كۆرۈش: 3046|ئىنكاس: 23

ئالۋاستىلارنىڭ تۇنجى قىتىمقى بىرلەشمە لوڭقىسى ......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەئىجاتچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1075
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 213512 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3157 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رونالدۇ1985 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-6 14:40  

1992-1993 مۇسابىقە پەسلىدە ، فېرگۇسون يىتەكچىلىك قىلغان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 《FourFourTwo》نىڭ ئاپتورى نىك مىل شۇ ۋاقىتتىكى مانچېستىر بىرلەشمىسىنى ئەسلەپ ئۆتكەن .بىزمۇ شۇ يىلىدىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ زادى قانداقلىقىغا قاراپ باقايلى .


IMG_2016.JPG

    فېرگۇسۇن                  (مەشقاۋۇل)

بۇ ئادەمنى ھەممىڭلار تۇنىيسىلەرغۇ دەيمەن . توغرا بۇ ئادەم مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق مەشقاۋۇل . فېرگۇسوننىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتى 1976- يىلى باشلانغان ئىدى .ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي ستىرلىنگشىر كوماندىسىغا ، ئابېردىن كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان بولۇپ ، ئابېردىن كوماندىسىنى يىتەكلەپ غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . 1986-يىلى 11- ئاينىڭ 6-كۈنى فېرگۇسون ئاتكىنسوننىڭ ئورنىنى ئېلىپ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، تاكى 2013- يىلىغا كەلگەنگە قەدەر مەشقاۋۇل بولغان . فېرگۇسون مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يىتەكلەپ 1993- يىلى كوماندا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن  . بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كوماندىنى يىتەكلەپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيۇنى شۇ چاغدىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىگە ناھايىتى چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلغان .

IMG_2031.JPG

فېرگۇسون مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان 27 يىل ئىچىدە چوڭ كىچىك بولۇپ 38 قىتىم چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن . بۇنىڭ ئىچىدە 13 قىتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ، 2 قىتىم ئوزغۇنلۇق چىمپىيۇننىمۇ بار . 1500 مەيدان مۇسابىقە مەشقاۋۇللۇق قىلغان ، 1999- يىلى كوماندا تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن 3 شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ، ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ، 1999-يىلى بۇككىنخام ئوردىسىدا خان جەمەتى ئۇنىڭغا سېر مەرتىۋىسىنى سوۋغا قىلغان .

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنى ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئورگان تورىدا مەشقاۋۇللۇق قىلغىنى 27 يىل بولاي دىگەن بۇ قالتىس مەشقاۋۇلنىڭ پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 19-كۈنى فېرگۇسون مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ 1500 - مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، فېرگۇسوننىڭ 27 يىل داۋاملاشقان دەۋرى ئاخىرلاشقان .

ئەمسە بۇ داڭلىق مەشقاۋۇل ھازىر نىمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندۇ ؟ ئۇ بەزىدە ئانچە مۇنچە ئات بەيگىسى مەيدانىدا پەيدا بولۇپ قالىدۇ ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا لىكسىيە سۆزلەپ ، بىرقانچە كىتابلارنى يازغان ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەنىلا كونا تراففورد مەيدانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسىدا پەيدا بولىدۇ ، ھەربىر قىزىل ئالۋاستىنىڭ مەشقاۋۇللىرىغا نىسبەتەن ، فېرگۇسون خۇددى دادىسىغا ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىدى .

      شۇمچېل                    ( ۋارتار )

ئىلگىرىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان 26 يىللىق لوڭقىسىز قالغانلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى دەل ۋارتاردىكى سەۋىيەنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان . گەرچە گاررى ، كىرىس ، گارى ۋالش ، جىم لىيدىن ۋە بۇسنىچلەرنىڭ ھەممىسى كەسپىي ھاياتىدا ئىپادىسى يامان ئەمەس بولغان بولۇپ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مانچېستىر بىرلەشمىسى كۈتكەن دۇنياۋى دەرىجىلىك ۋارتارلار ئەمەس ئىدى .

IMG_2017.JPG

بىراق فېرگۇسون ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن « ئاخىرىقى ئەسىردىكى ئەڭ ئەرزىگەن ئىلىم - سىتىم » ، بۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ۋارتار مەسىلىسىنى ھەل قىلغان . 1991 - يىلى 8- ئايدا شۇمچىل بىرۇندبى كوماندىسىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ ، يۆتكىلىش ھەققى ئاران 500 مىڭ فۇنىستىرلىڭ بولغان . ئالۋاستىلارغا كەلگەن بىرىنچى پەسلىدە ئۇ كوماندىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولىشىغا ياردەم قىلغان ، 1992- 1993 مۇسابىقە پەسلىدە شۇمچېل ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 18 مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ ، مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمىنىڭ چوققىسىغا چىقىشغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان .

1999- يىلى مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، شۇمچېل لىسبون رىقابەت ، ئاستون ۋىرا ۋە مانچېستىر شەھىرى كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تىپىپ باققان ئىدى .2003- يىلى بۇ دانىيەلىك توپچى چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان . ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇمچېلنىڭ ئوغلى كاسپا شۇمچىل 2015-2016 پەسىللىك مۇسابىقىدە لېچېستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىمپىيۇن بولۇشىغا زور كۈچ چىقارغان بولۇپ ، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ۋارىسلىق قىلغان .

     سىتىۋ برۇس

توپ مەيدانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بولغان كۈچى ئارقىلىق رەقىبىگە بىسىم قىلىدۇ . 1992 - 1993 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان پەسىل بولۇپ قالغان ئىدى .

IMG_2018.JPG

برۇس 32 ياش ۋاقتىدا كەسپىي ھاياتىدىكى 500 مەيدان مۇسابىقىنى تاماملاپ بولغان . بلىند روبسون يارىلانغاندىن كېيىن ، سىتىۋ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان ، ئۇنىڭ مەيداندىكى جاسارىتى ۋە ئىرادىسى پۈتۈن توپ كوماندىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلانغان . مىھمان مەيداندا شىففىلىد كوماندىسى  بىلەن تۇتۇشقاندا ، 0-1 ئارقىدا قالغان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى سىتىۋنىڭ ئىككى كاللا توپ كىرگۈزىشى بىلەن مۇسابىقىدە تەتۈر ئىشىپ غەلبە قىلغان بولۇپ ، چىمپىيۇنلۇق تالىشىش يولىدىكى مۇھىم بولغان ئۈچ نۇمۇرنى قولغا كەلتۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرلەشمىدە يەنە بەش مەيدان مۇسابىقە بار ئەھۋال ئاستىدا ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ نۇمۇرى ئىككىنچىلىكتىن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان .

1996- يىلى برۇس مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلدى ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىرمىنھام كۇلۇبىدا ئىككى پەسىلدەك توپ تەپكەن ، يەنە شېففىلىد بىرلەشمە كۇلۇبىدا بىر پەسىلدەك توپ تەپكەن . كىيىن كوماندىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىشقا باشلىغان . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ۋىيگاڭ رىقابەت ، خرۇستال ئوردا ، بىرمىڭھام ، ساندىرا ، خېل شەھىرى كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلارغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان . ھازىر سىتىۋ ئاستون ۋېلا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتىدۇ .

     گارى پارىست                                        (مۇداپىئە)

ئەينى ۋاقىتتىكى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى تارىختىكى ئەڭ قالتس دەپ قارالغان ، ئۈستىدىكى برۇستىن باشقا ، شۇ ۋاقىتتا 28 ياشقا كىرگەن گاررىنىڭمۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق بولىشغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان .

IMG_2019.JPG

بۇ ئىككى توپچى بىر بىرىنىڭ يۈگۈرەش قەدەملىرىنى ئوبدان بىلىشەتتى ، بۇمۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ياخشى ھەمكارلىشىشىنىڭ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن . ئۇلار دائىم ۋاختىدا ئورۇن تولۇقلاپ ، مەيداندىكى خەتەرنى دەل ۋاقتىدا تۈگىتىشەتتى . مەيلى ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياكى ئاڭ سەۋىيەسى بولسۇن ، ئۇلار ھەمىشە رەقىبلىرىدىن كۈچلۈك ئىكەن .

بۇ ئىككەيلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى ئۈچۈن مۇستەھكەم بولغان مۇداپىئەگە ئىگە قىلغان ، گەرچە چىمپىيۇنلۇق تالىشىش يولىدىكى رەقىبى بىراكبىن كوماندىسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن كۆپ بولسىمۇ ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان توپ سانى 31 دانە بولۇپ ، ھەتتا شۇ پەسىلدىكى مۇداپىيەسى ئەڭ قالتىس بولغان ئارسېنال كوماندىسىدىن 7 توپنى ئاز كەتكۈزگەن .

1998- يىلى پارىست مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، شۇنىڭدىن كېيىن مىدىلسفبۇرگ كوماندىسىدا ئۈچ پەسىل توپ تەپكەن . كىيىن ئۇ بىرمەزگىل نازارەتچى بولغاندىن كېيىن ، كىيىن خىزمىتىنى باھالىغۇچى ئورۇنغا يۆتكىگەن .

     دەننىس ئېرۋىن                                      (مۇداپىئە)

بىر تۇراقلىق بولغان ھەمدە مالدىنى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە تۇرغان ئېرۋىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مۇداپىئە تەڭپۇڭلۇقىنى تەكشى ساقلاپ قالغان . ھەمدە ئۇنىڭ ئىختىيارىي توپلىرىمۇ ئىنتايىن قالتىس ۋە گەۋدىلىك .

IMG_2020.JPG

1992-1993 مۇسابىقە پەسلىدە ئېرۋىن كەسپىي ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، چىمپىيۇن بولۇش يولىدا ئىرىشكەن مۇھىم رول ئالغان ئۇدا يەتتە قېتىم يىڭىشنى قولغا كەلتۈرگەن . 1-0 كوۋىنچاراي كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە ، ئېرۋىن ئادەتتە ئاز كۆرىلىدىغان قالتىس توپ تىپىش ئىقتىدارىنى  جارى قىلدۇرغان .
كۆپ قىسىم كىشىلەر ئېرۋىننى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ كوماندا تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر بىكى دەپ قارايدۇ . 2002- يىلى ئېرۋىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، بۆرە كوماندىسىدا يامان ئەمەس بولغان بىرنەچچە پەسىلنى ئۆتكۈزگەن. چىكىنگەندىن كېيىن ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يولىغا قاراپ ماڭغان .


   پائۇل پاركىر                                               (مۇداپىئە)

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىلىدىكى قالتىس مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئوڭ ئارقا بىكىنىڭ گىپى تىلغا ئىلىنسا ، ھەممەيلەننىڭ ئىسىگە گارى نىۋىر كىلىدۇ . لىكىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان شۇ پەسىلدىن باشلاپ ، بۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى ئەنگىلىيەلىك بولغان . پائۇلنىڭ سۈرئىتى بەك تىز بولۇپ ، مۇقىم بولغان مۇداپىئە ھەمدە ھۇجۇم قىلىش ئۈنىمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان .

IMG_2021.JPG

گەرچە 1994- يىلى يەنە بىر قېتىم ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لىكىن 1992-1993 يىلىدىن باشلاپ ئۇ كۆپ قېتىم يارىلىنىشنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ كەتكەن . ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى گارى نىۋىر ئىگەللىگەن .

1996- يىلى پائۇل مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، ئىشتىن سىرتقى كۇلۇبلاردا توپ تەپكەن . چىكىنگەندىن كىيىن تىرىنىر مەسلىھەتچىسى بولغان . ئۇنىڭدىن سىرت بۇ يەنە espn ۋە ئاسىيادىكى كۆپ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئوبزۇرچى بولۇپ ئىشلىگەن .

    برايىن مىكلار                                             

1992- يىلى كانتونانىڭ لىدىس كوماندىسىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلىشى قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ تارىخىدىكى بىر چوڭ بۇرلۇش نۇختىسى بولۇپ قالغان ئىدى . بۇ ھاكاۋۇر فىرانسىيەلىك فېرگۇسوننىڭ كوماندىسىنىڭ مۇھىم توپچىسى بولۇپ قالغان .

IMG_2022.JPG

لېكىن 1992-1993 پەسىللىك مۇسابىقىدە ، بۇنداق يۇقىرى باھانى مىكلارغىمۇ بىرىش كىرەك ئىدى . مىكلار ئەزەلدىن ئالدىن مەيدانلىق ئورنىدىن مەھرۇم قالغانلىقىغا ئەزەلدىن ئۆكۈنۈپ باقمىغان بولۇپ ، ئوتتۇرا مەيداندا ئوينىغاندىمۇ ، ئوخشاشلا كوماندىدىكى مۇھىم بولغان رولىنى جارى قىلدۇرغان .

مىكلار كانتونانى نۇرغۇن ياردەملەر بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ ، شېففىلىدنى يەڭگەن مۇسابىقىدە ، ئىككىلىسى توپ كىرگۈزگەن . ئىۋىرتون ، ئولدى خانمۇ ۋە شىففىلىد سەۋىندەي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، مىكلار ھەممىسدە توپ كىرگۈزگەن . مىھمان مەيداندا 2-1 لېۋېرپول كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە ، مىكلار ھالقىلىق بولغان بىر توپنى كىرگۈزۈپ مۇسابىقىدە غەلبە قىلغان .

بۇنداق مۇسابىقە پوزىتسىيە بىلەن شەخسىيەتسىز بولغان روھنىڭ بولىشى ماكلارنى مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانىغا ئايلاندۇرغان ، لىكىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى روي كىئىن بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن ، مىكلارىننىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئازىيىپ كەتكەن ئىدى .
مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، مەيكلىر قىسقىغىنە ۋاقىتتا مۇتخېرۋېلىل كوماندىسىدا توپ تەپكەن . ئۇنىڭدىن كېيىن بلاكبۇرن كوماندىسىدا ياردەمچى تىرىنىر بولغان . لېكىن ئاخىرىدا مەيكلىر يەنىلا مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قايتىپ كىلىپ ، ياشلار كوماندىسىنىڭ ۋە تەييارلىق كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان ، 2006-يىلى ياشلار كوماندىسىنىڭ چىنىقتۇرۇش باش نازارەتچىسى بولغان . ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسى 2015- يىلىغىچە داۋاملاشقان ، كىيىن شوتلاندىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن ، لېكىن بىريىل ئۆتكەندىن كېيىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى .


   رۈين جىگىس                                    

1991-1992 مۇسابىقە پەسلىدە جىگىس پۈتۈن كارامىتىنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن كوماندا 4- ئايغا كەلگەندە پالاكەتكە ئۇچراپ ، بىرلەشمىدىكى نۇمۇرىمۇ لىدىس كوماندىسى تەرىپىدىن ئىشىپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرىدىكى نەتىجە ئادەمنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ . كىچىك جىگىس قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ جىق تۆھپە قوشقان بولسىمۇ ، لىكىن 1992-1993 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس ئىپادىسى بولغان بىريىلى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن .

IMG_2024.JPG

ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرئىتى ۋە ئىجادچانلىقىغا تايىنىپ مۇسابىقىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، جەنۇبىي ئامپتوننى ، نوتتىڭھام ئورمان ۋە نۇۋىچ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇ ۋىلىشلىقنىڭ ئىپادىسى ئادەمنىڭ كۆزىنى يەيدۇ . ئۇ پەسلىدە جىگىس بىرلەشمىدى 9 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، ھەمدە ئۇدا ئىككى نۆۋەت fifa  تەرىپىدىن ئەڭ مۇنەۋۋەر ياش توپچى بولۇپ سايلانغان . لېكىن قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر جىگىسنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيتتى ، فېرگۇسونمۇ جىگىسنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىلى قويمىغان .

جىگىس مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 900 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، 13 بىرلەشمە لوڭقىسى ، 2 ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ، 4 ئۇيۇشما لوڭقىسى ، بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان . چىكىنگەندىن كىيىن جىگىس مۇللىس ۋە ۋانجالنىڭ ياردەمچىسى بولغان ، لىكىن بۇلتۇر مۇرىنھو كوماندىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغاندىن كېيىن ، جىگىس چىن كۆڭلىدىن سۆيىدىغان مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلغان .

كانتونا

1992- يىلىدىكى كانتونانىڭ لىدىس كوماندىسىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسىگە 1 مىليون 200 مىڭ فۇنىستىرلىڭ باھادا قىتىلىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەر بار بولۇپ ، لېكىن ئون يىل ئىلگىرى فىرانسىيەلىك
《FourFourTwo》نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن : سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي ، چۈنكى مەن بىلەن ۋىلكونسوننىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەستى . لېكىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى بېر فۇتىربى ئۇرغان تىلىفۇنغا كۆپ مىنەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، ئەڭ دەسلەپتە لېدىس كوماندىسى ئېرۋىننى سىتىۋىلىشنى ئويلاشقان بولۇپ ، لېكىن ئاخىرىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى كانتوناغا ئىرىشكەن ئىدى .


IMG_2026.JPG

كانتونانىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا ئىلىپ كەلگەن تەسىرى ئىنتايىن ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئالۋاستىلار بىلەن توختام ئىمزالىغان شۇ كۈنىدە ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىرلەشمىدە 8 - ئورۇندا تۇراتتى ، بىرئايدىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى سەركىلىك ئورنىغا چىققان . شىففىلىد سەۋىندەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن . بۇ فىرانسىيەلىك بولسا مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ بۆسۈپ ئۆتۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى  بولۇپ ، كىيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا قوش شاھلىققا ئېرىشكەن ، كىيىن يەنە ئىككى قىتىم ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن .

بىراق كانتونا 30 ياشقا كىرىپلا چىكىنىشنى تاللىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى . ھەتتا بۇ فىرانسىيەلىك ئۆزىمۇ چىكىنگەن ۋاقتىنىڭ بەك بالدۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئىتراپ قىلغان ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ ئويۇن قويۇش يولىدىكى ئىشلىرى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن بولۇپ ، ئۇ خىلى ياخشى كىنولارغا رولغا چىققان ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇ ساھىل پۇتبولى تىپىشنى ۋە يەرلىك سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .

  ماك تىس                  

فېرگۇسون يىتەكچىلىك قىلىپ چىمپىيۇن بولغان شۇ پەسلىدە ، كانتونا ، جىگىس ۋە شۇمچېل قاتارلىق توپچىلار چىمپىيۇن بولۇشتىكى تۆھپىكار توپچىلار دەپ قارالغان ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بولۇشتا ئەڭ تايانغىنى مۇداپىئە بولغان ئىدى .  لېكىن ئەگەردە ماك تىستەك توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى بولمىغان بولسا ، مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ بەلكىم چىمپىيۇن بولىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن ئىكەن . گەرچە ئىلگىرى بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىغا قۇشۇلۇپ باققان بولسىمۇ ، لېكىن 1978- يىلى بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كەلگەندىن كېيىن ، ئۇ تامامەن ئىزچىل مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۈچۈن توپ تىپىپ كەلگەن ئىدى ، لېكىن تاكى 30 يىشىغا بارغىچە ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنلۇق مىدالىنى ئالغان .

IMG_2027.JPG

ئۇ شۇ پەسلىدە  15 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارسېنال كوماندىسى بىلەن نوۋىچ كوماندىسىغا ئۇرغان ھالقىلىق توپىمۇ بار . ھەمدە سەبداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان .

شۇ پەسىللىك چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، كىيىن چىلسىي كوماندىسى ، جەنۇبىي ئامپتون ، ئىۋىرتون ۋە بلاكبۇرن كوماندىسىدا توپ تىپىپ ، قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان .

39 ياشقا كىرگەندە ئۇ چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ ، كىيىن مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان . ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بلاكبۇرن كوماندىسى ، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ، فۇلھام كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان ، ھازىر ئۇ سىتوك شەھىرى كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتىدۇ .

  لى شارپ

لى شارپنىڭ  گەرچە 16 يىلغا سوزۇلغان كەسپىي ھاياتى ، مەيدانغا چىقىش قىتىم سانى 340 مەيداندىن ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن  ئۇنى ئويلىغان ئادەم  دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغما تالانتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكى ھىس قىپ يىتىدۇ . بىلىشىمىز كېرەككى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ، لى شارپنى جىگىسنىڭ رىقابەتلىشىش جەريانىدىكى رەقىبى دىيىشكە بولىدۇ ، چۈنكى مەيلى تۇغما تالانتى ۋە ياكى ئىلانلارنىڭ سىتىلىش جەھەتتە بولسۇن ، لى شارپ ئۇنىڭ بىلەن قىلىشمايتتى .

IMG_2025.JPG

بىراق 1992-1993 مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندا ، لى شارپنىڭ كۈچى بارا بارا ئاجىزلاشقان باشلىغان . جىگىس مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ لى شارپ ياخشى كۆرىدىغان سول يان يولنى ئوينىغان ، ئۇ چوقۇم قاتتىق چىنىقىش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپتىكى ئاندىرى كانچىلىسكىسنىڭ تارتىۋېلىپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى قولغا كەلتۈرشى كېرەكتى . شۇنداق بولسىمۇ ، لى شارپ يەنىلا شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 27 قىتىم مەيدانغا چىقىش پۇرستىگە ئېرىشكەن . بۇ كانتونا بىلەن ئاندىرىنىڭ مەيدانغا چىققان قىتىم سانىدىنمۇ كۆپ ئىدى ، ئۇنىڭ يان يولدىن قىلغان ھۇجۇملىرى دۈشمەن تەرەپنىڭ يان بىكلىرىگە چوڭ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرەتتى .


لى شارپ بىرنەچچە پەسل ئۆتكەندىن كېيىن چىكىنىشى روشەن گەۋدىلىك بولغان ، ئاندىرىنىڭ ئورنىغا تىخىمۇ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن بىكخام پەيدا بولدى ، ھەمدە ئۇ يارا ئەھۋالىدىن قۇتۇلالمىغان بولۇپ ئاخىرى لىدىس بىرلەشمە كۇلۇبىغا قوشۇلغان . 2000- يىلى برادفورد كوماندىسى دەرىجە ساقلاپ قېلىشنى تاماملىغان بولۇپ ، لى شارپ بۇ جەريانىدا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پورتىسموت كوماندىسى ، ئېكېستېر كوماندىسى ۋە گرىنداۋىك كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن ئىدى .
چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ « مەشھۇر ئەربابلار » تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ ، 《Love Island》《Dancing On Ice》ۋە 《Superstar》قاتارلىق كۆپلىگەن تىلىۋىزىيە پروگراممىسىدا سىز ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرەلەيسىز . بۇنىڭدىن باشقا بۇ بەزىدە ئانچە مۇنچە ئوبزۇرچىلىق قىلىپ قويىدۇ .


   ئاندىرى كانچىلىسكىس

1991- يىلى ئاندىرى دونتسىك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى . ئۇنىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمىغا بولغان ياردىمى ئىنتايىن چوڭ بولغان . 1992-1993 مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلىپىدە ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوتتۇرا مەيداننىڭ سول تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئورنىنى لى شارپ ئىگەللىگەن ، گەرچە زاپاس ئەزا بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنىلا كوماندا ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق رول ئالغان تۆھپىلەرنى قوشقان .

IMG_2028.JPG

كىيىنكى پەسلىدە ئاندىرىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ ، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئاخىرى قوش شاھ بولغان . يەنە  بىريىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن توپچىسىغا ئايلانغان ئىدى . ئەمما كېيىن ئاندىرى بىلەن فېرگۇسون مەشقاۋۇل ئارىسىدا تالاش تارتىش يۈز بېرىپ ، ئاندىرى 1995- يىلى يازدا ئېۋىرتون كوماندىسىغا قوشۇلغان . بۇ يەردە قالتىس ئىپادىسى بولغان ئىككى پەسىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ، فىلورىنسىيە كوماندىسىغا قوشۇلغان .  چىكىنىشتىن بۇرۇن ئۇ يەنە مانچېستىر شەھىرى ، جەنۇبىي ئامپتون ، رامېنىسكويى ساتۇرن ۋە سامارا قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن .
چىكىنگەندىن كېيىن ئۇ لاتۋىيەنىڭ كوماندىسى بولغان يۇرمالا كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق قىلغان . لېكىن 2014-يىلى 11- ئايدا كۇلۇبدىن ئايرىلغان .


  بلاكمو

ئىقتىدارى بىر قەدەر كۆپ تەرەپلىمە بولغان بلاكمو  1992-1993 مۇسابىقە پەسلىدە 12 قىتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن . قىزقارلىق يىرى شۇكى ئۇ ئوتتۇرا مەيدان بىلەن بىكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . كەسپىي ھاياتىدا ئۇ ھەتتا 2 - نۇمۇرلۇق كىيىمدىن 11- نۇمۇرلۇق كىيىم ھەممىسنى كىيىپ باققان ئىدى . ئۇنىڭ يۇرتدىشى ماك تىسقا ئوخشاش ، بلاكمو 1978 - يىلى شاگىرت سالاھىيىتى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان ، كەسپىي ھاياتىدا ئومۇمىي بولۇپ مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۈچۈن 186 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، بولۇپمۇ كۆپىنچىسى 80- يىللاردا .

IMG_2029.JPG

مانچېستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا بلاكمو چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىشكە باشلىغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان نەتىجە قازىنىشقا باشلىغان ئىدى . 1990- يىلى ئۇ كوماندا بىلەن بىللە ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ، 1991- يىلى غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ، ھەمدە 1992-1993 مۇسابىقە پەسلىدە ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىرىشكەن لوڭقىسى بولۇپ قالغان ئىدى .
كېيىن بلاكمو يارا سەۋەبىدىن مىدىلسفبۇرگ كوماندىسىغا قوشۇلغان ، ھەمدە كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ كوماندىنىڭ ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان .


كېيىن ئۇ ئىزچىل شۇيەردە توپ تەپكەن ، ئالدى بىلەن برىستول شەھىرىدە ، بارنىسلى  ۋە نوتىس قاتارلىق كۇلۇبلاردا 2000- يىلىغىچە توپ تەپكەن ، كېيىن ئۇ يەنە ئىشتىن سىرتقى بىرلەشمە مۇسابىقىدە 10 يىلدەك توپ تەپكەن ، چىكىنگەندىن كېيىن ئۇ يەنە باگورولا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان ئىدى .

  داررېن فېرگۇسون

گەرچە فېرگۇسون مەشقاۋۇلنىڭ ئوغلى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە داررېن ئاران 15 قىتىم مەيدانغا چىققان ، گەرچە يىنىدا دەرىجىدىن تاشقىرى تۇغما تالانتى بار توپچى بولمىسىمۇ ، لېكىن داررېن ئىزچىل مۇھىم ئەزالىق رولىنى ئۆتەپ كەلگەن ئىدى .

IMG_2030.JPG

1994- يىلى يازدا داررېن بۆرە كوماندىسىغا قوشۇلغان ، ئۇ يەردە بەش يىل توپ تەپكەندىن كىيىن ، ۋىسخام كوماندىسىغا قوشۇلغان . داررېن بۇ كوماندىدا 300 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، كوماندىنىڭ دەرىجە ئۆرلىشىگە ياردەم بەرگەن .

2007- يىلى داررېن دادىسىغا ئوخشاش مەشقاۋۇل قىسمىغا كىرگەن . 2008- يىلى ئۇ پىتىربۇرگ كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىنگلاند 2- دەرىجىدىكى بىرلەشمىگە ئەكىرگەن ، ھەمدە بىر پەسىلدىن كېيىن ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرىلار بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان . قىسقىچە پرىستون كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ يەنە پىتىربۇرگ كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن ، ئۇ 2014- يىلى كوماندىنى يېتەكلەپ ساينت جونىس لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن  . ئۇ ئىنگلاند B بىرلەشمىنىڭ سەركىسى بولغان  تاڭكاست سەرگەردان كۇلۇبىدا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

كوماندا باشلىقى

ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 6817
تېما سانى : 145
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 4276 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2474 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-9-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-4-6 15:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فۇرگىسىن مانچىستىر تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەم ئۆچمەس قوماندان... مانچىستىرغا تېرىنىر بولغاندىن كېيىن، 18 قېتىملىق بىرلەشمە چىمپيونىنىڭ ساھىبى بولغان لىۋىرپولدىن ئېشىپ كىتىشنى ئۆزىگە نىيەت قىلغانىدى... ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى فۇرگىسىننىڭ بۇ سۆزىنى ئويلاشمايلا دىيىلگەن سۆز دىگەنىدى... دەرھەقىقەت... فۇرگىسىن مانچىستىرغا تېرىنىر بولۇپ لىۋىرپول بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشەلمىدى... لىۋىرپولنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىرلەشمە چىمپيونى بولغان ۋاقتىمۇ بۇنىڭدىن 26 يىل بۇرۇن بولدى.. لىۋىرپول ياۋروپا سەھنىسىدە تارىخ يارىتالىغان بولسىمۇ، ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە بىر قېتىممۇ چىمپيونلۇققا ئېرىشەلمەسلىكى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ...
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ۋاقىت لىۋىرپولنىڭ بىرلەشمە چىمپيونى بولۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى.. جىررادنىڭ خاتا بەرگەن بىر پېسى بىلەن بۇ پۇرسەتمۇ يوق بولدى... جىرراد لىۋىرپولدا بىرلەشمە لوڭقىسىدىن باشقا ھەممە لوڭقىغا ئېرىشىپ ئەپسۇسلۇق بىر ھېكايىسى ساقلىنىپ قالدى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
چۈش + 3 مانچىستىرچى مىدالى ئى.

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-6 15:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو1985    ئەمدى  نادىر تىما يازىدىغان  بۇپ كەتتىك قۇ  خې خې  خې
رونالدو نىڭ قالتىس لىقىنى كاللىسىغا كالتىسىي يىتىشمىگەن چاۋگەي مەستانىلە مەڭگۇ چۇشەنمەيدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2746 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-4-6 15:37:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىگىس ھەي گىگىس   ئالۋاستىلاغا   قۇماندانلىق قىلىدىغان ئادەم سەن ئىدىڭ
مو تەلۋىنى   ئەكىلىشنىڭ قىلچە يوق ئىدى
گىگىسقا   بىر پەسىل پۇرسەت بىرىپ سىناپ بېقىش كېرەك ئىدى
قېرى سىرمۇ  كىلىپمۇ   6    7    يىل   لوڭقىسز يۈرۈپتىكە   ئوتتۇردا لەيلەپ
گىگىسقا ئىككى يىل ھىچ بولمىسا بىر يىل پۇرسەت بەمىدى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15667
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39228 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 696 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-11
ۋاقتى: 2017-4-6 15:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىدىن بىرنى ئوقۇپتىمەن،
كۆيدۇرەلىسەڭ مۇزمۇ كۆيدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 11568
تېما سانى : 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4704 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2026 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-9-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-4-6 16:02:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مانچىسترنى مانچىستېر قىلغان ئادەم مۇشۇ،مانچىستېردا ئەڭ قايىل قىلدىغان ئادەم دەل مۇشۇ قېرى سىر. ئۇتۇق بىلەن ئۆتكەن تېرنىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17442
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 340 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-9
ۋاقتى: 2017-4-6 16:03:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما  بالا  لۇكچەك  چىراي  كۇرنىدىيا  كۇزەمگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كومتىت ئەزاسى

Rank: 8Rank: 8

ئۆمۈرلۈك شەرەپئىلغار باشقۇرغۇچىئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزادەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسىئېنگلاند مەستانىسىمانچىستىر لۈكچىكى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 9586
تېما سانى : 2075
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 45200 ياۋرۇ
تىللاسى : 87 سەر
توردىكى ۋاقتى : 5248 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2011-9-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-11
ۋاقتى: 2017-4-6 16:06:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-6 16:09  
سايرام22 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-6 15:37
گىگىس ھەي گىگىس   ئالۋاستىلاغا   قۇماندانلىق قىلىدىغان  ...


مورىنھو ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مانچىستىرغا ماس كىلىدىغان تىرنىر . ئۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بولغان . مانچىستىر يۇقىرى قاتلىمى يەنە تەۋەككۈل قىلىشىنى خالىمىدى . مويىس ۋە ۋانگال زامانىدىكى مانچىستىر بەكلا كەينىگە دەسسەپ كەتتى ، بۇ زەردار كوماندىلارغا خاس نەتىجە ئەمەس . ئىلگىرى مانچىستىرنىڭ تۆھپىكار كاپىتانى نىۋىل ئىسپانىيە ۋالىنسىيە كوماندىسىغا تىرنىر بولۇپ ئىچىنىشلىق ئىشتىن بوشتىلدى ، نىۋىلنىڭ تىرنىرلىق ھاياتى مەغلۇبىيەت بىلەن باشلاندى . مانچىستىر يۇقىرى قاتلىمى گىگىسنىڭ نىۋىلدەك بولۇپ قىلىشىنى خالىمىدى . شۇڭا مۇۋاپىق نامىزات يەنىلا مورىنھو ئىدى ، ئۇنىڭ يىشى تىرنىرلارغا نىسبىتەن ياش ھىسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ گەپ يوق 20 يىل تىرنىرلىق قىلالىغۇدەك ماغدۇرى بار ، موھىمى ھەرقايسى تەرەپلەردىن پىشقان تىرنىر . بىز ئويلىغاننى مانچىستىر يۇقىرى قاتلىمى ئويلىيالماي قالامتى . گىگىس يەنىلا ئوتتۇر تىپتىكى كوماندىلاردىن ئۆرلەپ چىققىنى ياخشى . گىگىس توپ تىپىشتە كۆزگە كۆرۈنگەن چولپان بولغان بولسىمۇ تىرنىرلىق جەھتتە خام كىلىدۇ . بۇنداق دىسەم مورىنھو بەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرشىپ كەتتىمۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن . مورىنھو مانچىستىر بىرلەشمىسىگە كەلگەندىن كىيىن كۆپ جەھەتلەردىن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ، ھىچ بولمىسا كىلىپلا ئىككى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتى . ئەگەر بىرلەشمىدە تولا تەڭلىشىپ قالمىغان بولسا بۇ پەسىللىك بىرلەشمە چىمپىيۇنى مانچىستىر بولۇپ قالغان بولاتتى . مانچىستىر ھىلىھەم ياۋروپا ئىتىپاقدىكى چىمپىيۇن بولۇشدىكى ئەڭ يارقىن كوماندا بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ . بۇ پەسىل مانچىستىر ئۇزغۇنلۇق بىلتىنى قولغا كەلتۈرۋالسا ، يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا مانچىستىر دىگەندەك يىڭى توپچىلارنى سىتىۋالسا مانچىستىرنىڭ ۋە مورىنھونىڭ ياڭزىسىنى كىلەر پەسىلدىن باشلاپ كۆرىمىز . ھەممىگە ۋاقىت كىرەك . ۋاقىت ھەممىنى بىر بىرلەپ ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ... فۇرگىسىن ھەقىقەتەن مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ تۆھپىكار رىۋايەتلىك تىرنىرى ، فۇرگىسىن مانچىستىرلىقلارنىڭ مەڭگۈ ئەسلىشىگە ئەرزىيدۇ .   تىما ياخشى چىقىپتۇ ، تىما ئىگىسىگە رەخمەت ...
قىزىل ئالۋاستى ئىمپىرىيەسى - مانچىستىر بىرلەشمىسى . ھۇررا ئالۋاستىلار ! غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇب !...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1427 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-4-6 16:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونى يىتىشتۈرۈپ بەرگىنى ئۈچۈن بۇ ئادەمگە مادرىتچىلارمۇ خىلى ئامراق
不怕神一样的对手,就怕猪一样的队友
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2746 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-4-6 17:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش يوللىغان ۋاقتى  2017-4-6 16:06
مورىنھو ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ مانچىستىرغا ماس كىلىدى ...

نىۋىل مەغلۇپ بولسا گىگىسنىمۇ   مەغلۇپ بۇلىدۇ دىگىلى بولمايدۇ  
تاكتىكا ئۇستىسى بىنتىز  مەغلۇپ بولغان مادىرىتنى   زىدانى قولغا ئەپلا   ئۇزغۇنلۇق ئالدى مانا بىرلەشمىدە   چۇقىدا كىتىۋاتمامدۇ
گىىسمۇ شۇنداق قىلالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
چۈش + 5 ۋاقتى كەلگەندە كۆرلى ..

باھا خاتىرىسى

ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16056
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2444 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1953 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-8-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-26
ۋاقتى: 2017-4-6 17:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو دادىسىدەكلا كۆرىدىكەن بۇ ئادەمنى ، قانچە قىلسا ئەرزىيدۇ زادى رونالدو بۇ قىرىغا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
باشقىلارنىڭ ئ‍ورنىغا ئۆزۈڭنى قويۇپ باققىن يىغلاتما،يىغلاپ قالىسەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17683
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 101 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 333 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-9
ۋاقتى: 2017-4-6 17:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭمۇ قايىللىقىمنى قوزغايدۇ بۇ تىرنىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش