كۆرۈش: 2237|ئىنكاس: 32

ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ ھىكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

ئالاھىدە تۆھپەنادىرچىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17145
تېما سانى : 146
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 430012 ياۋرۇ
تىللاسى : 32 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1528 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-21 03:41  
t01b67288238a998c4c.jpg
     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋە  90-يىللىرىدا ئەگەر سىز باشقىلار  تەرىپىدىن «پۇتبول ماھىرى» دەپ ئاتىلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز چوقۇم مەلۇم بىر بىرلەشمىگە بېرىپ توپ تېپىشىڭىز شەرت. ئۇ بولسىمۇ ئىتالىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىسى. زىكودىن تارتىپ مارادونا، بادسىتۇتادىن رونالدوغىچە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قالتىس ماھىرلار بۇ يەردە ئۆز ئىزىنى قالدۇرغان، ئەگەر سىز بۇ يەردە ھەقىقى نامايەن بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ئەڭ قىيىن بولغان بىر بىرلەشمە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئاساسلىق سەۋەپ بۇ يەر ئەڭ مول بولغان تاكتىكىغا ئىگە بولغان بىر بىرلەشمە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردە سىز چوقۇم تېز تەپەككۇر قىلىش ۋە شەخسىي ئىقتىدارىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئاندىن ئۆز كوماندىڭىزنىڭ ئىپادىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىسىز.
بىر قىسىم توپچىلارنى بەلكىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە باشقا توپچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېخنىكا جەھەتتىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى بولماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئۇلارنىڭ توپ ئوينىشى يەنىلا يامان ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار قانداق ۋاقىتتا پاس بېرىش، توپ كۈرەش ۋە ۋاراتارغا تېپىشنى ناھايتى ئېنىق بىلىدۇ. ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاشۇ شانلىق دەۋرىنىڭ كۆپ مەزگىللىرىدە پىلاتىنى بىلەن مارادونا دەل مۇشۇ يەرنىڭ شاھلىرى ئىدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى ۋە 90-يىللارنىڭ كىرىشى بىلەن ۋان باستىن ۋە ئۇنىڭ گوللاندىيىلىك يۇرتدىشى گۇللىت، رىجىكارد قاتارلىقلار بىرلىشىپ مىلاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىشىگە كۆپ ياردەملەرنى قىلغان.
گوللاندىيىلىك بۇ ئۈچ قىلىچۋاز كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇلارنىڭ ھىكايىسى بىزگە ناھايتى تونۇش. بېرلۇسكىنىنىڭ كۆپ مىقداردىكى مەبلىغىنىڭ قوللىشى ئاستىدا باش تېرىنىر ساجى گوللاندىيىلىك بۇ ئۈچ قىلىچۋازنىڭ تالانتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان، ھەمدە كۆپلىگەن مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، قىزىل قارا قوشۇن كۆپ قېتىم ئىتالىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلۇقى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلوقىغا ئېرىشكەن. بىراق ئىتالىيە A دەرىجىلىك بىرلەشمە مەيدانىدا يالغۇز گوللاندىيىلىك بۇ ئۈچ قىلىچۋاز مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خەلقئارا مىلاندىكى ئۈچ جەڭ ھارۋىسىمۇ شانلىق دەۋىرنى ياراتقان.

729c6b4btw1e2rrguwvl8j.jpg
ئوڭدىن سولغا: كىنىلسىمان، بېرھىم، تىراپپاتونى، ماتىئۇس



قوش يۇلتۇزنى كۈتۈۋېلىپ، بىرلەشمىدە چىمپىيون بولۇش
     1988-يىلى كۆك قارا قوشۇن بەيرىن كوماندىسىدىن گىرمانىيەلىك قوش يۇلتۇز ماتىئۇس بىلەن بېرھىمىنى كوماندىغا قوشۇۋالدى. بىر يىلدىن كىيىن ئۇلارنىڭ گىرمانىيىلىك قېرىندىشى كېلىنسىمانمۇ ئۇ ئىككىسىگە ئەگىشىپ سىتۇتگارتتىن مېئاززا مەيدانىغا كەلدى. بۇ ئۈچەيلەن  خەلقئارا مىلان كوماندىسىغا كېلىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېلىش تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى، كۆك قارا قوشۇننىڭ بۇ ھەركىتى  بىر يىل بۇرۇنقى بىر شەھەردىكى رەقىبى گوللاندىيىلىك ئۈچ قىلىچۋاز ئۇسۇلىنى نۇسخىلاپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرماقچىمىدۇ؟ بەلكىم......
AC مىلان كولۇبى ئاللىقاچان خەلقئارا پۇتبول سەھنىسىدە ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بولغان، خەلقئارا مىلانمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ مېئاززا مەيدانىغا كەلگىنى ماتىئۇس ئىدى. بىز پۇتبول تارىخدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئاتىلىدىغان توپچىلارنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا ماتىئۇس دائىملا ھېچبىر چۈشىنىكسىز ھالدا نەزىرىمىزدىن ساقىت بوپ قالىدۇ. «كۆپ ئىقتىدارلىق توپچى» دېگەن ئۇقۇم  يېقىنقى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن ئۆز مەنىسىنى تاپالمايۋاتىدۇ، بىراق ماتىئۇسنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل توپچىنىڭ نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى، ئارقىغا سۈرۈلۈش تىپىدىكى ئوتتۇرا مەيدانچىنىڭ رولىنى ئۆتەيتتى، ھەتتا ئالدىغا بېسىپ  چەكلەنگەن رايونغىچە كىرىپ نۇمۇر ئالاتتى. گەرچە ماتىئۇسنىڭ بويى ئانچە ئىگىز بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ باش توپ ئىقتىدارىمۇ ئاجىز ئەمەس ئىدى. پۇتبول مەيدانىدا ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق ئىدى.
     ماتىئۇس ئىككى قىتىم گىرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولغان. ئۇ 1979-يىلى مېنشىنگىلادباخ كوماندىسىدا كەسپى ھاياتىنى باشلىغان، ھەمدە گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ئەڭ قالتىس ھەم ئەڭ ياش ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ بىرى بولغان. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ھەممەيلەنگە ئايان. ماتىئۇس يەنە تۇغما رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تېرىنىرنىڭ ئۇنى تېخىمۇ ياقتۇرىشىغا سەۋەپ بولغان. كىيىن مېنشىنگىلادباخ كوماندىسىدا ئىپادىسى قالتىس بولغان ماتىئۇس گىرمانىيە زومىگىرى بەيرىن كوماندىسىغا قوشۇلغان ھەمدە بەيرىن كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپانغا ئايلانغان.
     بەيرىندىكى 4 يىل ۋاقىتتا ماتىئۇسنى زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى دىيىشكە بولىدۇ (كوماندىغا ئەگىشىپ گىرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە گىرمانىيە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن). بىراق 1987-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچتا پورتو كوماندىسىنى يېڭەلمەي ئىككىنجى بوپ قالغان. ئەلۋەتتە بۇ ماتىئۇس بىلەن بەيرىننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلاشقىنى ئەمەس، بىراق تۇنجى قىتىم بەيرىندە توپ تەپكەن ۋاقىتلاردا ماتىئۇسنىڭ ئىپادىسى ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقى بىر يولباشچى، بىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولاتتى، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇ بىر تېخنىكىسى ئىنتايىن قالتىس بولغان توپچى ئىدى.
     بەيرىندە ماتىئۇس بىلەن بىللە جەڭ قىلغان يەنە بىر سول مۇداپىئەچى بېرھەم بولسا پۇتبول مەيدانىدا تۆھپىسى ئۇنتۇلغان يەنە بىر رىۋايەت. ھامبۇرگدا تۇغۇلغان بېرھىمىنىڭ كەسپى ھاياتى كەيسىسىلاتىندا باشلانغان. 1981-يىلىدىن 1986-يىلغىچە بېرھىم كەيسىسىلاتىن كوماندىسى ئۈچۈن جەمئىي 154 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان. ماتىئۇسنىڭ مېنشىنگلادباختىكى كەچمىشى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بەيرىنگە قوشۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇ  كەيسىسىلاتىن كوماندىسىدا كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ  ئومۇميۈزلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارى سېلىشتۇرغۇسىز ئىدى. ئۇنىڭ سول پۇت ئىقتىدارى قالتىس بولسىمۇ بىراق ئوڭ پۇتىمۇ سول پۇتى ئالدىدا  چېنىپ قالمايتتى.
بېرھىم بولسا بىر ھەشەمەتلىك توپچى، ئۇنىڭدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك سۈرئەت يوق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىنكاسى ناھايتى تېز بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ ھەمىشە رەقىبىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيتتى. ئەينى چاغدا مېئاززا مەيدانىغا كەلگەن ۋاقىتتىلا  ئۇ ئاللىقاچان گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەجرىبىلىك بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ بولغان، ھەمدە ماتىئۇس بىلەن بىرلىكتە 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن.
     خەلقئارا مىلان كوماندىسى دۇنيادىكى ئىككى نەپەر ئەڭ مۇنەۋۋەر بولغان توپچىلارنى قوشۇۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار AC مىلاننىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدەك ئۇتۇققا ئېرىشەلمەي، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىشى ئۇنچە بەك غۇلغۇلا كەلتۈرۈپ چىقىرالمىدى.
شۇ ۋاقىتتا ماتىئۇس بىلەن بېرھىم كوماندىغا كەلگەندە كۆك قارا قوشۇن ئاللىقاچان 8 يىل بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقىنى ئېلىپ باقمىغان بولۇپ، 7 يىل ھېچقانداق لوڭقا كۆتۈرەلمىگەن ئىدى. ئۇلار غەلبىگە شۇنچىلىك ئىنتىزار بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بىرشەھەردىكى قان رەقىبى ھەممە تەرەپتە ئۇلاردىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. ھەتتا چولپان  توپچىلىرى جەھەتتىمۇ رەقىبىگە يېتىشەلمىگەن ئىدى.
نابلىستا مارادونا بارئىدى، AC مىلاندا گۇللىت بىلەن ۋان باستىن بار ئىدى، يۇۋىنتۇستا مېچىل لاۋدىروپ پىلاتىنىنىڭ ئورنىنى ئالغان، خەلقئارا مىلاندا بولسا ئوخشاش دەرىجىدىكى بىرمۇ توپچى يوق ئىدى، ماتىئۇس بولسا مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدا دۇنياۋى دەرىجىلىك بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ، كوماندىنى باشلاپ ئالغا ئىلگىرلەشنى ئويلايتتى. گەرچە ماتىئۇس بىلەن بېرھىم قالتىس ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى قوشۇۋالغان خەلقئارا مىلانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا بىر قىسىم خەتەرلەر مەۋجۇت ئىدى. سەۋەبى بۇ ئىككى گېرمانىيىلىك توپچى كوماندىنىڭ ئىتالىيە نۇپۇسىدا بولمىغان توپچىنىڭ سانىنى ئىگەللەيتتى.
     گەرچە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندا بىرلەشمىدە 5-ئورۇندا بولغان بولسىمۇ، بىراق كۆك قارا قوشۇن يەنىلا كوماندىنىڭ رىۋايەتلىك تېرىنىرى تىراپپاتونىنى كوماندىدا ئېپ قالدى، كېيىن بۇ قىلغىنىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. بەزى ۋاقىتلاردا بىر كوماندا پەقەت بىر توپچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ ئۇلار كوماندىنى باشلاپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. نابلىستىكى مارادونا ۋە بارسىلونادىكى كىرۇيېف بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلاردۇر. خەلقئارا مىلاندىكى ماتىئۇسمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بېرھىمغا قوشۇلۇپ بارىسسې ۋە رىۋايەتلىك بېك بېرگومى قاتارلىقلار كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مۇداپىئە سېپىنى ھاسىل قىلىپ، 34 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئارانلا 19 توپ كەتكۈزگەن.
406-1503091UZ1631.jpg
     ماتىئۇسنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان. بېرھىمنىڭ ئارقا مەيداندىكى پولاتتەك مۇداپىئەسى بولغاچقىلا ماتىئۇس مەيداندا باشقا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايتتى، بەيرىندە توپ تەپكەن ۋاقىتتا ماتىئۇس كوماندىدىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا مەيدانچى ۋە قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان توپچى ئىدى. بىراق خەلقئارا مىلاندا ئۇ بىر كۆپ ئىقتىدارلىق قەھرىمانغا ئايلاندى. بۇ ئىككەيلەن يېنىدىكى سەبداشلىرىغا ئەڭ ياخشى ھالىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرەتتى، بولۇپمۇ ئاردو سېلىنا.
     بېرھىم ۋە ماتىئۇس كوماندىغا كېلىشتىن ئىلگىرى سېلىنا 4 مۇسابىقە پەسلىدە ئارانلا 40 توپ ئۇرغان بولۇپ، ماتىئۇس ئۇنىڭ كەينىدە ھەركەت قىلغان ۋاقىتلاردا، سېلىنا تاق پەسىلدە 22 توپ ئۇرۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سېلىنا ئەمىلى ئىقتىدارى تۆۋەن توپچى ئەمەس، يىراقتىن ۋاراتارغا ئۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى ئىدى، بىراق ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا ماتىئۇستەك ئەمەلىي ئىقتىدارى ياخشى بىر ھەمكارلاشقۇچى بولغان بولسا ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولاتتى.
     بۇ دەل ماتىئۇس بىلەن بېرھىمنىڭ كوماندىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئالدىنقى پەسىل بىرلەشمىدە 5-ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ تىز پۈكمەس پولاتتەك مۇستەھكەم مۇداپىئەسى ۋە ئەجەللىك ھۇجۇم ئىقتىدارىغا بىر قالتىس كوللىكتىپنى بارلىققا كەلتۈردى. تىراپپاتونىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ماتىئۇس ۋە بېرھىم كوماندىنى باشلاپ كوماندىنڭ يېقىنقى 10 يىلدا ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. شۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئۇ ئىككىسى مېئاززا مەيدانىدا ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىر گېرمانىيىلىك يۇرتدىشى بولغان كېلىنسىماننى كۈتۈۋالدى.
u=1059620262,3967249743&fm=214&gp=0.jpg



بومباردىمانچى كېلىپ، ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ شاھى ئاتىلىش
     دىياز بىلەن سېلىنا ئەجەللىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باش تېرىنىر  تىراپپاتونى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر گېرمانىيىلىك ھۇجۇمچىنى قوشۇۋېلىشنى مۇقىملاشتۇردى. 1988-يىلى ماتىئۇس بىلەن بېرھىم بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، كېلىنسىمان سىتۇتگارت كوماندىسىغا ياردەملىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا كىردى، ھەمدە شۇ يىللىق گىرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە نائىل بولغان ئىدى.
     كېلىنسىمان دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ قاۋۇل ھۇجۇمچى تىپىغا كىرمەيدىغان بولۇپ، قارىماققا شامال چىقسىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئىدى. بىراق كېلىنسىمان ئۆزىنىڭ توپ سەزگۈسى ۋە ئالدىن پەرەز قىلىش تالانتىغا تايىنىپ ئۆزىدىكى بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ كېتەلەيتتى. كېلىنسىماننىڭ خەلقئارا مىلانغا قوشۇلىشى ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر تاللىشى بوپ قالغان ئىدى. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ ئەمدىلا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كوماندىدىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن ھەمدە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان كوماندىغا كەلگەن ئىدى.
     كېلىنسىمان ئۆزىنىڭ خەلقئارا مىلاندىكى تۇنجى پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. ئىككىنجى مەيدان لېككى كوماندىسى بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى توپنى كىرگۈزدى. شۇ ۋاقىتتا كېلىنسىمان توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايونغا كىرىپ، يالغاندىن ۋاراتارغا ئۇرغان ھەركەتنى ئىشلەپ بېكنى ئالدىۋەتكەندىن كىيىن، توپنى ۋاراتارنىڭ تىك بۇلۇڭىغا تېپىپ كىرگۈزدى. بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئۇرۇلغان بىر توپ بولۇپ، گىرمانىيىلىكنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى يەنە بىر قىتىم نامايەن قىلدى.
86_1481368572_1481369183426.jpg
     يۇۋىنتۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كېلىنسىمان يەنە قالتىس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ 1:2 نەتىجە بىلەن كوماندىنىڭ تاغىل ئات قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەردى. كىيىن ۋېرونا بىلەن بولغان مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە بۇ گىرمانىيىلىك ئۆزىنىڭ خەلقئارا مىلاندىكى تۇنجى قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى. گەرچە بۇ كېلىنسىماننىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىردىنبىر قالپاق كىيىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا شۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى كوماندىنىڭ يادرولوق نۇمۇر ئالغۇچىسى بولغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ كوماندىدىكى سەبدىشى دىيازدىن بىرتوپنى ئارتۇق كىرگۈزگەن ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن  گىرمانىيىلىك ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا ئىگە بولغان خەلقئارا مىلان بىرلەشمە چىمپىيونلوقىغا ئېرىشەلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا: ياق ........
مارادونا بار نابلىس كوماندىسى 4 مۇسابىقە پەسلىدە 2 بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى، مىلان بولسا ئىككىنچى بوپقالغان ئىدى. ئەمما يۇۋىنتۇس بىلەن نۇمۇرى تەڭلىشىپ قېلىپ، رەت تەرتىپتە 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
     گېرمانىيىلىك ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ شەخسى ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس ئىدى. كېلىنسىمان 15 توپ بىلەن كوماندىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن توپلارنىڭ كېلىش مەنبەسى دەل سەبدىشى ماتىئۇسنىڭ ياردىمىدە قولغا كەلگەن ئىدى. بېرھىمنىڭ ئارقا سەپ مۇداپىئە گورۇپپىسىمۇ بىرلەشمە بويىچە 4-ئورۇندىكى مۇداپىئە گۇرۇپپىسى بوپقالغان ئىدى. ئىپادىسى گەرچە ئالدىنقى پەسىلدىكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئوخشاش مۇقىم بولغان ئىدى.
     بۇ گەرچە تىراپپاتونىنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇتۇق قازانغان بىر پەسلى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شۇ يىلدىكى ياز كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ياز پەسلى بولغان ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن بىرلىكتە فېدىراتىپ گىرمانىيە كوماندىسىنى باشلاپ 1990-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئاتلاندى. ماتىئۇس مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا 4 توپ كىرگۈزدى. كېلىنسىمان بىلەن بېرھىم بولسا ئايرىم-ئايرىم 3 دىن توپ كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىردىكى بىر توپ بولسا ئارگېنتىنا بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى غەلبىگە ئاساس سالغان توپ ئىدى. گەرچە بۇلار خەلقئارا مىلاننىڭ كۆك قارا رەڭلىك جەڭ كىيىمىنى كىيگەن ھالەتتە بۇ چىمپىيونلوقنى ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق  ئۇلارنىڭ مەستانىلىرى فېدىراتىپ گىرمانىيىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان ھالقىلىق شەخىسلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەستانە كوماندىسىدىكى بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسى ئىكەنلىكىدىن ئالەمچە پەخىرلىك ھېس قىلىشاتتى.
20140321124751-1664083071.jpg    
     بۇنىڭدىن بۇ ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ كۆك قارا قوشۇنغا مەستانە بولغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىتالىيىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى. خەلقىئارا مىلاننىڭ مەستانىلىرى ئۇلاردىن ھەقىقەتەن خۇشال. شۇ چاغدا ئۇلار قايتىپ كەلگەندە 1990-1991 يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقە باشلانغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ، مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.
     شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا جەڭ مەيدانىدىكى مۇۋاپپىقىيىتى ئاخىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ دەل ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقى ئىدى. ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىتى، ھەمدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى. بۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيە لوڭقىسىدا 4/1 ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەن بولسىمۇ، بىراق ياۋروپا جەڭ مەيدانى بولسا تىراپپاتونىنىڭ ئىنىلىرىنىڭ چاقنايدىغان يېرى بولۇپ قالغان ئىدى.
     1-ئايلانمىدا 2:1 نەتىجىدە ئاۋىستىرىيەنىڭ ۋېيېنا كوماندىسىغا ئۇتتۇرغاندىن كېيىن، خەلقئارا مىلان كوماندىسى كىيىنكى مۇسابىقىلەردە بارا-بارا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېلىنسىمان ئۇزارتىلغان مۇسابىقىدە غەلبىنى مۇقىمدايدىغان توپنى كىرگۈزۈپ، كۆك قارا قوشۇن ئوڭۇشلۇق ھالدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. كېيىنكى ئايلانمىدا ئوخشاش ئىش يەنە يۈز بېرىپ، نېرسىن بىلەن پىلاتىنى توپ كىرگۈزۈپ ئاستۇن ۋېللا كوماندىسى ساھىپخان مەيداندا غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، كېيىن كېلىنسىمان مىلان كوماندىسىغا ياردەملىشىپ، قاتمال ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويدى.
توختىماي توپ كىرگۈزىدىغان كېلىنسىمانغا ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى ئاغدۇرۇلدى. ئەمما ماتىئۇس بىلەن بېرھىمىمۇ غەلبە قىلىشتا ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئوينىغان ئىدى. بولۇپمۇ ئاستۇن ۋىللا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە. كېيىن ماتىئۇس ياۋروپا مۇسابىقە مەيدانىدا ئاخىرى توپ كىرگۈزۈش ھېساپ دەپتىرىنى ئاچتى. بېرگىلاد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىنجى ئۇچرىشىشتىكى مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، ھەمدە كوماندىنىڭ غەلبىلىك ھالدا كېيىنكى باسقۇچقا كىرىشىنى مۇقىملاشتۇردى.
     شۇ چاغلاردىكى خەلقئارا مىلان ئۆزىنىڭ يولىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز دەپ قارايتتى، بېرھىم، ماتىئۇس ۋە كېلىنسىمان قاتارلىقلار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتى ناھايتى ياخشى بولۇپ، ھېچكىم بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ دەپ قارايتتى. كۆك قارا قوشۇننىڭ كېيىنكى رەقىبى بولسا مۇشۇ دۆلەتتىكى ئاتلانتا كوماندىسى ئىدى. بىرىنچى ئۇچرىشىشتا خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قېلىپ، كېيىنكى ئۇچرىشىشتا سېلىنا بىلەن ماتىئۇسنىڭ كىرگۈزگەن توپىغا تايىنىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا تۆت كۈچلۈككە كىرگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچتا رەقىبى بولسا پورتۇگالىيەدىن كەلگەن لىسابون رىقابەت كوماندىسى ئىدى.
20130718142252-108589336.jpg
     بىرىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا پورتۇگالىيىدە 0:0 تەڭلەشكەندىن كېيىن مېئاززا مەيدانىدا ماتىئۇس ۋە كېلىنسىماننىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن خەلقئارا مىلان ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ۋولىر باشچىلىقىدىكى رىم كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ماتىئۇس بىر نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، كۆك قارا قوشۇن ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىن نىكىلا بېردى بىر توپ كىرگۈزدى. ئىككىنجى ئۇچرىشىشتا رىم كوماندىسى ئولىمپىك مەيدانىدا گەرچە 0:1 غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق  يەنىلا گېرمانىيىنىڭ  ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ ھەيۋىسى بىلەن خەلقئارا مىلان كوماندىسى 1965-يىلدىن كېيىنكى ياۋروپا مۇسابىقە مەيدانىدىكى بىرىنجى قېتىملىق چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى. بۇ ھەم گىرمانىيە ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ  ئىتالىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى  گۈزەل مىنۇتلىرى بولۇپ قالدى. ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن شۇ پەسىلدە خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 8-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ دەرىجىنى سەركىلىك ئورنىغا سېلىشتۇرغاندا ئەمىلىيەتتە دەرىجە چۈشۈپ كېتىش رايونىغا بەكرەك يېقىنلىشاتتى. كېيىنكى پەسىللىك ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئۇلار بىرىنچى ئايلانمىدىلا پورتۇگالىيەنىڭ بوئاۋىستا كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.
00235478a6451499b9d41b.jpg




ئۈچ جەڭ ھارۋىسىنىڭ تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش
     ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، تېراپپاتونى مېئاززا مەيدانىدىن ئايرىلدى. ئىتالىيەلىك پىشقەدەم تېرىنىرنىڭ سەپنى كۈچەيتىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشلار بارا-بارا ئوخشىماي قالدى. بېرھىم، ماتىئۇس ۋە كېلىنسىمانغا نىسبەتەن مۇشۇنداق بولدى. كېيىنكى ئىككىيلەن 1990-1991 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە قول تۇتۇشۇپ، 38 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق بېرھىم بىلەن ماتىئۇسنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ھەمدە بەيرىننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرىشى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقتى كەلگەن ئىدى.
     ئۈچ جەڭ ھارۋىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىتالىيىدە توپ تەپكەن مەزگىللىرى بىرمەزگىللىك مۇۋەپپىقىيەت قازانغان مۇساپىسى دېيىشكە بولىدۇ. ماتىئۇس دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان قالتىس ئوتتۇرا مەيدانچىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، بېرھىم ئۆزىنىڭ بىر قالتىس مۇداپىئەچىلا ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى توپچى ئەمەسلىكىنى ھەمدە مۇقىم بولغان مۇداپىئە سېپىدىكى بىر باشلامچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كېلىنسىمان بولسا خەلقئارا مىلاندا توپ تەپكەن ۋاقىتلاردا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى دەرىجىلىك بىر ھۇجۇمچىغا ئايلاندى، ھەمدە كوماندىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلوقىغا ئېرىشىشىدە ئۆزىنىڭ قالتىس بولغان رولىنى جارى قىلدۇردى.
     ئۇلار گەرچە  گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدەك كىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەستە قالمىغان بولسىمۇ، بىراق كۆك قارا قوشۇن مەستانىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا گىرمانىيىنىڭ ئۈچ جەڭ ھارۋىسى گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. بىرقىسىم كىشىلەر ھەتتا ئۇلارنى گوللاندىيىنىڭ ئۈچ قىلىچۋازىدىنمۇ قالتىس دەپ قارايدۇ. بۇ ئۈچ نەپەر رىۋايەتلىك چولپان دۇنيادىكى ئەڭ قېيىن بىرلەشمىدە ئەڭ قالتىس بولغان توپچىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاپ بولغان. بۇ بەلكىم مىلاننىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش ئۇنداق رومانتىك بولمىسىمۇ، بىراق بۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان كۈنلەر دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىدىكى توپچىلار ئۈچۈن توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.
00300258470_6ddf01dd.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +387 تۆھپە +2 شۆھرەت +2 تەجرىبە +2 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
خاتىرە + 50 نادىر تىما سەل ئۈزۈن .
دىكتور + 50 قالتىس!
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
FaRuH777 + 50
OTKUR701 + 37 قالتىس!
tagderem + 3
رىپىر + 50 + 2 + 2 + 2 قوللاش!
KAROL: + 50 قالتىس!
مەپتۇن + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگىچە،ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9109
تېما سانى : 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96211 ياۋرۇ
تىللاسى : 85 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2827 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-8-21 01:19:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېما يىزىلغىنى خىلە ۋاقىت بولۇپتۇ ، بىرەر ئىنكاسمۇ چۈشمەپتىغۇ ،، جاپا تارتىپسىز نادىر تېما بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن ، تارىخنى بىلۋالدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209060 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3262 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-8-21 01:21:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەپتۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-21 01:27  

باياملا يوللانغاندا ئوقۇپ بولغان تازا كەيپىم ياخشى ۋاقىتتا تېما تاقاقكەن ئىنكاس يازالمىغان ھازىر مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي ئېسىل ھې كارامەت تېمىدىن بىرنى يىزىپلىغۇ قوللىرىغا دەت كەلمىسۇن ،بىلمىگەن توپچىلارنى بىلۋالدۇق . بارغانچە تېملىرى بىربىرىدىن گۈزەل چىقىۋاتىدۇ جىما (بۇيەردە تېمىنى رەتلىك يازىدۇ دىمەكچىدە )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

ئالاھىدە تۆھپەنادىرچىتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17145
تېما سانى : 146
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 430012 ياۋرۇ
تىللاسى : 32 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1528 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-8-21 01:25:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف  ئاخىرى  پۈتتى بۇ  تىما ، مۇنبەرداشلارنىڭ تولۇقلايدىغان جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +37 يىغىش سەۋەبى
OTKUR701 + 37 ئىسېل - بۇرادەر!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17647
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 685 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-21 01:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما، بۇ تارىخنىمۇ بىلىۋالدۇق  ،بىلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8081
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9133 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2976 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-8-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-21 01:38:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىئۇسنىڭ كەسپى ھاياتى رىۋايەت جۇمۇ ، يىگىرمە يىللا  مۇسابىقە ئوينىغان بۇ  ،  دۇنيا لوڭقىسىدا   ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققۇچى .  كىلىنسىماننىڭ    ھىلىقى  كۆكلىتىپ بەدەن بۇراپلا كىرگۈزگەن توپىنى ھىلھەم ئەسلىيەلەيمىز .   لىكىن بۇلارنىڭ  90-يىل ياز ئىتالىيىدىكى كەچۈرمىشى  ئۆچلىكىمنى كەلتۈردۇ دائىم .     ئۈچ ھارۋىكەش    مىئاززا مەيدانىدا گوللاندىيىلىكلەرگە   ئوخشاش    كۆپ چىمپىيۇنلۇق  ئىلىپ كىلەلمىگەن ،ئۇلارنىڭ ئىلىپ كەلگىنى  ئۈمۈد   ،  شۇ چاغلاردا قىينچىلىقتا قالغان ئىنتىرنىڭ بوشاشماس  ۋاز كەچمەس روھى   .  شۇڭلاشقا  بۇلار مىئاززا مەيدانىنىڭ قەھىرمانلىرى سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ . تىمىدا بۇ تەرەپ ئىنتايىن ياخشى شەرھىلىنىپتۇ ،  تولىمۇ تەپسىلى يىزىپسەن ئاكى ، نادىرلاشقا  قولنى كۆتۈردۈم ئىگىز .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +37 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
OTKUR701 + 37 قوللاش!
KAROL: + 3 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9697
تېما سانى : 116
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3459 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3250 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-8-21 01:43:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىلىنسىمان دىگەن ئادەمنىڭ ئىسمىدىنمۇ لەقمىگە بەكرەك ئامراق ئالتۇن رەڭ بومباردىمانچى لەقمىدىنلا قالتىسىلىقى چىقىپ تۇردۇ شۇ ۋاقىتلاردا بىر بىرلەشمە لوڭقىسى ئالالىغان بولسا ناھايىتى قالتىس ئىش بولاتتىكەن ئەپسۇس كۇچلۇك نابولىس گۈللەنگەن مىلان بۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغان شۇنداقتىمۇ ئاپرىن تىما ئىگسىگە ۋە قارا كوك قوشۇن رىۋايەتچىلىرىگە

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
KAROL: + 3 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16821 ياۋرۇ
تىللاسى : 33 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1041 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-8-21 01:47:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس نادىر جاپا چەكتىڭ مەلىم
يىڭى     پۇتبۇل     شاھى    كىرىستىيانو رونالدۇ     2016.7.12
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9706
تېما سانى : 25
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 21129 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 921 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-10-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
ۋاقتى: 2017-8-21 02:09:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىغا بىر بىلەت ،    دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ماتسئوس بىلەن ئالتۇن رەڭلىك بومباردىمانچى كىلىنسىمانغا قايىلىقىم بار ئىدق زادى       777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12418
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 21835 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2340 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-3-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-21 02:10:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۈچىدىن شۇ بەكرەك بىلىدىغىنىم كىلىنسىمانكەن ،چۈنكى ئاكام مۇشۇنىڭ مەستانىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ۋاقتىمىزدا  چىقىدىغان تارىم غۇنچىلىرىدا كىلىنسىماننى بىر بەت تۇنۇشتۇرۇپتىكەن ، ئۇ چاغدا تىلۋىزوردىن  پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈپمۇ باقمىغان چاغلارتى ، كىلىنسىماننىڭ قانداق قىلىپ بىر بولكىخانا ئىشچىسىدىن ئالى مەلۇماتلىق بىر پۇتبولچىغا ئايلانغانلىقى ،قالتىس تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى   ئوقۇپ ،ئىككى قولىنى ئايرۇپىلاندەك كېرىپ تەبرىكلەۋاتقان قىستۇرما رەسىمىنى كۆرۈپ  كۆڭلۈمدە بىر ئوبرازى ساقلىنىپ قاپتىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18144
تېما سانى : 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2792 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 145 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-5-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-15
ۋاقتى: 2017-8-21 02:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭلا قېرىندىشىم!!! سالامەت بولۇڭلا.
نادىر تىمىغا بىر بېلەت كەتتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالىي ئەزا

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەنادىرچىتۆھپىكار ئەزائالتۇن پۇت

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3194
تېما سانى : 183
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 394778 ياۋرۇ
تىللاسى : 52 سەر
توردىكى ۋاقتى : 9224 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-31
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-8-21 03:35:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
90-يىلى ‹‹ئىتالىيەدە ياز›› دا ئارگىنتىنا بىلەن گىرمانىيە ھەل قىلغۇچتا قايتا تۇتۇشتى. مارادونا باشچىلىقىدىكى ئارگىنتىنا «ئۈچ ھارۋىكەش» يىتەكچىلىگىدىكى گىرمانىيە بىلەن تىركىشپ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا گىرمانىيەگە بىر شۈبھىلىك نۇقتا توپ كىلىپ بېرىمى ئۇرۇپ گىرگۈزىدۇ. نەتىجە ئاخىرقى ۋاقىتقىچە ئۆزگەرمەي گىرمانىيە لوڭقا كۈتۈرىدۇ. مارادونانىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىھەم يۈتمىدى.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-25 03:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش