كۆرۈش: 5089|ئىنكاس: 48

رونالدۇنىڭ تەبرىكلەش ھەرىكىتىگە قىزىقامسىز ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1075
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 213512 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3157 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12


پۇتبول دۇنياسىدا ، ئاساسەن ھەر بىر قاتىل ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەلگە خاراكتېرلىك تەبرىكلەش ھەركىتى بولىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىشلىمەكچى بولغان تەبرىكلەش ھەركىتىنى كۆپ قېتىم رىپىتىس قىلىدۇ . مەلۇم بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە ۋاقىتتا ، ئىجادىيەت ۋە قىزىقارلىق ئۆزىگە خاس بولغان تەبرىكلەش ھەركىتى پۇتبول دۇنياسىدا مەڭگۈ كىلاسسىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

رونالدونىڭ توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى ئىشلىگەن تەبرىكلەش ھەركىتى ئىزچىل توپ مەستانىلىرى ھەۋەس بىلەن سۆزلىشىدىغان سۆز تىمىسىغا ئاللىقاچان ئايلىنىپ بولغان ئىدى . ئەمدى بىز پۇتبول تور بېكىتى بولغان «bleacherreport» نىڭ ماقالىسىدىكى رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر بىرىدىن ئېسىل بولغان تەبرىكلەش ھەركىتىنى ، شۇنداقلا رونالدونىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى .

IMG_2741.JPG

ئەگەردە سىز كىرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان توپنى كىرگۈزدىغان توپچى بولسىڭىز ، ئۇنداقتا بەزى تەبرىكلەش ھەركەتلىرى ئۆزىڭىزمۇ بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا تەبىئىي يۈز بىرىدۇ . پورتۇگالىيە تەنتەربىيە كوماندىسى ئۈچۈن 5 توپ كىرگۈزگەن ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۈچۈن 118 توپ كىرگۈزگەن ، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن رىكورتى يارىتىپ 71 توپ كىرگۈزگەن ، يەنە بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلىي سىغمايدىغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن 400 توپنى قوشىدىغان بولساق ، ئۇنداقتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەر بىر كۇلۇبتا ناھايىتى گۈزەل بولغان ئەسلىمىلىرى بولغان ئىدى .

ئۇنداقتا بىز رونالدونىڭ ئىلگىرى قايسى كىلاسسىك بولغان تەبرىكلەش ھەركەتلىرىنى ئىشلىگەنلىكى ، ھەمدە شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتنىڭ كەينىدە ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ قانداق گىگانت چولپان يولىنى بىسىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى .


كىيىمنى سىلىپ تەبرىكلەش

IMG_2742.JPG

كىرىستىيانو رونالدو كۆپ قېتىم كىيىمىنى سىلىپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ بەدەن مۇسكۇللىرىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ كەسپىگە بولغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئىرادە ۋە قاتتىق تەلەپچان روھنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى تامامەن بولىدۇ .

2014- يىلى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نوقتا توپنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىنكى كىيىمىنى سىلىپ ئىشلىگەن تەبرىكلەش ھەركىتى ، شۈبھىسىزكى ئەڭ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ھەركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بىراق بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ تۇنجى قېتىم بۇ ھەرىكىتىنى ئىشلىشى بولماستىن ، بەلكى ئىلگىرى 2002 - يىلى ، دەل كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە تەنتەربىيە كوماندىسى ئۈچۈن يەنى كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا ، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ئۇچىدىكى توپ كىيىمىنى سىلىۋىتىپ تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان .

ئەلۋەتتە سىز بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ نازۇك يەرلىرىدە بىرسى بىرسىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيسىز . ئۇ يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانغا ئايلىنىپلا قالماستىن بەلكى يەنە كىرىستىيانو رونالدو شۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئورۇق يىغلاڭغۇ كەلگەن بىر كىچىك بالا ھازىرغا كەلگەندە ، پۈتۈن بەدىنى مۇسكۇللارغا تولغان بەستلىك كەلگەن جەڭچىگە ئايلاندى . رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىر قۇر ئاسما مايكىسى بار بولۇپ ، ھازىرقىدەك پىشىپ يېتىلگەن مۇسكۇللىرىنى نامايان قىلغىدەك بولمىغان ئىدى .


بارمىقىنى كۆرۈش سۇپىسىغا قارىتىش

IMG_2743.JPG

كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، لىسىبۇن رىقابەت كوماندىسىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغىچە بولغان ئارلىق دەل ئۇنىڭ گىگانت چولپانغا ئايلىنىش قەدىمىنىڭ باشلانغان نوقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

دەسلەپكى كەلگەن ۋاقىتتا خۇددى چۈش تىياتىرىدەكلا ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى . كىرىستىيانو رونالدو ئاۋالقىدەكلا ئۆزىنىڭ يەككە ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بىرىپ كوماندىنىڭ مەستانىلىرى بىلەن ئۆز سەبداشلىرىغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىك ۋە باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . بىر يان ھۇجۇمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، شۇ ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ يەنىلا ئەجەللىك ئاخىرلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كەمچىل بولغان بولۇپ ، لېكىن خۇشاللىنارلىقى شۇكى ، ئەينى ۋاقىتتىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئادەمنىڭ ئىسمى فېرگۇسون ئىدى .

فېرگۇسون مەشقاۋۇلنىڭ يىتەكلىشى ئاستىدا ، ئوڭ پۇتىدا توپ تىپىدىغان كىرىستىيانو رونالدو سول پۇتىدا توپ تىپىدىغان توپچىغا ئايلانغان بولۇپ ، ئاستا ئاستا ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ يان يولدىكى ئەڭ ھەيۋەت زەربىدارغا ئايلانغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانلىرىمۇ زور دەرىجىدە ئۆسۈشكە باشلىغان ئىدى .

گەرچە كىرىستىيانو رونالدونىڭ سىرلىق بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى بولمىسىمۇ ، لېكىن بىلىكىنى كۆتۈرۈپ قولىنى كۆرۈش سۇپىسىغا قارىتىش ئاستا ئاستا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ تونۇشلۇق بولغان قالتىس ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئىدى .


قول بىلەكلىرىنى كەڭ ئىچىش (مانچىستىر)

IMG_2744.JPG

مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان ئالدىنقى ئىككى پەسىللىك مۇسابىقىدە ، كىرىستىيانو رونالدو ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە پەقەتلا 4 توپ ۋە 5 توپ كىرگۈزگەن ئىدى . لېكىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىنكى ئاخىرىقى ئىككىنچى پەسىللىك مۇسابىقىدە ، كىرىستىيانو رونالدو ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە 31 توپ كىرگۈزگەن ئىدى .

ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، كېيىن كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ۋە كوماندىدىكى ئورنىنى پەيدىنپەي تونۇپ يەتكەن بولۇپ ، ھەمدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ توپ كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىنكى ھەرىكىتى ھەر بىر ئادەمنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىۋالاتتى . قول بىلەكلىرىنى ئىچىپ تەبرىكلەش ھەرىكتى بولسا ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كونا تراففورد مەيدانىدىكى تۇرمۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، بۇ ھەرىكەتمۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى .


قولىنى كەڭ ئىچىش (مادرىد)

IMG_2745.JPG

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا يىڭى كەلگەن ۋاقىتتا ، كىرىستىيانو رونالدو يەنە بۇ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ ، لېكىن بۇ قېتىم كىرىستىيانو رونالدو دۇنيا يۆتكىلىش رىكورتىنى ياراتقان ئىدى . ئەمما كىرىستىيانو رونالدو ھەر قىتىملىق مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كىلەتتى .

كىرىستىيانو رونالدو يەنە بىر قېتىم قىلالىدى . ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۆزىنى چۆرىدىگەن ھالدا كوماندىنىڭ شاھلىق دەرىجىسىگە يىتىدىغان توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى . مانا مۇشۇنداق بولغان كوماندا سىستىمىسى كىرىستىيانو رونالدونى كۆپ مەنپەئەتلىگەن بولۇپ ، توپ كىرگۈزۈش ئاللىقاچان كىرىستىيانو رونالدونىڭ نورمال ھالىتىگە قالغان ئىدى ، ھەمدە شۇنداقلا كىرىستىيانو رونالدونىڭ رىۋايەتلىك توپچى يولىغا مىڭىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان .

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدە ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن ھەر مەيدان مۇسابىقىگە 0.94 توپتىن توغرا كېلىدىغان بولۇپ ، لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان 7 پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئەڭ ناچار سانلىق مەلۇمات بولغان .

بەلكىم بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدونىڭ  ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن كىرگۈزگەن توپى تۆۋەنرەك بولىدىغان بولۇپ ، لېكىن ھازىرقىدەك ۋاقىتتىمۇ مۇشتا توپ كىرگۈزىشىگە ئاللىقاچان ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .


ئەڭ ياخشى شىرىك

IMG_2746.JPG

گەرچە توپ كىرگۈزۈش كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يىگەنگە ئوخشاش ئىش بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدو تەبئىيلا توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن سەبداشلىرى بىلەن قانداق ئۆزگىچە بولغان  تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بىرىشنى لايىھىلەشنى ئويلايدۇ . كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بىرازىلىيە چولپان مارسىلو كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلىگەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ ياخشى شىرىك ھەمراسىغا ئايلانغان ئىدى

ئىككى توپچى توپ مەيدانىدىكى سول تەرەپتە ناھايىتى قۇيۇق بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ، مارسىلو چىملىق مەيدانىدا ئاساسلىق مۇداپىئەچى ، كىرىستىيانو رونالدو بولسا ئاساسىي ھۇجۇمچى ، بۇ ئىككى توپچى دائىم گىرەلەشمە شەكىلدە يۈگۈرۈپ ۋە پاسلىشىپ ناھايىتى نەپىس بولغان ماسلىشىشلارنى كەڭ تاماششىبىنلارغا كۆرسىتىدۇ .

بۇ ئىككى توپچى نۇرغۇنلىغان ئۇسلۇبىدىكى تەبرىكلەش ھەرىكەتلىرىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇسۇل ئويناش ، قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە قايناق ھېسسىياتقا تولغان سەكرەپ سوقۇشۇش قاتارلىقلار بار ئىدى .


مانا مەن دەل مەن شۇ !

IMG_2747.JPG

كىرىستىيانو رونالدو كۇلۇب جەھەتتە ئۆزىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە دۆلەت مۇسابىقىسىدىمۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ جاھاندا بىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى .

كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مەيدانغا چىقىش رىكورتى بىلەن توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھىچ بولمىغاندا ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھىچكىم كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىيالمايدۇ .

كوماندىغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ ئىشىش ۋە مۇھىملىقى تەسىرىدىن كىرىستىيانو رونالدو چوقۇم توپ كىرگۈزۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالمىسا بولمايتتى . بولۇپمۇ بەزى مۇھىم ھالقىلىق مۇسابىقىدە . بۇ توپلارنى كىرگۈزۈشنى تاماملىغان بولغاندىن كېيىن ، بىز ھەمىشە كىرىستىيانو رونالدونىڭ قولىنى ئۆزىگە قارىتىپ ۋارقىرىغان ئاۋازدا بىرنىمىلەرنى دىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، بۇنىڭ ھەممىسى بىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى .

كىرىستىيانو رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئاللىقاچان 71 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار  ھازىرقى توپچىلار ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ . شۈبھىسىزكى يەنە تىخىمۇ كۆپ ئابىدە خاراكتېرلىك ئىشلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ تاماملىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا . بىر ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تارىخقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توپچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، كىرىستىيانو رونالدو چوقۇم پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 80- توپىنى كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن كىرىستىيانو رونالدو دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان توپچىغا ئايلىنىدۇ . ئەگەردە 85 توپ كىرگۈزۈپ قالسا ، ئۇ چاغدا كىرىستىيانو رونالدو مەشھۇر بولغان رىۋايەتلىك توپچى پۇسكاشتىن ئىشىپ چۈشۈپ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ . ئەگەردە 110 توپلۇق ئاخىرىقى نەتىجىنى تاماملاپ قالسا ، ئۇنداقتا كىرىستىيانو رونالدو ئىرانلىق رىۋايەتلىك توپچى ئەلى دايىننادىن ئىشىپ چۈشۈپ ، دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى بىرىنچى نۇمۇرلۇق مەرگەن توپچىغا ئايلىنىدۇ .


يەنىلا مەن

IMG_2748.JPG

كۇلۇبقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق بۇ تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ ، قارىماققا بۇ ھەرگىزمۇ پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى پاتىنتى ئەمەستەك قىلاتتى . ھازىر ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولىشىغا ئەگىشىپ ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى كىرىستىيانو رونالدونىڭ قالتىس ئىپادىسىنى ئۇزاق مۇددەتكىچە ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئىپادىسى سەل پەل ناچارلاشقىنى تۇرۇشقا باشلىسلا ، مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى كىرىستىيانو رونالدونى تىللاپ ، ئىسقىرتىش ئاۋازى بىلەن ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلايتتى .

بۇنداق ئاۋازلار ئىككى تەرەپنىڭ توپ مەستانىلىرىدىن كىلىدىغان بولۇپ ، ساھىبخان مەيدان ۋە مىھمان مەيداننىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بار ئىدى . لېكىن كىيىنكى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ ئىسقىرتقان توپچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قوياتتى . مەيلى بۇ ئىسقىرتىش ئاۋازىنىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىدىن كەلسۇن ۋە ياكى قارشى تەرەپ مەستانىلىرىدىن كەلسۇن ، ئاخىرىدا كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۇسلۇبى بىلەن بۇ ئىسقىرتىپ مەسخىرە قىلغان مەستانىلەرگە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يەنىلا قالتىس توپچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ .

بەزى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو باشقىچە ئۇسۇلدا تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ ، مەسىلەن قولىنى قۇلاققا قويۇپ كىمنىڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايدۇ ، لېكىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، كىرىستىيانو رونالدو ئىپادىلىمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ماھىيىتى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە


تۇتۇش شادلىقى

IMG_2749.JPG

بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەچچە پەسىللىك مۇسابىقىدىكى دائىم قوللىنىدىغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى بولۇپ ، ئۇ ئىككى قولىنى كۆرۈش سۇپىسىغا قارىتىپ ، قانداقتۇر بىر نەرسىنى تۇتىۋالىدىغان قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ .

بۇ تەبرىكلەش ھەرىكىتىنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ بولغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى غەلىتە بولغان ۋە ئىجادىي بولغان قاراشلارمۇ بار ئىدى . خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، بۇنداق ئۇسۇلدا تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بىرىشى كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بەزى ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولۇپ ، كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىمۇ تىۋىتتىردا بۇ نوقتىنى جەزىملەشتۈرگەن .

بۇ ھەرىكەت كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق تۈردە ئورۇنلايدىغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى بولماستىن ، بەلكى كىرىستىيانو رونالدو ناھايىتى ئاز بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە بولغان مۇسابىقىلەردە كەڭ تاماششىبىنلارغا كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە نوكەمپودا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت دىربىسى مۇسابىقسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، كىرىستىيانو رونالدو توپنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ كىلاسسىك بولغان تەبرىكلەش ھەرىكەتلىرى بىلەن توپ مەيدانىدىكى ھەرخىل شەكىلدىكى ئىسقىرتىشلارغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ ئاددىيلا قولىنى پەسكە قىلمايدۇ .

بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، كىرىستىيانو رونالدو توپنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ، چىرايلىق بىلەن نوكەمپو مەيدانىدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنى تىنىچلىنىشقا ئىشارەت قىلىدۇ . كىرىستىيانو رونالدو قولىنىڭ ئالقىنىنى پەسكە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ : سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار بىلەن خۇشاللىقىڭلار مىنىڭ قولۇمدا !


تەپەككۇر قىلغۇچى

IMG_2751.JPG

كىرىستىيانو رونالدو تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتىۋىلىنغان كوماندا بارسېلونا بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە بۇلتۇر 11- ئايدا بىر شەھەردىكى رەقىبى ئاتلېتىكا كوماندىسىمۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئالاھىدە كۈتىۋىلىشىگە مۇيەسسەر بولدى . كاردىلون مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلغان مادرىد دىربىسى مۇسابىقسىدە ، كىرىستىيانو رونالدو قالپاق ئويۇنى ئوينىغان بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مىھمان مەيداندا 3-0 نەتىجىدە ئاتلېتىكا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا زور دەرىجىدە تۆھپە قوشقان ئىدى .

رونالدۇنىڭ مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ياخشى بولغان ئىپادىسى بولۇپ ، ھەمدە قالپاق ئويۇنىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو كۈچلۈك ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئىشلىدى : كىرىستىيانو رونالدو كامىرا ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ، كامىراغا ئۇدۇل قاراپ ، قولى بىلەن گالنىڭ ئاستى قىسمىنى تىرەپ تۇردى .

بۇ ھەرىكەت تورداشلار تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىغان بولۇپ ، لېكىن ئاشۇ كۈنى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇنداق قىلىشى تامامەن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈش ئىدى . شۇنداقلا ئۆزىنىڭ گىگانت چولپانلىق تالانتىنى نامايان قىلغان ئىدى .


خاسىيەتلىك ئادەم كەلدى

IMG_2752.JPG

بۇ ھەرىكەت ماڭا ، جۈملىدىن ھەر بىر مەستانىلەرگە تونۇش بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن . بۇ دەل كىرىستىيانو رونالدونىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى بولۇپ ، ئۇ ئاۋال كۈچەپ سەكرەش ، كىيىن پۇت قولىنى پەسكە قارىتىپ ئىلىپ بېرىلغان بىرخىل كىلاسسىك بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى . مۇشۇنداق تەبرىكلەش ھەرىكىتى كىرىستىيانو رونالدونىڭ كۈچىنى ۋە خاسلىقىنى تامامەن تولۇق نامايەن قىلاتتى . ئەلۋەتتە ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان ۋاقىتتا ، كىرىستىيانو رونالدو تەبىئىيلا مۇشۇ تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى نامايەن قىلىدۇ . مەيلى كىرىستىيانو رونالدو ئۆزى يالغۇز ئورۇندىسۇن ، ۋە ياكى سەبداشلىرى قىتىلسۇن ، بىز ھەممىمىز بۇ تەبرىكلەش ھەرىكىتىنىڭ مەخسۇس كىرىستىيانو رونالدوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز ئەلۋەتتە .

شان شەرەپنى قۇچاقلاش

IMG_2753.JPG

گەرچە كىرىستىيانو رونالدونىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى خاسىيەتلىك ئادەمگە ئوخشاش بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىنسان ، كىرىستىيانو رونالدودا نورمال ئادەمگە ئوخشاش ئۆزىگە تۇشلۇق ئىنكاسى بولىدۇ . مەسىلەن ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى بەيرىن مىيۇنخېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىغاندىن كېيىن ، كىرىستىيانو رونالدو بۇ نوقتىنى تولۇق نامايەن قىلدى . بۇنداق بىر ھالقىلىق مۇسابىقىدە ئاشۇنداق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئابىدە خاراكتېرلىك ئىشنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، كىرىستىيانو رونالدو پەقەت ئاددىي ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان ھەرىكىتىنى ئىشلىدى .

بىر قالپاق ئويۇنى : كىرگەن ئۈچ توپنىڭ بىرسىنى ئوڭ پۇتىدا ، بىرسىنى سول پۇتىدا ، يەنە بىرسىنى كاللا قويۇپ كىرگۈزگەن ئىدى . ھەمدە ئۆزىنىڭ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 100 توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، كىرىستىيانو رونالدو ھەممە ئادەم قىلالايدىغان تەبرىكلەش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەن ئىدى . يۈزىدە كۈلۈمسىرەش ، سەبداشلىرىغا قاراپ يۈگۈرۈش ، ھەمدە نەق مەيداندىكى ئالقىش سادالىرىدىن ھوزۇر ئىلىش .


پادىشاھلىق ئورنىدا ئولتۇرۇش

IMG_2754.JPG

ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىر قىتىم قالپاق ئويۇنى ئويناش يەتمىگەندەك ، كىيىنكى ئاتلېتىكا كوماندىسى بىلەن بولغان يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، كىرىستىيانو رونالدو يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ يەنە بىر قېتىم قالپاق ئويۇنى ئوينىدى . كىرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى تۆت يىل ئىچىدە ئۈچ قىتىم ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئىلىپ كىرگەن ئىدى .

بۇ قىتىم كىرىستىيانو رونالدو يەنە يىپيېڭى بولغان تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلىگەن ئىدى . كىرىستىيانو رونالدو تاختاي ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنى رۇسلىدى . شۇ ۋاقىتتا سۈرەتكە ئېلىش ئاپىراتى كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەپسىلىي سۈرەتكە ئالغان ئىدى .

IMG_2750.JPG
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 612
تېما سانى : 452
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 539963 ياۋرۇ
تىللاسى : 54 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4153 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-8-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-11 21:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى يىراقتىن بىر توپ ئۇرىۋىتىپ پاچاق مۇسكۇلىنى چىقىرىدىغان بىر ھەرىكىتى بولىدىغان، يەنە نوكامپۇدا توپ ئۇرغاندا ئىشلەيدىغان ھەرىكىتى بولىدىغان ...
سەندىن تەپ تارتىدىغان، سەندىن قورقىدىغانلار ئىلاجىسىز ئارقاڭدىن گەپ تاپىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14221
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 180718 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2163 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-6-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-11 21:07:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش قىلىپ يامان گۇيكىن ،ئانىسى دۇئا قىلغان گۇيكىن بۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ،يامانلىق قىلما.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16387
تېما سانى : 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 509 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-12-12
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-3
ۋاقتى: 2017-5-11 21:11:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىلىشىمچە خاسىيەتلىك ئادەم كەلدى دىگەننىڭ ئەسلىسى يەرشارىنى تەۋرىتەيلى دىگەندەكقۇ دەيمە ياكى مەن خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ ماتىرىيالدىن
越来越多的是仇人,越来越少的是兄弟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16050
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9525 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 938 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-8-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-3
ۋاقتى: 2017-5-11 21:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تىما بوپتۇ ،ئەمما قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن .رونالدونىڭ تەبىرىكلەش ھەرىكەتلىرىمۇ ئادەمگە خۇشاللىق ،ھاياجان ئېلىپ كېلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 6817
تېما سانى : 145
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4276 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2474 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-11 21:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كوماندىدا مارسىلودەك قىززىقچىلار بولمىسا زادى بولمايدۇ... تەبرىكلەش ھەرىكىتىدىمۇ رونالدو بىلەن ياخشى ماسلىشىدۇ بۇ توبا چاچ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13727
تېما سانى : 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 216 ياۋرۇ
تىللاسى : 23 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3679 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-2-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-11 21:18:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي ئەزالىققا بىر بىلەت  تىما ئىگسىگە ،نادىر تىما 11بوپتۇ، ، تىما يىزىش ئىشتىياقى ئىنتايىن كۈچلۈك بالىكەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17408
تېما سانى : 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2977 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 288 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-14
ۋاقتى: 2017-5-11 21:19:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىستىيانو رونالدو مەيدان سىرتىدىكى  ياكى مەيداندىكى ئىپادىسى جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلا قالتىس. ئۇ نۇرغۇن توپ كىرگۈزۈپ بولدى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل يۇقىرى ئۈنۈمدارلىقنى ساقلاپ كەلمەك ئاسان ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ تىرىشىپ مەشىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسى
ئۇ بەدەن، سۈرئەت ۋە تېخنىكا جەھەتتە تەڭ يېتىلگەن توپچى. لېكىن مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئۇنىڭدىكى رەھبەرلىك روھى. يەنە ئۇ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كاتتا خەير -ساخاۋەت قىلغۇچى ھەم ھەر يىلى ھەقسىز قان تەقدىم قىلغۇچى بەلكىم نۇرغۇن كىشلەر بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن».
«مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ھازىرقى پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىككى توپچى»مەن بۇ ئىككىلى توپچىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن رونالدونىڭ كەسپى ھاياتىدا يەنە نۇرغۇن رىۋايەت قالدۇرىشىغا ئىشىنىمەن ،ساڭا ئامەت يار بولسۇن  ئاخىرلاشتۇرغۇچى رونالدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50 قوللاش!
قۇتلۇغ + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18081
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 128 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-6
ۋاقتى: 2017-5-11 21:20:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي باللا ھەممىڭلا ئاشۇ بىنزىمانى ماختاپ كىتىپسىلە توغرا ماختاشقالايىق،ئەممالىكىن ئاخشام ئاشۇ توپنى مەيدان سىرتىدا تۇرۇپ بىۋاستە تاشلاپ بەرگەن ئادەم چۇ ،مەن ئاخشام رونالدونىڭ مەيدان كۆزتىش ئقتىدارىغا ھەقىقەتەن يەنەبىر قىتىم قايىل بولدۇم ، مۇشۇنى مۇلاھىزە قىلىپ قويلى ،ئەگەر ئاشۇ توپنى ئاشۇنداق تااشلىمىغان بولسا ئاشۇ توپ قانداق بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18081
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 128 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-6
ۋاقتى: 2017-5-11 21:22:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل توپچى ئانىسىمۇ دۇئا قىلغان بولغىتى لىكىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ دۇئاسىنمۇ ئالغان بولغىتى بۇگۇي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1444
تېما سانى : 78
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 2262 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3749 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-1-12
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-23
ۋاقتى: 2017-5-11 21:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەرەپشان يوللىغان ۋاقتى  2017-5-11 21:16
بىر كوماندىدا مارسىلودەك قىززىقچىلار بولمىسا زادى بول ...

ئەينى چاغدا دۆلەت كوماندىسدا ياقا سىقىشىپ كەتكىنىنى ئويلىسام ھازىرقى  ئىناق ھالىتى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ مۇشۇ ئىككىسىنىڭ
مانچېستېر مەستانىلىرى QQ  توپى : 77452192
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 6817
تېما سانى : 145
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4276 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2474 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-11 21:27:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرلاشتۇرغۇچى يوللىغان ۋاقتى  2017-5-11 21:23
ئەينى چاغدا دۆلەت كوماندىسدا ياقا سىقىشىپ كەتكىنىنى  ...

يېقىن ئۆتمىسە نىمە ئامال... كۈندە بىر بىرىنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ ياشايدىغان گەپ... ئامال يوق...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش