كۆرۈش: 2600|ئىنكاس: 30

كۇلۇبتا ئىپادىسى ياخشى بولغان توپچىلار ئاقىۋەتتە .....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1018
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 206497 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2968 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21

پۇتبول تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، بەزى بىر قىسىم كوماندىلار ، بەزى بىر توپچىلارنىڭ ھەقىقەتەن ھەسرەتتە قالىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلار يۈز بەرگەن ئىدى . مىسالغا ئالساق 2002- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە لىمىڭنىڭ جۇڭگو كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغانلىقى ، 2006- يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ماكەينىڭ گوللاندىيە كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغانلىقى ، 2008- يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رائۇلنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغانلىقى ، 2012- يىلى لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بىكھامنىڭ كوماندىغا چاقىرتىلماسلىقى قاتارلىقلار ... بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ ، ئۇلار بىر ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، دەل كۇلۇبدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان ، لىكىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا مۇيەسسەر بولالمىغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن كەسپىي ھاياتىدىكى شانلىق ۋاقىتلارنى قولدىن بېرىپ قويغان . ئۇنداقتا ھازىر توپ ئويناۋاتقان توپچىلار ئىچىدە ، زادى قايسى توپچىلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ؟ قىنى بىز بىرلىكتە بۇ تىمىنى كۆرۈپ باقايلى .

لاكازىت ، فىرانسىيە ، 1991- يىلى تۇغۇلغان

IMG_1999.JPG

لاكازىت لىئون كوماندىسىنىڭ مەشىقلەندۈرۈش بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان توپچى بولۇپ ، ئاللبۇرۇن 2010-2011 پەسلىدە ئۇ ئاستا ئاستا لىئون كوماندىسىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشنى باشلىغان ئىدى . 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىگە قەدەم قويغاندا لاكازىت كوماندىنىڭ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان . كىيىن لىئون كوماندىسى بۇ توپچىنى چۆرىدىگەن ھالدا جەڭ تاكتىكىسى تۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ ، لاكازىت شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمەيدىغان دەرىجىدە توپلارنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى . سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا ، 2013-2014  ، 2014-2015 ، 2015-2016 مۇسابىقە پەسللىرىدە ، بۇ توپچىنىڭ توپ كىرگۈزۈش سانلىق مەلۇماتى ئايرىم ئايرىم 22 ، 33 ۋە 23 توپ بولغان . شۇ مەزگىلىدە پۈتكۈل فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە پەقەتلا ئىبراھىموۋىچنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى بۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان . ھالبۇكى بۈگۈنكى لاكازىت ئەمدى 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ياش توپچى بولۇپ ، يەنىلا كەسپىي ھاياتىنىڭ ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا .

2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە ، لاكازىت پۇتبول مۇنبىرىنى زىلزىلىگە سىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى . ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى شەخسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ ۋارتارغا توپ ئۇرۇش  جەھەتتە ناھايىتى تالانتى بار ئىدى . لىكىن دەل شۇ يىلى يازدا لاكازىت فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چوڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى . دىشام تاللىغان ھۇجۇمچىلار ئىچىدە ، گىرىزمان ، بىنزىما ، رىمى ۋە جىرۇ قاتارلىقلار بار ئىدى . لاكازىت بولسا كاندىدات ماھىر تىزىملىكىدە چىققان بولۇپ ، ئاخىرىدا تىزىملىككە تاللىنالمىغان . تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئەينى ۋاقىتتا پوگبا ئاللىقاچان فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرىغا ئايلىنىپ بولغان ، ئەينى چاغدا ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى يىڭى يۇلتۇزىنى « دولقۇن » دەپ ئاتىغان ئىدى .

كىشىلىك ھاياتىدىكى مۇھىم بولغان بىر مۇسابىقىنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كېيىن ، لاكازىت ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى توختىتىپ قويمىغان . كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە ، ئۇ لىئون كوماندىسىدا داۋاملىق قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئاستا ئاستا فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئالدىدىن سانىغاندا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھۇجۇمچىغا ئايلانغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توپ كىرگۈزۈشتە نەچچە قىتىم ئىبراھىموۋىچقا بىسىم ئەكەلگەن توپچى بولۇپ قالغان . 2014-2015 مۇسابىقە پەسلىدە ، لاكازىت ئۇرغان 32 توپنىڭ ئىچىدە 27 سىنى بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن . مۇشتا ئۇدا نەچچە پەسىل ئىپادىسى قالتىس بولغان توپچىنىڭ ئەلۋەتتە فىرانسىيە كوماندىسىدا بىر ئورنى بولىشى كېرەك .

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2016- يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يىتىپ كەلدى . فىرانسىيە توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەك - شۈبىھىسىزكى ھاياتتىكى زور خۇشاللىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . لىكىن لاكازىت يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالمىغان . بۇ قېتىم فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچى ئورنىنى ئوينايدىغان توپچىلار جىرۇ ، جىنىياق ، گىرىزمان ، پايىت ۋە كومان ئىدى . گىرىزمان بىلەن جىرۇ شۈبھىسىزكى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ تاكتىكا جەھەتتىكى ئەڭ ئىھتىياجلىق توپچىسى ئىدى . جىنىياق ، لايىت ۋە كومان ئۈچەيلەننىڭ ھەركىتى ئىنتايىن جانلىق ۋە چاققان بولۇپ ، مەشقاۋۇل ئورۇنلاشتۇرغان جەڭ تاكتىكىسىنى تىخىمۇ مول قىلالايدۇ . لاكازىت پەقەتلا كۈزىتىش ئوبىكتى بولۇپ قالغان ئىدى .

بۇ پەسلىدە لاكازىتنىڭ ئىپادىسى يەنىلا ناھايىتى ياخشى بولغان بولۇپ ، ھازىرغىچە بولغان ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 27 توپ كىرگۈزۈپ بولغان . توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى فىرانسىيەلىك بولغان ھەرقانداق ھۇجۇم ئوينايدىغان توپچىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان . لىكىن راس گەپنى قىلغاندا فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئادەملىرى تولۇق بولۇپ ، ئەزالىرى ئىنتايىن مول ئىدى .

  گامېرو ، فىرانسىيە ، 1987 - يىلى تۇغۇلغان

IMG_1998.JPG

دۆلەتدىشى لاكازىتقا سىلىشتۇرغاندا گامېرونىڭ سەرگۈزەشتىسى ئەگرى توقايلىقتا ئۆتكەن . لاكازىت 2009 - 2010 مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان بولسىمۇ ، لىكىن گامررو ئاللىقاچان فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى . مەسىلەن لاكازىت كۈچلۈك كوماندىدىن ئۆسۈپ يېتىلگەن بولسا ، ئەكسىچە گامېرو ئۈزۈل كېسىل تۆۋەن قاتلامدىن پىشىپ يېتىلىپ ، باش كۆتۈرگەن بىرىنچى مەرگەن بولۇپ قالغان . شۇ يىلى  كوماندىسى لورىيېنت گامېرو كوماندىسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ھۇجۇم يولىدىكى لىنىيىسى چەكسىز   بولغان بولۇپ ، بۇمۇ بۈگۈنكى ئۆزگىرىشچان ۋارتارغا توپ تىپىش تىخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولغان .

ئەمەلىيەتتە لاكازىت بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق ، جۇڭگودىكى مەستانىلەرگە گامېرو ئىشلىرى تىخىمۇ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى . جۇڭگو ياشلار كوماندىسىنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە بىركىشىلىك ئورۇن ئىلىشتىن 10 يىل ئىلگىرى ، تۇلۇن لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ جۇڭگو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم قىلغان توپچى دەل گامېرو ئىدى . شۇ مەيداندىكى تۇلۇن لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، گامېرو تۇماق كىيىپ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ جۇڭگو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپ ، چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . ھەمدە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، گامېرو ئۇرغان بىر توپى بىلەن فىرانسىيە كوماندىسى 1-0 پورتۇگالىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . ئىپادىسى قالتىس بولغان گامېرو شۇ نۆۋەتلىك تۇلۇن لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ باھالانغان . لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى شۇ مۇسابىقىدىن كېيىن گامېرونىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىدە توپ تىپىدىغان پۇرسىتى بولمىغان .

2005 - يىلى يىڭى توپ تەپكەن ۋاقىتتا ، گامېرو ھەر مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ كەلگەن . بىرلەشمىدىكى ئۇرغان توپى ستراسبۇرگ كوماندىسىدىكى ۋاختىدىكى بىر توپتىن ، تەدرىجىي ھالدا ئىشىپ مىڭىپ 2010 - 2011 پەسىللىك مۇسابىقىدە 22 توپقا يەتكەن . شۇنداقتىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش شۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى گامېروغا تامامەن كۆڭۈل بۆلمىگەن ، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىنىڭ كۆمۈش ئايىقىغا ئىرىشكەن توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، گامېرو دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالمىغان . لىكىن 2010- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، فىرانسىيە كوماندىسى ئەڭ ئىچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى ئىچكى نىزالار مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالغان ئىدى .

لىكىن توپ تىپىش تىخنىكىسى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلگەن گامېرو پارىژ سانىت گېرمان كوماندىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولۇپ ، كىيىن پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بۇ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلانغان . گەرچە 2011 - يىلى گامېرو بىلانكو مەشقاۋۇللۇق قىلغان فىرانسىيە  كوماندىسىغا تاللانغان بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا 2012- يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا تاللىنالمىغان ، بىنئالفا ، بىنزىما ۋە جىلۇ قاتارلىق يىڭى توپچىلار تاللىنىشقا باشلىغان ئىدى .

كىيىن بۇ توپچى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ يىڭى توپچى ئەكىلىشكە ئەگىشىپ ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سەۋىليە كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ ، ماسلاشتۇرۇش ئىلىپ بارماستىن ، بىراقلا بۇ كوماندىنىڭ كوزۇرلۇق توپچىسىغا ئايلانغان ئىدى . 2013-2014 مۇسابىقە پەسلىدە ، گامېرو ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 21 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، بىنزىما بىلەن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ . لىكىن ياش پەرقى ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىنزىما بىلەن بولغان رىقابەتتە گامېرو يەنە بىر قېتىم يىڭىلگەن بۇلۇپ ، 2014 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كاندىدات  ئەزا قاتارىغىمۇ كىرەلمىگەن ئىدى . بۇ شۇنىڭ بىلەن گامېرونىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىدىن قۇرۇق قول قالىشى بولۇپ قالغان ئىدى .

2015-2016 مۇسابىقە پەسلىدە ، گامېرو ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 29 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى ياراتقان . ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇنداق قالتىس ئىپادىسى بولغان گامېرو يەنىلا 2016 - يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشدىغان بىلەتكە ئىرىشەلمىگەن . ئۇ يەنە بىر قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغان ئىدى . لىكىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى كۆرگەن ئىسپانىيەدىكى داڭلىق كوماندىلار ئۇنىڭغا قىزىقىشقا باشلىغان . شۇ يىلى يازدا گامېرو ئاتلېتىكا كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ ، باھاسى سەۋىليە كوماندىسىغا قىتىلغاندىكى باھادىن بەش ھەسسە يۇقىرى بولغان .

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، گامېرو سەۋىليە كوماندىسىدا توپ تەپكەن ئۈچ پەسىللىك مۇسابىقىدە ، كوماندىنىڭ ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم چىمپىيۇنلۇق بولىشغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىدى . ئۈچ پەسىللىك مۇسابىقىدە گامېرو ئىتتىپاق لوڭقىسىدا ئايرىم ئايرىم ھالدا 6 توپ ، 4 توپ  ۋە 8 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، كوماندىنىڭ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئالاھىدە تۆھپىكار توپچىسى بولۇپ قالغان .

بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئاتلېتىكا كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم يولىدىكى ئاساسلىق توپچسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، گامېرو تىزلا ئۆزنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلغان . مەيلى بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولسۇن ۋە ياكى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى بولسۇن ، ھازىرغىچە ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزگەن .

ئۇدا نەچچە پەسىل ئىپادىسى ياخشى بولغان گامېرو ئاخىرى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 2018- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چوڭ تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى ئاخىرى پەيدا بولدى . تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا ، گامېروغا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىدىغان پۇرسەت كەلگەن بولۇپ ، تىزلا كوماندا ئۈچۈن بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇرنى تەڭلەشتۈرگەن . ھەمدە كوماندىنى يېتەكلەپ بۇلغارىيە كوماندىسىنى چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يەڭگەن . گامېرو بۇ مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئىدى

ئارتىز ئادۇرىز ، ئىسپانىيە ، 1981- يىلى تۇغۇلغان

IMG_2003.JPG

گەرچە ئادۇرىزنىڭ مۇسابىقە ئوينىغىنىغا ئاز بولمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بىرباۋ رىقابەت كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان مەزگىلىدە ئاندىن كىشىلەر ئۇنى تونۇشقا باشلىغان ئىدى . ئەمىلىيەتتە ئون نەچچە يىلى بۇرۇنلا ، ئۇنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى نىسپىي مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى . 2008 - 2009 يىلىدىن باشلاپ ئادۇرىز مۇسابىقە پەسلىدىكى ئوزۇن مۇددەتلىك سەپىرىنى باشلىغان بولۇپ ، شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە مالۇكا كوماندىسى ئۈچۈن ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە 11 توپ كىرگۈزگەن . ئىككى پەسىلدىن كېيىن ، ئۇنىڭ تاق پەسىلدىكى كىرگۈزگەن توپ سانى 18 گە يەتكەن ئىدى . ئالدىنقى پەسىلگە كەلگەندە ، ئۇنىڭ تاق پەسىللىك مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئىلگىرىكىدىن بىر قاتلىغان بولۇپ ، 36 گە يىتىپ ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ .

مۇشۇنداق تۇرسىمۇ ، ئادۇرىز ئىزچىل دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي كەلگەن ، يىڭى توپ تەپكەن مەزگىلىدە ئىسپانىيە كوماندىسىغا قاتنىشالمىغان بولۇپلا قالماستىن ، گەرچە ئوتتەك ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا دۆلەت كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغان . لىكىن بۇ توغرىسىدا مەشقاۋۇلنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى يىڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئىسپانىيەنىڭ ھۇجۇمچى قىسمىدا داڭلىق بولغان چولپانلار كەم بولغان ئەمەس بولۇپ ، رائۇلدىن باشلاپ تورىسقىچە ، تورىستىن باشلاپ ۋىللاغا كەلگۈچە مەزگىلىدە ھەربىر توپچى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مۇسابىقىگە قاتناشقان . ئاساسلىق ئەزادىن باشقا يەنە ئىسپانىيە كوماندىسى نۇرغۇن ياخشى بولغان توپچىلارنى كۆزلەپ قويغان ئىدى  . ئادۇرىزنىڭ گەرچە بىرلەشمىدە مۇقىم بولغان توپ كىرگۈزۈش سانلىق مەلۇماتى بولسىمۇ ، لىكىن  ئىسپانىيەگە ئوخشاش بۇقىلار ئارىسدا ، ئىزچىل تۈردە بۇ توپچىغا ئورۇن تەگمىگەن .

لېكىن ئۆتكەنكى بىر يىلدا ئادۇرىز دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن . بۇيىل 36 ياشقا كىرگەن ئادۇرىز ئۈچۈن ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتى جىق قالمىدى .

لارس سىتىندل ، گىرمانىيە ، 1988- يىلى تۇغۇلغان

IMG_2004.JPG

يىقىندا سىتىندل شەھ شۈبھىسىزكى مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەبۇدىسىگە ئايلانغان بولۇپ ، ئىتتىپاق لوڭقىسى فىلورىنسا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئىككى توپ كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئارقىمۇ ئارقا تۆت توپ كىرگۈزگەن . سىنتىندل بۇ مۇسابىقىدە ئۇدا ئۈچ توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، كوماندىنىڭ مۇمكىن ئەمەس بولغان ۋەزىپىنى ئورۇندىشىدا تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان توپچىغا ئايلانغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ، مىنشىنگىلادباخ كوماندىسى ئورگان تورىغا بىر پارچە 11 كىشىلىك مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ 11 كىشىنىڭ ھەممىسى سىتىندل ئىدى . بۇنىڭدىن كوماندىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ توپچىنى ئۈستىدىكى بىر نەچچە سىلىشتۇرغاندا ، سىتىندلنىڭ دۆلەت كوماندىسى توغرىسىدىكى كەچۈرمىشلىرى ئىنتايىن ناچار بولغان . گىرمانىيەنىڭ كۈچلۈك كوماندىسى بولغان مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سىتىندل ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ باقمىغان ئىدى .

سىتىندل كارلىسرۇخې كوماندىسىدىن يىتىشىپ چىققان بولۇپ ، بۇ كوماندا دەرىجە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئىزچىل توپ تىپىپ 2010- يىلىغا كەلگەندە ھاننوۋېر كوماندىسىغا قوشۇلغان ئىدى . ھەمدە ئىككى يىل ئىلگىرى مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىغا قوشۇلغان . 19 ياشقا كىرىپلا گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە توپ تەپكەن ، 20 يىشىدىلا ئاللىقاچان گىرمانىيە كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولغان سىتىندل ، ئامالسىز گىرمانىيەنىڭ كوماندىسىنىڭ بىرنەچچە يىل ھۇجۇمچى كۆپ بولۇش ۋاختىغا دۇچ كەلگەن . كىلۇزدىن باشلاپ گومىس ، پودولىسكى ، لۇيىس ، موللىر ، شۈرلى قاتارلىقلار لىفنىڭ ئالدىن تاللىشى بولغان . شۇنىڭ بىلەن سىتىندل بۇلار بىلەن ئورۇن تالىشىش رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان .

لېكىن فىلورىنسىيە كوماندىسى بىلەن بولغان قالتىس ئىپادىسىنى كۆرگەن گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى لىف ئۇنى ماختىغان . بەلكىم كەلگۈسىدە سىتىندل گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن . سىتىندلنىڭ ئالدىنقى قىتىملىق دۆلەتكە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقتىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، 2009-يىلى 8 - ئاينىڭ 11-كۈنى سىتىندل گىرمانىيە u21 كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان .

ناچۇ مۇنىرىئال ، ئىسپانىيە ، 1986- يىلى تۇغۇلغان

IMG_2005.JPG

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان توپچىلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمچىلار بولۇپ ، ئەمىلىيەتتە مۇداپىئە سىپىدىكى توپچىلارنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنالماي قىلىتەك ناچار ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى . ھازىر ئارسېنال كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان ناچۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرلىك توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى . مۇنىرىئال ئوساسۇنا كوماندىسىدىن چىققان بولۇپ ، 2006- يىلىلا ئاللبۇرۇن ئوساسۇنا كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى بولۇپ ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا باشلىغان . كىيىن كوماندا بۇنى ئاساسلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا جەڭ تاكتىكىسى تۈزەشكە باشلىغان .

مۇنىرىئالنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىڭى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بولۇپ ، ياش ۋاقتىدىكى ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ھەرقانداق توپچىنى بىسىپ چۈشەلەيتتى . كۆزگە كۆرۈنگەن پاس بېرىش تىخنىكىسى ۋە تۇراقلىق بولغان پاس ئىقتىدارىنىڭ بولىشى ، ئۇنىڭ ئارسېنال كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىنمۇ ، ۋېنگېرنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە ئىرىشەلىگەن . تاكى بىرىللىن كۇلۇبقا قىتىلغىچە، ئۇ ئارسېنال كوماندىسىنىڭ جەڭ تاكتىكىسىدىكى مۇھىم توپچى بولغان . گەرچە توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىسىمۇ ، لىكىن مۇنىرىئال توپنى ئىلىپ يۈگۈرۈپ سەبداشلىرىغا ناھايىتى چوڭ بولغان بوشلۇق يارىتىپ بىرەلەيدۇ . بۇ پەسىلدىن باشلاپ مۇنىرىئالنىڭ بەدەن ساپاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولۇپ ، ئارسېنال كوماندىسىنىڭ سول بىك تەرىپىدىن قىلىغان ھۇجۇمنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن . مۇشۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مۇنىرىئالنىڭ كوماندىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى .

شۇنداقتىمۇ مۇنىرىئال ئۇدا نەچچە يىل ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ سىرتىدا قالغان . گەرچە ئۇ 2009- يىلىدىكى دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق دۇنياۋى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ باقمىغان ئىدى . 2013- يىلى ئۇ ئىتتىپاق بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشى بولۇپ قالغان . بۇ مۇسابىقىدە مۇنىرىئال پەقەت بىرلا مەيدان مۇسابىقىگە چىققان بولۇپ ، بۇ مۇسابىقىدە ئىپادىسى ياخشى بولۇپ ، بىر پاس بەرگەن . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىسپانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان ئىدى .

يىقىنقى يىللاردىكى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ خەلقئارادىكى مۇسابىقىدىكى بولغان ئىپادىسىدە زور داۋالغۇشلار بولغان . شۇنىڭ بىلەن مەشقاۋۇل دىققىتىنى تاللىنالماي قالغان توپچىلارغا چۈشكەن بولۇپ ، مۇنىرىئال قايتىدىن دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن . يىقىندا ئاخىرلاشقان تاللاش مۇسابىقىسىدە ، مۇنىرىئال ئىككى مەيداننىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولغان بولۇپ ، بىرتوپ كىرگۈزۈپ بىر توپ ياردەمچى پاس بەرگەن . بەلكىم ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ئارسېنال توپچىسىنى بىز دۇنياۋى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەردە كۆرۈپ قىلىشىمىز مۇمكىن .

ئىكاردى ، ئارگېنتىنا ، 1993- يىلى تۇغۇلغان

IMG_2006.JPG

بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىگە ئايان بولۇپ ، ئىكاردىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئورنى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن . لېكىن بۇ توپچىنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن قارىغاندا ، ئىكاردى ئاللىقاچان ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇدا ئۈچ يىل ئىپادىسى قالتىس بولغان . ئىكاردى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ ، بۇ توپچى ئاخىرى ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۇلارنىڭ گۇمانىنى يوقىتىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن .

شۇنداق بولسىمۇ ، ئىكاردى دۆلەت كوماندىسىدا پەقەتلا شۇ بىرلا قېتىم ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغان . 2014-2015 ۋە 2015-2016 ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولغان بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا ئارگېنتىنا كوماندىسىغا چاقىرتىلمىغان ئىدى . دىيىشكە زۆرۈر بىر ئىش بولسا ، بۇ توپچى ئارگېنتىنانىڭ يەتتىنچى ھۇجۇمچىسى ئىدى . لىكىن ئىكاردى بۇنىڭغا بىلەن كۆڭلى يېرى بولماستىن ، بەلكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە داۋاملىق قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن .

IMG_2001.JPG

دەرۋەقە كۇلۇبتا ئىپادىسى ياخشى بولغان بىلەن ، دۆلەت كوماندىسىغا كەلگەندە ھەتتا مەيدانغا چىقىش پۇرستىگە ئىرىشەلمەيمۇ قالىدۇ . بۇنداق ئەھۋاللار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۈچلۈك دۆلەتلەردە جىق يۈز بېرىپ قالىدۇ . مەسىلەن ئارگېنتىنا ، بىرازىلىيە ، گوللاندىيە ، گىرمانىيە ، ئىتالىيە ، فىرانسىيە ، ئىسپانىيە ، پورتۇگالىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەردە بۇنداق ئەھۋال كۆپ يۈز بىرىدىغان بولۇپ ، چۈنكى كوماندىدا مۇنەۋۋەر توپچى ئاز ئەمەس . ئەلۋەتتە شۇنچە كۆپ مۇنەۋۋەر توپچىنىڭ بىر كوماندىدا بولۇپ قىلىشى ، شەھ شۈبىھىسىزكى دۆلەتنىڭ تەلىيى . توپچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ تىخىمۇ يۈكسىلىنىشىگە ۋە تاۋلىنىشىغا ياردىمى بولىدۇ.



IMG_1996.PNG
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17442
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 890 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 340 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-9
ۋاقتى: 2017-4-5 17:41:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  يياخشى چىقىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

مادرىد لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15177
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23703 ياۋرۇ
تىللاسى : 25 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1583 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-1-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-4-5 17:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭلار ھېرىپ قالمىغاي ، تېمىللىرىڭىز كۈندىن كۈنگە سەرخىللىشىپ كىتىپ بارىدۇ

ئارگىنتىنادا ئاگۇيرو ھىگۇئايىنلار بار شۇڭا بۇنىڭ چاقىرتىلمىغىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ، دىيبالا بىلەن مۇشۇ ئىككىسى سورامدۇ تېخى كىيىنچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10774
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189388 ياۋرۇ
تىللاسى : 18 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1032 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-5-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-4-5 17:42:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما بەك ياخشى چىقىپتۇ.ھىگۇيىن بىلەن ئاگەيرو،مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە يىكاردىنى چاقىرىتقان بولسا بۇلتى       يەن بىرى2010دىكى رونالدىنخو  ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەك يېرىم قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

لىۋېرپول

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 14464
تېما سانى : 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18151 ياۋرۇ
تىللاسى : 4 سەر
توردىكى ۋاقتى : 502 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-8-4
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-2
ۋاقتى: 2017-4-5 17:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا يەنە بىر ئىسىل تىما !~!  تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر!~
ئەركەكنى جەبر-جاپا ئەمەس ،كەيىپ- ساپا يولدىن چىقىرىدۇ.
ئا.تۇمارىس
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

AC مىلان

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15667
تېما سانى : 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 39118 ياۋرۇ
تىللاسى : 3 سەر
توردىكى ۋاقتى : 694 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-12
ۋاقتى: 2017-4-5 17:44:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى باردەك ھىس قىلدىم               
كۆيدۇرەلىسەڭ مۇزمۇ كۆيدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10774
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189388 ياۋرۇ
تىللاسى : 18 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1032 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-5-14
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
ۋاقتى: 2017-4-5 17:45:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىنىڭ لۈكچەك بۇلۇشقا،شەرتى تۇشۇپ ئېشىپ كەتتى بولغاي       باشقۇرغۇچىلار ئويلۇشۇپ قويساڭلار    خېلىدىن بىرى مۇشۇ رونالدو1985مۇنباردىشىمىزلا مۇنبەرنى چۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17703
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2103 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 185 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-26
ۋاقتى: 2017-4-5 18:18:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل،بولسا بۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا مادرىد، رونالدومۇ مېسسى توغرىسىدا تېما يازماي مۇشۇنداق تېمىلارنى يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 1018
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 206497 ياۋرۇ
تىللاسى : 28 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2968 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-21
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-5 18:48:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت كۆپچىلىك . بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياخشى تىما يىزىشقا تىرىشىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 8081
تېما سانى : 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11067 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3166 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2010-8-30
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-20
ۋاقتى: 2017-4-5 19:17:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سۆزلەرنىڭ باغلىنىشىنى ئوڭشىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ تىتىملىق چىقاتتىكەن . ياخشى تىما بوپتۇ   ، 2002- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا    سىكىلارىمۇ  جاھىللىق قىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا   گىرمان بىرلەشمىسىدە  قىقاس ئويناۋاتقان بوينى قىسقا بىر بىرازىلىيىكنىمۇ ئالمىغان . بىرمىندا ئوينامتى ئەيتاۋۇر ، لىكىن سىكىلارى ئاخىرىدا چىمپىيۇنلۇق ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاغزىنى ئەتكەن . خۇددى   78 -يىلدىكى ئارگىنتىنا تىرىنىرى مىنۇتتىدەك .  بەزى ياخشى ماھىرلار تىرىنىرنىڭ كاساپىتىگىمۇ كىتىپ قالىدۇ ،بەزىلىرىنى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بەلگىلەپ قويىدۇ ، ئامال يوقتە ،  پوتبۇلى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ  كەسپى توپچىلىرى كۈرمىڭ ،لىكىن دۆلەت كوماندىسى كىيمىنى ئۇچىسىغا ئارتىدىغىنى 23.     تىرىنىرنىڭ كاساپىتىگە تولىراق فىرانسىيە كىتىپ قالىدۇ دەپ ئويلايمەن  ،  ئىلگىركى دومىنىكمۇ شۇنداراق ئادەمتى ،ماۋۇ   بۇرۇنقى كاپىتانى ھازىرقى تىرىنىرىمۇ   شۇنداقراق ئادەمكەن  شەخسى پەرىزىمدە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3113
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8244 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 545 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-2
ۋاقتى: 2017-4-5 20:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بەزى توپچىلارنى زورلاپ چاقىرتىشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس  .  ھۆرمەت  ئابرويى چوڭ بولغان بىلەن  ھە دېگەندە  كوماندىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ  بولالمايدۇ . مىسسىنى ئېلىپ ئېيتساق  ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ  كوماندىدىن ئۆزلىكىدىن ئايرىلغىنى ئەڭ ئاقىلانە قارار ئىدى . يا  بارسىلونا تېرنىرىنى ئارگىنتىناغا تېرنىر قىلىپ ئاپىرىش كېرەك يا بولمىسا مىسسى ئارگىنتىنا كوماندىسىغا  دەسسىمەسلىكى كېرەك . شۇنچە  سەرخىل  كوماندىنىڭ ،  مىسسى باشچىلىقىدا  پوققا دەسسەپ تۇرىشى قاملاشمىغانلا ئىش . رائۇلمۇ 2008-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا  يوق  ئاخىرىدا  ئىسپانىيە چىمپىيون بولدى .  شۇنىڭدەك  مىسسىنىمۇ  ………
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپەمۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13758
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100102 ياۋرۇ
تىللاسى : 11 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1328 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2014-3-1
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-19
ۋاقتى: 2017-4-5 20:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلىق ئۆلچىمىگە چۇپ قلامدۇ نىمە بۇ تىما
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ماڭا نەقىل قىلماڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-11-21 18:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش