كۆرۈش: 1651|ئىنكاس: 36

شاللىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15504
تېما سانى : 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12172 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4067 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-9-8 04:17  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، چۇشلۇكىڭلا خەيرلىك  بولسۇن.

شىنلاڭ تەنتەربىيەسى خەۋىرى:

ئىككى ھەپتىلىك ھەر قايسى قىتئەلەر بويىچە 2018 - يىللىق روسيە دۇنيا لوڭقسىغا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىلىرنىڭ بىر نەچچە ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشتى. گەرچە بەزى قىتئەلەرنىڭ پۇتۇن ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى قىتئەلەرنىڭ يەنە بىر قانچە ئايلانما مۇسابىقىسى قالدى.

بۈگۈنكى تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلماقچى بولغىنى يىقىندىن بۇيانقى دۆلەت كوماندىلىرى ئىچىدە ئىپادىسى ۋە تەرەققىياتى  ئالاھىدە ياخشى بولىۋاتقان، پۇتبول ئانالىزچىلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى ۋە پۇتبول لاتاريە شىركەتلىرى چوقۇم 2018 - يىللىق دۇنيا لوڭقسى مۇسابىقىسى بىلىتىنى قولغا كەلتۇرىدۇ دەپ قارالغان تۈۋەندىكى 9 دۆلەت كوماندىسى بالدۇرلا دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن ۋاز كەچتى.

                  
1 - كامىرۇن:
1504743387743.jpg
ئالدىنقى يىلى ئافىرىقا لوڭقسى چىمپىيۇنى بولغان كامىرۇن كوماندىسى ئافىرىقا رايۇنى دۇنيا لوڭقسى ئالدىن تاللاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھازىرغىچە بولغان 4 ئايلانمىدا بىرمۇ مەيدان غەلبە قىلالماسلىقتەك ناچار نەتىجە بىلەن 2 ئايلانما بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى بىلىتىدىن  ئىچىنىشلىق ۋاز كەچكەن.


2 - ئالجىريە:
1504743398741.jpg
2014 - يىللىق دۇنيا لوڭقسىنىڭ 16 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىرگەن، لەيچىستىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مەھرەزى باشچىلىقىدىكى ئالجىريە كوماندىسى ئافىرىقا رايۇنى تالاش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايلانمىسىدا پەقەت بىر نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارمۇ  2018 -  يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بىلىتدىن بالدۇرلا ۋاز كەچتى.

3 - چىخ:
1504743407118.jpg
بەك كۆپ چولپانلىرى بولمىسىمۇ ئەمما ھەر نۈۋەتلىك دۇنيا لوڭقسى ساھىبى بولۇپ كىلىۋاتقان چىخ دۆلەت كوماندىسى، بۇ يىلىقى ياۋرۇپا رايۇنى ئالدىن تاللاش گۇرۇپپا  مۇسابىقىسىدە ئىنتايىن ناچار نەتىجە بىلەن ھەتتا ئەزەربەيجاندىنمۇ تۈۋەن نومۇر ئىلىپ ئۇلارمۇ بالدۇرلا دۇنيا لوڭقسى بىلىتىدىن ۋاز كەچتى.

4 - سىلۋاكىيە:
1504743416247.jpg
2016 - يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن، ھەمدە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدا شۇ يىلقى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى  كىرىستىيانۇ رونالدو يىللىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلەشكەن سېلىۋاكىيە، ياۋروپا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە يەنە شۇ رونالدۇ باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسىدىن قوش بوغۇزلىنىپ ئۇلارمۇ بالدۇرلا دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن ۋاز كەچتى.

5 - رۇمىنىيە:
1504743425823.jpg
ياۋروپادا ئەزەلدىنلا كۈچلۈك كوماندا دەپ قارىلىۋاتقان، ھەمدە يېقىنقى ياۋروپادىكى باش كۆتۈرۈشى ۋە پۇتبول تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولغان رۇمىنىيەنىڭ ياۋروپائى رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىكى  ناچار  نەتىجىسى ئۇلارنىمۇ بالدۇرلا دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى.

6 - ئىسرائىليە:
1504743442256.jpg
لاتارىيە شىركەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە پۇتبول چولپىنى زاخا يېتەكچىلىكىدىكى ئىسرائىلىيە كوماندىسىمۇ ئالدىن تاللاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپچانلىق ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمىغانلىقتىن ئۇلارمۇ دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن بالدۇرلا ۋاز كەچتى.

7 - ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى:
1504743433523.jpg
ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ھەمدە ئاسىيالىق مىسسى دەپ تەرىپلەنگەن ئۆمەر باشچىلىقىدىكى كۈچلۈك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت كوماندىسىمۇ، پۇتبول دۇنياسىنى ھەيران قالدۇرۇپ ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىلدە، گەرچە ئاسيادىكى كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇلارمۇ كۆز ئالدىدىكى دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتى.

8 - ئۆزبېكىستان:
1504743450783.jpg
ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن، ھەمدە گۇۋاڭجۇ خېڭدادىكى ئەخمەتتۇف باشچىلىقىدىكى ئۆزبېكىستان كوماندىسىمۇ ساھىبخان مەيدانىدىكى ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرماسلىق سەۋەبلىك يەنىلا ھەيران قالارلىق ھالدا دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن ۋاز كەچتى.

9 - ئىراق:
1504743460600.jpg
ئۇرۇش ئوتىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسى تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن شۇنداقلا ئاسىيادىكى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىدا سانىلىدىغان، ئاسىيا رايونى 12 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن، ئىراق كوماندىسىمۇ ئۆز ئىشىك ئالدىدىلا دۇنيا لوڭقىسى بېلىتىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتى.

نۆۋەتتىكى پۇتبول تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كوماندىلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە بېلىتىنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكى پۇتبول دۇنياسىنى يەنە بىر قېتىم ئەپسۇسلاندۇردى. يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بېلىتىنى قولغا كەلتۈرگۈچە، بۇ كوماندىلاردىكى چولپانلار ۋە ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى ھازىرقىدەك ھالەتتە بولۇشى ناتايىن. شۇڭا بۇ يەردە ئۇلارغا خوش دېمەي تۇرالمايمىز.

ئەڭ يېڭى ، ئەڭ تېز، ئەڭ سەر خىل پۇتبول خەۋەرلىرى يەنىلا ئانا تىلىمىزدىكى شىنجاڭ پۇتبولى مۇنبىرىدە، كۆرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالىي ئەزا

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزانادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزائالتۇن پۇت

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3194
تېما سانى : 212
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 411366 ياۋرۇ
تىللاسى : 84 سەر
توردىكى ۋاقتى : 9676 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-31
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-9-7 13:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق ۋاز كەچكەن بۇلىدۇ؟ قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن دىسەك مۇۋاپىق بۇلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-9-7 13:24:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12603
تېما سانى : 583
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 7244 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4123 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-9-7 13:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەدوف خېڭدادا ئەمەس،  شاڭخەي شاڭگاڭدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2746 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-9-7 13:30:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىرائىلىيەنىڭ شاللانغىنى بەك ياخشى بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16809
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2247 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 497 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-30
ۋاقتى: 2017-9-7 13:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پامپاس   مىكىيانلىرىمۇ   خەۋەپ ئىچىدە   پورتىگالىيەمۇ   تېخى   نىسى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9697
تېما سانى : 117
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4342 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3643 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-9-7 13:47:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2014تىكى ئالجىريەگە ھورمەت تاس قالغان تانكىلارنى مىجىپ قويغىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 378
تېما سانى : 169
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15774 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5999 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-7-7
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-9-7 13:48:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسى  جەھەتتىن  ئىپادىسى  تۇراقسىز  كوماندىلاركەن  ،  بۇرۇنقىدەك  ئەمەس  بۇلتۇرلا  ئافرىقىنى  سوراپ  چىمپىيون  بولغان  كامىرون  ساھىبخان  مىمان  مەيداندىمۇ  بولۇشىغا  يەپ  شاللاندى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1427 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-9-7 14:06:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنا، پورتۇگالىيە... قاتارلىقىلارمۇ بۇ سەپكە قىتىلىپ قىلىشى مۇمكىن
不怕神一样的对手,就怕猪一样的队友
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13745
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9422 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1217 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-2-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-10-6
ۋاقتى: 2017-9-7 14:09:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلەتنى ئەپبولۇپ  ئاندىن بىرىشنى رەت قىلسا ئاندىن ۋاز كەچكەن بولامدۇ يا  ،  بۇدىگەن رىقابەت ئىككىسىدىن بىرسىلا قالىدۇ ،  خۇشلاشتى دەپ يازساق  مۇۋاپىقراق بولدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مىلان لۈكچىكى

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 2888
تېما سانى : 82
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 6201 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 649 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-4-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-6
ۋاقتى: 2017-9-7 14:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۇلۇبلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەپسۇسلۇق بولغىنى ئالجىرىيە بوپتۇ، بېنزىما، ناسىرى، رېبىرى قاتارلىق چۆلپانلار ئۆز يۇرتىغا مۇسابىقە ئوينىيالىغان بولسا ياۋرۇپادا خېلى ھۈكۈم سۈرگەن بۇلار ئىدى، ساڭا ھۆرمەت مەھرىز.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10430
تېما سانى : 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4849 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1428 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-3-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-11
ۋاقتى: 2017-9-7 14:16:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى ۋاز كەچتى دىسەك قاملاشماس ، بەلكى ياخشى بولمىغان ئىپادىسى تۈپەيلى شاللىنىپ كەتتى دىيىش كىرەك،، … چۈنكى دۇنيا لوڭقىسى قاتنىشمەن دەپلا قاتنىشدىغان مۇسابىقە ئەمەس ، بەلكى نوچىلارنىڭ نوچلىرى قاتنىشدىغان مۇسابىقە …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش