كۆرۈش: 3689|ئىنكاس: 71

گۇئاردىئولا دەۋرىدىكى ‹‹ ئۈچىنجى چۈش ›› كوماندىسى !

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1075
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 213512 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3157 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12


IMG_2661.JPG

« ئالەم كوماندىسى » دىگەن بۇ نامنى ئەڭ بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ بارسېلونا كوماندىسى مەستانىلىرى ئىشلەتكەن ئىدى . گەرچە مۇشۇنداق ئاتاپ رەقىبلىرىگە سۈرھەيۋىتىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولسىمۇ ، لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى ھەرقانداق توپ مەستانىلىرى مۇنۇ پاكىتنى ئىتراپ قىلماي ئامالى يوق : 2008- يىلى يازدىن باشلاپ ، گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى بارسېلونا كوماندىسى ، ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قوشۇن ، شۇ ۋاقىتتا ھەتتا بۇ كوماندىنى پۇتبول مۇنبىرىدىكى تەۋرەنمەس ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى .

بارسېلونا كوماندىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ، بارسېلونا جەمئىي ئۈچ دەۋرگە بۆلۈندى دەپ قاراپ كىلىنگەن ئىدى . كىرۇيىف باشچىلىقىدىكى بارسېلونا كوماندىسى « بىرىنچى چۈش كوماندىسى » ، رىجكارد باشچىلىقىدىكى « ئىككىنچى چۈش كوماندىسى » ۋە گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى « ئۈچىنچى چۈش كوماندىسى » بولۇپ قاراپ كىلىنگەن ئىدى .

گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى « ئۈچىنچى چۈش كوماندىسى » مەيلى تىخنىكىلىق نوقتىدىن بولسۇن ۋە ياكى نەتىجە جەھەتتىن بولسۇن ، ئالدىدىكى « ئىككى چۈش كوماندىسى » دىن ئىشىپ ھالقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پۇتبول دۇنياسىغا ئىلىپ كەلگەن زەربىسى ۋە نەتىجىلىرى ، ئىشىنىمىزكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەسلىمىسىگە ئايلىنىپ قالدى .


  قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا مەشقاۋۇللۇق قىلىش


2008- يىلى يازدا بارسېلونا كوماندىسى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى . يىڭىلا ئاياغلاشقان بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە ، بارسېلونا كوماندىسى ھىچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىگەن بولۇپ ، بۇ مەشقاۋۇل رىجكاردنىڭ  ئۇدا ئىككى يىل كۇلۇبنى لوڭقىسىز قىلىپ قويىشى ئىدى . ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى ، شۇۋاقىتتا بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۈچىنچى بولۇپ قالغان بولۇپ ، ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى يىڭىش يىڭىلىش ھالىتى بىلەن لوڭقىنى تارتقۇزۇپ قويغىنىغا سىلىشتۇرغاندا بۇ قىتىمقى نەتىجە بەك ئادەمنى ئۈمىدسىزلەنگەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ئەشەددىي رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، بارسېلونا كوماندىسى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان . بولۇپمۇ بىرنابۇدا 1-4 خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، مەيداندا كۆرنۈش جەھەتتە پۈتۈنلەي كۈچى قالمىغاندەك قىلاتتى . دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كۇلۇب رەھبەرلىرى دادىللىق بىلەن چوڭ كۆلەمدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان . شۇنىڭ بىلەن رىجكارد بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، بارسېلونا كوماندىسى رەھبەرلىرى يىڭى مەشقاۋۇلنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوماندىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەمشەلگەن ئىدى .

ئەسلىدە بارسېلونا كوماندىسى مۇرىنھونى تەكلىپ قىلىپ مەشقاۋۇللۇق قىلىشقا قويغان بولسا تامامەن بولاتتى ، لېكىن بارسېلونا كوماندىسى يەنىلا ب كوماندىدا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ياش تىرىنىرى گۇئاردىئولانى يىڭى مەشقاۋۇللۇق قىلىپ تەيىنلەنگەن .


گۇئاردىئولا رىجكاردنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يىڭى بىتىنى ئىچىش ئۈچۈن ئاتلىنىش

IMG_2662.JPG

گۇئاردىئولا پۇتبولچى مەزگىلىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇپ ، ئىلگىرى كوماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىپ باققان ئىدى . لېكىن گۇئاردىئولانىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدىن قارىغاندا ، ئۇ يەنىلا تىخى بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىلگىرى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە تىرىنىرلىق قىلغان كەچۈرمىشى يوق ئىدى . بارسېلونا كوماندىسىدەك چوڭ كۇلۇبنى ئۇنىڭ قولىغا تاشلاپ بىرىش ھەقىقەتەن بىر چوڭ تەۋەككۈلچىلىك بولغان .

گۇئاردىئولا ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ، دىققەت قىلغان بىرىنچى مەسىلە شۇكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى كەيپىيات ناھايىتى ناچار بولغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى كوماندىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى داڭلىق چولپىنى بولغان رونالدىنھو بىلەن ئىتتونىڭ بىر بىرسى بىلەن چىقىشالماسلىق خەۋىرى سىرتقا يىيىلىپ كەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە رونالدونىڭ رىقابەتلىشىش ھالىتى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن ، ئىتتو بولسا بىر گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق بولغاچقا ، بۇ ئىككى توپچىنى باشقۇرۇش ناھايىتى تەس بولغان . ئۇنىڭدىن سىرت ئوتتۇرا مەيدان توپچى دىكونىڭ قىلىش ياكى كىتىش مەسىلىسى ، گۇئاردىئولانىڭ ئەڭ مۇھىم ئويلىنىدىغان مەسىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى .

بۇ ئۈچ توپچى ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ شۈبىھىسىزكى تۆھپىكار توپچىلىرى ئىدى . گۇئاردىئولا ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇلارنى كوماندىدىن تازلىۋەتمەي بىر مەزگىل ۋاقىت بىرىپ ئۇلارنى تەپسىلىي كۈزەتكەن . لېكىن يەنىلا ئەڭ ئاخىرىدا گۇئاردىئولا كوماندىنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىشنى قارار قىلغان . ئۇ رونالدىنھونى مىسال قىلىپ مۇنداق دېگەن : ئەگەردە رونالدىنھونىڭ ئۆزىنى قايتىدىن ئوڭشاپ بۇرۇنقى ئەسلىگە قايتىشقا بەل باغلىغان بولسا ، ئۇنداقتا مەن ئۇنى كوماندىدا قەتئىي ھالدا ئىلىپ قالاتتىم . بىراق ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى . كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ناچارلاشقىنى تۇردى ، شۇڭا مەن چوقۇم كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ كەيپىياتىنى قوغدىشىم كېرەك .

شۇنىڭ بىلەن رونالدىنھو مىلان كوماندىسىغا قوشۇلغان ، دىكو بولسا چىلسىي كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى . گەرچە گۇئاردىئولا ئىزچىل ھالدا ئىتتونى تازلاشنى ئويلاپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنداق قىلماي ئىتتونى كوماندىدا ئېلىپ قالغان . چۈنكى گۇئاردىئولا ئۆزىگە ھەقىقىي « ھەقىقىي 9-» نۇمۇرنىڭ كىرەكلىكىنى ، بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە 60 توپ كىرگۈزدىغان توپچى كىرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى . يۆتكىلىش بازىرىدا بارسېلونا كوماندىسى بۇنداق توپچىنى تاپالمىغان بولۇپ ، ئۇنداق بولغاندا ئىتتو بۇ نامزاتلىقىغا توشىدىغان بىردىنبىر توپچى بولۇپ قالغان ئىدى .

ئۇنىڭدىن سىرت يەنە گۇئاردىئولا سەۋىلىيا كوماندىسىدىن پاس بېرىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان بىرازىلىيەلىك بىك ئالۋىسنى كىرگۈزگەن بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچى كەيتامۇ كوماندىغا قوشۇلغان ئىدى . كوماندىنىڭ ياشلار كوماندىسىدىكى ئوتتۇرا بىك پىكمۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، ھەمدە ب كوماندىنىڭ توپچىسى بۇسكىسمۇ بىرىنچى سەپ كوماندىغا تاللانغان .

شۇنىڭ بىلەن رىجكارد قالدۇرۇپ قويغان كوماندا يىتەرلىك ھالدا كۈچلەنگەن بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسى ئۇنىڭدىن باشقا بەك كۆپ بولغان تولۇقلاشقا ھاجىتى قالمىغان . گۇئاردىئولانىڭ خىزمىتى دەل كوماندىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ ، ئىزغا چۈشۈرۈشتىن باشلانغان ئىدى .


مىسسىنى يىڭى يادرو قىلىپ تىكلەش

ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ، كىچىك توپچى مىسسى ئاللىقاچان تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىپ بولغان بولۇپ ، زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ پۇرسەت ياراتقان توپچىدىن كوماندىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر توپچىسىغا ئايلانغان ئىدى . ئۇدا ئىككى يىل لوڭقىسىز قالغان بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، مىسسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاز بولمىغان قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى .

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىدە بولىشى مۇمكىن . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان  3-3 تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە ، مىسسى ناھايىتى قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى ئوينىغان ئىدى . شاھلىق لوڭقىسى خىتافى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مىسسى ئۇدا بەش ئادەمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر توپ كىرگۈزۈپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى مارادونانىڭ مۆجىزىلىك ئىشىنى قايتىدىن ئورۇنداپ چىققان . شۇ ۋاقىتتا مىسسى 21 ياشتا بولۇپ ، لېكىن مىسسى ئاللىقاچان دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلغان ئىدى .

گۇئاردىئولا ئاللىقاچان بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەن . ئۇنىڭ كۆڭلىگە  بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىلگىچە بۇ توپچىنى يادرولۇق توپچى قىلىدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان بولغان ئىدى . رونالدىنخونىڭ يۆتكىلىشى ئەمىلىيەتتە مىسسىنى ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بولغان . ناۋادا مىسسىنى ھەقىقەتەن كوماندىنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق توپچىسىغا ئايلاندۇرۇش نىيىتى بولسا ، ئۇنداقتا ئىلگىرىكى ئاتامان توپچى چوقۇم ئورۇن بوشىتىپ بىرىشى كىرەك ئىدى .

IMG_2663.JPG

ئۇنىڭدىن باشقا گۇئاردىئولا ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان ھىنرىنى كوماندىدا ئىلىپ قىلىشنى قارار قىلغان . گۇئاردىئولا ھىنرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە كەسپىي روھىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ ، ھىنرىغا تىلفۇن قىلىپ  : سەن مىنىڭ يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى نىشانىم ئىچىدىكى ئورنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دىگەن . ھىنرى تىلفۇننى ئىلىپ گۇئاردىئولانىڭ گىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ پىلانىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ، ھەمدە گۇئاردىئولانىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان . گۇئاردىئولا ھۇجۇم يولىغا كەلگەندە ھىنرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باققان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن كوماندىغا تىرىزگوتنى كىرگۈزسە قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىغان . ھىنرى ئۇدۇللا بۇ توپچىنى يۆتكەپ كېلىشنىڭ ياخشى ئوي ئەمەسلىكىنى ئېيتقان . چۈنكى ئىلگىرىكى ھىنرى بۇ توپچى بىلەن دۆلەت كوماندىسىدا توپ تەپكەن بولۇپ ، قەتئىي ماسلىشالمىغان ئىدى .

شۇنىڭ بىلەن گۇئاردىئولا ئىتتونى تازلايدىغان پىلانىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ ، يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىدە ھىنرى ، مىسسى ۋە ئىتتونى ئاساس قىلغان ھۇجۇم قىلىش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەشنى قارار قىلغان


پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش

رونالدىنھو بىلەن دىكونى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېيىن ، ئىدمىلسىن ، زەمبۇرتا ، تۇرام ۋە ئولگ قاتارلىق توپچىلارمۇ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغان ئىدى . گەرچە ئالۋېس ، كايتا ، پىك ۋە بۇسكىس قاتارلىق توپچىلارنى تولۇقلىغان بولسىمۇ ، لېكىن كىشىلەر بۇ ياشلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئەنسىرەپ قالغان .

ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشلاندى . بىرلەشمىنىڭ بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا يىڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان نۇمانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . نەتىجىدە يىڭى توپچى ئالۋىسنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كوماندا بىر توپنى كەتكۈزۈپ قويۇپ ، ئىتتو بىلەن مىسسىنىڭ تەپكەن توپى لىم سوقاپ ، نەتىجە 0-1 بىلەن ئاخىرلىشىپ ، تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم نۇمانسىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ گۇئاردىئولانىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىسى ئۇتتۇرۇش بىلەن باشلانغان ئىدى . ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە ، بارسېلونا كوماندىسى يەنە ئۆز مەيدانىدا 1-1 نەتىجىدە سانتاندېر رىقابەت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ ، شۇنداق قىلىپ ئىككى مەيدان غەلبە قىلالمىغان ئىدى .

كىشىلەرنىڭ ئەنسىرىگەن ئىشى ھەقىقەتەن ئەمىلىيەتكە ئايلانغاندەك قىلاتتى . لېكىن گۇئاردىئولا كوماندىسىنىڭ ئازراق ۋاقىتقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى . شۇنىڭ بىلەن گۇئاردىئولانىڭ غەلبىسى كىشىلەرنى ئۇنچە ئۇزاق ساقلاتمايلا يىتىپ كەلگەن ئىدى . ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3-1 نەتىجىدە لىسبون رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا 6-1 نەتىجىدە گىھون رىقابەت كوماندىسىنى قىرغىن قىلغان ئىدى .

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىنىستا بىلەن خاۋى ئوتتۇرا مەيداندا قوش يادرۇلۇق رولىنى جارى قىلدۇرغان . بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تەشكىللەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن كوماندا بۇنىڭغا ماسلىشىپ كىتىپ ، ھۇجۇم يولىدىكى مىسسىمۇ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بىرىلگەن . گىھون رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ غەلبە قىلىش قەدىمى توختاپ قالمىغان بولۇپ ، ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە ئۇدا 11 مەيدان غەلبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .

12- ئايغا كەلگەندە بارسېلونا كوماندىسى ئالۋاستى مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ ، ئۇدا كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن تۇتىشىدىغان بولغان . نەتىجىدە بارسېلونا كوماندىسى بۇ ئاي ئىچىدە 3-0 سەۋىلىيا كوماندىسىنى ، 4-0 بالىنسىيە كوماندىسىنى ، 2-0 خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ۋە 2-1 نەتىجىدە ۋىللارېئال كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، بىرلەشمە نۇمۇرنى تولۇق قولغا كەلتۈرگەن . بولۇپمۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان دۆلەت دىربىسى مۇسابىقسىدە ، غەلبە قىلمىغىنى ئۇزاق بولغان غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كوماندىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن .

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتتو گەرچە نوقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ناھايىتى تىزلا ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى تولۇقلاپ ، تۇنجى بولۇپ توپ كىرگۈزگەن . مىسسى ئاخىرقى ۋاقىتتا قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن 12 نۇمۇر ئىشىپ كەتكەن بولۇپ ، بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقى ئاساسى جەھەتتىن بارسېلونا كوماندىسىغا تەۋە بولۇپ قالغان ئىدى .


زالىم كوماندىنىڭ بارلىققا كىلىشى

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، بارسېلونا كوماندىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن ئوڭۇشلۇق ھالدا چىققاندىن كېيىن ، لىئون كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن بولۇپ ، گىرمانىيە زومىگىرى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا ئۇچراپ قالغان ئىدى . بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە يىڭىلىپ باقمىغان ئىدى . لېكىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى يىرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشمايلا نەتىجىنى 4-0 قىلىپ بولغان بولۇپ ، مىسسى ئىككى توپ ، ئىتتو بىر توپ ۋە ھىنرى بىر توپ كىرگۈزگەن . يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ كەتكۈزۈپ قويغان بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە 4 توپ كەتكۈزۈپ قويغان كوماندىغا ئايلانغان ئىدى . مۇشۇنداق غايەت زور دەرىجىدە ئەۋزەللىكى بىلەن ، بارسېلونا كوماندىسى باشقا زەردار كۇلۇبلارنى ھەيران قالدۇرىۋەتكەن ئىدى .

لېكىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە تىخى ئارقىدا ئىدى . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان دۆلەت دىربىسى مۇسابىقسى ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ، گەرچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئىشىپ كىتىش ئۈمىدى ئاللىقاچان بەرپات بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ساھىبخان مەيداندا ئوينىغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يەنىلا پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىشنى قارار قىلغان ئىدى . لېكىن بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئويلىمىغان يەردىن 6-2 نەتىجىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى . ھەر قىتىم خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئاستا ئاستا قايتا ئوت ئىچىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ، بارسېلونا كوماندىسى تىز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ، مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى مۇقىمداپ بولغان ئىدى .

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى تۆت قېتىم پاس بەرگەن بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سىپىدىكى يوچۇقلاردىن ئوبدانلا پايدىلىنىپ كەتكەن . ئەمما خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئاخىرىغىچە ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىغان بولۇپ ، كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن . بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى تەرىپىدىن بىسىلىپ قالغان بولۇپ ، تاكى مۇرىنھو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا كەلگۈچە ئاندىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغان ئىدى .


ھەقىقىي كۈچلۈك رەقىب : چىلسىي

بارسېلونا كوماندىسى پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلىدە ، ئەڭ قىيىن تاقابىل تۇرغان رەقىبى دەل چىلسىي كوماندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ دەسلەپكى مەيدان مۇسابىقىدە ، بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىلسىي كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا مىسلىسىز قىيىن دەرىجىگە يەتكەن .

چىلسىي كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بارسېلونا كوماندىسىنى چەكلەش ئۈچۈن ، ئاللابۇرۇن بارسېلونا كوماندىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن ئىكەن . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ ئوڭ پۇتتا توپ تىپىدىغان توپچى بوشۋانى سول بىك ئورنىغا قويغان بولۇپ ، مىسسىنىڭ ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشنى توسقان . زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەپ شەكلى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ قىسقا پاس بىرىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا توسۇپ قالغان ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گەرچە بارسېلونا كوماندىسى ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن ئىدى . ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقە بۇ ئىككى كوماندىنىڭ قايسىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى بەلگىلەيتتى .

IMG_2664.JPG

چىلسىي كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ، مۇسابىقە باشلىنىپلا بىر توپ كىرگۈزگەن ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن چىلسىي كوماندىسى مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ قىلىۋالغان . چىلسىي كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىلىرى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە سىپىگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن . كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئابىدال بولسا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلغاچقا ، قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچراپ مەيداندىن چۈشۈرىۋىتىلگەن بولۇپ ، بىر ئادەم كەم ئوينىغان بارسېلونا كوماندىسى تىخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇئاردىئولامۇ مەغلۇبىيەتنى قۇبۇل قىلاي دىگەندە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ قۇتقازغۇچىسى مەيدانغا چىققان ئىدى . مىسسى توپنى يىتىلەپ مېڭىپ ، ئىنىستاغا پاس بەردى ، شۇنىڭ بىلەن ئىنىستا توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن .

IMG_2665.JPG

ئاخىرىقى ۋاقىتتا بارسېلونا كوماندىسى بۇ مىھمان توپىغا تايىنىپ ، مىھمان مەيداندا غايەت زور ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان . كېيىن بىرنەچچە قېتىملىق ئادەم ئالماشتۇرۇپ جەڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ قىلغاندىن كېيىن ، نەتىجە ئۆزگەرمەي 1-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشقان . شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كوماندىسى مېھمان توپىغا تايىنىپ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن .

لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىتتو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە باللاكنىڭ تەپكەن توپىغا قولى تەگكەتكەن بولۇپ ، چىلسىي كوماندىسى بىر نوقتا توپقا ئېرىشىشكە تامامەن ھەقلىق ئىدى . لېكىن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە بىز بارسېلونا كوماندىسىنى ھەقىقەتەن تەلىيى ئوڭدىن كەلدى دىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .


ئالتە شاھ بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش

5-ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، بارسېلونا كوماندىسى 4-1 نەتىجىدە بىرباۋ رىقابەت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . ئۇنىڭ كەينىدىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ۋىللارېئال كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان .

5-ئاينىڭ 28-كۈنى رىمنىڭ ئولىمپىك پۇتبول مەيدانىدا ، بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۆزئارا ئۇچراشتى . مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرا بىك گۇرۇپپىسى بار بولۇپ ، مۇداپىئەسى ناھايىتى مۇقىم بولغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم يولىدا كىرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى داڭلىق چولپانلار بار بولۇپ ، ئاساسى جەھەتتىن ئاجىز بولغان تەرەپلەرنى تىپىپ چىققىلى بولمايتتى . مۇسابىقە باشلىنىپلا مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى پۈتۈن سەپ بويىچە بارسېلونا كوماندىسىنى بىسىۋالغان بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسىنى ئالدىنقى 10 مىنۇتتا ناھايىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى .

لېكىن 10 مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۆز پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالغان بارسېلونا كوماندىسى بىر ھۇجۇم قىلىپلا توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ ، ئىنىستا ئوتتۇرا يولدا توپنى ئىلىپ ماڭغاندىن كېيىن ، ئىتتوغا پاس بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئىتتو قارشى تەرەپ بىكى ۋىدىچدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ، چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ توپنى تېپىپ كىرگۈزگەن . مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى قانداق بولۇپ بىر توپ كەينىدە قالغىنىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدى .
شۇنىڭدىن كېيىن نۇمۇرنى تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراپ تىنەپ كەتكەن مانچېستىر بىرلەشمىسى بويىچە بىراقلا ناھايىتى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ ، توپ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى بارسېلونا كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويغان . خاۋى بىلەن ئىنىستا ئوتتۇرا مەيداندا ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ ، مۇسابىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان ئىدى .

114628q0vvnxwjdlxwgl2v.jpg

كىيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىگە كەلگەندە ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىدە يوچۇق چىقىپ كېتىپ ، خاۋى چەبدەسلىك بىلەن توپنى چەكلەنگەن رايونغا تاشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بويى پاكار مىسسى بۇ توپنى كاللا قويۇپ كىرگۈزگەن . مىسسى توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن توپ ئايىغىنى سۆيۈپ تۇرۇپ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىگەن . شۇنداق قىلىپ بارسېلونا كوماندىسى 2-0 نەتىجىدە مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى . گۇئاردىئولامۇ ئالتىنچى بولۇپ توپچى ۋە مەشقاۋۇل سالاھىيىتىدە ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن شەخىسكە ئايلانغان بولۇپ ، ھەمدە بۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ياۋروپانىڭ چوققىسىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى فېرگۇسونمۇ ئىتراپ قىلىپ ، ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك كوماندىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان . ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن : ئەگەردە سىز توپ كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى بارسېلونا كوماندىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىز ، ئۇلار ئىزچىل توپنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ . يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالتە شاھ بولۇشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتقان ئىدى .


IMG_2666.JPG

ھەشەمەتلىك ھەم ئۆتكۈرلىككە تولغان

گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى بارسېلونا كوماندىسى tiki-taka تاكتىكىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە ئىلىپ چىققان ئىدى . ئۇلارنىڭ مۇداپىئە يوللىرىمۇ ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ ، رەقىبى ئۆزىنىڭ يىرىم مەيدانىغا بۆسۈپ كىرگەن ۋاقىتتا ، غايەت زور مۇداپىئە بىسىمغا دۇچ كەلگەن بولاتتى . خاۋى بىلەن ئىنىستا ئوتتۇرا مەيداندا تۇرۇپ ، مەيداندىكى ھەربىر تال ئورۇننى كونتىرول قىلىۋالاتتى .

ھۇجۇم يولىدا بولسا مىسسى باشچىلىقىدىكى ھۇجۇم گۇرۇپپىسى توختىماي كىسىشىپ ۋە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ، كىچىك دائىرە ئىچىدە ئىنتايىن نەپىس ھالدا ماسلىشىپ ، زۆرۈر تېپىلغاندا شەخسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ، قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىگە ناھايىتى زور دەرىجىدە بىسىملارنى ئىلىپ كىلەتتى .

مۇداپىئە سىپىدە بولسا گۇئاردىئولا ئەنئەنىۋى بولغان مۇداپىئە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان : بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى ئالدى ئوتتۇرا مەيداندىن باشلىنىش ، توپنى تارتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن دەرھال قارشى تەرەپنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قارشىلىشىپ ، قارشى تەرەپنىڭ چىقىپ توپ تالىشىش نوقتىسىنى پىچەتلەش ، مۇشۇنداق قىلغان ۋاقىتتا توپنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە قارشى تەرەپكىمۇ زۇلۇم ئىلىپ كىلىشتىن ئىبارەت بولغان .

بارسېلونا كوماندىسىنىڭ توپچىلىرىنىڭ پاسلىرى قىسقا پاس بېرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، پاس ئارلىقى 10 مىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار گەرچە توپنى تارتقۇزۇپ قويغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، مۇداپىئەگە قاتنىشىش ئارلىقىمۇ 10 مىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە . دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن گۇئاردىئولا مۇداپىئە ئەترىتىنى تاللىغان ۋاقىتتا ، بەستلىك ئەمەس ، بەلكى بەدىنى قاۋۇل كەلگەن ، پۇت ئاستىدىكى توپنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولغان توپچىلارنى تاللىغان ئىدى . كېيىن ئۇ ئارقا بەل ئوينايدىغان توپچى ماسچېرانونى ئوتتۇرا بىك ئوينىتىشى دەل مۇشۇ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىدى .

IMG_2667.JPG

كىيىن گۇئاردىئولا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رەقىبى مۇرىنھو بىلەن ئۇچىرشىشىپ قالغان بولۇپ ، ئىنتىر مىلاننىڭ ئويناش ئۇسلۇبىغا تاقابىل تۇرالمىغان بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقىدە يىڭىلىپ قىلىپ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى قىتىم چىمپىيۇن بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغان . ئەمما بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسى قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ ، ۋىنبولى پۇتبول مەيداندا يەنە بىر قېتىم مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .


گۇئاردىئولا باشچىلىقىدىكى چۈش ئۈچىنچى كوماندىسىنىڭ چىكىنىشى

2012- يىلى گەرچە گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىنى يىتەكلەپ شاھلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، گۇئاردىئولا يەنە ئەڭ ئۇچرىشىنى خالىمايدىغان رەقىبكە دۇچ كەلدى : چىلسىي كوماندىسى . ئىككى قىتىملىق مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەي ، يەنە كېلىپ قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە سىپىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى بىلەن بىر تەڭلىشىش بىر ئۇتتۇرۇش بىلەن ، ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشەلمىگەن ئىدى .

شۇنىڭ بىلەن گۇئاردىئولا ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كۆپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن . 4 يىل ۋاقىت ئىچىدە ، گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىنى يىتەكلەپ 14 لوڭقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ ھەممىگە ئىرىشتى دىيىشكە تامامەن بولاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارام ئېلىشقا مۇھتاج بولغان ، چۈنكى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى غەلبىگە بولغان قايناق ھېسسىيات ئىستىكىنى تاپالمىغان ئىدى . بەدەن ئەھۋالىمۇ كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەن . كۇلۇبنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەر ۋە مەيدان سىرتىدىكى كاشىلا سەۋەبىدىن ، ئۇ يىڭى بولغان بىر مۇھىت ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى .

IMG_2668.JPG

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلدى . ئۇنىڭ ياردەمچى تىرىنىرى بىلانوۋا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولدى . كوماندا ئىچىدىكى يادرولۇق توپچىلارنىڭ يىشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، ھالىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى رىقابەتچىسىنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چىملىق مەيداندىكى جاسارىتى ۋە ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولماي قالغان ئىدى .

بىلانوۋا بارسېلونا كوماندىسىنى يىتەكلەپ ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىدە يەنىلا ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، لېكىن ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بولسا ، بارسېلونا كوماندىسى ئىككى قىتىملىق مۇسابىقىدە 0-7 نەتىجىدە بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىغا ئىچىنىشلىق ھالدا قىرغىن بولغان . بۇ بىر سۇلالىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇدا تۆت يىل پۇتبول دۇنياسىدا زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ، بارسېلونا كوماندىسىدىن باشقا ، پەقەتلا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ئاساس قىلغان ساناقلىق بىرنەچچە كۇلۇبنىڭلا قولىدىن كىلەتتى .
ئىنكار قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، بىر قېتىم مۇنەۋۋەر كوماندىلار تاكتىكىسى مۇۋاپىق بولۇش ئاستىدا ، بارسېلونا « ئۈچىنچى چۈش » كوماندىسىنى يىڭەلەيدۇ . لېكىن بىرىنچى بولۇپ سىز چوقۇم بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چوقۇم ئەڭ ياخشى ھالىتىدە تۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىشىڭىز كېرەك . ئىككىنچى : مۇۋاپىق بولغان تاكتىكا جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن باشقا يەنە ، سىزدە يەنە تەلەيمۇ بولۇشى زۆرۈر . ئۇنداق بولمايدىكەن سىزنىڭ بارسېلونا « ئۈچىنچى چۈش » كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىش ئويىڭىز  پەقەت بىر خام خىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

گۇئاردىئولا يىتەكچىلىكىدىكى بارسېلونا كوماندىسى ، ئىلگىرىكى بەش توپ كىرگۈزۈپ مۇرىنھو باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىڭىپ باققان بولۇپ ، ئۇلار بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن . 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى فېرگۇسون باشچىلىقىدىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىمۇ بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلالمىغان ئىدى . سانتوس 100- يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا ، بارسېلونا كوماندىسى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رەقىبىنى گەپ قىلالماس قىلىۋەتكەن ئىدى . شۇ چاغدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پۇتبولى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ ، دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ، مەڭگۈ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئىزلارنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 10مۇنبەر پۇلى +449 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
سەۋدايى + 50 قالتىس!
mardani + 50 ئ‍ېسل!
110+119+120 + 50 قالتىس!
okya999 + 50 قالتىس!
bayazid + 49 قالتىس!
artuq999 + 50 有才
ئاقسۇ01 + 50 قالتىس!
ئېلىخو + 3 قالتىس!
laqin1 + 50 قالتىس!
ئۈرۈمچى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17883
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3064 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 217 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-2-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-10
ۋاقتى: 2017-5-8 11:31:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسىتەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 469 ياۋرۇ
تىللاسى : 29 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1834 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-8 11:32:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتا  ئورۇن  ئېلىپ  قويۇپ  ئوقاي  ،..   ئالامەت  تېمىدەك  قىلىدۇ ،  ئەجرىڭىزگە  رەھمەت ،  ھارمىغايسىز..
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىبارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئىسپانىيە مەستانىسىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823214 ياۋرۇ
تىللاسى : 197 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4429 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-8 11:38:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گوئاردئولا ۋاقتىدىكى بارسېلونا ئادەمدە بىرخىل ئىشىنىچ تۇيغۇسىنى ھىس قىلدۇراتتى ، بارسېلونا مەستانلىرى خاترجەم مۇسابىقە كۈرەتتى ،  قېرى سېرنىڭ قولىنى تىترەتكەن ۋاقىتلىردىكى مۇسابىقە  ئادەمگە ھەقىقەتەن زوق ئاتا قىلىدۇ ،  ئىنرىك  تىن ئۈتۈپ كەتكىنى  5 شاھ بولغاندىن كىيىنكى قان تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىدى ، ئەھمىيەت بەرمىدى دىگنىم توپچى يۆتكىمىدى ئەمەس بەلكى يۆتكەشكە تىگىشلىك بولغان توپچىلارنى يۆتكەشتە چىڭ تۇرمىدى  ، بۇيىل يازدا مەيلى ئىنرىك قالسۇن ياكى كەتسۇن   ياخشى توپچىدىن  مۇداپىئەگە بىرنى ئوتتۇرمەيدانغا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىبارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئىسپانىيە مەستانىسىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823214 ياۋرۇ
تىللاسى : 197 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4429 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-8 11:39:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى تىمىدىن 1نى يازغىنىڭىزغا رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

يازما يوللاش ئۇستىسىدەلىللەنگەن ئەزا

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13200
تېما سانى : 177
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 387 ياۋرۇ
تىللاسى : 14 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4077 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-10-2
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-7
ۋاقتى: 2017-5-8 11:41:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە ،ئىسىل ،نادىر تىمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم. چۈش كوماندىسى، ئالەم كوماندىسى دىگەن ئۇقۇم،كاللامدا ئايدىڭلاشتى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-5-8 11:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو135 يوللىغان ۋاقتى  2017-5-8 11:30
شۇنداق ئىسىل تىمىغا بىرەر ئىنكاسمۇ چۈشمەپتۇ

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازامدۇ يا؟
بارسېلونا كۇلۇبى & پارىژ كۇلۇبى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

ئارسىنال

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15697
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7940 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2528 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-8 11:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل تېما بوپتۇ، دېمىسىمۇ گۇئاردىئولا بارسىلونا ئۈچۈن بىر تارىخ ياراتتى، بارسىلوناغا ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇردى. 6 شاھ بولۇش تولىمۇ تولىمۇ مۇشكۈل بىر ئىش. گۇئاردىئولاغا ھۆرمەت!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14297
تېما سانى : 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13916 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3144 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-7-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-8 11:47:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش قىلىپ ، قالتىس نەتىجە يارتىپتىكەن ، ھازىر تولا ھالدا توپنى كەينىگە قايتۇرۇپ ئىچىنى سىقىۋەتتى كىشىنىڭ، يۇۋىنتۇس بىلەن بولغان تۇنجى ئايلانمىدا توپنى كەينىگە قايتۇرغاندا، ئاپلا دىگەن ، ئاخىرى تىزلا يەپ كەتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17664
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 33170 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1086 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-8 11:58:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ   ،  ۋەھشى  ئېسىل   تېمىدىن  بىرنى   يېزىپسىز   ،  رەخمەت  سىزگە ،     گۇئاردىئۇلاغا  بىرىىل  ھۆرمىتىم  بار    جۇمۇ    مېنىڭ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17432
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 533 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-5-17
ۋاقتى: 2017-5-8 12:06:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېمىدىن بىرسى پۈتۈپتۇ،گۇئاردىئولاغا ھۈرمەت بولسۇن،شۇنداقلا قايتىدىن رەتلىنىپ ياۋروپا سەھنىسنى لال قىلىش ئۈچۈن ئالغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16387
تېما سانى : 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 509 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-12-12
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-3
ۋاقتى: 2017-5-8 12:09:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما نادىرچى بولاپ كەتتۇق دەڭلا
越来越多的是仇人,越来越少的是兄弟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش