كۆرۈش: 3136|ئىنكاس: 38

چېكىنگەندە قەدرى ئۆتۈلگەن گىگانىت !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۇتبول لۈكچىكى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16479
تېما سانى : 311
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 60165 ياۋرۇ
تىللاسى : 6 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2001 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-1-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇدۇنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-11 22:55  

                 ئەسسالامۇئەلەيكۇم



ئەگەردە ،ئەگەر ھە !  دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئەڭ گىگانىت توپچى قايسى دەپ سوئال تاشلانسا ،شەكسىز نۇرغۇنلىغان سوئاللار يېغىپ كېتىشى مۇمكىن !ۋاسكىتبول ساھەسىدە بەلكىم مايكول جوردان ۋە ياكى كېبى -بۇراينىت ۋەياكى جامىسنىڭ ناملىرى قاتتىق قىززىقلىق ۋە ئىشەنىچ بىلەن توۋلىنىشى مۇمكىن !ئەگەر زەيتۇن توپ ساھەسىدە بولسا ۋېيىن -گېرى ياكى مارىئو دەپ جىدەللەر چىقىشى مۇمكىن !ئەگەر پۇتبول ساھەسىدە بولسا پېلى ،مارادونا ياكى مېسسى ياكى رونالدو  دەپ جاراڭلىق ئاۋازلار ،ئۆتكۈر خەتلەر ئۈستۈن مۇبالىغە بىلەن جاكارلىشى  مۇمكىن !


بىراق توپچىلىق ساھەسىدە ئۇنىڭ سىرىتقى تەسىرىنى ۋە تۆھپىسىنى كىسىپ ئېتىش ئىنتايىن قىيىن بولغان ،ھەم خەلىقنىڭ قەلبىمۇ ئۇلارغا دىققەت نەزرىدە قارىمايدىغان توپچىلارمۇ مەۋجۇد .بىراق بۇ توپچىلاردىمۇ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان رىۋايەتلىك پەيىتلىرى بولغان .ئۇلارمۇ گىگانىتتىكى  گېننى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ ،مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ !


مانا  بۇنداق توپچىلار دەل   {قەدرى ئۆتىلىدىغان توپچىلار}بولۇپ ،بۇ توپچىلارنىڭ مەيداندىكى مەۋجۇدىلىقى شۇ توپچىنىڭ ئىجابى تەرىپىنى چۈشىنىدىغان مەستانىلەر ھېس قىلسا،سەلبى ۋە ياكى ئاددى قارايدىغانلار شۇ توپچى كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ توپچىغا ھەسرەتلىك ۋە سېغىنىش ئىلكىدە قارايدۇ .


      IMG_6828.JPG

32 ياشلىق ماسچىرانو دەل مۇشۇنداق توپچىلار تىپىدىن …   شۇڭلاشقا مەن بۈگۈنكى ماقالەمنىڭ نامىنى مۇشۇخىل  ھېس -تۇيغۇدىن ئۆرنەك ئېلىپ «قەدرى ئۆتىلىدىغان پۇتبولچى »دەپ قويۇشنى لايىق تاپتىم .

دۇنيا تەرەققى قىلغان ،سىرلار ئاشكارلانغان بۇنداق جاھاندا سابىق دەريانى قېنى كوماندىسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ماسچىرانونىڭ قانداق توپچى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ سەبداشلىرىغا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەستانىلەرگە مەخپى ئەمەس  .شۇنداق بولغان ئىكەن …بىزمۇ نىمە ئۈچۈن ماسچىرانو بىلەن سەبداش بولۇپ كېيىن كىتاب يازالايدىغان قۇۋەتكە ئىگە {كىچىك رەھبەر }جېففېككىتونىڭ ھېكايە ۋە سۆزلىرىگە ئەگىشىپ بۇ سالماق توپچىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ۋە دۇنياسىنى چۈشۈنۈپ باقمايمىز ؟

ئەلۋەتتە چۈشۈنۈپ بېقشىمىزغا تېگىشلىك !


2008-يىلىقى ئارگېنتىنا سەپ شەكلىدە تېۋىز ،مېسسى ،رېكېرمى ،ئاگۇيرو قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار مەۋجۇد ئىدى .ۋە ئارگېنتىنامۇ مۇشۇ ھوجۇم سېپى بىلەن ھەرقانداق كوماندىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى غال-غال تىتىرتىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى .  لىكىن رىئاللىق بۇنىڭ تەتۈرسىچە بولۇپ ،ئارگېنتىنامۇ غەلبىنىڭ كاتتا مۋېىسىگە ئېغىز تېگەلمىدى .ھەتتە 2010-يىللىق  دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2008-يىلىدىكى بىر مەيدان ھەقىقى بىر مەيدان  مۇسابىقىسدە غەلبىگە ئېغىز تىگىپ باقمىدى .ھەم كونا رەقىبى ئۇرۇگۋاي بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن ئالدىنقى بەش مەيدان مۇسابىقىدە ئاللىقاچان غەلبە قىلالمىغان ئىدى .

ئادەتتىكىگە ئوخشاش بۇلار يەنە ئۇرۇگۋاينى مەغلۇپ قىلالمىدى .قىززىق يېرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى ئارگېنتىنا تەنتەربىيە قانىلى «estodio footbal» بىۋاستە تارقاتقان بولۇپ ،1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تۆھپىكارى مارادونامۇ بۇ پىروگىراممىغا قاتنىشىپ چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى .مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرلار مارادونادىن مۇسابىقە توغرىسىدىكى ھېسياتىڭىزنى بايان قىلىپ بەرسىڭىز دىگەن سوئالغا قارتا ھاياجان بىلەن :"yo digo maschirano y diaz mas "يەنى بىر ماسچىرانو ۋە باشقا ئون توپچى مىنىڭ تەسىراتىم دەپ ماسىچىرانودىن باشقىسىنى توپچى قاتارىدا كۆرمىگەنلىكىنى بايان قىلغان .




ئارگېنتىنانىڭ ئەڭ گىگانىت توپچىسىنىڭ نەزرىدە ماسچىرانو ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزا ئىدى .ھەم مارادونا ھەرۋاقىت زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا ماسچىرانونى تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم توپچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى .ۋە سىرىتقى دۇنيامۇ پۇتبول شاھىغا بۇنچە تەسىر قالدۇرغان بۇ توپچىدا زادى قانداق سىر بارلىقىنى بىلىش ئىستىكى ئاستا-ئاستا قوزغىلىشقا باشلىدى .شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سابىق لىۋېرپول ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى لىۋېرپولدىكى ۋاقتىدامۇھىم توپچى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ ،لىكىن ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلاتتى .دىگەندەك لىۋېرپولغا كەلگەندىن كېيىن ماسچىرانو ئاستا ~ئاستا مۇداپىئەسىمان ئوتتۇرا مەيدانغا ئۆزگېرىشىگە ئەگىشىپ مەيلى دەريا قېنى مەستانىلىرى ۋە ياكى دۆلەت كوماندا مەستانىلىرى بولسۇن ئۇنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشقا  باشلىدى .شۇنىڭغا ئەگىشىپ مارادونانىڭ سۆزىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ  قۇتۇپ شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى .

"مەن دائىم مېسسىنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچى دەپ قارايمەن ،شۇڭلاشقا مارادونانىڭ ماسچىرانوغا بولغان ئىددىيەسى توغرا ئەمەس "  مانا بۇ ئاندېرى بۇرىنانىڭ سۆزى !ھەم بۇرېنانىڭ ئىددىيەسىدىكى كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى .چۈنكى مارادونادەك قىززىق نۇقتىلىق شەخىسنىڭ بۇنداق ھەيرانە تەسىراتتە بولۇشى راستىنلا كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئىددىيە ۋە پىكىر ۋە قارشى تەرەپنى پىكىردە يېقىتىپ ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىش پىسخىكىسىنى قوزغاپ ،ئۆزىنى بىلەرمەن ھالەتكە ئېلىپ چىقىشقا تۈرىتكە بولغانلىقى ئۈچۈن ،ناھايىتى كۆپ كىشىلەر مارادوناغا قارشى سۆز ۋە پىكىردە بولدى .



ھەتتا 2010 -يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ 1\4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە تەرىپىدىن 4-0 ھالەتتە قىرغىن بولغانغا قەدەر مۇشۇنداق ھالەت يۈز بېرىۋەردى .بىراق مۇشۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن داڭلىق كىشىلەر ئارگېنتىنانى قاتتىق چۈشۈرۈپ تىللاپ كەتكەن بولسىمۇ ،لىكىن ماسچىرانونى تىللىمىدى .بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن داڭلىق ماقالە يازغۇچى نىكۇلاس كانتى بۇخىل بوختۇرمىلىق ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ :"مەن سىلەر ئۈچۈن كېڭەيتىش ئېلىپ بېرىشنى خالايمەن .گەرچە مارادونانىڭ كوماندىسى ئېغىر دەرىجىدە قىرغىن بولغان بولسىمۇ ،لىكىن ئىككى توپچى يەنى ماسچىرانو ۋە تېۋىز غالىبىيەتچىلەردەك مەغرۇر تۇرۇشقا لايىق .چۈنكى ئۇلار بارلىقىنى چىقاردى "دەپ بۇخىل قاراشنى ئۇچۇق ئاشكارا خەلقارا ئېلان قىلىپ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ماسىچىرانونى تىللاپ يۈرگەن مەستانىلەرنىڭ زىدىيەتلىك مازاق قىلىشى تۈپتىن تازىلاندى .



شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىمۇ يېتىپ كەلدى .ئارگېنتىنا كوماندىسىمۇ يېڭى تېرنىر ۋە يېڭى كاپىتان بىلەن يېڭىچە قىياپەتتە پەيدا بولدى .ۋە مۇشۇ ۋاقىتتا گەرچە يەڭلىكنى مېسسى تاقىغان بولسىمۇ ،لىكىن روھى تەرەپتىكى تۈۋرۈكنى ماسچىرانو تىكلەپ ھەل قىلغۇچقا كىرىپ تەلەينىڭ كاملىقى بىلەن لوڭقدىن سېرىلىپ ئۆتۈپ كەتتى .

شۇنداق ئەينى ۋاقىتتا مارادونا ئىززىتىنى قىلىش بىلەن توختىماستىن مازاققا ئۇچراۋاتقان ماسىچرانو ئەمدى ئىززەت يولىغا قاراپ ماڭدى .ئەينى يىللىرى دەريا قېنىدا كۆزگە ئىلىنمىگەن ماسچىرانو راستىنلا ئىززەت يولىغا قاراپ ماڭدى …  ئۇنداقتا ئىززەتكە چىققان بىسلىق شوتا قانداق ئىدى ؟


ئەۋۋەل دەريا قېنىدىكى تەسىرى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى ……

مەن ئەينى يىلى بارسېلونا توكيۇغا قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ تىزىملاش ئورنىدا ئىدىم .تۇيۇقسىز مىنىڭ ئەتراپىمدىن ئاجىز چوقان ۋە چىقىراشنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم .ئەسلى بارسېلونا 3-0 نەتىجىدە دەريا قېنىنى مەغلۇپ قىلغان ،مەستانىلەرمۇ ئۇلارغا قارىتىپ مۇبارەكلىك سالاملارنى ۋە ئىسقارتىشلارنى يوللاۋاتقان ئىدى .ھەم بۇ ئاۋازلارنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاۋازلەر ۋە چۇقانلارمۇ كۆتۈرلۈشكە باشلىدى .ھەم دەل مۇشۇ ۋاقىتتا داڭلىق قىسقا فىلىم تورى يوتۇبىغا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش يوللىنىشى بىلەن چۇقان سادالارغا شەرھى بېرىلدى .يەنى ئەينى ۋاقىتتا دەريا قېنى مەستانىلىرى ماسىچرانونى تىللاۋاتقان بولۇپ مۇنداق بىر ئاۋاز پەرىقلىق ھالەتتە ئىدى :"ھاراملىق  !بىزگە قارىما  !سىنى چاقىرمىدۇق بەككى تىللاۋاتىمىز "دىگەندەك بىزەپ سۆز ئىدى .



       IMG_6825.JPG



"مەن ئارگېنتىنادىن ئۆز دۆلىتىمنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە كەلدىم ،بىراق سەن بىزنىڭ شۆھرىتىمىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىڭ !چۈنكى مەندە بارى ۋەتەن مېھرى !سەندە بارى پۇل مېھرى !  " مانا بۇ سۆزنىڭ چىقىشى بىلەن قاتتىق ھەيران قالغان مۇخبىرلار بۇ سۆزنى قىلغۇچىغا تىلكامىرانى قاراتتى .ئەمەلىيەتتە بۇ مەستانە ئۇنچىلىك بەتبەشرە ئىنسان بولماستىن بەلكى چىرايى ئۈمۈدسىزلىك ۋە ئەندىشىگە تولغان بىر ئىنسان ئىدى .


ماسچىرانومۇ بۇ سۆزنى ئاڭلىدى .ۋە ئاڭلىمىغاندەك  قىياپەتكە كىرىۋالدى . ئۇ ئۆز قەلبىدە قانداقتۇر :" تىللاڭلار  مىنى !مىنى تىللاڭلار   ۋەتەنداشلىرىم .مىنى تىللاش ئارقىلىق مەغلۇبىيەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ زىنىنى ئۇنتۇپلا كېتىدىغان بولساڭلا مىنى تىللاڭلا !" دىگەندەك بىر ھازا شۇ مەستانىلەرگە قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن مەنزىرەدىن ئايرىلدى .بۇ مەنزىرە ماسچىېرانوغا راستىنلا ئېغىركەلگەن ئىدى .ھەقىقەتەبن باشقا بىر يۇرىتتا ئۆز قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن خائىنغا چىقىرلىش ھەرقانداق ئەركەكنىڭ قەلبىنى لەختە قىلاتتى . شۇ سەۋەبلىكمۇ  دەريا قېنىنىڭ سالماق بىر مەستانىسى بۇنى ھېس قىلغاندەك بىر قېتىملىق زىيارەتتە :"بىز ماسچىرانونى ياخشى كۆرىمىز ،بىراق مەغلۇبىيەت بىزنى تىرىكتۈرۈپ قويدى "دەپ ماسچىرانوغا ئازراق ئىلھام بەرگەندەكمۇ بولدى .شۇنىڭدىن كېيىن ماسىچىرانومۇ ئۆزىنىڭ دەريا قېنى كوماندىسىدا كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈلپەتلىك قەلبى بىلەن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى .دەريا قېنى رەئىسىمۇ ماسىچرانونى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بىر قېتىملىق زىددىيەتنى چىرايلىققىنا تۈگەتتى …


ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر ئەركەك چەت يۇرىتتا ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن ،يۇرتىغا ئۆز چۈشى باشلانغان يەردىن  قايتىپ مەدەت ۋە ماختاش بىلەن ئۆز ئاتا ئانىسىغا ،جەمەتىگە ھۆرمەت قوشۇشنى خالايدۇ .شۇنىڭدەك ماسچىرانومۇ بۇنى ئۈمۈد قىلىدۇ  ئەلۋەتتە …!


ئۇنداقتا ماسىچرانونىڭ دەريا قېنى بىلەن قانداق ئۈزۈلمەس رېشتىسى بار ؟بۇنى بىلىش ئۈچۈن 2003-2005 يىللىرىغا قايتىپ  سۆز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ

شۇ يىللىرى ماسچىرانو ئۆزىنىڭ غەلبە گېنىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن كوماندىنىڭ كىچىك باشلىق "boos "دىگەندەك چىرايلىق ئاتالغۇغا ئىگە بولدى .تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى دەريا قېنى مەستانىلىرى ئاللىبۇرۇن بۇ كاتتا نامنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياراملىق مۇداپىمەسىمان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ئاستىراداغا  بەرگەن ئىدى .ھەم ماسچىرانومۇ مەيلى ياشلار كوماندىسىدا بولسۇن ياكى بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا بولسۇن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تۇلۇق نامايەن قىلدى .2004-يىلى ئاستىرادانىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى بىلەن تەڭ كوماندىدىكى ئورنى مۇقىملىنىشتىن سىرىت بېرسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابقىسىنى تاماملىدى.بېرسامۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ماختاپ :"ئۇنىڭدا مورلېدو ،ئاستىرادا قاتارلىق قايناق ھېسياتغا تولغان مۇداپىمەسىمان توپچىلاردىن يۇقرى تالانىت بار "دىگەن ئىدى …


ماسچىرانومۇ ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىدى .ئۇ بىر پەسىلدە دەريا قېنى ئۈچۈن 46 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ شۇ پەسىللىك بىرلەشمە لوڭقىسغا ئېرىشتى.ھەمدە ئىككى قېتىم جەبۇنى ئامرىقا لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويدى .سابىق رەئىس تېپمان ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ"دەريا قېنى مەستانىلىرى ماسچىرانونى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىكى ئۇلار ھەمىشە مەيدانغا مۇنۇ ناخشىنى توۋلىغان پېتى كىرەتتى "ئون بىر !ئون بىر توپچى مەيداندا .ماسچىرانو ماسچىرانو بىزدە ! غەلبە بىزگە يار "دىگەن ناخشىلار ئۇلارنىڭ دائىملىق ناخشا تېكىستى ئىدى .




ئىككى پەسىل قالتىس ئوينىۋەتكەندىن كېيىن بۇ ئارگېنتىنالىققا تەرەپ-تەرەپتىن باھالار قويۇلۇشقا باشلىدى .ۋە ئەڭ يۇقرى باھا قويغىنى بىرازىلىيە بىرلەشمىسنىڭ زەردارى كېلىندىئان كوماندىسى بولدى …ۋە تېپمان ماسچىرانونىڭ ئىككى پەسىلدە قالدۇرغان تەسراتى توغۇرلۇق سۆز قىلىپ "ياخشى توپچىلارنىڭ جەنۇبى ئامرىكىدىن ئايرىلىپ كېتىشى ئەقەللى ئىش .چۈنكى بىز زەردار كوماندىلاردەك ئۇلارنى ئالەمشۇمۇل ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز .سانچىز،رومىرو ،ھىگۋايىن قاتارلىقلارنىڭ بىزگە ھوزۇر ئاتا قىلغان مۇسابىقە پەسلىمۇ ئىككى پەسىلدىن يۇقرى بولمىغان ۋە ئەلۋەتتە ماسچىرانومۇ شۇنداق بولىدۇ .بىز ماسىچرانونى ھۆرمەتلەيمىز ،ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىمىز "دىگەن ئىدى …



ماسچىرانونىڭ كېيىنكى يولى تازا ئاق بولمىدى .كېلىندىئانغا قوشۇلغاندىن كېيىن تولا يارلىنىپ بىر مەزگىل مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى .ھەمدە 2007-يىلى ئۇ ۋە سەبدىشى تېۋىز بىرلىكتە ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى غەربى ھام كوماندىسىغا قوشۇلدى .بىراق ئۇ لوندونغا كەلگەندىن كېيىنكى كۈنلىرىنىڭ كۆپىنچىراقى ئەمپىتون مەيدانىدا ئەمەس بەلكى ئەنفېرلىد مەيدانىدا ئۆتتى .چۈنكى ئەنفېرلىد مەستانىلىرى قانداقتۇر ئۇنىڭغا بىرخىل دەريا قېنى مەستانىلىرىنىڭ ھېس -تۇيغۇسىنى بەرگەن ئىدى .بىراق ئۇنىڭ ئەنفېرلىقا كىشلىشى بىرخىل غەلىتە ھالەتتە يۈز بەرگەن ئىدى .



       IMG_6824.JPG


چۈنكى "غەربى ھام كوماندىسى ماسچىرانو ۋە تېۋىزنى قوشۇۋالغانلىق سەۋەبلىك ئەرىز قىلىندى "دىگەن ماۋزۇلۇق ماقالە ئۇزۇنغا بارماي ئېلان قىلىندى .  مۇشۇ سەۋەبلىك ئادەم سېتىۋېلىشى چەكلىنىشكە ئۇچرىشىدىن قورىققان غەربى ھام دەرھال ماسچىرانونى يولغا سېلىپ قويۇشنى پىلانلىدى .بارسەي ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ "تەڭرى ماسىچىرانونى تىزدىن غەربى ھاماىن ئايرىلىپ ،يۇۋېىنتۇسقا بېرىشىنى بىكىتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتۇق "دېدى .


بىراق ماسچىرانو يۇۋېنتۇسقا بارماستىن ئىنگىلادتىكى قىزىل قوشۇن لىۋېرپولغا قېتىلىپ كىلەركى ئايدىلا ئۆزىنىڭ ئىنگىلادتىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى .world footbal index نىڭ ھازىرقى تەھرىرى سابىق لىۋېرپول مەستانىسى ماسچىرانونىڭ تۇنجى تەسراتى توغرۇلۇق سۆز قىلىپ "كوماندىدا جېرراد ،ئالونسو قاتارلىق چولپانلارغا ماسلىشالايدىغان بىر توپچى تېپىش قىيىن دەپ بىلەتتۇق ،بىراق ماسچىرانو كىلىپلا ئۆزىنىڭ يۇقرى سەۋىيەلىك ئىكەنلىكىنى ۋە 20 مىلىيون ياۋروغا ئەرزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى "دېدى .

ماسچىرانو لىۋېرپول ئۈچۈن 139 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ ،كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ توپ ئۈزۈۋېلىشتىكى تېخىنىكىسىنى ۋە ماھارىتىنى ۋە ئەقىك بىلەن توپ ئونايدىغان ئۇسلۇبىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى .
داڭلىق تەھرىر fc historiنىڭ قۇرغۇچىسى ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ "ماسچىرانو لىۋېرپولنىڭ ئەڭ رىۋايەتلىك مۇسابىقىسى مىلەن رىۋايىتىدە ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ كاكا ۋە سىردوفنى مۇداپىئە قىلغان ئىدى ،ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇنجى يولۇنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالغان ئىدى .بىراق شۇ مۇسابىقىدە لىۋېرپول 2-1 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ،لىكىن لىۋېرپول مەستانىلىرى ئۇنىڭ يارقىن ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەڭ كۆپ بىلەتنى شۇنىڭغا تەشلىغان ئىدى .

"ماسچىرانو  زۆرۈرلۈكنى ،لازىملىقنى قىلدى "  مانا بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەغلۇبىيەتتىن ئاچچىق يۇتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان ھەقىقەت !


ھەم بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن «ئەكىس سادا گېزىتى »بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ،بىز مانا بۈگۈن توختالغان  ئىددىيەنى ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرغا قويغان ئىدى .تەھرىر سۆزلەپ كېتىپ بېرىپ "لىۋېرپولدا ئالونسو كوماندىنىڭ مۇزىكاسازى .جېرراد بولسا ئەڭ كاتتا چولپان ،شۇنداق تۇرۇپ بېنتىز نىمە ئۈچۈن ماسچىرانونى مۇقىم ئىشلىتىدۇ ؟ ئۇ ياكى ئالونسودەك ئۇنچىلىك ئىسىل جېررادتەك ئۇنچىلىك يارقىن بولمىسا ؟ "

دەپ سوئال قويۇپ جاۋابىغا مۇنداق دىگەن "بۇنىڭدىكى سەۋەب پەقەت بىرلا !ئۇ بولسىمۇ بىرخىل قەھرىرلىك بولۇش،بىرخىل ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان بولۇش،بىرخىل مۇقىم بولۇش ،بىرخىل ئىنتىزامچان بولۇش !ئەگەر بېنتىزى بىرەر كوماندىغا بېسىپ ھوجۇم قىلماقچى بولسا ئارقا مۇداپىئە ماسچىرانو ،ئەگەر بېنتىزى بىرەر كوماندىغا قايتارما ھوجۇم ئوينىماقچى بولسا يەنىلا ماسچىرانو !  مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ماسچىرانونى داڭلىق چولپانلار بىرگە تىزىشقا سەۋەب بولغان "دەپ سۆزىنى تاماملىدى .





    IMG_6823.JPG

بىراق ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بۇرۇنقى پاجىئە يۈز بەردى . ماسچىرانونىڭ بارسېلونا قىزىقىدىغانلىقى لىۋېرول مەستەنىلىرى قاتتىق بىئارام قىلىپ قويغان ئىدى …بىراق ماسىچرانومۇ بۇ ئىشتا ئامالسىز ئىدى .چۈنكى كۇلۇب تەرەپ بۇ ئىشتا ئاكتىپ ئورۇندا ئىدى .شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن يۆتكۈلۈش ئىشى تاماملاندى ۋە بۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى قاملاشمىغان يۆتكۈلۈش بولۇپ قالدى .

ماسچىرانو ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ  قانداق ھېسياتتا بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ " ئەينى ۋاقىتتىمۇ مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم .چۈنكى ماڭا كۇكۇب تەرەپ تەس بولغان سۇئالنى چىقىرىپ قويغانتى .بۇ ياققا قارىسام ئۆزۈم سۆيگەن كۇلۇب ،بۇ ياققا قارىسام مەستانىلەرنىڭ  مانچېستىرنى 2011 شاللىغان كۇلۇبقا يۆتكۈلۈش نومۇس دىگەندەك سۆزلىرى .ئۇلارنىڭ قارشىچە بىر بىرلەشمىدىكى مانچېستىرنى شاللىغان بارسېلونا لىۋېرپول ئۈچۈنمۇ رەقىب ھېسابلىنىدىكەن …"



شۇنداق قىلىپ 2010 -يىلى يازدا ماسچىرانو بارسېلوناغا يۆتكەلدى .ھەم لىۋېرپول ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت مۇشۇ يەردىن باشلاندى .بىراق ماسچىرانو ئۈچۈم بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى .چۈنكى ئۇ بارسېلونادىلا كاتتا شان -شەرەپكە ئېرىشەلەيىتتى .ھەم ئۇ بۇ يەردە مېسسى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ئارگېنتىنا نىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك سەپ شەكلى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيىتتى .ئەمەلىيەتتىمۇ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىدا بۇ ئارزۇسىغا يەتكىلى ئازلا قالغانتى …ھەم ماسچىرانو لوڭقا ئارزۇسىغىمۇ يەتكەن بولۇپ 2014 -يىلغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە 8 لوڭقىغا ئېرىشىپ پىك بىلەن يېمىرىلمەس قورغان قۇردى .ھەم ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر رىكورىت قالدۇردى  .يەنى 1964-يىلدىن بۇيانقى بېيجىڭ ئولېمپىك لوڭقىسى مۇسابىقىدىكى  تۇنجى ئالتۇن مېدالغا پۇتبولچى بولۇپ قالدى .



       IMG_6827.JPG

شۇنداق قىلىپ ماسچىرانو بارسېلونا قوشۇلغاندىن كېيىن مۇقىم ئىپادىسىنى ساقلاپ مەستانىلەرنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى .ھەتتا دۆلەت كوماندىسىدا يەڭلىك مېسسىدا بولسىمۇ ،ئۆزى بىر قوللۇق كوماندىغا مەدىت بېرىپ جان جەھلى توپ تېپىپ ئالدىنقى قېتىم تۆت توپ كەتكۈزۈپ قويغان گېرمانىيە بىلەن تىركىشىپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا مەغلۇپ بولدى .مەيلى شىۋېتىسيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بولسۇن ۋە ياكى باشقا قىيىن بولغان مۇسابىقىدە بولسۇن ماسچىرانو كوماندىغا مەدەت بەرسە ،ئۆزىدىكى ئىسىل توپ ئۈزۈۋېلىش تېخنىكىسى ۋە ماھارىتى بىلەن جىسمانى تەرەپتىنمۇ كوماندىغا زور مەدەت بەردى .نۇقتا توپتا گوللاندىيەنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى 90 مىنۇتتا مۇداپىئە قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان روبېننى مىخلىدى ،ئەينى ۋاقىتتا روبېن سول يولدىن چىقىپلا يايسىمان ئىنتايىن خەتەرلىك بىر توپ تەپكەن ئىدى .بىراق ماسچىرانو بۇ توپقا پۇت سېلىپ چىقىرۋېتىپ يەنە بىر قېتىم مەستانىلەرنى قايىل قىلدى .ھەم ئارگېنتىنادىن ئايرىلىپ توپ تەپكەن بولسىمۇ لىكىن باشقىچە ئۇسۇلدا يەنىلا ۋەتىنىگە جاۋاب قايتۇردى .گەرچە ھەل قىلغۇچتا گېرمانىيى تەرەپتىن 1-0 نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ،لىكىن ماسچىرانودىكى ساپ مىللى سۆيگۈ ،تېرىشچانلىق  بارلىق پۇتبولخۇمارلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى …


       IMG_6829.JPG


مانا بۇ ئۇنىڭ يۇقرىغا ئۆرلەپ چىقىشتا تۇتقان يولى !گەرچە ئۇ سىز بىلىدىغان ماكلىلى ،گاتۇسۇدەك داڭلىق بولمىسىمۇ لىكىن ھامان بىر كۈنى !ھامان بىر كۈنى ماسچىرانو چېكىنگەندە ئۇنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلسىز ! ۋە سىز ئۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئارگېنتىناغا مېسسىنىڭ  ھەيكىلى ئەمەس  ماسچىرانونىڭ ھەيكىلى تىكلىنىنىپ ئاستىغا "چېكىنگەندە قەدرى ئۆتۈلگەن گىگانىت " دەپ ئويۇلغان ئىسىمنى كۆرىسىز  !





      

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 9مۇنبەر پۇلى +450 يىغىش سەۋەبى
a.nazar + 50 قالتىس!
خاتىرە + 50 نادىر تىما ، قالتىس !
دىكتور + 50
ئەلقەر + 50 قالتىس!
ئېسىل + 50 نادىر تېما…
~virus~ + 50
Yilpizqak + 50
ئېسپانFCB + 50
A.alim + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17856
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3140 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 483 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-2-5
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-18
ۋاقتى: 2017-3-11 19:38:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ     مۇشۇنداق تىمىلارنى نادىرلايلى   گەرچە مادىرىتچى بولساممۇ  مىسسىنىڭ تىخنىكىسىغا قەتئى ھۆرمەت قايىللىقىم بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

پۇتبول مەستانىسى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17856
تېما سانى : 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3140 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 483 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2017-2-5
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-11-18
ۋاقتى: 2017-3-11 19:40:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ماسچىرانۇنى ئاڭلىغان تونۇپ كەتمەيدىكەنمەن كەچۈرگەيسىلەر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17667
تېما سانى : 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4246 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1148 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-16
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-7-18
ۋاقتى: 2017-3-11 19:40:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل  بىر  بىلەت  كەتتى  ھى  ھى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

مانچېستېر بىرلەشمىسى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16848
تېما سانى : 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10592 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1737 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-4-21
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-3-11 19:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما توپچىنى گەرچە ياقتۇرمىساممۇ يازمىنىڭ خېلى ئۆتكۈر يېزىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كوماندا باشلىقى

بايرىن مىيونخىن

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 13348
تېما سانى : 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921 ياۋرۇ
تىللاسى : 2 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2746 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2013-11-10
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-3-11 19:48:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سايرام22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-3-11 19:53  

ئىسىل يازما   ➡↙➡↙9⃣9⃣
ئايفوندا يېزىلغانئايفوندا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسىلونا لۈكچىكىمانچېستېر شەھىرى لۈكچىكىئارگېنتىنا مەستانىسىتەشۋىقات ئەلچىسىيازما يوللاش ئۇستىسىمۇنبەر قوللىغۇچىسى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16589
تېما سانى : 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 469 ياۋرۇ
تىللاسى : 29 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1834 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-2-20
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-3-11 19:52:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ      ئاجايىپ  ئېسىل   تىما  .............
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17163
تېما سانى : 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2925 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1427 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-6-27
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-3-11 20:08:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى سانلىق مەلۇماتلار خاتا بولۇپ قاپتۇ .    ماسچىرانو بارسىلونادىكى توپ ئۇرۇپ باقمىغان بىردىنبىر توپچى بولسا كىرەك (قاپقىچىدىن باشقا )، لىكىن توپ ئ‍ۇرغانلاردىنمۇ تۆھپىسى كۆپ ، ئ‍ىسىل توپچى …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كەسپىي پۇتبولچى

خانلىق مادرىد

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 16166
تېما سانى : 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2563 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-9-18
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-13
ۋاقتى: 2017-3-11 20:20:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇنىڭ مۇسابىقىسىنى بەك كۆرۈپ كەتمەيمەن،لېكىن بۇ لى فېڭغا ئوخشاش ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشىدىغانلارنىڭ بىرسى ئىكەن …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

دەلىللەنگەن ئەزا

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 15899
تېما سانى : 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178947 ياۋرۇ
تىللاسى : 5 سەر
توردىكى ۋاقتى : 2073 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2015-6-26
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-9-9
ۋاقتى: 2017-3-11 20:21:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېمىلاردا ئىنكاس يازمايمىز. تايىنى يوق تېمىلاردىن چىقالمايمىز. مەستانىداشلىرىم ماسچىرانۇ ئۈچۈن چىرايلىق سۆزلىرىمىزنى تۆكەيلى! ماسچىرانۇمۇ ئاز قالدى قەدرى ئۆتۈلىدىغانغا، ئالۋىسنىمۇ سېغىنىش بىلەن ئەسلەۋاتىمەن...
  ماسچىرانۇ مەيداندا بولسا مۇداپىيە سۈپىتى  بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ‹‹شىياۋماگې›› نىڭ بارسادا ساق -سالامەت، تۇراقلق ئىپادىسى بىلەن يەنە بىر قانچە يىل تۇرۇشىنى ئۆمىد قىلىمەن.
ئۆتمە نامەرىد كۆۋرۈكىدىن سۇ سېنى چۆكتۈرسىمۇ،
يېمە نامەرىد ئاشىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرسىمۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

بارسېلونا

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 17664
تېما سانى : 16
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 33170 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1086 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2016-12-15
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-3-11 20:22:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر   تىما بوپتۇ   ،  ئېسىل   تىمىدىن  بىرنى  يېزىپسىز    قولىڭىزغا   دەت    بەرمىسۇن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
UID نۇمۇرى : 10651
تېما سانى : 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6059 ياۋرۇ
تىللاسى : 0 سەر
توردىكى ۋاقتى : 1472 سائەت
تىزىملاتقان چاغ : 2012-4-25
ئاخىرقى ھالىتى : 2017-12-12
ۋاقتى: 2017-3-11 20:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇن بولسا قەھرى ۋە زەھرى بار مۇنبەرداش
ئايفوندا يېزىلغانئايفوندا يېزىلغان
http://bbs.putbol.cn/data/attachment/forum/201407/14/100859vzyj23jf63v682rb.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2017-12-13 07:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش