كۆرۈش: 2690|ئىنكاس: 44

خانلىق مادرىدنىڭ ئۇدا بەش قىتىملىق ئوزغۇن بولۇشى !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1075
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 213512 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3157 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12


ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تارىخ مەڭگۈ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تارىخى ماتىرىياللارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ باقىدىغان بولساق ، پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرخىل شەكىلدىكى ھىكايىلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ ، بىزنى ماكان ھالقىغان تەسىرلىك ئىشلار ۋە چۈشىنىشكە ئىگە قىلالايتتى . ئاشۇ يۈز يىللىق ۋاقىتنى كىسىپ ئۆتكەن ياۋروپا كۇلۇبلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەر بىر كۇلۇبنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بىر ياڭراق ئاۋازى بولاتتى . نۆۋەتتە بۇ تىمىدا ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشىدىن كېيىنكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى دىستىفانو ۋە پۇسكاش قاتارلىق چولپانلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئارقا ئارقىدىن بەش قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ھىكايىسى سۆزلىنىدۇ .

1947-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ، سەھەردىكى كۈن نۇرى بىر ئىللىق قىش كۈنىنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىۋاتاتتى . ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا بىر يىپيېڭى بولغان چامارتىن پۇتبول مەيدانى رەسمىي ھالدا پۈتكەن ئىدى .

سانتىياگو بىرنابۇ ئەتتىگەندە بۇ مەيدانغا كەلگەن . ئۈچ يىللىق كەچۈرمىشنى باشتىن كەچۈرۈپ ، كوماندىنىڭ ساھىبخان مەيدانى ئاخىرى پۈتكەن ئىدى . بىرنابۇ ئالدىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ بۇ توپ مەيدانىدا ئەمەلگە ئىشىدىغانلىقىنى بىر بىرلەپ ھىس قىلىپ يەتكەن . ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىرنەچچە خىزمەت خادىملىرى پىچىرلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن : بۇ كۇلۇبنىڭ رەئىسى چوقۇم ساراڭ بولغان گەپ ، ئىشۇ تايىنى يوق كۇلۇب بىلەن بۇنداق چوڭ مەيداندىن قانداق پايدىلىنىپ ئىشلىتەلەيدۇ ھاھاھاھاھا . ئۇلار چوقۇم پۇشايمان قىلىدىغان قاچا تاپالماي قالىدۇ .

IMG_2614.JPG
بىرنابۇنىڭ توپچى ۋاقتىدىكى رەسىمى

بىر ئۈمۈرى مادرىدتا ئۆتكەن

14 ياش ۋاقتىدا ، بىرنابۇ خان جەمەتى مادرىد ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلغان . 83 ياش ۋاقتىدا كىسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان بولۇپ ، شۇ چاغدا ئۇ يەنىلا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتقان ئىدى . بىرنابۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا تەقدىم قىلىۋەتكەن بولۇپ ، دەل مۇشۇ بىرنابو سەۋەبىدىن ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 20- ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۇلۇبقا ئايلانغان ئىدى .

ياشلىق دەۋرىدە بىرنابۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىرىنچى ئەترىتىدە 15 يىل توپ تەپكەن ئىدى . خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇ 1200 دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . چىكىنگەندىن كېيىن ، بىرنابۇ يەنىلا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسدا خىزمەت قىلغان . 1936-يىلى ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرىشى باشلاندى . بىرنابۇ ۋە كۇلۇبدىكى ھەرقايسى توپچىلارغا ئوخشاش ئۇرۇشنىڭ تەسىرى پەيدا بولغان بولۇپ ، پۇتبول بۇ دۆلەتتە توختاپ قالغان ئىدى .

ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈزىل كېسىل ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، كوماندىنىڭ مال مۈلۈك ، توپ مەيدانى ۋە نۇرغۇنلىغان كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى ئۇرۇش جەرياندا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى . كېيىن بىرنابۇنى ئاساس قىلغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئەزالىرى كوماندىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىغان . 1943- يىلىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە ئىغىر دەرىجىدە زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى كۇلۇبنىڭ رەئىسىنىڭ ئىستىپا بىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى . ئات تۇيىقىدىن ئايرىلمىغۇچە بەختنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ دىگەندەك ، بىرنابۇ يىڭى نۆۋەتلىك خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان بولۇپ ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىرنابۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغان


بىرنابۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۇلۇبقا قارىتا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان ھەمدە ئاقىللارنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ ، نەچچە يىللىق تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى رەسمىي ھالدا كەسپىي پۇتبول كۇلۇبىغا ئايلانغان ئىدى . كېيىن بىرنابۇ داغدۇغىلىق ھالدا بىر قارارنى ئېلان قىلغان : ھەيۋەتلىك توپ مەيدانى قۇرۇپ ئۇنى كۇلۇبنىڭ ساھىبخان مەيدانى قىلىش .

شۇ ۋاقىتتىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ كۆلىمى بارسېلونا كوماندىسىغا يەتمەيلا قالماستىن ، بەلكى يەنە بىر شەھەردىكى رەقىبى ئاتلېتىكا كوماندىسىغا ۋە بىرباۋ رىقابەت كوماندىسى قاتارلىق بىر نەچچە كۇلۇبقىمۇ يەتمەيتتى . شۇنىڭ بىلەن بۇ تىمىنىڭ بىشىدىكى شۇ كۈرۈنۈش يۈز بەرگەن : نۇرغۇنلىغان كىشىلەر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ بۇ چوڭ پۇتبول مەيدانىغا قارىتا دىمىقىدا كۈلۈپ قويغان ئىدى . ئەلۋەتتە تارىخ ئاخىرىدا شۇنى ئىسپاتلىدىكى بىرنابۇنىڭ بۇ قارارى ئەڭ دانا ، ئۇلۇغ توغرا بولۇپ چىققان ئىدى . بۇ توپ مەيدانى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا نۇرغۇنلىغان كىرىمنى ئاتا قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا توپچىلار مەشىق ۋە مۇسابىقىنى بۇ كاتتا مەيداندا ئىلىپ بېرىدىغان بولغان ئىدى .

يىڭى پۇتبول مەيدانى قۇرۇپ چىقىش بىرنابۇنىڭ پىلانىنىڭ پەقەت بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مۇسابىقىنى يەنىلا پۇتبولچىلار بىلەن مەشقاۋۇلنىڭ تاماملايدۇ . بىرنابۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولغان ، بىرنابۇ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى بىلەن مەشقاۋۇلنى ئىزدەش قىلغان بولۇپ ، بىرلىكتە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ تىخنىكىسىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە ئىلىپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .

دۇنيا بۇيىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان دىستىفانۇ

ئىلگىرى مۇنداق بىر قاراش بولغان : پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ، پىلى بىلەن مارادونانى پۇتبول شاھى دەپ ئاتايدۇ . ئىنگلاندتا بولسا بىست بىلەن چارلتوننى بۇ ئىككى توپ شاھىغا ئەڭ يىقىنلىشىدىغان پۇتبولچىلار دەپ قارايدۇ . فىرانسىيەدە بولسا زىدانى بىلەن پىلاتىنىنى بۇ ئىككى شاھقا ئەڭ يىقىنلىشىدىغان توپچى دەپ قارايدۇ . بىرازىلىيەدە بولسا تاشقى پلانت ئادىمى رونالدونى بۇ ئىككى شاھقا ئەڭ يىقىن كىلىدىغان توپچى دەپ قارايدۇ . گىرمانىيەدە بولسا كىشلەر بېككېنباۋېرنى بۇ ئىككى شاھقا ئەڭ يىقىن كىلىدىغان توپچى دەپ قارايدۇ . پۈتۈن دۇنيادا باشقا توپچىلار بۇ ئىككى داڭلىق توپچى بىلەن سىلىشتۇرلۇپ كىلەتتى . لېكىن ئىسپانىيەدە بولسا كىشىلەر دائىم دىستىفانونى ئۇ ئىككى توپچىغا يىقىنلىشىدۇ ئەمەس ، بەلكى پىلى بىلەن مارادوناغا ئوخشاش ئۇلۇغ ، ھەتتا بۇ ئىككى توپچىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى دەپ قارايدۇ .

IMG_2615.JPG
توپچى ۋاقتىدىكى دىستىفانۇ

دىستېفانو تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تولۇق ئىقتىدارلىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى دەپ ئاتالغان : ئۇنىڭدا بولغان چەكسىز كۈچ ، ئۇرغۇپ تۇرغان جاسارىتى ، ماھارىتىنىڭ موللۇقى ۋە يىڭىشكە بولغان ئىرادىسى بار ئىدى . دىستېفانو ئىلگىرى ئۈچ دۆلەتكە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، بىراق ئەزەلدىن دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىپ باقمىغان ئىدى . گەرچە بىر ئۆمۈر ئۈچ دۆلەتكە ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ ، لېكىن دىستېفانو دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ باقمىغان ئىدى . 1950- يىلى ئارگېنتىنا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن 24 ياشقا كىرگەن دىستېفانو تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدى .

1954- يىلىغا كەلگەندە ئارگېنتىنا كوماندىسى يەنىلا مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان ، ئەمما خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئىلان قىلىپ ، دىستىفانو ئىلگىرى ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، مۇشۇ سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ دەپ جاكارلىغان ئىدى . 1956- يىلىغا كەلگەندە دىستېفانوغا ئىسپانىيە پۇقراسى ھوقۇقى بىرىلگەن بولۇپ ، 1957- يىلى دىستېفانو ئىسپانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىدى . لېكىن ئاخىرىدا ئىسپانىيە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالماي شاللىنىپ كەتكەن بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن دىستېفانو يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى .

1961- يىلى ئاللىقاچان 35 ياشقا كىرىپ قالغان دىستېفانو ئىسپانىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ چىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، لېكىن مۇسكۇلىنىڭ يارىلانغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن قۇرۇق قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن دىستېفانو خەلقئارا مۇسابىقىدىن چىكىنگەن .


شۇنداقتىمۇ دىستىفانونىڭ باشقا جەھەتتىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇنى پۇتبول تارىخىدا بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلالايتتى . نۇرغۇنلىغان كەسپىي زاتلارنىڭ نەزىرىدە ، دىستېفانو پىلى بىلەن مارادونادىن بۇرۇنقى پۇتبول شاھى بولۇپ ، شۇ دەۋردە تىلىۋىزور تىخى ئومۇملاشمىغان بولۇپ ، شۇڭا دىستىفانونىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى پىلى بىلەن مارادوناغا يەتمىگەن ئىدى . لېكىن دىستىفانو نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە ئۈگىنىشىگە ئەرزىيتتى .

دىستېفانو ئارگېنتىنانىڭ كۆچمەنلەر رايۇنىدا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ دادىسى ئىتالىيەلىك ، ئانىسى بولسا فىرانسىيە ۋە ئىرلاندىيە قان سىستېمىسىدىن ئىدى . گەرچە دادىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ، دىستېفانو كىچىكىدىن باشلاپلا پۇتبول بىلەن ئۇچراشقان ئىدى . ئۇنىڭ قارىشىچە بۇيىچە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر كەسپىي پۇتبولچىغا ئايلىنىشىدا ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۆھپىسىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بىر كۈنى دىستىفانونىڭ ئانىسى ئۇنى مەشىق قىلىش مەيدانىغا ئىلىپ كەلگەن . شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر دىستېفانودىن كىمنىڭ ئۆزىنى بۇيەرگە ئىلىپ كەلگەنلىكىنى دىگەن چاغدا ، دىستېفانو ھەرقىتىم ئانام دەپ جاۋاب بىرەتتى .

دەريا قىنى كوماندىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، دىستىفانو ئۇزۇن ۋاقىت كوماندىنىڭ 4- ئەترىتىدىلا توپ تەپكەن ، شۇنىڭ بىلەن كوماندا بىلەن دىستېفانو ئوتتۇرىسىدا زىدىيەتلەر كۆرۈلگەن ، ئاخىرىدا دىستېفانو دۆلەت ھالقىپ باشقا دۆلەتكە بىرىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولغان . كېيىن دىستېفانو كولومبىيەنىڭ پايتەختىدىكى مىليۇنىرلار كوماندىسىغا قوشۇلغان . گەرچە ياقا يۇرتتا بولسىمۇ ، لېكىن دىستېفانو ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ پۇتبول ھاياتىنى باشلىۋەتكەن . ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ كوماندىدا كىرگۈزگەن توپى ئوتتۇرىچە ھساب بىلەن ھەر مەيدىنىغا بىر توپتىن توغرا كەلگەن بولۇپ ، بۇنى شۇ يىللاردىكى ئەھۋالغا سىلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن دىستىفانونىڭ بۇنداق ياخشى ئىپادىسى ئىسپانىيە كۇلۇبلىرى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسى ئانا كوماندىسى بولغان دەريا قىنى كوماندىسى بىلەن ئالاقىلاشقان ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بولسا بىۋاسىتە مىليونىرلار كوماندىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى .

ئۇ چاغلاردا توپچىلار بىلەن توختام ئىمزالايدىغان ئىش ھازىرقىدەك قىلىپلاشقان ئەمەس بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى دىستېفانونى تالىشىش ئۇرىشىنى باشلىۋەتكەن ئىدى . ئاخىرىدا ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن ، دىستېفانونى ئالدى بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا ئىككى يىل توپ تىپىشىنى ، ئاندىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسىدا ئىككى يىل توپ تىپىشىنى بەلگىلەنگەن . بەلكىم بۇ بەلگىلىمىنىڭ بەك بىمەنە بولغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 40 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسى بۇ ئىشتىن بىراقلا چىكىنىپ چىقىشنى تاللىغان . ئويلىمىغان يەردىن كېيىن ئەشەددىي رەقىبىنىڭ بىر مىسلى كۆرۈلمىگەن خاندانلىقنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسى ئەينى ۋاقىتتىكى تاللىشىدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ئىدى . چۈنكى دىستېفانو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى قۇشۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ 5-0 بارسېلونا كوماندىسىنى قىرغىن قىلىشىغا زور دەرىجىدە تۆھپە قوشقان . ئۇ يىلى 1953- يىلى ئىدى


IMG_2616.JPG
دىستىفانۇ ئىلگىرى بارسېلونىڭ كىيىمىنى كىيىپ باققان

1953-1954 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، دىستىفانونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان تۇنجى يىلى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئايرىلغىنىغا 21 يىل بولغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، ھەمدە دىستېفانو 27 توپ كىرگۈزۈپ مەرگەنلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى فېردىناند شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ داڭلىق بولغان MV تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، كوماندىغا نۇرغۇنلىغان شان شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلگەن .

1954-1955 مۇسابىقە پەسلىدە دىستېفانو باشچىلىقىدىكى گىنتو ، ھىنتو ۋە رىيال قاتارلىق گىگانىت چولپانلار ئۇدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇ يىلىدا يەنە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان لاتىن لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى فىرانسىيە زەردارى رېمىس كوماندىسىنى  مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . يەنە كېلىپ بۇ يىلى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىنىڭ ئىسمىنى رەسمىي ھالدا سانتىياگو بىرنابۇغا ئۆزگەرتكەن ئىدى .

1956- يىلى فىرانسىيەنىڭ پۇتبول ژورنىلى « كوماندا گېزىتى » دا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى تەسۋىرلەپ خەۋەر يازغان بولۇپ ، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 4-3 نەتىجىدە رىمىس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى قېتىم چىمپىيۇن بولغان كوماندىغا ئايلانغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى .

1956-1957 مۇسابىقە پەسلىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يەنە دومىنگوس ، كانارىئو قاتارلىق چولپانلارنى كوماندا قۇشۇۋالغان بولۇپ ، بۇ يىلىدىكى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بىرنابۇدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا فىلورىنسا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ئىككى قىتىم ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .


ئورۇق ھەم سىمىز بولغان گىگانت چولپان پۇسكاش

بۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى بىر كىلاسسىك ئۇسلۇبىنى ياراتقان ئىدى . بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىپ نادان ، ھىچنىمىنى قىلالمايدۇ دېگەن گەپلەرنى قىلغان . ئەگەردە بىز بۇنى ئىجابىي تەرەپتىن چۈشىنىپ قىلىدىغان بولساق ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پۇسكاشنىڭ ناھايىتى مەشھۇر توپچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەتتى .

" قاراڭلار ئاۋۇ پور كۆتەككە ، قارىغاندا بىز ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى قىرغىن قىلىدىغاندەك تۇرىمىز " . بۇ ۋىنگىرىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىنگلاند توپچىسىنىڭ پۇسكاشنى مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن دىگەن گىپى بولۇپ ، لېكىن ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز بىشىغا چىققان . ئەنگىلىيەلىك كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، بۇ بىر ناھايىتى پالاكەت باسقان ئەسلىمە بولۇپ قالغان ئىدى . شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە ، ئىنگلاند كوماندىسى 3-6 نەتىجىدە ۋىنگىرىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، بۇ ئىنگلاند كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىنبولى پۇتبول مەيدانىدا چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن چەتئەل كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . تىخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغىنى مۇسابىقە بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە پۇتبول شاھ دۆلىتىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنىمۇ يوقىتىپ قويغانلىقى ، ھەمدە ۋىنگىرىيەنىڭ توپ ئويناش ئۇسلۇبىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىنتايىن قورقىتىۋەتكەن ئىدى .

« پاكار سىمىز » دەل پۇسكاش بولۇپ ، ۋىنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى . ئۇ ھەم پاكار ھەم كۈچلۈك بولۇپ ، ھەتتا ئىغىرلىقى ئىشىپ كەتتى دىيىشكە تامامەن بولىدىغان بولۇپ ، كاللا توپنىمۇ ياخشى ئۇرۇندىيالمايتتى . ئەنگىلىيەلىكلەر بۇ توپچىنى قەيەردە ئۇچرىتىپ قالغان بولسا ، بۇ توپچى خۇددى تانكىغا ئوخشاش زەمبىرەك ئوقى ئارقىلىق ، ئىنگلاند كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ۋارتارىنى ئۆتمە تۈشۈك قىلىۋىتەتتى . ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى تام فىنىن ئەينى ۋاقىتتا ئىنگلاند كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توپچى بىر نەچچە ئايدىن كېيىنكى ۋىنگىرىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، نەتىجىدە ۋىنگىرىيە كوماندىسى 7-1 ئىنگلاند كوماندىسىنى ۋەھشى قىرغىن قىلىۋەتكەن بولۇپ ، بۇ توپچى نەخ مەيداندىلا يىغلاپ كەتكەن .


IMG_2617.JPG

پۇسكاش 84 مەيدان دۆلەت مۇسابىقىسىدە 83 توپ كىرگۈزگەن رىكورتىنى قالدۇرۇپ قويغان بولۇپ ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇنجى بولۇپ 4 توپ كىرگۈزگەن توپچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

پۇسكاش 1927- يىلى بۇداپېشتتا تۇغۇلغان بولۇپ ، كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ پۇتبول تالانتى نامايەن بولۇپ كۆرۈنۈپ چىقىپ بولغان ئىدى . 16 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ، ئۇ ئىلگىرى دادىسى توپ تەپكەن جىستپىست كوماندىسغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، 18 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا ئاۋىستىرىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىدا تۇنجى قېتىم چاقنىغان ئىدى .

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ، ۋىنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بولۇپ ، ئۇلار 1938- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن . لېكىن كىيىنچە ئۇرۇشنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ ، ۋىنگىرىيە دۆلەت ئىچىدە زور دەرىجىدە چىكىنىشلەر يۈز بەرگەن بولۇپ ، بولۇپمۇ پۇتبولدا چىكىنىپ كەتكەن . شۇنىڭدىن كېيىن پۇسكاش ئارمىيە توپ كوماندىسى بولغان ھورن ۋىردىڭغا بىرىپ توپ تىپىشنى باشلىغان ئىدى . بۇ مەزگىلىدە ۋىنگىرىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى چىمپىيۇن بولۇش قىززىق نۇقتا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ۋىنگىرىيە كوماندىسى 2-3 نەتىجىدە غەربىي گىرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ ، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ۋىنگىرىيە كوماندىسى كەينىگە قاراپ ماڭغان .

1956- يىلى پۇسكاش بىلەن ئۇنىڭ كوماندىسى ھورن ۋىردىڭ ئىسپانىيەگە چىقىش ئالدىدا ، ۋىنگىرىيە دۆلەت ئىچىدە ئىنقىلاب پارتىلىغان بولۇپ ، پۇسكاش بىلەن ئۇنىڭ سەبدىشى كوكسىس ، سەبۇل قاتارلىق توپچىلار ۋەتىنىگە ئاسىيلىق قىلىپ قاچقان بولۇپ ، ۋەتىنىگە قايتىشنى رەت قىلغان ئىدى . بۇ مەزگىلىدە پۇسكاشنىڭ كۈنى ناھايىتى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ ئاۋىستىرىيەدە بىر يىل قىلىپ قالغان ، ئۇ كېيىن ئىتالىيەگە بېرىپ توپ تىپىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، لېكىن شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللىقاچان 30 غا كىرىپ بولغان ئىدى . كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ سىمىز ھەم پاكار بولغان ئەپتىنى كۆرۈپ ھىچقانداق نەرسىنى قىلالمايدۇ دەپ ھىس قىلغان .
لېكىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بۇنداق ئويلىمىغان بولۇپ ، 1958- يىلى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ پۇسكاشنى كوماندىغا قوشۇۋالغان ئىدى . كۆپ قىسىم كىشىلەر خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ نىمىشقا بۇ توپچىنى قوشۇۋالغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن بولۇپ ، كوماندىدا ئاللىقاچان دىستېفانو بار تۇرسا ، يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بۇ سىمىز توپچىنى سىتىۋىلىپ نىمە قىلىدىغاندۇ دىيىشكەن .  

پۇسكاش ناھايىتى تىزلا ئۆزىدىن گۇمان قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئىتىۋەتكەن بولۇپ ، 31 ياشقا كىرگەن پۇسكاش دەسلەپكى مۇسابىقە پەسلىدە 21 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، سەبداشلىرى بىلەن بىللە تۆتىنچى قېتىملىق ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .

1960 - يىلىدىكى دىستېفانو بىلەن پۇسكاشنى ئاساس قىلغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم گۇرۇپپىسى قارشى تەرەپنى ئىچىنىشلىق ھالدا ئازابلاشقا باشلىغان ئىدى . ئەڭ كىلاسسىك مۇسابىقە بولسا ، 1959-1960 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، 128000 ئادەم سىغىدىغان شوتلاندىيە گلاسگوۋ باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا بىر قىتىم كىشىنى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى 7-3 نەتىجىدە فرانكفورت كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ ، مۇسابىقىدە دىستىفانو قالپاق ئويۇنى ئوينىغان ، پۇسكاش بولسا تۆت توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم تۆت توپ كىرگۈزگەن توپچىغا ئايلانغان .


IMG_2618.JPG
دىستىفانۇ بىلەن پۇسكاش

شۇ يىللاردىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئالماشتۇرغان مەشقاۋۇللار

بەك قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىلگىرى كوماندىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سۇلالىسىنى بىر مەشقاۋۇل قۇرۇپ چىققان ئەمەس ئىدى . 1953-1954 يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشلاپ ، تاكى 1959-1960 يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئۇدا بەش قىتىم چىمپىيۇنلۇقى ئاخىرلاشقان ئىدى . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بۇ مەزگىلىدە بەش مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇپ بولغان ئىدى . بەلكى مۇشۇنداق تارىخنىڭ بولىشى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ، پەقەت ياخشى رەئىس ۋە توپچىلار بولسىلا ، چىمپىيۇنلۇق ئۆزلىكىدىن كىلىدۇ ، مەشقاۋۇل مۇنداق ئۇنچە بەك مۇھىم ئەمەس ، بۇ خىل ئەندىزە ھازىرغا قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىدى .

1953-1954 مۇسابىقە پەسلىدە بىرنابۇنىڭ ئىسلاھاتى ئاخىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، فېردىناند خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئايرىلغىنىغا 21 يىل بولغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، كۇلۇب تارىخىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان . فېردىناند ناھايىتى ئاز ساندىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان تىرىنىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بارسېلونا كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان مەزگىلىدىمۇ ، فېردىناند بارسېلونا كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . 1954-1955 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشلىنىپ 10- ئايلانمىغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ياخشى ئەمەس بولۇپ ، فېردىناند مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى . بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل تىرىنىرى خوسى بىليالونگا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى قولىغا ئالغان بولۇپ ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىككى قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى ۋە بىر قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى . بىرىنچى قېتىم ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ۋاقىتتا ، بىليالونگا تىخى 37 ياشقا توشمىغان بولۇپ ، ئۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ياش ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن مەشقاۋۇللۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ، بىليالونگا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسى بىرنابۇ بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچقا ، كىيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلغان ئىدى .

1957-1958 مۇسابىقە پەسلىدە ئارگېنتىنالىق لۇيىس خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلانغان بولۇپ ، ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاشلا ئۇمۇ مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئىككى قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى ۋە بىر قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، لېكىن ئۇنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتى تازا ياخشى بولمىغان ئىدى . 1958-1959 مۇسابىقە پەسلىدە لويىس يىرىم يولدا تۇيۇقسىزلا ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ، كوماندا باشلىقى  مۈنىئوز كوماندىنى قولىغا ئالغان ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا 1959- يىلى 4-ئايدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى مۈنىئوزنى قايتىدىن كوماندىغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، مۈنىئوزمۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كوماندىدىن ئايرىلغان ئىدى . بىز بايا تىلغا ئالغان كوماندا باشلىقى مۈنىئوز يەنە 1960- يىلى 4-ئايدا يەنە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان . بۇ قىتىم مۈنىئوز بىر يولۇچى سۈپىتىدە ئەمەس ، بەلكى كېيىن ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا توپتوغرا 14 يىل مەشقاۋۇللۇق قىلغان بولۇپ ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ 14 يىل ئىچىدە مۈنىئوز باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىككى قىتىم ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇققا (1960 ، 1966) ، ھەمدە توققۇز قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە يەنە ئۈچ قېتىم باشقا تۈردىكى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .

         خاتىمە

1961-1962 مۇسابىقە پەسلىدە ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى سەككىز كۈچلۈك دەسلەپكى مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ، 1962-1963 مۇسابىقە پەسلىدە پۇسكاش قالپاق ئويۇنى ئوينىغان بولسىمۇ ، لېكىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان بولۇپ ، 3-5 نەتىجىدە بىفىنكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى . گەرچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى شۇ چاغدا خارابلىشىشقا قاراپ ماڭغان دىيىشكە بولمىسىمۇ ، لېكىن دىستېفانو ، پۇسكاشقا ئىگە بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئۇدا بەش يىللىق چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش قەدىمى ئاخىرلاشقان ئىدى .

دىستېفانو بىلەن پۇسكاش چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، مەشقاۋۇللۇق قىلىشنى باشلىغان ئىدى . دىستىفانو ئارگېنتىناغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ ، دەريا قىنى كوماندىسى بىلەن بوكا ياشلار كوماندىسىنى  يىتەكلەپ بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . ئىسپانىيەدە بولسا ئۇ ۋالىنسىيە كوماندىسنى يىتەكلەپ غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، بۇ ۋالىنسىيە كوماندىسنىڭ خەلقئارا پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان شەرەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھەتتا ۋالىنسىيە مەستانىلىرى ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتاتتى . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى دىستىفانونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ھاياتى تازا ياخشى بولمىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى بولسا ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى يىتەكلەپ 1983- يىلىدىكى غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بولغان بولۇپ ، لېكىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فېرگۇسون يىتەكچىلىك قىلغان شوتلاندىيە ئابېردىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ ، ھەمدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ پەخرى رەئىسى بولغان . تاكى 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ۋاپات بولغان ئىدى .

IMG_2619.JPG
دىستىفانۇ بىلەن پۇسكاش يەنە بىر قىتىم ئۇچراشتى

پۇسكاشنىڭ تەقدىرى بولسا دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان بولۇپ ، تۇرمۇشى ئەگرى توقايلىقتا ئۆتكەن . چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، پۇسكاش يىتەكچىلىك قىلغان كوماندىلار ئاسىيا ۋە ئوكيانىيە قىتئەسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، ئۇنىڭ پۇتبول پەلسەپىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان ئىدى .1993- يىلى ئاخىرى ئايرىلغىنىغا 37 يىل بولغان دۆلىتى ۋىنگىرىيەگە قايتىپ كەتكەن بولۇپ ، ھەمدە ۋىنگىرىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان . لېكىن پۇسكاش پۇتبول تالانت ئىگىسى بولسىمۇ ، پۇتبولى چىكىنىپ كەتكەن بىر دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى . شۇنىڭ بىلەن پۇسكاشنىڭ ۋەتىنىنىڭ پۇتبولنى قايتا جانلاندۇرۇش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلانغان ئىدى . پۇسكاش ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ناھايىتى ئىچىنىشلىق ھالدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئۇ ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ ھەتتا ئىرىشكەن ئالتۇن ئاياغ ۋە مۇكاپات لوڭقىسىنى سىتىپ داۋالانغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۈنۈم بەرمەي 2006- يىلى پۇسكاش ئالەمدىن ئۆتكەن .


IMG_2620.JPG

تارىخ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئاۋالقىدەكلا نۇرىنى چىچىپ تۇرماقتا ئىدى . لېكىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدا شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن ھەر بىر چولپانلار شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى ئەجداتلارنىڭ ئۇدا بەش قىتىملىق چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىشى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ھازىرقىدەك شان شەرەپلەرگە نائىل قىلغان بولغان بولۇپ ، چىمپىيۇنلۇقنى كۆپ قولغا كەلتۈرگەندىلا يىتەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6مۇنبەر پۇلى +260 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
خاتىرە + 50 قالتىس!
ئايقۇت + 50 قالتىس!
يۇرتۇم7 + 50 + 10 + 10 + 10 说的真好قالتىس ، نادىر تى.
mardani + 50 ........................................
110+119+120 + 10 قالتىس!
كۆسەنى + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8950
تېما سانى : 223
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 2476922 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3094 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-4-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-6 14:08:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر مېنىڭ مۇنبەردىكى ئىسمىمغا قىزىقىشىپ سورىشىدۇ، مەنمۇ 11 ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ مادىرىد كوماندىسىنى بىلگەنمەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە، بەلكىم ئۆمۈرىمنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ كوماندىغا سادىق مەستانە بولۇپ ئۆتۈشۈم مۇمكىن، بېرنابۇ دېگەن شەخىسنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە قىزىقىپ بۇ ئىسىمنى مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەندىن باشلاپ قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن.
يەنە بىر ئېسىل تېما، تەشەككۈر رونالدو1985 بۇرادەر، قوللىرىڭىز ھارمىغاي، نېرۋىلىرىڭىز چارچىمىغاي !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18081
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 128 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-6
ۋاقتى: 2017-5-6 14:32:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا گەپ ھاجەتسىز ئسل تىما نۇرغۇن بلمىگەن بىلىملەرنى بىلۋالدۇق ،تىما ئىگسىگە رەھمەت جاپا چەكتىڭىز،باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىما ئىگسىنى لۇكچەك قىلشىنى تەۋسىيە قىلمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17667
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1148 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-18
ۋاقتى: 2017-5-6 14:37:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  تىما  لۈكچەك بۇلسۇن ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسىتەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 469 ياۋرۇ
تىللاسى : 29 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1834 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-6 14:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئالامەت  نادىر  تېما  بوپتۇ  ،..  ئەجرىڭىزگە  رەھمەت ،...
   
     بولۇپكا  سېزدىن سورايدىغان   بىر  سوئال  با ،.   سېزنىڭ  قىز  دوستىڭىزنىڭ  توردىكى  ئېسمى   ‹‹بولۇپ››   مۇ  ،  ياكى قانداق  ئېش  با ....
   
    تېمىلىرىڭىزنىڭ  ھەممىسىگە ماندا  دېققەت  قىلسام  ‹‹ بولۇپ›› دىگەن  سۈزنى ئېنتابەك  جىق ئېشلىتىدىكەنسىز....(چاق چاق)
   ئامما  تېمىڭىز بەك  ئېسىل  چىقىپتۇ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13179
تېما سانى : 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15096 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2175 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-9-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-16
ۋاقتى: 2017-5-6 15:01:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇنالدۇ 1985 نى  مەن  مۇنبىرىمىزدىكى   بىر كونا ئەزامىكىن دەپ  ئۇيلاپ قالدىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

چىمپىيونلۇق لوڭقىسىمادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15587
تېما سانى : 86
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 369539 ياۋرۇ
تىللاسى : 49 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1438 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-6 15:11:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى  قايسىلا ئەزا  بولسۇن ،ھەقىقەتەن  نادىر  تېما  ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1427 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-6 15:17:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنابۇغا ھۆرمەتلەر بولسۇن
不怕神一样的对手,就怕猪一样的队友
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17518
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18420 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1608 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-10-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-5-6 15:26:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ،نۇرغۇن بىلملەرگە ئىگە بولدۇق
خېتىڭ سەت بولسىمۇ،ھەقىقەتنى ياز
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17432
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4605 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 533 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-5-17
ۋاقتى: 2017-5-6 15:30:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلا كوماندىدا توپ تەپكەننى  نىمە دەيتتۇق       ،  دەپ تۇرۋالسام نىمە بوپ كېتە ھە،چاق چاق ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18081
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1030 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 128 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-6
ۋاقتى: 2017-5-6 16:01:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز  بولاپ قالدى بۇگەن خانلىق مادرىدنىڭ مۇسابىقىسى بارمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزامۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىبارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئىسپانىيە مەستانىسىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 823214 ياۋرۇ
تىللاسى : 197 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4429 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-5-6 16:02:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىستىفانو  ، پۇسكاش ، بېرنابۇ  قاتارلىقلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ لىكىن  ئەينى ۋاقىتتىكى   قالتىس توپچىلار  ئىكەنلىگىنى  يازمىلاردىن ھىس قىلىپ تۇرۇپتۇق ، بىر توپچىنىڭ شۇ كۇلۇپقا مىھرىنى بىرېپ شۇ كۇلۇپتىن ئايرىلماي توپچىلىق  ۋە چىكىنگەندىن كىيىنكى خزمەتلەرنى ئىشلىشى  ئاسان ئەمەس ،  بارسېلونا ، مادرىد ، بايرىن ، مانچېستېر ، يۇۋېنتۇس ، قوشماق مىلان  ،رىم ، لىۋېرپول قاتارلىق كوماندىلارنى  كەسپى ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇش ئادەتتىكى ئىش ئەمەس   ، يۇقارقى تىمىدىكى  ئىسمى ئاتالغان توپچىلارغا ھۆرمەتلەر بولسۇن  ،  شۇنىڭغا ئىشنىمەن  ئەگەر مىسسىمۇ  بارسېلونادا كەسپى ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇپ قالالىسا   ھازىر  يۆتكىلىپ ئۈزىنى ئىسپاتلىسۇن دىگەنلەرمۇ   مىسسى قىلالىدى دەپ  ئىتراپ قىلىدۇ ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كىيىن مىسسىمۇ  سادىق جەڭچىلەر قاتارىدا  ئەسلىنىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش