كۆرۈش: 1936|ئىنكاس: 28

مادىرىد vs مانچېستېر مۇسابىقە تەھلىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئىجاتچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9104
تېما سانى : 28
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19981 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2572 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-9 22:21  

  لوڭقا مادىرىدقا تەۋە بولدى،ئەمما تېرۋوگا سىگنالىمۇ تەڭ ياڭرىدى!
ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونى رېئال مادىرىد ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق لووڭقىسى چېمپىيونى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، گەرچە 2-1 دېگەن نەتىجە  سەل ئاددى ھە مەنىسىز بولسىمۇ،ئەمما مۇسابىقە جەريانى مەنىلىك ھەم قىززىق بولدى. ئىككى دۇنياۋى تېرنېر ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئۇسلۇبنى بىزگە يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ قويدى، ئاق ساۋۇتلۇق جەڭچىلەر مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى ئارقىلىق،پەسىل بۇرۇنقى بەدەن قىزىتتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەلەملىرىنى تۈگەتكەن بولدى.

o4YBAFmKOeeAF-3KAAGL2yqHduk897.jpg
ئادەم ئېلىشى مەستانىلەرنى رازى قىلالمىغان ھەم بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىلىرىدە غەلبىگە ئېرىشەلمىگەن رېئال مادىرىد كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئانچە بەك يېڭىدۇ دەپ قارالمىغانىدى.گەرچە دەم ئېلىش ۋاقتى بولسىمۇ باش تېرنېر زىدانىنىڭ ئالدىغان قويۇلغان خىزمەت ۋە مەسىلىلەر يەنىلا ناھايتى كۆپ  ئىدى. بىر تەرەپتىن ئۈچ مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچۇرشىشىغا ئوبدان تەييارلىق قىلىپ،غەلبىنى قولغان كەلتۈرىشى يەنە بىر تەرەپتىن بولسا كوماندىنىڭ ئادەم سېتىۋېلىش ھەم سېتىپ چىقىرىش خىزمىتى بار ئىدى.
شۇنداقلا بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدە بولغان مەغلۇبىيەتلەرنى ئوبدان تەھلىل قىلىپ ، قوشۇننى تىنچىتىپ ، يېڭى پەسىلگە ئوبدان تەييارلىق قىلىشى شۇ ئارقىلىق يېڭى پەسىلگە خۇشاللىنارلىق ھالدا كىرىشى شەرت ئىدى. يېڭىلا كوماندىغا قايتىپ كەلگەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ كۇلۇب بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرى تېخى تولۇق تۈگەپ بولالمىغان، گارېس بېلمۇ تېخىچە يۆتكىلىش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ئىدى. رېئال مادىرىدنىڭ سىياسىتى ئەزەلدىن ‹‹ئاۋۋال سېتىپ چىقىرىپ،ئاندىن سېتىۋېلىش››بولغاچقا ھازىرچە يېڭى توپچى قوشىۋېلىش مۇمكىن بولمايتى،ناۋادا بازار تاقالغۇچە بۇ ئىككى توپچى تاساددىبى كېتىپ قالسا،  ئورنىغا ئىز باسار سېتىۋېلىنىپ بولغۇچە،بازار تاقىلىپ قېلىشى شۇنىڭ بىلەن بۇ پەسىل مادىرىد تۈگىشىشى مۇمكىن ئىدى، يەنە تېخى نېيمارنىڭ يۆتكۈلىشى پۈتۈن توپچىلارغا نىسبەتەن پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن بولغاچقا ئۇ قول ئاستىدىكى جەڭچىلەرگە ئوبدان ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىشى كېرەك ئىدى.

timg.jpg
زىدانىنىڭ رونالدونى زاپاس قىلىشى ئېنىقلا مۇسابىقە،تاكتىكا ئەھىميىتىدىن تاكتىكا ئۈنىمىنى چوڭ بىلىگىنى ئىدى.
يېڭىلا كوماندىغا قايتقان كوماندا يادروسىنى يەنىلا مۇسابىقە چوڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش بىر ھېسابتا بۇ چولپانغا قىلغان ھۆرمەت بولسا يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. تېرنېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ رونالدوغا بېكىتىپ بەرگەن ئەڭ ياخشى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋاقتى بولسا ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچىرىشىشى ئىدى. بېل ۋە بېنزېمالارنىڭ مۇقىم ھالدا ھۇجۇم سېپىدە بولىشى،مودىرىچ،تونى كىروس ،كاسىمېرولارنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا بولىشى،زىداننىڭ ئالدىغا قىيىن مەسىلە يەنى ئىسكو ۋە ئاسسېنسىئودىن بىرەيلەننى تاللاپ ھۇجۇم ۋە ئوتتۇرا مەيداننى تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىگە قويۇش مەسلىسىنى قويغان ئىدى. ئاخىرى زىدانى يېقىنقى مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى قالتىس بولىۋاتقان ئاسسېنسىئونى زاپاس قىلىپ،ئىسكونى مەيدانغا چىقاردى،بۇ بىر ھېسابتا ئالدىنقى پەسىلدىكى ئەڭ قالتىس سەپ شەكلى 442 سەپ شەكلى بىلەن توپ كونتىرول قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،تېخىچە توختام ئۇزارتمىغان ئىسكوغا بولغا بىر خىل تەسەللى ئىدى.
pIYBAFmKOgOAHDeYAAEdJB_iyA8444 (1).jpg
ئىسكونى مەيدانغا چىقىرىش بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئاسسېنسىئوغا قارىغاندا ئوتتۇرا مەيداننى كونتىرول قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى رول ئوينايتى،چۈنكى مانچېستىر بىرلەشمىسى ياكى ئۈچ باقاۋۇل بەش ئوتتۇرا مەيدانلىق مۇداپىئە ھەم ھۇجۇمغا تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان سەپ شەكلى بولسۇن ياكى بەش باقاۋۇللۇق پولات قورغان بولسۇن،ئىشقىلىپ قايىسىسنى چىقارسا پەقەت مادىرىدنىڭ ئەزەلدىن ئىىشلىتىپ كېلىۋاتقان بارا بارا ئوتتۇرا مەيداندىن سىڭىش تاكتىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىقلا بىتچىت قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. يۇقىرى تېپمىراتۇرالىق ھاۋادا توپچىلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى تېزراق خورايدىغان بولغاچقا،كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئاسسېنسىئونى چىقىرىش ئارقىلىق مانچېستېرنىڭ مۇداپىئەسىنى تېشىپ ئۆتكىلى بولاتتى. زىدانى ئاخىرىدا يەنىلا ئىسكونى تاللاپ بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا مەيداندا توپ كونتىرول قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىپادىسى ناچار بولىۋاتقان گارېس بېل ۋە بېنزېمالارغا پاس يەتكۈزۈپ بۇ ئىككىيلەننىڭ كەيپىياتى ھەم ئىپادىسىنى ياخشىلاش مەقسەد قىلىغانىدى. كىمنىڭ مەيدانغا چىقىشى بۇ ئىككىيلەنگە نىسبەتەنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.
مانچېستېر بىرلەشمىسى تەرەپتىن بولسا ئۈچ باقاۋۇللۇق سەپ شەكلى مورىنھونىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك سەپ شەكلى بولالمايتى. 2009-يىلىدىن باشلاپ پەقەت مادىرىد ئاتلېتكا كوماندىسىلا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونى سالاھىيتىدە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ،ئىككى قېتىم چېمپىيون بولۇپ باققىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەزەلدىن بۇ لوڭقا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونىنىڭ ئىدى. مورىنھونىڭ ئالدىغا قويۇلغىنى بولسا ئىتتىپاق لوڭقىسى چېمپىيونى سالاھىيتىدە بۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش شۇنداقلا مادىرىدنى يېڭەلمەسلىكتەك غەلىتە ئەھۋالغا خاتىمە بېرىشى شۇنداقلا كوماندىغا پەسىل بېشىدىلا ئىشەنچ ئېلىپ كېلىشى لازىم ئىدى.
ئالدىنقى پەسىل ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە كۈچلۈكلەر ئارىسىدا ئەڭ كېيىن بولۇپ ئۈچ باقاۋۇللۇق تاكىتىكسىنى ئىشلەتكەن ئادەم دەل مورىنھو ئىدى. ئۇ روستوف بىلەن بولغان ئىككىنچى ئۇچىرىشىشتا بۇ تاكتىكىنى سىناپ  چېلسى بىلەن بولغان جەڭدە سىناقنى ئاياغلاشتۇرغان ئىدى، مۇداپىئە سەركىسى بەيلىنىڭ يارلىنىشى مورىنھونى ئامالسىز يەنە 433  ۋە 451 سەپ شەكلىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئارقا سەپتە بىر مۇھىم ئەزانىڭ يوق بولىشى فېلەينىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش رولىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. بۇ جەڭدە روخو، بەيلى،جونىس قاتارلىق كونا سەركەردىلەر مەيدانغا چىقالمايتى.ئەمما تەلۋە مورىنھو يەنىلا ئۈچ باقاۋۇل ئىشلەتتى. بۇ مورىنھونىڭ لىندولىف ۋە سىمولىندىن ئىبارەت مۇداپىئە سېپىگە تېخى ئىشەنچ قىلىپ بولالمىغانلىقى شۇڭا ئوتتۇرا مەيدان ئارقىلىق توپنى تارتىۋېلىش شۇنداقلا توپ كونتىرول قىلماقچىلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. مورىنھو ئوتتۇرا ھەم ئارقا مەيدانلاردا مۇدائىپە زىچلىقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ،يان تەرەپتە دارمىئەندەك تەجىربىلىك ھەم ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان توپچىنى قالدۇرۇپ مادىرىدنىڭ مارسېلودىن پايدىلىنىپ يوچۇق ئىزدىشىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى.

مانچېستىېر بىرلەشمىسى مۇسابىقە باشلانغان مىنۇتتىن باشلاپلا، كۈچلۈك بەدەن ساپاسى ۋە تەمبەل بەدەنگە تايىنىپ ئوتتۇرا مەيدانغا‹‹قىرغىنچىلىق›› قىلالىدى. مادىرىد بىردەملىك كۆنىۋېلىشتىن  كېيىن بارا-بار توپ كونتىرول قىلىپ،مارسېلو ۋە تونى كىروس تۇرىۋاتقان سول يولنى ھۇجۇم قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلدى. بۇ بىر ھېسابتا ئەزەلدىنلا مادىرىدنىڭ ھۇجۇم قىلىش يۆلىنىشى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى مىكتارىياننى ئوتتۇرا ھەم ئارقا مەيدانغا ياندۇرۇش ئىدى ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ لۇكاكۇ ۋە باشقا ھۇجۇمچىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىدى.
گەرچە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى توپ كونتىرول قىلىش ھەم سىڭىپ كىرىشكە مەسئۇل بولۇپ،ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلغان بولسىمۇ،لېكىن مادىرىد يەنىلا بېل ۋە بېنزېمانىڭ ھۇجۇمغا چىقىشى ھەم مۇداپىئەگە ئاكتىپ قاتنىشىشى شۇنداقلا پاس بېرىش ،ئورۇن ئالمىىشىشتا چاققان ھەم ئۈنۈملۈك بولىشى كېرەك ئىدى، ئوتتۇرا مەيدان ماتورى كىروس
ۋە مودرىچ پاس بېرىش ھەم بۆسۈپ كىرىپ يانغا پاس تاشلاپ ئارقىلىق بۆسۈپ كىرگەن بولسا، كاسمېرو بەدەنگە تايىنىپ قارا كالىدەك باستۇرۇپ كىردى. توپ ئوڭۇشلۇق ھالدا قارشى تەرەپ رايونىغا كىرگەندە ئىسكو پاس بېرىش ھەم ئېلىپ مېڭىشتىن پايدىلنىپ ھۇجۇمغا قوماندانلىق قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئارقا مەيدانغا يىغىلغان بولغاچقا، ئىسكونىڭ كىچىك دائىرىدە ئالداپ ئۆتۈپ،پاسلىشىپ بۆسۈپ كىرىشى ناھايتى قىيىنغا توختىدى، مودىرىچنىڭ تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ كىرىشى ئوڭ تەرىپىدىكى بوگبا تەرىپىدىن يوغان بەدەن ئارقىلىق توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدى. ئامالسىز ئىسكو ئۆزى ئارقا بەل ئورۇنغا بېرىپ بىر قوللۇق ھۇجۇم تەشكىللەپ، سىڭىپ كىردى.  لۇكاكۇدىن ئىبارەت بىرلا ھۇجۇمچى بولغاچقا داۋاملىق ھالدا ئارقا بەل ئورۇندا توپ ئۈزۈش ھەم بېسىم قىلىش ئەمەلگە ئاشمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئىسكو بەھىرامان ھۇجۇم تەشكىللىيەلىدى. بۇ
مادىرىدنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مانچېستىر بىرلەشمىسىنى بېسىپ تۇرالىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى.

pIYBAFmKOo6AMOf7AAFoLTEu6Dw734.jpg pIYBAFmKOo6AMOf7AAFoLTEu6Dw734 (1).jpg
ئوتتۇرا مەيداننى ئوڭۇشلۇق كونتىرول قىلغاندىن كېيىن،مادىرىدنىڭ قىلىدىغىنى بولسا يادرو رايوندا توپ كونتىرول قىلىشنى كۈچەيتىش شۇنداقلا قارشى تەرەپ مۇداپىئە سېپىگە بېسىم قىلىش ئىدى، تۆت ئىستىداتلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىىسنىڭ ياردىمىدە بېنزېما ئەركىن ئازادە ئوينىدى. گارىس بېلمۇ چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ يان يولدىن يوچۇق ئىزدىمەكچى بولسىمۇ ئىپادىسى ۋە ھالىتى تېخى ياخشى ھالەتكە يەتمىگەن شۇنداقلا ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا بەكلا ئالدىراپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ ئارقا ئارقىدىن دارمىئەن ھەم لېىندولىف بىلەن بولغان بىرگە بىر كۈرەشتە مەغلۇب بولدى. بۇ بىر ھېسابتا مادىرىد ھۇجۇم سېپىنىڭ بۆسۈپ ئۆتىشى ناچار،گاھال ئىكەنىلىكىنى  ئىسپاتلاپ بۇ مەسىلىنى زىدانىغا يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.ياۋروپا كاللا توپ شاھى ئاتالغان بېل دارمىئەننىڭ مۇداپىئەسى ھەم ھاۋادىن توسىشىنى بۇزالمىدى،بېنزېما بولسا قىزىل دېڭىز ئارىسىدا يوقاپلا كەتتى. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن مانچېستېر توپچىلىرى بېنزېما ۋە بېلدىن توپ ئۈزۈۋېلىش ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ مۇداپىئە سېپىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

timg (1).jpg
مادىرىدنىڭ يان باقاۋۇللىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇمغا چىقىشى،مورىنھونىڭ پىلانىغا ناھايتى ماس كەلدى، بېل بىلەن بېنزېما بوگبا بىلەن ماتىچنىڭ بىر قېتىملىق سەۋەنلىكىدىن  بىر قېتىمدىن ۋارتارغا ئۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا مارسېلو بىلەن كارۋاخالنىڭ پاسلىرىنىڭ ئۈنىمى بولىمىدى.  توپ كىرگۈزۈش ئامالسىز ئوتتۇرا مەيداندىكى ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمىغان توپچىلارغا قالدى.

o4YBAFmKlLKANIatAAE8ZRyDTo8715.jpg
24-مىنۇتتا كارۋاخال توپ ئېلىپ كۆزەتكەندىن كېيىن، چەكلەنگەن رايونغا پاس تاشلىدى، بۇ توپنى تۇيۇقسىز كەلگەن كاسمېرو تېپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1-0 گە ئۆزگەرتتى گەرچە بۇ توپنىڭ ئوفسايىت دەپ گۇمانلىق بولسىمۇ،لېكىن ئارقىمۇ ئارقىدىن قىلىنغان ھۇجۇم ھەم سىڭىپ كىرىشكە مانچېستېرنىڭ مۇداپىئەسى بەرداشلىق بېرەلمىگەن،مادىرىد ئارقا ئارقىدىن يوچۇق تېپىپ بومباردىمان قىلىۋاتقان ئىدى. مىكتارىياننىڭ يان يولغا قاپسىلىپ قېلىشى،لۇكاكۇنىڭ خادىدەك تۇرۇپلا قېلىشى، مادىرىدنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇمى بەرىبىر مانچېستىرنىڭ مۇداپىئە سېپىنى ئاچاتتى. o4YBAFmKP-2ATv2kAAELuXCSdpU164 (1).jpg
مانچېستېر ھۇجۇمدا يان يولغا تايانغان بولسىمۇ،مىتكتارىيان ئۇزاق ۋاقىت قاپسىلىپ قالدى.
كومانداڭدا بوشلۇقتىكى ھۇجۇمنى تارمار قىلىدىغان بەش ئېگىز توپچى بولمىسا سەن ئىختىيارى ھەم بۇلۇڭ توپلاردا شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولىسەن. مورىنھونىڭ بۇ سۆزىدىنلا ئۇنىڭ ئېگىز،تەمبەل توپچىلارنى ناھايتى ياقتۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. پۈتۈن كوماندىدا پەقەت مىكتارىياننىڭ بوي ئېگىزلىكىلا 182 سانتېمىتېردىن تۆۋەن. مورىنھو كوماندىغا نۇرغۇن ئېگىزلەرنى يىغقاندىن كېيىن،بۇرۇنقىدەك پۈتۈن سەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ھەم ئاكتىپ توپ تالىششتىن ۋاز كەچكەندەك تۇرىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت مادىرىدقا بېسىلىپ قالغاندىن كېيىن، تېخنىكىلىق توپچىلارنىڭ كەمچىل بولىشى مانچېستىرنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى ئۈنۈمسىز قىلىپ قويدى. گەرچە ئېرىرانىڭ ئورنىغا فېلەينى چىقىپ بوشلۇقتىن ئېتىلغان پاس ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش نىشان قىلىنغان بولسىمۇ،مانچېستېر يەنىلا ئاجىز كېلىپ قالدى. مورىنھو بەلكىم ئەمدى پېرىشچىنى سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ كۈچىشى ياكى باشقا توپچىلارنى قوشىۋېلىشى مۇمكىن.
بەدەنلىك توپچىلار بىلەن بولغان كەسكىن كۈرەش،شۇنداقلا يازلىق دەم ئېلىش ھەم بەدەن قىززىتىش مۇسابىقىسىدىن يىغىلىغان ھاردۇقلار تۈپەيلى مادىرىد توپچىلىرىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى يېتىشمەسلىك ھەم دىققىتى چېچىلىش تۈپەيلى،فېلەيننىڭ مەيدانغا چىقىشى دەرھال ئۈنىمىنى كۆرسىتىپ مانچېستىر بىر توپ قايتۇرۋالدى.

pIYBAFmKQ9uAKC8IAAGETbMYaNU886.jpg
مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىلىرىدا زىدانى ئۈچ ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ ھەممىسىنى ھۇجۇمچىلارغا ئىشلەتتى . بۇ بىر ھېسابتا كېيىنكى مۇسابىقىگە كۈچ ئېلىپ قېلىش بولغىنى بىلەن يەنىلا زىدانىنىڭ تۇرشاۋۇللىرىدىن رازى بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بېل ۋە بېنزېمانىڭ ئىپادىسى تۇراقسىز،باسكىس ۋە مايورال بولسا بۇ ئىككىسنىڭ ئورنىنى رازى بولغۇدەك تولۇقلىيالىشى ناتايىن. ئوتتۇرا مەيداندىكى توپچىلارنىڭ كۈچلۈك بولىشىلا مادىرىدنىڭ ھۇجۇمدىكى ئەيىپىنى يېپىپ كەلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى مادىرىدقا نىسبەتەن يەنە ئەزالارنى بىر قېتىم تەكشۈرۈش رولىنى ئوينىدى. تونى كىروس،مودىرىچ ۋە كاسېمېرولار ھۇجۇم مۇداپىئەدە ئاكتىپ بولغاچقا،ئۇزاققا سوزۇلغان يېڭى پەسلىدە بۇلارنىڭ داۋاملىق مۇشۇ ئىپادىسىنى ساقلىيالىشى ھەم ساق سالامەت بولشى مادىرىدنىڭ يېڭى پەسىلدىكى كەلگۈسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ھۇجۇم سېپىنىڭ گاھال بولىشى،فىلورىنتو ۋە زىدانىغا ئاز قالغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ بىر قابىل ھۇجۇم تىپىدىكى توپچى ئېلىشنىڭ زۆرۈلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى.

o4YBAFmKO3yAZRd5AAEuF2wnaoU065.jpg
مۇسابىقە ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى،ئىككىلى كوماندا ئۆزىدىكى كەمچىلىكنى بايقىۋالدى. ئەمدى يېڭى پەسىلگە قانداق كىرىش زىدانى ھەم مورىنھولارغا قالدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +11250 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 10000 مىدال بىرىلدى
بېرنابۇ + 1000 ياخشى تەھلىل
تۇمان079 + 50 给力
kuqarim1 + 50 گۇد گۇد گۇد
دىكتور + 50 写的不错!
دەۋران75 + 50 说的真好
EZNA + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2017-8-9 22:34:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىىلرىڭىز جايىدا  بولاپتۇ   ھارمىغايسىز····
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13200
تېما سانى : 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 532 ياۋرۇ
تىللاسى : 9 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4055 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
ۋاقتى: 2017-8-9 22:36:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىل تولىمۇ ئورۇنلۇق ،قايىل قىلارلىق بوپتۇ. مانچىستىر بىرلەشمىسىمۇ بەك رەتلىك ھەم جانلىق ئوينىغان يەنىلا مادرىتقا تەڭ كىلەلمىدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-8-9 23:00:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېنزىما  ئوتتۇرا ھۇجۇمغا  قارىغاندا يان  يولنى  ياخشى  ئوينايدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-8-9 23:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى،توغرا،ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ،ھارمىغايسىز،ئىسل تىما بوپتۇ ،3لا ئىغىز گەپ،پىچەت ،نوچى،ئاخسا چىقىپتۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
مەن مەشەدە جىما ،مەن مەشەدە
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12
تېما سانى : 406
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1131481 ياۋرۇ
تىللاسى : 128 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3046 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-5-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-9 23:35:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇشۇڭ تۈگىدىمۇ ئىنىم؟ ناھايىتى راھەت تېما بوپتۇ. تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم، ئەتە كوم ئالدىغا كىلىپ تارتۇقلاي، مىدال ، ياۋرولار سەندىن ئايلانسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209030 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3258 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-9 23:44:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ،ھەر ئىككىلى كوماندا ئوخشاش سۈرئەتتە ئويناپ بىزگە ئېسىل مۇسابىقىدىن ھوزۇرلاندۇردى ، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16969
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16841 ياۋرۇ
تىللاسى : 36 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1040 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-8-9 23:52:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىل بەك قالتىس يىزلپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11726
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10150 ياۋرۇ
تىللاسى : 7 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1274 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-21
ۋاقتى: 2017-8-10 00:20:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى قايىل قىلارلىق تىما بوپتۇ. بۇ ئۆز تەھلىلىڭىزمۇ يا تەرجىمە ئەسەرمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-8-10 00:28:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ئېسىل  يېزىپسەن   ،  شاسىڭ  ئىينىم   ،   مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىدە   ئاخشام  كۆرەۋىتىپ  دەپ  كەتتىم  زادى  ياخشى  ھۇجۇمچىدىن  بىرنى  ئالمىسا   بولمايدىكەن  ،  رىسۇستەك  ھۇجۇمچىدىن  بىرسى  بولغان  بولسا   ھىىىى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئىجاتچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9104
تېما سانى : 28
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19981 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2572 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-8-10 00:58:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈبھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-8-10 01:10  
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2017-8-9 23:35
ئۇقۇشۇڭ تۈگىدىمۇ ئىنىم؟ ناھايىتى راھەت تېما بوپتۇ. تەپ ...


بار تېخى،تەييارلىقتا.كېلەر يىل نەنجىڭغا ماڭىمەن.  رەھمەت يارىغانلا بولسا تەرجىمە ۋە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ئارقىلىق پۈتتى. بولسا تارتۇقلاپ قوي ھاھاھاھاھا... بولسا لۈكچەك قىلىپ قويغىنە ۋاي ۋۇي.ئالتە يىللىق سىتاژىم باركەن .يەنە يازىمەن نېسىپ بولسا مادىرىد بارسېلونانىڭكىنىمۇ....
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئىجاتچان ئەزاتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9104
تېما سانى : 28
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19981 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2572 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-5-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-23
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-8-10 00:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىل تېما بولمىسغۇ مەيلى... تەھلىل بار ئىنكاسمۇ يوق بولۇپ كېتىپتۇ ھازىر مۇنبەردە.  بۇ تېمىغىمۇ تېتىملىق ئىنكاس چۈشمەپتۇ.ئۇففف
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-24 12:58

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش