كۆرۈش: 2574|ئىنكاس: 87

ئۇ بىر - مەستانە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كوماندا باشلىقى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13870
تېما سانى : 263
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 105703 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2448 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-3-24
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-5-8

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  … !!!


     سىز بىر پۇتبۇل مەستانىسى شۇنداققۇ ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ . چۈنكى ھازىرقىندەك تور ئۇچۇرى ئۇچقاندەك تارقىلىۋاتقان ، تىلفۇن ۋە كوملاردا ھەرخىل دۇنيا يىڭىلىقلىرى ، ھەرخىل غاربىياتلار تولۇپ تۇرغان مۇشۇنداق بىر زاماندىمۇ ، سىزنىڭ ئۈشبۇ ئادېرىسنى بىسىپ كىرىشىڭىزدىنلا سىزنىڭ پۇتبۇلغا قانچىلىك قىزغىنلىقىڭىز بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . خوش …  كىشى نىمىنى نىيەت قىلسا شۇنىڭغا يارىشا نەرسىگە ئىرىشىدۇ . سىزنىڭ نىيتىڭىز پۇتبۇل توغۇرلۇق ئاز تولا بىرەر نەرسە ئوقۇپ ، چارچىغان نىرىپلىرىڭىزغا ئارام ئىلىپ كىلىش بولسا ، توغرا كىرىپسىز … مىنىڭ بۈگۈن سىلەرگە ئىلىپ كەلگەن تىمام ھەم -   ئۆزى قاسماق ، لىكىن  مىھرى ئالەمچە ئىسسىق  بولغان پۇتبۇل  . شۇنداقلا   ، كىچە - كىچىلەپ تىلۋوزۇر ئالدىدا  ، تومۇز ئىسسىق ۋە يامغۇرلارغا قارىماي مەيدان سېرتىدا شۇ توپنى  كۆرىدىغان ، ئۆزىنى بىلىدىغانلار بولسىغۇ مەيلى ، لىكىن  ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغانلار ئۈچۈن ۋاقتى كىلىپ قالسا چاپانمۇ سىلىشىپ كەتكۈدەك بولۇپ  كىتىدىغان  شۇ پۇتبۇل مەستانىلىرى توغۇرلۇق …
مەن بىر پۇتبۇل مەستانىسى  ئەلۋەتتە مۇكەممەل ئىنسان بولمىغىنىدەك مەن ھەم مۇكەممەل مەستانە ئەمەسمەن . ئامما ئەتراپىمدا ماڭا ئوخشاش پۇتبۇل ئۈچۈن بىشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇق ۋە قىززىقارلىق ۋەقەلەر  ئۆتكەن ، يىقىن - يۇرۇق ۋە ئەل - ئاغىنىلىرىم كۆپ  . ھەر ئادەمنىڭ بىر ھىكايىسى بولىدۇ  .   ۋاقتىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ ھىكايىلىرىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باقامدۇق ؟  








ئۇ بىر - خانلىق مادېرىد مەستانىسى
微信图片_20170416230845.jpg
قاراڭ … 5 كىشىلىك پۇتبۇل مەيدانىدا ئاپپاق كىيىم كىيىپ ، چاچلىرىنى پارقىرىتىپ كەينىگە تارىۋالغان ئاۋۇ بالىنى تونىدىڭىزمۇ ؟
ئەلۋەتتە تونىمايسىزدە  سىز يا ئۇنى كۆرۆپ باقمىسىڭىز …
ئۇ  بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ، توپ ئوينىغىلى كەلدى . ئۇنىڭ ئەپچۆرىسىدە بىرمۇنچە قىزىل كۆك كىيىملىكلەر بار … ئۇ توپنى ئۇرالمىسىلا  ئۇ مەستانە بولغان كوماندىنى چىشلەپ تۇرۇپ ، گەپ قىلىۋاتقان … پاسنى بوش بەرسە تىخى … ئىشقىلىپ ئۇنىڭ مەيدانغا « ئاق ساۋۇت » كىيىپ كىرىشى بىر  « گۇناھ» تەك خۇددى …
微信图片_20170416230850.jpg
  ئۇ توپ ئويناپ بولۇپ ئۆيگە قاييتى . بۈگۈنكى توپتا پۇتىنى ئوبدانلا قايرىۋالغان بولۇپ ، سەل ئاقساييتى . ئۇنى ئەمدى كوماندا ئالىي دوختۇرلىرى داۋالامدۇ ؟ ياق .. ياق.. چاق - چاق قىلماڭە  ،  ئۇ پۇتىغا تۇخۇم تىڭىپ قويسىلا بولدى .. بىر نەچچە كۈن دوڭگاسلاپ مىڭىپ يەنە ئوڭشىلىپ قالىدۇ .
ئۆيگە كەلگىنىدە باللىرى تىخى ئۇخلىمىغان بولۇپ ، ئۇ يىتىش ئالدىدا  باللىرىغا كىرىستىيانونىڭ قەيسەرلىكى ، رامۇسنىڭ جەسۇرلىقى ، راھۇلنىڭ ساداقەتمەنلىكى … ھەققىدە ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى .
ئۇ ئەتە ئىشقا بىرىشى كىرەك  ئىش ئورنىدا مادېرىدنى قىسقىسى پۇتبۇلنى چۈشىنىدىغانلار بەكلا ئاز … ئۇ - ئۇ  يەردە زىرىكىشلىك ئىشىنى باشلايدۇ . قولى ئىشتا خىيالىي مادېرىدنىڭ مۇسابىقىلىرىدە . خىيالىدا ئۆزىچە مادېرىدنىڭ سەپ شەكلىرىلىرىنى ئۆزگەرتىپ كىتىدۇ . تىخى كىمنى ئىلىش - كىمنى سىتىشقىچە ئارلىشىدۇ . ۋاقتى سائىتى كەلسە رەئىسنىمۇ ئىشتىىن بوشىتىۋىتەلەيدۇ … تاتلىق خىياللىرىدا …ئۇ مەيلى چارچىسۇن ، ھارسۇن ، كۆڭلى بىرەرىدىن ئازار يىسۇن ، مادېرىدنىڭ ھەربىر مەيدان غەلبىسى ئۇنىڭغا خوشاللىق ئاتا قىلالايدۇ …

ئۇ بىر - ئارسېنال مەستانىسى
timg7L3LKRNC.jpg
يەنە بىر مەيدان ئاچچىق مەغلۇبىيەت . بەكلا ئاچچىق بولغىنى بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئۇ … ئۇنىڭ كوماندىسى بىرلەشمىدە 4- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى . ئۇنىڭ قولىدىن كەلسىدى . ئۇ داڭلىق چولپانلارنى سىتىۋىلىپ ، كوماندىنى قايتىدىن قۇرۇپ ، ئۇزغۇنلۇق ،  بىرلەشمە… ۋاقتى سائىتى كەلسە «6 شاھ » بولۇپ ، بىر خوشال بولغان بولسا ، ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ قارغىش تەگكۈر 4- لىكتىن بىر قۇتۇلغان بولسا … ھە ؟  ئەمما تولىمۇ ئەپسۇس ئۇ پەقەت بىر مەستانە خالاس … ئۇنىڭدا نىم ئامال ؟ سىز ئۇنىڭغا دەپ بەرگىنىڭىز بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن نىم ئىش كىلەتتى ؟ ھەراس ئۇنى ۋاقتىدا مەسخىرە قىلىۋالامسىز يە ؟ ئۆلۆپ كىتىدىغان جاھاندا  بىردەم زاڭلىق قبلىپ ، قارشى تەرەپنىڭ ئوڭايسىزلانغان ھالىتىگە قاراپ بىردەم كۈلمەيمىزمۇ ؟   
ئەمما ئۇ 4 دىگەن رەقەمنى ئۆچ كۆرمەيدۇ … چۈنكى ئۇنىڭ بىر بىرىدىن ئوماق 4 پەرزەنتى بار . ئۇ ئۆزى ھەم 4 قىرىنداش . تىخى تۈنۈگۈن 4- بالىسىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشال خوراملىق بىلەن ئۆتكۆزدى …
مۇشۇ كۈنلەردە ئارسېنال ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇبىيەت تەمىنى تىتىماقتا . ئويلاپ بىقىڭە ؟ ئۇ نىمىشقا باشقا كۇلۇپلارغا مەستانە بولماي ئارسىنالغا مەستانە بولغاندۇ ؟  يا ئوننەچچە يىلدا بىر بىرلەشمە ئالالمىسا ؟ يا تارىخىدا بىر ئۇزغۇنلۇق ئىلىپ مەستانىلىرىنى خوشال قىلالمىسا ، يا…  
قىززىق گەپ بولدى ھە ؟  بىرەر نامرات بالىدىن  سەن نىمىشقا داداڭنىڭ بالىسى ؟ دىگەندەك ناھاييتى تايىنى يوق سوئال بولدى ھە ؟  
بىر قىتىم مەن بۇ سوئالنى ئۇنىڭدىن سورىسام ، «  لوڭقا ۋە غەلبە ئارقىلىقلا پۇتبۇلدىن ھوزور ئالغىلى بولغان بولسا مەن پۇتبۇلغا مەستانە بولمىغان بولاتتىم ، مەن ئۇچىسىغا ئارسىنالنىڭ كىيمىنى كىيگەن كىشىلەرنى كۆرسەم ، ئارسېنالنىڭ نەق مەيدان مۇسابىقىسىنى نەق مەيدان ( توردىن ) كۆرۆشكە ۋاقىت ئاجرىتالىسام ، مۇسابىقدە مۇۋاپىقەتلىك بىر قىتىملىق ھۇجۇم ، ۋە چىرايلىق بىرىلگەن بىر پاستىنمۇ، ۋە ئاچچىق بىر مەغلۇبىيەتتىنمۇ ھوزور ئالالايمەن . ئارسېنال پەقەت - پۇتبۇلدىن ھوزور ئىلىشىمدىكى بىر ۋاستەم  ›› دىگەن ئىدى .
timg8T1P02DD.jpg

  توغرا …  ئۇ پۇتبۇلدىن ھەقىقىي ھوزۇر ئالغۇچى . كوماندىسى غەلبە قىلسا شادلىنالايدۇ…مەغلۇپ بولسا ئۇزۇن يىللىق توپ كۆرۆش تەجرىبىسگە ئاساسەن مۇسابىقىنى تەھلىل قىلىدۇ … ئۇ ھەم باشقا ۋاقىتلاردا باشقا داڭلىق كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىدىن ھوزۇر ئالالايدۇ …

ئۇ بىر - رىم  مەستانىسى
timgHSALJT02.jpg
  پۇتبۇل ئۇنىڭغا نىمىنى بەردى دىسە ، ئىككىلەنمەيلا  سادىقلىقنى ، ۋاپادارلىقنى ، بەدى دىيەلەيدۇ … ئەمەلىيەتتە پۇتبۇل مەستانىلىرى كۇلۇپلارنى ئەمەس ، بەزىدە كۇلۇپلار مەستانىلەرنى تاللامدۇ قانداق ؟  قاراڭ چاچلىرىغا ئاق كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، جاپالىق خىزمىتىدىن ۋاز كەچمەي ، نى - نى شىركەتلەر ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان ، تاۋلىغان تونۇتقان شۇ شىركىتىنى تاشلاپ كەتمىدى … توغرا ئۇ بىر پۇتبۇل مەستانىسى شۇنداقلا خاتالاشمىدىڭىز ، دەل - رىم ۋە توتتى مەستانىسى ، بۇلار نىمىدىگەن سادىق ھە ؟ ئارىمىزدا بۇنداق توغرا كىلىشلەر بەلكىم تولىمۇ جىق ئەمما ، قارىسى سىياھ ئىقى قەغەز بولۇپ ، يىزىلغىنى بەلكىم مۇشۇ بىرسى …
timgBSB2BVQS.jpg
ئۇنى ئالدىنقى قىتىم ئۇچراتقان ۋاقتىمدا ئۇ ئۇچىسىغا  رىمنىڭ چاپىنى كىيۋالغان ئىكەن … ئۇنىڭ بىلەن كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئۇچرىشىپ قالغان .
- ئاكا . توتتى قىرىپ كەتتى .ئۇ چىكىنسە يەنىلا رىم مەستانىسى بولىۋىرەمسە ؟ - دىدىم گەپكە سىلىش مەقسىتىدە .
- قىززىق گەپ قىلىسەندە ئۇكا . توتتى يوق ۋاقتىدىمۇ رىم - رىم ئىدى . لا  دىدى …
  ئۇنىڭغا يەنە  بارسېلونانىڭ 6 توپ ئۇرۇپ رىمنى يەڭگەنلىرىنى دىمەكچى بولدىميۇ  . بىرى ئاغزىمنى تۇتىۋالغاندەك گەپلىرىمنى يۈتىۋەتتىم … چۈنكى ئۇنىڭ ئامراق كوماندىسىنىڭ ئاچچىق مەغلۇبىيەتلىرىنى ئىسىگە سىلىپ   كۆڭلىگە ئازار بەرگۈم كەلمىدى . ئۇمۇ سەزدىمۇ ؟ پاراڭ تىمىسىنى ئائىلەمگە يۆتكىۋەتتى …
توتتى گەرچە كوماندا بىلەن جىق شەرەپكە ئىرىشەلمىگەن بولسىمۇ كوماندىنى تاشلىمىغاندەك ، ئۇ ھەم  ۋەيران بولۇش گىردابىغا بىرىپ قالغان شىركىتىنى تاشلىۋەتمىدى. چۈنكى شىركەت ئۇنىڭغا مۇھتاجدە ، رىمنىڭ ھەربىر مەيدان مەغلۇبىيەتلىرى ئۇنىڭغا ساۋاقلارنى يەكۈنلىگۈزسە ، مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئۇنىڭغا ئۈمۈد بىغىشلاپ كەلمەكتە…

  ئۇ - بىر ئالۋاستى ئاشقى
timgTL1PJOL4.jpg
قورقىۋاتامسىز ؟ ياكى ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟ پۇتبۇل ئەنە شۇنداق قورقۇنۇچلىقكى ۋاقتى سائىتى كەلگەندە سىزنى بىر ئالۋاستىلارغا مەستانە قىلىپ قويىدۇ . توغرا ئەينى يىللىرى ياۋرۇپا ۋە پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرغان بىر توپ ئالۋاستىلار بار ئىدى . ئۇلار قەيەرگىلا بارمىسۇن ئۆزىنىڭ سۈر ھەيۋىسى بىلەن رەقىپلىرىنى غال-غال تىترىتەتتى . ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق دىگەندەك ئۇلار بىر چاڭ ياۋرۇپانى سۈر توقاي قىلغاندىن كىيىن ، باش مەشقاۋۇلنىڭ ئالمىشىشى ۋە باشقا خاندانلىقلارنىڭ باش كۆتىرىشى بىلەن بۇرۇنقى سۈر ھەيۋىسى سەل بىسىقىپ قالدى ، لىكىن ئەتراپىمىزدا ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى غالىپلارچە قىلغان جەڭلىرىگە شاھىد بولغان نۇرغۇن مەستانىلىرى باردۇر … ئۇلار ھازىر گەرچە ئالۋاستىلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىلىشىنى ئەمەس ، شۇ جەڭگە قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرۇپتۇ .
قايسى كۈنى نەق ئۇيۇشما لوڭقىسىدا چىلسى تەرىپىدىن شاللانغان كۈنى ئەسئەتنىڭ روھسىز  ھالىتىنى كۆرۆپ شۇنچىلىك مەيۈسلەندىم . مۇشۇنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن بولسىمۇ مانجىستېرنىڭ غەلبە قىلىشىنى تىلەپ كەتكىنىم تىلەك پىتى قالغىنىغا ئۆكۆندۆم …
  ئۇلار ھازىر بۇرۇنقىندىن خىلىلا خوشال . چۈنكى ئۇلاردا ئەڭ قىممەت توپچى قارا ئالتۇن پارقىراپ تۇرۇپتۇ . ئىبرايىم قىرىغىنا تەن بەرمەي تىخىچىلا چاپچىپ يۈرۈپتۇ . تەلۋە بولسا ئىسىل تاكتىكىلىرى بىلەن جەڭلەرگە قومانداقلىق قىلىۋاتىدۇ .  
ئەسئەتنىڭ ئالدىنقى يىلىقى بىر ئىشى  ھىچ  ئىسىمدىن چىقمايدۇ .  ئۇ كۈنى  ئەسئەت ئالدىراشلا يىنىمغا كىردى . ئۇنىڭ چىرايى بەكلا جىددى ئىدى . بىرەر ئىش بولغانمىدۇ ؟ دىگەن ئوي خىيالىمدىن كىچىپ تۇرىشى ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى .
timg4M8BWN8Z.jpg
-  ئاكا … ئاكا … بۈگۈن سەرۋەر ( مۇھەببىتى ) نىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى . كەچتە لەزىز رىسالىسىدا ئولتاماقچى بولغان ئىدۇق . - دىدى ئۇ بىرخىل بىئاراملىق بىلەن .
- ۋوي  ياخشى بوپتىغۇ . ھە ؟ مىنىمۇ چاقىرىپ كىردىڭما ؟ ھەدەڭنىڭ ۋاقتى يىتەمۇ ؟ … دەپ گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دەۋاتتاتتىم .
- ۋاي… ياق جىنىم ئاكا ماڭا ئەقىل كۆرسىتە . بۈگۈن مانجىستېرنىڭ مۇسابىقىسى بار ئىدى . قانداق قىلسام بولار ؟ - دىمەسما .
نىرۋام نەدىن تۇتتى سۈر توقاي قىلىپ قوغلاپ چىقىردىم ئۇ گۇينى …

مەيلى ئۇنىڭ قىلغىنى توغرا ياكى خاتا ، ئاشۇرۋەتكەن ياكى جايىدا قىلىنغان ئىش بولسۇن ، مەستانىچىلىق جەھەتتىن ئۇنىڭ قىلغىنىنى توغرا چۈشەنگىلى بولاتتى . ئۇ ئۆزى بىر ئوچۇق يۇرۇق ۋە كىلىشكەن بالا . ئامما مانا ھازىرغىچە يۈرۋاتقىنى يوق . دادىسى ۋە ئاپىلىرى مىنى كۆرۆپ قالسا پات-پاتلا ئوغلۇمغا نەسىھەت قىلىپ قويساڭچۇ ؟ ئۇ سىنىڭ گىپىڭنى بەكەرەك يەيدۇ … سەن كىچىكىدىن توپقا قىززىقتۇرۇپ ، يىشىمۇ بىر يەرگە باردى تىخىچە شۇ يۇمۇلاق نەرسىدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي يۈرۈيدۇ . بىزگە نەۋرە كىرەكتى . نەۋرە دەپ قويىدۇ .
ئامما ئامال يوق … چۈنكى ئۇنىڭ ئاشىقى بىر ئالۋاستى …

ئۇ بىر -  مىلەن  مەستانىسى
timgUQT2QXBX.jpg
يىللار رەھىمسىز … قاراڭ …!!!  دەرەخ شاخلىرىدىكى تۈنۈگۈنكى ياپيىشىل مەغرۇر تۇرغان يۇپۇرماق بۈگۈن ھىچ بىر ئامالسىز بىر مەيىن شامالنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ ، پەسكە لەيلەپ چۈشمەكتە . دىمەك ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتتى … شۇنداقمۇ ؟ بەلكىم شۇنداقتۇ . لىكىن شۇ دەرەختىن ۋە شۇ يۇپۇرماق تۆكۆلگەن ۋە ئاجرىغان يەردىن يەنە بىر يىشىل يۇپۇرماق چىقماسمۇ ؟ گەپ شۇ دەرخكە ئىشەچنى سۇ ، ئۈمۈدنى ئوغوت قىلىپ تۇرۇشتا .
ياۋرۇپادا بىر دەرەخ بار ئىدى . ئۇ ھىلى ھەم بار لىكىن كۆزلىرىمىزگە ئانچىكى چىلىقىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭ غوللىرى قارا  يۇپۇرماقلىرى قىزىل …ئۇ دەرەخ بىر دەۋېرلەردە  شۇنچىلىك يوغانغان ئىدىكى ، ئۇنىڭ بۈك باراقسان ئۆسكەن شاخ ۋە كەڭرى - كەڭرى يۇپۇرماقلىرىنىڭ سايىسى جىمى ياۋرۇپانى قاپلايتتى .  ئامما  ئىقتىساد دىگەن ئاجايىپ يامان نىمىكەن…
timgK0OXOJ43.jpg
قاراڭ … كەچ كىرىپ ھەممە ئادەم تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەندە شەھەر يوللىرىدا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئاتتەك چىپىۋاتقان ئاۋۇ تاكسىنى كۆردىڭىزمۇ ؟ توغرا ئاۋۇ قىزىل چىراغدا توختىغان ماشىنا شۇ … مىڭىڭ ماشىنىغا چىقايلى… پاھ بۇ ماشىنىمۇ ياكى ؟ پۇتبۇل موزىيخانىسىمۇ ؟ تاكسىنىڭ ئىچى ئىنتايىن پاككىز. ماشىنا ئىچى قارا ۋە قىزىل رەڭ بىلە تولغان . مىلەننىڭ ئىسىغلىق بايرىقى ، چاپلاغلىق بايرىقى ، يوغان گىربى چۈشۈرۈلگەن ئەديال . ھەممىسى بىلەن …
timg87SFSBY9.jpg
ئەكبەر بىر چاغلاردا  بىر نەچچە ئاغىلىرى بىلەن تىجارەت قىلىپ تازىمۇ بىيىغان ، ھەم بىيىغىنىدا يىنىدىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىغان سىخى مەرد بالا ئىدى… خۇددى شۇ يىللىرىدىكى مىلەن ياۋرۇپا مۇسابىقىرىدە چاڭ چىقارغىنىدەك ، ئەكبەرمۇ ھەم كىشىلىك تۇرمۇشتا  تازا بەختىيار ئىدى . ئەمما بەخىت ئامەت بىر كىشىنىڭ بىشىدا ئۇزۇن تۇرمامدۇ ؟ ئۇنى بىلمىدۇق . خۇددى مىلەن ئىستانبول كىچىسى قولغا كىلىپ قالغان لوڭقىنى لىۋىرپولغا تارتقۇزۇپ قويغاندەك ئەكبەرمۇ ھەم … كىچىسى بىر قىتىملىق چوڭ تىجارەتتە ئەل ئاغىنىلىرى ۋە شىرىكلىرى بىلەن چوڭ زىيان تارتىۋالدى… ئاغنىلىرى ئىچىدە بەزىلىرى پارمادەك بىراقلا ۋەيران بولدى . ئەمما تىرىشچان ئەكبەر ئۇنى - بۇنى قىلىپ يۈرۈپ يەنە پۇل توپلاپ مانا ھازىرقى بۇ كىرا ئاپتۇمۇبىلىنى سىتىۋالدى…  ئۇنىڭ كۈنلىرى ھازىر خىلى ياخشى ، ئۇ گەرچە ئاغىنىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بولالمىسىمۇ ، 10 نىڭ ئالدى بولسا 4~5 شىنىڭ كەينى .ئۇ تىرىشىۋاتىدۇ  .... قاراپ تۇرۇڭ ئۇمۇ پات ئارىدا  مىلاندەك قايتىپ كىلىدۇ … مىلەن غەيرەت قىل … ئۇزغۇنلۇق سىنى كۈتمەكتە… ئەكبەر سەن ھەم غەيرەت قىل!!!! ئامما ماشىنىنى ئاۋايلاپ ھەيدىگىن ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ سىنى ساقلاۋاتىدۇ . سەن چوقۇم قايتىدىن باش كۆتۆرۆپ چىقالايسە…

ئۇ  بىر  -  كۆك ئارمىيە مەستانىسى
u=1189725977,174600952&fm=23&gp=0.jpg
  « مورىنھۇ چىلسدىن كەتكەن كۈنى مەن  كۆك رەڭگە قارىمايمەن »
-   مانا بۇ ئۇنىڭ مورىنھۇ چىلسىدىن كىتىشى مۇمكىن دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىنكى دىگەن سۆزى . چىلسى تەلۋىنى ئۇزۇتۇپ قويدى . لىكىن قايسى كۈنى ئۇنىڭ ئۇچىسىدا يەنىلا كۆك شىر گىربى چۈشۈرۈلگەن چىلسىنىڭ كىيمى . ئۇ ئامالسىز … چۈنكى ئۇ مورىنھۇنى ئەمەس چىلسىنى سۆيىدۇ . تەلۋە ئالۋاستىلارغا مەشقاۋۇل بولۇپ ، سىتانفورت كۆۋرۆكىگە كىلىپ چىلسىغا قارشى جەڭگە چۈشكەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇسابىقە كۆرگەن ئىدىم .  مۇسابىقىدىن ئاۋۋال ئۇ تەڭلەشسە ياخشى بولاتتى دىگەن نىدى . نەتىجە 3-0 بولغان چاغدا ئۇنىڭغا قارىسام كۆزلىرىدە شەبنەم تۇرۇپ قاپتۇ … قاراڭ مەستانىچىلىق ئۇنى نىمە قىلىپ قويدى ؟ ئۇ ئەسلى خوشال بولىشى كىرەك ئىدىغۇ ؟ ئۇنىڭ شۇ تۇرقىدىكى ھالىتى گوياھ - دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ قايسىسىنىڭ ياخشىلىقىنى دىيەلمەي…كۆڭۆل قىسىلچىلىقىدا قالغان گۆدەك كەبى … بولدى يۈرۈڭ بىز ئۇنىڭغا دەخلى قىلمايلى … ئۇ بىردەم سۈكۈتتە تۇرىۋالسۇن …
بىر چاغلاردا ئۇنىڭدىن دىروگبانىڭ قاراملىقى ، مورىنھۇنىڭ تەلۋىلىكى ، چىخنىڭ چىدامچانلىقى تىپىلاتتى . چىخ  ئارسىنالغا كەتتى ئۇ چىدىدى ... ،لەمپارد مانجىستېر شەھىرىگە كەتتى ئۇ چىدىدى ... ، دىروگبا بىر كىتىپ خۇددى ئۇنى دىگەندەكلا بىر كىلىپ ، بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئىلىپ يەنە كەتتى ، ئۇ يەنە چىدىدى ....، ئەمدىلىكتە كۆك ئادەم مورىنھۇ كىتىپ ، كەتكەندىمۇ ئەشەددىي رەقىبى قىزىل ئالۋاستىلارغا قوشۇلۇپ شۇلارنىڭ قامچىسىنى قولغا ئىلىپ ، سىتانفور كۆۋرىكىگە قارشى جەڭگە كەلگەن تۇرسا بىز ئۇنىڭغا يەنە چىدا دىيەلمەيمىز... يىغلىغۇڭ بولسا يىغلىغىن .. چۈنكى ھەقىقىي مۇھەببەت كۆز ياشتىن ئايرىلىيالمايدۇ ...
timg.jpg
  چىلسىنىڭ بۇ پەسىللىك ھالىتى ئىنتايىن ياخشى مۇشۇ كۈنلەردە ئۇنىڭمۇ روھىي ھالىتى ياخشى ، ئالدىنقى يىلى لىيچېسىر بىرلەشمە لوڭقىسنى ئىلىپ   ، چىلسى  ئۇزغۇنلۇق ياكى ئىتتىپاق لوڭقىسى بىلىتى ئالالماي ، دەرىجە ساقلاپ قالغاندا ئۇنى تىرىكتۈرسەم « قاراپ تۇر  ، چىلسى بۇداقى پەسىل چوقۇم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولىدۇ !!! » دىگەن ئىدى . ھازىر قارسام دىگەندەك چىلسى بىرلەشمە چوققىسىدا ، سىز دەپ بىقىڭە چىلسىنىڭ تەلىيى كەلدىمۇ يا ؟ ئۇنىڭمۇ ؟  مەيلى قايسىنىڭ كەلسۇن شۇنداق دەيمىزكى :« نىيەت دۇرۇس بولسا ، كۈتكەن كۈنلەر يىراق ئەمەس !» .

ئۇ  بىر  - ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ مەستانىسى
微信图片_20170416230831.jpg

-  بولدى !!!  مادېرىدنىڭ كىيمىنى كىيىمىز !!! ئەتە ھەممىڭلار شۇنى كىيىپ كىلىڭلار !! ئىزھار !! باشقا پىكرىڭ يوقتۇ ؟ !!  . دىدى . - رەپقەت سىنىپتا ۋارقىراپ تۇرۇپ .
- ھە ؟  … بارس … بارسېلونانىڭكىنى كىيسەك بولمامدۇ ؟ . دىدى - ئىزھار پەس ئاۋازدا دۇدۇقلاپ  .
- ۋاي -ۋۇي مەن ئەتىگەننىڭ ياقى نىم دىدىم ؟ ئاق كىيىم مەيداندا ياخشى ئاچىدۇ …  چىرايلىق ، ئيارىشىملىق دەپ ...بەيسەيلونارىڭنىڭكىنى ئۇخلىغاندا كىيگىن . گەپ تامام ئەمسە شۇنداق بولسۇن !! ياق دىسەڭ ئوينىما بىلدىڭما ؟ !!!!. دەپلا سىنىپ ئىشكىنى جاڭڭىدە يىپىپ چىقىپ كەتتى …
  شۇ تاپتا ئىشىك ئىزھارنىڭ  ئۇچىسىدىكى بارسېلونا ماڭكىسىنىڭ دەل بارسېلونا گىربى بار يەردىكى يۈركىگە تەككەندەك ئاچچىق سىزىم پۈتۈن جىسمىنى بىر ئالدى  . ھەي… ئامما ئۇ بۇنداق  ئىشلارغا كۆنۆپ كەتتى . بۇ يا تۇنجى قىتىملىقى بولمىسا ؟ سىنىپتا مادېرىد مەستانىلىرى جىق بولغاچقىمۇ ؟ ياكى كاپىتان مادېرىد مەستانىسى بولغاچقىمۇ ؟ بۇنداق يەكلەش ، كەمسىتىش ، ئارىغا ئالماسلىقتەك ئىشلار پات - پات يۈز بىرىپ تۇرىدۇ ، ئەنە ئاۋۇ بۇلۇڭدا بىر نەچچىسى نىمىلەرنىدۇر دەپ كۇسۇرلىشىپ تىلىقىپ - تىلىقىپ كۈلمەكتە . ئاۋۇ يەردە بىرسى  ئىزھارنىڭ بىر چاغلاردا « مادېرىدنىڭ كىيمىنى كىيىپ ھەرگىز توپ تەپمەيمەن » دىگەن گىپىنى كوچىلاپ چىقىپ ، ئوچۇق ئاشكارىلا : « ھە ؟ ئەمدى قانداق قىلىسەنكى ؟ ساڭا بارسېلونارىڭ مۇھىممۇ ؟ سىنىپمۇ ؟ » دەپ ئىزھارغا ئۇچۇر يوللاپ ئۈلگۈردى .
微信图片_20170416230821.jpg
ئىزھار بىر تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى   . ئۇنىڭ جۇغى سەل كىچىكرەك بولسىمۇ ، توپنى كاللا ئىشلىتىپ ئوينىشى ، پاسنى دەل جايىغا يەتكۈزىشى ئۇنى سىنىپىنىڭ ئوتتۇر مەيداندىكى ئالدىن تاللىشى قىلغان ئىدى . ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ مەكتەپنىڭمۇ ئاساسلىق ئوتتۇرمەيدان توپچىسى ، ئۇ بارسېلونا ۋە ئىنىستا مەستانىسى ،… قاراڭ ، - ئۇنىڭ بىر كىشىگە يامانلىقى يوق چىراي تۇرقىغا ، سىنىپتا ۋە مەكتەپتە ئۇ 8 - نۇمۇرنى كىيىدۇ .ئۇچىسىدا قاچانلا قارىسىڭىز بارسېلونانىڭ 8 - نۇمۇرلۇق پۇتبۇل كىيىمى ، تىلفۇن تەگلىكى ، پارتىسى ، سومكىسى ، كىتاپلىرىنىڭ ئارىسى… ھەممىلار يەر بارسېلونا ۋە ئىنىستا . شۇڭا مەكتەپتىكىلەر ئۇنى ئاق پىشماق ( 小白 ) دەپ چاقىرىشىدۇ .
  كىچە ھەممە يەر جىمجىت …  
ئەمما ئىزھارنىڭ نىرىپلىرى بىر - بىرىگە يول قويماي تىخىچە دەرت تالاشتا …
- ھەي !! سەن ئاشۇ مادېرىدنىڭ كىيمىنى كىيىپ توپ ئويناپ بارسېلوناغا يۈز كىلەلەمسە ؟
- يۈز كەلمىگۈدەك نىمىسى بار ؟ ئۇ پەقەت بىر كىيىمغۇ ؟
- ياق …ياق… ئۇلار نىمىشقا كىيىم چىقمىغاندەك مادېرىدنىڭ كىيمىنى تاللايدۇ ؟ ئۇلار ئىزھارنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرماقچى ؟
- ئاغزىڭنى تات ! ئۇلار پەقەت كۆپ سانلىقنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپتىغۇ شۇ ؟
- ھەي… نادانلىق قىلىۋاتىسە ، ئۇلار ئىزھارنىڭ مۇشۇنداق ھالىتىدىن ئۆزىگە خوشاللىق ئىزدىمەكچى ، سەن ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يەتكۈزمەكچىمۇ ؟
微信图片_20170416230806.jpg
   مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئۇ قايسى ۋاقىتلاردا ئۇيقۇ كارۋىنىغا يىتىشىۋالغىنىنى بىلمەي قالدى . ئۇ چۈش كۆردى  چۈشىدە نوۋكەمپو مەيدانىدا ئۇ ئۇچىسىغا مادېرىدنىڭ كىيمىنى كىيىپ ، بارسېلوناغا قارشى جەڭدە ئاتلانماقچى ئىدى . نەچچە مىڭلىغان مەستانە ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا  نەپرەت بىلەن تىكىلمەكتە . ئۇ  بۇ كىيىمنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كىيمىگەنلىكى ، ئۆزىنىڭ ئەسلى بارسېلونا مەستانىسى ئىكەنلىكى … قاتارلىقلارنى  چۈشەندۈرمەكچى بولۇپ شۇنچە سۆزلىسىمۇ ، ئۇلار ھىچ بىر گەپنى ئاڭلايدىغاندەك ،  چۈشىنىدىغاندەك ئەمەس ، ھەممىسى بىشىنى چايقاپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چىقىپ كىتىپ بارماقتا … ئۇ توۋلىماقتا … بىر چاغدا مەيداندا ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يىنىغا بىر ناتونۇش بىشىغا بادام دوپپا كىيگەن بىر بوۋاي پەيدا بوپ قالدى . ۋە ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە نەرسىلەرنى دىدى . ئۇنىڭ چىرايى قايتىدى جىلۋىلەندى … بۇۋاي  ئۇشتۇمتۇت قانداق پەيدا بولغان بولسا ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يوقاپ كەتتى …

سەھەرنىڭ  بالكون دەرىزىسىدىن كىرگەن سالقىن شامىلى ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سۆيۆپ ئۇنى ئويغاتتى . ئۇ بالكونغا چىقىپ ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىغاچ ئۇشتۇمتۇت چۈشىنى ئەسكە ئالدى . ھىلىقى بۇۋاي نىمىلەرنى دىگەن بولغىيتى ؟ توغرا ئۇ كىيىم پەقەت بىر تاشقى قىياپەت  مۇھىمى مۇھەببەت ، سەن مەيلى قايسى كىيىمنى كىيمە توپنى ياخشىلا تەپسەڭ بىر كۈنلەردە چوقۇم بارسېلونادا توپ تىپىسەن…  دىگەن ئىدى .
   ‹‹ مەن بارسېلونا مايكامنىڭ ئۈستىگە مادېرىدنىڭكىنى كىيىپ ، توپ ئۇرۇپ قالسام مايكامنى يىشىپ تەبرىكلەيمەن  ›› دەپ ئۆزىگە ۋەدە بىلەن تەسەللىي  بەردى  . ۋە چىرايلىق قاتلاغلىق  مادېرىدنىڭ 8 - نۇمۇرلۇق كىيمىنى كەيدى . پاھ… يالغان ئەمەس ، ئەينەك ئالدىدىكى ئىزھارغا سىزمۇ قاراڭ ؟ راستلا ياراشتى ھە ؟  . ئاق ئادەمگە ئاق كىيىم تىخىمۇ يارىشىدىكەن . ۋوي … لىكىن ئۇنىڭ چىرايى تازا ئوچۇق ئەمەسقۇ ؟ ھە… بەلكىم ئۇنىڭ كۆزىگە بىزنىڭكىدەك چىرايلىق كۆرۆنمىگەن بولسا كىرەك … ئۇ ئەنە شۇ خىل كەيپىيات بىلەن مەكتەپكە ئۇچىسىغا مادېرىدنىڭ كىيمنى كىيىپ ،  قۇلقىدا نانۇشنىك بىلەن « Barca !!!  Barca !!! Baaaaaarca !!!!  » دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغاچ كوچا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كۆزىمىزدىن ئاستا- ئاستا يىراقلاپ كەتتى…

     ئەمدى بىزگە مۇھىمى ئۇنىڭ توپ ئۇرغان ياكى ئۇرمىغانلىقى ئەمەس … مۇھىمى ئۇنىڭ قىيىن تاللاشتا يەنىلا سىنىپىنى تاللىغانلىقى ، ئۇنىڭ مەستانە كۇلۇبىدىن بەكەرەك پۇتبۇلنى سۆيگەنلىكى . بىز سىزگە ھەرگىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن نەرسىدىن تىنىڭ ، ۋاز كىچىڭ دىمەيمىز … پەقەت تىخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭىز ئۈچۈن ، ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى يۈركىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلاڭ . ئەنە ئاشۇ يەر ئەڭ بىخەتەر ، ئەڭ تىنىچتۇر …  ئۇ يەردىكى ئىشلىرىڭىزغا ھىچكىم ئارلىشالمايدۇ …




  مىنىڭ ئەتراپىمدا ھەر كۇلۇپنىڭ مەستانىلىرى بار… ھەممىنى مەن سۆزلىۋەتسەم سىلەرگە قالماي قالمىسۇن . بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي … قىنى سىزمۇ سۆزلەپ بىقىڭ ، ئەتراپىڭىزدا سىزگە ئوخشاش مەستانىلەر بارمۇ ؟ يوق بولسا سىزچۇ ؟ مەستانىچىلىق ھاياتىڭىزدا قانداق قىززىقارلىق ۋە تەسېرلىك ئىشلار بولغان ؟ بىرلىكتە تىڭشايلى …


    2017 - يىلى 16 - ئاپرىل


   (  ئىلىخو )  

  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 31مۇنبەر پۇلى +1460 تۆھپە +69 شۆھرەت +63 تەجرىبە +63 تىللا +10 يىغىش سەۋەبى
سالچىلار + 50 قالتىس!
مەرۋە + 50 + 9 + 8 + 7 ئېسسسسسل
مەشئەل + 50 قالتىس!
红魔 + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
polan + 50 + 1 + 1 قالتىس!قىقاس ھەي
ئارزۇ + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
ئارسىنال322 + 50 قالتىس!
خانزاد1 + 50 قالتىس!
110+119+120 + 10 قالتىس!
ئۈرۈمچى + 50 قالتىس!
ejatkar + 50 قالتىس!
ئەزمەت7 + 50 写的不错!قالتىس
ئاقسۇ01 + 50 قالتىس!
مەشھەر + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
alqun03 + 50 قالتىس!
c-r-7 + 50 قالتىس!
FaRuH777 + 50 قالتىس!
قەھرى + 50 + 3 ئىسىل
ئېسپانFCB + 50 ئېسەل ھېي
دىكتور + 10 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

غەلبىنىڭ بىزگە يىقىنراق بولىشى ،
  رەقىپلەرگە روھىي بىسىم !!!!~~

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16531
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14093 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1570 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-1-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-17 03:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما بەك ئىسىل چىقىپتۇ...ھارمىغايسىز...
قۇرۇت ئاسماندىن چۇشمەيدۇ ،
مىۋە ئوخشىغانسىرى ئۆزى ئىچىدىن پەيدا بولىدۇ......«ئىزنا »
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16531
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14093 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1570 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-1-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-17 03:01:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇبدانراق ئويلۇشۇپ ئەڭ قىززىق ئىشنى ئەتە ئىنكاس يازاي...
قۇرۇت ئاسماندىن چۇشمەيدۇ ،
مىۋە ئوخشىغانسىرى ئۆزى ئىچىدىن پەيدا بولىدۇ......«ئىزنا »
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8081
تېما سانى : 7
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9133 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2976 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-8-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-17 03:04:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسىيات ئىپادىلىشىڭ كاتتا ، ئىنتىرنى  ئەسلىدىم .  تىمىدا مەن ھوزۇر ئالالمىغان بىردىنبىر تەرەپ مۇشۇ  . قالغان يەدە سو يوق .  مىنىڭ ئەتراپىمدىكى تونۇشلاردەكلا  تۇيۇلدى .  يازمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى دىگەن دال وسى .
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ. !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-17 03:20:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن ،ئويلىمىغان بۇلۇڭدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يېزىپسىز ،گەرچە رەقىب كوماندىنىڭ مەستانىسى بولسىڭىزمۇ يېزىقچىلىق قابىليىتىڭىزنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمىدىم
ئۈنۈملۈك تىرىشقان ۋاقتىڭ قانچە ئۇزۇن بولسا ئۇلۇغۋار نىشانىڭغا يېتىش ۋاقتىڭ شۇنچە قىسقا بولىدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-17 03:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەراس سىز لۈكچەكلىككە ماس كەلگۈدەكسىز ،داۋاملىق تىرىشىڭ كۆز تەگمىسۇن ،ھەرقانچە دۈشمەن كوماندىنىڭ مەستانىسى بۇلۇشساقمۇ قايىل بولۇشقا تېگىشلىك يەردە چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن  قايىل بولىشىمىز كېرەك
ئۈنۈملۈك تىرىشقان ۋاقتىڭ قانچە ئۇزۇن بولسا ئۇلۇغۋار نىشانىڭغا يېتىش ۋاقتىڭ شۇنچە قىسقا بولىدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17625
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1280 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 147 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-5
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-2
ۋاقتى: 2017-4-17 04:43:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2017-4-17 03:04
ھىسىيات ئىپادىلىشىڭ كاتتا ، ئىنتىرنى  ئەسلىدىم .  تىمىد ...

ئېنتىرنى مەن يازغۇزمىغان، بۇنداق ئوبدان تېمىدا ئېنتىرنىڭ نېمە ئىشى؟ (ماۋۇ چاقچاق گەپ)، بەزىدە مەستانىچىلىققا شەخسىيەتچىلىك بىلەن شەخسىي ھېسىيات ئارلىشىپ، پۇراپ چىقمىسا مەستانىچىلىقىمۇ مەستانىچىلىق بولمايدۇ. لېكىن ھېسىياتنى قالتىس ئىپادىلەپ قويۇپتۇ. مەن بەك قايىل بولدۇم. گەرچە « مەن ھېسىياتلىق ھايات ئادەم» دېگەن شېئىرنى دېكىلماتسىيە قىلىپ « مەمەتنىڭ 2008-يىلى» دېگەن كىنودىكىگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ۋارىتارىغا توپ ئۇرۇپ يۈرمىسەكمۇ پۇتبولغا بولغان ھېسىيات ، قېزىقىش، مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىچە ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ئىپادىلگىلى بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتۇرغا ئاپىرىن، سىلىگە قايىل.  مىلاننىڭ لەقىمىنى سوراپتى،  دەپ بەرسەم تاس قالدى ئايلىنىپ كەتكىلى (بۇ يەردە كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)، پۇتبولدىن شۇنچىلىك ھوزۇر ئالالىغان بارلىق قەلىب ئىگىلىرىگە سالام
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

مادرىد لۈكچىكىبارسىلونا لۈكچىكىبايرىن لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15587
تېما سانى : 70
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 219312 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1220 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-4-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-18
ۋاقتى: 2017-4-17 05:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېماڭ  ياخشى  چىقىپتۇ  ئىنىم  ،،،نادىر  تېما  ،،،مادرىد  مەستانىسى  دەپ  مىنى  ئالغان  ئوخشايسە،ئەتراپىڭدا  مەندىن  باشقا  مادرىدچى  يوقچۇ  سېنىڭ
21-ئەسىردىكى يېڭى پوتپۇل پادىشاھى-كىرىستىيانو.رونالدۇ
تالاش- تارتىش يوق مەڭگۈلۈك زەردار - رىيال مادرىد
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14221
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 329398 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1994 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-6-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-4-17 07:02:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ،خىلى چوڭ بوپسىز قايىل بولدۇم
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ،يامانلىق قىلما.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15029
تېما سانى : 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209060 ياۋرۇ
تىللاسى : 15 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3262 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-11-19
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-25
ۋاقتى: 2017-4-17 07:21:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئسېىل ئىجادى تېما بوپتۇ ، سۆزلىرىمنى ئۇيقىدىن ئويغانغادا يازاي مانا  پۇتبول مەستانچىلقى يىرىم كىچىدە ئىللىق پۇتبۇل مۇنبىردە نىمە يىڭى خەۋەر باركىن دەپ تىلفۇنغا قاراپ باقمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12539
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23242 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2242 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-4-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-17 07:44:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ   تېما  ھەققىدە   سۆزلىگۈدەك   ئۇمۇچۇم يوق   ،،ئەمما   تېمىنى   راس  ياخشى  يىزىپسىلە  بۇرادەر     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17421
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6820 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1329 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-17 08:20:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل   تىما    بەزى  يەرلىنى ئوقۇپ  بولغۇچە  كۇزۇم  نەملىشىپ   كىتىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-25 03:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش