كۆرۈش: 2214|ئىنكاس: 22

پۇتبول تارىخى: [10-باپ]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تاماشىبىن

تەشۋىقات ئەلچىسىنادىرچىئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16601
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : -1733 ياۋرۇ
تىللاسى : 40 سەر
توردىكى ۋاقتى : 76 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-7 21:45  
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، ياخشى تۇرۋاتامسىلەر؟ كەمىنە نۇرزاتتىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام، ئەڭ ئالىي ئېھتىرام!
مەن يەنە قايتىپ كەلدىم، بۇ قېتىم يەنە پۇتبول تارىخىنىڭ يېڭى سانىنى ئېلىپ كەلدىم، ئەسلىدە پىلانىمدا دۇنيا لوڭقىسىنىڭ پارىڭىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، 1956-يىلىدىن باشلاپ تەسىس قىلىنغان ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخى، 1960-يىلىدىن باشلانغان ياۋروپا لوڭقىسى تارىخى قاتارلىق دۇنياۋى تەسىر كۈچى يۇقىرى بولغان پۇتبول مۇسابىقىلىرى توغۇرلۇق يەنە بىر قانچە باپقا بۆلۈپ يېزىشنى ئويلاشقان، ئەمما ئويلاپ باقسام، ئوقۇرمەنلىرىم تاكى 1-باپتىن باشلاپ يېزىلىپ، ئۇدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى تارىخىنى ئوقۇپ كېلىپ، بۇ باپقا كەلگەندە باشقا دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى توغۇرلۇق توختىلىپ كەتسەم، دۇنيا لوڭقىسى تارىخى مۇشۇنداقلا توختاپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپمۇ قويغۇدەكمەن. ئاۋۋال تاكى 2014-يىلىغىچە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تەرتىپ بويىچە تارىخى ئەسلىمە سۈپىتىدە يېزىپ پۈتتۈرۈپ بولاي، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇبادا داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالىسام دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ھەر دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخى، ياۋروپا لوڭقىسى تارىخى، ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخى، بەش چوڭ بىرلەشمە تارىخى، تويوتا لوڭقىسى، ئازادلىق لوڭقىسى ۋە باشقا مۇھىم تارىخى ماتىرىياللارنى ئاساس قىلىپ، بۇ ئەسەرنىڭ كېينكى قىسىمغا ئاتاپ يازارمەن. ھەممىڭلارنىڭ قوللاپ كەلگىنىڭلارغا رەھمەت!






10-باپ: 6-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى
1958-World-Cup-Poster.jpg
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ بېكىتى شېۋىتسىيە بولۇپ، جەمئىي 55 دۆلەت ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۇنجى قېتىم رېكورت يارىتىلغان، ئىسپانىيە قاتارلىق بىر قانچە كۈچلۈك دۆلەتلەر رىقابەت كۈچىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا تاللىنالمىغان، بولۇپمۇ ئەڭ تاساددىبىيلىق شۇكى، جەمئىي ئىككى قېتىمدىن دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن ئۇرۇگىۋاي بىلەن ئىتالىيەمۇ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالغان. ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىلەر تېلۋوزۇردا ئۇلاپ تارقىتىلغان بولسا، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسى تۇنجى قېتىم بارلىق مۇسابىقىلەرنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تېلۋوزۇردا تارقىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، كىشىلەر يېڭىچە قىززىقىش ئىلىكىدە تۇنجى قېتىم رەڭسىز ئېكران ئارقىلىق فونتايىن، ياشىن، گارىنچا ۋە پۇتبول شاھى پېلى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقان.

چېمپىيۇن دۆلەت: بىرازىلىيە
ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن: فونتايىن (فىرانسىيە، 13 توپ)

515142_big-lnd.jpg


ھازىرغىچە ھېچكىم ئېرىشىشكە مۇيەسسەر بولالمىغان مۇكاپات
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشى بىلەنلا ئەڭ ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ كۆز قارچۇقىنى ئۆزىگە تارتقىنى بولسا فىرانسىيە كوماندىسى ۋە فىرانسىيەنىڭ جۇسىت فونتايىن، كوپا ۋە پىئان تونى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان توسۇۋالغۇسىز ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ قالغان. نەپىس توپ ئۆتكۈزۈشلەر، فونتايىننىڭ ۋاراتار ئالدىدىكى ئۆتكۈرلىكى تاماشىبىنلارنى مەستخۇش قىلغان. ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم كۈچىگە تايىنىپ، فىرانسىيە كوماندىسى مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كۆپلىگەن تۈردە «ئەڭ» رېكورتلىرىنى ياراتقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش (23 توپ)، ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر (كوپا) قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ئەلۋەتتە ئەڭ قالتىس رېكورت فونتايىنغا تەۋە بولغان، ئۇ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزەلىگەن تۇنجى ئادەمگە ئايلىنىپ، 6 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 13 توپ كىرگۈزگەنلىكىدەك نەتىنجىسى بىلەن بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ياراتقان، كېيىن فونتايىن ئۆزى 1000 دوللار مۇكاپات سوممىسى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ رېكورتىنى بۇزۋېتەلىگەنلەرنى تەقدىرلەشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ مۇكاپات سوممىسىنى ئېلىپ كېتەلمىگەن. 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن فونتايىن ياراتقان مۇشۇ رېكورتقا ئەڭ يېقىنلاشقىنى بولسا 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى غەربىي گېرمانىيلىك «بومباردىمانچى ئايروپىلان» گېرد مۇللېر بولۇپ، ئۇ ئاشۇ بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقسىدا 10 توپ ئۇرغان.


بىرازىلىيە جەڭ تاكتىكىسى ئىنقىلابى
پۇتبول مەيدانىدىكى جەڭ تاكتىكىسى ئاۋۋال ئەنگىلىيلىكلەرنىڭ «WM» سەپ شەكلىدىن بارلىققا كېلىپ، ۋېىنگىرىيلىكلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىشى بىلەن «3-3-4» سەپ شەكلىگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، 1958-يىلىغا كەلگەندە بىرازىلىيىلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ، «4-2-4» دىن ئىبارەت تۆت مۇداپىيەچىدىن تەشكىل تاپقان يېڭىچە بىر قىياپەت بىلەن تۇنجى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن، ھەمدە بىرازىلىيە كوماندىسى مۇشۇ جەڭ تاكتىكىسىغا تايىنىپ جاھانغا ھۆكۈمدارلىق قىلغان. مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن بولسا پۈتكۈل دۇنيا تەۋەسىدە ئومۇمىيۈزلۈك مۇشۇ سەپ شەكلى ئۆرنەك قىلىنىپ، يېڭى بىر جەڭ تاكتىكىسى ئىنقىلابى قوزغالغان.
بۇ كۈچلۈك بىرازىلىيە قوشۇنىدا پېلى بولسا نۇرلۇق يۇلتۇزلار توپى ئىچىدىكى پەقەت بىرى، ئىپادىسى ئىلگىركىدەكلا قالتىس ئۆتكۈر ھۇجۇمچى ۋا ۋا (5 توپ ئۇرغان)، خىسلەتلىك ئادەمدەك ئەڭ ئېسىل ماھارەتلەرنى نامايەن قىلغان يان ھۇجۇمچى گارىنچا، ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى دى دى، تاكتىكا ئۇستىسى زاگاللو... بۇ بىر تۈركۈم تالانتلىق توپچىلار يىغىلغان قوشۇننى ئەينى زاماندا توسالىغۇدەك ھېچقانداق بىر كۈچ چىقمىغان بولۇپ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس بىرازىلىيە خاندانلىقى سەلتەنىتىنىڭ يوپۇقى مانا مۇشۇنداق ئېچىلغان.


17 ياشلىق ئۆسمۈر
1958-يىلىدىكى شېۋىتسىيە، كىشلەر تېلۋوزۇر ئېكرانىدا بىر ياش توپچىنىڭ چىرايىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى، بۇ 17 ياشلىق ئۆسمۈر ئېكران ئالدىدا خۇددى ئۇچار خەنجەر كەبى ماھارەت كۆرسەتمەكتە، ساھىبجاماللارنىڭ ئورىۋېلىشلىرى ئارىسىدا ناھايتى خىجىلچانلىق بىلەن تۇرماقتا، مانا بۇ دەل تېخى ھېچقانداق ئىش كۆرمىگەن تەجىربىسىز پېلى ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ باشلانمىسىدا پېلى پەقەتلا بىر بىرازىلىيە كوماندىسى تەركىبىدىكى زاپاس ئەزا بولۇپ، دەسلەپكى 2 مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشۈپ پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمىگەن، كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە ئۇ گەرچە مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ھېچقانداق تەسىر قالدۇرالمىغان.
پېلى بەلكىم تەڭرىنىڭ بىرازىلىيلىكلەرگە ئەڭ مۇھىم چوڭ مۇسابىقىلەر ئۈچۈنلا ئاتا قىلغان سوۋغىسى بولۇشى مۇمكىن، شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، بۇ 17 ياشلىق ئۆسمۈر تۇيۇقسىزلا بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇشلۇق قورالىغا ئايلانغان. تۆت كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا ۋېلىش كوماندىسىنى 1:0 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە پېلى دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرغان، يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ھەيۋەتلىك فىرانسىيە كوماندىسىنى 5:2 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان، پېلى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدان باسقۇچىدا 3 توپ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر قالپاق ئويۇنىنى تاماملىغان.
بۇ دەل پۇتبول شاھى پېلىنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى، گەرچە تۆت كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا بىرازىلىيە كوماندىسى ۋېلىش كوماندىسىنى 1:0 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە پېلى دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى تۇنجى توپنى ئۇرغان بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان يېرىم ھەل قىلغۇچقا كەلگەندە كىشىلەر ئاندىن ھەقىقىي ھالدا ئۇنىڭدىن چۆچۈشكەن. 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى شېۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمدىكى راساندا تەنتەربىيە مەيدانىدا 27 مىڭ تاماشىبىن بىر 17 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ نادىر ئەسىرىگە شاھىت بولۇشقان، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن ئىلگىرى فىرانسىيلىك مەرگەن فونتايىن پارلاپ نۇر چاچقان بولسا، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پېلى تەرىپىدىن تەلتۆكۈس كۆمۈلۈپ قالغان.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولسا بىرازىلىيە بىلەن ساھىبىخان شېۋىتسىيە ئوتتۇرسىدا ئوينالغان بولۇپ، بۇ «ياللانما قوشۇن» بىلەن «سېھىرگەرلەر» ئوتتۇرسىدىكى بىر مەيدان ئۇچىرىشىش ھېساپلىنىدۇ. شۋېىتسىيە كوماندىسى ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم توپچىلار ئىتالىيە كەسپىي بىرلەشمىسىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ ئەمدىلا 4 مىنۇت بولغاندا ساھىبىخان كوماندا ئەزاسى لىندىخولىم بىر توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان، ئەمما پەقەت 5 مىنۇت ئۆتۈپلا بىرازىلىيلىك ۋا ۋا نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسابىقە ۋاقتى ئاساسەن بىرازىلىيە كوماندىسى توپچىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى بىلەنلا داۋاملاشقان، يەنىلا شۇ ۋا ۋا 36-مىنۇتقا كەلگەندە يەنە بىر توپ ئۇرۇپ، شېۋىتسىيەدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ يەردە تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ۋا ۋا ئۇرغان بۇ ھالقىلىق ئىككى توپنىڭ كەينىدە بىر كۆلەڭگە بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ «كىچىك قۇش» گارىنچا بولۇپ، بۇ ئىككىلا توپ گارىنچانىڭ ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، شېۋىتسىيەنىڭ بىر مۇداپىيەچىسىنى ئالداپ ئۆتكەندىن كېيىن ئوتتۇرغا پاس تاشلاپ بېرىشى ئارقىسىدا تاماملانغان. بىرازىلىيلىكلەر ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا ئوپمۇ-ئوخشاش شەكىلدە شېۋىتسىيەلىكلەرنىڭ چۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغان. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكىگە ئوخشاشلا بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدان باسقۇچى يەنە ئوخشاشلا پېلىغا مەنسۇپ بولغان. 55-مىنۇتتا پېلى توپنى قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىسىنىڭ باش ئۈستىدىن ئارتىلدۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ، پۇتىغا چۈشۈرگىنىچە ھاۋادا كۆكلىتىپ تەپكەن توپى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى يەنە بىر نادىر ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ. پېلى تەرىپىدىن باش ئۈستىدىن ئالداپ توپ ئۆتكۈزۋېتىلگەن شېۋىتسىيە مۇداپىيەچىسى پالىن بولسا بۇ توپقا قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا پېلى بىلەن بىرلىكتە بۇ توپنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى تەبىرىكلەشكە تاسلا قالغانلىقىدەك ھېسىياتىنى سۆزلىگەن.
مۇسابىقە 68-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا زاگاللو بىر توپ ئۇرۇپ نەتىنجىنى ئۆزگەرتكەن. گەرچە شېۋىتسىيە كوماندىسى سىمونسىننىڭ 80-مىنۇتتا كىرگۈزگەن بىر توپىغا تايىنىپ بىر توپ قايتۇرۋالغان بولسىمۇ، ئەمما پېلىنىڭ مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 1 مىنۇت قالغاندا باش بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزگەن توپى بۇ مەيدان كىلاسسىك جەڭگە ئاياقلىشىش سىگىنالى بەرگەن.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئالاقىدار ئىككى پارچە كۆرۈنۈش بولسا مەڭگۈلۈك كارتىنىغا ئايلانغان بولۇپ، بىرسى، پېلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شېۋىتسىيە مۇداپىيەچىسىنىڭ باش ئۈستىدىن توپنى ئارتىلدۇرۇپ، توختاتماستىنلا ھاۋادا كۆكلىتىپ تېپىپ كىرگۈزگەن نادىر توپى، يەنە بىرسى بولسا، چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن سەپدىشى دى دىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بالىلارچە يىغلاپ كەتكەن كۆرۈنۈشى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينالغان كۈنى پېلى ئارانلا 17 ياش 239 كۈنلۈك بولغان ۋاقتى بولۇپ، دۇنيا لوڭقسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان يېشى ئەڭ كىچىك ماھىرغا ئايلانغان. تۇنجى ئەۋلاد پۇتبول شاھى مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەن.

U370P427T9D118F259DT20060221165538.jpg
254.jpg




بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى قەھىرمانلار:
(تونۇشتۇرۇلماقچى بولغانلارنىڭ تۇنجىسى ئەسلى پېلى ئىدى، ئەمما پېلىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەسپىي ھاياتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە بەكراق زورايغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى باپلارغا ئاتاپ قويدۇم، توغرا چۈشىنەرسىلەر.)

دۇنيا لوڭقىسىدىكى مەرگەنلەرنىڭ مەرگىنى: فونتايىن


方丹.jpg
باشقىلاردىن ئارىيەتكە ئېلىپ كەلگەن توپ ئايىقىنى كىيىپ، بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىلا 13 توپ ئۇرۇش، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ھەم تا ھازىرغىچە ھېچكىم بۇزالمىغان رېكورت ياراتقۇچى، مانا بۇ دەل فونتايىن، فىرانىسيەنىڭ سىرلىق ھۇجۇمچىسى، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنلەرنىڭ بىرىنچىسى.
1958-يىللىق شېۋىتسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا پاراگىۋاي كوماندىسىغا ئۆزى يالغۇز 3 توپ ئۇرغان، كەينىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە بولسا يەنە 3 توپ ئۇرغان، تۆت كۈچلۈكنى تالىشىش جېڭىدە شىمالىي ئېرلاندىيە كوماندىسىنىڭ دەۋرازىسىنىمۇ چېقىۋەتكەن، يېرىم ھەل قىلغۇچ جېڭىدە بىرازىلىيە كوماندىسىغىمۇ توپ ئۇرۇپ، مۇشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 9 غا يەتكەن، ئەمما پېلىنىڭ قالپاق ئويۇنى ئويناپ فىرانسىيەنى يېڭىۋېلىشى بىلەن، 3-لىكنى تالىشىشقا مەجىبۇر بولغان، 3-لىكنى تالىشىش جېڭىدىن بۇرۇن فونتايىن ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى ۋېنگىرىيلىك كوكسىسنىڭ 11 توپلۇق رېكورتىغا يېتىشىدىغىنىغا 2 توپلا پەرق قالغان بولۇپ، ئەمما فونتايىن غەربىي گېرمانىيە كوماندىسىغا 4 توپ ئۇرۋېتىپ، كوكسىستىن بىراقلا ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا 13 توپلۇق رېكورتى بىلەن تارىخ قامۇسىغا نامى پۈتۈلگەن. بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى مەرگەنلەر تەرتىپىدە كوكسىس (11 توپ) بىلەن گېرد مۇللېر (10 توپ) ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما فونتايىننىڭ بىرىنچىلىك ئورنىغا تا مۇشۇ كەمگىچە ھېچكىممۇ چېقىلالمىغان.
فونتايىننىڭ مەخپىيەتلىكى نېمە؟ جاۋابى بولسا «ئارزۇ-ئىستىكى يوق پولات». فونتايىن ئەينى چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «1958-يىلى تېخى رەسمىي ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتى يوق ئىدى، چۈنكى مەن ئەزەلدىن زادى قانچىلىك توپ كىرگۈزۈشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم. كېيىن بىر قانچە شېۋىتسىيلىك كىشىلەر ماڭا بىر ئالتۇندىن ياسالغان مىلتىق سوۋغا قىلىشتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن ئەڭ قالتىس مەرگەن ئىكەنمەن. مەن ئەزەلدىن رېكورت دېگەننى ئويلاپ باقمىغان، 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەن تېخى بىر نۇقتا توپنى سەپدىشىمغا ئۆتۈنۈپ بەردىم».
كېيىن فونتايىن ئۆز يېنىدىن 1000 دوللار پۇل چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ رېكورتىنى بۇزۋېتەلىگەنلەرنى تەقدىرلەشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە ھېچكىممۇ بۇ پۇللارنى ئېلىپ كېتەلمىگەن. ئۇ بۇ توغرىسىدا يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: «ھازىر بارغانچە قىيىنلىشىپ كەتتى، ،ېنىڭ رېكورتىمنى بۇزىمەن دەيدىغانلار گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باسقۇچىدىلا كۆپرەك توپ كىرگۈزىشى كېرە، بولمىسا شاللاش باسقۇچىغا كىرگەندىن كېيىن بۇ ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كېتىدۇ».
يەنە بىر قىززىقارلىق تەپسىلات شۇكى، فونتايىن رېكورت ياراتقان ئاشۇ بىر جۈپ توپ ئايىقى ئەسىلدە باشقىلار ئارىيەتكە بېرىپ تۇرغان ئاياغ ئىكەن. «كوماندىمىزنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ھەمكارلاشقۇچىمىز يوق ئىدى، ھەر بىرىمىزنىڭ پەقەت بىر جۈپتىنلا توپ ئايىقىمىز بار ئىدى،- فونتايىن شۇ چاغلارنى ئەسلەپ،- مېنىڭ ئايىقىم مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىرتىلىپ كەتتى، سەپدىشىم سىتىفان ئۆزىنىڭ ئايىقىنى ماڭا بېرىپ تۇرغان، كېيىن مەن ئاشۇ ئاياقنى كىيىپ نۇرغۇن توپ كىرگۈزدۈم» دېگەن.
جۇسىت فونتايىن (Just Fontaine) ئافرىقىدىكى ماراكەش دۆلىتىنىڭ ماراكەش شەھىرىدە 1933-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنياغا كۆز ئاچقان. ئۇنىڭ دادىسى بولسا خىرانسىيلىك كۆچمەن بولۇپ، فونتايىن كىچىك ۋاقتىدا ماراكەشنىڭ كوچىلىرىدا توپ تېپىپ چوڭ بولغان، كېيىن كاسابىلانكىدا ماراكەشلىكلەر كوماندىسىغا كىرگەن، ئۇ يەردە 3 يىل توپ تەپكەندىن كېيىن فىرانسىيەگە قايتىپ كەلگەن ۋە نىس كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان ۋە شۇ كوماندا بىلەن بىرگە 1956-يىلى فىرانسىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن. شۇ چاغلاردا فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ زومىگىرى رېمۇس كوماندىسى فونتايىنغا كۆزى چۈشۈپ، ئۇنى يۆتكەپ كېلىپ، خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى جەلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتكەن رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى كوپانىڭ ئىز باسارى قىلغان. 1957-1958 مۇسابىقە پەسلىدە فونتايىننىڭ قالتىس ئىپادىسى نەتىنجىسىدە رېمۇس كوماندىسى بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقى ۋە فىرانسىيە لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىدىن ئىبارەت قوش شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن.
1959-يىلى فونتايىن رېمۇس كوماندىسىنى باشلاپ ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچىغا ئېلىپ كىرگەن، ئەمما كوپا، دى سىتىفانو، پۇسكاش قاتارلىق داڭلىق چولپانلار يىغىلغان جان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان، 1960-يىلى ئۇ يەنە فىرانسىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۆزى ئىككى قېتىم بىرلەشمە مەرگىنى بولغان. 1961-يىلى بىر مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسى جەريانىدا فونتايىننىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ، ئامالسىزلىقتىن 28 يېشىدىلا كەسپى ھاياتدىن ۋاقىتسىز خوشلاشقان. ئۇ پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىدا 213 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 200 توپ ئۇرۇشتەك تارىخىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. «ئەينى چاغدا مەن دەل يۇقىرى پەللىدە كېتىۋاتقان ئىدىم، ھەتتا دۆلەت سىرتىغا يۆتكىلىش تەييارلىقىنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولغانىدىم، ئەگەر يارلانمىغان بولسام كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغىنىغا ھېچكىممۇ بىر نەرسە دېيەلمەيتى، بىلىشىڭلار كېرەككى، پۇلاتتىنىمۇ يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەندىن كېيىن كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئاندىن كۈتۈۋالغان» دېگەن فونتايىن شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ.
چېكىنگەندىن كېيىن فونتايىن تېرنىرلىق كەسىپىگە قەدەم قويغان، شۇنداقلا 1967-يىلى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق قامچىسىنى قولىغا ئالغان، ئەمما پەقەت 2 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن ئايرىلغان ۋە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت تېرنىرلىق قىلىش رېكورتىدىن بىرنى يارىتىپ قويغان. 80-يىللاردا ئۇ ئاۋۋال پارىژ ساينىت گېرمان كوماندىسىغا، كېيىن ماراكەش دۆلەت كوماندىسىغا تېرنىرلىق قىلغان. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇ پۇتبول ساھەسىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، سودا ساھەسىگە ئاتلىنىپ كەتكەن...
2003-يىلى، «فىرانسىيە پۇتبول» ژۇرنىلى فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچىلارنى رەتكە تۇرغۇزغاندا، فونتايىن 5-ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزىلغانلار بولسا بۇرانىك، كوپا، پۇلاتىنى ۋە زىدانى قاتارلىقلار.
كەسپىي ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 21 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 30 توپ ئۇرغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 13 توپنى دۇنيا لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن. 1953-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى فىرانسىيە 0:8 نەتىنجە بىلەن لىيۇكسىمبۇرگنى قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ 3 توپ ئۇرغان. 1960-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيە كوماندىسى 0:3 نەتىنجە بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان.
كۇلۇپ ھاياتىدا جەمئىي 213 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، توپتوغرا 200 توپ ئۇرغان.


پۇتبول شاھىنىڭ كەينىدىكى مۇكەممەل تالانت ئىگىسى: دى دى
Valdir Pereira.jpg
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى ئەۋلاد پۇتبول شاھى پېلى پارلاپ نۇر چېچىشقا باشلىغان، ئەمما شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى سالاھىيتىگە ئېرىشكۈچى ئۇ ئەمەس، بەلكى ۋالدىر پېرىرا (Valdir Pereira) ئىسىملىك يەنە بىر ئادەم، بۇ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى بولسا بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھەقىقىي ھۇجۇم تەشكىللەش يادىروسى، ئۇ ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا مەيدان پېشۋاسى دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئادەتتە كىشلەر ئۇنىڭ يەنە بىر ئىسمى «دى دى» دېگەننى ئاتاپ كۆنۈپ قېلىشقان.
دى دى بولسا شۇ دەۋىردىكى ناھايتى ئاز ئۇچىرايدىغان مۇكەممەل ئوتتۇرا مەيدان تالانت ئىگىسى، ئۇنىڭدا ئادەتتىن تاشقىرى بولغان ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى بار، ئۇزۇن پاس ۋە قىسقا پاسلىرى ئىنتايىن ئۆلچەملىك، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋاراتارغا توپ ئۇرۇشتىمۇ تەپكەن توپى دەل جايىغا ماڭىدۇ. پېلى ئىلگىرى دى دى توغۇرلۇپ توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇنىڭغا نىسبەتەن پۇتبول تېپىش ئاپىلىسىن سويغانغا ئوخشاشلا ئاسان ئىش، ئۇ نۇرغۇنلىغان نەپىس تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلغان...»؛ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دى دى «يوپۇرماقنىڭ لەيلىشى (落叶球)» نىڭ ئەڭ دەسلەپتىكى ئىجادچىسى بولۇپ، ئۇ تەپكەن ئىختىيارى توپ داۋاملىق غەيرى بولغان ئەگمە سىزىقنى ھاسىل قىلىپ ئۇچىدىكەن، ئوتتۇرغا پاس تاشلىغاندىمۇ توپ ئەگرى قېلىچ شەكلىدە ماڭىدىكەن.
1952-يىلى دى دى ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسى ھاياتىنى باشلىغان، 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى گەرچە كۈچلۈك ۋېنگىرىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن بولسىمۇ، دى دى ئاشۇ مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرغان، ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا نامى ئانچە تونۇلمىغان. 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 30 ياشقا كىرگەن دى دى ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان، كوماندىدا ئۇ مۇسابىقىنىڭ رېتىمىنى كونتىرول قىلغۇچى بولۇپ، توپنى يان تەرەپتىكى گارىنچاغا ۋە ئالدىدىكى پېلىغا تەقسىملەشتە ئۇ ئەڭ ئاساسلىق پېرسوناژ بولغان، ھۇجۇمنىڭ بىردىنبىر باشلىنىش نۇقتىسى دەل دى دىغا مەركەزلەشكەن.
فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە دى دى تۇنجى توپنى ئۇرغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىبىخان شېۋىتسىيە كوماندىسى بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتىۋالغاندا، يەنە شۇ دى دى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ، ئەجەللىك بىر ھۇجۇم قوزغاپ سەپدىشى ۋا ۋانىڭ نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرىشىگە ياردەم قىلغان بولۇپ، دەل مۇشۇ كۆرۈنۈش بىرازىلىيە پۇتبول تارىخىدىكى كىلاسسىك كارتىنلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. پېلى شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئەينى چاغدا ئۇ ئوتتۇرا مەيدان چەمبىرىكى ئىچىدە قەددىنى تىك تۇتۇپ ناھايتىمۇ مەغرۇر تۇرغان قىياپىتى خۇددى بىزگە ‹ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى باشلاپ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزىمەن› دەۋاتقاندەكلا تۇيۇلغان ئىدى».
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى غەلبە قىلغاندىن كېيىنكى بىر كۆرۈنۈش تارىخقا يېزىلغان، ئۇ بولسىمۇ 17 ياشلىق پېلىنىڭ بىر سەپدىشىنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويىۋېلىپ يىغلاپ كەتكەن كۆرۈنۈشى بولۇپ، پېلىنىڭ ئۇ سەپدىشى دەل دى دى ئىدى. «1958-يىلى دى دى ماڭا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم كىشى ھېساپلىنىدۇ، مەيلى مۇسابىقە مەيدانىدا ياكى مەيدان سىرتىدا بولسۇن، ئۇ ھامان ماڭا ناھايتىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇ خۇددى مېنىڭ ئاكامغىلا ئوخشايتى» دېگەن پېلى ئۇ توغرىسىدا توختىلىپ.
ئاشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا دى دى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ كېيىنكى ھەۋەسكارلىرىدىن ئىككى ئادەم پۇتبول دۇنياسىدا ئاتاقلىق، بىرى گىئورگى بېسىت، يەنە بىرى بولسا پۇلاتىنى. 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيەنىڭ «4-2-4» يېڭى سەپ شەكلى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنى بويسۇندۇرغان، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا دى دى بولسا كۈنسايىن تەرەققىي قىلۋاتقان پۇتبول دۇنياسىدا تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ھەقىقي بىر ئوتتۇرا مەيدان ماھىرىنى بېكىتىشتىكى ئۆلچەم ھېسابلىنىدىكەن.
دى دى 1928-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بىرازىلىيەنىڭ كامپوس شەھىرىدە تۇغۇلغان، 14 يېشىدا توپ ئويناۋېتىپ تىزىنى يارلاندۇرۋالغانلىقتىن، ئوڭ پۇتى يېنىك دەرىجىدە مايماق ھالەتكە كېلىپ قالغان. 1943-يىلى سائو كېرىستوۋائو ئۆسمۈرلەر كوماندىسى (رونالدو مۇشۇ كوماندىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن)، 1945-يىلى ئامېرىكا قىتئەسى ئادىمى كوماندىسىدىن پۇتبول كەسپى ھاياتىنى باشلىغان. 21 يېشىدا فىلۇمېنسى كوماندىسىنىڭ كيىمنى ئۇچىسىغا ئارتقان ۋە ئۇدا 10 يىل مۇشۇ كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ قالغان. 1956-يىلى ئۇ بوتافوگ كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، گارىنچا، زاگاللو قاتارلىقلار بىلەن سەبداشلاردىن بولۇپ قالغان، مانا بۇ دەل تۇنجى قېتىم دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ يىلتىزى ھېساپلىنىدۇ.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن دى دى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، ئەمما مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغان، كىشىلەرنىڭ قارىشىچە دى سىتىفانونىڭ كوماندىدىكى تەۋرەنمەس ئىمتىيازى دى دىنى بوغۇپ قويغان بولۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ۋالىنسىيە كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرۋېتىلگەن، دى دى ئۇ يەرگىمۇ تازا ماسلىشالمىغان، ئاخىردا 1960-يىلى ئۇ  بىرازىلىيە بوتافوگ كوماندىسىغا قايتىپ كەتكەن.
1961-يىلى 33 ياشلىق دى دى بوتافوگ كوماندىسىغا ياردەملىشىپ بىرازىلىيە بىرلەشمىسى چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا يەنە 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئاز قالغاندا ئۇ يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان. گەرچە كەسپى ھاياتىدىن چېكىنىش يېشىغا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇچىسىغا 8-نومۇرلۇق دۆلەت كوماندىسى فورمىسىنى كىيگەن دى دى يەنىلا كوماندىنىڭ ئاساسلىق كۈچىگە ئايلانغان، 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بارلىق مۇسابىقىلەرنى تولۇق ئويناپ، گارىنچا، ۋا ۋا، زاگاللو قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن. ئاشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن دى دى دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىققان.
1964-يىلى دى دى پېرۇنىڭ دېڭىز مەنزىرىسى كوماندىسىدا (تەرجىمىسى شۇنداق) ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان، ۋە زور مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، 1970-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا ئۇ پېرۇ دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، كوماندىسىنى 8 كۈچلۈككە ئېلىپ كىرگەن. دى دى ئۆزىنىڭ تېرنىرلىق ھاياتىدا ئارگىنتىنا دەريا قىنى، تۈركىيە فەنەر باغچا، بىرازىلىيە بوتافوگ، فىلۇمېنسى قاتارلىق زەردار كوماندىلارنى يېتەكلەپ باققان، مەيلى پۇتبولچى مەزگىلىدە بولسۇن، ۋە مەيلى تېرنىرلىق مەزگىلى بولسۇن، دى دىنىڭ پۇتبول ھاياتىنى مۇۋاپپىقىيەتلەرگە تولغان دېيىشكە بولىدۇ.
2001-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى دى دى 72 يېشىدا رىئودى ژانېيرودا ۋاپات بولغان.
كەسپىي ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 68 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 20 توپ كىرگۈزگەن. 15 مەيدان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 3 توپ كىرگۈزگەن. 1952-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇنجى قېتىم بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مېكسىكا كوماندىسىنى 2:0 قارشى نەتىنجىدە مەغلۇپ قىلغان. 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناپ، 1:3 نەتىنجە بىلەن چېخسىلوۋاكىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.



پۇتبول شاھىنىڭ يېنىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى: ۋا ۋا
Edvaldo Izidio Neto.jpg
2001-يىلى 5-ئايدا بىرازىلىيە توپ چولپىنى دى دىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا قېرىپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بىر بوۋاي تولا يىغلاپ يىقىلىپ قالغان، بۇ بوۋاي بولسا دەل ۋا ۋا بولۇپ، 50-، 60-يىللىرىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى، دى دىنىڭ سەبدىشى ئىدى. ئاشۇ قېتىملىق دەپنە مۇراسىمىدا ئۇنىڭ كونا سەبدىشىدىن ئايرىلىغاندىكى ھەسىرەتلىك كۆز ياشلىرىنى، ئازاپلىق نىداسىنى نەق مەيداندا تۇرغۇچىلارمۇ تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. 2002-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ۋا ۋامۇ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بولۇپ، بىرازىلىيە يەنە بىر رىۋايەتلىك توپ چولپىنىدىن ئايرىلدى.
1934-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېدۋاردو ئىزىدىئو نېتو (Edvaldo Izidio Neto) ئىسىملىك بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقان، كىشىلەر كېيىنچە ئۇنى ۋا ۋا (Vava) دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كېتىشكەن... ئەڭ دەسلەپتە ئۇ ئۇ يۇرتىدىكى Recife تەنتەربىيە كوماندىسىغا قوشۇلغان، 1951-يىلى ۋا ۋا داگاما كوماندىسىغا يۆتكەلگەن، 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ياۋروپاغا بېرىپ، ئىسپانىيە مادىرىد ئاتلىتىكا كوماندىسىدا توپ تەپكەن. 1961-يىلى بىرازىلىيەگە قايتىپ كېلىپ پارمىلاس كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ قوشقان، ئۇ يەردە 2 يىل تۇرغاندىن كېيىن، كېيىن يەنە ئىسپانىيە، مېكسىكا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن كوماندىلاردا توپ تەپكەن، 1969-يىلى كەسپى ھاياتىدىن چېكىنگەن.
1958-يىلى ۋە 1962-يىلى بىرازىلىيەنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىملىق دۇنيا چېمپىيۇنلىقىغا ئېرىشەلىشىنى ھەرگىزمۇ ۋا ۋانىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇ جەمئىي 9 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاشۇ ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى دەل ۋا ۋا ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋا ۋا يەنە ھەر ئىككى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا توپ كىرگۈزەلىگەن توپچى بولۇپ، تارىختا بۇ نۇقتىغا يېتەلىگەن تۇنجى توپچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، كېيىن پەقەت پېلى بىلەن بىرېتنىر (70-يىللاردىكى غەربىي گېرمانىيە توپچىسى) لا بۇ نەتىنجىنى يارىتالىغان.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقسىدا ۋا ۋا بىر يان كىراي ئورنىدىكى توپچىدىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچىغا ئايلىنىپ، پېلىنىڭ شېرىكىگە ئايلانغان ۋە گارىنچا، زاگاللودىن ئىبارەت ئىككى توپ يەتكۈزگۈچى يان كىراي توپچىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، بىرازىلىيەنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم سېپىنى تەشكىل قىلغان. گۇرۇپپىدىكى ھالقىلىق بىر مەيدان مۇسابىقە سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسى بىلەن بولغان جەڭدە ۋا ۋا ئۆزى يالغۇز ئىككى توپ ئۇرغان، تارىخقا قارايدىغان بولساق، شۇ مەزگىلدىكى سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ياشىنغا 2 توپ ئۇرالايدىغان ئادەم ئۇنداق كۆپ ئەمەس ئىدى. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ۋا ۋا يەنە فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارسىنىمۇ تەشكەن. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى 1:0 نەتىنجىدە ۋاقىتلىق كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا دەل ۋا ۋانىڭ توپ كىرگۈزىشى بىلەن نەتىنجىنى تەڭلەشتۈرگەن ۋە تەتۈر ئاشقان، ھەر ئىككىلا توپنى ئۇنىڭغا پاس بەرگەن توپچى بولسا گارىنچا. ئاشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ۋا ۋا 5 توپ ئۇرغان بولۇپ، پېلىنىڭ 6 توپىدىن كېيىنلا ئورۇندا تۇرغان.
1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى پېلىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئەمما ئۇلاردا يەنە گارىنچا بىلەن ۋا ۋا بار ئىدى. ئىككەيلەن ئوخشاشلا 4 توپتىن ئۇرغان بولۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن قاتارىغا تىزىلغان. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ۋا ۋا چوڭ مۇسابىقىلەردە ئاساسەن يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭلەردە توپ كىرگۈزىدىغان بولۇپ، بىرازىلىيە ھۇجۇم سېپىدىكى ھەقىقى ھالقىلىق شەخىس ھېساپلىنىدۇ.
كەسپىي ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلىرى: 3 قېتىم رىئو شىتاتلىق بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى (1952، 1956، 1958)، 2 قېتىم دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنى (1958، 1962)، 1 قېتىم سان پاۋلو شىتاتلىق بىرلەشمىسى چېمپىيۇنى (1963)، 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى (4 توپ).



تارىختىكى تۇنجى توپ ئېلىش مېڭىش ئۇستىسى: گارىنچا
timg (1).jpg
ئۇنىڭ بىر پۇتى يەنە بىر پۇتىغا قارىغاندا 6 سانتىمېتىر قىسقا؛ ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاياللار بىلەن ئەيىش-ئىشرەت قىلىپ، جەمئىي 14 بالىنىڭ دادىسى بولغان؛ ئۇ 3 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ، 2 قېتىم چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن؛ ئۇ ماشىنا ھەيدەپ ھادىسىە تۇغدۇرۇپ، قېيىنئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بولسا ھاراق بىلەن زامىن بولغان...... ئۇ توپ ئېلىپ مېڭىش تېخنىكىسى جەھەتتە پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس ئادەم دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى گارىنچا.
1933-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى رىئودى ژانېيروغا 50 كىلومېتىر كېلىدىغان Pau Grande دېگەن بىر كىچىك بازاردا بىر ئوغۇل بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا مانۇئېل فىرانسىسكو دوس سانتوس دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، بۇ گارىنچانىڭ ئەسلى ئىسمى ئىدى. روي كاستىرو يازغان «گارىنچا تەرجىمھالى» دېگەن كىتابىدا مۇنداق تەسۋىلەر يېزىلغان: «مانۇئېل يېڭى تۇغۇلغاندا تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭ پۇتىنىڭ تولغىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ، سول پۇتى سىرتىغا، ئوڭ پۇتى بولسا ئىچى تەرەپكە مايماق بولۇپ، ئۇ تۇغما غەيرى شەكىلدە ئىدى». مانۇئېل چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم پۇتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيسى قىلدۇرغان، ئەمما ئۇنىڭ يول ماڭغاندىكى ھالىتى يەنىلا ئىككى تەرەپكە دەلدۈگۈنۈپ مېڭىشتىن ئۆزگەرمىگەن، يەنە تېخى ئۇنىڭ ۋىجىك بەدىنى بىلەن قوشۇلۇپ، كىشىلەر بىر كىچىك قۇشقا ئوخشىتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «گارىنچا» دېگەن تەخەللۇس سىڭىپ قالغان. (Garrincha دېگەن سۆز پورتۇگال تىلىدا ‹قۇش› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ).
گارىنچا كىچىك ۋاقتىدا زاۋۇتتا ئىشلىگەن، شۇنداقلا زاۋۇتنىڭ كوماندىسىدا بىر مەزگىل توپ ئوينىغان، قارىماققا ئۇنىڭ پۇتبولغا نىسبەتەن ئانچە بەك قىزغىنلىقى يوقتەك تۇيۇلاتتى، 1950-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا پۈتكۈل بىرازىلىيلىكلەر ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭگە نەزىرىنى تىككەندە، گارىنچا بولسا بېلىق تۇتقىلى كەتكەنىدى، ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئاغىينىلىرىنىڭ ناھايتى مەيۈس ئولتۇرۇشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە قايغۇرۇپ كېتىشىنىڭ تېگىكە يېتەلمىگەنىدى. 1953-يىلىغا كەلگەندە گارىنچا ئاندىن پۇتبولنى تاللىغان، چۈنكى ئۇ داۋاملىق زاۋۇت ئىشچىسى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمىغان، دەسلەپتە كۆپلىگەن كوماندىلار ئۇنى رەت قىلغان، ئەمما كېيىن بىرازىلىيە بوتافوگ كوماندىسى توپچىسى گېندىر كادوزۇ بىر قېتىملىق پۇرسەتتە گارىنچا بىلەن توپ ئويناپ قېلىپ، گارىنچا ئۇنىڭغا ناھايتى چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقتىن، كادوزۇنىڭ كۈچەپ تەۋسىيە قىلىش نەتىنجىسىدە گارىنچا بوتافوگ كوماندىسىغا قېتىلغان. 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى گارىنچا بوتافوگ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم ئوينىغان مۇسابىقىدە 3 توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئويناپ، 3:6 نەتىنجە بىلەن Bonsucesso كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بوتافوگ كوماندىسىدا 12 يىل تۇرۇش جەريانىدا گارىنچا 2 قېتىم سان-پاۋلو شىتاتلىق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىغا (1962، 1964) ئېرىشكەن،581 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 232 توپ كىرگۈزگەن.
«گارىنچا تەرجىمھالى» دېگەن كىتابتا بۇ تالانىت ئىگىسى مۇنداق تەرىپلەنگەن: «كەسپىي پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ كەسپىي بولمىغان پۇتبولچى». گارىنچا ئەزەلدىن سېستىمىلىق مەشىقلەنمىگەن، ۋاستىچىسى يوق، توختام ئىمزالىغاندىمۇ مەزمۇنىنى ئوقۇيالمايدۇ، ھاراققا ھەددىدىن زىيادە ئامراق، ئەزەلدىن سالامەتلىكىنى ئاسىرمايدۇ، پۇتبولنى پەقەت تۇغما تالانتىغا تايىنىپلا تېپىدۇ. توپ مەيدانىدا بۇ ئوڭ كىراي ھۇجۇمچى مەڭگۈ خىيالىدىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان توپچى، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى بىلەلمەيدۇ. «گارىنچا تەرجىمھالى»دا يەنە مۇنۇ قىسقىچە كارتىنىلار خاتىرلەنگەن: «1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى بىرازىلىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ئۇ توپنى ئېلىپقارشى تەرەپ مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ، قارشى تەرەپ توپچىسىنى ئالداپ ئۆتۈش جەريانىدا يىقىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا رىپپىر پۇشتەك چالمايدۇ، ئەمما گارىنچا شۇ جايىدىلا توختاپ بىر پۇتى بىلەن توپنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ، ھېلىقى يىقىلىپ كەتكەن قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ قولىنىڭ تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويىدۇ...». گارىنچانىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەتلا تاماشىبىنلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ ۋاپات بولغاندا بىرازىلىيلىكلەر ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا مۇنداق يېزىپ قويغان: «بۇ يەردە تىنىچ ئارام ئېلىۋاتقان ئادەم بولسا باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈنلا ياشايدىغان كىشى گارىنچادۇر».
1955-يىلى 22 ياشلىق گارىنچا تۇنجى قېتىم بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان. 1966-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى 3:1 نەتىنجە بىلەن ۋېنگىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقە گارىنچانىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان. بۇ دەل ئۇنىڭ سېرىق رەڭلىك بىرازىلىيە قوشۇنى جەڭ فورمىسىنى ئۇچىسىغا كەيگەندىن بۇيانقى بىردىنبىر مەغلۇبىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گارىنچا دۆلەت كوماندىسى ھاياتىدا جەمئىي 60 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، 52 مەيدان غەلبە قىلىپ، 7 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان ئۇتتۇرغان، جەمئىي 12 توپ ئۇرغان، يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئەينى چاغدا گارىنچا بىلەن پېلى ئىككىسى تەڭلا مەيدانغا چىققان مۇسابىقىلەرنىڭ ھېچقايسىدا بىرمۇ توپ  كەتكۈزۈپ باقمىغان.
1958-يىلى گارىنچا كەسپى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. بىرازىلىيە كوماندىسى 2:5 نەتىنجە بىلەن شېۋىتسىيەنى مەغلۇپ قىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ۋا ۋا ئۇرغان ھالقىلىق ئىككى توپنىڭ كەينىدە دەل گارىنچا بار بولۇپ، ئاشۇ ھەر ئىككى توپ گارىنچانىڭ نەپىس ئالداش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يان يول ئارقىلىق بۆسۈپ كىرىپ، چەكلەنگەن رايوندىكى ۋا ۋاغا ياردەمچى پاس بەرگەنلىكىنىڭ نەتىنجىسى ئىدى.
1962-يىللىق چىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە گەرچە پېلىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئاخىرغىچە كۈلگەن. شاللاش باسقۇچىدا 1:3 نەتىنجىدە ئېنگىلاندنى، 2:4 نەتىنجىدە چىلىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە گارىنچا ھەر مەيدانىغا 2 دىن توپ ئۇرغان، بولۇپمۇ ساھىبىخان كوماندا چىلىنىڭ ياۋۇزلارچە توپ ئويناش ئۇسۇلىنى قوللانغان مۇسابىقىدە گارىنچا يەنىلا ئەڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە سەبداشلىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، چېخسىلوۋاكىيە كوماندىسىنى 3:1 نەتىنجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا گارىنچا 6 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 4 توپ ئۇرۇپ، شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن دېگەن ئىككى تۈرلۈك شەرەپكە تەڭ مۇيەسسەر بولغان، ئاشۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بولسا گارىنچاغا تەۋە.
گارىنچانىڭ كۇلۇپ كەسپى ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى ئۇنچە بەك گۈزەل بولمىغان. 1963-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە بولغان 3 يىل جەريانىدا ئۇ بوتافوگ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن پەقەت 8 مەيدانلا مۇسابىقە ئوينىغان. ھەددىدىن زىيادە ھاراقكەشلىك، ئاياللار بىلەن ئەيش-ئىشىرەت كېچىلىك تۇرمۇشى گارىنچانى ئاساسەن ۋەيران قىلغان، گارىنچا بەزىدە مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى كۈنى پۈتۈن بىر كېچە ھاراق ئىچىپ، ئەتىسى مۇسابىقە ئويناپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق ھاراق ئىچكەن، شۇ سەۋەپتىن ئۇ داۋاملىق كۇلۇپ تەرەپنىڭ غەزەپلىنىشىگە ئۇچىراپ، ئامالىسىز توختىماي كۇلۇپ ئالماشتۇرغان. 1966-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە ئۇ كورىنتىئان، بارانكۇللا ۋە فىلامېنگو قاتارلىق 3 كۇلۇپتا توپ تەپكەن، ئەمما ھېچقايسىدا ئۇزۇنراق تۇرالمىغان. 1972-يىلى رىئو-ئولارىئا كوماندىسىدا 10 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغاندىن كېيىن پۇتبول كەسپىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان، كېيىن يېشىل چىملىققا قايتىپ كېلىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە چېكىنگەن، بۇ ئىشلار تاكى 1982-يىلىغىچە داۋاملاشقان.
گارىنچانىڭ شەخسىي تۇرمۇشى تالاش-تارتىشلارغا تولغان. ئەينى چاغدا بوتافوگ كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىغاندا ئۇ ياش ئايالى ۋە ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشنىسىنى بىللە ئېلىپ رىئودى-ژانىيروغا كەلگەن. 1962-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن گارىنچا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە كوماندىنىڭ جەلىپكار ناخشا چولپىنى ئېرسا سۇيارىزنى قارماققا ئىنلىندۈرۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياشىغان، ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق ئىشقىۋازلىق ھاياتى توپتوغرا 15 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان، ئەمما ئارلىقتا ئۇ ئەزەلدىن باشقا ئاياللار بىلەن بولغان ئەيش-ئىشىرەتتىن ۋاز كېچىپ باقمىغان، ئۇنىڭ باشقا ئاياللاردىن جەمئىي 14 نەپەر پەرزەنتى بولغان.
1983-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، گارىنچا رىئودى-ژانېيرودا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۆلۈش سەۋەبى بولسا ھاراقنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك-جىگەر قېتىشىش كېسەللىكى بولۇپ، شۇ ۋاقتىدا ئۇ 49 ياش ئىدى. بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى خاتىرلەش يۈزسىدىن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىرازىلىيە شەھىرىدىكى بىر تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ نامى قىلىپ قوللانغان. گارىنچانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا بىر پىلاكاتقا مۇنداق دەپ يېزىلغان بولۇپ: «ئۇ بىر ئوماق كىچىك بالا، ئۇ كىچىك قۇشقا سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ».
دۆلەت كوماندىسى ھاياتى: 60 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 52 مەيدان غەلبە قىلىپ، 7 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان مەغلۇپ بولغان. جەمئىي 12 توپ ئۇرغان.



خان جەمەتى مادىرىد قاتىلى: كوپا
kopa.jpg
2003-يىلى «فىرانسىيە ژۇرنىلى» فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنى رەتكە تۇرغۇزغاندا، ئالدىنقى ئۈچ نەپەر توپچى يەنىلا پىلاتىنى، زىدانى ۋە كوپا بولۇپ باھالاندى، فونتايىن بولسا 5-ئورنغا تىزىلدى. پىلاتىنى، زىدانى، فونتايىن قاتارلىقلارنىڭ نام شۆھرىتى ئالدىدا كوپا بىر ئاز تۆۋەن ئورۇندا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ كېلىپ چىقىش تارىخى ئاددى ئەمەس.
كوپا دېگىنى پەقەتلا ئۇنىڭ كىچىك ئىسمى، تولۇق ئىسمى رايموند كوپازېۋىسكى (Raymond Kopaszewski) بولۇپ، 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى پولشالىق بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا كوپا ئەسلى ئاتا كەسىپى بولغان كان ئىشچىسى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن، ئەمما 6 ياش ۋاقتىدا بىر قېتىملىق كان ۋەقەسىدە يارلىنىپ، ئوڭ قولى باشمالتاق بارمىقى كېسۋېتىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ پۇتبولدىكى تۇغما تالانتى ئۇنى كەسپىي پۇتبولچى يولىغا باشلاپ بېرىپ، فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان.
1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ئەڭ بۇرۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىنى بولسا فىرانسىيە كوماندىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولۇپ، فونتايىن، كوپا ۋە پىئانتونىدىن تەشكىللەنگەن بۇ توسالغۇسىز ھۇجۇم سېپى تاماشىبىنلارنى مەسخۇش قىلغان. مانا مۇشۇ كۈچلۈك ئوت كۈچىگە ئىگە فىرانسىيە كوماندىسى بولسا 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا كۆپلىگەن رېكورتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كوپا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا پەقەت 3 توپ ئۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تېخنىسىكىغا ۋە ياردەمچى پاس بېرىش ئىقتىدارىغا ھەممەيلەن قايىل بولغان، ئەڭ ئاخىردا فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 3-لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا شۇ يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.
كوپانى ھەقىقىي بىر ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان قىلىپ يېتىشتۈرگىنى بولسا شەك-شۈبىھسىز خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى. 1956-يىلى 25 ياشلىق كوپا خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، كوماندىغا ياردەملىشىپ 2 قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلىقنى (1957، 1958)، 3 قېتىم ياۋروپا چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى (1957، 1958، 1959) قولغا كەلتۈرگەن. 50-يىللىرىدىكى خان جەمەتى مادىرىد كوماندىسى كوپا، دىسىتىفانو، پۇسكاش قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھۇجۇمچىلار قوشۇنىغا تايىنىپ پۈتكۈل ياۋروپاغا زومىگەرلىك قىلغان.





مۇناسىۋەتلىك خاتىرە سۈرەتلەر:

700px-1958_world_cup.png
قاتناشقان دۆلەتلەر


250px-Sweden_location_map.svg.png
شېۋىتسىيە خەرىتىسى


rasunda_solna.jpg
شېۋىتسىيە سولىنا دوستلۇق توپ مەيدانى


WC_1958-640x360.jpg
بىرازىلىيە كوماندىسى


Swedish_1958_FIFA_World_Cup_(2).jpg
شېۋىتسىيە كوماندىسى


team_france.jpg
فىرانسىيە كوماندىسى


germany_team.jpg
گېرمانىيە كوماندىسى


PA-8329874.jpg
ۋېلىش كوماندىسى


England-1958-world-cup-kit-white-navy-navy-line-up.jpg
ئېنگىلاند كوماندىسى


poeobi-1-belfast.jpeg
شىمالىي ئېرلاندىيە كوماندىسى


paraguay_team.jpg
پاراگىۋاي كوماندىسى


CM_00961_1958_Yugoslavia_en.jpg
يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسى


1958 world cup Germany vs. Yugoslavia.jpg
گېرمانىيە vs يۇگۇسلاۋىيە


1958-Brazil and Sweden.jpg
گېرمانىيە vs ئېرلاندىيە


dfb_1958_02_en,property=original.jpg
گېرمانىيە vs سېربىيە


1958-Germany- France.jpg
گېرمانىيە vs فىرانسىيە


world-cup-final-1958-brazil-sweden-1383792738.jpg
ھەل قىلغۇچ جەڭ


1958-final.png
ھەل قىلغۇچ جەڭ سەپ شەكلى


U370P427T9D115F259DT20060221165008.jpg
سۈرەتتە: 1958-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئېنگىلاند كوماندىسى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان سوۋىت ئىتتىپاقى ۋاراتارى لېف ياشىن توپ توسماقتا، ئۇ قارا رەڭلىك ۋاراتار كىيمى كىيىشنى ياقتۇرغاچقا، ئۇنىڭغا «قارا ئۆمۈچۈك» دېگەن لەقەم سىڭىپ قالغان.



U370P427T9D116F259DT20060221165218.jpg
چېمپىيۇن كوماندا بىرازىلىيە قوشۇنى، ئاستىنقى رەتتىكى بەش نەپەر توپچى سولدىن ئوڭغا: گارىنچا، دى دى، پېلى، ۋا ۋا، زاگاللو. ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن 1-كىشى: داڭلىق ۋاراتار گىلمار.



U370P427T9D117F259DT20060221165430.jpg
1958-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، بىرازىلىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2:5 نەتىنجە بىلەن ساھىبىخان كوماندا شېۋىتسىيەنى يەڭگەندىن كېيىن، بىرازىلىيە كوماندا ئەزالىرى شېۋىتسىيەنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تاماشىنبىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن، بۇ ھەرىكەت ساھىبىخان توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.



U370P427T9D120F259DT20060221165816.jpg
6-ئاينىڭ 24-كۈنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىلىيە كوماندىسى فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان، بىرازىلىيلىك چولپان دى دى (سولدا) بىلەن فىرانسىيە ھۇجۇمچىسى كوپا بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.



U370P427T9D127F259DT20060221171352.jpg
6-ئاينىڭ 15-كۈنى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى بىرازىلىيە 0:2 سوۋىت ئىتتىپاقى، بىرازىلىيە ھۇجۇمچىسى ۋا ۋا (ئوڭ تەرەپتىكى يەرگە يىقىلغان 1-كىشى) سوۋىت ئىتتىپاقى ۋاراتارى ياشىننىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان، پېلى (سول تەرەپ 2-كىشى) ۋاراتار ئالدىدا تەنتەنە قىلغان كۆرۈنۈش.




1958.brazil.jpg

1322400_big-lnd.jpg

2397416_xbig-lnd.jpg

pele-brazil-v-sweden-1958-world-cup_iqi2hn6a9q0v13xxll8d54jmq.jpg

79655084.jpg

pa-2667786.jpg

Pele-1950-WC.png

Brazil-Sweden-World-Cup-Final-1958-Sweden_2406165.jpg

Pele-and-Sweden’s-King-Gustav-Adolf-at-World-Cup-1958.jpg

pele-age-17-at-1958-world-cup.jpg




جەڭ نەتىنجىلىرى:
1.A组.jpg
1.B组.jpg
1.C组.jpg
1.D组.jpg
1.(58年淘汰赛).jpg
1.jpg
1.1.jpg

سىز بىلەمسىز؟
6-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى بولسا تارىختىكى بىردىنبىر قېتىملىق جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىنىڭ ياۋروپا زېمىنىدا دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە كوماندىسى 0:0 نەتىنجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى توپ كىرمىگەن تۇنجى مۇسابىقە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ جۇڭگو پۇتبولچىلىقى دۇنيا سەھنىسىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ھىندىنوزىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە 1 ئۇتۇق، 1 تەڭلىشىش، 1 ئۇتتۇرۇشتەك نەتىنجىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتىنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن، بۇ جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىدا مەغلۇپ بولۇشى ھېساپلىنىدۇ.

1956-يىلى ۋېنگىرىيە ھاكىمىيتىدە داۋالغۇش يۈز بېرىپ، پۇسكاش، كوكسىس قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار دۆلەت سىرتىدا سەرگەردانلىق تۇرمۇشقا مەجىبۇر بولغان بولۇپ، بىر مەزگىللىك پۇتبول زومىگىرى ۋېنگىرىيە كوماندىسى 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن بۇرۇن يىمىرىلىپ كەتكەن.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ۋېلىش كوماندىسى ئىسىرائىلىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تارىختىكى بىردىنبىر ئەنگىلىيە پادىشاھلىقى تەۋەلىكىدىكى تۆت دۆلەت كوماندىسى (ئېنگىلاند، شوتلاندىيە، شىمالىي ئېرلاندىيە، ۋېلىش) نىڭ دۇنيا لوڭقىسىدا جەم بولۇشىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا بىرازىلىيە كوماندىسى تېرنىرى ۋېسىنىت فوئورا 4-2-4 سەپ شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ يەنە پېلى، گارىنچا قاتارلىق دۇنياۋى دەرىجىلىك چولپانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ئۇ بولسا بىرازىلىيە كوماندىسىنى تۇنجى قېتىم دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا ئېلىپ چىققان تۇنجى شەخىس ھېساپلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ساھىبىخان شېۋىتسىيە كوماندىسىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە توپ تېپىدىغان كۆپلىگەن توپچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيۇنى غەربىي گېرمانىيەنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچقا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان ھەل قىلغۇچ جېڭى «ياللانما قوشۇن بىلەن سېھىرگەر ئېلىشىشى» دەپ ئاتىلىدۇ.

1958-يىلىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىدا دى دى، نىلسون سانتوس، جارما سانتوس ئۈچىلا 1954-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ باققان. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا بولسا سامبا قوشۇنى ئاساسەن پېلى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد تالانت ئىگىلىرىگە تاينىپ باش كۆتۈرگەن.

1958-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى مىيۇنخىن ئايروپىلان ھادىسىىسىدە 21 ياشلىق تالانت ئىگىسى دېنكېن ئېدىۋاردودىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ قارىشىدا دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمۈدى دەپ قارالغان.






_____________________________________________
ئالدىنقى تېمىلار:

پۇتبول تارىخى: [1-باپ]
پۇتبول تارىخى: [2-باپ]
پۇتبول تارىخى: [3-باپ]
پۇتبول تارىخى: [4-باپ]
پۇتبول تارىخى: [5-باپ]
پۇتبول تارىخى: [6-باپ]
پۇتبول تارىخى: [7-باپ]
پۇتبول تارىخى: [8-باپ]
پۇتبول تارىخى: [9-باپ]

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +250 تۆھپە +5 يىغىش سەۋەبى
HAKKER + 50
mardani + 50 باش سۈرەت؟
alqun03 + 25 + 5 犀利
ili-oghli + 25 قوللاش!
دىكتور + 50 نادىر تىما!
مەشئەل + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2017-6-7 21:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئايلىق تۇنجى نادىر  تىما  تىمىڭىزغا  بەك تەققەزا بولغان  ئىدىم  رەھمەت  ھەممىنى  يىزىپ پۇتتەرسىڭىز  كىتاپ بولغۇدەك ئاپىىرىن  ماتىريالىنى توردىن  تاپامسىز
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ماڭا نەقىل قىلماڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17442
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 880 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 341 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-21
ۋاقتى: 2017-6-7 22:44:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايلىق باھالاشتا  1-بۇلدىغان  تىما  
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18178
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 997 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 45 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-5-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-10-25
ۋاقتى: 2017-6-7 23:12:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى نادىر تېما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11874 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1732 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-6-8 00:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىم دىگەن ئەتراپلىق ،نىمە دىگەن ئىنچىكە،ئىسل
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-6-8 01:08:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى  تىما يازمايدىكەن يازسىلا نادىر تىما  يىزىپلا قاراپ ئولتۇدىكەن  قالتىس  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ماڭا نەقىل قىلماڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11139 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3480 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-6-8 02:15:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمىدى ،ياۋرۇ بىلەن تارتۇقلاپ تۇراي ھازىرىچە ،ئاخىرى چوقۇم مۇشۇ تېمىلاردىن پايدىلنىپ نەشىرياتقا باردىغان ئادەم چىقىدۇ ،ھارمىغايسىلەر بۇرادەر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11139 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3480 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-6-8 02:18:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز بولسىمۇ 10مىڭ ياۋرۇ كەتتى ئەمسە ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17647
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6236 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 850 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-22
ۋاقتى: 2017-6-8 10:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغان تىما،كىيىنكى ساننى ساقلايمەن ،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

مادرىد لۈكچىكىبىرازىلىيە مەستانىسىئىسپانىيە مەستانىسىئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە ئىلگىرلەشتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14605
تېما سانى : 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219590 ياۋرۇ
تىللاسى : 31 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-19
ۋاقتى: 2017-6-8 10:37:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ئايدىمۇ نادىر  تىمىلار  خېلى بارلىققا كەلگۈدەك ... ئىسىل . خاككىر  ئەفەندىم  تەييار تۇرسىلا
جاپا تاتماي  ئىرىشكىلى بۇلىدىغان بىردىن بىر نەرسە قېرىلىق~~~!!
كەمىنى بۇرۇنقى ئاكىجان بۇلىمەن ..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

ئىنتېر مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 7856
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22003 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 134 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2009-5-5
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-21
ۋاقتى: 2017-6-8 14:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، مەن ئون ساننىڭ ھەممىنى ساقلىۋالدىم، كىتاپچە قىلىپ قويىمەن، مېنىڭچە بۇ ‹دۇنيا پۇتبول چولپانلىرى› دېگەن كىتاپتىن كىيىنكى نادىر ئەسەر.
سەندىن ۋاز كەچمەيمەن!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

تەشۋىقات ئەلچىسىنادىرچىئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16601
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : -1733 ياۋرۇ
تىللاسى : 40 سەر
توردىكى ۋاقتى : 76 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2018-1-14
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-6-8 18:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ili-oghli يوللىغان ۋاقتى  2017-6-8 14:58
ئېسللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، مەن ئون ساننىڭ ھەممىنى ساقلى ...

ئەسەر ئاپتورىنى ئەسكەرتىپراق كىتاپچە قىلارسىز بۇرادەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2018-1-22 12:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش