كۆرۈش: 3163|ئىنكاس: 41

كىم ھۈكۈمران؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالىي ئەزا

ئۆمۈرلۈك شەرەپئالاھىدە تۆھپەنادىرچىتۆھپىكار ئەزائالتۇن پۇت

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3194
تېما سانى : 205
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 399114 ياۋرۇ
تىللاسى : 84 سەر
توردىكى ۋاقتى : 9623 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-31
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
‏‏‏‏‏‏     ئەسسالام ئەلەيكۇم


پۇتبول دۇنياسىدا سېلىشتۇرۇش تۈگەپ قالغىنى يوق. چولپان سېلىشتۇرۇش، مەشقاۋۇل سېلىشتۇرۇش، كۇلۇب سېلىشتۇرۇش، دۆلەت كوماندىلىرىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىقلار. بۈگۈنكى سېلىشتۇرۇش يوقۇرقى سېلىشتۇرۇشلارغا ئوخشىمايدىغان بىرى.
پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەڭ يوقۇرى شان-شەرىپى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ زومىگىرى كىم؟ ياۋرۇپا قىتئەسىمۇ ياكى جەنوبى ئامرىكا قىتئەسىمۇ؟
IMG_1477.JPG
1929-يىلى FIFA (دۇنيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى) نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بارسىلونا شەھرىدىكى يىغىلىشتىن كىيىن 1930-يىلى يازدا تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە بىرلىككە كەلدى. ئۇرۇگۋاي مىللى مۇستەقىللىقىنىڭ 100 يىللىقى ۋە 1928-يىللىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ پۇتبول تۈرى  ئوزغۇنى بۇلۇش سەۋەبىدىن ئۇرۇگۋاي دۆلىتى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ساھىبخېنى بولدى. شاللاش مۇسابىقىسى ئوينالمىغان بىردىنبىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە جەمئى 13 دۆلەت كوماندىسى قاتناشتى. كەسكىن ئېلىشىشلاردىن كىيىن ئۇرۇگۋاي بىلەن ئارگىنتىنا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناپ <<جەنوبى ئامرىكا دېربىسى>> شەكىللەندۈرۈپ ساھىبخان ئۇرۇگۋاي 4-2 نەتىجە بىلەن يەڭدى شۇنداقلا تۇنجى لوڭقىنى جەنوبى ئامرىكا قىتئەسىدە ساقلاپ قالدى.

IMG_1479.JPG
1934-يىلى ساھىبخانلىق ياۋرۇپادىكى ئىتالىيەگە كەلدى. تۇنجى نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئوكيان ئاتلايدىغان ئۇزۇن سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن قېچىپ ئارانلا 4 ياۋرۇپا دۆلىتى قاتناشقان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇگۋاي دۆلىتى نارازىلىق بىلدۈرۈپ ياۋرۇپاغا بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە تارىختىكى ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوزغۇن قاتناشمىغان مۇسابىقە بولدى. ياۋرۇپادىن ئېنگىلاند، شوتلاندىيە، ۋېلىش، شىمالى ئېرلاندىيە قاتارلىقلار FIFA نىڭ قارارىغا قارشى چىققان بۇلۇپ، بۇ تۆت كوماندا ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسىدىن سەۋىيەلىك دەپ قارىغان. شاللاش مۇسابىقىسى ئويناپ تۆت قىتئەدىن 16 كوماندا قاتنىشىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى ياۋرۇپا دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن سابىق چېخىسلىۋاكىيە لوڭقا تالاشتى. چېخىسلىۋاكىيە دەسلەپتە توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتكەن بولسىمۇ ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغاندا بىر توپ يەپ تەڭلىشىپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يەنە بىر توپ يەپ لوڭقىنى قولدىن بېرىپ قويدى (مۇسابىقىدە موسسۇلىننىڭ قارا قۇلى بار دىگەن گەپمۇ بار). شۇنداق قىلىپ ئىتالىيە كوماندىسى لوڭقىنى ياۋرۇپا قىتئەسىگە قايتۇرۇپ كەلدى.
IMG_1480.PNG

1938-يىلى فىرانسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىغا تاپشۇرۇلدى. لاتىن ئامرىكىسى ۋە ياۋرۇپا ئىككى قىتئەدە نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزۈشكە كىلىشىپ ياۋرۇپا قايتا ساھىبخان بولغىنىغا نارازىلىق بىلدۈردى. ئارگىنتىنا بىلەن ئۇرۇگۋاي بايكۇت قىلدى. ئىسپانىيە بولسا ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك قاتناشمىدى. مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوزغۇن شاللاش مۇسابىقىسى ئوينىماي بىۋاستە قاتنىشىدىغان قائىدە چىقىپ 2006-يىلىغىچە داۋاملاشتى.
جەنوبى ئامرىكا ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشماسلىقى ۋە قاتناشقانلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۆۋەن بۇلىشى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىمۇ ياۋرۇپادىكى ئىتالىيە بىلەن ۋېنگىرىيەگە ئوڭچە قالدى. ئىتالىيە كوماندىسى بولسا ئارقىمۇ-ئارقا ئوزغۇن بولغان تۇنجى دۆلەت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن لوڭقىنى ياۋرۇپادا ساقلاپ قالدى.


نەچچە يىل داۋاملاشقان 2-دۇنيا ئۇرۇشى 1942-ۋە 1946-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە توسالغۇ بولدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ 1950-يىلى بىرازىلىيە ساھىبخانلىق قىلغان دۇنيا لوڭقىسى ئۆتكۈزۈلدى. FIFA ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرازىلىيەگە بېرىشىنى بۇلۇپمۇ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئوزغۇن ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. لىكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن زىيان تارتقان ئىتالىيەنىڭ ئىقتىسادى يار بەرمەيتتى. FIFA تەرەپ ئىتالىيەنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈش شەرتى بىلەن يولغا سالدى. باش جىنايەتچى گىرمانىيە بىلەن ياپونىيە جازا تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىدى.
200 مىڭ تاماشىبىن يىغىلغان ماراكانا پۇتبول مەيدانىدا ئەڭ ئاخىرىدا قالغان ئىككى كوماندا ساھىبخان بىرازىلىيە بىلەن تۇنجى ئوزغۇن ئۇرۇگۋاي ئىدى. <<ماراكانازۇ>> دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقىدە ئۇرۇگۋاي تارىخىدىكى ئىككىنجى قېتىم ئوزغۇن بۇلۇپ بىرازىلىيە مەستانىلىرىنى ھەسرەتتە قويدى. ۋە لوڭقىنى شەرەپ بىلەن لاتىن ئامرىكىسىدا ئېلىپ قالدى.

IMG_1495.JPG
1954-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ساھىبخانلىقىنى تالىشىدىغان شىۋىتسارىيەدىن باشقا نامزات بولمىدى. تارىختىكى دۇنيا لوڭقىلىرىغا قارىغاندا بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئوتتۇرچە ھىساپتا ھەر مەيداندا 5.38 توپ كىرىپ ئەڭ يوقۇرى رىكورد ياراتتى. شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان 16 دۆلەتنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ بىرىنجى ۋە ئىككىنجىسى كىيىنكى باسقۇچقا كىرىدىغان تۈزۈم قوللىنىلدى.
مۇشەققەتلىك جەڭلەردىن كىيىن ئىپادىسى گىرمانىيە بىلەن ھونگىرىيە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا يىتىپ كەلدى. ھەممەيلەن ئىپادىسى قالتىس بۇلىۋاتقان ھونگىرىيە كوماندىسى لوڭقا كۈتۈرىدۇ دەپ قارىشاتتى. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن گىرمانلار 3-2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ تارىخىدىكى تۇنجى لوڭقىنى كۈتۈردى ۋە بۇ مۇسابىقىنى مۇسابىقە ئوينالغان شەھەر بېرىننىڭ نامى بىلەن das wunder von bern (بېرىن مۆجىزىسى) دەپ ئاتىدى. دۇنيا لوڭقىسىمۇ ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىغا قايتىپ كەلدى.

IMG_1500.JPG
6-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى 1958-يىلى شىۋىتسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بۇرۇنقىدەك ساھىبخان قىتئە لوڭقىنى ساقلاپ قالىدىغان قائىدە بۇزۇلدى. بۈيۈك بېرىتانىيە بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر نارازىلىقنى تۈگىتىپ دۇنيا لوڭقىسىغا ئىشتىراك قىلدى. ئېنگىلاند كوماندىسى مىيونخىن پاجىئەسىنىڭ تەسىرىدىن ئاساسلىق توپچىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولدى.
ساھىبخان كوماندا شىۋىتسىيە بىلەن لاتىن ئامرىكا ۋەكىلى بىرازىلىيە تۇنجى قېتىم ئىككى قىتئەنىڭ تىركىشىشىنى شەكىللەندۈردى. بىر توپ كەينىدە قالغان بىرازىلىيانلار ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ 5-2 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ تۇنجى قىتئەلەر دېربىسىدا غەلىبە قىلدى. 17 ياشلىق <<قارا مەرۋايىت>> پېلى فافا، گارىنچا، زاگالولار بىلەن چاقنىدى ۋە كەلگۈسىدىكى پۇتبول شاھىنىڭ ئۇلىنى تىكلىدى. بىرازىلىيەمۇ تۇنجى قېتىم لوڭقا كۆتۈردى.

IMG_1499.JPG
1962-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. 54-ۋە 58-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى ياۋرۇپادا ئۈتكۈزۈلگەن سەۋەپلىك لاتىن ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلۈش زۆرۈر بۇلۇپ قالدى. چۈنكى 34-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىكىدەك بەزى دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشنى خالىمىدى. ئارگىنتىنا چىلىغا قاتتىق رىقابەتچى ئىدى. لىكىن چىلى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كارلوس دىتبوروننىڭ: بىزنىڭ ھىچنىمىمىز يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىمىز بۇلىشى كېرەك دىگەن نۇتقى ھەممەيلەننى چىلىنى ساھىبخانلىققا كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولدى.
لىكىن دۇنيا لوڭقىسىدىن ئىككى يىل بۇرۇن يەنى 1960-يىلى چىلىدا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە (9.5 بال) ئەسلىدە تەييارلىق قىلىنغان 10 مەيدان 4 مەيدانغا ئازلاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە تاراتقۇلىرى چىلىلىقلارنىڭ زىتىغا تىگىدىغان خەۋەرلەرنى تارقاتتى. ئىككى كوماندا ئوينىغان مۇسابىقە تارىختىكى ئەڭ قوپال ئوينالغان مۇسابىقە سانىلىپ <<سانتىياگو جېڭى>> دەپ ئاتالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسىدىن ئىككى توپچىغا قىزىل كارتا بېرىلدى. چىلى كوماندىسىدىكى ئىككى توپچىغا بېرىلىشقا تىگىشلىك قىزىل كارتا بېرىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش باشلاندى. ساقچىلارنىڭ كۆپ قېتىم ئارلىشىشى بىلەن مۇسابىقە ئەسلىگە كەلدى. چىلى كوماندىسىمۇ 2-0 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
ھەل قىلغۇچ جەڭ يەنە ئىككى قىتئە ئارىسىدا بولدى. بىرازىلىيە بىلەن چېخىسلىۋاكىيە قىتئەلەر دېربىسىنى قايتىلىدى. پېلى يارلانغاندا گارىنچا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ 3-1 نەتىجە بىلەن چېخىسلىۋاكىيەنى يىڭىپ بىرازىلىيە  ئارقىمۇ-ئارقا ئوزغۇن بولدى ۋە لوڭقا لاتىن ئامرىكىسىدا قايتا قالدى.

IMG_1504.PNG
1966-يىلى ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ ئاساسچىسى ئېنگىلادنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. ۋېيلى ئىسىملىك شىر تۇنجى قۇت بەلگىسى بۇلۇپ ئېلان قىلىندى. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بىر ئاي بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسى ئوغۇرلاندى. بىر ھەپتە كىيىن لوندون شەھەر ئەتراپىدىكى نورۇد دىگەن رايوندىكى باغچىنىڭ رىشاتكىسى تۈۋىگە كۈمۈلگەن يېرىدىن تاپتى. لوڭقىنى بېيكىلىز ئىسىملىك ئىت گىزىتكە ئوراقلىق ھالدا تاپقان.
شىمالى كورىيادىن باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى قاتنىشىشنى رەت قىلدى. سەۋەبى ئىككى قىتئەگە يېرىمدىن سان بەرگەن ئىدى. ياۋرۇپاغا 9، لاتىن ئامرىكىغا 4 سان بەرگەن ئىدى.
ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە يىغىلىشى 96924 تاماشىبىننىڭ ھازىرلىقىدا ۋېمبىلى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ساھىبخان ئېنگىلاند بىلەن سابىق غەربى گىرمانىيە قايتا ياۋرۇپا دېربىسىنى شەكىللەندۈردى. 90 مىنۇت ئىچىدە 2-2 تەڭلىشىپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئېنگىلاند ئىككى توپ ئۇرۇپ 4-2 نەتىجە بىلەن ئوزغۇن بولدى. شۇنىڭ بىلەن لوڭقىمۇ ياۋرۇپاغا قايتىپ كەلدى.

IMG_1509.PNG
1970-يىلى ساھىبخانلىق تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا ۋە لاتىن ئامرىكىسىدىن ئايرىلىپ مېكسىكىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇلدى. مېكسىكا ساھىبخانلىق تالىشىشتا ئارگىنتىنانى مەغلۇب قىلىپ، ئېنگىلاند ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوزغۇن بۇلۇپ بىۋاستە قاتناشتى. قالغان 14 بېلەت ياۋرۇپاغا 8، لاتىن ئامرىكىسىغا 3، شىمالى ئامرىكا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە بىردىن بېرىلدى. دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دائىملىق مىھمانلىرىدىن ئارگىنتىنا، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيەلەر شاللىنىپ كىتىپ قاتنىشالمىدى.
مۇسابىقىدە ئىككى زاپاس توپچىنى ئالماشتۇرۇش، قىزىل-سېرىق كارتا قائىدىلىرى يولغا قويۇلدى. (بۇرۇن ئېغىزاكى ئاگاھلاندۇرلاتتى) سۇنئى ھەمرا تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تىلىۋىزوردىن رەڭلىك مۇسابىقە كۆرۈش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى <<ئون ئەڭ>> قاتارىغا كىردى. بىرسى بىرازىلىيە بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ، يەنە بىرسى بولسا ئىتالىيە بىلەن غەربى گىرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ جەڭ ئىدى. كىيىنكىسىنىڭ <<ئەسىر مۇسابىقىسى>> دىگەن نامىمۇ بار.
107412 نەپەر تاماشىبىن يىغىلغان ئازتىكا مەيدانىدا بىرازىلىيە بىلەن ئىتالىيە ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كەلدى. ئىككىلى كوماندا ئىككى قېتىمدىن لوڭقا كۈتۈرۈپ باققان بۇلۇپ بۇ قېتىم يەنە بىر كۈتۈرۈپ <<جولىس رىمىت لوڭقىسى>> نى مەڭگۈلۈك ساقلاشقا بەل باغلىغان ئىدى. بىرازىلىيە 4-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ ئۆزىنىڭ <<پۇتبول شاھى>> ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا پېلى ئىسىملىك بىر <<پۇتبول شاھى>> دۇنياغا كەلدى. مارىيو زاگالو بولسا ئىككى قېتىم توپچى، بىر قېتىم مەشقاۋۇل سۈپىتىدە جەمى ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ئالغان كىشى بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ دۇنيا لوڭقىسى 1983-يىلى بىر تۈركۈم ئوغرىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ ئېرىتىلىپ يوق قىلىندى. بىرازىلىيە ھۈكۈمىتى ئەسلى نۇسخىسىغا تەقلىد قىلىپ بىرنى ياساپ بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىشتاپ بىناسىدا ساقلانماقتا.
ئەلقىسسە دۇنيا لوڭقىسىمۇ يەنە بىر قېتىم ياۋرۇپالىقلارنىڭ قۇلىدىن تارتىۋېلىنىپ لاتىن ئامرىكىسىغا قايتىپ كەلدى.

IMG_1508.PNG
1974-يىلى دۇنيا لوڭقىسى غەربى گىرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ئۆتكەن نۆۋەتلىكنىڭ تۇلۇقلىما نۇسخىسى بولدى. بىرازىلىيە <<رىمىت لوڭقىسى>> نى ئېلىپ كەتكەندىن كىيىن FIFA يەنە بىر لوڭقا لايىھەلەشكە مەجبور بولدى. ئىتالىيەلىك سېلۋىئو گاززانىگانىڭ ئەسىرى (ھازىرقى دۇنيا لوڭقىسى) تاللاندى. 1904-يىلى خەلقئار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رەئىس ياۋرۇپالىق بۇلۇشقا خاتىمە بېرىلىپ بىرازىلىيەلىك ئاۋىيلانج رەئىس بولدى. يەنە بىر ئۆزگىرىش بولسا 16 كۈچلۈكتىن 8 كۈچلۈك باسقۇچىغا كىرگەندىن كىيىن يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ گۇرۇپپىنىڭ بىرىنجى بولغانلىرى بىۋاستە ھەل قىلغۇچ ئوينايدىغان، ئىككىنجى بولغانلىرى 3-لىكنى تالىشىدىغان بولدى. ئۆتكەن نۆۋەتلىكتە يولغا قويۇلغان قىزىل كارتا جازاسىغا چىلىلىق كارلوس كارزالى تۇنجى ئۇچرىدى. چۈنكى ئالدىنقى نۆۋەتلىكتە قىزىل كارتا بەرگۈدەك ئەھۋال بولمىغان ئىدى. ۋە يەنە تۇنجى قېتىم روھلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلغان توپچىنى پاش قىلدى. ھايتىلىق ئارنىست سان جوزىف كىيىنكى مۇسابىقىلەردىن چەكلەندى.
ھەل قىلغۇچ مىيونخىن ئولىمپىك مەيدانىدا ئوينالغان بۇلۇپ پۇتبولدىكى ئىككى ئىسلاھاتچى دۆلەت غەربى گىرمانىيە بىلەن گوللاندىيە ئۇچراشتى. گىرمانىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ئىككىنجى قېتىم لوڭقا كۈتۈرۈش بىلەن بىرگە لوڭقىنى ياۋرۇپاغا قايتۇرۇپ كىلىپ ياۋرۇپانىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى.

IMG_1522.PNG
1978-يىلى دۇنيا لوڭقىسى رىقابەتچىسى مېكسىكا چېكىنىپ چىقىپ ئوڭچە قالغان ئارگىنتىنادا ئۆتكۈزۈلدى. كوكا-كولا شېركىتى تۇنجى ھەمكارلاشقان شېركەت بولدى. شاللاش باسقۇچىدىكى تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقىلەردە نۇقتا توپ تىپىپ يىڭىش-يىڭىلىشنى ئايرىش تۈزىمى يولغا قويۇلدى. لىكىن نۇقتا توپ تىپىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. چۈنكى پۈتۈن مۇسابىقىلار 90 مىنۇت ئىچىدە نەتىجىسى ئايرىلىپ بولۇنغان ئىدى. رېپىرلىك باش قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. مەسىلەن: بىرازىلىيە بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ 1-1 بولغان مۇسابىقىسىدە ۋاقىت توشۇشقا ئاز قالغاندا بىرازىلىيەگە بىر ئىختىيارى توپ پۇرسىتى كەلدى. زىكو بۇ توپنى تىپىپ كىرگۈزدى. لىكىن ۋېلىسلىق رېپىر كىلايىف توماس بۇ توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، چۈنكى توپ ھاۋادا كىتىپ بارغاندا پۇشتەك چېلىنغان ئىدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە پۇتبولغا سىياسەت كۈچلۈك تەسىر قىلدى. گوللاندىيەلىك كىرويىف ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىدى. (كىرويىف تۇتقۇن قىلىنىشتىن قورقۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان، كىيىن يەنە قاتناشقان) ساھىبخان كوماندا ئارگىنتىنانىڭ مۇسابىقىلىرى دائىم باشقا مۇسابىقىلەردىن كىيىن ئوينىلاتتى. گۇرۇپ مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا بىرازىلىيە پولشانى يىڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارگىنتىنا پىرونى 6-0 يەڭمىسە بولمايدۇ. ئالدىنقى يېرىم مەيدان  2-0 بۇلىدۇ. كىيىنكى يېرىم مەيدان 4 توپ ئۇرۇپ كىيىنكى باسقۇچقا كىرىدۇ. ئارگىنتىنادىكى پىرولۇق مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە يالغان توپ ئوينىغان دىگەن گۇمان قوزغىلىدۇ. پىرونىڭ قاپقاۋۇلىنىڭ ئارگىنتىنادىكى بانكا ھىسابات كارتىسى بۇ گۇماننى كۈچلەندۈرىدۇ. لىكىن ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئىشنى تەكىتلىيەلمىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كىيىنكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا مۇھىم مۇسابىقىلەرنى بىر ۋاقىتتا ئويناش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ساھىبخان ئارگىنتىنا بىلەن ئۆتكەن نۆۋەتتە ئىككىنجى بولغان گوللاندىيە ئوتتۇرسىدا ئوينالدى. ئاخىرىدا ئارگىنتىنا 3-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ تۇنجى لوڭقىسىنى كۈتۈردى ۋە يەنە بىر قېتىم ياۋرۇپا ئۈستىدىن غالىب كەلدى. گوللاندىيە بولسا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى قېتىم ھەل قىلغۇچتا يىڭىلىپ لوڭقا ئالالماي <<تاجىسىز شاھ>> قالپىقىنى كەيدى.

IMG_1521.PNG
1982-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. 1974-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ساھىبخانى گىرمانىيە ساھىبخانلىق رىقابىتىدىن چىكىنىپ چىقتى. 66-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئوزغۇنى ئېنگىلاند كوماندىسى 12يىللىق پىراقتىن كىيىن قايتىپ كەلدى. <<تاجىسىز شاھ>> مۇ بۇ چەمبىرەكنىڭ سىرتىدا قالدى. 70-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىن كىيىنكى يەنە بىر قىزىغان دۇنيا لوڭقىسى بولدى. بۇرۇنقى 16 كوماندا قاتنىشىدىغان تۈزۈم 24 كوماندىغا كۆپەيتىلىپ 6 گۇرۇپپىغا بۈلۈندى. ھەر بىر گۇرۇپپىنىڭ 1-2-بولغان 12 كوماندىنى يەنە 4 گۇرۇپپىغا بۈلۈپ ھەر  بىر گۇرۇپپىنىڭ بىرىنجى بولغان 4 كوماندا بىۋاستە 4 كۈچلۈككە كىرىدىغان قائىدە يۈرگۈزۈلدى. ھونگىرىيە بىلەن سېلۋادورنىڭ 10-1 مۇسابىقىسىدا  ھونگىرىيە ماھىرى لازلو كىس 8 مىنۇتتا قالپاق كىيىپ يىڭى رىكورد ياراتتى.
گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئالجىرىيە كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن گىرمانىيە كوماندىسىنى يەڭدى. 3-2 نەتىجە بىلەن چىلى كوماندىسىنى يەڭدى. لىكىن گىرمانىيە بىلەن ئاۋىستىرىيە كوماندىسى تىل بىرىكتۈرۈپ گىرمانىيە كوماندىسى بىر توپ ئالدىغا ئۈتۈۋالغاندىن كىيىن ۋاقىت توشقۇزۇپ گۇرۇپپىدىن قول تۇتۇشۇپ چىقتى. بۇ تارىختىكى <<خىخون سەتچىلىكى>> (non-aggression pact of gijon). بۇنداق ئەھۋالنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈنFIFA گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. يەنە بىر ئەھۋال كۇۋەيت بىلەن فىرانسىيەنىڭ  مۇسابىقىسىدە كۆرۈلدى. فىرانسىيەلىك ئالان گىرىسى كۈۋەيتكە بىر توپ ئۇردى. لىكىن كۈۋەيت توپچىلىرى سىرتتىن چېلىنغان پۇشتەك ئاۋازىنى روسىيەلىك رېپىر چالغان دەپ توختاپ قالغان، فىرانسىيە ماھىرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇرۇۋالغان. لىكىن كۇۋەيت پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى فەھەد ئەھمەد ئەلساباھ (كۇۋەيت ئەمىرىنىڭ قېرىندىشى) مەيدانغا كىرىپ نارازىلىق قىلغان ۋە توپچىلارنى مەيداننى تاشلاپ چىقىپ كىتىشكە بويرىغان. بۇ توپ رېپىر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز ھۈكۈم قىلىنغان بولسىمۇ ئاخىرقى نەتىجىدە 4-1 نەتىجە بىلەن يىڭىلىپ قالغان.
تارىختىكى كەسكىن جەڭلەردىن بىر قانچىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە بارلىققا كەلدى.

IMG_1523.PNG
1986-يىلى دۇنيا لوڭقىسى كولۇمبىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولدى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا كولۇمبىيە ساھىبخان بۇلالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ساھىبخاننى قايتا سايلاشتا مېكسىكا ئامرىكا بىلەن كانادانى يىڭىپ يەنە بىر قېتىم بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. بەختكە قارشى دۇنيا لوڭقىسىغا 8 ئاي قالغاندا مېكسىكىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى. كىشىلەر مېكسىكىنىڭ قۇدرىتى يەتمەسلىگىدىن ئەنسىرەشتى. بەختكە يارىشا مەيدانلار زىيانغا ئۇچرىمىغان بولغاچ داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بىر شەخسكە تەۋە بولدى. ئۇ دەل ئارگىنتىنا كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئىككىنجى ئەۋلاد <<پۇتبول شاھى>> دىگو ئارماندو مارادونا ئىدى. ئارگىنتىنانىڭ ئېنگىلاند بىلەن بولغان مۇسابىقىسى فوكلاند ئۇرۇشىنىڭ يىشىل مەيداندىكى تىركىشىشى ئىدى. دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ ئەشەددى رەقىبلەر تۇتۇشتى. مارادونا مۇداپىئەچىلەرنىڭ ئارىسىدىن قاڭقىپ چىقىپ پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق <<سېھىرلىك قول توپ>> نى ئۇردى. (باشقىچە ئاتىماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن) بۇ ناھەق توپقا قايىل بولمىغانلارغا ئېنگىلاند كوماندىسىنىڭ 5 ماھىرىنى ئالداپ ئۈتۈپ دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپنى ئۇردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مېكسىكا شەھرىدىكى ئازتىكا مەيدانىدا ئوينالدى. گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىسى ئىككى قىتئەنىڭ رىقابىتىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئارگىنتىنا كوماندىسىدىن ۋالدانو بىلەن خوسىي بىراۋون توپ ئۇرۇپ ئالدىغا ئۆتتى. گىرمانىيە كوماندىسىدىن رودى ۋوللېر بىلەن كارل رومىنىگ توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتۇردى. مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىنلەشتى. مارادونا باشچىلىقىدىكى ئاجىز ئارگىنتىنا كوماندىسى قەدەممۇ-قەدەم ئالغا ئىلگىرلەپ ھەل قىلغۇچقا كەلگەنىدى. ئازغىنا ۋاقىتتى  كىيىن 90 مىنۇت توشۇپ مۇسابىقە ۋاقىت قوشۇش باسقۇچىغا كىرەتتى. دەل شۇ چاغدا ئارگىنتىنا كوماندىسىدىكى بۇرۇگگاجا گىرمانىيە كوماندىسىغا ئەجەللىك بىر توپ ئۇرۇپ <<بوغۇزلىدى>>. ئارگىنتىنا كوماندىسى ئىككىنجى قېتىملىق لوڭقىسىنى كۈتۈردى ۋە لوڭقا جەنوبى ئامرىكا قىتئەسىگە قايتىپ كەلدى.

IMG_1597.JPG
1990-يىلى <<ئىتالىيەدە ياز>> بولدى. ئىتالىيە مېكسىكىدىن كىيىنكى ئىككى قېتىم ساھىبخان بولغان ئىككىنجى دۆلەت بولدى. دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغىلى 40 يىل بولغان ئامرىكا، 56 يىل بولغان مىسىر قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ نىزامىمۇ ئۆتكەن نۆۋەتلىككە ئوخشاش بولغان. ئوتتۇرچە توپ كىرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بۇلۇپ تارىختىكى ئەڭ زېرىكىشلىك بىر نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسى بولغان. گىرمانىيە كوماندىسى ئازراق ھۇجۇمغا كۈچەپ قويغاندىن باشقا كوماندىلار ئاساسلىق تەڭلىشىشكە ئويناپ نۇقتا توپ بىلەن نەتىجە بەلگىلەش يولىنى تاللىغان. 16 قىزىل كارت چىقىرىلغان.
ئۆتكەن نۆۋەتتىكى ئارگىنتىنا كوماندىسىدىن تېخىمۇ ئاجىز بولغان ئارگىنتىنا كوماندىسى ئىككىنجى ئەۋلاد <<پۇتبول شاھى>>  مارادونادەك بىر يولباشچىنىڭ يىتەكچىلىگىدە قەدەممۇ-قەدەم ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يىتىپ كەلدى. ھەل قىلغۇچ جەڭدە گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن لوڭقا تالاشتى. مۇسابىقە 85-مىنۇتقا كەلگەندە گىرمانىيە كوماندىسى بىر تالاش-تارتىشلىق نۇقتا توپقا ئېرىشتى ۋە مۇداپىئەچى ئاندىرياس بېرىمى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە كوماندىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۈچىنى ئالغاندىن سىرت لوڭقىنى ياۋرۇپاغا قايتۇرۇپ كەلدى. گىرمانىيە كوماندىسىمۇ بىرازىلىيەدىن كىيىن يەنە بىر ئۈچ قېتىم لوڭقا ئالغان كوماندىغا ئايلاندى. ئەپسۇسلىنارلىق ئۈچ قېتىم لوڭقا كۈتۈرگەن كوماندا لوڭقىنى مەڭگۈ ساقلايدۇ دىگەن تۈزۈم ئەمەلدىن قالغان ئىدى.


1994-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۆتكەن نۆۋەتلىكتە توپنىڭ ئاز كىرىشى، كوماندىلارنىڭ ئىھتىيات بىلەن ئوينىشى، قىزىل كارتىنىڭ كۆپ كۆرىلىشى (16 قىزىل كارت) مەستانىلەرنى قىزىمىغان بىر دۇنيا لوڭقىسى دىگەن ھالغا كەلتۈردى. ئامرىكىدىكى ئۈچ چوڭ توپ تۈرىگە (ۋاسكىتبول، زەيتۇن توپ ۋە كالتەك توپ) كىرمەيدىغان ئۇچۇقراقىنى دىگەندە پۇتبولغا قىزىقمايدىغان بىر دۆلەتكە ساھىبخانلىقنى تاپشۇرۇش مەستانىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىلىرىدىن بىرى بۇلۇپ قالدى. 52 مەيدان مۇسابىقىدە 3.6 مىليون تاماشىبىن نەق مەيدانغا كەلدى. ئوتتۇرچە ھىساپتا ھەر مەيداندا 69 مىڭ تاماشىبىن يىغىلىپ 1966-يىلىدىكى 51 مىڭ تاماشىبىن رىكوردىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
نورۋىگىيە كوماندىسى 56 يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم قاتناشتى. بەزىبىر قائىدىلەر ئۆزگەردى. ئۆتكەن نۆۋەتتىكىدەك بېكىنمە ئويناشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن يەڭگەن كوماندىغا 3 نۇمۇر بېرىش تۈزىمى قوللاندى. ھۇجۇم پۇتبولىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن قاپقاۋۇل ئۆز توپچىلىرى بەدەننىڭ ئاستى تەرىپىدىن قايتۇرغان توپلىرىنى تۇتۇشنى چەكلىدى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە <<ئەتىرگۈل مەيدانى>> دا ئوينالدى. بىر ئەۋلاد داڭدار ماھىرلاردىن تەركىب تاپقان ئىتالىيە بىلەن ھەشەمەتلىك ماھىرلاردىن تەركىب تاپقان بىرازىلىيە كوماندىسى ئۇچراشتى. بۇ 1970-يىلدىكى ھەل قىلغۇچنىڭ قايتىلانغان نۇسخىسى ئىدى. ئىككىلى كوماندا تارىختا ئۈچ قېتىمدىن لوڭقا كۈتۈرۈپ باققان بۇلۇپ تۆتىنجى لوڭقىنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن ئىككىلى تەرەپ بارلىقىنى ئاتىشى مۇمكىن ئىدى. نەتىجىدە 120 مىنۇت مۇسابىقە 0-0 ئاخىرلىشىپ نۇقتا توپ باسقۇچىغا كەلدى. ئىتالىيە كوماندىسىدىن كاپىتان بارىسى بىلەن پۇتبول شاھلىرىدىن بىر شاھ بۇلۇشقا بىر قەدەم قالغان باگگىئو نۇقتا توپنى ئاسمانغا ئۇچۇرۋەتتى. ئۇ ئىككى داڭلىق چولپان نۇقتا توپنىلا ئەمەس ئىتالىيە ئالماقچى بولغان 4-لوڭقىنى ياۋرۇپا ساقلاپ قالماقچى بولغان لوڭقىنى تىپىپ ئۇچۇرۋەتكەن ئىدى. بىرازىلىيە بولسا تۆتىنجى قېتىم لوڭقا كۈتۈرۈپ شاھلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

IMG_1531.PNG
1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. مېكسىكا ۋە ئىتالىيەدىن كىيىن ئىككى قېتىم ساھىبخان بولغان يەنە بىر دۆلەت بولدى. مۇسابىقىنىڭ توپى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاق-قارا رەڭلىك بۇلۇپ بۇ نۆۋەتتە رەڭلىك توپ ئىشلىتىلدى. توپنىڭ ئىسمى تىرى كولور (tri-coclor) يەنى ئۈچ خىل رەڭ دىگەن بۇلۇپ فىرانسىيە بايرىغىنىڭ رەڭلىرى بار ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە بىر شۆھرەت قازانغىنى مۇسابىقىنىڭ ناخشىسى بۇلۇپ رىكى مارتىننىڭ ئىجراسىدىكى <<ھاياتلىق لوڭقىسى>> (la copa de la vida). FIFA نىڭ قارارى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانى 32 دۆلەتكە كۆپەيتىلدى. بۇندىن بۇرۇنقى نۆۋەتلەردە ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بۇلۇش سەۋەبلىك ياۋرۇپا ۋە لاتىن ئامرىكىسىنىڭ سانىغا تەگمىگەن ئاساستا سان قوشۇلۇپ بېرىلدى. ياپونىيە، يامايكا، جەنوبى ئافرىقا، كىرودىيە قاتارلىق يىڭى مىھمانلار قوشۇلدى. جەمى 171 توپ كىرىپ تارىختىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن دۇنيا لوڭقىسى بولدى. (2014-يىلىمۇ ئوخشاش 171 توپ)
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىرازىلىيە بىلەن ساھىبخان فىرانسىيە ئوتتۇرسىدا ئوينالدى. <<تاشقى پىلانت ئادىمى>> ئاتالغان رونالدونىڭ ئىپادىسى بەك ئادەتتىكىچە بولدى. ئەكسىچە زىدانى قالتىس ئىپادىسى بىلەن فىرانسىيەگە تۇنجى دۇنيا لوڭقىسىنى ئېلىپ بەردى ۋە لوڭقىنى ياۋرۇپاغا قايتۇرۇپ كەلدى.

IMG_1543.PNG
2002-يىلى ساھىبخانلىقنى كورىيە-ياپونىيە بىرلىشىپ مېكسىكا بىلەن تالاشتى. كومىتىتنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ئاۋاز تاشلانماي تۇنجى قېتىم ئاسىيا قىتئەسىگە تاپشۇرۇلدى. ياۋرۇپا، لاتىن ئامرىكا ۋە شىمالى ئامرىكا قىتئەسىدىن كىيىن ساھىبخانلىق كەلگەن يەنە بىر يىڭى قىتئە بولدى. شۇنداقلا تۇنجى ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە بولدى. جەنوبى كورىيە بىلەن ياپونىيە ساھىبخان سۈپىتىدە قاتناشتى. فىرانسىيە ئوزغۇن سۈپىتىدە قاتناشتى. شۇنداقلا ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوزغۇن تاللاش مۇسابىقىسى ئوينىماي بىۋاستە قاتنىشىش قائىدىسىگە خاتىمە بېرىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەردى. ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئوزغۇن فىرانسىيەنىڭ تۇنجى مەيدان سېنگالغا يىڭىلىپ قېلىشى ۋە گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىقى. ئارگىنتىنا ۋە ئۇرۇگۋاي قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنىڭمۇ گۇرۇپپىدىن چىقالماسلىقى. ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 16 كۈچلۈكتە شاللىنىشى. كورىيە ۋە تۈركىيەدەك ئويلىمىغان كوماندىلارنىڭ 4 كۈچلۈكتىن ئورۇن ئېلىشى قاتارلىقلار.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ توپىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئۇزۇن مەزگىل چوڭ مۇسابىقىلەردە قوللىنىلغان كىلاسسىك <<تانگو>> پۇتبولىدىن يىڭى تېخنىكا قوللىنىلغان ئۆزگىچە پۇتبولغا ئالماشتى. ئادىداس شېركىتى ياسىغان <<فېۋىرنوۋا>> پۇتبولىغا كاۋچۇك ماددىسى زىيادىتىلىپ قاڭقىش ۋە ھاۋادىكى پېقىراش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. توپنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئۈچ خىل رەڭلىك گىئومىتىرىك شەكىل بېسىلغان بۇلۇپ ئۈچ ئەجدىھارغا سىمۋوللۇق قىلاتتى.
يىڭى لايىھەلەنگەن بۇ توپقا بەزى توپچىلارنىڭ نارازىلىق پىكرىمۇ بولدى. شاللىنىپ كىتىشنىڭ سەۋەبلىرىنى پۇتبولدىن كۆرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس. لىكىن بۇ خىلدىكى توپ ئىشلىتىلىپ توپ كىرىش سانى ئاشتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بىرازىلىيە بىلەن گىرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى. بۇ ھەل قىلغۇچ ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى تۇنجى ئۇچرۇشۇش ئىدى. نەتىجىدە <<تاشقى پىلانىت ئادىمى>> رونالدونىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن 2-0 گىرمانىيە كوماندىسنى مەغلۇب قىلىپ تارىخىدىكى 5-لوڭقىنى كۈتۈرۈپ ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى زومىگىرى ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. دۇنيا لوڭقىسىمۇ شەرەپلىك ھالدا ياۋرۇپادىن لاتىن ئامرىكىسىغا قايتتى.

IMG_1587.PNG
2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىن باشلاپ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئوزغۇن بىۋاستە قاتنىشىش قائىدىسى ئەمەلدىن قالدى. ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشمۇ ئەمەلدىن قالدى. دۇنيا لوڭقىسى ساھىبخانلىقىنى بىرازىلىيە،گىرمانىيە، ماراكەش، جەنوبى ئافرىقا ۋە ئېنگىلاند تالاشتى. بىرازىلىيە چىكىنىپ چىققاندىن كىيىن گىرمانىيە بىلەن جەنوبى ئافرىقا قايتا-قايتا ئاۋازغا قويۇلۇپ گىرمانىيە ئىككىنجى قېتىملىق ساھىبخانلىقنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىملىق ساھىبخانلىقنى تالىشىش FIFA نىڭ بىر سەتچىلىكى. ئاۋاز تاشلاشتا گىرمانيە 12-11 نەتىجە بىلەن يىڭىدۇ. ئەمما تاراتقۇلار ئاۋاز تاشلاشتا <<ئۇيۇن>> بارلىقىنى، بەزى كومىتىت ئەزالىرىنىڭ پارا قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. FIFA تەرەپ بولسا بۇنىڭ بىر چاقچاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئوكىئانىيە ۋەكىلى چارلىز دېمپىسىي جەنوبى ئافرىقىغا بېلەت تاشلىماقچى بولغان، ئاۋىستىرالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ ئېنگىلاندقا تاشلىمىسا جەنوبى ئافرىقىغا تاشلىماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن ئاۋىستىرالىيە <<چىدىغۇسىز بېسىم>>غا چىدىمىغانلىق سەۋەب بىلەن ھوقوقىدىن ۋاز كەچكەن. شۇنداق بولغاندا ئوكىئانىيە ۋەكىلى ۋەدىسىدە تۇرغان بولسا نەتىجە 12-12 بۇلۇپ قايتا ئاۋازغا قويۇشقا توغرا كىلەتتى. يوقۇرقىدەك قالايماقانچىلىقلار ئىچىدە جەنوبى ئافرىقا نەتىجىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ ۋاقىتتىكى رەئىس بولسا جەنوبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشنى خالايتتى. 2010-يىلى ئافرىقا قىتئەسى ساھىبخان بۇلىدىغان قارار بىلەن بۇ ئىش بېسىقتى ۋە كىلەر نۆۋەتتىن باشلاپ قىتئەلەر نۆۋەتلىشىپ ئۆتكۈزۈش بېكىتىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى تارىختىكى تىلىۋىزور تاماشىبىنى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىقى بۇلۇپ 26.29 مىليارد ئادەم قېتىمغا يەتتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى. زىدانىنىڭ دۇنياغا داڭلىق <<كاللا ۋەقەسى>> دىن كىيىن ئىتالىيە كوماندىسى نۇقتا توپتا فىرانسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ تارىخىدىكى 4-لوڭقىنى كۈتۈردى ۋە لوڭقىنى ياۋرۇپاغا قايتۇرۇپ كەلدى.
رونالدو جەمى 14 توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى مەرگىنى بولدى.

IMG_1595.PNG
2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋەدە قىلىنغان بۇيىچە ئافرىقا قىتئەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. جەنوبى ئافرىقا ساھىبخان بولدى. ساھىبخانلىق تالىشىشقا لىبىيە بىلەن تۇنىس شېرىك (ئافرىقىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىككى دۆلەت شېرىك ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان)، مىسىر، ماراكەش، جەنوبى ئافرىقىلار مۇستەقىل قاتناشتى. تۇنىسنىڭ ۋاز كىچىشى بىلەن لىبىيەنىڭ ئەمەلدىن قالدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ توپىنى ئادىداس شېركىتى لايىھەلەپ ئىسمىنى <<گابولانى>> (تەبرىكلەيلى) قويدى. بۇ توپقىمۇ نۇرغۇن ماھىرلارنىڭ نارازىلىك پىكرى چىقتى. بۇلۇپمۇ قاپقاۋۇللار كىلىۋاتقان توپنىڭ يۈنىلىشىنى پەملىيەلمەسلىك ۋە قولدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بىنورمال قاڭقىشىدىن ۋايسىدى. كىشىنى بىزار قىلىدىغان سۇناي <<فوفوزىلا>> نىڭ 120 دېستىبىلغا يىتىدىغان ئاۋازى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى. 2009-يىلى قىتئەلەر لوڭقىسىدا چېلىنىشقا باشلىغان بۇ سۇناي كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ پىلاتىر بۇ مىللى-مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى دەپ رۇخسەت قىلدى. <<رەمبال>> سىيا بېلىق پائول مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى توغرا تېپىۋېلىپ داڭقى چىقتى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تارىخىدا تۇنجى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن 32 يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن گوللاندىيە كوماندىسى ئارىسىدا ئوينالدى. بۇ ھەل قىلغۇچ ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە ئوخشاش ياۋرۇپا ئىچكى ئۇرۇشى بۇلۇپ ئىسپانىيەنىڭ 116-مىنۇتتا ئۇرغان بىر توپى بىلەن تۇنجى قېتىم لوڭقىنى ئىگىز كۈتۈردى ۋە لوڭقىنى ياۋرۇپادا ساقلاپ قېلىش شەرىپىگە ئېرىشتى.

IMG_1598.PNG
2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسى تەرتىب بىلەن چۆگىلەپ لاتىن ئامرىكىسىغا كەلدى. پۇتبول دۆلىتى، دۇنيا لوڭقىسى شاھى بىرازىلىيە ساھىبخان بولدى. مېكسىكا، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گىرمانىيەدىن كىيىنكى ئىككى قېتىم ساھىبخان بولغان 5-دۆلەت بولدى.
ئۆتكەن نۆۋەتتىكى لامپاردنىڭ گىرمانىيەگە ئۇرغان ئىناۋەتلىك توپى ھىساب قىلىنمىغاندىن كىيىن بۇ نۆۋەتتىن باشلاپ <<قاپقا سىزىقى تېخنىكىسى>> يولغا قويۇلدى. بۇ FIFA نىڭ ئۈچىنجى قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە بۇ تېخنىكىنى قوللىنىشى بۇلۇپ 2012-يىلى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى ۋە 2013-يىلى قىتئەلەر لوڭقىسىدا ئىشلىتىلگەن.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە تارىختىن بۇيانقى ھەممە دۇنيا لوڭقىسى ئوزغۇنلىرى جەم بولغان بىر نۆۋەت. ئۇرۇگۋاي، ئىتالىيە،گىرمانىيە، بىرازىلىيە، فىرانسىيە، ئېنگىلاند ۋە ئىسپانىيىلەر. يوقۇرقى 8 ئوزغۇن دۆلەتتىن ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە ئېنگىلاند كوماندىلىرى گۇرۇپپىدىلا شاللاندى. ئۇرۇگۋاي 16 كۈچلۈكتە شاللاندى. فىرانسىيە چارەك ھەل قىلغۇچتا شاللاندى. بىرازىلىيە، گىرمانىيە، ئارگىنتىنا قاتارلىق ئوزغۇنلارغا <<تاجىسىز شاھ>> گوللاندىيى قوشۇلۇپ 4 كۈچلۈك شەكىللەندى.
ھەل قىلغۇچ ئارگىنتىنا بىلەن گىرمانىيە ئوتتۇرسىدا ئوينىلىپ گىرمانىيى غەلىبە قىلىپ تارىخىدىكى 4- لوڭقىنى ئالدى. تۇنجى لاتىن ئامرىكىسىدا لوڭقا كۈتۈرگەن ياۋرۇپا كوماندىسى بولدى. شۇنداقلا ياۋرۇپا كوماندىلىرىنىڭ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت ئوزغۇن بۇلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


خۇلاسىلىگەندە ياۋرۇپا 11 لوڭقا بىلەن 9 لوڭقا ئالغان لاتىن ئامرىكىسىدىن بىر ئاز ئۈستۈنلۈكتە. لىكىن لاتىن ئامرىكىسىدىن قاتنىشىدىغان 4.5 سان بىلەن ياۋرۇپادىن قاتنىشىدىغان 13 ساننى سېلىشتۇرساق لاتىن ئامرىكىسىنىڭمۇ بوش كەلمىگەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.
زادى قايسى قىتئە پۇتبول دۇنياسىغا ھۈكۈمران؟
IMG_1530.PNG
IMG_1596.JPG

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +1150 تۆھپە +30 شۆھرەت +20 تەجرىبە +20 يىغىش سەۋەبى
دەۋران75 + 50 قالتىس!
A.alim + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ھەقىقەت + 1000 قوللاش!
ئارزۇ + 10 قالتىس!
يۇرتۇم7 + 50 + 10 + 10 + 10 很好,支持!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 612
تېما سانى : 451
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 74973 ياۋرۇ
تىللاسى : 54 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4109 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-8-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 21:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقىدەك بىرەر شەخسكە تايىنىپ لوڭقا ئالغىلى بولىدىغان دەۋىرلەر ئەمدى كەلمەسمىكى، جەنۇبىي ئامېرىكىلىقلارنىڭ شەخسىي تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، ياۋرۇپا كوماندىلىرى بولسا كوللىكتىپنى ئاساس قىلىدۇ.
يېقىنقى خېلى يىللاردىنبېرى كوللىكتىپلاشقان كوماندىلاردىن لوڭقا ئاشمايۋاتىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىمۇ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت دۇنيا لوڭقىسىنى ئالالمىدى، 2018تېخىمۇ تەس.
سەندىن تەپ تارتىدىغان، سەندىن قورقىدىغانلار ئىلاجىسىز ئارقاڭدىن گەپ تاپىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13727
تېما سانى : 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117011 ياۋرۇ
تىللاسى : 23 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3560 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-2-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 21:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپلا ،،دىمەك لاتىن ئامېرىكىسى يەنىلا نىسبەت بويىچە ھىساپلىساق ئالدىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6465 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1360 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 21:56:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن ئەسىردە لاتىن ئامىرىكىسى گۈللەنگەن ، يىڭى ئەسىر كىرىشى بىلەن ياۋروپا گۈللەندى، مىنىڭچە يەنە يىگىرمە ئوتتۇز يىلغىچە ياۋروپا پۇتبولنىڭ غوجىسى بوپ ماڭالايدۇ، بەلكىم تىخىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە ياۋروپا پۇتبولنىڭ ئاتامانى بولىشى مۇمكىن …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

نادىرچىيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزاكومتىت ئەزاسىمادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15412
تېما سانى : 324
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 3091 ياۋرۇ
تىللاسى : 1 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5694 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-3-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 22:01:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-6-6 22:16  

ھازىرقى پۇتبولنىڭ تەرەقىياتى كوللىكتىپ ماسلىشش، تاكتىكا يېڭلقىنى ئاساس قىلىدۇ. تەرەققىي قىلىش يۈزلىشنىمۇ شۇ، 2005- يىلدىن كېيىن دۇنيا پۇتبولىنىڭ يۈزلىنشى بۇرۇنقى 11 ئادەم ئويناشتىن تېرنىر ۋە تاكتىكا ئويناشقا قاراپ يۈزلەندى، بولۇپمۇ بۇنىڭ تىپىك ۋەكلى تىكى- تاكا تاكتىكسىنىڭ بەرپاچىسى پېپ گوئارىدئولانىڭ باشلقىدىكى 2009- يىلدىن 2012- يىلغىچە بولغان بارسېلونا ئىككىنىچ چۈش كوماندىسى، بارسېلونا تىكا تىكى - تاكاسىنى ئاساس قىلغان 2008- 2012-يىلدىكى ئىسپانىيە كوماندىسى ، 2013- يىلدىكى بايرېن، 2014- دىكى گېرمانىيە،  2016 - يىلدىكى پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى، 2017- يىلدىكى خانلىق مادرىد بۇنىڭ تىپىك ۋەكلى.
جەنۇبىي ئامېركىنىڭ ھۇجۇمى كۈچلۈك شەخىسىي تېخنىكنى ئاساس قىلىدۇ، ياۋروپا پۇتبولى تاكتىكا ماسلىشش، تاكتىكا يېڭلقىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا جەنۇبىي ئامېركا تاكتىكا يېڭلقنى قۇبۇل قىلىپ ئويناش ئۇسلۇبىنى يېڭلىمسا بۇ 9v11  دېگەن پەرىق ھەتتا 20-15 دە 9 غا چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. ياۋروپاغا  بېرىلگەن ساننىڭ ئاز كۆپلىكنىڭ پەرقىنى ياۋروپادىكى دۆلەت سانى بىلەنمۇ مۇناسۋەتلىك. لىكى ياۋروپادىن چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن كوماندىلارنىڭ سانىمۇ شۇ نەچچە دۆلەتلا مونۇپۇل قىلۋالغان. جەنۇبىي ئامېركىغا ئوخشاش ياۋروپاغىمۇ 4 ياكى  بەش سان بەرسىمۇ ئوخشاشلا چىمپىيۇنلۇق سانى يەنىلا 10 دىن تۆۋەن بولمايدۇ.
شۇڭا ياۋروپا ھۆكۈمران ئورۇندا
    توغىرلاپ قويۇلغان سائەتلەر ئەمەس گۈزەل ئارزۇلار بىزنى ئويغاتسۇن ! ـــــ ئۇچتىكىن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6465 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1360 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 22:03:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاتىن ئامىرىكىسىنىڭ يۈزىنى بىرازىليە كۆتۈرۈپ قويۇپتىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15852
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9786 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 697 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-11
ۋاقتى: 2017-6-6 22:05:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا قالغاندا ئېلىۋالغان لۇڭقىدىن خېلى باركەنھە لاتىن ئامىركىسىنىڭ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
سىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15852
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9786 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 697 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-11
ۋاقتى: 2017-6-6 22:07:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپالىقلار لاتىن ئامىركىسىدىكىلەرگە پۇتبول تىپىشنى ئۈگەتكەن لاتىن ئامىركىسىنى پەيدا قىلغانلارمۇ تەرەققى قىلدۇرغانلامۇ ياۋرۇپالىقلار ئارگىنتىنا بىلەن بىرازىلىيە ئەڭ پايدىلانغانلاغۇ دەيمەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
سىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيمىز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12817
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2253 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2766 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-6-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-6-6 22:19:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ما تېمىنى يېزىش راۋرۇس قول تۇتۇپ قۇيىدۇ دە ، تېما ئىگىسى ھارمىغايسىز .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16056
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2444 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1953 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-8-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-26
ۋاقتى: 2017-6-6 22:20:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇلنىڭ تىخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ پۇتبۇلغا سىڭگەن تەرەققىيات ۋە تاكتىكىلار ئاز ئەمەس ، شۇنىڭدىن تارتىپ ياۋرۇپالىقلار لاتىن ئامرىكىلىقلاردىن ئىشىپ چۈشىۋاتىدۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
باشقىلارنىڭ ئ‍ورنىغا ئۆزۈڭنى قويۇپ باققىن يىغلاتما،يىغلاپ قالىسەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەمۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13758
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100102 ياۋرۇ
تىللاسى : 11 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1328 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-3-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-19
ۋاقتى: 2017-6-6 22:31:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىتىم تىما ئىگىسىڭە ھۆرمەت   مىنىڭچە لاتىن ئامرىكىسى  ئۇراگىۋاي   ئارگىنتىنا   بىرازىليە  ھارىرقى  يىڭىدىن تەرەققى قىلغان  چىلى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەمۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13758
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100102 ياۋرۇ
تىللاسى : 11 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1328 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-3-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-19
ۋاقتى: 2017-6-6 22:33:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ياۋرۇپا دا گىرمان ئىتالىيە  ئىنگىلاند ئسپان فىرانسىيە   يەنە  ھازىرقى پورتىگال يەنە بىلگىيە  كۇچ سىلىشتۇرمىسى  جەھەتتە  يەنىلا  ياۋرۇپا  كۇچلۇك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-11-21 17:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش