كۆرۈش: 3003|ئىنكاس: 34

ئىلگىرىكى نىيمارنى تالىشىش جىڭى قانداق بولغان ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108631 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ئىلگىرى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن چىلسىي كوماندىسى سانتۇس كوماندىسىدىن نىيمارنى كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ ، لېكىن بۇ بىرازىلىيەلىك چولپان ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بارسېلونا كوماندىسىغا تاپشۇرۇشنى قارار قىلدى . بىر پارچە يىڭىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە ، نىيمارنى تالىشىش كۆرىشىنىڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسىدە ھەل قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن .

IMG_2328.JPG

2011-يىلى 7 ئاينىڭ بىر كىچىسى ، ئەينى ۋاقىتتا پۇتبول دۇنياسىدىكى كۆزلەر سانتۇس كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا بىل مىلوۋ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىگە تىكىلدى . بۇ توپ مەيدانى ئىلگىرى پىلى توپ تەپكەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالى بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيتتى . بۇ پۇتبول شاھى ئىلگىرى بۇ مەيداننىڭ كۆرۈش سۇپىسى ئاستىدىكى بىر ياتاقتا تۇرۇپمۇ باققان ئىدى .

ئەمما شۇ كۈنى كەچتە ، ئىسمى نىيمار دەپ ئاتىلىدىغان 19 ياشلىق كىچىك ماھىر ئۇدا ئىككى قىتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان رونالدىنھو بىلەن كۈچ سىناشتى . بۇ بىرازىلىيەنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپىنى رونالدىنھونىڭ ئەڭ كىشىلەرگە داڭلىق يىرى بولسا ، ئۇنىڭ خۇددى تىلسىم كەبى يۇقىرى بولغان توپ كونتىرول قىلىش تىخنىكىسىنىڭ  يۇقىرىلىقى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك ھىجىيىپ كۈلۈش بولغان . بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە شاھىد بولۇش ئۈچۈن ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەشقاۋۇللىرى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاشقا چەك تارتىشتىن بۇرۇن بۇ مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى .

توپ مەيدانىدا نىيمارنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تىز بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتى كۈچكە تولغان ئىدى . شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ، پۈتۈن بىرازىلىيە ياشلىرى نىيمارنىڭ موخاۋك چاچ پاسونىنى دوراشقا باشلىغان ئىدى . ئۇ مۇسابىقىدە خۇددى تولغۇما ئۇسۇل ئوينىغاندەكلا تۆت بەش ئادەمدىن ئالداپ ئۆتۈپ توپنى تېپىپ كىرگۈزدى . نىيمارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بۆسۈپ كىرىش ئىقتىدارى مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلغان بولۇپ ، تاماششىبىنلارنىڭ ھەممىسى ئاستا قويۇلغان قايتا كۆرىنىشى ئارقىلىق نىيمارنىڭ كىرگۈزۈپ توپىدىن ھوزۇر ئالغان ئىدى .

نىيمار شۇنىڭدىن كېيىن تىزلا ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلارنىڭ ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان توپچىسىغا ئايلانغان ، نىيمارنىڭ ۋاستچىسى ۋاگنېر رىبىيرو ئىلگىرى 30 مىليۇنلۇق باھا بىلەن روبىنىھۇنى  خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا ئىلىپ كەتكەن ئىدى . يەنە بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ۋاگنېر تىخى 14 ياشقا كىرمىگەن نىيمارنى ئىلىپ بىرنابو مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرگەن .

سانتۇس كوماندىسى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ، سانتۇس كوماندىسى تىخى رەسمىي ھالدا كەسپىي توپچىغا ئايلانمىغان نىيمارنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن سانتۇس كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئادۇۋكاتى ماركوس بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ھەمدە ئۇنىڭغا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇقتۇرغان . كىيىن ئادۇۋكات ئۇلارغا مۇنداق دېگەن : '' ئاڭلاڭلار ، بۇ تىخى بىر بالا .''  .. كىيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن :''  بىز ئاللىقاچان خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇق ، بىز يەنە بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەنمۇ ئالاقىلاشتۇق ''  . نىيمار پەقەتلا بىرنابۇغا مۇسابىقە كۆرگىلى بارغان بولۇپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي نىيمار سانتۇس كوماندىسى بىلەن  كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق توختامنى تۈزگەن .

سانتوس كوماندىسى ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇبلارغا ئوخشاش نىيمارغا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاش تەمىناتى بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالغان . شۇنىڭ ئۈچۈن نىيمار ئۇزۇن ئۆتمەي كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتىدىغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ ۋاستچىسى كەلگۈسىدىكى نىيمارنىڭ يۆتكىلىشنىڭ %40 نى نىيمارغا تەۋە بولىشى توغرىسىدا نىيمارنى قايىل قىلغان . جەنۇبىي ئافرىقىدا بۇنداق پارچىلاپ يۆتكىلىش ئىشلىرى ئەسلا يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى . شۇنى بىلىش كېرەككى 2015-يىلىدا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئۆزىنىڭ يۆتكىلىش ھەققىنىڭ %15 نى ئالسا بولىدىغانلىقىغا يول قويغان بولۇپ ، سودىلىشىشتىن بۇرۇن بۇنداق توختامنىڭ ئىمزالىشىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلەتتى .


IMG_2329.JPG

كېيىن سانتوس كوماندىسى نىيمارنىڭ دادىسىغا كوماندىنىڭ نىيمارنىڭ بارلىق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سىتىۋالىدىغان چوڭ سىتىۋالغۇچى ئورۇنلاشتۇردىغىنىنى ئىيتقان . ئۇ زەنجىرسىمان چوڭ بازارنىڭ خوجايىن ساڭدا ئىدى . ئەينى ۋاقىتتا نىيمارنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ يۆتكىلىش باھاسىنى 5 مىليون رىيال ، ياۋرۇغا سۇندۇرغاندا 1.5 مىليون ياۋرو قىلىپ بىكىتكەن . سودىدا كىلىشىش ئۈچۈن ساڭدا تىخى بۇنىڭدىن سىرت يەنە نىيمارنىڭ ۋاتسچىسىغا 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرى شىرىنكانە بىرىشنى دىگەن . شۇنىڭ بىلەن نىيمار 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدىن بۇرۇن ئاللىقاچانلا مىليۇنىرغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .

ئىككىنچى كۈنى نىيمار مۇسابىقىنىڭ 60- مىنۇتىغا كەلگەندە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ سانتۇس كوماندىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق چاقنىشىنى تاماملىدى . شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇچىسىغا ئۆزى ئادەتتە كىيىدىغان كىيىمدىنمۇ چوڭ كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان . نىيمار مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن مەستانىلەر نىيمارنىڭ ئىسمىنى توۋلاشقان باشلىغان ئىدى ، نىيمار ھەربىر قىتىم توپ بىلەن ئۇچراشقاندا مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى ھاياجانلىنىپ كىتەتتى . بىر خەۋەرگە مۇنداق يىزىلغان : بۇ بالا مۇسابىقىگە قايناق ھېسسىيات ئاتا قىلدى .

تۇنجى پەسىللىك مۇسابىقىدە نىيمار بىرلەشمىدە 10 توپ كىرگۈزدى ، ئارقىدىن يەنە بىر قېتىملىق مۇسابىقە پەسلىدە 17 توپ كىرگۈزدى ، كىيىن نىيمار ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىقا قاراپ ماڭغان ، ھەمدە بارغانسېرى كۆپ بايلار مەبلەغ سېلىپ ئۇنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى سىتىۋىلىشقا ئويلاشقان . بىر تۈركۈم سانتوس كوماندىسىنىڭ باي مەستانىلىرى كۇلۇبقا 3.5 مىليون رىيال مەبلەغ سىلىپ نىيمارنىڭ %5 ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە نىيمارنىڭ باھاسىنىڭ بەش ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بىرەتتى .

IMG_2330.JPG

سانتوس كوماندىسى بىلەن ئۇنىڭغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل  بۆلىدىغىنى شۇكى داۋاملىق نىيمارنىڭ دادىسى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورۇنتۇش ۋە بۇ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدى . ھەمدە سودا ئىشلىرىدا نىيماردىن كۆپ پايدىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى . نىيمارنىڭ كىيىنكى بىكىتى ئەلۋەتتە ياۋروپا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . نىيمارنىڭ دادىسى ئىلگىرى چىلسىي كوماندىسىنىڭ خوجايىنى ئابراموۋىچ بىلەن لوندوندا كۆرۈشۈپ باققان ئىدى .

2010-يىلى 8- ئاينىڭ 1-كۈنى نىيمار ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە دۆلەت كوماندىسىدا تۇنجى قېتىم چاقنىغان . ھەمدە ئوخشاش بىر كۈندە چىلسىي كوماندىسى نىيمار ئۈچۈن بىر پارچە توختام تەييارلىغان . موتا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن : بىز نىيۇيورك شەھىرىدىكى خىلتون مېھمانخانىسىدا كۆرۈشتۇق .
چوڭ زالنىڭ ئىچىدە نىيمارنىڭ دادىسى ، نىيمارنىڭ ۋاستچىسى ۋە ئابراموۋىچ ھوقۇق بەرگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى لۇيىسمۇ بىرلىكتە سۆھبەتكە قاتناشقان . بۇ يىڭىدىن سايلانغان سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى سۆھبەتنى تىزلا ئاخىرلاشتۇرغان . چۈنكى بۇ رەئىس چىلسىي كوماندىسىنىڭ 35 مىليونلۇق باھاسىنى رەت قىلىۋەتكەن .


گەرچە ئۇ تەمكىن بولۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، لېكىن رەئىس لۇيىس ئەپەندى چىلسىي كوماندىسىنىڭ بۇنداق ئالدىراقسانلىق بىلەن توختام ئىمزالىشىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن . ھەمدە دەرھال بىرازىلىيەدىكى باش شىتابىغا تىلىفۇن قىلىپ نىيمار ئۈچۈن بىر كەسپىي توختام لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نىيمارنى ئۇزۇن مەزگىل كوماندىدا ئېلىپ قىلىشنى ئىيتقان . بۇ لايىھەنىڭ كونكرېت مەزمۇنى نىيمارغا ئىنگىلىزتىلى ۋە ئىسپانىيە دەرىسلىكى بىلەن تەمىنلەشنى ، ھەمدە ئۇنىڭغا بەدەن مەشىقى دەرىسىنى ، ھەمدە بىر مالىيە باشقۇرۇش ئۆمىكى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .

نىيمار سانتوس كوماندىسىغا ياردەم بېرىپ كوماندىنى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا ئىلىپ كىرگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە نىيمار كوماندىنى يېتەكلەپ 1963- يىلىدىن بۇيان ئىرىشىپ باقمىغان ئازادلىق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . پانا روللى كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۇچىرشىشدا نىيمار كوماندىغا ۋاكالىتەن تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ ، سانتوس كوماندىسىنىڭ 2:1 رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىشىغا چوڭ ياردەم قىلغان بولۇپ ، چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ، ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى 19 ياشقا كىرگەن نىيمار پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالانغان .

IMG_2331.JPG

نىيمار قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ، نىيمارنىڭ دادىسى شۇ چاغدا سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسىنى قايىل قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ كۈلكىلىك بولغان كىلىشىمدىن بىرنى ئىمزالىغان . مەسىلەن نىيمارنىڭ كوماندا بىلەن تۆت يىل توختام ۋاقتى بولسىمۇ ، يەنىلا كەلگۈسىدىكى يۆتكىلىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا يول قويشىنى تەلەپ قىلغان . بۇ ئەسلىدىكى پىلاندىن بىريىل بۇرۇن ئىلىپ بېرىلغان ئىدى . باشقا كوماندا بىلەن يۆتكىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە يول قويۇش كىلىشىمىنى ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ شۇنىڭدىن دىرەك بېرىدۇكى نىيمارنىڭ دادىسى يۆتكىلىش بازىرىغا بېرىپ باشقىلارنى نىيمارنى يۇقىرى باھادا سىتىۋىلىشقا جەلپ قىلسا تامامەن بولىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن نىيمارنىڭ دادىسى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ، بارسېلونا كوماندىسى ۋە بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ باھاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان .

نىيمارنىڭ ئەترىتىنىڭ نىشانى بولسا نىيمارنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن نىيمارنى  سانتوس كوماندىسىدا ئىلىپ قىلىش ئىدى . ھەمدە نىيمار ياۋروپاغا قەدەم قۇيۇشتىن ئىلگىرى ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچى تەرەپ مەسىلەن نىكى ، قىزىل كالا ۋە پاناسونىك قاتارلىق شىركەتلەر ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ سودا جەھەتتە خىلى كۆپ كىرىم قىلغان ئىدى . خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى نىيمارنىڭ سودا جەھەتتىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىنى بىلەتتى . بۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ زەردار كوماندىسىنىڭ مۇنداق بىر سىياسىتى بار بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ سودا جەھەتتە قىممىتى بار توپچىلار بىلەن توختام ئىمزالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ %50 رەسىم ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئىدى . شۇڭلاشقا كۆپ يىللارنىڭ بىرى مەسىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىكھام قاتارلىق بۇنداق توپچىنى قوشىۋىلىپ غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن .

2011- يىلىنىڭ ئاخىرىدا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئانگېل سانچېس ئىلگىرى مادرىد شەھىرىدە ساڭدانىڭ ئادۇۋكاتى كالىزو بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى نىيمارغا 45 مىليون ياۋرو باھا قويغان ، لېكىن بۇ باھانى سانتوس كوماندىسى رەت قىلىۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يەنە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باققان بولۇپ ، رەئىس فىلورىنتىنو سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسىگە تىلىفۇن قىلغان ، ئەينى ۋاقىتتا سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى ئائىلىسىنى ئىلىپ فىرانسىيەدە ساياھەت قىلىۋاتقان بولۇپ ، فىلورىنتىنو بۇ رەئىسنى مادرىدتا چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلغان .

سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى تىلىفۇنى ئالغان ۋاقىتتا مۇنداق دېگەن : " مەن پەرەز قىلىپ باقاي ، سىز مىنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىپ نىيمارنىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى دىمەكچى شۇنداقمۇ ؟ سىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ ، چۈنكى بىزنىڭ بۇ توپچىنى سىتىپ چىقىرىش ئويىمىز يوق " . شۇنىڭ بىلەن فىلورىنتىنو يەنىلا بەل قويىۋەتمەي ئۆزىنىڭ شەخسىي ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەگە بىرىپ سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى بىلەن چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىگەن .  پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان Guy Savoy تاماقخانا ئىچىدە سانتوس كوماندىسىنىڭ رەئىسى يەنىلا فىلورىنتىنوغا نىيمارنى سىتىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن .

شۇنداقتىمۇ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يەنىلا نىيمارنىڭ دادىسى ئارقىلىق بۇ سودىنى تاماملاش ئۈچۈن مىدىراپ باققان ، موتا ھەتتا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن نىيمار ئوتتۇرسىدا بىر پارچە توختامنى تەييارلاپ قويغان . لېكىن چىلسىي كوماندىسىنىڭ رەئىسى ئابراموۋىچمۇ نىيماردىن ۋاز كىچەلمىگەن بولۇپ ، چىلسىي كوماندىسىنىڭ باش پۇتبول نازارەتچىسى مايكۇلنى سانتوس كوماندىسىغا ئەۋەتكەن بولۇپ ، يۆتكىلىش سۆھبىتىنى قايتا قوزغىتىشقا سىناپ باقماقچى بولغان . مايكول نىيمار بىلەن كۆرۈشۈپ ، موتادىنمۇ قالتىس بولغان سۆھبەتلىشىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : مەن ئەينى ۋاقىتتا نىيمارنىڭ دادىسىنىڭ باشقىلارنىڭ گىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ ھەتتا ئۆزىنىڭ تىلىفۇنىغا قارىمىغان ۋاقتىنىڭ 30 مىنۇتتىن ئىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان .

مايكول چىكاگو بۇقا كوماندىسى بىلەن مايكول جورداننىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن : گەرچە چىكاگو بۇقا كوماندىسى بىر كۈچلۈك كوماندا بولمىسىمۇ ، لېكىن  بۇقا بىلەن مايكول جوردان بىرلەشكەن ۋاقىتتا ، ئۇلار تەرەققىي قىلىپ خەلىقئاراۋى بەلگىگە ئايلانغان . نىيمارمۇ ئوخشاش ، كىيىن ئۇ چىلسىي كوماندىسىنىڭ مايكول جوردىنىغا ئايلىنالايدۇ . مۇرىنىئو پات ئارىدا چىلسىي كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالايدۇ ، مۇرىنىئونىڭ نىيمارنى كوماندىغا قۇشۇۋىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن .

IMG_2332.JPG

نىيمار دادىسى ئىنگلاند كۇلۇبلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىغا ئەگىشىپ ، نىيمارنىڭ دادىسىنىڭ كاللىسىدا ئۇلاردىن تىخىمۇ كۆپ پۇل ئۈندۈرۋىلىشنى ئويلىدى . شۇنىڭ بىلەن نىيمارنىڭ دادىسى قەتئىي قارارغا كېلىپ مەيلى قايسى كوماندا بولسۇن ئوغلى بىلەن توختام ئىمزالىماقچى بولسا ، ئۇلارغا ئالدىن 10 مىليون ياۋرو تۆلىشىنى ئېيتقان . يۆتكىلىش سودىسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن نىيمارنىڭ ئاز دېگەندە يەنە 30 مىليون ياۋروغا ئىرىشىشنى ئىيتقان .

ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، خالىغان بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ قارشى تەرەپكە 40 مىليون جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . شۇنىڭ بىلەن نىيمارنىڭ دادىسى نىيمارنىڭ يارىلىنىپ قىلىپ يۆتكىلىش سودىسىنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ، نىيمارنى ناھايىتى چوڭ بىر سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغان .
[/size=4]
لېكىن نىيمار ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ كوللىكتىپىگە پەقەت بىرلا كوماندىدا توپ تىپىدىغانلىقىنى ئىيتقان ، ئۇ بولسىمۇ بارسېلونا كوماندىسى . ئەينى ۋاقىتتا نىيمار 19 ياشتا ئىدى ، مەخپىي ھالدا بارسېلونا كوماندىسى بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ، نىيمار ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغان . 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ بارسېلونا كوماندىسى بىلەن بىر كىلىشىمنامە ئىمزالىغان بولۇپ ، نىيمار ئۆزىنىڭ 2013 - يىلى بارسېلونا كوماندىسىغا قىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان .بۇ ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا كوماندىسى ئاۋۋال مۇددەتتىن بۇرۇن نىيمارغا 10 مىليون ياۋرو تۆلىگەن ، قالغان 30 مىليون ياۋرونى يۆتكىلىش سودىسى پۈتكەندىن كېيىن تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۈچ كۈندىن كېيىن نىيمارنىڭ ئاتا ئانىسى 10 مىليون ياۋرونىڭ سانپاۋلودىكى بىر بانكا ھىساباتىغا ئاغدۇرۇلغانلىقىنى بىلگەن .

IMG_2333.JPG

بۇ كىلىشىمنىڭ مەخپىي ئىلىپ بېرىلىشى شۇنداق ياخشى بولغان بولۇپ ، ھەتتا سانتوس كوماندىسىنىڭ بۇ ئىشتىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ئىدى . سەككىز ئايدىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسى بۇ 10 مىليون ياۋرونى مالىيە دوكلاتىنىڭ 383- بىتىگە يىزىشتىن يۇشۇرغان بولۇپ ، ناۋادا ئاشكارىلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسا بۇ پۇلنىڭ كەلگۈسىدىكى توپچى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى ئىيتىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغان ، لېكىن بۇنداق بولمىغان بولۇپ ، كۇلۇبىمۇ باشقا تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان ، شۇنداقلا نىيمارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاشكارلاپ باقمىغان . كېيىن نىيمارنىڭ دادىسى سانتوس كوماندىسىغا بىسىم ئىشلىتىشنى باشلىغان بولۇپ ، ئوغلى بىلەن بولغان توختامنىڭ مۇددىتىنى 2013- يىلىغا قىسقارتىشنى تەلەپ قىلغان . بارسېلونا كوماندىسى نىيمارنى بالدۇرراق قىتىۋىلىشنى ئويلاشقان بولۇپ ، چۈنكى ئەشەددىي رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئىزچىل نىيمارنىڭ كويىدا يۈرگەن ئىدى .

خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى نىيمارغا يۇقىرى مۇئاش بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ، ھەمدە بارسېلونا كوماندىسىغا ئوخشاش 40 مىليون ياۋرو تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن بارسېلونا كوماندىسى نىيمارنى ئەسكەرتىپ ، نىيمارنىڭ ناۋادا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ قالسا ، ئۇنداقتا بارسېلونا كوماندىسى نىيمارنىڭ ۋاكالەتچىلىكتىن ئېرىشكەن پۇلىنى بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .  شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا بارسېلونا كوماندىسى بۇ جەڭدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق بارسېلونا كوماندىسى سانتوس كوماندىسىغا 17 مىليون ياۋرو پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن .

بۇ قېتىملىق يۆتكىلىش روسسېلنىڭ شەخسىي مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ ، لېكىن بۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەئىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىنىڭ تەمى ئۇزۇنغا بارمىغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسسېل ئۆزىنى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . كىيىن روسسېل قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن 30 مىليون ياۋرولۇق ياردەم توختىمى ئىمزالىغان بولۇپ ، كاسىس روسسېلنىڭ بۇ ئىشىدىن ئىنتايىن خاپا بولۇپ كەتكەن . چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە روسسېلنىڭ بۇنداق قىلىشى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ‹‹ پەقەتلا بىر كۇلۇب ئەمەس ›› دىگەن  ئەنئەنىسىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدىكەن :  .

IMG_2334.JPG

گەرچە رۇسسېل ئىزچىل ياردەم توختام ئىمزالاشنىڭ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوزغۇنلۇقتىكى رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن يىل ئاخىرىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ، پەقەت 697 نەپەر بارسېلونا ئەزاسى رۇسسېلنىڭ بۇ ياردەم توختىمىغا قوشۇلغان . كاسىس بۇ قېتىملىق ياردەمنىڭ كۇلۇبقا بىر چوڭ ئۆزگىرىش ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، شۇڭلاشقا بارلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىش ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان . ئۇ ۋە بىرقانچە دوستلىرى بارسېلوناغا بىسىم ئىشلەتكەن بولۇپ ، بىر قىتىمدىلا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 170000 ئەزاسىنىڭ بىلەت تاشلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان . لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىمزا قويۇش ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمىگەن . نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەئىسىنى ۋە مۇدىرىيىتىنى توپ مەستانىلەر بىۋاسىتە بىلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىناتتى .

كاسىس باشقا مەستانىلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشىنى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن ، لېكىن كاسىس كۆرەش قىلىشنى توختىتىپ قويمىغان . كېيىن بۇ نەزىرىنى كۇلۇبنىڭ مالىيە دوكلاتىغا قاراتقان بولۇپ ، دوكلاتتا 40 مىليون ياۋرودىن سىرت يەنە 10 مىليون ياۋرو بار ئىدى . ئەجىبا بۇنى نىيمارغا بەرگەندىمۇ ؟ ئۇ روسسېل ۋە مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا خەت يېزىپ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇقۇپ بىقىشقا سىناپ باققان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئىرىشەلمىگەن .
شۇ يىلى 12- ئايدا كاسىس ئۆزىنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى ئىسپانىيە دۆلەت سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان . ھەمدە ئۇلاردىن رۇسسېلنىڭ كۇلۇبنىڭ پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى گۇمانى توغۇرلۇق سوت مەھكىمىسىدىن رۇسسېلنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان . ئۇمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ھەرگىزمۇ رەئىسلىكنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ، پەقەت ئۆزىنىڭ كۇلۇبنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كۇلۇبنىڭ پۇللارنى قانداق ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىپ بىقىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيىتقان .


بۇ نۆۋەت مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئاكتىپ ھالدا كاسىسقا ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ ، ئەگەردە نىيمارنىڭ توختامىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى سىرتقا ئاشكارلىغان بولسا ، ئۇ چاغدا كوماندىغا زور زىيان ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . فىرىسا ئىنىق قىلىپ سىزمۇ بەلكىم ئويلاپ يىتەلىدىڭىز ، بۇ كوماندىغا زور سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .بىراق كاسىس بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىغان ، روژدېتسىۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، سودىيە پائۇل بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىغا قوشۇلغان . شۇنىڭ بىلەن كاسىس ناھايىتى چوڭ سەتچىلىكى خەۋىرىدىن بىرنى ئاشكارىلىغان . شۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەئىسى رۇسسېل چاقماق تېزلىكىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ ، لېكىن ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن . ئۇ ئىستىپا بىرىشنىڭ سەۋەبى بولسا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش سەۋەبلىك ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان .

IMG_2335.JPG

نىيمارنىڭ ئائىلىسىنىڭ قوشۇلىشىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ، بارسېلونا كوماندىسى دەرھال ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بۇ ئەھۋاللارنى كەڭ جامائەتچىلىككە چۈشەندۈرگەن . شۇ ۋاقتتىكى ۋاقىتلىق رەئىس بارتۇمىئۇ بۇ قېتىملىق يۆتكىلىشكە جەمئىي 57.10 مىليون ياۋرو كەتكەنلىكىنى ، بۇ سانتۇس كوماندىسىغا بەرگەن 17،10 مىليون ياۋرو بىلەن بىۋاسىتە نىيمارغا 40 مىليون ياۋرونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇنىڭدىن سىرت يەنە نىيمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە دىيىشىپ قويغان بىرقاتار مۇكاپات پۇلىمۇ بار ئىكەن .

نىيمار بارسېلونا كوماندىسىدا بىرازىلىيەنىڭ پۇتبول باش ئەلچىسى بولغان بولۇپ ، ھەريىلى 500مىڭ ياۋروغا ئىرىشەلەيدىكەن . بارلىق پۇلنىڭ ھەممىسى نىيمارنىڭ يىللىق مۇئاش سانلىق مەلۇماتىدا ئىنىق كۆرسىتىلگەن . رەئىس بارتۇمىئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن : بىز ئاللىقاچان بارلىق ئىشلارنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئىلان قىلدۇق .
تەپتىش ئەمەلدارى خوسې پىئىرسى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مالىيە دوكلاتىدىكى توققۇز كىلىشىمنامىنى بىرقاتار تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ 12 مىليون ياۋرو باجدىن قېچىش قىلمىشىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان . بەش كۈندىن كېيىن بارسېلونا كوماندىسى باج ئىدارىسىغا بېرىپ 12 مىليون ياۋرو باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرىۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارسېلونا كوماندىسى ئۆزىنىڭ ھىچقانداق گۇناھى يوقلىقىنى ، ھەمدە بۇ ئىشنى پەقەت باج مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ دىگەنلىرى بويىچە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئەمما بۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ گۇناھىنى جازالاشقا يىتەرلىك بولمىغان بولۇپ ، سوت مەھكىمىسى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يىتەرلىك ئىسپات بولمىغان مەبلەغ ئالدامچىلىقى ئۈستىدە ئىسپات تىپىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . كاسىس بۇ ئىشلارنىڭ بۇنداق چوڭ تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ ، كېيىن ئۇ سوت مەھكىمىسىگە بىرىپ ئەرزىنى قايتۇرۋالغىلى بارغان بولسىمۇ ، لېكىن ھەممىسى ئاللىقاچان كىچىككەن ئىدى . سوت مەھكىمىسىنىڭ جازا ھۆكۈمى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان . جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ قالسىلا ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەئىسى رۇسسېلغا تۈرمىدە 7 يىل يىتىشىپ جازاسى بىرىلەتتى . لېكىن كېيىن ئىسپانىيە دۆلەت سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سودىيەسى روسسېلغا بولغان ئەرز شىكايەتنى بىكار قىلغان . نىيمارنىڭ دادىسىمۇ  ئۆزىنىڭ ھىچقانداق خاتالىق سادىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ ھىچقانداق ئەيىبلەشكە ئۇچرىمىغان بولۇپلا قالماستىن ، يەنە ئۆزىنىڭ بىرازىلىيەگە تۆلەيدىغان باجلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بولغانلىقىنى ئېيتقان .





باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
راكىتا + 100 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئىجاتچان ئەزامانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1145 ياۋرۇ
تىللاسى : 12 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1236 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-4-21 18:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز  ھارمىغاي .......    ،   ياخشى  تىمىدىن  بىرنى  ئوقىشقا  نىسىپ  بولدى .....
ئېغىزدىن چىقمىغاننى سەن باشقۇرىسەن ، چىقىپ كەتكىنى سېنى باشقۇرىدۇ....!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17463
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 683 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 461 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-29
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-30
ۋاقتى: 2017-4-21 18:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ تەپسىلىي بىلىۋالدۇق مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14672
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 215 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-9-6
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-22
ۋاقتى: 2017-4-21 19:07:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق مانا ، بەكمۇ تەپسىلىي يىزىپسىلەر .......
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18065
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 50 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-27
ۋاقتى: 2017-4-21 19:10:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىمۇ كاللاڭ ئىشلەپ ئېسىل كۇلۇبقا  كېلۋالدىڭ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-21 19:14:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمىسە پۇلى كۆپ بىر كوماندا نىيمارنى ئالىمەن دىسە بۇ ھىچ گەپ ئەمەستەك قىلىدۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1205 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-21 19:17:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدقا كەلگەن بولساڭچۇ تۈكباش …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4285 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1205 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-21 19:18:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۈكچەك بولىدىغان يەرگىمۇ كەپ قالدىڭىزدە مانا …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17833
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 695 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 105 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-1-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-24
ۋاقتى: 2017-4-21 19:19:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوۋۋۋۋۋۋ بۇ تۈكباشنىڭ يۆتكىلىشى ئەجەپ تەسكە توختاپتىكەن    لېكىنغۇ شۇنىڭغا ئەرزىيدىغان توپچى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-21 19:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇكباش  ھازىر  مارسىلونى  دوراپ چاچ  قويىۋاپتىمۇ   
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
مەڭگۇلۇك مۇھاببەت رىئال مادرىت .مانچىستىر بىرلەشمىسى .ئاس مىلان   .ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18069
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1361 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 177 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-4-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-14
ۋاقتى: 2017-4-21 19:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى چېلىسىغا كەلگەن بولسا بۇۋاققىچە ئالتۇن توپنى ئالاتتكەن .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108631 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-21 19:46:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
A.alim يوللىغان ۋاقتى  2017-4-21 18:50
قەلىمىڭىز  ھارمىغاي .......    ،   ياخشى  تىمىدىن  بىرنى  ئوق ...

رەھمەت بۇرادەر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-25 03:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش