۆھپىكار چولپان 2003-يىلىدىن 2009-يىلغىچە مادىرىد كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
رائۇل گونزالىز ئىسپانىيە تارىخىدىكى داڭلىق چولپان، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى ۋە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سابىق تۆھپىكار كاپىتانى، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ ئۇرۇش ۋە مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى جەھەتتە (ۋاراتاردىن باشقا) ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ساقلاپ كەلگۈچى. رائۇل 1994-يىلىدىن باشلاپ خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىدا توپ تەپكەن جەمئىي 16 يىل جەريانىدا كوماندىغا ياردەملىشىپ جەمئىي 6 قېتىملىق بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى، 3 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ۋە 2 قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، مادىرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 600 مەيداندىن كۆپ مۇسابىقە ئوينىغان. ئەمما 2010-يىلىغا كەلگەندە ئۇ يەنىلا ئۆزىمۇ كۆزى قىيمىغان ھالدا نۇرۇنلىغان شانلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرغان بېرنابۇ مەيدانىدىن ئايرىلىشنى تاللىدى.




ئىكېر كاسىللاس:
卡西利亚斯.jpg
ئۇ توغۇرلۇق ئويلىساملا ئازاپلىنىمەن، بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇنىڭ مادىرىد كوماندىسىدىكى كاپىتانلىق تارىخى 2009-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە جەمئىي 6 يىل.
2015-يىلى يازدا ئەنچىلوتتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا سېلۋەتكەن فىلورىنتىنو يەنە بىر قېتىم نۇرغۇنلىغان مادىرىد مەستانىلىرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى، ئۇ بولسىمۇ كاسىللاسنى كېتىشكە مەجىبۇرلاش. 9 يېشىدىن باشلاپ 34 يېشىغىچە ئۆزىنىڭ توپتوغرا 25 يىللىق ھاياتىنى پەقەت بىرلا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا بېغىشلىغان بۇ قەھىرىمان ئاقىۋەتتە ھېچقانداق ئىللىق مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدى. كاسىللاسنىڭ مادىرىدتىكى تارىخى ئورنىغا ئۇنچە كۆپ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق. 725 مەيدان مۇسابىقە ئويناش، 18 دانە چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسى، مانا مۇشۇلارنىڭ ئۆزى كۇپايە. ئېتىراپ قىلمايمۇ ئامال يوق، ئاشۇ بىر مەھەل كاسىللاسنىڭ ھالىتى 10 يىل ئاۋالقى ھالىتىگە سېلىشتۇرۇشقا ئامال بولماي قالغان. ئەمما پورتۇغا قوشۇلۇپ كېتىش ھەقىقەتەن بەكمۇ تۇيۇقسىز بولدى. كاسىللاسنىڭ مادىرىدتىكى توختام مۇددىتى بۇ يىل يازدا توشاتتى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىمۇ ئەسىلىدىنلا ئەڭ ئاخىرقى 2 يىللىق توختام مەجىبۇرىيىتىنى ئادا قىلۋېتىپ، 36 يېشىدا ئۆزى چوڭ بولغان مەيداندا كەسپىي ھاياتىغا ئاخىرقى چېكىتنى ئۇرۇش ئىدى، ئەسلى شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، ئاشۇنداق بولغان بولسا ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى ئەڭ مۇكەممەل ئاخىرلىشاتتى، ئەپسۇس.......



777

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +450 تۆھپە +12 شۆھرەت +3 تەجرىبە +3 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
كەمپۈت + 50 + 10 + 1 + 1 قالتىس!
مەپتۇن + 50 نادىر تېما
KAROL: + 50 + 1 قالتىس!
دىكتور + 50 نادىر!
isimsiz + 50 + 2 + 2 + 2 + 2
دەۋران75 + 50 قوللاش!
258369 + 50 写的不错!قالتىس
ئەلخان + 50 قالتىس!
A.alim + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ئاسمانغا تۈكۇرسەڭ،يۈزۈڭگە شالاقىدە چاچىرايدۇ...  777
!Hala Madrid
!Hala Madrid
!Hala Madrid

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 7720
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2138 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2430 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2009-4-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:10:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاماچو       نەچچە  يىل  بۇرۇن   جۇڭگو كوماندىسىنى تۇتقان  تېرىنېر شۇما   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9693
تېما سانى : 92
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1013 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1302 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-13
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاسىللاس ساڭا ھۆرمىتىم بار، لېكىن بىر ۋاقىتلاردا سېنى خائىن دىگەنلەرگە قاراپ، مادرىدچىلارنىڭ ئارىسىدا يۈزسىزلەر چىقكەن دەپ ئويلاپ يەتكەنتىم.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-9-8 13:12:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما !  ھەممىسى مادرىد ئۈچۈن دەپ يۈرىكى سوقىدىغانلار .  سىلەرگە  ئاپىرىن . مەستانىلەر سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمۇ چوڭقۇر . داۋاملىق ھۇررا  دۇنيا زومىگىرى  مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13571
تېما سانى : 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2886 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-1-8
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:17:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېررونىڭ   ئارقابەل   ئويناپ   بىر   پەسىلدە  21  توپ  ئۇرشى  ھەقىقەتەن  ھەيران  قالارلىقكەن·
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

دەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14329
تېما سانى : 45
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 200226 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1783 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:18:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك خانلىق مادىرىد  كوماندىسى  كاپىتاندىن تەشكىل تاپقان  ھەققى زاردار كوماندا   ھالا  مادىرد ھالا مادىرد   ھالا  ئەلخان   ڭھڭھ  نادىر تىما     ئاز بولىسمۇ  ياۋرۇ  تارتۇق     نادىر  
ھەقنى سۆزلىيەلمىسەڭ، ناھەقكە چاۋاك چالما!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17146
تېما سانى : 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17270 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 119 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:22:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىنىڭ يۈركى مەيلى مەيدان ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن ھەر قاچان مادىرىد دەپ سوقىغان،مادىرىد ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار ئەزمەتلەكەن،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
坚持就是胜利
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 56
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5692 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1080 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
ۋاقتى: 2017-9-8 13:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق تىما يازمايدىغاندۇ دىسەم نادىر تىمىغا تۇتۇش قىلۋاتقان دىسىلە ...راموسنىڭ ئاۋۇ رەسىمى پەچەت ئىشلىنىپتۇ
جاپا تاتماي  ئىرىشكىلى بۇلىدىغان بىردىن بىر نەرسە قېرىلىق~~~!!
كەمىنى بۇرۇنقى ئاكىجان بۇلىمەن ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-9-8 13:42:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇجۇم ئورنىدا بىرسى ئاجىزلاشسا يەنە بىرى ئورنىنى تۇلۇقلاپ كىتەلەيدۇ، ھەتتا ئارقا سەپ مۇداپىيەچىللىرىمۇ توپ ئۇرالايدۇ، مۇداپىيە ئورنىدا بىرەرسى سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە باشقا مۇداپىيەچىلەر ۋەياكى ئارقىغا قايتقان ئوتتۇرا مەيدان توپچىللىرى، ھۇجۇمچىلار ئورنىنى تۇلۇقلپ ئوينىسا بۇلىۋېرىدۇ، لېكىن قاپقىغىچۇ؟ مەيدانغا چۈشكەن 11 ئەزىمەتتىن بىردىنبىر، ئەڭ تەنھا ھالەتتە مۇسابىقە ئوينايدىغىنى قاپقىچى، قاپقىچىلارغا تۆھپىكار توپچىتتى دەپ يۈز بەرسە كۇلۇبنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دىمەكچى كاسىللاسقا كەلگەندە فېلرۇنتۇ ياكى مادىرد يۇقىرى قاتلىمى يۈزسىزلىك قىلمىدى، بەلكى كاسىللاس ئۈزىنى ئۈزى سورىمىدى.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8950
تېما سانى : 222
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 5430291 ياۋرۇ
تىللاسى : 48 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2990 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-4-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:43:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن ھەيران بولغىنىم مۇدىرىچنىڭ ئاۋۇ رەسىمىدە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى ئوڭ بىلىكىگە تاقىۋالغىنى بولدى،  ئاندىن مادىرىد تارىخىدىكى كاپىتانلارنىڭ ھەممىسى ئىسپانىيلىك توپچىلار ئىكەن، تارىخنى ۋاراقلىساقمۇ باشقا دۆلەت توپچىلىرى مادىرىدتا ئۇزۇن مەزگىل كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەھۋال يوقكەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4275 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1205 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-9-8 13:45:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
725مەيدان مۇسابىقە ئويناش، مادرىد تارىخىدا كاسىللاستىنمۇ جىق مەيدانغا چىققانلار بارمۇ ، بىلىدىغانلار دەپ بىرىڭلار …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىبايرىن لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15587
تېما سانى : 70
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219312 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1220 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-18
ۋاقتى: 2017-9-8 13:52:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇنى ،ئۈچتىكىن ،قەھرى لەردىن كىيىن قۇتلۇغ،ئارزۇ قاتارلىق  نادىرچىلار  بارلىققا  كەلگەن  بولسىمۇ  ،،لىكىن يېقىنقى نەچچە  ئايدا نادىر  تىمىلار  بەك ئازلاپ كەتتى .ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يېراق  چاپچالنىڭ ئەۋلىيا  چوققىسىنىڭ  ساپ  ھاۋالاردىن  نەپەسلىنىپ ،،سۈزۈك تاغ  سۇلىردا  سۇغۇرلۇپ ،،جەبۇبىي  ۋە شىمالىي شىنجاڭ ،شىزاڭ،بىيجىڭ ،شاڭخەي ،گواڭجۇلارغا  ئىـزىنى قالدۇرۇپ ،ئۈرۈمچى  دىيارىدا  يىلتىز  تارتىپ ،چوڭ تىجارەتلەرنى  قىلۋاتقان تېۋىلغا مەھەللە  ئوغلانى ،ھازىرقى  زامان سەككاسكىسى  دەپ  نام  ئالغان ،رەڭلىكلىنىزىم  نەزەريەسىنىڭ  پىشىۋاسى ،،كۆز،چېڭقىلىش  كىسىلىگە  بەرداشلىق  بىرىپ كىلىۋاتقان ،ھازىرقى  زامان ناتىق ،يۇمۇرسىتىك  پەلسەپەسىنى  يۈكسەكلىككە  كۈتۈرگەن .چىقىشقاق  مىجەز،،777نىڭ  شىنجاڭدىكى  باش  ۋاكالەتچىسى ،ش ج فىفا پۇتبول  مۇنبىرنىڭ ئىناقلىق ئەلچىسى  ئۆتكۈر ئەپەندىم 777تىۋىلغىسى  شۇنداق  بىر  نادىر تېما  ئىلىپ كىلىپ ،چاڭقىغان دىللارغا خوڭنىيۇ  كەبى  ئۇسسۇزلۇق  بەردى .خانلىق  مادرىدتا  ھەقىقەتەن  داڭلىق كاپىتانلار ئۆتۈپتىكە .بولۇپمۇ  رونالدۇ،رامۇستەك .ۋاقتىڭ  بولسا  ،كۆزۈڭ  چىڭقالمىسا  بارسىلۇنانىڭكىنى يېزىۋەتسەڭ  بولاتتى .بارىكاللا  ئەل  سۆيگەن  ئەلنى  سۆيگەن  ئادىداس777،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-24 13:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش