كۆرۈش: 2245|ئىنكاس: 30

فىيگونىڭ قەھرىمانلىقتىن خائىنغىچە بولغان كەچۈرمىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108611 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رونالدۇ1985 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-4-3 11:08  

"ئاق كىيىملىكلەر يىغلىسۇن ، بىز چىمپىيۇن كوماندىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى تەبرىكلەيلى . "  لۇيىس فىيگو ئەينى ۋاقىتتا ھاياجانلانغان ھالدا بۇ گەپلەرنى دىگەن .شۇ چاغدا قىزىل كۆك كىيىملىك قوشۇن ساينت ژورى مى مەيدانىدا مادرىد كوماندىسىدىن غالىب كېلىپ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقان ئىدى. 1998- يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى قىسقىغىنە 11 كۈن ئىچىدە ، بارسېلونا كوماندىسى ئارقا ئارقىدىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى . بارسېلونا كوماندىسى كۆلىمى ئىنتايىن كاتتا بولغان تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان . شۇ چاغدا كوماندىنىڭ كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبول چولپىنى فىيگونىڭ تۆھپىسى زور بولغان ، ئۇ شۇقىتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مۇتلەق باش رول بولغان ، ھەمدە بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمانغا ئايلانغان .

IMG_1941.JPG

كاپىتان ؟ ساتقىن ؟


كىرۇيىفنىڭ ئىزباسارى دەپ قارالغان ، كۆپچىلىك فىيگونى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تارىخى رىۋايەتلىك توپچىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىغان . قاتلاممۇ قاتلام پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ، فىيگو بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تارىخىنىڭ بىرقىسمىغا ئايلانغان . گەرچە ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا تەربىيلىنىپ چىقمىغان بولسىمۇ ، لىكىن بارسېلونا كوماندىسى ئىزچىل فىيگونى ئۆز ئادىمى دەپ قاراپ كەلگەن . لىكىن قىسقىغىنە ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە ، ئىلگىرى پۇتبول مۇنبىرىدە تۆھپىكار دەپ قارالغان بۇ توپچى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىغان .

بىز ئاللىقاچان بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ فىيگوغا بولغان تىل ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمىز تولا ئاڭلاپ كۆنەپ كەتكەن . ھەمدە بىز ئەينى ۋاقىتتا فىيگونىڭ قانداق قىلىپ ئەشەددىي رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز . ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى ئۇنىڭ تۈمەنلىگەن بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس ئورنىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىۋەتتى . گەرچە بىرنابۇ مەيدانىدىكى فىيگو كوماندىنىڭ ئادەتتىكى توپچىسى بولسىمۇ ، لېكىن بىز قەلبىمىزدىن شۇنى ئىتراپ قىلىمىزكى ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان فىيگو، ھەقىقىي بىر فىيگو ئىدى .

IMG_1942.JPG
سۈرەتتە ئۇچىسىغا مادرىدنىڭ كىيىمىنى كەيگەن ۋاقىتتىكى فىيگو


بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى فىيگونى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يىڭى قوماندانى دەپ قارىغان ۋاقىتتا ، لىكىن بۇ پورتۇگالىيەلىك بۇ مەستانىلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئەشەددىي رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان . بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى بولسا ، ئۇنىڭ نوكامپۇ مەيدانىدىكى قولغا كەلتۈرگەن بارلىق شان شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلغانغا باراۋەر ئىدى . ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەشەددىي رەقىبىگە قۇشۇلغان قىلمىشى ، بارسېلونا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ ساقايمايدىغان تارتۇق ئىزى قالدۇرغان .

ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونا مەستانىلىرى ئۇنى مەبۇدىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئەگىشەتتى . ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان بارسېلونا مەستانىلىرى نىمىشقا ئۇنى مەبۇدى دەپ قارىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز . كۆپ قىسىم توپچىلارنىڭ قارىشىچە فىيگو ئۆزىگە ساتقىنلىق قىلغان ، ئۇ مەڭگۇ ئەپۇ قىلىنمايدىكەن .

خۇددى تۇتۇق ئەينەكتە كۆرۈنگەن ئادەمنىڭ سىياقىدەك، فىيگونىڭ كۆك قىزىل كىيگەن ۋاقتىكى سىمايىسى ئاللىقاچان پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان . فىيگو ئۆزى يالغۇز نوكەمپودىن بىرنابۇ مەيدانىغا بارغان تۇنجى توپچى ئەمەس بولۇپ ، ئىلگىرىكى دانىيە پۇتبول چولپىنى مىچىلمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى . گەرچە ئۇ ئۇچىسىغا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ نوكەمپوغا كەلگەندە سانسىزلىغان تىللاشلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، لىكىن بىز لائۇدرۇپنى تىلغا ئالىدىغان بولساق ، مەستانىلەر يەنىلا ئۇنى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پىشقەدەم توپچىسى دەپ قارايدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدا قازانغان ئۇتۇقلىرى مادرىد كوماندىسىدا قازانغان نەتىجىلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ
.

كىرۇيىفنىڭ ئىز باسارى


فىيگو 1995- يىلى بارسېلونا كوماندىسىغا كەلگەن ۋاقىتتا ، مىچىل لائۇدرۇپنىڭ بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئاللىقاچان بىر يىلدىن ئاشقان  بولۇپ ، ھىچقانداق ئوشۇق گەپ يوق ئەھۋالدا بارسېلونا كوماندىسىدىن ئايرىلغان . بارسېلونا كوماندىسى لىسىبۇن رىقابەت كوماندىسىدىن فىيگونى كوماندىغا كىرگۈزۈشكە پەقەت 2 مىليون 200 مىڭ ياۋروپا سەرپ قىلغان . بارسېلونا كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاشتىن بۇرۇن ، فىيگو ھەتتا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن پالما كوماندىسى بىلەن ئالدىن كىلىشىش توختامى ئىمزالىغان .

IMG_1943.JPG
سۈرەتتە بارسىلونا مەزگىلىدىكى فىيگو بىلەن تاشقى پىلانت ئادىمى

كىرۇيىفنىڭ كوماندىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان ئاخىرىقى بىر يىلىدا ، بارسېلونا كوماندىسى فىيگوغا يىڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە يىتەرلىك ۋاقىت بەرگەن ، كىيىن ئۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ چولپانلىرى ۋە غوللۇق ئەزالىرى بىلەن بىللە مەشىققە قاتناشتى . لىكىن ياخشى كۈن ئۇزاققا بارمايدۇ دېگەندەك ، رۇمىنىيەنىڭ پۇتبول چولپىنى خاجى ۋە يەرلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى باكرو كوماندىدىن ئايرىلغان ، تۇغما تالانتى بار بولغان ۋە ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان پىروشىنكىمۇ كوماندىدىن ئايرىلغان .

كوماندا دەسلەپكى مەزگىلدە بىرلەشمىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ، كىيىن ئايرىم ئايرىم ھالدا شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئاتلېتىكا كوماندىسى بىلەن بەيرىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن . بىرقاتار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان نەتىجىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ، ئامال يوق كىرۇيىفنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئەمما پاكىت شۇكى ، كىرۇيىفنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ھەرگىزمۇ كوماندىنىڭ ناچار بولغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولماستىن ، بەلكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ رەئىسى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت تۈپەيلىدىن شۇنداق بولغان  .

كىرۇيىفتىن كىيىنكى مەزگىلىدە ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان توپچىلىرى تەرەپ تەرەپلەرگە كىتىپ شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن . پەقەت فىيگو قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ ، كوماندىنىڭ يادرولۇق توپچىسىغا ئايلانغان . كوماندىنىڭ ئىپادىسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، 1995-1996 پەسىل فىيگونىڭ كىلەچىكىنى پارلاق ئىستىقباللىقنى بەلگىلەيدىغان پەسىل بولۇپ قالغان . ئۇ بىرىنچى قېتىم دۆلەت دىربىيسىغا قاتناشقان ۋاقىتتا ، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان . ئەينى ۋاقىتتىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى يادرولۇق توپچىسى ھازىرقى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئىنرىك ئىدى . ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچىرشىشىدا بارسېلونا كوماندىسى 3-0 خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان ، مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ كىيىنكى يېرىم مەيدانغا كەلگەندە ، فىيگو كوماندىنىڭ ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزگەن .

1996- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى فىيگونى پۈتۈن دۇنيا خەلق بىلىدىغان توپچىغا ئايلاندۇرغان . پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ « ئالتۇن بىر ئەۋلاد » توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، فىيگو ئەينى ۋاقىتتا كوستا ۋە ژۇئانلارغا ئوخشاش كىشلەر تەرىپىدىن دىيىلىپ كېلىۋاتقان « تەنناز پۇتبۇلى » نى ئويناپ چىققان . ئۇ ئۈچەيلەن 1991- يىلىدىكى دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق توپچىلار بولۇپ ، يەنە ھىلىقى 1989- يىلىدىكى دۇنيا ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە شوتلاندىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان پورتۇگالىيە كوماندىسىدىكى پۇتبولچىلار ئىدى
.

IMG_1944.JPG
سۈرەتتە پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ‹‹ ئالتۇن بىر ئەۋلاد ›› چىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان توپچى فىيگو


1996 - يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن ياخشى قارىلىپ كەلگەن پورتۇگالىيە كوماندىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چىخ كوماندىسى قولىدا مەغلۇپ بولغان . شۇنىڭدىن كېيىن فىيگو خەلقئارالىق مۇسابىقىدە ئىزچىل مەغلۇپ بولغۇچى بولۇپ قالغان ، لېكىن كۇلۇب جەھەتتە ، ئۇ ئارقا ئارقىدىن ھەرخىل لوڭقىلارنى قولغا كەلتۈرگەن .

نوكەمپۇنىڭ مۇستەھكەم بولغان تۈرىكى


كىرۇيىفنىڭ ئورنىنى باسىدىغان تىرىنىر بوبى روبسۇننىڭ  كوماندىغا قىتىلىشىغا ئەگىشىپ ، بارسېلونا كوماندىسى يىڭى بىر تۈركۈم پۇتبولچىلارنى كۈتىۋالدى . بۇنىڭ ئىچىدە مادرىد كوماندىسىدىن ھەقسىز قىتىلغان ئىنرىكمۇ بار ئىدى . ئېندخوۋېن كوماندىسىدىن كىرگۈزگەن 3- ئەۋلاد پۇتبول شاھى رونالدو ، روبسۇننىڭ كونا ئائىلىسى بورتۇ كوماندىسىدىن كەلگەن ۋىكتور ، يەنە پالما كوماندىسىدا بىرپەسىلنى ئۆتكۈزۈپ بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن ستويىچكىف قاتارلىقلار بار ئىدى .

بىر پەسىللىك خوراشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، روبسون ۋە يىڭى توپچىلارنىڭ قوشۇلىشى كوماندىنىڭ قىياپىتىنى قايتىدىن ئۇرغۇتتى . 1996-1997 پەسلىدە ، بارسېلونا كوماندىسى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىچىۋىتىلگەن قىياپىتىنى نامايەن قىلدى ، تەنناز ھەم ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان پۇتبول . گەرچە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش كۆرىشىدە ئارقىدا قالسىمۇ ، لىكىن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىشى ، ئاق كىيىملىك توپچىلارغا غايەت زور بىسىملارنى ھىس قىلدۇرغان ، ئەڭ ئاخىرىدا بارسېلونا كوماندىسى پەقەت ئىككى نۇمۇر پەرقىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن .


IMG_1945.JPG
سۈرەتتە روبسۇن دوكتۇر

گەرچە بارسېلونا كوماندىسى بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلار باشقا مۇسابىقىدە ناھايىتى ياخشى بولغان مۇۋەپپەقىيەتلىك قەدەملەرنى باسقان . بارسېلونا كوماندىسى ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ۋە ياۋروپا مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە بولغان ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان . ئۇلار ئالدى بىلەن روتتېردامدا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ياۋروپا غالىبىيەتچىلەر لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرگەن . كىيىن بىرنابۇ مەيدانىدا ئىلىپ بېرىلغان شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق بىتىس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئەشەددىي رەقىبىنىڭ مەيدانىدا شاھلىق لوڭقىسىنى ئىلىپ كەتكەن . فىيگو شاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىككى توپنى كىرگۈزگەن .

گەرچە 1996-1997 مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونا كوماندىسىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن ھەمدە قوش شاھلىقنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن  كۇلۇب يەنە يىڭى ئۆزگىرىشنى كۈتىۋالغان . روبسون كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، گوللاندىيەلىك ۋانجال بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بولغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بارسېلونا كوماندىسى ھەممە ئىش قولىدىن كىلىدىغان رونالدونى ئىنتىر مىلان كوماندىسىغا ناھايىتى يۇقىرى سوممىلىق پۇل بىلەن سىتىۋىتىپ ، زور سوممىلىق پۇلغا ئىرىشكەن .

بىرمەزگىل داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ، فىيگو يەنىلا كوماندىنىڭ لىڭىشتقىلى بولمايدىغان كوماندىنىڭ مۇستەھكەم تايانچىسىغا ئايلانغان . فىيگو بارغانسېرى كۆپلىگەن توپچىلارنىڭ ھىمايە قىلىشغا ئېرىشكەن ، ھەمدە قىممىتىمۇ دەششەت ئۆسۈشكە باشلىغان . روبسون مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى ، چۈنكى ئۇ كوماندىنىڭ تاكتىكىسنى زور دەرىجىدە يىغىنچاقلىيالمىغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان كەمتۈكلەر پەيدا بولغان ، ھەمدە كوماندىنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى ئىپادىسى كىشىلەرنى رازى قىلالمىغان . ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن 1996-1997 پەسىلدە ، بارسېلونا كوماندىسى گەرچە بىرلەشمىدە 102 توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، لىكىن كەتكۈزۈپ قويغان توپىمۇ ئاز ئەمەستى، يەنى 48 توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئىدى
.


IMG_1946.JPG
كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان فىيگو

قىسقىغىنە بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ، فىيگو بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان توپچىسىغا ئايلانغان ، ھەمدە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان . شۇ ۋاقىتتا بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنى رىۋالدو ھۇجۇم جەريانىدا ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولغان ئىدى . ئەلۋەتتە ۋانجالنىڭ تاكتىكا جەھەتتە ئۆزگىچە بولغان كۆز قارىشىغىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايتتى .

يىڭى مۇسابىقە پەسلىدە ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ نەپىس بولغان قالتىس ئىپادىلىرى يوقاپلا كەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ پەسىلدە كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 24 توپ تۆۋەنلەپ كەتكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەتكۈزۈپ قويغان توپى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 8 توپ كۆپەيگەن . شۇنداق بولسىمۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ تاكتىكىسىنى ياخشى ئىشقا كىلىشى بىلەن ، ئۇلار ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن . مىستالىيە پۇتبول مەيدانىدا 10 ئادەملىك مالوكا  كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا نوختا توپ جىڭىدە بۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ يەنە بىر قېتىم شاھلىق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن .

بىراق تارىخ ھامان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ھوقۇق كۆرىشى يەنە بىر قېتىم ئاساسىي مىلودىيەسى بولۇپ قالغان . كۇلۇبىنىڭ قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان پەيىتتە ، بارسېلونا كوماندىسى يەنە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى ، بۇ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ كوماندىغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلىپى ئىدى . بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بارسېلونا كوماندىسىنى نوكەمپودا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لىكىن بارسېلونا كوماندىسى گۇرپىدىن چىقالماي شاللىنىپ كەتكەن ئىدى .

بۇ ۋاقىتىكى فىيگو پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن . 1999- يىلى يازدا فىيگو خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان ھىسياتىنى ھىس قىلىپ  يەتكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ، لىكىن باشتىن ئاخىرى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىسىنىڭ كۆڭلىنى رام قىلالمىغان ئىدى
.
IMG_1947.JPG

سۈرەتتە  بارسېلونا كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئىلىۋاتقان مەزگىلدىكى ۋانجال بىلەن مۇرىنىئو


فىيگو ئۆزىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىلىك مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ تىخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، فىيگو بارسېلونا كوماندىسىدا ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇبتا ، يەنە ئۆزىنىڭ يۇرتىدەك قارايدىغان بۇ يۇرتتا فىيگو ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان .

ئۇنىڭ بارسېلونا كوماندىسى ئۈچۈن ئاخىرىقى بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە ، فىيگو بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئىچكى كۈرىشىدىكى قاينىمىغا كىرىپ قالغان ، بۇ پەقەت شەخسلەر قاتلىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، يەنە كۇلۇبىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە قاتلىمىغا تەۋە بولغان . ۋانجالنىڭ گوللاندىيەلىك توپچىلارنى كۆپلەپ كىرگۈزىشىگە ئەگىشىپ ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىكلەر كۆپىيىپ كۈچلىنىپ كەتكەن . ۋانجال كۇلۇبقا مەشقاۋۇللۇق قىلغان بىرىنچى پەسىلدە ، گوللاندىيەلىك توپچىنى يۆتكەپ كېلىپ ، يەنى ۋارتار خىمىس ، لىچىگ ، دىبول ئاكا ئۇكىلار ، كوكۇ قاتارلىق توپچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مۇشۇ مەزگىلىدە رىۋالدو ئۆزىنىڭ ئورۇن مەسىلىسى ئۈچۈن ۋانجال ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان .

1999-2000 پەسىلدە ، كوماندىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىغىر ئەھۋاللار بولسىمۇ ، لىكىن فىيگو يەنىلا كىشىنى رازى قىلغۇدەك نەتىجە تاپشۇرغان . لىكىن قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغان بارسېلونا كوماندىسى يەنىلا ئاخىرىدا لاكرۇنىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى بولىشىنى توسۇپ قالالمىغان . گەرچە بىرلەشمىدە قۇرۇق قول قالغان بولسىمۇ ، كۆك قىزىل رەڭلىك كىيىملىك قوشۇننىڭ ياۋروپا مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ كۈن تەرتىپى بارسېلونا كوماندىسىدەك بىرلەشمىدىن قۇرۇق قول قالغان كوماندىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن بولۇپ ، ئادەتتىن تاشقىرى بولغان ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغان . ئازادە ھالدا گۇرپىدىن چىققاندىن كېيىن ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىشتىكى  رەقىبى چىلسىي كوماندىسى ئىدى . بارسېلونا كوماندىسى ئىككىنچى ئۇچىرشىشتىكى قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ چىلسىي كوماندىسىدىن تەتۈر ئىشىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى
.

IMG_1948.JPG
سۈرەتتە فىيگو ، پۇيول ۋە رىۋالدو توپ كىرگەننى تەبرىكلەۋاتىدۇ .

فىيگو يەنە بىر قېتىم كوماندىنىڭ تەتۈر ئىشىشىدىكى مۇھىم ھالقىلىق توپچىغا ئايلانغان. ئەمما ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككى سىرىق كارتا ئۇنى مىستالىيە مەيداندىكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتىىن قۇرۇق قالدۇرغان . پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقە فىيگونىڭ كەسپىي ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن ئىدى .

كۆرۈش سۇپىسدا ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەن فىيگو ، ئۆز كۆزى بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ۋالىنسىيە كوماندىسى تەرىپىدىن ئۈزۈل كېسىل تارمار قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن . مىھمان مەيداندا 1-4 نەتىجىدە ئۇتتۇرۋىتشى بارسېلونا كوماندىسىنى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى . ھەمدە كوماندىنىڭ ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئەشەددىي رەقىبى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن بولغان دىربىي ئوينايدىغان شىرىن چۈشىنى پۈتۈنلەي بەرپات قىلغان . ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر فىيگودىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن . لىكىن بۇ قېتىم بارسېلونالىقلار ۋەزىيەتنى خاتا چۈشىنىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىچكىممۇ ئۇ قىتىملىق مۇسابىقىنىڭ فىيگونىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كىيمىنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى
.

ئۆزگىرىشنىڭ چوڭلىقى

2000- يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، فىيگو پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ ئالتۇن بىر ئەۋلاد توپچىلىقىنىڭ ياخشى بىر ئەھۋالىنى كۈتىۋالغان بولۇپ ، ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە كوماندىسىنى يىتەكلەپ تۆت كۈچلۈككە كىردى ، ئارقىدىنلا فىلورىنتىنو ئويلىمىغان يەردىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى ، كىيىن فىيگونى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغلىشىپ ئاخىرىدا ئۇنى سىتىۋىلىپ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .

ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بىر قېتىملىق يۆتكىلىش بولغان . شۇ چاغدا فىيگو 27 ياشتا بولۇپ ، كەسپىي ھاياتىنىنىڭ ئالتۇن دەۋىرىدە تۇرىۋاتاتتى . فىيگونىڭ خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقى دۇنيا يۆتكىلىش باھاسى رىكورتىنى يىڭىلىغاندىن باشقا ، يەنە ھەرىكەت دائىرىسى ئىچىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى . ئۇ تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ نەپرىتىگە قارىماستىن ، ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلغان . ئۇ ھوقۇق قالايمىقانلاشقان كاتولىنىيە رايونىدىن ، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مادرىدقا كەلدى . ئۇنىڭ جۈرئەت قىلىپ كوماندىدىن ئايرىلىشىنى مەسىلىنى مۇھىم ھالقىسى بولماستىن ، ئۇنىڭ قەيەرگە بىرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . ئىلگىرىكى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ قەھرىمانى ، كاپىتان ، بايراقدار فىيگو بىر دومىلاپلا ئەشەددىي دۈشمىنى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىۋالدى .

IMG_1949.JPG

سۈرەتتە  نوكەمپوغا قايتا كەلگەن فىيگو مەستانىلەرنىڭ چوشقا كاللىسىنى ئىتىشى بىلەن كۈتىۋىلىندى .

شۇنىڭدىن كېيىن نوكەمپو مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن فىيگو مەستانىلەرنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى ھاقارەتلىگەن سۆزلىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە تىخىمۇ يامىنى بولغىنى شۇكى ئۆزىنىڭ باش سۈرىتىگە ئوخشىتىلغان چوشقا كاللىسى ئىتىپ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلىگەن . يىقىندا ، 2015- يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا ، بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن فىيگونى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ تارىخىدىكى 11 مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىدىن چىقىرىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان . ھازىرغا كەلگۈچە  ئۇ سىسىق نامى پۇراپ كەتكەن ئۇ يۆتكىلىشكە 17 يىلغا يېقىن بولغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن چىققان ئوقۇبەتكە يەنىلا كىشىلەر چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز .

بۇ پەقەتلا فىيگونىڭ ئىلگىرى بارسېلونا كوماندىسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فىيگونىڭ بۇ قىلمىشى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازاپ ئېلىپ كەلگەن . ھازىرقى فىيگونىڭ بارسېلونا كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كەيگەندىكى قىياپىتىنى بارسېلونا كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ  قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
بېرنابۇ + 100 قالتىس!
ئۈمۈت + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

دەلىللەنگەن ئەزاكومتىت ئەزاسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15899
تېما سانى : 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179027 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2073 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-9
ۋاقتى: 2017-4-3 11:31:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تازا بىر تەپسىلى ئ‍وقۇپ بولۇپ گەپ قىلاي جۇمۇ!
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
ئۆتمە نامەرىد كۆۋرۈكىدىن سۇ سېنى چۆكتۈرسىمۇ،
يېمە نامەرىد ئاشىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرسىمۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول لۈكچىكى

تەشۋىقات ئەلچىسىئالاھىدە تۆھپەيازما يوللاش ئۇستىسىتۆھپىكار ئەزا

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15944
تېما سانى : 892
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 108611 ياۋرۇ
تىللاسى : 20 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2458 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-7-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2017-4-3 11:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەر تىما بولۇپ باھالانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم .  مەن يەنە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يەنە بىر نادىر تىما يىزىپ چىقىشقا تىرىشىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12297 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2082 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-3 11:56:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكەمپولۇقلار ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن يۆلەنچۈكى دەپ قارالغان توپچىسى ئەشەددى رەقىبىگە يۆتكەلگەچكە شۇڭا ئۆچ كۆرىدىكەندە،ياتنىڭ ياندىن قىرىنداشنىڭ يۈرەكتىن ئۆتىدۇ دىگىنى شۇ.لىكىن مۇشۇ نوكەمپولۇقلارنىڭ فىگوغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىككى كۇلۇپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋەتتى ھەم مادىرىد شۇڭا ئۆزىل،دىمارىيا ھەتتا خىسەيلەرنىڭ توختامىغا بارساغا قوشۇلۇشقا بولمايدۇ دىگەن ماددىنى كىرگۈزدى.بۇ ئۇلارنىڭ بۇ توپچىلارنىڭ قان رەقىبىگە يۆتكىلىپ تىخىمۇ كۈچلىنىپ كىتىشىدىن قورققانلىقى ئەمەس بەلكى ئەينى چاغدا بۇلارنىڭ فىگوغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك.ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئىتوئۇ،ئىنرىكلارنىڭ بارساغا بارغىنىدەك مادىرىدقا توپ ئۇرۇپ بولاپ ئەسەبىيلەرچە تەبرىكلىگىنىدەكلا ئىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئالاھىدە تۆھپە

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16757
تېما سانى : 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3001 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 3085 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-3
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-3 12:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا مەستانىلرى شۇڭىلاشقا بەك ئۆچ كۆرىدۇ.دېمىسىمۇ بىر بىرلەشمىدىكى ئەشەددى رەقىبىگە يۆتكەلسە،تازا ياخشى ئىش بولمايدىكەن.

تىما ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17647
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2687 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 677 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-11
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-3 12:09:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ ،ئەشەددىي رەقىب دىمەي توپچىلارنىڭ ئەركىن يۆتكىلشىگە يول قويسا ھەرقايسى كۇلۇبلارنىڭ تەرققىياتىغا ياخشى بۇلىدۇ ،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
غەلبە تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16918
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12297 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2082 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-5-9
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-3 12:09:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
FaRuH777 يوللىغان ۋاقتى  2017-4-3 12:02
بارسېلونا مەستانىلرى شۇڭىلاشقا بەك ئۆچ كۆرىدۇ.دېمىسىم ...

ئىككى كۇلۇپ ئەشەددىي رەقىب بولسىمۇ نورمال سودىغا بۇنداق پوزىتسىيە تۇتسا ھەرئىككى كۇلۇپنىڭ تەرەققىياتى ئازراق توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ،مەسىلەن ھازىرنى مىسالغا ئالايلى،مادىرىدنىڭ ئۇسلۇبىغا ئازراق چۈشىدىغان نىيمارغا مادىرىدنىڭ ئىرىشكۈسى بار،يەنە ھەم بارسانىڭ ئۇسلۇبىغىمۇ ماس كىلىدىغان توپچى ئىسكوغىمۇ بارسانىڭ ئىرىشكۈسى بار نورمال سودا مەۋجۇت بولغان بولسا قارشى تەرەپ قانائەتلەنگۈدەك باھادا رازى قىلسا بولىدۇ،مادىرىد فىگونىمۇ بارسانى راۋۇرۇس رازى قىلىپ يۆتكىگەن.لىكىن ھىلىقىدەك ئىشلار بوپ ئۆتكەننىڭزى بۇ ئىككى كۇلۇپ ئارىسىدا نورمال سودا بولمىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17667
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1148 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-18
ۋاقتى: 2017-4-3 12:22:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز  ياخشى  چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 3113
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8244 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 545 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2008-5-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-8-2
ۋاقتى: 2017-4-3 12:29:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى كۇلۇپ ئارىسىدىكى  نورمال  سودا  مۇناسىۋىتىنى  بارسانىڭ  چىدىماس  مستانىلىرى  بۇزدى  دېسەك ھەرگىز  خاتا  بولمايدۇ .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 12041
تېما سانى : 48
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 520372 ياۋرۇ
تىللاسى : 5 سەر
توردىكى ۋاقتى : 4696 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-12-28
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-24
ۋاقتى: 2017-4-3 12:31:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەستانىلەر مادرىد بىلەن فىگودىن نەپرەتلىنىدۇ، لېكىن بارسىلونا يۇقرى قاتلىمىغا ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ، ئەگەر بارسېلونا يۇقرى قاتلىمى مەستانىلىرى چىلىك ئويلىغان بولسا يا توختام بۇزۇش ھەققى بىلەن ساتاتتى،يا ئۇ پۇلغا مادرىد ئالمايتتى (توختام بۇزۇش ھەققىي ئەلۋەتتە ئا يۆتكۈلۈش ھەققىدىن يۇقرى بولىدۇ)،لېكىن بارسېلونا يۇقرى قاتلىمىنىڭ ئا يۇقرى سوممۇغا كۆز قىزارتىش خاھىشىمۇ بار، ،،  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2017-4-3 13:30:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17703
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2103 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 185 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-23
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-4-26
ۋاقتى: 2017-4-3 13:34:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر فىگو باسادا ئويناۋەرگەن بولسا ھەر قانچە بولسىمۇ مادرىددىكىدەك نام چىقىرالماسلىقى مۇمكىن ئىدى،ھازىر پۇتبول مەستانىللىرى سامانيۇلى جەڭ كىمىسىدىكى يەتتە بۈرىنى سانىسا،ئىككىنجى ئۇرۇندا قۇيۇپ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغىنى مۇشۇ پورتىگالىيىلىك شۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-9-24 13:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش