كۆرۈش: 2054|ئىنكاس: 40

‹‹ چۈش بىرىنجى كوماندىسى ›› دىكى ئەزالار قەيەردە ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108611 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىلىدا ، كىرۇيىف يىتەكچىلىك قىلغان بارسېلونا كوماندىسى ئۇدا تۆت قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . ھەمدە كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئوزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن . شۇ دەۋىردىكى ھۆكۈمرانلىق كۈچىگە ئىگە بولغان قىزىل كۆك كىيىملىك قوشۇن  مەستانىلەر تەرىپىدىن « چۈش بىرىنچى كوماندىسى » دەپ ئاتالغان ئىدى. FourFourTwo نىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى گىرىگ لىيا 1991- 1992 پەسىلدىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشكەنلىك قوش شاھ ئىشىنى ئەسلەپ ئۆتكەن .

IMG_1991.JPG

كىرۇيىف (مەشقاۋۇل )

ئىلگىرى بۇ گوللاندىيەلىك داڭلىق چولپان 1970- يىللاردا بارسېلونا كوماندىسىدا توپ تەپكەن . 1988 - يىلى بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . ھەمدە ھازىر بىرگە تونۇشلۇق بولغان بارسېلونا كوماندىسى پۇتبولى ئۈچۈن مۇستەھكەم ياخشى ئاساس سالغان ئىدى . ئىلگىرى گۇئاردىئولا مۇنداق دېگەن : كىرۇيىف بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن بىر خەرىتە سىزىپ بەردى ، كىيىنكى بارسېلونا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئادەمنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ئاساسى قۇرۇلمىنى ياخشى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش بولدى.

IMG_1973.JPG

بارسېلونا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان سەككىز پەسىلدە ، بۇ رىۋايەتلىك توپچى بارسېلونا كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ تۆت قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ، بىرقىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن . 1996- يىلى بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، كىرۇيىف ئىزچىل بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بارسېلونا كوماندىسىغا گۇئاردىئولا بىلەن جىكارد قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن .2010-يىلى 3 - ئايدا كىرۇيىف بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پەخرى رەئىسىلىكىگە تەيىنلەنگەن . لىكىن پەقەتلا تۆت ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ بۇ شەرىپىنى تىخى يىڭىلا ۋەزىپىدە ئولتۇرغان بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يىڭى رەئىسى روسسېل تەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنغان .

بۇلتۇر 3- ئايدا كىرۇيىف ئۆپكە راكى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتتى ، بۇ رىۋايەتلىك توپچىنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ، ھەمدە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن .

    زۇبزاررىتا       ( ۋارتار )

چەكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغان 1991 - 1992 پەسىلدە ، زۇبزارىتا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇقىم بولغان ئاساسلىق توپچىسى ئىدى . بۇ مۇنەۋۋەر ۋارتار بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك تولۇق قاتناشقان ، ھەمدە بارسېلونا كوماندىسىغا ياردەم قىلىپ شۇ يىلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ۋە ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى . بۇ توپچى ئىلگىرى ئىسپانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 126 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ، ھەمدە شۇ مۇسابىقە پەسلىدە 22 قىتىم رەقىبىنى مىخلىۋەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە شۇ پەسىلدە ئەڭ مۇھىم بولغان بەش ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسى بار ئىدى . زۇبزاررىتانىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشى ئاستىدا ، كىرۇيىفنىڭ كوماندىسى بۇ بەش مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە تولۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ، شۇنىڭ بىلەن بارسېلونا كوماندىسى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن ئاتلېتىكا كوماندىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن .

IMG_1980.JPG
سۈرەتتە زۇبزاررىتا 1 - ئايدا پايىتنىڭ مارسىل كۇلۇبىغا قىتىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتىدۇ .

1994 - يىلى زۇبزاررىتا بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ۋالېنسىيە كوماندىسىغا قوشۇلغان . ھەمدە ۋالېنسىيە كوماندىسىدا تۆت پەسىل توپ ئوينىغان . كىيىن 2010- يىلىغا كەلگەندە ، ئۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ باش پۇتبول نازارەتچىسىگە ئايلانغان . ئەمما بەش يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر قېتىم بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، مارسېل كوماندىسىنىڭ پۇتبول باش نازارەتچىسىگە ئايلانغان

روناد كومان                 ( بىك )

بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۇرغان ئاساسلىق توپ بولسا ، بىر ئىنتايىن نەپىس كىرگەن ئىختىيارىي توپ بولۇپ ، بۇ توپنى ئىختىيارىي توپ ئۇستىسى روناد كومان كىرگۈزگەن ئىدى . شۇچاغدا ئۇزارتىلما مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا سەككىز مىنۇت قالغان ۋاقىتتا ، ئۇنىڭ بۇ ئىختىيارىي توپى سامپۇدولىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتارى جىئەن لۇكانىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ تاشلىغان . بۇ ئۇنىڭ شۇ پەسىلدىكى ئۇرغان 17 توپنىڭ ئىچىدىكى توپلارنىڭ بىرسى ئىدى . شۇ پەسىلدە قاتناشقان 35 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىدە ، كومان 16 توپنى كىرگۈزگەن . بىر مۇداپىئەدە تۇرىدىغان توپچىنىڭ بۇنداق توپ ئۇرۇش ئۈنىمى، ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى  

IMG_1981.JPG

1995 - يىلى كىمان بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، فييىرنودى كۇلۇبىغا قوشۇلغان . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان . كىيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىغا قايتا قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، ۋانجال بىلەن بىللە  ياردەمچى رىپىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، ۋېتىس كۇلۇبى ، ئاجاكىس كۇلۇبى ، بىفىنكا كۇلۇبى ، ئېندخوۋېن كوماندىسى ، ۋالېنسىيە كوماندىسى ، ئالكمار كوماندىسى ، فېيىرنودى كوماندىسى ، جەنۇبىي ئامپتون كوماندىسى قاتارلىق كۇلۇبلارغا تىرىنىرلىق قىلىپ باققان ئىدى . ئۇ ھازىر ئىۋىرتون كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتىدۇ .

     ناندو            ( ئوتتۇرا بىك )

گەرچە ناندو بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن پەقەتلا ئىككى پەسىل توپ تەپكەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە كوماندىدا ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن . بۇ ئىسپانىيەلىكلەر ئوتتۇرا بىك شۇ پەسىلدە بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن 29 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان . ۋىنبولى پۇتبول مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلغان ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، ناندو ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ ، ئۈچ ئوتتۇرا بىكنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كوماندىنىڭ سامپۇدولىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىشغا ياردەم قىلغان . بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، ئۇمۇ ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىغا بىرىپ توپ تىپىپ باققان .


IMG_1982.JPG
   سۈرەتتە  1991- يىلىدىكى غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، كومان مانچىستىر توپچىسى ماكنى پۇتلاتىدۇ .

ناندو 2011 - يىلى چىكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۇتبولغا ئالاقىدار بولغان پائالىيەتكە ئىنتايىن ئاز قاتناشقان بولۇپ ، يۇرتى سەرۋىلىيەگە قايتىپ كىتىپ تىنچ تۇرمۇش كەچۈرگەن .

خۇئان كارلوس         

خۇئان كارلوس 1991- يىلى يازدا ئاتلېتىكا كوماندىسىدىن بارسېلونا كوماندىسىغا قوشۇلغان ، ھەمدە تىزلا كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان بىر پەسىلنى ئۆتكۈزگەن . شۇ پەسلىدە خۇئان كارلوس  ھەرقايسى تۈردىكى مۇسابىقە بولۇپ 28 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، كاتولىنىيە كۇلۇبىنىڭ ئىسپانىيەنى ۋە ياۋروپانى  سورىشىغا ياردەم قىلغان . 70800 پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئالدىدا ، ئۇلار ۋىنبولى مەيدانىدا سامپۇدولىيە كوماندىسى بىلەن ناھايىتى قىيىن بولغان 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان .

IMG_1983.JPG
سۈرەتتە خۇئان كارلوس لوڭقىنى كۆتۈرىۋاتىدۇ

خۇئان كارلوسنىڭ چىكىنگەنلىكى توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق بولۇپ ، لىكىن ئۇ 2008- يىلى پارادولىدقا قايتىپ كېلىپ ، كۇلۇبىنىڭ باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .

      باكرو         ( ئوتتۇرا مەيدان )

ئەمدىلا چىققان ۋاقىتتا باكرو بىر ئالدى ھۇجۇمى بولۇپ ، كىيىن ئۇ ئوتتۇرا مەيدان ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان . 1991 - 1992 پەسىلدە كىرۇيىف بۇ توپچىنى ئوڭ تەرەپتىكى ئوتتۇرا مەيدانغا قويغان . ئۇ پەسىلدە باكرو ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە جەمئىي 14 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، كومان ، سىتۇيىچكىف ، لائۇدراپنىڭ كەينىدىلا تۇرغان . بۇنىڭدىن سىرت ئۇ سەبدىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن .

IMG_1984.JPG

ئۆتكەن 10 يىلدا ، باكرو ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ، خان جەمەتى جەمئىيەت ، ۋارشاۋا بورونىيە ، لېخې پوزنان ۋە خۇئان ئاۋرىش كوماندىلىرىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باققان . ئۇمۇ 2015 - يىلى ۋېنسۇئېلا كوماندىسىنىڭ لاگۇئاسما كۇلۇبىنىڭ تىخنىكا باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .

    گۇئاردىئولا           ( ئوتتۇرا مەيدان )

گۇئاردىئولا 1991 - 1992 مۇسابىقە پەسلىدە مۇھىم بولغان بۆسۈشلەرگە ئىرىشكەن . بۇ ئىسپانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچى شۇ پەسىلدە بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسى تۈرلۈك مۇسابىقىدە جەمئىي 40 قىتىم مەيدانغا چىققان . لىكىن ئۇنىڭ ئالدىدىكى پەسىلدە ئارانلا بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان . بارسېلونا كوماندىسىغا كۈچ چىقارغان ۋاقىتتا ، گۇئاردىئولا ئومۇمىي بولۇپ مۇھىم بولغان 10 مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . كىيىن ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ برىسسىيە ، رىم قاتارلىق بىر نەچچە كوماندىدا توپ تىپىپ باققان . 2006-يىلى 11- ئايدا ، گۇئاردىئولا رەسمىي ھالدا چىكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان .

IMG_1985.JPG
چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ پەيزىسىنى سۈرىۋاتقان گۇئاردىئولا

چىكىنىپ يەتتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ، گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ب كوماندىسىنىڭ تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . كىيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا تۆت يىل مەشقاۋۇللۇق قىلغان . بۇ مەزگىلىدە گۇئاردىئولا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئۈچ قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئىرىشىشىگە ۋە ئىككى قىتىم ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشىشىگە ياردەم قىلغان ئىدى . ئۇنىڭدىن كېيىن گۇئاردىئولا بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىشىنى تاللىغان . ھازىر گۇئاردىئولا مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان بولۇپ ، بىرلەشمىدە ياخشى بولغان نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .

   ئىسۇبىيۇ ساكرىستان     

ئىسپانىيەلىك ئىسۇبىيۇ گەرچە ئوخشاش ئىسىمداش بولغان پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسىدەك قالتىس بولمىسىمۇ ، لىكىن بۇ ھازىر خان جەمەتى جەمئىيەت كوماندىسىغا تىرىنىرلىق قىلىۋاتقان بۇ ئادەم ئەينى ۋاقىتتىكى كىرۇيىفنىڭ قول ئاستىدىكى مۇھىم توپچىلارنىڭ بىرى بولغان . 1991 - 1992 مۇسابىقە پەسلىدە ، بۇ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى 42 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ۋە ھەتتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان . شۇ پەسىلدىن كېيىنكى ئىسۇبىيۇ داۋاملىق بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئۇدا ئۈچ پەسل توپ ئوينىدى .1995 - يىلى بۇ توپچى سىلتا كوماندىسىغا قوشۇلغان .

IMG_1986.JPG
خانلىق جەمىيەتتە مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئىسۇببىيۇ

ئىسۇبىيۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ ، 2003 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا ياردەمچى تىرىنىرى بولغان . كىيىن ئۇ ئىنرىكنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ب كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىشنى باشلىغان . 2015-يىلى 11- ئايدا بۇ خان جەمەتى جەمئىيەت كوماندىسىنىڭ تىرىنىرى بولغان بولۇپ ، ھازىر بۇ يەنە بىر قېتىم ئىنرىكنىڭ ئورنىنى ئىلىشىدىن ئۈمىد بار.

     ئامۇل   

ئامۇلنىڭ 1991 - 1992 مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان سانى لائۇدراپ يىقىنلىشىدىغان بولۇپ ، لىكىن بۇ توپچى شۇ پەسىلدىكى ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى كوماندىسىنىڭ چوڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن . ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا 10 يىل توپ تەپكەن بولۇپ ، كىيىن 1998 - يىلى ئىتالىيە فىلورىنسا كوماندىسىغا قوشۇلغان . كىيىن يەنە ئۇ ۋىللارېئال كوماندىسىغا قوشۇلغان .

IMG_1987.JPG

كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئامول بارسېلوناغا قايتىپ خىزمەت قىلغان . ھازىر ئۇ ئاۋىستىرالىيە ئادەتتىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئادېلايدې بىرلەشمە كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتىدۇ .

   بىگىرىستاين        (يان ھۇجۇمچى )

بىگىرىستاين شۇ پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ زاپاس ئەزا تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ ، لىكىن مەيدانغا چىقىدىغان پۇرسەت كەلمىگەن . كىرۇيىف سالىناس بىلەن سىتۇيىچكىفنى ھۇجۇم گورپىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ، لىكىن قانداقلا بولمىسۇن ، ئۇمۇ ئوخشاشلا كىرۇيىفنىڭ « چۈش بىرىنچى كوماندىسى » ئارىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى . بىگىرىستاين شۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 34 قىتىم مەيدانغا چىققان ، ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىدە سەككىز مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان . ئۇ بولسا بىر سول ھۇجۇمچى بولۇپ ، لىكىن ئوتتۇرا يولدىمۇ ھەرىكەت ئېلىپبارالايدۇ .بىگىرىستاين 1991 - 1992 پەسلىدە توققۇز توپ كىرگۈزگەن ئىدى .


IMG_1988.JPG
سۈرەتتە سول تەرەپتىكىسى بىگىرىستاين

2003-يىلىدىن 2010- يىلىغچە بولغان ئارلىقتا ، بىگىرىستاين بارسېلونا كوماندىسى تەنتەربىيە باش نازارەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، ھازىر ئۇ مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىدا ئوخشاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتىدۇ .

    مىچىل لائۇدراپ      (ھۇجۇمچى )

1991 - 1992 پەسىلدە ، لائۇدراپ ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە ژورنىلى بولۇپ « ئالتون توپ ئەپەندى » تەرىپىدىن شۇ پەسىللىك  ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەل ماھىر بولۇپ ھېسابلانغان . شۇ چاغدا بىر كوماندىدا پەقەت ئۈچلا چەتئەللىك ماھىر بولۇشقا يول قويىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ توپچى بارسېلونا كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچىلارنىڭ بىرسى بولۇپ قارالغان ئىدى .

بۇ دانىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىنىڭ شۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ناھايىتى قالتىس بولغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسى ئىدى . ئۇ 16 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، ھەمدە يەنە توپ مەيدانىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىپ ، سەبداشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەرنى ياراتقان ، كىرۇيىفنىڭ كوماندىسى ئىچىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن مۇھىم رول ئالغان .

IMG_1989.JPG
سۈرەتتە قاتار كۇلۇبىغا مەشقاۋۇللۇق قىلىۋاتقان لائۇدراپ

ئاجاكىس كوماندىسىدا چىكىنىپ تۆت يىلدىن كېيىن ، لائۇدراپ ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان . 2002- يىلىدىن كېيىن ، ئۇ ئاللىقاچان 5 دۆلەتتىكى يەتتە كۇلۇبقا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتافى كوماندىسى ، موسكىۋا سىپارتاك كوماندىسى ۋە سىۋانسى كوماندىسى قاتارلىقلار بار . ئۇ ھازىر قاتارنىڭ ئەلخال كوماندىسىدا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتىدۇ .

    سىتۇيىچكىف        (ھۇجۇمچى )

بۇ توپچى ئوخشاشلا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ داڭلىق توپچىسى بولغان . سىتۇيىچكىف 1990- يىلىدىن 1995- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ، بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 212 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، 109 توپ كىرگۈزگەن . بۇ بۇلغارىيەنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى 1991-1992 پەسلىدە 22 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتلېتىكا كوماندىسىغا ، بىفىنكا كوماندىسىغا ، كىيىۋ دىنامو كوماندىسىغا ئۇرغان ھالقىلىق توپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

سىتۇيىچكىف 1994 - يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان ئىدى . كىيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، ئىتالىيەگە بېرىپ پارما كوماندىسىدا بىر پەسىل توپ تەپكەن . لىكىن كىيىن ئۇ يەنە بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىدىن قايتىپ كېلىپ ، 1996- يىلىدىن 1998 - يىلىغىچە ئىككى پەسىل بارسېلونا كوماندىسىدا توپ تەپكەن . كىيىن ئۇ يەنە بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ ، سوفىيە مەركەز قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ، ئارناسال ، قۇياش ئىلاھى ، چىكاكو ئوت يالقۇنى ۋە ۋاشىنگىتون بىرلەشمىدە داۋاملىق كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن .

IMG_1990.JPG

2004- يىلى بۇ بۇلغارىيەلىك ئالدى ھۇجۇمچى ئۆزىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان بولۇپ ، بۇلغارىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، لىكىن شۇنىڭدىن كېيىن مۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە سىلتا كوماندىسىغا ، جەنۇبىي ئامېرىكا كەچكى شەپەق كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلارغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان باققان . ئۈچ يىل ئىلگىرى ئۇ سوفىيە مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، سىتۇيىچكىف قايتا باشقا كۇلۇبقا مەشقاۋۇللۇق قىلىپ باقمىغان ئىدى .

    ئالبىرت فىرىر     (بىك )

گەرچە شۇ ۋاقىتتىكى 21 ياشلىق ئالبىرت فىرىر شۇ پەسلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدان چىققان ، ھەمدە ناندو ، كومانلار بىلەن ئۈچ كىشىلىك مۇداپىئە سىپىنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن شۇ پەسلىدىكى مۇسابىقىسىنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىنى زاپاز ئەزا بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاران 15 مەيدان مۇسابىقە قاتناشقان ئىدى .

IMG_1993.JPG
سۈرەتتە 2003 - يىلى فىرىر چىلسىيدا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى

كىيىن بۇ بارسېلونادا تۇغۇلغان بۇ توپچى 1998- يىلى بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىپ چىلسىي كوماندىسىغا قوشۇلغان . ھەمدە ئىنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى پەسلىدە چىلسىي كوماندىسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن . 2003 - يىلى چىكىنگەندىن كېيىن ، ئالبىرت فىرىر مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىغان . لېكىن ئۇمۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە  ۋېتىس كوماندىسى ، كولدۇۋا كوماندىسى ۋە مالىكا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان .

  گىيوكچىيا     (زاپاس ئەزا )

ئۇ 1991- 1992 پەسىلدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 32 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3\1 قىسمىنى زاپاس ئەزا بولۇپ تاماملىغان .ئۇ ئىلگىرى يەنە بىفىنكا كوماندىسى بىلەن كىيېۋ دىنامو كوماندىسىدىكى مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان .

IMG_1976.JPG
سۈرەتتە  2006-يىلىدىن 2008 - يىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوساسۇنا كوماندىسىدا ياردەمچى مەشقاۋۇللۇق قىلغان ۋاختى

بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، گىيوكچىيا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بىرباۋ رىقابەت كوماندىسى بىلەن ئوساسۇنا كوماندىسىدا توپ تىپىپ باققان . كىيىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ياپونىيەنىڭ كۇلۇبى يوكوخاما ماتروس كوماندىسىدا توپ تەپكەن . 1999- يىلى گىيوكچىيا چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان . ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوساسۇنا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان . كىيىن يەنە گونزالېز كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان . 2010- يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ پۇتبول ساھەسىدە مۇقىم بولغان خىزمىتى بولۇپ باقمىغان ئىدى .
IMG_1987.JPG

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
kuqarim1 + 50 نادىرغا لايىق

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

كوماندا باشلىقى

تۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16056
تېما سانى : 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2444 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1953 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-8-17
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-26
ۋاقتى: 2017-4-4 20:03:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوماننىڭ ياش ۋاقتى بىلگىلىيەلىك دىبرۇينى غا بەك ئوخشايدىكەن ،
ھەممىدىن بەكرەك گوتاز روناق تىپىپتۇ ، رونالىد كومانمۇ كىيىنچە يامانراق كۇلۇپقا بىرىپ قالىدىغاندەك ، ئىۋىرتوننى خىلى ئوبدان تۇتىۋاتىدۇ بولمىسا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
باشقىلارنىڭ ئ‍ورنىغا ئۆزۈڭنى قويۇپ باققىن يىغلاتما،يىغلاپ قالىسەن
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

يۇۋىنتۇس

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17683
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2309 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 283 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-16
ۋاقتى: 2017-4-4 20:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىشى تاز ئادەمنىڭ كاللىسى بەك ئىشلەمدۇ يا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

يۇۋىنتۇس

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17683
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2309 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 283 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-16
ۋاقتى: 2017-4-4 20:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. شەخسەن ماڭا ياردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

ئالاھىدە تۆھپەمۇنبەر قوللىغۇچىسىدەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 1233
تېما سانى : 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 302951 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3764 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2007-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-4 20:33:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا كىرويىفنى بارسېلونا ئاتىسى دەيدۇ ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15780
تېما سانى : 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28029 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4715 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-5-31
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-6-16
ۋاقتى: 2017-4-4 20:37:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىرۇيىفني خېلى چوڭ بىلىمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12297 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2082 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-4 20:39:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن يىلى بارسىلونالىقلارنىڭ كىرۇيىفنىڭ نەزىرىنى بىرىمىز دەپ ئۆزىنىڭ نەزىرى قىلىنىپ كەتكەن ۋەقەلىكىنى ئويلىساملا رونالدوغا قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.1-چۈش كوماندىسىدىن داڭلىقراقى ھەم توپچىلىق ۋە مەشقاۋۇللۇقتا نەتىجە قازانغىنى مۇشۇ گوئادىياۋلا بوپتۇ باشقىللىرىنى بەك بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.مۇشۇ ئۈچ قىتىملىق چۈش كوماندىسىنىڭ ھەممىسىنى خانلىق مادىرىد ئاياغلاشتۇرۇپتىكەن.
ئۆزەم نامرات بولساممۇ،روھىم نامرات ئەمەس……
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3113
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8244 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 545 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-2
ۋاقتى: 2017-4-4 20:50:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azap375 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-4 20:39
ئۆتكەن يىلى بارسىلونالىقلارنىڭ كىرۇيىفنىڭ نەزىرىنى ب ...

كىرويفنىڭ  روھى قورۇلۇپ قالدى دېمەكچىمۇ ؟
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-4 21:24:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالتا يوللىغان ۋاقتى  2017-4-4 20:50
كىرويفنىڭ  روھى قورۇلۇپ قالدى دېمەكچىمۇ ؟


كىرويىفنىڭ روھىمۇ ھەققانىيەتنىڭ نەزىر قىلىنىپ كېتىشنى خالىمىغان گەپ شۇڭا ئۇلارنىڭ زولاپ نەزىر قىلىش يامان نىيتى ئەمەلگە ئاشماي رونالدو ئۇلارنى تەتۈر نەزىر قىلىۋاتتى
ئۈنۈملۈك تىرىشقان ۋاقتىڭ قانچە ئۇزۇن بولسا ئۇلۇغۋار نىشانىڭغا يېتىش ۋاقتىڭ شۇنچە قىسقا بولىدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108611 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-4 21:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ۋاقىتتىكى بارسىلونا كوماندىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈككەنتۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17442
تېما سانى : 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 910 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 340 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-9-22
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-9
ۋاقتى: 2017-4-4 21:27:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nADIR  تىما   پۇتۇپتۇ  مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

تاماشىبىن

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 18008
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 39 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-3-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-9
ۋاقتى: 2017-4-4 21:30:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەردە نۇمۇس ھۈجەيرىسى دېگەن نەرسە قەتتى يوقكەن   باشقىنىمۇ دېمەيلى بولدى   شۇ پەسىلنىڭ ئۆزىدە ئۆز مەلىسىدە 4-0 ئۇتتۇرۇپ شەرمەندە بولۇپ كېيىنكى ئۇچۇرىشتا 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتقىنىنى ئىت يىلىدىن ئېشەك يىلغىچە سۆرەپ يۈرۈشتىن خىلجىلمۇ بولمايدىغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-24 13:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش